lata يوللانغان ۋاقتى 2008-1-15 13:29:41

(ﻻﺗﺎ) ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﭘﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯩﺮﻟﯩﺮﻯam

ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯧﺮ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻛﻪﻡ ﯞﻩ ﺋﺎﺯ .
ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﻟﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﺭﯨﻤﯩﻨﯘﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻟﻨﻰ 200 ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ .
ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺪﻩ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺭﻣﯩﺰ ، ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﯩﺮﯨﻤﻪﻥ .
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻝ ﻻﺯﯨﻤﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺯﺍﻛﺎﺯ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ

قاتتىق دىسكىنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرى
قاتتىق دىسكىنىڭ تېخنىىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ ،ئادەتتە ئىشلەتكۈچىلەر كۆڭۈل بۈلىدىغانلىرى ؛ سېغىمى ، ئايلىنىش تىزلىكى ، يوللاش سۈرئىتى ۋە بوڧڧېر سېغىمىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى قاتارلىقلار بۇلۇپ بۇلار قاتتىق دىسكىنىڭ ساقلاش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر دۇر.
1)        سېغىمى "容量" (Capacity) ، سېغىمى بولسا قاتتىق دىسكىغا لىق ئۇچۇر قاچىلىغاندىكى ئۇمۇمى سانلىق مەلۇماتنىڭ بايت سانىنى كۆرسىتىدۇ . ئادەتتە بىرلىكى بايت "字节" (Byte) ، ئۇندىن باشقا كۆپ ئىشلىتىدىغان بىرلىكلىرىدىن كىلوبايت "千字节" (KB) ، مىگا بايت "兆字节" (MB) ، گىگا بايت "吉字节" (GB)  ، تېرا بايت "特字节 " (TeraByte)  قاتارلىقلار بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئايلاندۈرۈپ ھىساپلاش سانلىق قىممەت مۇناسىۋىتى تۈۋەندىكىچە :
1KB = 1024B
1MB = 1024KB = 1024×1024B
1GB = 1024MB = 10242KB = 10243B
1TB = 1024GB = 10242MB = 10243KB = 10244B
سېغىمنىڭ ئادەتتە ئىككى خىل ئىپادىلەش شەكلى بار :  (1) ھەقىقى سېغىمى ؛ ئۇ قاتتىق دىسكىدا ئەمەلى ساقلاشقا بۇلىدىغان ئۇمۇمى بايت سانى ئىپادىلىگەن سېغىم ، بىرلىكى بايت . ھەقىقى سېغىمى 40GB بولغان قاتتىق دىسكىنى 40GB = 40,000,000,000B  ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز .
(2) زاۋۇت سېغىمى ؛ ئۇ زاۋۇتنىڭ قاتتىق دىسكىنى ئىشلەپچىقىرىشتا قۇلايلىقلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن بىر خىل تەخمىنى سېغىم . مەسلەن ؛ ھەقىقى سېغىى 40GB بولغان قاتتىق دىسكىنىڭ زاۋۇت سېغىمى بولسا ؛
40GB = 40,000,000,000B
40,000,000,000B ÷ 1024 = 39,062,500 KB
39,062,500 KB ÷ 1024 = 39,062 MB
39,062 MB ÷ 1024 = 38.15GB ≈ 38GB
ئوخشىمىغان قاتتىق دىسكىنىڭ زاۋۇت سېغىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ، ئادەتتە زاۋۇت سېغىمى ، ھەقىقى سېغىمىدىن چوڭ ياكى كىچىك بۇلىدۇ .   نۈۋەتتە قاتتىق دىسكىنى سېغىمى جەھەتتىن چوڭ سېغىملىق ، ئادەتتىكى سېغىملىق ۋە كىچىك سېغىملىق دەپ بۈلۈشكە بۇلىدۇ .
چوڭ سېغىملىقى ؛80GB、120GB、160GB、200GB、250GB、300GB、350GB、400GB、500GB
ئادەتتىكى سېغىملىقى ؛10GB、20GB、30GB、40GB、60GB
كىچىك سېغىملىقى ؛1.2GB、2.1GB、3.2GB、4.3GB、6.4GB、8.4GB
قاتتىق دىسكا سېغىمىنىڭ ، تەخسە يۈزى ، ماگىنت يۇلى ۋە سېكتور بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى :
بىر سېكتوردىكى سېغىم x سېكتور سانى x ماگىنت يۇلى x تەخسە يۈزى سانى = دىسكا سېغىمى
ھەر بىر سېكتورنىڭ سېغىمى 512 مايت بەلگۈلەنگەن بۇلۇپ ، يۇقۇرقى ھىساپلاشنى ،دىسكا تەخسىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى چۈشەنگەندىن كىين بىلەلەيسىز . ھازىرچە ئۇ ھەقتە توختالمايمىز .
2)         ئايلىنىش سۈرئىتى ؛ ئايلىنىش سۈرئىتى بولسا قاتتىق دىسكا خىزمەت قىلغاندىكى باش ئوق ۋە تەخسىنىڭ ئايلىنىش تىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ . بىرلىكى رادىئان ھەر مىنۇت "即转/分钟"(rpm) . نۈۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان IDE ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىلارنىڭ ئايلىنىش تىزلىكى 5400rpm ۋە 7200 rpm ئىككى خىل ، بىراق SCSI كارتىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئايلىنىش سرئىتى ئاللىقاچان 10000rpm دىن ئېشىپ كەتتى . ئادەتتە ئايلىنىش سۈرئىتى يۇقۇرلىغانسىرى قاتتىق دىسكىنىڭ يوللاش سۈرئىتىمۇ تىزلىشىدۇ ، ئۇمۇمى ئىقتىدارىمۇ ئاشىدۇ ، بىراق باھاسىمۇ ئۈسىدۇ ، تارقاتقان ئىسسىقلىقى يۇقىرى ۋە شاۋقۇن ئاۋازمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ .
3) بوڧڧېر رايۇنى"缓存"(Cache)، بۇيەردە ئېيتىلىۋاتقان Cache بولسا قاتتىق دىسكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك بوڧڧىر ( تۇقۇنۇش يەشكۈچى ساقلىغۇچ ) ، قاتتىق دىسكىدىكى بوڧڧىر ئەمەلىيەتتە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ دانىسى (内存IC) بوڧڧىرنىڭ سېغىمى چۇڭايغانسىرى قاتتىق دىسكىنىڭ سىرىتقا يوللاش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ . بۇرۇنقى قاتتىق دىسكىلارنىڭ بوڧڧىر سېغىمى 256KB،512KB ،1024KB بولسا ھازىرقى يىڭى قاتتىق دىسكىلارنىڭ بوڧڧىر سېغىمى 2MB،8MB بىر قىسىم يۇقىرى ئىقتىدارلىق قاتتىق دىسكىلارنىڭ بوڧڧىر سېغىمى MB 16قا يەتتى .
4) يەككە تەخسە سېغىمى ؛ قاتتىق دىسكا ئادەتتە 1~5 كىچە ماگىنىتلىق تەخسىە دىن تۈزۈلىدۇ . يەككە تەخسە سېغىمى چۇڭايغانسىرى قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىىمۇ ھەسسىلەپ چۇڭىيىدۇ،شۇنداقلا  يەككە تەخسە سېغىمى چۇڭايسا ، ماگىنىت تەخسىنىڭ زىچلىقىمۇ چۇڭىيىدۇ ، ماگىنىت باشنىڭ ئوخشاش ۋاقت ئىچىدە سىيرىپ ئۈتىدىغان ماگىنىت تەخسىدىكى ئۇچۇر مىقدارىمۇ ئاشىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دىسكىنىڭ ئىزلەش ۋاقتى كىچىكلەيدۇ . نۆۋەتتىكى قاتتىق دىسكىلارنىڭ يەككە تەخسە سېغىمى 40GB  ۋە GB 80 ، مۇشۇنداق يەككە تەخسە سېغىمى GB80  بولغان بىر تەخسىلىك ، قوش يۈزلۈك قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىمىGB 160، ئىككى تەخسە ئۈچ يۈزلۈك قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىمىGB 240 ،( ئادەتتەGB 200 ئىشلىتىلىدۇ ) ئىككى تەخسە تۆت يۈزلۈك قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىمىGB 320، (ئادەتتەGB 300  ئىشلىتىلىدۇ )، ئۈچ تەخسە بەش يۈزلۈك قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىمىGB 400غا يىتىدۇ .
5) يۈز سانى "面数" (Side ) ؛يۈز سانى بولسا قاتتىق دىسكىدىكى ماگىنىتلىق تەخسىنىڭ يۈز سانىنى ئىپادىلەيدۇ . مۇنداقچە ئېيتقاندا ماگىنىتلىق تەخسە يۈزى سانى، بىرلا يۈزىدە ئۇچۇر ساقلايدىغان قاتتىق دىسكىلار تاق يۈزلۈك دىسكا دىيىلىدۇ . ئۇ يۈزى  نۆلىنچى يۈز "第0面 " دىيىلىدۇ . مەسىلەن : MAXTOR نىڭ Fireball  تۈرىدىكى قاتتىق دىسكىلار تاق يۈزلۈك دىسكىلاردۇر .
ھەرئىككى  يۈزىدە ئۇچۇر ساقلاشقا بۇلىدىغان بۇلىدىغان قاتتىق دىسكىلار ، قۇش يۈزلۈك دىسكا دىيىلىدۇ . يۈزى نۆلىنچى ۋە بىرىنچى يۈز دەپ ئايرىلىدۇ . ھازىرقى كۆپ قىسىم دىسكىلار قوش يۈزلۈك دىسكا . قوش يۈزگە ئۇچۇر ساقلىغاندا ئۇنىڭ سېغىمى تاق يۈزگە ساقلىغاندىن ئىككى ھەسسە ئارتىدۇ .
( ﻣﯘﻧﻪﺭﮔﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﺴﺎﻡ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻱ ﻗﺎﭘﺘﯘ .
ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ )

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2008-1-15 14:22:53

ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺷﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ ؟؟؟؟؟ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﺗﻪﺭﮔﯩﻠﻰ ﻳﯘﺭﯗﯕﻘﺎﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯗ ؟؟؟؟

Sword00 يوللانغان ۋاقتى 2008-1-15 19:38:04

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻛﻪﻥ.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-1-15 21:12:04

ﺟﻪﯞﮬﻪﺭﻟﻪﻧﺪﻯ . ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﺭﺍﻕ ﻳﻮﻟﻼﯓ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ

joshua يوللانغان ۋاقتى 2008-1-15 22:25:13

ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﺑﯘﻧﻰ...

Estami يوللانغان ۋاقتى 2008-1-16 10:55:05

ﺳﯩﻐﯩﻤﺪﺍ GB ﺋﯜﺳﯩﺘﺪﯨﻜﺴﻰ  TB .  TB ﺋﯜﺳﯩﺘﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؟

yadikaradil يوللانغان ۋاقتى 2008-1-17 10:34:04

ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻜﻪﻥ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﻣﻪﻥ .

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-9 14:15:29

كومپىيۇتىر قاتتىق دېتاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار  باشقا تېمىلارغا قارغاندا كۆپ نەپ بىرىدۇ بىزگە،،،، \"\"
بەت: [1]
: (ﻻﺗﺎ) ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﭘﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯩﺮﻟﯩﺮﻯ