ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-1-12 13:43:46

ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ، ﺗﺎﺷﭙﯜﺗﯜﻙ

م. ئا. يۈكسەل
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا تۇرغۇزۇلغان ئۈچ پارچە تاشپۇتۇك

شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى  شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش، چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىش، ياقۇپبەگ باسقۇنچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن شىنجاڭدىكى ئۈچ جايغا ئۈچ پارچە تاشپۇتۇك تۇرغۇزدى. بۇ تاشپۇتۇكلەر شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ مۇھىم شاھىدلىرىدۇر.
بۇ تاشپۇتۇكلەرنىڭ بىرىنچىسى—جۇڭغارلارنى تىنچىتىش، تۆھپە خاتىرە تېشى بولۇپ، قىسقارتىلىپ گەدەن تېغى تۆھپە خاتىرە تېشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تاشپۇتۇك موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىكى گەدەن تېغىغا تۇرغۇزۇلغان. بۇ تاشپۇتۇكنىڭ تېكىستىنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چيەنلۇڭ يازغان بولۇپ، مانجۇ، خەنزۇ، موڭغۇل، تېبەت قاتارلىق تۆت خىل يېزىقتا تاشقا ئويۇلغان. ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق:
جۇڭغارلارنى تىنچىتىش تۆھپە تېشى
گەدەن تېغى ھەشەمەتلىك، ھەيۋەتلىك،
ئۇندا باردۇر داباجىنىڭ مەزمۇت قورغىنى،
قوشۇنىمىز ئادالەتلىك، جاسارەتلىك،
جاھىل ياۋلار گۇمران بولار چىقىپ جان-پېنى.
گەدەن تېغى ھەشەمەتلىك، ھەيۋەتلىك،
ئۇندا باردۇر ئاسىيلارنىڭ قورغان-ئۇۋىسى،
قوشۇنىمىز تەڭسىز قۇدرەتلىك،
چىقار چوقۇم ئۇلارنىڭ ئاللا-توۋىسى.  
 يەر-ئاسماننى تىترىتىپ،ھەيۋەت بىلەن ئېتىلىپ،
قوشۇنىمىز قاشقوۋۇقتىن چىقتى قۇتلۇق سەپەرگە.
تاغدىن چۈشكەن شىددەتلىك سەلدەك،
پېسەنت قىلماي ئېگىز داۋان، تەگسىز خەتەرگە،
قوشۇنىمىز ئېلى دەريا بويىغا باسقاندا قەدەم،
تەييار قىپتۇ يۇرت-ئاۋاملار كېمە-ساللارنى،
قوشۇن باردى سەككىز كۈندە گەدەن تېغىغا،
ياۋ قوشۇنى توسۇيالمىدى باتۇر بالىلارنى،
گەدەن تېغى ھەشەمەتلىك، ھەيۋەتلىك شۇنچە،
ياۋ قورغىنى تاغقا يانداش، سۇغا تۇتاش يانمۇيان.
قوشۇنىمىز يىتىپ بېرىپ ئاسمان لىباس تارتقاندا،
داباجىنىڭ قوشۇنىنى يەر چىشلەتتى قۇچۇپ شان.
سوراپ قالسا بىراۋ بىزدىن: شۇنداق قىران سەر قوشۇن،
قاشقوۋۇقتىن بۇرۇن چىقىپ قىلماپتىغۇ جەڭ-شىكار؟!
جاۋاب شۇكى: زەپەر تۇغى قوشۇنىمىز قولىدا،
چۈنكى بىزدە باتۇر قوشۇن، نىشان بار.
قوشۇنىمىز ئاتلانغاندا جەڭگە-سەپەرگە،
تۈزەلگەنتى سەلتەنەتلىك، شانلىق زور پىلان.
قوشۇنىمىز ھەر قەدەمدە قانلىق جەڭ قىلىپ،
زەپەر قۇچۇپ قۇۋ دۈشمەننى ئەيلىدى يەكسان.
داباجىنىڭ جەددى-جەمەتى بىزنىڭ پۇقرايىمىزتى،
ئىشتىن مۇقەددەم بۇنى ھەم قىلغانتىم قەيت.
شۇ سەۋەبتىن داباجىنىڭ لەشكەر-سەرۋازلىرى،
خاندانىمىزغا تىغ تارتالمىدى كەلسىمۇ پەيت.
ئۈچ باھادىر يىگىرمە ئىككى لەشكەرنى باشلاپ چىقىپ،
قىلدى دۈشمەن سېپىنى تىرە-پىرەن، گۆرۈستان.
داباجىنى قۇتقۇزۇشقا جۈرئەت قىلالماي،
ياۋ قوشۇنى غال-غال تىترەپ، بولدى پەرىشان.
قوشۇنىمىز ئاز كۈچ بىلەن مەغلۇب قىلدى كۆپ ياۋنى،
نىجات يولى تاپالماي داباجى قاچتى.
ئۇ ئاسى قېچىپ نەگىمۇ بارالىسۇن، ھەيھات!
ئاخىرى ئۈچتۇرپان بېگى غۇجەككە ئەسىرگە چۈشتى.
غۇجەك ئۇنى بارىگاھىمىزغا ئەتتى تەقدىم،
(ئۇ ئاسىي كاتتىۋاش بېيجىڭگە كەلتۈرۈلۈپ) ،
ۋومىن قوۋۇقىدا ئۆتكۈزۈلدى كاتتا مۇراسىم.
ئاسىي داباجىغا يەنىلا قىلدىم شاپائەت،
(خاندانىمىز بۇرۇنقىغا سالىۋات قىلغاچ) ،
جاھان ئەھلىمۇ ئادىللىقىمىزغا ئەيلىدى تەسلىم.
نەزەر سالساق يىراق ئۆتمۈش-تارىخغا،
خەن سۇلالىسى ھىراۋۇل قويغان بۇ دىياردا،
تاڭ سۇلالىسىمۇ غەرىبكە يۈرۈش قىلغان قەتئىي ئەلپازدا.
لېكىن ئۇلار ئاۋامنى شىلىپ ھېچ ئىشنى چىقارمىغان ۋۇجۇدقا،
بۈگۈن مانا بۇ دىيارنى ئالدۇق ئىلكىمىزگە،
ئېشىپ چۈشۈپ، خەن-تاڭلاردىن،ئەجدادلاردىن.
شۇڭلاشقا گەدەن تېغىغا پۈتتۇق تاشپۈتۈك،
تۆھپىمىز يادلانغۇسى، خوپپىي قالمىغاي ئەۋلادلاردىن.
پۈتكۈچى: چيەنلۇڭ
20-يىل، ياز، 5-ئاي. 
(شىنجاڭ ئىلى ساياھەت تورىدىن ئېلىندى.)
بۇ تاشپۈتۈك—شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ جۇڭغارلارنىڭ شىنجاڭدىكى بۆلۈنمە ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىنىڭ ۋە مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ شانلىق يالدامىسىدۇر.
     1644 -يىلى بېيجىڭنى پايتەخت قىلغان مەنچىڭ سۇلالىسى جۇڭگونىڭ زور كۆپچىلىك رايونلىرىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندا، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا يەركەن سائىدىيە خانلىقى (1680—1514)، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدا جۇڭغار خانلىقى (1755—1635) دىن ئىبارەت ئىككى يەرلىك ھاكىمىيەت بار ئىدى. جۇڭغار خانلىقى موڭغۇللارنىڭ جۇڭغار قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇلۇپ ،جۇڭغار قەبىلىسى  ئويرات قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ئىدى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئويرات قەبىلىسى خۇشۇت، جۇڭغار، دوربۇت، تۇرغۇتتىن ئىبارەت تۆت قەبىلىگە بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى. 1673-يىلى غالدان شىزاڭدىن (شۇ ۋاقىتتا ئۇ شىزاڭدا لاما بولۇپ تۇرۇۋاتقانىدى.) تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىغا قايتىپ كېلىپ، سېڭگىنىڭ ئورنىغا جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانلىقىغا ئولتۇردى. 1680-يىلى غالدان ھىدايىتىللا خوجا (ئاپپاق خوجا) غا ھامىي بولۇپ، لەشكەر باشلاپ كېلىپ، يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىنىمۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغانىدى. غالدان جۇڭغار خانلىقىنىڭ تەختىگە چىققاندىن كېيىن، دەسلەپتە ئويرات قەبىلىلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى بىلەن ئورناتقان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتىگە تامامەن ۋارىسلىق قىلدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا جۇڭگودىكى ھەربىي مۇۋەپپەقىيىتى غالداننىڭ چىڭ سۇلالىسىگە ئىتائەت قىلىشىدىكى ئالدىنقى شەرت ئىدى. 1688-يىلىدىن كېيىن موڭغۇل دالاسىدا سادىر بولغان بىر قاتار ۋەقەلەر چىڭ سۇلالىسىگە غالدان رەھبەرلىكىدىكى جۇڭغار خانلىقىنىڭ تەھدىتىنى خېلىلا تونۇتۇپ قويدى. شىمالدىن كېلىۋاتقان بۇ تەھدىتنى تۈگىتىش—چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ھەربىي ۋە سىياسىي مەسىلە بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن 1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بەن دىنى چېگرانى تىنچلاندۇرۇش سانغۇنى، ئامورسانى مۇئاۋىن سانغۇن قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇلارنى قوشۇن باشلاپ ئولياستايدىن يولغا چىقىشقا، يوڭچياڭنى غەربنى تىنچلاندۇرۇش سانغۇنى، سالارنى مۇئاۋىن سانغۇن قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇلارنى بارىكۆلدىن يولغا چىقىشقا بۇيرىدى ھەمدە بورتالا دەرياسى بويىنى ئىككى قوشۇننىڭ ئۇچرىشىدىغان جايى قىلىپ بەلگىلىدى. شۇ ۋاقىتتا، جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانلىق ھوقۇقىنى داباجى قولغا كىرگۈزۈۋلغانىدى. 1755-يىلى 2-ئايدا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىككى يول قوشۇنى بىرلا ۋاقىتتا جەڭگە ئاتلىنىپ، 5-ئايدا بورتالا دەرياسى بويىدا ئۇچراشتى. بۇ چاغدا، داباجى ئۆزىنىڭ مۇھاپىزەتچى قوشۇنىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق لەشكەرنى باشلاپ، غۇلجىغا 80 چاقىرىم كېلىدىغان گەدەن تېغىغا قېچىپ باردى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى ئۇنىڭ ئىزىدىن قوغلاپ ئىلى رايونىغا باردى ھەمدە داباجىنىڭ لاگىرىنى قورشىۋالدى. 1755-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىدىن سەركەردە ئايۇشى 20 نەپەر ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ، كېچە قاراڭغۇلىقىدىن پايدىلىنىپ، گەدەن تېغىدىكى داباجىنىڭ لاگىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى، جۇڭغار قوشۇنى ئالاقىزادە بولۇپ، پاتپاراقچىلىق ئىچىگە چۈشۈپ تىرە-پىرەن بولدى. داباجىنىڭ 8000 كىشىلىك قوشۇنى بىر كېچىدىلا گۇمران بولۇپ، 6000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەسىرگە چۈشتى. داباجى 2000 كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ، تەڭرى تېغىدىن ھالقىپ، ئۈچتۇرپانغا قېچىپ بارغاندا، ئۈچتۇرپان ھاكىمبېگى غۇجەك ئۇنى تۇتۇپ ئېلىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا تاپشۇرۇپ بەردى.شۇنىڭ بىلەن جۇڭغار خانلىقى پۈتۈنلەي يوقالدى. گەدەن تېغى تۆھپە تېشى—ئاشۇ تارىخىي تۆھپىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1761-يىلى (چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى) تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئىگىزلىكى 3.03 مېتىر، كەڭلىكى 0.98 مېتىر، قېلىنلىقى 0.27 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تاش كۆكۈش رەڭلىك بولۇپ، بۇ تاشنى 1000 نەپەر مانجۇ ئەسكىرى قاغىلىق ناھىيىسىدىن توشۇپ كەلگەن.
ئىككىنچى تاشپۇتۇك—يېشىلكۆل مۇسۇلمانلار يۇرتىنى تىنچىتىش تۆھپە تېشى بولۇپ، قىسقارتىلىپ، سۇمانتاش تۆھپە تېشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تاشپۇتۇك1759-يىلى قەشقەر بىلەن بەدەخشان ئارىلىقىدىكى يېشىلكۆل بويىدىكى سومانتاش قاراۋۇلخانىسى يېنىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ تاشپۇتۇكنىڭ سۆزىنىمۇ پادىشاھ چيەنلۇڭ يازغان. بۇ تاشپۇتۇككە چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىش جەريانى مانجۇچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئۈچ خىل يېزىقتا پۈتۈلگەن، بۇ تاشپۇتۇك ئەينى دەۋردىكى چاررۇسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن 
1891-يىلى 7-ئايدا ئوغرىلاپ كېتىلگەن. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن چاررۇسىيە تەرەپ تۆھپە تېشىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن.
   1756-يىلى ئامورسانا ئېلىدا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، بەن دىنى ئۆلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى تايانچى نۇقتىلىرى بىر-بىرلەپ قولدىن كېتىپ، چىڭ سۇلالىسى پەقەت بارىكۆل بىلەن قۇمۇلنىلا ئۆز     قولىدا تۇتۇپ تۇرالىدى. چىڭ سۇلالىسى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچلەر سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇۋاتقاچقا، ئامورسانىڭ توپىلىڭىدىن ئانچە تەمتىرەپ كەتمىدى. 1757-يىلى چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي، چىڭ گۈەن قاتارلىق سەركەردىلەرنى قوشۇن باشلاپ ئامورسانا توپىلىڭىنى تىنچىتىشقا ئەۋەتتى، ئامورسانا ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ، چاررۇسىيىىگە قېچىپ باردى ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلدى. 1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار خانلىقىنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، جۇڭغار خانلىقى تۇرغاقلىقتا تۇتۇۋاتقان بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجا ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنى تۇرغاقلىقتىن بوشاتقان ۋە بورھانىدىن خوجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتكەنىدى. لېكىن، بورھانىدىن خوجا ئىنىسى خان خوجىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن 1758-يىلى كۇچادا توپىلاڭ كۆتۈردى.خان خوجا ئۆزىنى باتۇرخان دەپ جاكارلاپ، چىڭ سۇلالىسى بىلەن ئاشكارا قارشىلاشتى. شۇ يىلى چىڭ سۇلالىسى يار خاشەننى ئاسىيلارنى تىنچىتىش جياڭجۈنى قىلىپ، تەيىنلەپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئىشقا سېلىپ، قۇمۇل-تۇرپان ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. كېيىن ھەربىي يۈرۈش ئۈنۈملۈك بولمىدى دەپ ئالدىنقى سەپ قوماندانى يارخاشەننى قەتلى قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاۋخۇينى ئالدىنقى سەپ قوماندانى قىلىپ بەلگىلىدى. 1758-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئاسىيلارنى تىنچىتىش سانغۇنى نامجار، مەسلىھەتچى سانگى قاتارلىقلارنى قوشۇن باشلاپ جاۋخۇيغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، 1759-يىلى 1-ئايدا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يەنە فۇدې باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئەسكەرنى ياردەمگە ئەۋەتتى. كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەركەن قاتارلىق جايلاردا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بورھانىدىن خوجا، خان خوجا قوشۇنلىرى بىلەن بىر قاتارئىستراتېگىيىلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، خوجىلار قوشۇنىنى تامامەن مەغلۇب قىلدى. 1759-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى خوجىلار قوشۇنىنى قوغلاپ بەدەخشان چېگرىسىدىكى يېشىلكۆل بويىغا يىتىپ كەلدى. بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجا 5000 دىن ئارتۇق قالدۇق ئەسكىرىنى باشلاپ قاچقان بولسىمۇ، قورشاۋغا چۈشۈپ قېلىپ، 1000دىن ئارتۇق ئەسكىرىدىن ئايرىلدى،ئەگىشىپ ماڭغان 12 مىڭدەك كىشى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ئەل بولدى. 10 مىڭدىن ئارتۇق چارۋا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ئولجىغا چۈشتى. ئىككى خوجا بالا-چاقا ۋە يېقىن خىزمەتچىلەردىن 300-400 كىشىنى ئېلىپ بەدەخشانغا قېچىپ كەتتى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ قاتتىق سۈيلىشى بىلەن بەدەخشان ئەمىرى مۇزەپپەر سۇلتانشاھ بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجىلارنى تۇتۇپ قەتلى قىلىپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ئەۋەتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى ئۈزۈل-كېسىل تىنچىتىپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قايتا بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى بۈيۈك ۋەزىپىنى غەلىبىلىك ئورۇندىدى. يېشىلكۆل مۇسۇلمانلار يۇرتىنى تىنچىتىش تۆھپە تېشى ئەنە شۇ غەلىبىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورنىتىلغان.
ئۈچىنچى تاشپۇتۇك—مىڭ يول تۆھپە خاتىرە تېشى بولۇپ، ئۇنى 1887-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىدىكى مىڭيول قاراۋۇلخانىسى يېنىغا ئورناتقان.بۇ تاشپۇتۇك ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تېكىستى:
‹‹چىڭ گۇاڭشۈنىڭ 3-يىلى (1887-يىلى) 12-ئاينىڭ 19-كۈنى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قوماندانى ليۇجېنتاڭنىڭ قىسمى بۇ جايدا يۇقۇپبەگ ۋە بەي يەنخۇنىڭ قالدۇقلىرىنى يوقىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىگە كىرگۈزدى. شۇڭا، ئالاھىدە بۇ تۆھپە خاتىرە تېشى ئورنىتىلدى.››
1862-يىلى (چىڭ سۇلالىسىنىڭ توڭجىژ 1-يىلى)، 3-ئايدا، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋىينەن، داساڭ، خۇاجۇ قاتارلىق جايلىرىدا خۇيزۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ زۇلىمىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك خەلىق قوزغىلىقىڭى پارتلىدى. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭياڭ دېگەن يېرىدىن چىققان بەي يەنخۇ(1882—1840) بۇ قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم تەشگىللىۈچلىرىدىن بىرى ئىدى. خۇيزۇلارنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنى شىددەت بىلەن زورىيىپ 300 مىڭدىن ئېشىپ، تەيپىڭ تيەنگو قوزغىلىڭىنىڭ سەردارى جاڭ زۇڭيۈنىڭ 60 مىڭ كىشىلىك قىسمى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، چوڭ زىلزىلە پەيدا قىلدى. 1867-يىلى زوزۇڭتاڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن 120 مىڭ كىشىلىك خۇنەن قوشۇنىنى باشلاپ شەنشىگە كىرىپ، خۇيزۇلارنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنىنى قانلىق باستۇردى. قوزغىلاڭچى قوشۇن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، 1873-يىلى 3-ئايدا مەغلۇب بولدى. بەي يەنخۇ 30 مىڭدىن ئارتۇق قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ، شىڭشىڭشىيا ئارقىلىق شىنجاڭغا كىردى. بۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭنى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى قوقانلىق تاجاۋۇزچى ياقۇپبەگ بېسىۋالغانىدى. زوزۇڭتاڭ قوشۇنىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى سەۋەبلىك بەي يەنخۇ قۇمۇلغا كىرگەندىن كېيىن ياقۇپبەگكە تەسلىم بولدى. ياقۇپبەگ ئۇنى ئۈرۈمچى، مېچۈەن، ماناس قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئورۇنلىشىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرىدى. 1857-يىلى 4-ئايدا، زوزۇڭتاڭنىڭ قوشۇنى شىنجاڭغا كىرىپ، چاررۇسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ياقۇپبەگ تاجاۋۇزچىلىرىنى يوقىتىش ئۇرۇشىنى باشلىدى. بىرلا ۋاقىتتا، مەنچىڭ ئوردىسىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بەي يەنخۇلارنى قورشاپ يوقىتىشقا كىرىشتى. ياقۇپبەگ بولسا بەي يەنخۇنى ئۆزى بىلەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇداپىئە قالقىنى قىلدى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن ياقۇپبەگ قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان بەي يەنخۇ قوشۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە، قەدەممۇ قەدەم چېكىنىپ، شىمالىي شىنجاڭ لىنىيىسىدىن چېكىنگەنچە، 1877-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەرگە يىتىپ كەلدى. بۇ چاغدا، چىڭ سۇلالىسى قو
شۇنىغا بۇرۇنلا ئاسىيلىق قىلىپ، ياقۇپبەگكە تەسلىم بولغان خېې بويۈن يەنە قەشقەردە چىڭ سۇلالىسىغا ئەل بولۇپ، قەشقەر يېڭىشەرنى ئىگىلەپ ياتقانىدى. بەي يەنخۇ قەشقەردە ياقۇپبەگنىڭ چوڭ ئوغلى بەگقۇلبېك بىلەن بىرلىشىپ، قەشقەر يېڭىشەھەرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. لېكىن، قەشقەر يېڭىشەھەردىكى خې بويۇن قوشۇنىنىڭ قارشىلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، يېڭىشەھەر قەلئەسىنى ئالالمىدى. بۇ چاغدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى ياقۇپبەگ قوشۇنىنى قوغلىغانچە قەشقەرغىچە قىستاپ كەلدى. 1877-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قوماندانى ليۇجىنتاڭنىڭ سەركەردىلىرىدىن يوخۇئىن، خۇاڭ ۋەنپىڭنىڭ قىسىملىرى كېچىدە قەشقەر كونىشەھەرنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، بەي يەنخۇ بىلەن بەگقۇلبېك چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قىستاپ كېلىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يېڭىشەھەرگە قارىتىلغان قورشاپ ھۇجۇم قىلىشنى دەرھال توختىتىپ، كېچىلەپ بەدەخشان تەرەپكە قاچقانىدى. ‹‹بەي يەنخۇ شەنشى-گەنسۇدىن چىققاندا،خوتۇن-بالىلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭغان بولۇپ، ئۇ قوشۇننى باشلاپ شۇ قاچقانچە مىڭ بىر جاپادا پامىر تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 1877-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نارىنغا يىتىپ باردى. ئۇنىڭ قوشۇنىدا نۇرغۇن كىشى مۇزلاپ ئۆلۈپ، 0005 كىشلاھاىات قالدى.ئۇلار 1878-يىلى 1-ئايدا ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ توقماق دېگەن يېرىگە يىتىپ بېرىپ، چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاراقۇندۇز قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بەي يەنخۇنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى كۆپ تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. بەي يەنخۇ 1882-يىلى ھازىرقى بېشكەكتە ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلدى. بەي يەنخۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ باشلاپ بارغان شەنشى-گەنسۇ خۇيزۇ قوشۇنىدىكىلەر رۇسىيە تەۋەسىدە بوز يەر ئېچىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، تەدرىجىي زورايدى. 5، 6 ئەۋلاد ئۆتۈپ، ھازىر نوپۇسى 100 مىڭدىن ئېشىپ، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇڭگان مىللىتى دەپ ئاتىلىپ يەرلىشىپ قالدى. ئۇلار ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھەمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلىرىدا زور تۆھپىلەرنى ياراتتى. ئۇلاردىن نۇرغۇن ئۇرۇش قەھرىمانى، ئالىم، تەتقىقاتچى، يازغۇچى، كارخانىچىلار يېتىشىپ چىقتى. ئۇزۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار گەرچە خەنزۇ يېزىقىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ-ئادەت، ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا شەنشى-گەنسۇدا ياشىغان دەۋردىكى مەزمۇن-شەكىللەرنى ساقلاپ قالغان. بەي يەنخۇ ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى، ئەۋلادلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار مۇشۇلاردىن ئىبارەت. ››
(ماشۇكاڭ: قەشقەرنىڭ 100 يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2004-يىل خەنزۇچە نەشرى، 24-بەت.)
ئەمدى ياقۇپبەگ ئۈستىدە توختىلايلى:
ياقۇپبەگ (مۇھەممەدياقۇپ ئىسمىتۇللا) (1877.5.29—1825) تاشكەنت يېنىدىكى پىسكەنت دېگەن يەردە ئىسمەتۇللا ئىسىملىك بىر داخان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ بالا ۋاقتىدا قوقان خانلىقىنىڭ خانى مەدەلىخاننىڭ چىلىمچىسى مۇھەممەد كىرىم قاشقانىڭ ئۆيىدە رەققاس—ئۇسسۇلچى بولىدۇ. كېيىن يەنە تاشكەنت ھاكىمى نار مۇھەممەت قوشبېگى دېگەن بىر قىپچاق ئەمەلدارنىڭ ئۆيىدە رەققاس—ئۇسسۇلچى بولىدۇ. ياقۇپبەگ نارمۇھەممەت قوشبېگىنىڭ ھىمايىسىدە مەھرەم، پەنجىبېشى، يۈز بېشى ۋە پانسات قاتارلىق مەنسەپلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاق مەسچىت (ھازىرقى قىزىل ئوردا) دېگەن يەرنىڭ بەگكلىكىگە تەيىنىلىنىدۇ. ئۇ قوقان ھۆكۈمران گۇرۇھلىرىنىڭ ھوقۇق، مەنپەئەت، جەڭگى-جىدەللىرى جەريانىدا، ھەر تەرەپكە قاتراپ، شامالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ناھايىتى تېزلا خان ئوردىسىدا كۆزگە كۆرۈنىدۇ. بۇ چاغدا قوقان خانلىقىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ئالىمقۇل ياقۇپبەگدىن ئىبارەت بۇ قارا نىيەت سۇيىقەستچىنى بىر ئامال قىلىپ كۆزدىن يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشكەنىدى. دەل شۇ كۈنلەردە قىرغىزلارنىڭ ئاقساقىلى سىدىقبېك قەشقەر بۆلۈنمە ھاكىمىيىتىنىڭ ھوقۇقىنى ئىگىلەپ تۇرغانىدى. ئۇ قەشقەر رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا، يەرلىك ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغاچقا، قوقان تەۋەسىدە تۇرۇۋاتقان بورھانىدىن خوجىنىڭ نەۋرىسى بۇزرۇكخاننى قەشقەرگە تەكلىپ قىلىپ، خوجىلاردىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى بولدى. بۇ چاغدا، شىنجاڭدا تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابى ۋە شەنشى-گەنسۇ، خۇيزۇ ۋە خەلق قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرىدە قۇرۇلغان قەشقەرنى مەركەز قىلغان سىدىق بەگ ھاكىمىيىتى، كۇچانى مەركەز قىلغان راشىدىن خوجا ھاكىمىيىتى، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان داۋۇت خەلىپە (تودىلىن) ھاكىمىيىتى، خوتەننى مەركەز قىلغان ھېبىبۇللا پاشا ھاكىمىيىتى ۋە غۇلجىنى مەركەز قىلغان ئېلى سۇلتانلىقى ھاكىمىيىتى قاتارلىق بەش بۆلۈنمە يەرلىك ھاكىمىيەت مەۋجۇت ئىدى. سىدىقبەگ پەيزىۋاتتا بوز يەر ئېچىۋاتقان خۇيزۇلارنىڭ ئاقساقىلى چىن شياڭيىڭنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلىپ، قوقان خانلىقىغا ئەۋەتتى. جىن شاڭيىڭ قوقانغا يىتىپ بارغاندىن كېيىن، ھەربىي سەردار ئالىمقۇل قول ئاستىدىكى ھەربىي ئەمەلدار ياقۇپبەگنى بۇزرۇكخان خوجىغا لەشكەر باشلىقى قىلىپ قەشقەرگە تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتتى. ياقۇپبەگ 1865-يىلى 1-ئايدا بۇزرۇكخان خوجىنى ئېلىپ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، بۇزرۇكخان خوجىنى كۆرۈنۈشتە خان قىلىپ كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتتە بارلىق ھوقۇقنى ئۆز قولىدا تۇتتى. ئۇ تۈرلۈك ھىيلە-مىكىر، شۇملۇقلارنى ئىشلىتىپ، ناھايىتى تېزلا يەركەن، خوتەن، كۇچا، قاراشەھەر، تۇرپان، ئۈرۈمچى، ماناس قاتارلىق جايلارنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنى بەدۆلەتخان،ئاتىلىق غازى دەپ جاكارلاپ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى./ھەمدە  ئۇ  چاررۇسىيە، ئەنگلىيە، تۈركىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۆزىنىڭ  ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولدى. مۇشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئاستىدا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1876-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى زوزۇڭتاڭ ۋە ليۇجىنتاڭ قوماندانلىقىدىكى 08 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ياقۇپبەگ باندىتلىرىنى ۋە بەي يەنخۇ باشچىلىقىدىكى خۇيزۇ قوشۇنىنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى. چىڭ سۇلالىسى ئاۋۋال شىمالىي شىنجاڭنى، ئاندىن جەنۇبىي شىنجاڭنى ئېلىش ئىستراتېگىيىسى بويىچە قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەپ، غەلىبىلىك جەڭلەر ئارقىلىق ياقۇپبەگ كۈچلىرىنى مەغلۇب قىلىپ، 1877-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇرپانغا قىستاپ كەلدى. قاراشەھەرنى ئالدىنقى سەپ قارارگاھ قىلغان ياقۇپبەگ 5-ئاينىڭ 29-كۈنى خوتەن ھاكىم بېگى نىياز تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى. ياقۇپبەگ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قوشۇنى پۈتۈنلەي پاتپاراقچىلىق، قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالدى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى  داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، تۇرپان، قاراشەھەر، كورلا، ئاقسۇ، بارچۇق، قەشقەر، يېڭىسار، يەركەن، خوتەن قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ، ياقۇپبەگنىڭ قالدۇق كۈچلىرى بەگقۇلبېك ۋە بەي يەنخۇلارنى سۈر-توقاي قىلدى. بەگقۇلبېك بىلەن بەي يەنخۇ ئازغىنا قالدۇق كۈچلىرىنى ئېلىپ، بەدەخشانغا قېچىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ قايتىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىگە كىردى. بۇنىڭ بىلەن  ياقۇپبەگنىڭ شىنجاڭدىكى 14 يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى. مىڭيول تۆھپە خاتىرە تېشى ئەنە شۇ تارىخىي غەلىبىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئورنىتىلغاندۇر.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:     
1 .ليۇ زىشاۋ: ‹‹ئۇيغۇر تارىخى ››1-قىسىم، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987-يىل نەشرى.
② دۇجىڭگو: ‹‹زوزوڭتاڭ ۋە شىنجاڭ››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىل نەشرى.
③ ئا. ن. كوروپاتكىن (رۇسىيە): ‹‹قەشقەرىيە››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىل نەشرى.
④ موللا مۇسا سايرامى: ‹‹تارىخى ھەمىدى››، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986-يىل نەشرى.
⑤ ما شۇكاڭ: ‹‹قەشقەرنىڭ 100 يىلى››، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2002-يىل نەشرى (خەنزۇچە).
⑥ ‹‹قەشقەر ۋىلايىتى تەزكىرىسى››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006-يىل خەنزۇچە نەشرى.
⑦ فاڭ يىڭكەي: ‹‹جۇڭگو تارىخىدا شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش دۆلەت سىياسەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006-يىل خەنزۇچە نەشرى.
(‹‹قەشقەر ››ژۇرنىلىنىڭ2007-يىل،5-سانىدىن  ئېلىندى.)

[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ ManYuksel ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ  2008-5-15 12:08:44 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2008-1-12 15:18:05

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ OCR ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺠﺎﻥ

Estami يوللانغان ۋاقتى 2008-1-12 15:41:07

ﺭﺍﺳﯩﺖ ﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ OCR ﻣﺎ ؟

rasimboy يوللانغان ۋاقتى 2008-1-12 17:50:51

ﮬﻪ ﺷﯘ

yultuz01 يوللانغان ۋاقتى 2008-1-12 20:11:26

ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ،ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ،ﺋﯘﻳﺮﺍﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻱ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻢ،ﺑﻪﻙ ﺑﻪﻟﻪﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ.ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ ،ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ .
ﺑﻪﺩﻩﺧﺸﺎﻥ،ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ،ﻗﻮﻗﺎﻥ،ﺑﺎﺭﭼﯘﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﯩﻤﯩﺪﯗ؟

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2008-1-12 22:47:37



خەن سۇلالىسى ھىراۋۇل قويغان بۇ دىياردا،

تاڭ سۇلالىسىمۇ غەرىبكە يۈرۈش قىلغان قەتئىي ئەلپازدا.

لېكىن ئۇلار ئاۋامنى شىلىپ ھېچ ئىشنى چىقارمىغان ۋۇجۇدقا،

بۈگۈن مانا بۇ دىيارنى ئالدۇق ئىلكىمىزگە،

ئېشىپ چۈشۈپ، خەن-تاڭلاردىن-ئەجدادلاردىن.

ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟  ﭼﯩﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺴﯩﮕﻪ ﺧﻪﻥ، ﺗﺎﯕﻼﺭﻧﻰ ﯲﺯﯨﮕﻪ ﯬﺟﺪﺍﺩ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ؟  

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-1-13 12:21:34

ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪﻛﺎﯕﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻛﯚﺯﺩﻩﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ.ﭼﯘﻧﻜﻰ،ﻛﺎﯕﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﺎﻧﺠﯘﻻﺭﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻳﯘﺭﯨﺘﻨﻰ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ...
ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ-ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯘﺷﯘﭖ،ﺧﻪﻥ-ﺗﺎﯕﻼﺭﺩﯨﻦ،ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻼﺭﺩﯨﻦ.ﺑﯩﺮﭘﻪﺵ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ.

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-1-25 22:22:07

  

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2008-1-25 22:30:59


        
























oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2008-4-6 22:58:45

ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﻧﯩﻤﯩﺪﯗ ؟ ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﻤﯘ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﯩﻤﯘ ؟
بەت: [1]
: ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ، ﺗﺎﺷﭙﯜﺗﯜﻙ