Graf يوللانغان ۋاقتى 2008-1-8 17:43:46

ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرۈشى توغرىسىدا ئويدۇرما

ۋۇسۇڭ ناھايىتىمۇ ھاراقكەش زابوي ئىدى، ھەپتىدە بىرەر كۈن ئۆلگۈدەك ئىچىپ مەس بولىۋالمىسا كۆڭلى ئۇنىمايىتتى، ھاراقكەشلىگى دەل ئۇنىڭ نام چىقىرىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.
بىر كۈنى ۋۇسۇڭ قىز دوستىدىن دەشنام ئاڭلىغاندىن كىيىن، كۆڭلى ناھايىتى بۇزۇلدى، مۇھەببەتتىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ۋۇسۇڭنىڭ جىڭياڭ داۋىنىغا چىقىپ مەي ئىچكىسى كېلىپ قالدى. ۋۇسۇڭ ئادەتتە ناھايىتى مۇلايىم، كەم سۆز، ياۋاش بالا ئىدى، قىز دوستىغا بىرەر ئېغىز يۈرەكلىك ھالدا گەپمۇ قىلالمايىتتى، شۇڭا قىز دوستى ئۇنىڭدىن دائىم خاپا بولۇپلا يۈرەتتى. «قاچانغىچە مۇشۇنداق مىسىلداپ، دۇدۇقلاپلا يۈرۈيسىز؟ قاچانمۇ بىرەر يولۋاسنى ئۇرۇپئۆلتۈرگىدەك جۈرئېتىڭىز بولار» دەيىتتى ئۇنىڭ قىز دوستى دائىم.
ۋۇسۇڭ ھەسرەتلىك ھالدا مىسىلداپ مېڭىپ جىڭياڭ داۋىنى ئارام جاڭگال مەيخانىسىغا چىقتى، جىڭياڭ داۋىنى ئەزەلدىن شىر- يولۋاسلارنىڭ ئۇۋىسى دەپ ئاتالغان بولغاچقا، بۇ يەرگە پەقەت باتۇر پالۋانلارلا قورقماي ھاراق ئىچكىلى چىقالايىتتى، ۋۇسۇڭدەك مۈشۈكنى كۆرسىمۇ ئەيمىنىپ ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلار بولسا ھەرگىزمۇ يېقىن بارالمايىتتى، بۈگۈن ۋۇسۇڭ ئۆزىنى قانداق كۈچنىڭ بۇ يەرگە ئېلىپ چىققانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيىتتى، بەلكىم تەقدىر دىگەن مۇشۇنداق بولىشى مۇمكىن.
ۋۇسۇڭ لاۋخۇ سەي بىلەن بىر تەخسە خۇاسىڭ مېغىزى بۇيرۇتۇپ، ئاندىن ئازاپقا بىر، دەرتكە بىر دەپ بىر پىيالە مەينى ئىچىۋەتتى. مەي كۈچىنى كۆرسەتتى، ۋۇسۇڭنىڭ مەيدىسى قىززىپ، ئىشتىھاسى ئېچىلىپ، بىر تەخسە لاۋخۇ سەينى خۇددى ئاچ يولۋاستەك يېۋەتتى، ئاندىن يەنە بىر تەخسە سەي بىلەن بىر پىيالە مەي بۇيرۇتتى. ئىككىنچى پىيالە مەينى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئىككى قوللاپ ئىچىپ تۈگەتكەن ۋۇسۇڭ، مەيپۇرۇشقا يەنە ئۈچىنچى پىيالە مەينىمۇ ئەكىلىشنى بۇيرۇدى. مەيخانىنىڭ بەلگىلىمىسىدە سائەت توققۇزدىن كىيىن ئۈچ پىيالىدىن ئارتۇق مەي سېتىلمايىتتى، سەۋەبى سائەت توققۇزدىن كىيىن قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۈچ پىيالىدىن كۆپ مەي ئىچىۋالغانلار مەس بولۇپ كېتىپ قاراڭغۇدا ئۆيىگە قايتالماي، جىڭياڭ داۋىنىدىكى يولۋاسلارغا يەم بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. ھازىر سائەت توققۇزدىن نەخ بىر چارەك ئۆتكەن ئىدى، مەيپۇرۇش بۇ پىيالە مەينىڭ ۋۇسۇڭغا سېتىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر پىيالە مەي ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭغا مەينى ئەكىلىپ بەردى. ۋۇسۇڭ خۇاسىڭ مېغىزىنىڭ بۇنداق تاتلىق تېتىغىنىنى بۈگۈن ھېس قىلغان ئىدى، «ھەي، بۇرۇن نىمىشقا مەي ئىچكەندە خۇاسىڭ مېغىزى يېمەي قۇرۇق گازىرلا چاققان بولغىيتىم» دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە، بىر تەخسە خۇاسىڭ مېغىزىنى پاك- پاكىز يەپ بولغان ۋۇسۇڭ ئۈچىنچى پىيالە مەينىمۇ ئىچىپ تۈگەتتى. ئاخىرقى بۇ پىيالە مەي ۋۇسۇڭنىڭ كاللىسىغىلا چىقتى، ئەزەلدىن پىيالىدە مەي ئىچىپ كۆنمىگەن ۋۇسۇڭ ئۈچ پىيالە مەينى تازا كۆتۈرۈپ بولالمايۋاتقانداك قىلاتتى. ئۇ يەنە مەي ئەكىلىشنى بۇيرىدۇ، مەيپۇرۇش ئۇنىڭ مەس بولۇپ كەتكىنىنى، ئاللىقاچان ئۆزىنى باشقۇرالماس ھالەتكە يەتكەنلىگىنى سېزىپ يەتتى.
- «ۋاي ئۇستام، ئەمدى ئىچسىڭىز بولمايدۇ، قاۋاقخانىمىزدا پەقەت ئۈچ پىيالىلا مەي سېتىلىدۇ»، مەيپۇرۇشنىڭ يۇقارقى سۆزلىرى ۋۇسۇڭنىڭ قۇلىغىغىمۇ كىرمەيىتتى، ئۇ مەسلىگىدىن خۇددىنى يوقاتقان بولۇپ، «يەنە مەي كەلتۈر، يەنە مەي كەلتۈر» دەپلا ۋاقىرايىتتى، بېشىنى بولسا جوزىدىن كۆتۈرەلمەيىتتى. مەيپۇرۇش شۇنچە گەپ قىلىپمۇ ۋۇسۇڭنىڭ غەلۋىسىنى بېسىقتۇرالمىدى، شۇنىڭ بىلەن مەيپۇرۇش باشقا جوزىلاردىكى ئىچىلىپ بولغان مەيلەرنىڭ پىيالىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، جەمئى 18 دانە مەي پىيالىسىنى ۋۇسۇڭنىڭ ئالدىغا يىغدى، ۋۇسۇڭ بولسا مەسلىكتە بېشىنى جوزىغا قويىۋېلىپ، توختىماي مەينىڭ جىدىلىنى قىلىۋاتاتتى.
- ۋاي ئۇستام، 18 پىيالە مەي ئىچىپ بوپسىز، يەنە ئىچمەكچىمۇ؟ مەي پۇرۇش بۇ گىپىنى بىرقانچە قېتىملاپ تەكرارلىدى.
- 18؟ نىمە مەن 18 پىيالە مەي ئىچىپ بولدۇمما؟ مەس كاللا ۋۇسۇڭ ئۆزىنىڭ قانچىلىك مەي ئىچكەنلىگىنىمۇ ئېسىگە كەلتۈرەلمەيىتتى.
- سەن بايا ئۈچ پىيالە مەي ئىچسىڭىزلا قوپالمايسىز دەۋاتىتىڭ، مەن 18 پىيالە مەي ئىچتىمما؟ مەن ھازىر قوپۇپ ساڭا يامانلىقىمنى بىر كۆرسىتىپ قوياي.
ۋۇسۇڭ ئالدى كەينىگە دەلدۈگۈنۈپ، ئۆزىنىمۇ ئانچە باشقۇرالمايىتتى، شۇنداق بولسىمۇ يەنە سىرتقا قاراپ ماڭدى. مەيپۇرۇش بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ مەي ۋە سەينىڭ پۇلىنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن، ۋۇسۇڭنى مەيخانىدىلا قونۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلدى.
«ئۈچ ئاپقۇر مەي ئىچكەن داۋاندىن ئاشالماس دەپ كىم ئېيتىدۇ؟ پېقىر بۈگۈب قىز دوستۇمدىن دەشنام ئىشتىپ 18 ئاپقۇر مەي ئىچتىم، داۋاندىن يەنە ئېشىۋېرىمەن، يولۋاس پولۋاس بولسىمۇ مۇشۇ ئەپتىمدە قورقۇش ئۇياقتا تۇرسۇنم ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىمەن»- دەيىتتى ۋۇسۇڭ مەسچىلىكتە.
مەيپۇرۇش ۋۇسۇڭنى ھەرقانچە گەپ قىلىپ توسۇپ قالالمىغاندىن كىيىن، ئۇنى مەيىلىگە قويىۋەتتى، مەيپۇرۇش كۆڭلىدە بۇ مەس بولغاندىكىن 6-7 قەدەم مېڭىپلا يەرگە يىقىلىپ ياتىدۇ دەپ ئويلايىتتى.
ۋۇسۇڭ مەسچىلىكتە چىغىر يوللارنى بويلاپ، گۈل مەرەمگە توۋلاپ جىڭياڭ داۋىنىنىڭ شىر- يولۋاسلار ئۇۋىسىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى، كۆزلىرىنىمۇ ئارانلا ئېچىپ كېتىۋاتقان ۋۇسۇڭنىڭ ئالدىغا يوغان بىر ئېرىق ئۇچرىدى، مەسچىلىكتە بۇ ئېرىق ئۇنىڭغا خۇددى ھاڭدەكلا بىلىندى. ۋۇسۇڭنىڭ بۇ ھاڭدىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە كۆزى بارماي دەلدۈگىنىچە كەينىگە قايىتتى، ئالدى تەرەپتە چىپار يوللۇق بىرنىمە ھەدەپ ۋۇسۇڭغا يېقىنلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى، خېلى يول يۈرگەچكىمىكىن ۋۇسۇڭنىڭ كاللىسى بايىقىدىن بىر ئاز سەگىدەپ قالغان ئىدى، ئۇ ئالدىدىكى نەرسىنى راستلا شىر ياكى يولۋاس بولۇپ قالمىسۇن يەنە دەپ ئويلاپ، قورققىنىدىن مەسچىلىكتىن يېشىلىپ كەتكەندەك بولدى، ئۇ سىنچىلاپ قارىدى، راستىنلا بىر يولۋاس ئۇنىڭدىن 9-10 مېتىر يىراقلىقتا ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى، «ئالە شەرىڭنى، بۈگۈن قاچمىساڭ قاچان قاچىسەن» دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە، ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئۆلەر تېرىلىشىغا قارىماي بەدەر قاچتى، يولۋاس ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ پۇتىغا بىرنەرسە پۇلاشقاندەك بولدى دە ھېلىقى ئېرىققا يىقىلىپ چۈشتى، ئېرىق تەخمىنەن ئادەم كۆكرىگىگە كەلگۈدەك چۇڭقۇرلۇقتا بولۇپ، ۋۇسۇڭ ئېرىققا خېلى قاتتىقلا يىقىلغانلىقىدىن ھوشىدىن كەتتى، يولۋاسمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تەڭ يىقىلىپ، بوينى قايرىلىپم ئومۇرتقا سۆڭىگى سۇنغانلىقتىن دارھال قان ئۈزدى.
تاڭ ئاتتى، سەھەردە يولۋاس ئاتقىلى چىققان ئوۋچىلار داۋان ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ئېرىق ئىچىدىن بىر يولۋاس ۋە بىر ياش يىگىتنىڭ ياتقىنىنى كۆردى، ئوۋچىلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن كېلىپ يولۋاسنى بىر نەچچىنى تېپىپ باقتى، تىنىغىنى تەكشۈرۈپ ئۆلگەنلىگىنى جەزىملەشتۈردى، يولۋاسنىڭ ھېچقانداق يېرىدە قان ئىزى ياكى ئوقيانىڭ ئىزى يوق ئىدى، ئۇلار بەلكىم بۇ باتۇر پالۋان يولۋاسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتى. دەل شۇ چاغداۋۇسۇڭ ئەسلىگە كەلدى، يېنىدا ياتقان چوڭ يولۋاسنى كۆرۈپ يۈرىگى گېلىغا قاپلاشقان ۋۇسۇڭ ئەمدىلا قاچاي دەپ تۇرۇشىغا 6-7 ئادەم كېلىپ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئاتتى، ھەممەيلەن «يولۋاس ئۆلتۈرگەن باتۇر، يولۋاس ئۆلتۈرگەن باتۇر» دەپ ئۇنى ئالقىشلاپ ۋاقىرىشاتتى، ۋۇسۇڭ ئېسىگە كېلىپ بولغۇچە ئۇلار ۋۇسۇڭنى تەختىراۋانغا سېلىپ، يولۋاسنى يوغان ياغاچقا ئېسىپ كۆتۈرگىنىچە ناھىيە بازىرىغا مېڭىشتى، ئوۋچىلار ئۇچرىغانلا ئادەمگە «بىز يولۋاس ئۆلتۈرگەن باتۇرنى يامۇلغا ئېلىپ ماڭدۇق» دەپ كىشىلەرنى ئارقىغا ئەگەشتۈرۈپ مېڭىشتى. ۋۇسۇڭ دەسلەپتە بۇنىڭ نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمىدى، كېيىن «قارىغاندا ئاخشام مەسچىلىكتە يولۋاسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ئوخشايمەن» دەپ ئويلاپ، يولدا ئۇچرىغانلىقى كىشىلەرگە قوش قوللاپ سالاپ قىلىپ مېڭىۋەردى.
......
شۇنداق قىلىپ ۋۇسۇڭنىڭ داڭقى چىقتى، داڭقى چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىشلىرى يۈرۈشۈشكە باشلىدى، يامۇلدىن ئۇنىڭغا يۈز بېشىلىق ئۇنۋانى بەردى، قىز- چوكانلار ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ھەتتا نەچچىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزۈشتى، يەڭگىسى پەنجىلىيەنمۇ ھەر قېتىم ئۇنى كۆرگىنىدە قاش- كۆزلىرىنى ئوينىتىپ قوياتتى. ۋۇسۇڭ ئىچىدە ئويلايتتى: «ئەگەر ئاشۇ كۈنى جىڭياڭ داۋىنىدا ھاراق ئىچمىگەن بولسام مۇشۇ بەختىيار كۈنلەرگىمۇ ئېرىشەلمەس بولغىيىتتىم...... تەقدىر دىگەن ھەجەپ نەرسىكەن، ھاراقنىڭ مېنى مۇنچىلىك بەختكە ئېرىشتۈرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئېدىم»......

esir يوللانغان ۋاقتى 2008-1-8 21:10:28

ﯞﯗﺳﯘﯓ... ﻣﻪﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯ ﺋﯩﺪﻯ.

borway يوللانغان ۋاقتى 2008-1-8 21:31:56

ﯞﯗﺳﯘﯓ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺯﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﻏﯘ ..ﻣﺎﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ﻟﯧﻜﯩﻦ ...

Graf يوللانغان ۋاقتى 2008-1-9 09:32:44

ﯞﯗﺳﯘﯓ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺯﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﻏﯘ ..ﻣﺎﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ﻟﯧﻜﯩﻦ ...
===========================

ﻣﺎﻧﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺘﯩﻢ، ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ.

Pantomas يوللانغان ۋاقتى 2008-1-9 10:29:43

ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﭙﺴﯩﺰ، ﯞﯗﺳﯘﯕﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺋﻮﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ.

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2008-1-9 12:13:04

Muxtak يوللانغان ۋاقتى 2008-1-10 17:17:13

ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻛﯜﭼﯩﯖﯩﺰ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﻳﺎﺧﺸﯩﻜﻪﻥ   ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﯘﺭﺍﺭﺳﯩﺰ

ilmi يوللانغان ۋاقتى 2008-1-10 18:30:08

ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻛﯜﭼﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻜﻪﻥ ، ﺟﻪﻣﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﮕﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﭘﺎﺭﻣﯩﺎﯨﻤﯘ .

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-2-12 18:25:54

ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﺎﺯﻏﯘ ﺋﯘ ﮔﯘﻱ.

URHUN يوللانغان ۋاقتى 2008-3-27 21:01:36

ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﭼﯩﭽﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ-ﺩﻩ ﺑﯘﻧﻰ!
ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﻰ ﺧﯘﻧﯘﻛﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﮬﻮﺯﯗﺭﻻﻧﺴﺎﻕ AQﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰﻣﯘ؟!
بەت: [1]
: ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرۈشى توغرىسىدا ئويدۇرما