ilqin يوللانغان ۋاقتى 2007-12-14 12:52:08

ﻳﺎﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ

http://www.raziman.cn/raziman/AwazlikAsar/chochaklar/03(yamaqchi-bilan-padisha).mp3
بۇرۇن ئەمەس، بۈگۈن. ھە راست تۈنۈگۈن. مەن بوۋامدەك چاغدا، بوۋام مەندەك چاغدا، يىراق بىر يەردە، مۇشۇ شەھەردە سەكسەندىن ئاشقان، توقسەنگە يانداشقان، بېلى ئېگىلگەن، پوتىسى چېگىلگەن تۇرسۇن ئىسىملىك ياماقچى بولغانىكەن. بۇ ياماقچى خەلقنىڭ يىرتىلغان مەسە، كالاچ، ئۆتۈك، پوچۇقلىرىنى ياماپ جان باقىدىكەن. ھەر كۈنى ئۈچ داچەن تاپىدىكەن. بىر داچەنگۈل نان، بىر داچەنگە چىراغ يېغى، بىر داچەنگە ماي ئېلىپ، ھەر كېچىسى ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىپ ياشايدىكەن.
شۇ شەھەرنىڭ بىر پادىشاھسى: >مېنىڭ ئۈستۈمدىن كىم غەيۋەت قىلدىكىن؟< دەپ گۇمانلىنىپ، ھەر كۈنى كەچتە دىۋانە سۈرىتىگە كىرىۋېلىپ، كوچا - كوچىلاردا يۈرۈپ، ئىشىك - تۈڭلۈكتىن مارايدىكەن.
بىر كۈنى كېچىسى پادىشاھ ئادىتى بويىچە، كوچىلارنى ئارىلاپ يۈرگىنىدە، تۇرسۇن ياماقچىنىڭ پەنجىرىسىدىن چىراغنىڭ يورۇقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئىشىكنىڭ يوچۇقىغا كېلىپ قاراپتۇ. ياماقچى ئويۇقتىن ياڭاقنىڭ شاكىلىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارا ھېجىرىدىكى مەيدىن قۇيۇپ، ئۆزى بىلەن ئۆزى گەپلىشىپ، تۆت - بەش قېتىم ئىچىپتۇ، ئاندىن كېيىن قوزۇقتىن تەمبۇرنى ئېلىپ:
دەردى يوق موزدور دېمە،
دەردىم ئىچىمدە بىر تۇلۇم.
پادىشاھنىڭ شەھىرىدە
نەگە بارساڭ بار زۇلۇم.
دەپ ناخشا ئېيتىپتۇ.
ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ تۇرغان پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپتۇ، شۇنداقتىمۇ غەزىپىنى ئىچىگە يۇتۇپ >زادى بۇ قانداق ئادەمدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن بىر گەپلىشىپ باقاي< دەپ، ياماقچىنىڭ ئىشىكىنى قېقىپتۇ. ياماقچى:
- كىم سەن؟ - دەپ ئىشىكنى ئېچىپ، تالاغا چىقىپتۇ. دىۋانە سۈرەتلىك پادىشاھ:
- مەن بىر مۇساپىر دىۋانە. خۇدانىڭ ھەققىدە بۈگۈن بىر كېچە ئۆيىڭىزدە قونۇپ كەتسەم... دەپتۇ. ياماقچى:
- قوندۇرسام قوندۇراي، ئەمما مېنىڭ قىلغان ئىشىمغا زادى ئارىلاشمايسەن، >بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟< دەپ سورىمايسەن، گەپ قىلماستىن شۈك ئولتۇرىسەن ياكى ئۇيقۇڭنى ئۇخلايسەن. مۇشۇ شەرتكە كۆنسەڭ قونغىن، - دەپتۇ.
>دىۋانە< ماقۇل بولۇپ، ئۆيگە كىرىپ بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپتۇ. 
ياماقچى بىر >ئۇھ< تارتىپ، قارا ھېجىرىدىن ياڭاقنىڭ شاكىلىغا مەينى قويۇپ ئىچكىلى تۇرۇپتۇ. مەينى ئىچىپ بولۇپ، تەمبۇرنى ئېلىپ، مۇڭلۇق ئاھاڭغا چېلىپ، مۇنۇ قوشاقنى توقۇپ، غەزەل قىلىپ ئوقۇپ، يىغلاپ كېتىپتۇ:
بۇ زاماندا پادىشاھنىڭ
ئالۋىڭى ئېغىر بولدى.
قات - قات تېگىپ قامچىلار
دۈمبىلەر يېغىر بولدى.
ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن،
ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى. 
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ،
بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ چىدىيالماستىن:
- ۋاي بىچارە ئاكا، قانچىلىك دەردىڭىز بار؟ نېمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
تورسۇن ياماقچى ئاچچىقلاپ:
- سورىما سوئال ھەي،
ئىچكىنىم مېنىڭ مەي،
چالغىنىم تەمبۇر، 
جىم ئولتۇر ئۆلگۈر!
دەپتۇ. پادىشاھ شۈك بولۇپ قاپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى تەمبۈرنى چېلىپ:
كۈندە تاپتىم ئۈچ داچەن،
گىردە، چىراغ، شارابقا.
ئېشىندىم بىر داچەن.
گۆش - ياغ نەدە قورساققا.
دەپتۇ. پادىشاھ يەنە چىدىيالماي:
- ۋاي بىچارە ئاكا، نېمە تىجارەت قىلىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. 
تۇرسۇن ياماقچى:
تىجارىتىم موزدوزلۇق،
يامايمەن ئۆتۈك، پوپۇش.
تاشتىن قاتتىق يوقسۇزلۇق،
ھېچ بولمىدى كۆڭلۈم خۇش.
دەپ ھۆڭگۈرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئىچىدە كۈلۈپ، ئاغزىدا كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دەپتۇ:
- ۋاي مەيخۇر ياماقچى، كۆرگەن كۈنۈڭگە شۈكرى دېسەڭ بولمامدۇ. ئەگەر سېنىڭ مۇشۇ قوشاقلىرىڭنى پادىشاھ ئاڭلاپ قېلىپ، ئەتىسىدىن باشلاپ: >ھېچكىم ياماق ياماتمايدۇ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئۆتۈك، پوچۇچىنى ئۆزى ياماپ كىيسۇن< دەپ جاكار قىلسا، قانداق قىلىسەن؟ - دەپتۇ.
ياماقچىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، مەي ئالغان قارا ھېجىرىنى >قەلەندەر< نىڭ بېشىغا ئېتىپ:
- ھەي شۇم ئېغىز دىۋانە. ئۆيۈمدىن چىق! - دەپ ھەيدەپ چىقىرىپتۇ.
پادىشاھ ئوردىسىغا بېرىپ، ئەتىسى >ھېچكىم باشقىلارغا ياماق ياماتمايدۇ ھەم ھېچكىم باشقىلارنىڭ يامىقىنىمۇ يامىمايدۇ! پەرمانغا بوسۇنماي، ياماق ياماتقان ياكى ياماق يامىغانلار جازاغا تارتىلىدۇ<، دەپ جاكار چىقىرىپ، ياساۋۇل، قاراۋۇللىرىنى كوچا - كوچىغا تارقىتىپتۇ.
خەلقلەر بۇ پەرمانغا ھەيران قېلىشىپ، ئىچىدە پادىشاھنى تىللىشىپتۇ.
پادىشاھنىڭ ياساۋۇل - قاراۋۇللىرى بىر كوچىغا كەلسە، ھېلىقى ياماقچىياماقچىلىق قىلىۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ياساۋۇللار:
سەن پادىشاھنىڭ پەرمانىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟! - دەپ ۋارقىراپ - جارقىراپ، ياماقچىنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى تېپىپ - چېقىپ تاشلىۋېتىپتۇ.
بىچارە ياماقچى يىغلاپ - قاقشاپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. >بىرەر ئوقەت قىلمىسام قورساق ئاچ قالىدۇ< دەپ،بۇرەندىسىنى ئېلىپ، سەھراغا چىقىپ، ئادىراسمان ئورۇپ، بازارغا ئەكىلىپ سېتىپ، يەنە نان، چىراغ يېغى، مەي ئېلىپ، ئاخشىمى مەينى ئىچىپ، تەمبۇر چېلىپ، قوشاق قوشۇپ ئولتۇرسا، ھېلىقى پادىشاھ باشقا بىر دىۋانىنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ، تۇرسۇن ياماقچىنىڭ ئىشىكىنى قېقىپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى:
- كىم سەن؟ - دەپ ئىشىككە چىقىپ قارىسا، بىر غېرىپ بىچارە تۇرغۇدەك. >قەلەندەر< تۇرسۇننى كۆرۈشى بىلەن:
- جېنىم بۇرادەر، بۈگۈن بىر ئاخشام قونۇپ، ئەتە سەھەردە كەتسەم... دەپ يالۋۇرۇپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى:
- مەن ئادەم قوندۇرمايمەن. ئاخشام بىر دىۋانە كېلىپ ئاغزىنى ئۇششۈتۈپ، شۇملۇق قىلدى. نەگە بارساڭ شۇ يەرگە بار! - دەپتۇ. >قەلەندەر<:
- بايلار >پىتلىق گاداي< دەپ يۇلاتمىسا، ئۆزۈمگە ئوخشاش گادايغۇ دەپ سىزگە كەلسەم، سىزمۇ قوغلىسىڭىز، قانداق قىلارمەن ئەمدى. بۇ پادىشاھنىڭ شەھىرىدە كۈن ئالماق تەس بولدى، - دەپ يالغاندىن يىغلاپتۇ. تۇرسۇن ياماقچىنىڭ ئىچى ئاغرىپ:
- بولدى يىغلىما، ئەمما ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مېنىڭ قىلغان ئىشىمغا ئارىلاشما، بۈگۈن جىم يېتىپ، ئەتە كەت، - دەپ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ. كېيىن تەمبۇرنى ئېلىپ مۇڭلۇق مۇقامغا يەنە چېلىشقا باشلاپتۇ:
ئاتام ئۆتكەن بۇ شەرىڭدە،
ئانام ئۆتكەن بۇ شەرىڭدە.
يورۇق كۈن بولارمىكىن،
زالىم شاھ بۇ دەردىڭدە.
دەپ قوشاق قوشۇپ يىغلاپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ چىدىيالماي:
- ۋاي بىچارە ئاكا، نېمە ئوقەت قىلىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
تۇرسۇن:
- سورىما سوئال ھەي، 
ئىچكىنىم مېنىڭ مەي،
چالغىنىم تەمبۇر،
جىم ئولتۇر ئۆلگۈر.
دەپتۇ. پادىشاھ بىردەم شۈك ئولتۇرۇپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى تەمبۇرنى تېخىمۇ مۇڭلۇق پەدىگە چېلىپ، ناخشىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
موزدۇزلۇق قىلىۋېدىم،
ئاچ قېلىپ تاياق يېدىم.
بورەندىنى ئوغاق قىلىپ،
ئادىراسمان ئوراي دېدىم.
ئاران تاپتىم ئۈچ داچەن،
گىردە، چىراغ، شارابقا.
بۇ ۈنەرنى توسسا شاھ،
ئەمدى كېتەي يېراققا.
بۇنى ئاڭلىغان >قەلەندەر<:
- پادىشاھ ئەتە >ھېچكىم ئادىراسمان ساتمايدۇ< دەپ جاكار قىلسا، قانداق قىلىسىز؟ ئانداق ناشۈكۈرلۈك قىلماڭ، - دەپتىكەن، تۇرسۇن ياماقچىنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ:- يوقال، شۇم ئېغىز قەلەندەر! تۈنۈگۈن بىرىڭ موزدوزلۇق تىجارىتىمدىن ئايرىدىڭ، بۈگۈن سەن كېلىپ بۇ ھۈنىرىمدىن ئايراي دەمسەن!؟ - دەپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ.پادىشاھ ئەتىسى >ھېچكىم ئادىراسمان ساتمايدۇ، ئادىراسمانمۇ ئالمايدۇ< دەپ جاكار قىلىپ، ياساۋۇل - قاراۋۇللىرىنى يەنە كوچىغا چىقىرىپتۇ.
بىر ياساۋۇل كوچىدا كېتىۋاتسا، تۇرسۇن ياماقچى >ئادىراسمان، ئادىراسمان، ئاغرىققا شىپاھ، ئاجىزغا دەرمان< دەپ ۋارقىراپ كېتىۋاتقۇدەك، بۇنى كۆرگەن ياساۋۇل يۈگۈرەپ بېرىپ، ئۇنىڭ قۇلىدىكى ئادىراسماننى تارتىۋېلىپ ھەيدىۋېتىپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى يىغلاپ - قاقشاپ ئۆيىگە كېلىپ ئىككى سۇغىسىنى ئېلىپ، بىر ئاشپۇزۇلغا سۇ توشۇپ، توققۇز داچەن تېپىپتۇ. ئۈچ داچەنگە نا، ئىككى داچەنگە چىراغ يېغى، تۆت داچەنگە مەي ئېلىپ ئۆيىگە كەپتۇ.
كېچىسى پادىشاھ باشقا بىر دىۋانىنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ يەنە تۇرسۇن ياماقچىنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ، بىراق پادىشاھ بۈگۈن سەل كېچىكىپ قاپتۇ. تۇسۇن ياماقچى بولسا، مەينى ئىچىپ بولۇپ، شىر كەيىپ ئولتۇرغانىكەن. پادىشاھ:
- بارىدىغان يېرىم يوق، بىر كېچە ئۆيىڭىزدە قونۇپ كەتسەم، - دەپ تۇراۋاپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى ئۇنۇماپتۇ. كېيىن >قەلەندەر< يىغلاپ:
- كەمبەغەل كەمبەغەلنىڭ قاياشى ئەمەسمۇ؟ - دەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ياماقچى >خەير بوپتۇ< دەپ دىۋانىنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ. ئۆزى بولسا، ئادىتى بويىچە تەمبۇرىنى ئېلىپ:
بۈگۈن ھاۋا تۇتۇلۇپ،
باشلىدى قار ياغقىلى.
نېمىشقىدۇ تۆرەلدىم،
ھەممە دەرتنى تارتقىلى.
ئادالەتسىز پادىشاھنىڭ تولا تارتتىم دەردىنى.
ئادىراسمان ساتاي دېسەم،
چېچىۋەتتى بارىنى.
تۆشۈك سۇغامنى ياماپ،
سۇچىلىق قىلدىم بۈگۈن.
ئادالەتسىز پادىشاھنى،
قوشاققا قاتتىم بۈگۈن.
دەپ قوشاق قېتىپ يىغلاپتۇ. پادىشاھ چىداپ ئولتۇرالماپتۇ، سوراي دېسە ئۇرارمىكىن دەپ قورقۇپتۇ. ئاخىرى:
- ۋاي جېنىم ئاكا، ئەتە پادىشاھ >ھېچكىم سۇچىلىق قىلمىسۇن<، دەپ جاكار قىلسا قانداق قىلارسىز؟ - دەپتۇ. تۇرسۇن ياماقچىنىڭ جان - پېنى چىقىپ كېتىپتۇ - دە:
- قوپ شۇم ئېغىز، يوقال بۇ يەردىن! - دەپ ئەپكەش بىلەن ئۇرۇپ - سۈرۈپ، ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ.
ئەتىسى تۇرسۇن ياماقچى سۇغىسىنى كۆتۈرۈپ، ئاشپۇزۇلمۇ ئاشپۇزۇل يۈرۈپ، سۇ ساتالماپتۇ. چۈنكى پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ھېچكىم سۇ ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى يىغلاپ - قاقشاپ ھېچ ئېلاج قىلالمىغاندىن كېيىن >ئەمدى پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ ھالىمنى ئېيتاي، ھالىمغا يەتسە يېتە، يەتمىسە باشقا كەلگەننى كۆردۈم< دەپ ئوردىغا مېڭىپتۇ.
ئوردىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، >كىرەيمۇ - كىرمەيمۇ؟< دەپ ئىككىلىنىپ تۇرسا، سېمىز ئارغىماقنى مىنگەن بىر باي كەپتۇ. بۇ باي يىراق جايدىن كەلگەنىكەن. ئاتتىن چۈشۈپلا ئوردىنىڭ ئالدىغا كىچىك تاھارەت قىلىپ قويۇپتۇ. نۇنى كۆرگەن تۇرسۇن ياماقچى >بۇ باينىڭ بىر جاجىسىنى بېرەي< دەپتۇ - دە، كاپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ:
- سەن يەر تېپىلمىغاندەك ئوردىنىڭ ئالدىغا تاھارەت قىلامسەن؟! بۇ پادىشاھقا ھاقارەت ئەمەسمۇ؟! يۈر ئوردىغا - دەپ سۆرەپتۇ. باي قورققىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلمەي بەزگەكتەك تىتىرەپ، كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ:
- ۋاي جېنىم ئاكا، ئۇقماپتىمەن، تۆۋە قىلدىم، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى:
- ياق، مەن زادى سېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەكىرىمەن، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. باي تېخىمۇ قورقۇپ كېتىپ:
- جېنىم بۇرادەر، مۇشۇ ئېتىمنى بېرەي، بىر نۆۋەت گۇناھىمدىن ئۆتكىن، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى:
- ياق، مەن ئېتىڭنى ئېلىپ ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرەيمۇ، - دەپ ئۇنىماپتۇ.
باي يىغلاپ، يالۋۇرۇپ، يانچۇقىدىن بىر ئوچۇم تىللارنى ئېلىپ ئات بىلەن قوشۇپ بېرىپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى ئات بىلەن تىللارنى ئېلىپ كېتىپتۇ. بامۇ قۇتۇلغىنىغا خۇش بولۇپ، ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ.
تۇرسۇن بازارغا بېرىپ ئاتنى سېتىپ، كىگىز، گىلەم، چىنە، چەينەك، گۆش - ياغ، مەي ئاپتۇ، بۈگۈن ئۇ كۈندىكىدىن زىيادە كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرسا، پادىشاھ باشقا بىر دىۋانىنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ يەنە كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، تۇرسۇن ياماقچىنىڭ ئۆيى كۈندىكىدىن نەچچە ھەسسە ئازادە بولۇپ كەتكەن. پادىشاھ ھەيران بولۇپ ئاغزىنى ئېچىپلا قاپتۇ. >بۇنىڭ تېگىدە بىر سىر بار< دەپ ئويلاپتۇ - دە، بىر بۇلۇڭغا كىرىپ جىم ئولتۇرۇۋاپتۇ. تۇرسۇن ياماقچى تەمبۇرنى ئېلىپ:
- ئادالەتسىز پادىشاھ
ھېچبىر ئوقەت قىلدۇرماي،
باينى بابلىدى تۇرسۇن،
ھېچ كىشىگە تۇيدۇرماي.
دەپ غەزەل ئېيتىپتۇ.
پادىشاھ بۇ كېچە گەپ قىلماي جىم يېتىپتۇ. ئەتىسى ئوردىغا بېرىپلا ياساۋۇللىرىغا تۇرسۇن ياماقچىنى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە ئەمىر قىلىپتۇ.
ئىككى ياساۋۇل تۇرسۇن ياماقچىنىڭ پۇت - قۇلىنى يەرگە تەگكۈزمەي پادىشاھنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ كەپتۇ. پادىشاھ:
- ھە، بوۋاي سەن قىزىق ئادەم ئىكەنسەن، ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ئوردىنىڭ ئالدىغا تاھارەت قىلغان باينى بابلاپ، ئېتى بىلەن پۇلىنى ئاپسەن. شۇ قىلغان خىزمىتىڭ ئۈچۈن سېنى ئۆزۈمگە جاللات قىلىۋالىمەن، - دەپتۇ ۋە ياماقچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان بىر مەھبۇسنى ئېلىپ چىقىپ:
- مېنىڭ ئەمرىمگە بويسۇنمىغان مۇشۇ گۇناھكارنى كۆز ئالدىمدا ئۆلتۈرگىن - ! دەپتۇ.
بۇ گۇناھكار تۇرسۇن ياماقچىنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئىكەن. پادىشاھنىڭ بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغىنىغا غەزەپلەنگەن تۇرسۇن ياماقچى قىلىچىنى يالاڭغاچلاپ >نېمە بولسام شۇ بولاي، بۇ قانخورنىڭ بىر ئەدبىنى بېرەي< دەپتۇ - دە، تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. زالىم پادىشاھنىڭ زۇلىمىدىن تويغان خەلق خۇش بولۇپ، تۇرسۇن ياماقچىنى پادىشاھ قىلىپتۇ. شۇندىن باشلاپ يۇرتقا ئادالەت ئورناپتۇ
مەنبە : بىلقۇت غەزىنىسى
بىلمىگەننى بىلقۇتتىن بىل!
                  تېلېفون: 8485833-0991

                  QQ:513619940
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ : http://www.ilqin.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1251
http://www.ilqin.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1214

ilqin يوللانغان ۋاقتى 2007-12-14 18:22:58

مەنبە : بىلقۇت غەزىنىسى

<<بىلقۇت >>غەزىنىسى- شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى بىلەن <<بىلقۇت>> ئىلىكتۇرۇن پەن - تېخنىكا شىركىتى 2002 - يىلدىن باشلاپ بىرلىكتە ، ئىشەنىچ ئاساسىدا ئىزدىنىپ ھەمكارلىشىپ ، خەلىقنىڭ ئىھتىياجىنى نەزەردە توتۇش ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا قوللىنىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغا، ئۈچ خىل تىل (ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئېنگىلىزچە ) 9 يۆنىلىش ، 600 دىن ئارتۇق تۈر ، 6 مىليۇندىن ئارتۇق سۆز ، 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت ، 700 مىڭدىن ئارتۇق سۆزلۈك ئاۋازى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى ۋە مەملىكەتلىك يۇقىرى يېڭى پەن - تېخنىكىنىكا مەھسۇلاتلىرىنى باھالاش ئىدارىسى تەرپىدىن مەملىكەتلىك ئالدىنقى قاتاردىكى پەن تېخنىكا مەھسۇلاتى بولۇپ باھالانغان ، شىنجاڭ كومپىيۇتېرچىلىق تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتىرلىك يۇمشاق دىتال .

بۇ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدىكى دۇنياۋىي بۆسۈش!!!

    ئىكراندىن سۆز تۇتۇش كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئانچە يېڭىلىق بولمىسا كېرەك، ئەمما ئەرەبچە، ئوردوچە، ئۇيغۇرچە، پارىسچە قاتارلىق ئوڭ تەرەپتىن يېزىلىدىغان يېزىقلار ئۈچۈن بۇ تېخى يېتىلمىگەن مەنزىل بولۇپ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق مەدەنىيەت جۇغلانمىسنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولغان ئۇيغۇر تىلىمۇ شۇ يېتلىمىگەن مەنزىللەر ئىچىدىكى بىر مەنزىل ئىدى. بىز بۇ مەنزىلنىڭ سېھرىي كۈچى، ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدى، ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ مەنزىلگە يول ئالدۇق.    بۇ مەنزىل شەرەپ تاماسىدا يۈرگەنلە ئۈچۈن كوھىقاپتا، بۇرچ تۇيغۇسىدائەل ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزگۈچىلەر ئۈچۈن بوسۇغا ئالدىدىكى مەنزىل ئىكەن. شۈكرىكىم بۇ مەنزىلگە يېتىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇپتىمىز، بۇ مەنزىلگە يېتىش بىزگە خاسىيەتلىك قۇت مۆجىزىسى سۈپىتىدە چەكسىز شادلىق بەخش ئېتىپ، ئۇيغۇر خەلقى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئوڭ تەرەپتىن يېزىلىدىغان يېزىقلارنىڭ ئىكراندىن تۇتۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك تۈردە ھەل قىلدى دەپ جاكارلاشقا تۈرتكە بولدى
    ئۇيغۇر پروگراممىرلىرى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئوڭ تەرەپتىن يېزىلىدىغان يېزىقىنىڭ ئىكراندىن تۇتۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك تۈردە ھەل قىلدى.
         ئىكراندىن سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ ئۆزىگە خاس، ئۇخشاش تىپتىكى باشقا يۇمشاق دېتاللارغا سېلىشتۇرغاندا ئىلغار بولغان يەنە بىر ئىقتىدارى. بۇ ئىقتىدار دۆلەت ئىچىدىكى يۇمشاق دىتاللارغاسېلشتۇرغاندا ئىلغار بولۇپلاقالماي بەلكى خەلقئارالىق يۇمشاق دىتاللارغا نىسبەتەنمۇ باشلامچى سەۋىيەگە ئىگە ئالاھىدە تېخنىكىدۇر. چۈنكى «بىلقۇت خەزىنىسى» دە دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنىڭ ئىكران يۈزىدىكى سۆزىنى تۇتۇش مەسلىسى ھەقىقىي تۈردە ئۈنۈملىك ھەل قىلىنغان. ئىكران يۈزىدىكى ھەر خىل يېزىقتىكى سۆزلەرنى تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش ئېقتىدارىنى مەزكۇر خەزىنىنى ئىشلەش گۇرۇپپىسى مۇستەقىل ھالدا تەتقىق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان! بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدىمۇ خەلقئارا سەۋىيىدىكى تېخنىكىلارنى بەرپا قىلالايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى!
    نۆۋەتتە ئىكران يۈزىدىن سۆز تۇتۇش ئاساسلىقى كۆزنەكتىن سۆز تۇتۇش، خاتىرە دەپتەرئىچىدىن سۆز تۇتۇش، تور زىيارەت قىلغۇچىتىن سۆز تۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ھازىر بىر قىسىم يۇقىرى چەكلىمىدىكى يۇمشاق دېتاللاردىن سۆز تۇتۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىمىز، ئىشىنىمىزكى بۇ ئىقتىدارلارمۇ پات ئارىدا كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە سوۋغا قىلىنىدۇ. «بىلقۇت خەزىنىسى» دىكى ئىكران يۈزىدىن سۆز تۇتۇشنىڭ يەنە بىرئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئىكراندىن تۇتقان سۆزنىڭ باشقا ئىككى خىل يېزىقتىكى تەرجىمىسىنى تەڭلا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
بىلقۇت غەزىنىسنىڭ ئىقتىدارى :
1.يۇقىرى سۈرئەتە ئىزدەش (مەملىكەتلىك لۇغەت ئامبىرىنى ئىزدەش تېخنىكىسى بويچە ئالدىنقى قاراردىكى تېخنىكا مەھسۇلات بولۇپ باھالانغان ) .
2. ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە يېزىقلارغا ئاپتۇماتىك ھۆكۈم قىلغان ئاساستا ئىزدەش .
3. خەنزۇ تىلى يېزىقىنىڭ فونتىكىلىق ئېلىپبەسى بويچە ئىزدەش .
4. خەنزۇ تىلى يېزىقىنىڭ يان بۆلەكلىرى بويچە ئىزدەش .
5. بىرلا كۇنۇپكا ئارقىلىق بىر تىلنىڭ ئۈچ خىل مەنىسنى ئىزدەش .
6. بىرلا كۇنۇپكا ئارقىلىق قوشۇمچە تۈرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە تىزىملىكىنى ئالماشتۇرۇش .
7. سۈرىتى بار بولغان سۆزلەرنى سۈرىتى بىلەن كۆرسىتىش .
8. تاللانغان سۆزلۈكلەرنى مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپى ئارقىلىق ئىزدەش .
9. ئىلگىرى ئىزلىگەن سۆزلەرگە قايتىش .
10. ئىزدىگەندىن كىيىن كۆرسىتىدىغان مەنىسىنى بەلگىلەش .
11. ئۇيغۇر تىلىنىڭ كارتۇن ئېلىپبەسى .
12. كومپىيۇتېر ئىكرانىدىكى خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە ، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئۆز -ئارا تەرجىمە قىلىش ۋە ئوقۇش ( ئىنگىلىزچە ھەرخىل مۇھىتلاردا ئىشلىتىلدىغان جۈملىلەر ۋە ئۇنىڭ ئىككى تىلدىكىئوقۇلىشى ).
13. ئىنگىلىزچە ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش .
14. خەنزۇچە ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ( خەنزۇچە ھەرخىل مۇھىتلاردا ئىشلىتىلدىغان جۈملىلەر ۋە ئۇنىڭ ئىككى تىلدىكىئوقۇلىشى ).
15. ئىشارە تىلى (گاس - گچىلار ئۈچۈن).
16. جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ قانۇن - نىزاملىرى .
17. ماتىريال ئامبىرى ( ئىنسانىيەت، مەدەنىيەت ، پەن - تېخنىكا ، جۇغراپىيە ... قاتارلىق 140 نەچچە ساھەگە چېتىلدىغان ئۇچۇر ئامبىرى )
18. جەدىۋەللىك ئۇچۇرلار ( ئۆلچەم بىرلىكلىرى ، خىميىۋى ئىلمىنىتلار قاتارلىق 60 نەچچە ساھەگە چېتىلدىغان جەدىۋەللەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرلار ).
19. لۇغەت يۈزىدىكى خالىغان سۆزلۈكنى قوش چىكىت ئارقىلىق ئىزدەش .
20. تاللانغان سۆزلەرنى (ئۆزىڭىز تاللىغان) ئوقۇش (ئىنگىلىزچە ، خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە ھەقىقى تەلەپپۇزدا ئوقۇش ).
21. تاللانغان سۆزلۈكلەرنى مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپى ئارقىلىق ئوقۇش .
22. تور ئارقىلىق ئاپتۇماتىك ئەلالاشتۇرۇش .
23. كۆرۈنمە يۈزنىڭ يۆنلىشىنى ئۆزگەرتىش (ئوڭ ، سول يۆنلىشكە).
24. بىلقۇت غەزىنىسنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۈگۈنىش.
بۇ دىتالنىڭ يەنە سىزگە پايدىق نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار . ئىشلەتسىڭىز ئاللاھ خالىسا چوقۇم رازى بولىسىز !
پۇرسەت غەنىمەت ، سېتۋېلىشقا ئالدىراڭ ! يەنە ھەرقايسى جايلارىن ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقرالايدىغان ، تىرىشچان ۋەكالەتچى قوبۇل قىلىندۇ ، قىزىققۇچىلار مەن بىلەن ئالاقىلشىڭلار.
تىلفۇن : 0991-8485833
QQ : 513619940

«بىلقۇت خەزىنىسى» توردا ئەلالاشتۇرۇش ۋەدىسى بىلەن بازارغا سېلىنغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، ھەر ئاينىڭ 1 - كۈنى يېڭى - يېڭى مەزمۈنلار ۋە بايقالغان خاتالىقلىرى تۈزىتىلگەن ئاساستا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

1 - قېتىملىق 10 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 450 پارچە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
2 - قېتىملىق 11- ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 100 مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
3 - قېتىملىق 12 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا قېتىلغان مەزمۇنلار
1) 35 مىڭ سۆزلۈك دۇنيادىكى مىللەت ناملىرى (مىللەتشۇناسلىق لۇغىتى)
2) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى (2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلغان.)
3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى (2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلىدۇ.)
كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئەلالاشتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!!!
    «بىلقۇت خەزىنىسى» ھەر ئايدا بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، 1 - ئايدا ئۇيغۇر خەلق رېۋايەتلىرى ۋە روس تىلى ئەلالاشتۇرىلىدۇ.

مەنبە : بىلقۇت غەزىنىسى
بىلمىگەننى بىلقۇتتىن بىل!
                  تېلېفون: 8485833-0991

                  QQ:513619940
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ : http://www.ilqin.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1251
http://www.ilqin.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1214
[/size

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2007-12-15 00:59:23

ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺑﻮﭘﺘﯘ ...ﺋﺎﺩﯨﺮﺳﯩﯖﻼﺭ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ؟

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2007-12-15 11:28:38

ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﻪﺷﺴﻪﯕﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻗﺴﯘﺩﯨﻦ . ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ.
ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ 168ﺳﻮﻡ. ﻛﯩﺮﺍ ﺋﯚﺯﻩﯕﻠﯩﺪﯨﻦ،
ﺗﯧﻠﯩﻔﯘﻥ : 13899294755
ﭺﭺ 45698185
ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﺩﯨﻠﻤﯘﺭﺍﺕ.

ilqin يوللانغان ۋاقتى 2007-12-15 12:01:40

ئورنىمىز يەنئەن يولىدا .
تېلفۇن: 0991-8485833
QQ: 513619940

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2007-12-15 19:06:02

ﺗﻮﻗﺴﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ؟؟؟؟

ilqin يوللانغان ۋاقتى 2007-12-27 19:11:46

بىلمىگەننى بىلقۇتتىن بىل!
            تېلېفون: 8485833-0991

            QQ:513619940

ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ : http://www.ilqin.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1251

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-2-8 17:52:04

ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ.

ilqin يوللانغان ۋاقتى 2008-4-2 12:33:40

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!!!
«بىلقۇت خەزىنىسى» _ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات

چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەشھۇر شەخس، تېبابەت، ماقال

تەمسىل، چۆچەك، رېۋايەت، چالغۇ-ئەسۋاب، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار

گۆھەرلەر؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن

ئارتۇق كەسپىي ساھەدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت

بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن زور ھەجىمدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25

- كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، بىز بۇ قوللىغۇچىلىرىمىزغا

سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.

«بىلقۇت خەزىنىسى» توردا ئەلالاشتۇرۇش ۋەدىسى بىلەن بازارغا سېلىنغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، ھەر ئاينىڭ 1 - كۈنى

يېڭى - يېڭى مەزمۈنلار قېتىلغان ۋە بايقالغان خاتالىقلىرى تۈزىتىلگەن ئاساستا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

1 - قېتىملىق 10 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 450 پارچە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
2 - قېتىملىق 11 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 100 مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
3 - قېتىملىق 12 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا:
1) 35 مىڭ سۆزلۈك دۇنيادىكى مىللەت ناملىرى (مىللەتشۇناسلىق لۇغىتى)
2) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى (2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلغان.)
3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى (2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلىدۇ.)

قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
4 - قېتىملىق 1 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا: 200 پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلق رېۋايەتلىرى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلغان.
5 - قېتىملىق 2 - ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا 20 - ئەسىردىكى بىر قىسىم چوڭ ئىشلار چۇشەندۈرۈشى قېتىلىپ

ئەلالاشتۇرۇلغان
6- قېتىملىق 3- ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا ، «دۇنيادىكى ئەڭ» لەر توپلىمى قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلدى شۇنىڭ بىلەن

بىرگە «بىلقۇت خەزىنىسى» نىڭ خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە قىسمىدىكى بايقالغان خاتالىقلارتۈزىتىلدى ۋە 200گە يىقىن

تېببىي سۆزلۈكلەر قېتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلدى.
7- قېتىملىق 4- ئايدىكى ئەلالاشتۇرۇشتا ، دۇنيانىڭ بەش مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانى ھەققىدىكى بىلىملەر

ئەلالاشتۇرۇلدى، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئەلالاشتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
«بىلقۇت خەزىنىسى» ھەر ئايدا بىر قېتىم ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، كېلەر ئايلىق ئەلالاشتۇرۇشتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتى بېكىتكەن قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.

چۈشۈرۈشhttp://bilqut.com/update/Bilqut_2008_4_1.exe
بەت: [1]
: ﻳﺎﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ