ئاپپاق خوجىنىڭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﮭﺎﻟﻰ ( ﻣﯘﺧﺘﻪﺭﺑﺎﻱ )
ئاپپاق خوجىنىڭ تەرجىمھالىئاپپاق خۇجا :
ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا خۇجا بولۇپ ، مىلادىيە 1626-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان . دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپ خۇجا مىلادىيە 1620 -يىلى نەمەنگاندىن قۇمۇلغا كەلگەن . ئانىسى زۇلەيخا بىكىم ئۆز ۋاقتىدا قەشقەردىن قۇمۇلغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەشكىرەملىك مىرسەئىد جىلىل دىگەن كىشىنىڭ قىزى بولىدۇ .
ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1638-يىلى ئون ئىككى ياش ۋاقتىدا ، دادىسى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دادىسىدىن رەسمى سوپى ئىشانلىقنى ئۈگىنىشكە باشلىغان .
مىلادىيە 1667-يىلى دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپنى يەكەندە ( ئىسھاقىيە ) چىلار مەزھىپىدىكى ئۆزىنىڭ نەۋرە ئەۋلادى بولغان جۇجا ئەبەيدۇللا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۇلتۈرۈلگەندىن كىيىن ، ئاپپاق غوجا دەرھال دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ ، ئۆزىنى ( پىر ) دەپ ئىلان قىلغان ۋە دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئشقىيە سۈلىكىگە ھەم بۇ سۈلۈك مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەركەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان . ئۇ كەڭ كۆلەمدە مۇرىت قوبۇل قىلىش ، تەسىرى دائىيرىسىنى كىڭەيتىشكە جىددىي كىرىشىپ ، تۇرپاندا ئەسھابۇل كەب ، قەشقەردە خان خوجىنىڭ ئوردىسى ، يەكەندە ئالتۇن مازاردا ئۈچ سۈلۈك تەسىس قىلىدۇ ، بۇسۈلۈكلەر مۇرىت قوبۇل قىلىش ۋە ھەرخىل دىننىي سىياسىي پائالىيەت بارىدىغان مەركىزى ئورۇنغا ئايلىنىدۇ . ئاپپاق غۇجىنىڭ ئاخىرقى ئۆمۈرگىچە تۆت يۈزمىڭ ئادەم مۇرىت بولىدۇ .
ئاپپاق غۇجا ئەنە شۇنداق ئۈزلىكسىز مۇرىت كۆپەيتىش ، كۈچ توپلاش ۋە تەسىرى دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق ، ئەڭ ئاخىرى تىغ ئۇچىنى دىننىي پائالىيەتتىن ھالقىتىپ ، ھاكىميەتكە قاراتتى ۋە مىلادىيە 1678-يىلى جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلەرنى باشلاپ كىلىپ ، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئون ئىككىنجى سۇلتانى ئىسمايىل خاننى ئاغدۇرۇپ ، تارىختا 164 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۆھرەتلىك سەئىدىيە سەلتەنىتىنى بەربات قىلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارىيە ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خۇجا خانلىقىنى تىكلەپ ، بۇ خانلىققا ئون بەش يىل ھۆكۈمران بولدى .
ئاپپاق غوجا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋىردە ، ئىلگىر كىيىن بولۇپ ، ئون بىر قىتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بولدى ، بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىقتا ئۆلدى .ئاپپاق غوجىغا ۋە ئۇنىڭ ھامىيىسى بولغان جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇقات زۇلۇملىرىغا قارشى ئىككى يۈز قىتىمدىن كۆپرەك خەلق ئىسىيانى كۆتۈرۈلدى .
ئاپپاق غوجا مانا شۇنداق ئىسىيانچىلاردىن ۋە ئۇ يۈرگۈزگەن تەرىقەت زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان تالىپلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ ، مىلادىيە 1679-يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىغا پالاپ ، غالچا يىگىت ، ۋە غالچا چوكان نامىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل قىلىپ بەردى .
ئۇ يەنە ، خانلىق يارلىقى چۈشۈرۈپ ، مەسچىت ، مەدىرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۇۈتەكخانىلارغا ئۆزگەرىتتى ، قۇر ئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاپ ، مەدەنىي مىراس ۋە تارىخى قول يازمىلارنى كۆيدۈرۋەتتى . بۇنىڭغا نارازى بولغان ، قارشى چىققان شەرىئەت پىشىۋالىرىنى ، دىنني ئۆلىمالارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈردى .
ئاپپاق غۇجا ۋە ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىلار ھوقۇق تۇتقان ۋە ھاكىميەت بىشىدا تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ، خەلىقنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ ، ھىساپسىز مال دۇنيا يىغدى . مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا يالغۇز قەشقەردىلا ، قىرىق ئىككى جايدا مىۋىلىك باغ ئىگىلەپ داڭ چىقارغان بولسا ، ئۇنىڭ ئوغلى ئاپپاق غۇجا توقسەن يەردە باغ ئىرەم ، قىرىق مىڭ مو تىرىم يەر ، يىگىرمە بەش كوزا ئالتۇن كۈمۈش يەتتە يۈز ئەللىك پارچە زىلچە گىلەم ، ئۈچ مىڭ ئات ،يۈز جۈپ ئالتۇن ئۈزۈك ، تۆت يۈز ياقا تون سەرپاي ، بەش مىڭ جەينىماز ، ئۈچ يۈز دۇكان ، يىگىرمە ھويلا ئارام ئىگەللەپ ، دادىسىدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۋەتتى .
ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1693-يىلى رەجەپ ئىيىنىڭ بىشىدىكى بىر پەيشەمبە كۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى . بىر كىچە كۈندۈز يەكەندىن قەشقەرگە ئىلىنىپ كىلىپ ، ھازىرقى ھەزىرەتتكى ئۆزى بىنا قىلدۇرغان مازارى شاھانغا دادىسى ھەزىرىتى بۇزۇرۇكۋار ئايىغىغا دەپنە قىلىندى . ئۇزۇن ئۆتمەي ، چوڭ ئوغلى خوجا يەھيا دادىسىنىڭ قەبرىسىنى كاتتا گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇپ ، گۈمبەز ئۈستىگە پارىسچە ( ئاپپاق غۇجا خۇدانىڭ ئاشىقى ئىدى ، يەككە يىگانە مەشۇق ئىدى ) دىگەن خەتلەرنى يازدۇرۇپ ، بۇيەرنىڭ نامىنى ( ھەزرىتى ئاپاق مازىرى ) قىلىپ بىكىتتى .
مەنبە : ئۇيغۇر تارىخى ماتىرياللىرىدىن جۇغلانما
ﺑﯘ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﻏﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﺳﻪﭖ- ﺩﻩﺳﯩﯟﻩﺗﺴﻪﻡ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺴﯩﺰ؟

ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ.ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﻨﺪﯗﺭﯨﺪﯗ....... ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﻼﺳﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﻤﻼ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﯩﺪﯗ ؟؟؟
ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ....


ﺑﯩﺰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﻮﺯﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﺰﻧﻰ .ﺋﯘﻩﮔﻨﻪﻣﯩﺰ.




ﻣﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﯘﻕ .
ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﺎﻡ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﮬﯧﭻ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ..
ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕﻼﺭ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﻗﻘﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﯦﻤﯩﺴﻪ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ. ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻥ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ!!! ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺴﺎﻕ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ.... ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺴﺎﻡ ﺑﯘﻻﻣﺪﯗ؟ 307998885 ﻏﺎﺋﯘﭼﯘﺭ ﻳﻮﻟﻼﯓ.
ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ << ﺋﺎﺑﺎﻕ>> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﺪﻩ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻐﯘ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ (ﺋﺎﻕ ﺋﯧﺸﻪﻙ) ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﻠﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﯩﮭﻤﺎﻧﻼﺭ ﻛﻠﯩﭗ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﯨﺴﻪ ﺗﯩﺨﻰ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﻗﺎﺭﺳﺎﻡ 30ﭼﻪ ﺧﯘﻳﺰﯗ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻼﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ......ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﭼﯜﺷﯜﻧﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ؟
بەت:
[1]