@aristotil يوللانغان ۋاقتى 2007-11-8 21:56:39

ﺩﯨﺴﻜﻮ ﺧﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ(Bﻧﯘﺭﻣﺎﻝ)

دىسكو خاندىكى ئىلىم-پەن

            ئاپتۇرى؛Bنۇرمال(نەسرى قىسمى)،ۋاقىت5.2(شېئىرى قىسمى)

                                           مۇقەددىمە.

                                                    ئەي ئۇلۇغ ئۇيغۇرۇمنى نىشانسىز قىلغان ھاراق،

                                                    شۇ ھالال ئۇيغۇرۇمنى ئىمانسىز قىلغان ھاراق.

                                                    شاد-ئىناق ئائىلنى بەخىتسىز قىلغان ھاراق،

                                                    شىر يۈرەك قەيسەر يىگىتنى چىدامسىز قىلغان ھاراق.

                                                    غۇبارسىز ئۇيغۇر قىزنى ھاياسىز قىلغان ھاراق.





                                                 سەن سەۋەپ مىڭلاپ يىگىت ماڭدى گۈناھ يۇلغا،

                                                 سەن سەۋەپ مىڭلاپ گۈزەللەر چۈشتى ئازغۇن ئورغا.

                                                 سەن سەۋەپ پاك ئۇيغۇرۇم ئايلاندى ھەم ئوغرىغا،

                                                سەن سەۋەپ بۇ تار جاھاندا قالمىدى يول توغرىغا.

                                                 شۇ ئەزىز ئۇيغۇرۇمنى خارۇ-زار قىلغان ھاراق.







                                                  ھارامدىن تۈرەلگەچكە سىنىڭ شۇ ئىپلاس تىنىڭ،

                                                  ھارامدىن قۇيۇلغاچقا سىنىڭ شۇ ئىپلاس نامىڭ.

                                                 ھەممىدىن<<غالىپتۇرسەن>>يۇق پەقەت نالە-دادىڭ،

                                                 ئاگاھ   بول   گۇمران  بۇلۇرسەن ئاخرى غادايغانىڭ.

                                                  ئىسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!

                                         

   كۈن بۇيى پاتپاراق بىلەنلا ئۈتدىغان بۇ شەھەر بۈگۈن جىمىپلا قالغاندى.بىر قارسا ھىللا ئۇرۇش بولدىغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.كىشلەر بىر-بىرىدىن ئۈزچىلا سۇرشاتتى؛-بۈگۈن بۇ شەھەردىكى كىشلەرگە نىمە بولغاندۇ؟!

   -سىز تېخى بىلمەمسىز؟<<ئاقنۇر>>دا شەھەردىكلەرگە ھەقسىز پائاليەت ئۇرۇنلاشتۇرغۇدەك.تىخى شەھەرلىك ھۈكۈمەت قوللاپ ،ئامانلىق ساقلاش ئۈچۈن مەخسۇس ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئەۋەتكۈدەك.

     بىلدىغانلار سۆزلەيتى.بىلمەيدىغانلار سۇرايتى.

    -نەدە بولدىكەن .ئاقنۇرنىڭ ئالدىدىن بايا ئۆتتۈم ھېچ پائاليەت بولدىغاندەك ئەمەس.(داۋامى داۋاملىق يوللىندۇ)

     مەنبە؛www.termiler.comمۇنبىرى.
    (بۇرۇن مىنىڭ ئەسرىم بىرنەچچە قېتىم روخسەتسىز باشقا  يەرگە چىقىپ قاپتۇ،ھەممىمىز ئۇيغۇر  سەتلىشىپ يۈرمەيلى ،روخسەتسىز كۈچۈرمەڭ)

@aristotil يوللانغان ۋاقتى 2007-11-11 21:49:38

داۋامى

          شۇڭا دىسكو خاندىكلەر بۇ ۋەيرانى ياتاققا قىزقىپ قالغاندى.

    نۇرجان ئۇلارنى باشلاپ كىردى.لىكىن ھىلقى قىز كىرمىگەندى.نۇرجان شۇ چاغدا ئۆزنىڭ سەل ئاشۇرۋەتكەنلىكنى تەن ئېلىپ ،قىزغا ناماقۇل بۇلۇپ ياتاققا ئەكىردى.ئۇلار   بىلەن ھەم تۇنجى قېتىم ھەم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پاراڭلاشتى.

    تۇرقى ۋە سۆزگە قاراپ رىياسەتچى دەپ قاراشقا بۇلدىغان بىر قىز  پائاليەتنىڭ باشلانغانلىقنى جاكارلىدى.ئالقىش.ئاۋال <<سىرلىق كۆز>>ۋە تۈۋرۈك ناملىق ئىككى لىرىك ناخشا ئېيتىلدى.ئاندىن ئولتۇرغانلارنىمۇ سەكرىتۋەتكۈدەك شوخ دىسكو مۇزىكسى ۋە نۇرجاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.مەيدان رەسمى قىززىدى،كەينىدىن مىللىيچە ئۇسۇلمۇ ئوينالدى.ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولغاندەك ئادەتتە ھېچكىم كەلمەيدىغان بۇ يەرگە تىلەمچىلەرمۇ كەلمەي قالمىغاندى.لىكىن داستىخان تەرەپكە ھىچكىم يوق ئىدى.تىلمەيتى.بىر نەرسىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۇيۇن كۈرەتتى.ئۈرۈك دىسە چۇرقىرىشدىغان باللارمۇ بىركىم چەكلەپ قۇيغاندەك چوڭ سۈپەتلىك بىلەن ئۇيۇن كۈرەتتى.تېخى ئۇسۇلغا چۈشەتتى.1.5سائەتتىن كىيىن مىھمانلار تاماققا تەكلىپ قىلىندى.تاماق يېيىش ئۆزگىچە بولدى.كىمنىمە خالسا بىرىپ شۇنى يىدى.مەخسەت يىمەيدىغان نەرسىلەرنى باشقىلارنى ئالدىغا ئاپارسىڭىز ئىسراپ بولدۇ.ئاساسىي تاماقلار نى يەپ بولغاندىن كىيىن مۇزىكىغا تەڭكەش ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەر قىزغىن يىيىلدى.باللار ئەزەلدىن ئېرشىپ باقمىغان بىر خىل خۇشاللىق ئىچدە يىمەكلىكلەرنى بىر-بىرگە ئېلىپ بىرەتتى.ئاتا-ئانىسنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتىردىكى ئۈگۈنۈش بېىسىمغا ئۇزۇندىن ئۇچرىغان باللار مەيداننى بېشغا كەيدى.باللار ھارغاندىن كىيىن نۇرجان رىياسەتچى تەرپىدىن سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.

     نۇرجان بۇ قېتىم قاسقان شەپكىنمۇ كەيمىدى،قارا كۆز ئەينەكنىمۇ تاقمىدى.بۇرۇن سۈركىلىپ كىتىشدىن قۇرقۇپ يانداپ ئۈتۈپ كەتكەنلەر ئىچدە بەزلىرى يەرگە قاردى،بەزلىرى كۈلدى.ھەممە ئۇنىڭ سۆزلىشنى كۈتتى.ئەمما ئۇ ياخشى-يامان ،قىرى-ياش بارلىق قېرىنداشلارغا بىر قۇر كۈز يۈگۈرۈتتى.شۇ قەدەر تىنىچ ھالەت 5مىنۇت داۋام قىلغاندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى.

     -ھايات نۆل بىلەن باشلىنىپ نۆل بىلەن ئاخىرلىشدىغان ماتېماتكىلىق ئۇيۇن،ھەربىر مىز ئۆزمىزنى بۇ ئۇيۇننىڭ باش ئاپراتى دەپ قارايمىز.

   ھايات يىغا بىلەن باشلىنىپ يىغا بىلەن ئاخىرلىشدىغان  كۈلكىلىك ئەدەبىي ئەسەر.ھەربىرمىز ئۆزمىزنى بۇ ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى دەپ قارايمىز.شۇڭا بارلىق كىشلەرنىڭ پەقەت بىزنى ئويلىشنى ئۈمىت قىلمىز.باشقىلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قۇيمىز.ئارتۇقچە نەرسىلەرنى تەمە قىلمىز.ئەمىليەتتە بىز ئۆزمىزگە ھەققىي بەخىت،ھەققي خۇشاللىق،ھەققىي بايلىق  بىرەلەيدىغنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزمىز خالاس. بىز ھاياتتىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىي ئەسەردە شۇنداق رول ئېلىشمىز كىرەككى،بىزنى چىن دىلدىن سۆيگەن خەلىققە ئۆزمىزنىڭ سۆيۈشكە ئەرزىيدىغانلىقمىزنى بىلدۈرۈش.تۇغرا بۈگۈن بۇ يەرگە ھاراق ئېلىپ كىلىنمىدى.بەزى ياشلار بۇنىڭغا نارازى بولۇپ ئۆزى ئەكلىپ تەييار قىلىپ قۇيۇشتى.مەن بارلىق ھاراق خۇمار قېرىنداشلىرىمغا  شۇنداق بىر ناخشىنى سوۋغا قىلماقچى. ئەلۋەتتە مەن ھاراق ئىچمەڭلار دىمەيمەن .دىسەممۇ مىنىڭ دىگىنىم نۆلگە ھىساپ.مەن پەقەت دىمەكچى،پەقەت ئايدا بىر قېتىملىق ھارقىڭىزنى ئاز ئىچىپ،بىر قېتىملىق تاماكىڭىزنى ئاز چىكىڭ.ھاراق بىز ئۈچۈن پەيدا بولمىغان .ئۇنىڭدا باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ھەققى بار!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!تىجەلگەن  پۇلڭىزغا دۇنيا پەن تېخنىكىسغا ئائىت كىتاپنى ئېلىپ قۇيۇڭ.بالڭىز ھاراق بىلەن تاماكغا ئەمەس شۇنىڭغا قارسۇن.

                                                         ئەي ئۇلۇغ ئۇيغۇرۇمنى نىشانسىز قىلغان ھاراق،

                                                    شۇ ھالال ئۇيغۇرۇمنى ئىمانسىز قىلغان ھاراق.

                                                    شاد-ئىناق ئائىلنى بەخىتسىز قىلغان ھاراق،

                                                    شىر يۈرەك قەيسەر يىگىتنى چىدامسىز قىلغان ھاراق.

                                                    غۇبارسىز ئۇيغۇر قىزنى ھاياسىز قىلغان ھاراق.





                                                 سەن سەۋەپ مىڭلاپ يىگىت ماڭدى گۈناھ يۇلغا،

                                                 سەن سەۋەپ مىڭلاپ گۈزەللەر چۈشتى ئازغۇن ئورغا.

                                                 سەن سەۋەپ پاك ئۇيغۇرۇم ئايلاندى ھەم ئوغرىغا،

                                                سەن سەۋەپ بۇ تار جاھاندا قالمىدى يول توغرىغا.

                                                 شۇ ئەزىز ئۇيغۇرۇمنى خارۇ-زار قىلغان ھاراق.







                                                  ھارامدىن تۈرەلگەچكە سىنىڭ شۇ ئىپلاس تىنىڭ،

                                                  ھارامدىن قۇيۇلغاچقا سىنىڭ شۇ ئىپلاس نامىڭ.

                                                 ھەممىدىن<<غالىپتۇرسەن>>يۇق پەقەت نالە-دادىڭ،

                                                 ئاگاھ   بول   گۇمران  بۇلۇرسەن ئاخرى غادايغانىڭ.

                                                  ئىسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!



                                               ئىسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!

                                             <<  ئىسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!>>بۇ سۆزنى دىگەچ بىر بۇتۇلكا ھاراقنى ئىلىپ كەلدى-دە بارلىق غەزەپ نەپرىتى بىلەن يەرگە ئۇردى.ئارقىدىنلا كۈچلۈك ۋارقىردى.

    -بۇ مىنىڭلا ئەمەس بارلىق ماڭا ئوخشاش ئۇقۇغۇچلارنىڭ  ئورتاق ئارزۇسى.(داۋامى بار)

uygur0998 يوللانغان ۋاقتى 2007-11-11 22:06:35

ﭘﺎﮬ،،،،ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ  ....ﻳﯩﺰﻟﯩﭙﺘﯘ.......ﮬﯩﻠﻘﻰ ﯨﻴﯩﻴﯩﯩﻴﯩﻴﯩﻴﯩﻴﯩﻴﯩﻰ....ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺩﯨﺴﻜﻮ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻨﻰ ﻗﻮﻳﮕﺎﭺ ،،،،،ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻟﻪﺷﺴﯩﻪﻙ ﭘﻪﻳﺰﻯ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ،،،،ﮬﻪ  ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻱ........

@aristotil يوللانغان ۋاقتى 2007-11-14 13:02:24

ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﻴﯩﺘﯩﻢ  ﻳﯩﺘﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯗ.ﮬﻪﻡ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﻳﯘﻣﻤﯘ  ﻳﯘﻕ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯘﺭ    ﺑﯩﺮ  ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ  ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﻛﯚﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ  ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻘﻼ!ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﺪﻩ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺭ! ﭼﯜﻧﻜﻰ  ﺗﯘﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﺧﺘﯩﻢ ﻗﯩﺲ.ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ  ﺗﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ  ﻧﻪﺭﺳﻪ  ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﻪﻛﭽﻰ.ﺷﯘ  ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺸﻪﻣﯩﺰ.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2007-11-9 13:05:16

ﻗﯧﻨﻰ ﺋﯘ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻥ

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2007-11-9 14:01:18

ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﺷﻠﯜﻛﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﭽﯘ ؟

Koktikin يوللانغان ۋاقتى 2007-11-9 17:52:35

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﺑﻪﻟﻪﻙ ،ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺑﻪﻟﻪﻙ ؟

@aristotil يوللانغان ۋاقتى 2007-11-9 18:05:33

ﮬﻪ  ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ؟!  ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ  ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘ  ﮬﯩﻜﺎﻳﻨﻰ  ﻳﯩﺰﯨﭗ  ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ.ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﮬﯩﻜﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺋﯘﻗﯘﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ. ﺑﯘﻧﻰ  ﺳﯚﺯ ﺑﯧﺸﻰ  ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ ﻳﯘﻕ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ﺩﻩﭖ  ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯩﻤﻪﻥ.ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯩﻤﻼ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻯ ﻳﯜﺳﯜﻧﺪﺍ ﭼﯜﺷﻨﯩﭗ  ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺳﯘﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.   ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ﺗﯧﺨﻰ!

Muxtak يوللانغان ۋاقتى 2007-11-9 19:12:34

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯩﻤﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ .....

@aristotil يوللانغان ۋاقتى 2007-11-9 19:40:59

( داۋامى)

   -نەدە بولدىكەن .ئاقنۇرنىڭ ئالدىدىن بايا ئۆتتۈم ھېچ پائاليەت بولدىغاندەك ئەمەس.

  -شەھەر چېتدىكى XXدا،ئۇ يەرنىڭ ئاۋاسى ياخشى،كەڭرى.مىنىڭچە ئۇ يەرنى تاللىغنى ياخشى بولوپتۇ.ئادەتتە <<ئاقنۇر>>نىڭ بىلەت  باھاسى قىممەت بولغاچقا نۇرغۇن ياشلار نامنى ئاڭلىغان بولسىمۇ  كىرىپ باقمىغان.بۈگۈن چۇقۇم كۆپ ئادەم يىغلىپ كىتدۇ.شەھەرنىڭ بۈگۈن بۆلەكچىلا جىمىپ كىتىشمۇ  ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

    پائاليەت تېخى باشلانمىغان ئىدى.ئەمما مەيدان ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى.ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغنى پائاليەتكە كەلگەنلەر ياشلارلا  بۇلۇپ قالماي،چۇڭى 70-80ياشلاردىكى بۇۋاي مۇمايلار،كىچكى11-10ياشلاردىكى باللارمۇ  ئاز ئەمەس ئىدى.ناھايتى كەڭ قىلنىپ سەھنە ھازىرلانغان،سەھنە ئەتراپغا داستىخان سېلىنغان،داستىخانغا   ھەرخىل سوغوق تاماقلار،نان ،ئششاق چۈششەك نەرسىلەر ،ئۈرۈك قۇيۇلغان ئىدى.ئۈرۈكلەر ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى،5-ئاينىڭ ئاخرىنىڭ ئەڭ كەڭرى بولغان يىمەكلىكى ئۈرۈك پۈتۈن ئەتراپقا پۇراق سېلۋەتكەندى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر-بىردىن چىرايلىق بۇلۇپ بىر قاراپ قالغان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن سۇ تاماتتى.داستىخان بەكلا كەڭرى ئىدى.بۇنچىۋالا  نەرسىلەرنى تەييارلاپ نىمە قىلماقچى ئىكنە بۇ دىسكو خانا.



   بىر يىلنىڭ ئالدىدا  ئاقنۇر مۇ باشقا دىسكوخانلارغا ئوخشاشلا ئادەتتىكى بىر  دىسكو خانا ئىدى.لىكىن ھازىر كىشلەر ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالدىغان،دىسكو ئويناشنى خالمايدىغان كىشلەرنىڭمۇ بارغۇسى كىلدىغان،ئونۋېرسال كۇلۇپقا  ئايلىنىپ قالدى.ئۇ يەرگە بارسىڭىز ھېچبىر دىسكو خاننىڭ  پۇرقى يوق.بىر خىل ئىللىق،ھۇزۇر،يېقىشلىق،تىنىچ.جاھاننى زىل-زىلگە سېلىپ سالغۇت ئۇسۇل ئوينايدىغان ئىشمۇ يۇق ئەمەس.ئەمما بەلگىلەنگەن ۋاقىت جەدۋىلى بۇيچە بولدۇ.پەقەت ھەپتىدە ئۈچ قېتىم،ھەرقېتىمدا ئىككى سائەت.ئەلۋەتتە بۇنچىلىك شۆھرەتكە ئىگە بۇلۇشدا  ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ قان-قېتغا سىڭىپ كەتكەن سەنئەت <<خۇمارلىقى>>ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. لىكىن كىشلەر بۇنىڭ سەۋەبنى بۇ كۇلۇپنىڭ ناخشىچىسدىن ئىزدەيدۇ. ئۇ دەل بىر يىل ئىلگىرى كەلگەن ئىدى.

     نۇرجان تولمۇ ئەقىللىك بالا ئىدى.گەرچە ئائىلسى نامرات بولسىمۇ،ئەپلەپ-سەپلەپ تۇلۇق ئوتتۇردا ئەلا ئۇقۇپ،ئالى مەكتەپ ئىنتىھانغا قاتنىشدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتى.مەكتەپ يېىقىنقى بىر-نەچچە يىلدىن بىرى<<ئالىي مەكتەپ ئىنتىھاندا مەكتەپ بۇيۇنچە بىرنچى بولغانلارغا  5000يۈۋەن،ۋىلايەت بۈيۈنچە بىرنچى بولغانلارغا 15000يۈۋەن مۇكاپات بىرىلدۇ>>دەپ ئىلان چىقارغاچقا ،نۇرجان بىرىنچى بۇلۇپ 5000يۈۋەننى ئېلىپ ئالى مەكتەپكە بىرۋەلىپ قالغان خىراجەتنى شۇ يەردە غەملەيمەن دەپ ئويلاپ ئىنتىھانغا خۇشال-خۇرام كىرۋەردى.دىگەندەك ئۇقۇتقۇچسى، ساۋاقداشلىرى،مەكتەپ ئالدىدا  ئەڭ مىنەۋەر،پەخىرلىك ئۇقۇغۇچى بولغان نۇرجان ۋىلايەت بۇيچە بىرنچى بولدى.تەقدىر دىگەن ئاجايىپ.چاقرىق قەغىزمۇ داڭلىق ئونۋىرسىتىتدىن كەلدى.نۇرجان تاكى مەكتەپكە ماڭدىغان پەيىت يىتىپ كەلگىچە ساقلىغان بولسىمۇ ھىچكىم مۇكاپاتنىڭ گىپنى قىلمىدى.ئۇ <<مۇكاپات>>نىڭ  قۇلغان تەگمەيدىغانلىقنى پەملەپ ،ناھىيلىك مۇناسۋەتلىك ئۇرۇنلاردىن قەرىز سۇردى.لىكىن  بىرەر ئادەم ئۇنىڭ سۆزنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس.ھەر قېتىم ئۇ مۇناسۋەتلىك ئادەملەرنى ئىزدەپ بارغاندا ،ئۇلار ئۇنى ئىزدەڭ بۇنداق ئىشلارغا ئۇ  مەسئۇل،بۇنى ئىزدەڭ ،دەپ بىر-بىرسىگە ئىتتىرشەتتى.بىركۈنى ئۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەلدى،ھەمدە چىڭ تۇردى، ئويلىمغان يەردىن مۇنداق سۆزلەرنىڭ قۇلىقغا كىرگەنلىكنى ھىس قىلدى.ئېيىتقۇچنىڭ دىيىشچە XXباشلىق بۇ گەپنى يەتكۈزۈپ قۇيۇشنى تاپلىغان ئىكەن.(ئاساسلىق مەزمۇنى)<<سىزنىڭ ئاتا-ئانڭىزنى خۇدامۇ،ھۈكۈمەتمۇ،خەلىقمۇ،مەنمۇ،بىزنىڭ ئىداردىكلەرمۇ باي بولماڭ دىگەن ئەمەس.سىز بىزدىن ئاغرىنماڭ،شۇ ئاتا ئانڭىزدىن ..>>.

  نۇرجان جەمئىيەتنىڭ بۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئىكەنلىكنى ئويلىمغان  ئىدى.ئۇنىڭ ئۈمىدى چوڭ ئىدى.لىكىن ئۇقۇتقۇچلارنىڭ ،يازغۇچلارنىڭ،پەيلاسۇپلارنىڭ نەزەردىكى<< مۇھىم>>بولمىغان شۇ  پۇل  ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىشنى تۇسالدى.تۇسقاندىمۇ نۇرجاننى بىرلا قاماللاپ  دۇنيادىكى ئەڭ ئۈمىتۋار، ئەڭ روھلۇق،ئەڭ زىرەك ئادەمدىن چىۋىن قۇنۇپ غاقلاپ كەتسىمۇ  قۇلنى بىر سىلكىپ قۇرۇشقا ئۇرۇنلۇق قىلدىغان،روھى ئۈلۈك،كۇۋاك جىسىمغا ئايلاندۇرۇپ قۇيدى.نۇرجان ئۆزچە سۆزلەييتى؛<<تۇغرا،مۇكاپات دىگەننىڭ يەنە بىر مەنسى <سەدىقە >بىلەن تەڭداش.ئۇنى بايلار ۋە ھۇقۇڭدارلارنىڭ كىمگە بەرگۈسى كەلسە شۇنىڭغا بىردۇ،بەرگۈسى كەلمىسە ھاجەتخانغا تاشلىۋەتسىمۇ بولدۇ.ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىش ھۇقۇقى يۇق.ھەم ھىېچكىمنىڭ يۇقرى نەتىجىلىكلەرگە مۇكاپات<سەدىقە> بىرىش مەجبۇريىتى يۇق.>>.نۇرجان خىياللارغا پاتاتتى.باشقىلاردىن بىرنەرسە  تەمە  قىلىشقۇ بۇقىدىن سۈت چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغاندىن باشقا ئىش ئەمەس. (داۋامى داۋاملىق يوللىندۇ)

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2007-11-9 20:37:40

ﮬﺎ ﮬﺎ
ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ﺟﯧﯖﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﯦﺘﯩﭙﺴﯩﺰﺩﻩ
ﺳﺎﻗﻼﻱ ﺑﻮﭘﺘﯘ

@aristotil يوللانغان ۋاقتى 2007-11-10 13:00:25

(داۋامى)



    باشقىلاردىن بىرنەرسە  تەمە  قىلىشقۇ بۇقىدىن سۈت چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغاندىن باشقا ئىش ئەمەس.

  بىر ئايغا يەتمىگەن روھسىزلىق نۇرجاندەك بىر <<ئاجىز >>يىگىتنىڭ كەيپىياتدا  ئاسمان-زىمىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان بولسىمۇ،ئۇنى پۈتۈنلەي ھالەك قىلۋىتەلمىدى.ئۇ ئۆز-ئۈزگە<<ئۇقۇش كىرەك!،چۇقۇم ئۇقۇش كىرەك !>>دەييتى دائىم.ئۇنىڭ بۇ سۈرلۈك ھەم كاززاپ،يالغانچىلارغا تولغان يۇرىتتا تۇرغىسى كەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ <<مۇھىم بولمىغان >>پۇلغا ئىگە بۇلۇش  ئۈچۈن مەلۇم شەھەرگە چىقىپ كەتتى .

     نۇرجان شەھەرنىڭ ئاۋات كۈچلىرىدا كىتۋېتىپ  تۇرقىدىن ئۇقۇغۇچى پۇرقى كىلدىغان قىزلارنى ئۇچراتتى،ھەمدە ئۇلارغا  ھەۋەس بىلەن قاردى.ئۇلار بىر يەرگە كىرىپ كەتتى. ئىشىك ئۈستىگە <<خىز مەتچى خادىم قۇبۇل قىلمىز>> دەپ ساپ ئۇيغۇر تىلدا يېزىلغان بىر قەغەز تۇراتتى.ئۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ داۋامنى ئۇقمايلا  دەرھال ئۇ يەرگە كىردى.نىمە ئىش  ئىكەنلىكنى سۇرمايلا؛

    -مەن بۇ يەدە ئىشلەي دىگەن!

    -ئۇقتۇرۇشنى تۇلۇق ئۇقۇدىڭىزمۇ؟

   ئەپسۇس بۇ بىر دىسكوخانا بۇلۇپ ئامانلىق ساقلاش خادىمى ۋە تازلىق ئىشچىسى قۇبۇل قىلدىكەن.قانداق ئىش بولسا نۇرجان ئۈچۈن بەربىر.ئەمما ئۇ  بايا << ئۇقۇغۇچى >>لارنىڭ  كىرىپ  كەتكىننى كۈرۈپ،بىرەر <<مەدىنيەت>>كە مۇناسۋەتلىك ئۇرۇن بولشى مۇمكىن دەپ پەرەز   قىلغان ئىدى. ئەزەلدىن ئۇيۇن تاماشا،ئىسراپخۇرلۇق،بۇزۇقچىلىق،خەيۋەتخۇرلۇق،ئۇرۇش جىدەل ،بارلىق يامان ئىشلارنىڭ ئۇۋسى دەپ قارلىپ كەگەن  دىسكوخاندا ئىشلەش نۇرجانغا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەندى.ئامال قانچە! تاماق يىمگىلى بىرنەچچە كۈن بولدى. ئۇ ۋىجدان،غۇرۇرى،پەزلىتىنى سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋەتتى دە-دىسكوخانغا قايتا كىردى.بۇ دەل ھېلقى <<ئاقنۇر>>ئىدى.

        -مەن بۇ يەردە ئىشلەي.

      -قايسى ئىشنى قىلاي دەيسىز!

     -ھەرئىككىلىسنى.

      -بۇ......مەن خۇجايىغا دەپ باقاي.

خۇجايىن؛-سە ئىككى خىزمەتنىڭ ھۆددىسدىن چىقالامسەن؟!

     -قىنى سىناپ باقمايلىمۇ؟

     - بولدۇ ئەمسە.

     ئۇلار ئۇنى كىچىك   بىر ئۆيەە ئۇرۇنلاشتۇردى.ئۆي ھە كىچىك ھەم كونا.لىكىن نۇرجان كىرىپلا ئۈگۈنۈش قىلىشقا ناھايتى ماس كىلدىغانلىقنى پەملىدى.ھەمدە بارلىق ماتىرياللىرىنى ئۆيدىكلەرگە ئەۋەتىپ بىرىشنى يەتكۈزدى.ئۇ ئاخشاملىرى خىزمەتتىن بىر كىچلەردە چۈشكەندىن كىيىن  ئۈگۈنۈش قىلىش،ناخشا شېئىر   يېزىش،مۇزىكا تەتتقىقاتى قىلىشنى خيال قىلغاندى.(داۋامى بار ھە)

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2007-11-10 17:55:18

قېنى داۋاملىق ، بۇ دىسكوخانا قىزىقتۇرۇپ  قويىۋاتىدۇ مېنى

@aristotil يوللانغان ۋاقتى 2007-11-10 20:32:37

داۋامى

      ئۇ ئاخشاملىرى خىزمەتتىن بىر كىچلەردە چۈشكەندىن كىيىن  ئۈگۈنۈش قىلىش،ناخشا شېئىر   يېزىش،مۇزىكا تەتتقىقاتى قىلىشنى خيال قىلغاندى.ئۇ مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ھەر قايسى پەندىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجىللىرى ئارقىلىق كۆزگە كۈرنۈپ قالماي،ئۆزى ئىجات قىلغان شېئىر،ناخشا،مۇزىكىلار بىلەنمۇ مەكتەپداشلىرىنىڭ ئالقىشغا ئىرىشكەندى.

       بىر كۈنى ئۇ دىسكوخاننى ئايلىنىپ تازلىغاچ بىر دەمدىن كىينكى پات پاراقچىلىق لارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى خىيال قىلىپ تۇراتتى.تۇيۇقسىز ئۇچۇر دەۋىرمىزدىكى داڭلىق ناخشىچنىڭ  ناخشىسىنىڭ بۇزۇپ ئېيتىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

    -ئېسىت ئېيىتمايلا قۇيسىچۇ!؟    تۇيمايلا سۆزلىدى ئۇ.

    -ھەي نىمە دەۋاتسەن!؟ ئۈزۈڭ ئېيتىپ باقە ئەمسە.

   ھىللا باشلىندىغان كەچلىك كۆڭۆل ئېچىشقا تەييارلىق قىلۋاتقان <<ناخشىچى>>.ئۇ بۇ يەردىكى ئەڭ ئارزۇلۇق كىشى ئىدى.

    -مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس.

    ئۇ يىگىت دەل نۇرجاننىڭ مۇشۇ سۆزنى كۈتۈپ تۇرغاندەك  ھەممىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى.

       كەشلىك دىسكو باشلىناي  دەپ قالدى.ئارزۇلۇق ناخشىچى تېخى يوق.

     -مەن ئۇنى يالۋۇرۇپ ئاران ئىشلىتۋاتقان،ۋۇ  سۇيما،ئەمدى خېردارلدرغا  نىمە دەيمىز؛-دىدى خۇجايىن نۇرجاننى يەۋەتكۈدەك كۈچەپ.خۇجايىن نىملەرنىدۇ سۆزلەيتى.ۋاقىتمۇ توشتى.خۇجايىن يۈرەك كىسلى قۇزغالغان ئادەمدەك ئۈندىمەي ئولتۇراتتى.نۇرجان تۇساتتىنلا يۈگۈرۈپ سەھنىگە چىقىپ كەتتى.ئارقىدىنلا سەھنىدىن مۇنۇ ئاۋازلار ئاڭلاندى.

     -بۈگۈن يىڭى ناخشىچى تەكلىپ قىلدۇق.قانغىچە خۇشال خۇرام ئويناڭلار.ئەمما يىڭى ناخشىچىنىڭ تەييارلىقى سەل كىچىكتى،15مىنۇت ساقلاڭلار.

   نۇرجان يىنىپ  كىردى،ھەمدە تىترەپ تۇرۇپ خۇجايىنغا ؛-مەن ناخشا ئېيتىشنى بىلمەن،مەن ئېيتىپ تۇراي.؛-دىدى.

   خۇجايىن گەپ سۆز قىلمىدى.نۇرجان سازەندىلەردىن قايسا ناخشىلارغا تەييارلىق قىلغانلىقنى   سۇردى.تەلەي دىگەن شۇ.ھەممىسى نۇرجان پىششىق بىلدىغان ناخشىلار  ئىكەن.نۇرجان قاسقان شەپكىدىن بىرنى كىيىپ،قارا كۆز ئەينەك تاقاپ،باشقىلار تۇنيالمىغۇدەك بۇلۇپ  سەھنىگەچىقتى.كەشلىك ئۇيۇنمۇ تۈگدى.خىردارلار يىڭى ئىسىمنى ئاڭلىغاچقىمۇ ياكى نۇرجان ياخشى ئېيىتتىمۇ ئىشقىپ  خىللا ئالقىشلىدى.خۇجايىن ئانچە رازى بولمىغان بولسىمۇ،خاپا بولمىغان ھالدا سۆز قىلدى؛

     -بۇندىن كىيىن ناخشىنى سەن ئېيىت،دىگنە نەچچە پۇل ئالسەن؟

     -سىزدەڭ

     - 2000يۈۋەن بولسۇن.

      -ئىجادىي ناخشىلارنى ئېيتىساقمۇ بولامدۇ؟!

      -لىكىن خىردارلارنى قاچۇردىغان ئىشنى قىلساڭ زىياننى تۆلىتمەن.

     ئالتۇن بولسىمۇ ھاقەتخاندا تۇرسا ئۇ نىجاسەت بىلەن تەڭ  قىممەتلىك.نۇرجاننىڭ تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن مۇزىكىللىرى،يازغان ناخشا تىكسىتلىرىنىڭ ئەمدى بازىرى چىقتى.ھەممە چالغۇ تۇلۇق، مەيدان تەييار،يەنە نىمنى كۈتدۇ؟! نۇرجان ناخشا ئېيتىشقىمۇ كۈنۈپ كەتتى.بىر خىللا مۇزىكا،بىرخىللا سۆزنىڭ تەكرارلىنىشدىن تۈزۈلگەن ناخشىدىن زىرىككەن تاماشبىنلار تىزلا نۇرجاننى داڭلاپ دىسكوخاننىڭ نامنى تاراتتى.بارا -بارا دىسكوخانغا كىلدىغانلارمۇ كۈپەيدى.نۇرجان دەسلەپتە تاماشبىلارنىڭ  تۇزۇپ كىتىشدىن ئەنسىرەپ ئىشقى-مۇھەببەت تۇغرىسدىكى ناخشىلارنىلا ئۇقغاندى.كىيىن خۇجايىن ئۇنىڭغا ناھايتى ئامراق بۇلۇپ كەتتى.نەچچە قېتىم ئۆيگەتەكلىپ قىلدى،سۆۋغا سالاملارنى ئىلىپ كەلدى.نۇرجان ئۆزنى باشقىلارنىڭ تۇنۇپ قىلىشدىن ئەنسىرەيتى .شۇڭا خۇجايىننىڭ ئۆيگە  بارمىدى.يۈركى يارا بۇ يىگىت <<مۇكاپات>>نى تىخمۇ ئالمىدى.پەقەت ئۆزنىڭ مائاشنىلا ئالدى.ھەمدە مۇنۇ تەلەپلەرنى قۇيدى.

       -خۇجايىن مەن كىلەر يىلى مەن ئالىي مەكتەپكە قايتا ئىنتىھان بىرمەن.شۇڭا دەرىس تەكرارلىمسام بولمايدۇ.شۇڭا خىزمەت ۋاختىدىن باشقا ۋاقىتتا باشقىلار مىنى ئاۋارە قىلمىسا .  يەنە بىرى مىنىڭ سەھنىدە ئىشقى-مۇھەببەت تۇغرىسدىكى ناخشلاردىن باشقا مەزمۇندىكى ناخشىلارنىمۇ ئېيتىشىمغا يول  قۇيسىڭىز.بەلكىم ئۇلارغا يىقىپمۇ قالار.

        دىمىسمۇ يىقىندىن بىرى نۇرجاننى ئىزدەيدىغانلار كۆپيىپ قالغاندى.<<ناخشىچىنى بىر ئۇلتۇرۇشقا چاقىرىۋالساق>>،<<بىر پاراڭلاسساق>>،<<بىر ئىچىششەك>>.ھەتتا ياتاققا ئىزدەپ كەلگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.نۇرجان شەپكىنى سېلىپ ،كۆز ئەينەكنى ئېلۋىتىپ تازلىق قىلۋاتقاندا،تىگىپ كىتىشدىن ھەممىسى قۇرقىدۇ.سەھنىگە چىقسا........(داۋامى بار)

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2007-11-10 22:01:50

ماۋۇ  بالىنىڭ مەندەك تەلىيى چىقسۇن ھە ، تولۇق ئىككىدىكى ۋاقىتتا ماڭا بىرى ئاپتونۇم رايون بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرسەڭ ئاپتونۇم رايوندىن 50مىڭ مۇكاپات بار دىگەن ، كىيىن ئىمتىھاندىن كىيىن بۇنداق ئىش يوقلىقىنى ئۇققان ... ھېلىمۇ شۇ گەپ بىلەن ئوقۇپ قاپتىكەنمەن ، مانا ھازىر  شۇ  يالغان خەۋەرنىڭ پايدىسىنى كۆرىۋاتىمەن .

@aristotil يوللانغان ۋاقتى 2007-11-11 18:28:51

داۋامى

    نۇرجان شەپكىنى سېلىپ ،كۆز ئەينەكنى ئېلۋىتىپ تازلىق قىلۋاتقاندا،تىگىپ كىتىشدىن ھەممىسى قۇرقىدۇ.سەھنىگە چىقسا........



    نۇرجاننىڭ كۈزتىشچە،دىسكوخاننىڭ نامنىڭ تارقىلىشغا ئەگشىپ بەزى دىسكو ئوينىمايدىغان ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچلىرى مەخسۇس كۈرۈپ كىلىش،تۇرمۇش ئۈگنىش ئۈچۈن دىسكوخانغا كىلدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھاراق ،تاماكا ،چوڭچىلىق ئىسراپخۇرلۇققا قەھرى بىلەن ئۆچ ئىدى.نۇرجان بۇلارنىڭ خاراكتىرى بىلەن ئۆزنىڭ خاراكتىرنىڭ ماسلىشدىغانلىقنى ھىس قىلىپ ئۇلاردا ياخشىراك تەسىر قالدۇرۇپ ،تېخمۇ كۆپ مەدىنيەتلىك كىشلەرگە دىسكو خاننى تۇنۇتۇش مەخسىتدە،خۇجايىنغا ئىشقى-مۇھەببەتتىن باشقا مەزمۇندىكى ناخشىلارنمۇ ئۇقۇش تەلپىنى قۇيغاندى.

  

           -بولدۇ ،بۇندىن كىيىن قانداق قىلغۇڭ كەلسە شۇنداق قىل.مەن ساڭا يول كۆرسەتمەيمەن.سىنىڭ قىلغىنىڭ قاملاشمىغاندا مەن سىنى تۇختا  دەيمەن؛-دىدى خۇجايىن تەكەببۇرلۇق بىلەن.

    شۇنداق قىلىپ كۈندىن كۈنگە زۇرايغان دىسكو خانا ئىسمىنى<<ئاقنۇر>>قىلىپ ئۆزگەرتىپ،ئىچنى ناھايتى كەڭرى قىلىپ باشقا بىر جايغا يۆتكەلدى.شۇندىن باشلاپ كۇلۇپ يىڭدىن مۇھەببەتلىشدىغانلارمۇ ،قېرلارمۇ،باللارمۇ خالسا كىرىپ ناخشا ئاڭلايدىغان ئۇنۋېرسال كۇلۇپقا ئايلاندى.ھاراق ئىچدىغانلار بولسا مەخسۇس بەلگىلەنگەن ئۆيدە ئىچەتتى.نۇرمىدىن ئارتۇق ئىچكەنلەر ئۇسۇل مەيدانغا كىرگۈزۈلمەيدىغان بولدى.بۇ دىسكو بىلەن مۇناسۋەتسىز كىشلەرنىڭ ئارام خۇدا ناخشا ئاڭلىشغا قۇلايلىق ياراتتى. نۇرجان سازەندىلەرنىمۇ باشقىدىن ئۆزى قۇبۇل قىلغاندى.

     5-ئايمۇ يىتىپ كەلدى.نۇرجان كەتمىسە بولمايدۇ.شۇڭا خۇجايىننى چاقىرتىپ؛-مەن كىتىش ئالدىدا  بىر پائاليەت ئۇرۇنلاشتۇرۋالسام دىگەن ئۈمىتتە .

     -نىمە پائاليەت؟!

       -......................

      -ياخشى ئىشكەن.ئۇقۇيمەن دىگچە مۇشۇ يەردە ئىشلىسەڭ ياخشى بولاتتى.ئۇقۇساڭمۇ ئالدىغان مائاشىڭ 2-3مىڭ يۈۋەندىن ئاشمايدۇ.شۇنچە زورلىساممۇ ئۇنمىدىڭ،تۇلمۇ قىززىق-دە،سەن.مىنىڭ قۇشۇلماي ئامالىم يۇق.بۇلنى تەڭ چىقىرلى دىگەن گەپنى قىلما!سىنىڭ مائاشىڭ ھېچنىمگە يەتمەيدۇ.مەن بىر ھەپتىلىك پايدىنى چىقراي.

           -رەخمەت سىزگە.......

         -بولدى،بولدى.تەييارلىق قىل.لىكىن كۈلۈپمىزدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ سىنىڭ ياتاق ئۈيۈڭنى ئىكىسكۇرسىيە قىلغۇسى باركەن.ئۇلارنى نائۈمىتتە قويما!

    نۇرجان كۈلدى .بۇ ئۇنىڭ بۇ شەھەردىكى تۇنجى كۈلكىسى ئىدى.

           -بولدۇ،لىكىن بەك قالايمىقان......

            -شۇ،دەل شۇ قالايمىقان ھالەتتىكى ياتقىڭنى كۆرگىسى باركەن.

      بۇنداق تەلەپنىڭ كىلىپ چىقىشغا دەل نۇرجان سەۋەپچى ئىدى.ئۇ كۈندە 8-10سائەت خىزمەت قىلۋەتكەندىن كىيىن  ياتقىدا يەنە ئۈگۈنۈش قىلاتتى.قاچانلاردا ئۇخلاپ قاچانلاردا تۇرغىننى ئۆزمۇ بىلمەيتى.باشقىلارنىڭ ياتىققا كىرىشنى ئۇ ئۆزى چەكلىگەن ئىدى.ھېيىتتا دىسكوخانا بىر نەچچە كۈن تاقالغان بۇلۇپ نۇرجان ئىككى كىچە كۈندۈز ياتاقتىن چىقمىدى.ئىككىنجى كۈنى دىسكوخاندا ئىشلەيدىغان بىر قىز  ئۇنىڭغا تاماق ئەكرىپ بەرگىلى كىردى.قىز كىرگەندى نۇرجان قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.قىز ئىشىكنى بىر نەچچە قېتىم چىكىپ سادا چىقمىغاندىن كىين ياتاققا كىردى.ئۆي ئىچى شۇ قەدەر قالايمىقان  ئىدى. قىز ياتاق ئىچدا ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرشى بولغاندەك تۇيغۇدا بىردەم تۇرغاندىن  كىيىن تاماقنى قۇيۇپ يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.ئۆي ئىچنىڭ ھەممە يىرگە ۋاراق،كىتاپ،دەپتەرلەر چېچىلغان.تاملارغا يوغان ئاق قەغەزلەر چاپلىنىپ،چۈشنىكسىز تەڭلىملەر يېزىلغان.تېخمۇ چۈشنىكسىز رەسىملەر سىزىلغان.ھەممە يەرگە يېيىلغان پارچە قەغەزدە ساپلا  ماتېماتكىلىق،قىزىكىلىق،خېميىلىك ھىساپلاشلار بار ئىدى.

    ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھەيران قالدى.بارلىق مەشىق قەغەزلىرى ئارلاشتۇرۇلۇپ بىرلا قىلنىپ تىزىپ قۇيۇلغاندى.

    -ئاپلا ، كىتاپ دەپتەرلەرنىغۇ ئايرامەن. مەشىق مىساللار تەرتىپنىچۇ؟...بۇ كىمنىڭ ئىشى  ئەمدى.

    ئۇ يۈگۈرۈپ چىققان پىتى ۋارقىردى،ھەمدە ئۇ قىزنىڭ ئۈستىدىن خۇجايىنغا <<تۇرالغۇمغا قانۇنسىز  باستۇرۇپ كىردى>> دەپ شىكايەت قىلدى. قىزنىڭ ياخشى كۆڭلى بىلەن قىلغان ياردىمى قىزغا بىر مۇنچە تاپا تەنە ئېلىپ كەلدى شۇ خالاس. شۇڭا دىسكو خاندىكلەر بۇ ۋەيرانى ياتاققا قىزقىپ قالغاندى.(داۋامى بار)

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-11-12 07:36:36

ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﭽﯘ ؟
ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺑﻮﻻﻣﻤﺎﻱ ﺋﯧﯖﻪﻙ ﭼﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ .........

@aristotil يوللانغان ۋاقتى 2007-11-12 16:32:34

بۇ مىنىڭلا ئەمەس بارلىق ماڭا ئوخشاش ئۇقۇغۇچلارنىڭ  ئورتاق ئارزۇسى.



   ناخشىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بەزلەر كۆزلىرىگە ياش ئېلىشت يەنە بەزلەر بولسا <<ئىشنى قىلسىچۇ>>دىگەن مەندە كۈلۈمسىردى.لىكىن بىردىنلا بىرمۇنچە ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچلىرى بۇ ناخشىنى قايتىدىن بىرلا  ۋاقىتتا ئۇقۇدى بارا-بارا مەيداندىلەرنى ھەممىسى دىگۈدەك ئېيتىشقا باشلىدى.

               ئسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!!

   نۇرجان پائاليەتنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىكى مەخسىتگە ئاساسەن  يەتكەنلىكنى پەملەپ،سەھنىدىن چۈشتى دە خۇجايىندىن باشقىلارغا بىلىندۈرمەيلا  بۇ يەردىن ئايرىلدى.چۈنكى ئۇ  8سائەت يول يۈرۈپ يۇرتىغا بارغاندىن كىيىن  ئەتە ئەتكەندە  ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانغا قاتنىشدۇ.ۋاقىت شۇنچە قس قالغان بۇلسىمۇ ، ئۇ يەنە دىسكو خاننىڭ كۇنا ئىزغا  باردى. ھەمدە بۇ دىسكۇ  ئىشچى بۇلۇپ كىرىش ئۈچۈن تاشلىۋەتكەن ۋىجدانى،غۇرۇرى،پەزلىتنى ئېلۋالدى.ئۇ ماشىندا كىتۋاتاتتى.ئۇنى مۈگدەك باستى.

    ئۇ سەھەرگە كىردى.شەھەرنىڭ كۆپ قسىم يەرلىرىگە <<ئىسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!>>دىگەن خەتلەر چاپلانغان ئىدى.بۇرۇنقىدەك كۇچلاردا ھايۋان كەبىي ياتدىغان ھاراقكەشلەرمۇ يۇق ئىدى.شەھەر نۇرجاننىڭ كۆزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل،ئەڭ باياشات،ئەڭ مەدىنيەتلىك شەھەردەك كۈرۈندى....................

                                                          ئىسمىڭ  ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!

                                                       (تۈگدى)

@aristotil يوللانغان ۋاقتى 2007-11-12 21:51:02

دىسكو خاندىكى ئىلىم-پەن

                                                                               (ھىكايە)



           كۈن بۇيى پاتپاراق بىلەنلا ئۈتدىغان بۇ شەھەر بۈگۈن جىمىپلا قالغاندى.بىر قارسا ھىللا ئۇرۇش بولدىغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.كىشلەر بىر-بىرىدىن ئۈزچىلا سۇرشاتتى؛-بۈگۈن بۇ شەھەردىكى كىشلەرگە نىمە بولغاندۇ؟!

   -سىز تېخى بىلمەمسىز؟<<ئاقنۇر>>دا شەھەردىكلەرگە ھەقسىز پائاليەت ئۇرۇنلاشتۇرغۇدەك.تىخى شەھەرلىك ھۈكۈمەت قوللاپ ،ئامانلىق ساقلاش ئۈچۈن مەخسۇس ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئەۋەتكۈدەك.

     بىلدىغانلار سۆزلەيتى.بىلمەيدىغانلار سۇرايتى.

    -نەدە بولدىكەن .ئاقنۇرنىڭ ئالدىدىن بايا ئۆتتۈم ھېچ پائاليەت بولدىغاندەك ئەمەس.

      -شەھەر چېتدىكى XXدا،ئۇ يەرنىڭ ئاۋاسى ياخشى،كەڭرى.مىنىڭچە ئۇ يەرنى تاللىغنى ياخشى بولوپتۇ.ئادەتتە <<ئاقنۇر>>نىڭ بىلەت  باھاسى قىممەت بولغاچقا نۇرغۇن ياشلار نامنى ئاڭلىغان بولسىمۇ  كىرىپ باقمىغان.بۈگۈن چۇقۇم كۆپ ئادەم يىغلىپ كىتدۇ.شەھەرنىڭ بۈگۈن بۆلەكچىلا جىمىپ كىتىشمۇ  ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

    پائاليەت تېخى باشلانمىغان ئىدى.ئەمما مەيدان ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى.ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغنى پائاليەتكە كەلگەنلەر ياشلارلا  بۇلۇپ قالماي،چۇڭى 70-80ياشلاردىكى بۇۋاي مۇمايلار،كىچكى11-10ياشلاردىكى باللارمۇ  ئاز ئەمەس ئىدى.ناھايتى كەڭ قىلنىپ سەھنە ھازىرلانغان،سەھنە ئەتراپغا داستىخان سېلىنغان،داستىخانغا   ھەرخىل سوغوق تاماقلار،نان ،ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەر ،ئۈرۈك قۇيۇلغان ئىدى.ئۈرۈكلەر ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى،5-ئاينىڭ ئاخرىنىڭ ئەڭ كەڭرى بولغان يىمەكلىكى ئۈرۈك پۈتۈن ئەتراپقا پۇراق سېلۋەتكەندى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر-بىردىن چىرايلىق بۇلۇپ بىر قاراپ قالغان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن سۇ تاماتتى.داستىخان بەكلا كەڭرى ئىدى.بۇنچىۋالا  نەرسىلەرنى تەييارلاپ نىمە قىلماقچى ئىكنە بۇ دىسكو خانا.



   بىر يىلنىڭ ئالدىدا  ئاقنۇر مۇ باشقا دىسكوخانلارغا ئوخشاشلا ئادەتتىكى بىر  دىسكو خانا ئىدى.لىكىن ھازىر كىشلەر ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالدىغان،دىسكو ئويناشنى خالمايدىغان كىشلەرنىڭمۇ بارغۇسى كىلدىغان،ئونۋېرسال كۇلۇپقا  ئايلىنىپ قالدى.ئۇ يەرگە بارسىڭىز ھېچبىر دىسكو خاننىڭ  پۇرقى يوق.بىر خىل ئىللىق،ھۇزۇر،يېقىشلىق،تىنىچ.جاھاننى زىل-زىلگە سېلىپ شالغۇت ئۇسۇل ئوينايدىغان ئىشمۇ يۇق ئەمەس.ئەمما بەلگىلەنگەن ۋاقىت جەدۋىلى بۇيچە بولدۇ.پەقەت ھەپتىدە ئۈچ قېتىم،ھەرقېتىمدا ئىككى سائەت.ئەلۋەتتە بۇنچىلىك شۆھرەتكە ئىگە بۇلۇشدا  ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ قان-قېتغا سىڭىپ كەتكەن سەنئەت <<خۇمارلىقى>>ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. لىكىن كىشلەر بۇنىڭ سەۋەبنى بۇ كۇلۇپنىڭ ناخشىچىسدىن ئىزدەيدۇ. ئۇ دەل بىر يىل ئىلگىرى كەلگەن ئىدى.

     نۇرجان تولمۇ ئەقىللىك بالا ئىدى.گەرچە ئائىلسى نامرات بولسىمۇ،ئەپلەپ-سەپلەپ تۇلۇق ئوتتۇردا ئەلا ئۇقۇپ،ئالى مەكتەپ ئىنتىھانغا قاتنىشدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتى.مەكتەپ يېىقىنقى بىر-نەچچە يىلدىن بىرى<<ئالىي مەكتەپ ئىنتىھاندا مەكتەپ بۇيۇنچە بىرنچى بولغانلارغا  5000يۈۋەن،ۋىلايەت بۈيۈنچە بىرنچى بولغانلارغا 15000يۈۋەن مۇكاپات بىرىلدۇ>>دەپ ئىلان چىقارغاچقا ،نۇرجان بىرىنچى بۇلۇپ 5000يۈۋەننى ئېلىپ ئالى مەكتەپكە بىرۋەلىپ قالغان خىراجەتنى شۇ يەردە غەملەيمەن دەپ ئويلاپ ئىنتىھانغا خۇشال-خۇرام كىرۋەردى.دىگەندەك ئۇقۇتقۇچسى، ساۋاقداشلىرى،مەكتەپ ئالدىدا  ئەڭ مىنەۋەر،پەخىرلىك ئۇقۇغۇچى بولغان نۇرجان ۋىلايەت بۇيچە بىرنچى بولدى.تەقدىر دىگەن ئاجايىپ.چاقرىق قەغىزمۇ داڭلىق ئونۋىرسىتىتدىن كەلدى.نۇرجان تاكى مەكتەپكە ماڭدىغان پەيىت يىتىپ كەلگىچە ساقلىغان بولسىمۇ ھىچكىم مۇكاپاتنىڭ گىپنى قىلمىدى.ئۇ <<مۇكاپات>>نىڭ  قۇلغان تەگمەيدىغانلىقنى پەملەپ ،ناھىيلىك مۇناسۋەتلىك ئۇرۇنلاردىن قەرىز سۇردى.لىكىن  بىرەر ئادەم ئۇنىڭ سۆزنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس.ھەر قېتىم ئۇ مۇناسۋەتلىك ئادەملەرنى ئىزدەپ بارغاندا ،ئۇلار ئۇنى ئىزدەڭ بۇنداق ئىشلارغا ئۇ  مەسئۇل،بۇنى ئىزدەڭ ،دەپ بىر-بىرسىگە ئىتتىرشەتتى.بىركۈنى ئۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەلدى،ھەمدە چىڭ تۇردى، ئويلىمغان يەردىن مۇنداق سۆزلەرنىڭ قۇلىقغا كىرگەنلىكنى ھىس قىلدى.ئېيىتقۇچنىڭ دىيىشچە XXباشلىق بۇ گەپنى يەتكۈزۈپ قۇيۇشنى تاپلىغان ئىكەن.(ئاساسلىق مەزمۇنى)<<سىزنىڭ ئاتا-ئانڭىزنى خۇدامۇ،ھۈكۈمەتمۇ،خەلىقمۇ،مەنمۇ،بىزنىڭ ئىداردىكلەرمۇ باي بولماڭ دىگەن ئەمەس.سىز بىزدىن ئاغرىنماڭ،شۇ ئاتا ئانڭىزدىن ..>>.

  نۇرجان جەمئىيەتنىڭ بۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئىكەنلىكنى ئويلىمغان  ئىدى.ئۇنىڭ ئۈمىدى چوڭ ئىدى.لىكىن ئۇقۇتقۇچلارنىڭ ،يازغۇچلارنىڭ،پەيلاسۇپلارنىڭ نەزەردىكى<< مۇھىم>>بولمىغان شۇ  پۇل  ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىشنى تۇسالدى.تۇسقاندىمۇ نۇرجاننى بىرلا قاماللاپ  دۇنيادىكى ئەڭ ئۈمىتۋار، ئەڭ روھلۇق،ئەڭ زىرەك ئادەمدىن چىۋىن قۇنۇپ غاجلاپ كەتسىمۇ  قۇلنى بىر سىلكىپ قورۇشقا ھۇرۇنلۇق قىلدىغان،روھى ئۈلۈك،كۇۋاك جىسىمغا ئايلاندۇرۇپ قۇيدى.نۇرجان ئۆزچە سۆزلەييتى؛<<تۇغرا،مۇكاپات دىگەننىڭ يەنە بىر مەنسى <سەدىقە >بىلەن تەڭداش.ئۇنى بايلار ۋە ھۇقۇڭدارلارنىڭ كىمگە بەرگۈسى كەلسە شۇنىڭغا بىردۇ،بەرگۈسى كەلمىسە ھاجەتخانغا تاشلىۋەتسىمۇ بولدۇ.ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىش ھۇقۇقى يۇق.ھەم ھىېچكىمنىڭ يۇقرى نەتىجىلىكلەرگە مۇكاپات<سەدىقە> بىرىش مەجبۇريىتى يۇق.>>.نۇرجان خىياللارغا پاتاتتى.باشقىلاردىن بىرنەرسە  تەمە  قىلىشقۇ بۇقىدىن سۈت چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغاندىن باشقا ئىش ئەمەس.

      بىر ئايغا يەتمىگەن روھسىزلىق نۇرجاندەك بىر <<ئاجىز >>يىگىتنىڭ كەيپىياتدا  ئاسمان-زىمىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان بولسىمۇ،ئۇنى پۈتۈنلەي ھالەك قىلۋىتەلمىدى.ئۇ ئۆز-ئۈزگە<<ئۇقۇش كىرەك!،چۇقۇم ئۇقۇش كىرەك !>>دەييتى دائىم.ئۇنىڭ بۇ سۈرلۈك ھەم كاززاپ،يالغانچىلارغا تولغان يۇرىتتا تۇرغىسى كەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ <<مۇھىم بولمىغان >>پۇلغا ئىگە بۇلۇش  ئۈچۈن مەلۇم شەھەرگە چىقىپ كەتتى .

     نۇرجان شەھەرنىڭ ئاۋات كۈچلىرىدا كىتۋېتىپ  تۇرقىدىن ئۇقۇغۇچى پۇرقى كىلدىغان قىزلارنى ئۇچراتتى،ھەمدە ئۇلارغا  ھەۋەس بىلەن قاردى.ئۇلار بىر يەرگە كىرىپ كەتتى. ئىشىك ئۈستىگە <<خىز مەتچى خادىم قۇبۇل قىلمىز>> دەپ ساپ ئۇيغۇر تىلدا يېزىلغان بىر قەغەز تۇراتتى.ئۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ داۋامنى ئۇقمايلا  دەرھال ئۇ يەرگە كىردى.نىمە ئىش  ئىكەنلىكنى سۇرمايلا؛

    -مەن بۇ يەدە ئىشلەي دىگەن!

    -ئۇقتۇرۇشنى تۇلۇق ئۇقۇدىڭىزمۇ؟

   ئەپسۇس بۇ بىر دىسكوخانا بۇلۇپ ئامانلىق ساقلاش خادىمى ۋە تازلىق ئىشچىسى قۇبۇل قىلدىكەن.قانداق ئىش بولسا نۇرجان ئۈچۈن بەربىر.ئەمما ئۇ  بايا << ئۇقۇغۇچى >>لارنىڭ  كىرىپ  كەتكىننى كۈرۈپ،بىرەر <<مەدىنيەت>>كە مۇناسۋەتلىك ئۇرۇن بولشى مۇمكىن دەپ پەرەز   قىلغان ئىدى. ئەزەلدىن ئۇيۇن تاماشا،ئىسراپخۇرلۇق،بۇزۇقچىلىق،خەيۋەتخۇرلۇق،ئۇرۇش جىدەل ،بارلىق يامان ئىشلارنىڭ ئۇۋسى دەپ قارلىپ كەگەن  دىسكوخاندا ئىشلەش نۇرجانغا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەندى.ئامال قانچە! تاماق يىمگىلى بىرنەچچە كۈن بولدى. ئۇ ۋىجدان،غۇرۇرى،پەزلىتىنى سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋەتتى دە-دىسكوخانغا قايتا كىردى.بۇ دەل ھېلقى <<ئاقنۇر>>ئىدى.

        -مەن بۇ يەردە ئىشلەي.

      -قايسى ئىشنى قىلاي دەيسىز!

     -ھەرئىككىلىسنى.

      -بۇ......مەن خۇجايىغا دەپ باقاي.

خۇجايىن؛-سە ئىككى خىزمەتنىڭ ھۆددىسدىن چىقالامسەن؟!

     -قىنى سىناپ باقمايلىمۇ؟

     - بولدۇ ئەمسە.

     ئۇلار ئۇنى كىچىك   بىر ئۆيەە ئۇرۇنلاشتۇردى.ئۆي ھە كىچىك ھەم كونا.لىكىن نۇرجان كىرىپلا ئۈگۈنۈش قىلىشقا ناھايتى ماس كىلدىغانلىقنى پەملىدى.ھەمدە بارلىق ماتىرياللىرىنى ئۆيدىكلەرگە ئەۋەتىپ بىرىشنى يەتكۈزدى.ئۇ ئاخشاملىرى خىزمەتتىن بىر كىچلەردە چۈشكەندىن كىيىن  ئۈگۈنۈش قىلىش،ناخشا شېئىر   يېزىش،مۇزىكا تەتتقىقاتى قىلىشنى خيال قىلغاندى.ئۇ مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ھەر قايسى پەندىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجىللىرى ئارقىلىق كۆزگە كۈرنۈپ قالماي،ئۆزى ئىجات قىلغان شېئىر،ناخشا،مۇزىكىلار بىلەنمۇ مەكتەپداشلىرىنىڭ ئالقىشغا ئىرىشكەندى.

       بىر كۈنى ئۇ دىسكوخاننى ئايلىنىپ تازلىغاچ بىر دەمدىن كىينكى پات پاراقچىلىق لارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى خىيال قىلىپ تۇراتتى.تۇيۇقسىز ئۇچۇر دەۋىرمىزدىكى داڭلىق ناخشىچنىڭ  ناخشىسىنىڭ بۇزۇپ ئېيتىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

    -ئېسىت ئېيىتمايلا قۇيسىچۇ!؟    تۇيمايلا سۆزلىدى ئۇ.

    -ھەي نىمە دەۋاتسەن!؟ ئۈزۈڭ ئېيتىپ باقە ئەمسە.

   ھىللا باشلىندىغان كەچلىك كۆڭۆل ئېچىشقا تەييارلىق قىلۋاتقان <<ناخشىچى>>.ئۇ بۇ يەردىكى ئەڭ ئارزۇلۇق كىشى ئىدى.

    -مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس.

    ئۇ يىگىت دەل نۇرجاننىڭ مۇشۇ سۆزنى كۈتۈپ تۇرغاندەك  ھەممىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى.

       كەشلىك دىسكو باشلىناي  دەپ قالدى.ئارزۇلۇق ناخشىچى تېخى يوق.

     -مەن ئۇنى يالۋۇرۇپ ئاران ئىشلىتۋاتقان،ۋۇ  سۇيما،ئەمدى خېردارلدرغا  نىمە دەيمىز؛-دىدى خۇجايىن نۇرجاننى يەۋەتكۈدەك كۈچەپ.خۇجايىن نىملەرنىدۇ سۆزلەيتى.ۋاقىتمۇ توشتى.خۇجايىن يۈرەك كىسلى قۇزغالغان ئادەمدەك ئۈندىمەي ئولتۇراتتى.نۇرجان تۇساتتىنلا يۈگۈرۈپ سەھنىگە چىقىپ كەتتى.ئارقىدىنلا سەھنىدىن مۇنۇ ئاۋازلار ئاڭلاندى.

     -بۈگۈن يىڭى ناخشىچى تەكلىپ قىلدۇق.قانغىچە خۇشال خۇرام ئويناڭلار.ئەمما يىڭى ناخشىچىنىڭ تەييارلىقى سەل كىچىكتى،15مىنۇت ساقلاڭلار.

   نۇرجان يىنىپ  كىردى،ھەمدە تىترەپ تۇرۇپ خۇجايىنغا ؛-مەن ناخشا ئېيتىشنى بىلمەن،مەن ئېيتىپ تۇراي.؛-دىدى.

   خۇجايىن گەپ سۆز قىلمىدى.نۇرجان سازەندىلەردىن قايسا ناخشىلارغا تەييارلىق قىلغانلىقنى   سۇردى.تەلەي دىگەن شۇ.ھەممىسى نۇرجان پىششىق بىلدىغان ناخشىلار  ئىكەن.نۇرجان قاسقان شەپكىدىن بىرنى كىيىپ،قارا كۆز ئەينەك تاقاپ،باشقىلار تۇنيالمىغۇدەك بۇلۇپ  سەھنىگەچىقتى.كەشلىك ئۇيۇنمۇ تۈگدى.خىردارلار يىڭى ئىسىمنى ئاڭلىغاچقىمۇ ياكى نۇرجان ياخشى ئېيىتتىمۇ ئىشقىپ  خىللا ئالقىشلىدى.خۇجايىن ئانچە رازى بولمىغان بولسىمۇ،خاپا بولمىغان ھالدا سۆز قىلدى؛

     -بۇندىن كىيىن ناخشىنى سەن ئېيىت،دىگنە نەچچە پۇل ئالسەن؟

     -سىزدەڭ

     - 2000يۈۋەن بولسۇن.

      -ئىجادىي ناخشىلارنى ئېيتىساقمۇ بولامدۇ؟!

      -لىكىن خىردارلارنى قاچۇردىغان ئىشنى قىلساڭ زىياننى تۆلىتمەن.

     ئالتۇن بولسىمۇ ھاقەتخاندا تۇرسا ئۇ نىجاسەت بىلەن تەڭ  قىممەتلىك.نۇرجاننىڭ تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن مۇزىكىللىرى،يازغان ناخشا تىكسىتلىرىنىڭ ئەمدى بازىرى چىقتى.ھەممە چالغۇ تۇلۇق، مەيدان تەييار،يەنە نىمنى كۈتدۇ؟! نۇرجان ناخشا ئېيتىشقىمۇ كۈنۈپ كەتتى.بىر خىللا مۇزىكا،بىرخىللا سۆزنىڭ تەكرارلىنىشدىن تۈزۈلگەن ناخشىدىن زىرىككەن تاماشبىنلار تىزلا نۇرجاننى داڭلاپ دىسكوخاننىڭ نامنى تاراتتى.بارا -بارا دىسكوخانغا كىلدىغانلارمۇ كۈپەيدى.نۇرجان دەسلەپتە تاماشبىلارنىڭ  تۇزۇپ كىتىشدىن ئەنسىرەپ ئىشقى-مۇھەببەت تۇغرىسدىكى ناخشىلارنىلا ئۇقغاندى.كىيىن خۇجايىن ئۇنىڭغا ناھايتى ئامراق بۇلۇپ كەتتى.نەچچە قېتىم ئۆيگەتەكلىپ قىلدى،سۆۋغا سالاملارنى ئىلىپ كەلدى.نۇرجان ئۆزنى باشقىلارنىڭ تۇنۇپ قىلىشدىن ئەنسىرەيتى .شۇڭا خۇجايىننىڭ ئۆيگە  بارمىدى.يۈركى يارا بۇ يىگىت <<مۇكاپات>>نى تىخمۇ ئالمىدى.پەقەت ئۆزنىڭ مائاشنىلا ئالدى.ھەمدە مۇنۇ تەلەپلەرنى قۇيدى.

       -خۇجايىن مەن كىلەر يىلى مەن ئالىي مەكتەپكە قايتا ئىنتىھان بىرمەن.شۇڭا دەرىس تەكرارلىمسام بولمايدۇ.شۇڭا خىزمەت ۋاختىدىن باشقا ۋاقىتتا باشقىلار مىنى ئاۋارە قىلمىسا .  يەنە بىرى مىنىڭ سەھنىدە ئىشقى-مۇھەببەت تۇغرىسدىكى ناخشلاردىن باشقا مەزمۇندىكى ناخشىلارنىمۇ ئېيتىشىمغا يول  قۇيسىڭىز.بەلكىم ئۇلارغا يىقىپمۇ قالار.

        دىمىسمۇ يىقىندىن بىرى نۇرجاننى ئىزدەيدىغانلار كۆپيىپ قالغاندى.<<ناخشىچىنى بىر ئۇلتۇرۇشقا چاقىرىۋالساق>>،<<بىر پاراڭلاسساق>>،<<بىر ئىچىششەك>>.ھەتتا ياتاققا ئىزدەپ كەلگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.نۇرجان شەپكىنى سېلىپ ،كۆز ئەينەكنى ئېلۋىتىپ تازلىق قىلۋاتقاندا،تىگىپ كىتىشدىن ھەممىسى قۇرقىدۇ.سەھنىگە چىقسا....

     نۇرجاننىڭ كۈزتىشچە،دىسكوخاننىڭ نامنىڭ تارقىلىشغا ئەگشىپ بەزى دىسكو ئوينىمايدىغان ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچلىرى مەخسۇس كۈرۈپ كىلىش،تۇرمۇش ئۈگنىش ئۈچۈن دىسكوخانغا كىلدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھاراق ،تاماكا ،چوڭچىلىق ئىسراپخۇرلۇققا قەھرى بىلەن ئۆچ ئىدى.نۇرجان بۇلارنىڭ خاراكتىرى بىلەن ئۆزنىڭ خاراكتىرنىڭ ماسلىشدىغانلىقنى ھىس قىلىپ ئۇلاردا ياخشىراك تەسىر قالدۇرۇپ ،تېخمۇ كۆپ مەدىنيەتلىك كىشلەرگە دىسكو خاننى تۇنۇتۇش مەخسىتدە،خۇجايىنغا ئىشقى-مۇھەببەتتىن باشقا مەزمۇندىكى ناخشىلارنمۇ ئۇقۇش تەلپىنى قۇيغاندى.

  

           -بولدۇ ،بۇندىن كىيىن قانداق قىلغۇڭ كەلسە شۇنداق قىل.مەن ساڭا يول كۆرسەتمەيمەن.سىنىڭ قىلغىنىڭ قاملاشمىغاندا مەن سىنى تۇختا  دەيمەن؛-دىدى خۇجايىن تەكەببۇرلۇق بىلەن.

    شۇنداق قىلىپ كۈندىن كۈنگە زۇرايغان دىسكو خانا ئىسمىنى<<ئاقنۇر>>قىلىپ ئۆزگەرتىپ،ئىچنى ناھايتى كەڭرى قىلىپ باشقا بىر جايغا يۆتكەلدى.شۇندىن باشلاپ كۇلۇپ يىڭدىن مۇھەببەتلىشدىغانلارمۇ ،قېرلارمۇ،باللارمۇ خالسا كىرىپ ناخشا ئاڭلايدىغان ئۇنۋېرسال كۇلۇپقا ئايلاندى.ھاراق ئىچدىغانلار بولسا مەخسۇس بەلگىلەنگەن ئۆيدە ئىچەتتى.نۇرمىدىن ئارتۇق ئىچكەنلەر ئۇسۇل مەيدانغا كىرگۈزۈلمەيدىغان بولدى.بۇ دىسكو بىلەن مۇناسۋەتسىز كىشلەرنىڭ ئارام خۇدا ناخشا ئاڭلىشغا قۇلايلىق ياراتتى. نۇرجان سازەندىلەرنىمۇ باشقىدىن ئۆزى قۇبۇل قىلغاندى.

     5-ئايمۇ يىتىپ كەلدى.نۇرجان كەتمىسە بولمايدۇ.شۇڭا خۇجايىننى چاقىرتىپ؛-مەن كىتىش ئالدىدا  بىر پائاليەت ئۇرۇنلاشتۇرۋالسام دىگەن ئۈمىتتە .

     -نىمە پائاليەت؟!

       -......................

      -ياخشى ئىشكەن.ئۇقۇيمەن دىگچە مۇشۇ يەردە ئىشلىسەڭ ياخشى بولاتتى.ئۇقۇساڭمۇ ئالدىغان مائاشىڭ 2-3مىڭ يۈۋەندىن ئاشمايدۇ.شۇنچە زورلىساممۇ ئۇنمىدىڭ،تۇلمۇ قىززىق-دە،سەن.مىنىڭ قۇشۇلماي ئامالىم يۇق.بۇلنى تەڭ چىقىرلى دىگەن گەپنى قىلما!سىنىڭ مائاشىڭ ھېچنىمگە يەتمەيدۇ.مەن بىر ھەپتىلىك پايدىنى چىقراي.

           -رەخمەت سىزگە.......

         -بولدى،بولدى.تەييارلىق قىل.لىكىن كۈلۈپمىزدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ سىنىڭ ياتاق ئۈيۈڭنى ئىكىسكۇرسىيە قىلغۇسى باركەن.ئۇلارنى نائۈمىتتە قويما!

    نۇرجان كۈلدى .بۇ ئۇنىڭ بۇ شەھەردىكى تۇنجى كۈلكىسى ئىدى.

           -بولدۇ،لىكىن بەك قالايمىقان......

            -شۇ،دەل شۇ قالايمىقان ھالەتتىكى ياتقىڭنى كۆرگىسى باركەن.

      بۇنداق تەلەپنىڭ كىلىپ چىقىشغا دەل نۇرجان سەۋەپچى ئىدى.ئۇ كۈندە 8-10سائەت خىزمەت قىلۋەتكەندىن كىيىن  ياتقىدا يەنە ئۈگۈنۈش قىلاتتى.قاچانلاردا ئۇخلاپ قاچانلاردا تۇرغىننى ئۆزمۇ بىلمەيتى.باشقىلارنىڭ ياتىققا كىرىشنى ئۇ ئۆزى چەكلىگەن ئىدى.ھېيىتتا دىسكوخانا بىر نەچچە كۈن تاقالغان بۇلۇپ نۇرجان ئىككى كىچە كۈندۈز ياتاقتىن چىقمىدى.ئىككىنجى كۈنى دىسكوخاندا ئىشلەيدىغان بىر قىز  ئۇنىڭغا تاماق ئەكرىپ بەرگىلى كىردى.قىز كىرگەندى نۇرجان قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.قىز ئىشىكنى بىر نەچچە قېتىم چىكىپ سادا چىقمىغاندىن كىين ياتاققا كىردى.ئۆي ئىچى شۇ قەدەر قالايمىقان  ئىدى. قىز ياتاق ئىچدا ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرشى بولغاندەك تۇيغۇدا بىردەم تۇرغاندىن  كىيىن تاماقنى قۇيۇپ يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.ئۆي ئىچنىڭ ھەممە يىرگە ۋاراق،كىتاپ،دەپتەرلەر چېچىلغان.تاملارغا يوغان ئاق قەغەزلەر چاپلىنىپ،چۈشنىكسىز تەڭلىملەر يېزىلغان.تېخمۇ چۈشنىكسىز رەسىملەر سىزىلغان.ھەممە يەرگە يېيىلغان پارچە قەغەزدە ساپلا  ماتېماتكىلىق،قىزىكىلىق،خېميىلىك ھىساپلاشلار بار ئىدى.

    ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھەيران قالدى.بارلىق مەشىق قەغەزلىرى ئارلاشتۇرۇلۇپ بىرلا قىلنىپ تىزىپ قۇيۇلغاندى.

    -ئاپلا ، كىتاپ دەپتەرلەرنىغۇ ئايرامەن. مەشىق مىساللار تەرتىپنىچۇ؟...بۇ كىمنىڭ ئىشى  ئەمدى.

    ئۇ يۈگۈرۈپ چىققان پىتى ۋارقىردى،ھەمدە ئۇ قىزنىڭ ئۈستىدىن خۇجايىنغا <<تۇرالغۇمغا قانۇنسىز  باستۇرۇپ كىردى>> دەپ شىكايەت قىلدى. قىزنىڭ ياخشى كۆڭلى بىلەن قىلغان ياردىمى قىزغا بىر مۇنچە تاپا تەنە ئېلىپ كەلدى شۇ خالاس. شۇڭا دىسكو خاندىكلەر بۇ ۋەيرانى ياتاققا قىزقىپ قالغاندى.

       نۇرجان ئۇلارنى باشلاپ كىردى.لىكىن ھىلقى قىز كىرمىگەندى.نۇرجان شۇ چاغدا ئۆزنىڭ سەل ئاشۇرۋەتكەنلىكنى تەن ئېلىپ ،قىزغا ناماقۇل بۇلۇپ ياتاققا ئەكىردى.ئۇلار   بىلەن ھەم تۇنجى قېتىم ھەم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پاراڭلاشتى.

    تۇرقى ۋە سۆزگە قاراپ رىياسەتچى دەپ قاراشقا بۇلدىغان بىر قىز  پائاليەتنىڭ باشلانغانلىقنى جاكارلىدى.ئالقىش.ئاۋال <<سىرلىق كۆز>>ۋە تۈۋرۈك ناملىق ئىككى لىرىك ناخشا ئېيتىلدى.ئاندىن ئولتۇرغانلارنىمۇ سەكرىتۋەتكۈدەك شوخ دىسكو مۇزىكسى ۋە نۇرجاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.مەيدان رەسمى قىززىدى،كەينىدىن مىللىيچە ئۇسۇلمۇ ئوينالدى.ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولغاندەك ئادەتتە ھېچكىم كەلمەيدىغان بۇ يەرگە تىلەمچىلەرمۇ كەلمەي قالمىغاندى.لىكىن داستىخان تەرەپكە ھىچكىم يوق ئىدى.تىلمەيتى.بىر نەرسىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۇيۇن كۈرەتتى.ئۈرۈك دىسە چۇرقىرىشدىغان باللارمۇ بىركىم چەكلەپ قۇيغاندەك چوڭ سۈپەتلىك بىلەن ئۇيۇن كۈرەتتى.تېخى ئۇسۇلغا چۈشەتتى.1.5سائەتتىن كىيىن مىھمانلار تاماققا تەكلىپ قىلىندى.تاماق يېيىش ئۆزگىچە بولدى.كىمنىمە خالسا بىرىپ شۇنى يىدى.مەخسەت يىمەيدىغان نەرسىلەرنى باشقىلارنى ئالدىغا ئاپارسىڭىز ئىسراپ بولدۇ.ئاساسىي تاماقلار نى يەپ بولغاندىن كىيىن مۇزىكىغا تەڭكەش ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەر قىزغىن يىيىلدى.باللار ئەزەلدىن ئېرشىپ باقمىغان بىر خىل خۇشاللىق ئىچدە يىمەكلىكلەرنى بىر-بىرگە ئېلىپ بىرەتتى.ئاتا-ئانىسنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتىردىكى ئۈگۈنۈش بېىسىمغا ئۇزۇندىن ئۇچرىغان باللار مەيداننى بېشغا كەيدى.باللار ھارغاندىن كىيىن نۇرجان رىياسەتچى تەرپىدىن سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.

     نۇرجان بۇ قېتىم قاسقان شەپكىنمۇ كەيمىدى،قارا كۆز ئەينەكنىمۇ تاقمىدى.بۇرۇن سۈركىلىپ كىتىشدىن قۇرقۇپ يانداپ ئۈتۈپ كەتكەنلەر ئىچدە بەزلىرى يەرگە قاردى،بەزلىرى كۈلدى.ھەممە ئۇنىڭ سۆزلىشنى كۈتتى.ئەمما ئۇ ياخشى-يامان ،قىرى-ياش بارلىق قېرىنداشلارغا بىر قۇر كۈز يۈگۈرۈتتى.شۇ قەدەر تىنىچ ھالەت 5مىنۇت داۋام قىلغاندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى.

     -ھايات نۆل بىلەن باشلىنىپ نۆل بىلەن ئاخىرلىشدىغان ماتېماتكىلىق ئۇيۇن،ھەربىر مىز ئۆزمىزنى بۇ ئۇيۇننىڭ باش ئاپراتى دەپ قارايمىز.

   ھايات يىغا بىلەن باشلىنىپ يىغا بىلەن ئاخىرلىشدىغان  كۈلكىلىك ئەدەبىي ئەسەر.ھەربىرمىز ئۆزمىزنى بۇ ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى دەپ قارايمىز.شۇڭا بارلىق كىشلەرنىڭ پەقەت بىزنى ئويلىشنى ئۈمىت قىلمىز.باشقىلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قۇيمىز.ئارتۇقچە نەرسىلەرنى تەمە قىلمىز.ئەمىليەتتە بىز ئۆزمىزگە ھەققىي بەخىت،ھەققي خۇشاللىق،ھەققىي بايلىق  بىرەلەيدىغنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزمىز خالاس. بىز ھاياتتىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىي ئەسەردە شۇنداق رول ئېلىشمىز كىرەككى،بىزنى چىن دىلدىن سۆيگەن خەلىققە ئۆزمىزنىڭ سۆيۈشكە ئەرزىيدىغانلىقمىزنى بىلدۈرۈش.تۇغرا بۈگۈن بۇ يەرگە ھاراق ئېلىپ كىلىنمىدى.بەزى ياشلار بۇنىڭغا نارازى بولۇپ ئۆزى ئەكلىپ تەييار قىلىپ قۇيۇشتى.مەن بارلىق ھاراق خۇمار قېرىنداشلىرىمغا  شۇنداق بىر ناخشىنى سوۋغا قىلماقچى. ئەلۋەتتە مەن ھاراق ئىچمەڭلار دىمەيمەن .دىسەممۇ مىنىڭ دىگىنىم نۆلگە ھىساپ.مەن پەقەت دىمەكچى،پەقەت ئايدا بىر قېتىملىق ھارقىڭىزنى ئاز ئىچىپ،بىر قېتىملىق تاماكىڭىزنى ئاز چىكىڭ.ھاراق بىز ئۈچۈن پەيدا بولمىغان .ئۇنىڭدا باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ھەققى بار!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!تىجەلگەن  پۇلڭىزغا دۇنيا پەن تېخنىكىسغا ئائىت كىتاپنى ئېلىپ قۇيۇڭ.بالڭىز ھاراق بىلەن تاماكغا ئەمەس شۇنىڭغا قارسۇن.

                                                         ئەي ئۇلۇغ ئۇيغۇرۇمنى نىشانسىز قىلغان ھاراق،

                                                    شۇ ھالال ئۇيغۇرۇمنى ئىمانسىز قىلغان ھاراق.

                                                    شاد-ئىناق ئائىلنى بەخىتسىز قىلغان ھاراق،

                                                    شىر يۈرەك قەيسەر يىگىتنى چىدامسىز قىلغان ھاراق.

                                                    غۇبارسىز ئۇيغۇر قىزنى ھاياسىز قىلغان ھاراق.





                                                 سەن سەۋەپ مىڭلاپ يىگىت ماڭدى گۈناھ يۇلغا،

                                                 سەن سەۋەپ مىڭلاپ گۈزەللەر چۈشتى ئازغۇن ئورغا.

                                                 سەن سەۋەپ پاك ئۇيغۇرۇم ئايلاندى ھەم ئوغرىغا،

                                                سەن سەۋەپ بۇ تار جاھاندا قالمىدى يول توغرىغا.

                                                 شۇ ئەزىز ئۇيغۇرۇمنى خارۇ-زار قىلغان ھاراق.







                                                  ھارامدىن تۈرەلگەچكە سىنىڭ شۇ ئىپلاس تىنىڭ،

                                                  ھارامدىن قۇيۇلغاچقا سىنىڭ شۇ ئىپلاس نامىڭ.

                                                 ھەممىدىن<<غالىپتۇرسەن>>يۇق پەقەت نالە-دادىڭ،

                                                 ئاگاھ   بول   گۇمران  بۇلۇرسەن ئاخرى غادايغانىڭ.

                                                  ئىسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!



                                               ئىسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!

                                             <<  ئىسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!>>بۇ سۆزنى دىگەچ بىر بۇتۇلكا ھاراقنى ئىلىپ كەلدى-دە بارلىق غەزەپ نەپرىتى بىلەن يەرگە ئۇردى.ئارقىدىنلا كۈچلۈك ۋارقىردى.

    -بۇ مىنىڭلا ئەمەس بارلىق ماڭا ئوخشاش ئۇقۇغۇچلارنىڭ  ئورتاق ئارزۇسى.



     ناخشىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بەزلەر كۆزلىرىگە ياش ئېلىشت يەنە بەزلەر بولسا <<ئىشنى قىلسىچۇ>>دىگەن مەندە كۈلۈمسىردى.لىكىن بىردىنلا بىرمۇنچە ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچلىرى بۇ ناخشىنى قايتىدىن بىرلا  ۋاقىتتا ئۇقۇدى بارا-بارا مەيداندىلەرنى ھەممىسى دىگۈدەك ئېيتىشقا باشلىدى.

               ئسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!!

   نۇرجان پائاليەتنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىكى مەخسىتگە ئاساسەن  يەتكەنلىكنى پەملەپ،سەھنىدىن چۈشتى دە خۇجايىندىن باشقىلارغا بىلىندۈرمەيلا  بۇ يەردىن ئايرىلدى.چۈنكى ئۇ  8سائەت يول يۈرۈپ يۇرتىغا بارغاندىن كىيىن  ئەتە ئەتكەندە  ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانغا قاتنىشدۇ.ۋاقىت شۇنچە قس قالغان بۇلسىمۇ ، ئۇ يەنە دىسكو خاننىڭ كۇنا ئىزغا  باردى. ھەمدە بۇ دىسكۇ  ئىشچى بۇلۇپ كىرىش ئۈچۈن تاشلىۋەتكەن ۋىجدانى،غۇرۇرى،پەزلىتنى ئېلۋالدى.ئۇ ماشىندا كىتۋاتاتتى.ئۇنى مۈگدەك باستى.

    ئۇ سەھەرگە كىردى.شەھەرنىڭ كۆپ قسىم يەرلىرىگە <<ئىسمىڭ ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!>>دىگەن خەتلەر چاپلانغان ئىدى.بۇرۇنقىدەك كۇچلاردا ھايۋان كەبىي ياتدىغان ھاراقكەشلەرمۇ يۇق ئىدى.شەھەر نۇرجاننىڭ كۆزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل،ئەڭ باياشات،ئەڭ مەدىنيەتلىك شەھەردەك كۈرۈندى....................

                                                          ئىسمىڭ  ھارام جىسمىڭ ھارام ھارامدىن بولغان ھاراق!!!

                                                       (تۈگدى)

              ئاپتۇرى؛    Bنۇرمال (نەسىرى قىسمى)ۋاقىت5.2(شېئرى)  يوللىغۇچى؛Bنۇرمال .

  روخسەتسىز  يۆتكىمەڭ! مەسئۇليەتكە ئۆزڭىز ئىگە بولسىز.

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2007-11-14 08:04:37

ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯩﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻳﺎﺯﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻜﻪﻧﺘﯘﻕ . ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﯞﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﯚﭖ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯨﺖ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﺪﺍ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﺩﯨﻞ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﻩﺯﻧﻰ ﻛﯚﺭﯨﯟﺍﻟﺪﯗﻕ . ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻱ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ .
بەت: [1] 2
: ﺩﯨﺴﻜﻮ ﺧﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ(Bﻧﯘﺭﻣﺎﻝ)