مۇختەرب يوللانغان ۋاقتى 2007-11-4 14:33:02

ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ( 3

ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ

1918 - يىلى 5 - ئايدا ، يىڭى تىكلىنىۋاتقان سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمۇتانى ئىگەللىگەن قىزىل گىۋاردىيە قىسىملىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ يەتتە سۇ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا - قۇيۇق قىرغىن قىلىشتەك قانلىق ۋەقە يۈز بەردى . مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى زىيانكەشلىك قىلىش سۈيقەستى بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ قانلىق پاجىئە ئەينى ۋاقىتتا يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئىغىر بالايى ئاپەتكە دۇچار قىلىپ ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەت قالدۇرغان .
يىڭى تىكلىنىۋاتقان سۆۋىت قىزىل ئارمىيىسى نىمە ئۈچۈن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنى بۈنچە قىرغىن قىلىدۇ ؟
1917 - يىلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى غەلىبە قىلىپ ، چار پادىشا ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن ، تارمار قىلىنغان ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ قالدۇقلىرى يوشۇرۇن تۈردە جاي - جايلارغا بىرىپ تەتۈر تەشۋىقات ئىلىپ بىرىپ ، كىشىلەرنى ئۆز تەرىپىگە ئۆتۈشكە ۋە سوۋىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قۇتراتقان . ئاقلارنىڭ ئاز ساندىكى ئوفىتسىرلىرى ئالماتا تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى ئارىسىدىمۇ << بولشىۋىكلار دىنغا ئىتىقات قىلىدىغانلارنى جازالايدۇ ، شەخسىلەرنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋالىدۇ ..... >> دىگەندەك تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئىلىپ بارىدۇ . بۇنداق تەشۋىقات يەتتە سۇ رايۇنىدىكى چىلەك قاتارلىق رايۇنلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئىلىپ بىرىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭغا ئىشىنىپ يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن سوۋىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەركەتلەرگە قاتناشقان . 1918 - يىلى فىۋرالنىڭ ئاخىرى بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار قارسۇ بولۇسلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى باشلاپ ، كەتمەن - گۈرجەك ، ئارا - ئوغاققا ئوخشاش ئىنتايىن قالاق قوراللار بىلەن قوراللىنىپ قىزىل ئارمىيە ئىگەللىۋالغان ئالمۇتا سىپىلىغا ھۇجۇم قىلغان . سىپىل ئىچىدىكى مۇنتىزىم قوراللار بىلەن قوراللانغان قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى قاتتق قايتۇرما زەربە بىرىپ ، 3 - ئاينىڭ 2 - كۈ نىگە قەدەر ئىسيانچى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقان . سىپىل ئىچىدىكى قىزىل گىۋاردىيە كوماندىرلىرى ئىۋان مامۇنتۇۋ ، مۇرايىۋلار مەسىلىگە ئىنتايىن خاتا ھالدا مىللەتچىلىك نۇقتىنەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، 1918 - يىلى 5- ئايدا ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچ ئىلىش خاراكتىرلىك جازا يۈرۇش قوزغىغان . مۇرايىۋ قوشۇنلىرى ئالماتادىن غالجاتقىچە بولغان چىلەك ، كىيىكۋاي ، ئىنچىكە بۇلاق ، قۇرام ، لاۋار ، مالىۋاي ، قاراتۇرۇق ، بايسىيىت ، قارا يوتا ، غەيرەت ، ئاۋات ، دولاتا ، تۈگمەن دىگەندەك ئۇيغۇر يىزا قىشلاقلىرىغا ھوجۇم قىلىپ ، ئالمۇتا سىپىلى ۋەقەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان بىگۇنا ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇنلا رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلغان .
بۇ پاجىئە ئەڭ دەسلەپ چوڭ ئاقسۇدىن باشلانغان . مۇرايىف قوشۇنلىرى ئىككى يۇزدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى ئۇتتۇرا كوچا بىلەن ھايداپ كىلىپ ، سادىر ئىمام دىگەن كىشىنىڭ ئىشىگى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ ، ئارقا تەرەپتىن پڭلۇمۇتقا تۇتقان . ئۆلمەي مىدىرلىغانلىرىنى نەيزە بىلەن سانجىپ ، تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۇرگەن . كوچىمۇ - كوچا ، ئۇمۇ - ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇپ كىلىنگەن ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلغانغا قەدەر ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئوققا تۇتۇلىدىغانلىغىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەن . چىلەك ناھىيىسىنىڭ لاۋار ، ئىنچىكە بۇلاق دىگەن يىزىلىرىدىمۇ مۇرايىف قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالدا قىرغىن قىلغان . لاۋارنىڭ ئكستەڭ سۇلىرى قىپ - قىزىل قانغا بويالغان . تۇگمەن يىزىسى ئاممىۋى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرقى چىكى بولۇپ ، بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاھالىسى قىرىپ تاشلانشان . نەچچە كۇن داۋام قىلغان << ئاتۇ قىرغىنچىلىغى >> جەريانىدا ، نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆلتۇرۇلگەن . پەقەت چىلەك يىزىسىنىڭ قۇرام يىزىسىدىلا 3000غا يىقىن ئۇيغۇر قىرىپ تاشلانغان .
ئۇنىڭدىن باشقا قىرغىنچىلىق داۋامىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۇشۇپ ئۇركۇپ كەتكەن سان - ساناقسىز ئۇيغۇر ئاھالىلىرى جان قايغۇسىدا تەرەپ - تەرەپكە پىتراپ قىچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان . بەزىلەر تاغ - ئكڭكۇرلەرگە يوشۇرۇنغان . بەزىلەر ئۇزاق سەپەرلەردە ھىرىپ - چارچاپ ، ئاچ - يالىڭاچ قىلىپ ھەر خىل كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ئازاپ چەككەن ، يۇزلىگەن ئۇششاق بالىلار ۋە تىنى ئاجىز قىرىلار ئاچارچىلىق ۋە كىسەللىك بىلەن ئۆلۇپ كەتكەن . نۇرغۇنلىغان ئاھالە باشقا يۇرتلارغا ۋە چەتئەللەرگە قىچىپ كەتكەن . قىچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مال - مۇلۇكلىرى تالان - تاراج قىلىنغان . قىسقىسى ، قىرغىنچىلىقتىن كىيىنكى سەرسانلىق - سەرگەندارلىق ۋە ئازاپلىق تۇرمۇش تىخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلغان . ناھەق قىرىپ تاشلانغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى ئۇزاق يىللارغىچە جۇدالىق ۋە ئۇۋالچىلىق دەردىنى تارتقان ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خورلانغان . دىمەك بۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كوپ قىسمى ئۇزاق مەزگىلىگىچە ئېسىگە كىلەلمىگەن.

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2007-11-4 15:39:01

ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ ﺗﯩﻨﯩﻢ ﺷﯜﺭﻛﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﻳﺎﺵ ﻟﯩﻐﯩﺮﻻﻳﺪﯗ . ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﯩﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﻪﻟﻪﺭ ﻧﯩﻤﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ !

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2007-11-4 15:58:33

ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺳﻪﯞﯨﺮ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭ ﺳﺎﻕ ﻛﯧﺮﻩﻙ...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2007-11-4 16:04:34

ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ \"ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ \"ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﻰ .

Perhad يوللانغان ۋاقتى 2007-11-4 16:49:42

ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﯘﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ....

ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻧﭽﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﯩﺴﯩﺘﯩﻐﺎﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ....ﺳﺎﻳﺒﺎﻏﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.ﻧﻪﻧﻠﯩﻴﺎﯓ.ﺑﯘﻻﻕ ﺑﯧﺸﻰ  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﯩﻠﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ...ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺟﺎﯓ ﭘﯩﻴﻴﯘﻩﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ...ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺷﯩﯖﺸﯩﺴﻪﻱ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﻜﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.ﺳﻮﯞﯨﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ..ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ،،،ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ 3000 ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ....ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﺳﻰ ﭘﯘﺗﯘﻧﻠﻪﻱ ﺗﯘﮔﯘﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ..ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ  ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺯﯨﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﺩﺍ ﻳﯩﺰﯨﻠﻤﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻝ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻤﯩﺪﻯ..
  ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺯﯨﺨﯘﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ..ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ..ﯞﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﻩﻗﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺴﻪ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ،ﻗﯧﻠﯩﭻ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ....
ﺑﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2007-11-4 18:05:14

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﻎ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﯨﺪﯨﻢ .

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2007-11-4 20:01:53

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2007-11-4 23:46:49

ﻳﯧﺰﯨﯖﻪ، ﻣﯘﺧﺘﻪﺭﺑﺎﻱ!

Estami يوللانغان ۋاقتى 2007-11-5 02:28:15

ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯧﻤﻐﯩﻼﻡ ﺗﯚﻛﻪﻳﻠﻰ .

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2007-11-5 10:47:21

ﺗﯚﻛﯜﭖ ﺗﯘﮔﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ  !

hakzat يوللانغان ۋاقتى 2007-11-6 15:03:44

ﻣﯘﺧﺘﻪﺭﺑﺎﻱ، ﮬﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﯩﺰ، ﯸﺴﯩﻞ ﺗﯧﻤﯩﻠﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﺭﺑﯩﺰ!

uygurtilak يوللانغان ۋاقتى 2007-11-10 17:52:54

ﻣﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯩﺴﺎﻣﻼ ....ﮬﻪﻱ .. ﺑﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯘﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻮﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ ﺩﻩ .....ﮬﻪﻱ .. ﺑﯩﺰ ﮬﯩﻠﯩﻤﯘ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ.. ﺑﺎﺗﯘﺭ ..ﮬﻪﻡ ...........ﺋﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ .

tayger يوللانغان ۋاقتى 2007-12-16 18:34:42

ﻳﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ.

yultuz01 يوللانغان ۋاقتى 2008-1-12 21:38:53

ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺑﯧﺸﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎﻻﻳﻰ-ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻥ.ﺗﺎﻻﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﮬ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻟﯜﭖ،ﻗﺎﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯧﻘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ.
ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻕ ،ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺕ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﻧﯩﻤﻪ؟

nopano يوللانغان ۋاقتى 2009-2-15 18:35:15

چوڭ ئاپامنىڭ دىيىشىچە(ياتقان يېرى جەنئەت بولسۇن) شۇ چاغلاردا ئۈچ تاشتىكى ئۇيغۇرلار دەرۋازىلىرىنى چىڭ تاقىۋېلىپ قوللىرىدا بار بولغان قوراللار بىلەن ئۆزلىرىنى قوغدىغان ئىكەن. كېيىن رۇس مۇنتىزىم ئاتلىق ئەسكەرلىرى يولدا ئۇچرىغان تۇڭگانلارنىڭ بېشىنى كېسىپتىكەن(بىگۇناھ پۇخرالارمۇ باركەن) ۋە جەسەتلەرنىڭ كۆپلىگىدىن تۇپراققا بېرەلمەي ،ئۇلانبايغا ھارۋىلىق يۆتكەپ بېنزىن چېچىپ كۆيدىرىپتىكەن. شۇ چاغلاردا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى.،

UDUN يوللانغان ۋاقتى 2009-3-11 15:01:42

مۇختەرباي يوقاپ كەتتىغۇ.؟ باشقاتوربەتلەردىمۇكۆرمىدىم .!
بەت: [1]
: ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ( ﻣﯘﺧﺘﻪﺭﺑ