TunQuyashi يوللانغان ۋاقتى 2007-10-29 16:22:14

ﺋﻪﺯﯨﺰﺍﻧﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ- ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ - ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ 2003 - ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2004 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻣﯩﺰ :

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺑﯩﻴﯧﻜﺘﻰ

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 4 ﺧﯩﻞ ﺗﻮﭘﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺑﯩﻴﯧﻜﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
1.ﺯﻩﮬﻪﺭ ( ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ، ﻧﻪﺷﻪ، ﻛﻮﻛﺎﻳﯩﻦ، ﺧﯩﺮﻭﺋﯩﻦ ) ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ
2. ﺟﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
3. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺒﻮﻻﺗﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ 13 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
4. ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ،ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ

1. ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻰ

ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ 400 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺗﺎﺷﻼﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 99 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ - ﻛﻮﻣﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻗﻼﺭ 301 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ 351 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ 49 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻳﯧﺸﻰ8. 38 ﻳﺎﺵ، ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯕﻰ 83، ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ 16 ﻳﺎﺵ. ﺧﻪﻧﺰﯗ 28 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 369 ﻧﻪﭘﻪﺭ (% 25. 92 ).
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﻰ 111 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ 102 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 22 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯘﺭﺳﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﺭ 10 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ 253 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ 147 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
306 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯔ ﺟﯚﺭﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 30 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺟﯚﺭﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻨﺴﯩﻲ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﯩﻤﯘ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ 400 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ 310 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ 95 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ؛ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ 90 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 2 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

ﺑﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ %70ﮔﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .

2.ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻰ

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﻼﺭﺩﯨﻦ 300 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 33 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪﺍ، 175 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻛﯜﺗﯜﺵ،ﮬﻮﺭﺩﺍﻗﺨﺎﻧﺎ، ﻗﺎﯞﺍﻕ، ﻛﺎﺭﺍ ﺋﻮﻛﯧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ،92 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺳﺎﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﺎ، ﭘﻪﺭﺩﺍﺯﺧﺎﻧﺎ، ﭘﯘﺕ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﻛﻮﭼﺎ - ﻛﻮﺗﺎﯓ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ 16 ﻳﺎﺵ، ﭼﻮﯕﻰ 45 ﻳﺎﺵ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ 3. 24 ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ 205 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 87 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ 8 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺑﯘ300 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 2 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 1 ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﭘﭽﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ 167 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ 27 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ 20 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ 86 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﭘﭽﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

3. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺒﻮﻻﺗﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭ

ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﻰ 400 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭ 244 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﺎﻳﺎﻝ 156 ﻧﻪﭘﻪﺭ. ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ 304 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ 81 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ 235 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 159 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ 6 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺳﯩﻔﻠﯩﺴﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ 23 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

4. ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ

ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 802 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ 16 ﻳﺎﺵ، ﭼﻮﯕﻰ 40 ﻳﺎﺵ. ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ 760 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ 42 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 729 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ 61 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ 12 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 1 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ 70%ﮔﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
----------------

ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ << ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻨﯩﯔ2005 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 10 - ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ 11 - ﺟﯩﻠﯩﺖ 5 - ﺳﺎﻥ 354 - ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﻗﺎﻳﺘﺎﺭﻣﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻤﻪ : ﺗﯜﻥ ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻣﻪﻥ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﯩﻼ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﺧﺲ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ - ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻏﯩﻼ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ.

Perhad يوللانغان ۋاقتى 2007-10-29 17:52:18

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯘ؟!2004-ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻥ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ

uyghur.po يوللانغان ۋاقتى 2007-10-29 17:57:04

قانداق قىلىمىز ھۆكۈمەت ئوچۇق ئاشكارە ئىچكىردىن چىققان تەتەيلەرنى ئۇيغۇر ئىلىدە جىنسى تىجارەت قىلغىلى قويسا ! ساتراچخانا دەپ شۇنداق ئوچۇق ئوچۇق بەدەنلىك تەتەيلەرنىڭ سۈرئىتىنى چىقىرىپ ۋىۋىسكا ياسىسا كارى يوق! ... ئاخشاملىرى ئاتا ئانىسى بىلەن بىرگە چىقشقىمۇبولمىسا ، ئادەمنى توۋلاپ!!! rL|q6PdQ[l=
تەتىلدە قايىتسامئىككى يىلنىڭ ئىچىدە شۇ تەلپەكتەك ناھىمىزدە شۇنداق جايلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم! نىمە دىيىشىمنى نىمە قىلىشىمنى بىلمەيلا قالدىم ! يەنە ئون يىلدىن كىيىن بۇ زىمننىڭ قانداق بىر ھالەتكە كىلىپ قالدىغننى تەسەۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم!!!شۇ بىزنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقداشلار ، مەن نىمە دىيشىمنى بىلمەي قالدىم دىسە!! ھەممىس شۇ تاماششا بىلەن!!!
.................................................................................................................................... 
ئۈرۈمچىدە بۇنداق جايلار نىمىشائۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكىدەك ئۇنداق ئوچۇق ئاشكارە ئەمەس؟ لىكىن ئاشۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبى قىسمىدا...........؟؟؟؟
ھەممىسى ئۇيغۇرلاردىكى بىلىمسىزلىك ، نادانلىق ،ۋە ئىغىر ئىشسزلىقدىگەندەك بىر تالاي ئىشلاردىن بولمامدۇ!

uyghur.po يوللانغان ۋاقتى 2007-10-29 17:58:12

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2007-10-29 18:54:01

<< ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮊﻭﺭﻧﺎﻝ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﭼﯩﻘﺎﻣﺪﯗ؟

TunQuyashi يوللانغان ۋاقتى 2007-10-29 18:55:07

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ !

sarang2 يوللانغان ۋاقتى 2007-10-31 10:34:21

ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻧﯩﻢ ﺑﻮﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﻮ ﺑﺎﺭﺩﯗ؟

tantak يوللانغان ۋاقتى 2007-11-1 19:48:26

ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﯩﺸﻰ ﺋﺎ ﻟﯩﺪﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻮﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﯘﻣﻠﯜﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﺪ ﻧﻰ ﺋﯩﻠﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ.ﮬﻪﻣﯩﻤﯩﺰ ﺟﻮﺭﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻻﻳﯩﻠﻰ.

بەت: [1]
: ﺋﻪﺯﯨﺰﺍﻧﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ( 2003-