nargiz-guli يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 21:10:52

ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﯨﺴﯩﯖﯩﺰ...

بەختلىك ئائىلە قۇرۇشتا بەزى ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردىن بولۇشنىڭ ھەقىقىي ئۆلچەملىرىنى دىگۈدەك بىلىپ يىتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سۆيۈملۈك ئاياللار << ئائىلە ئىقتىسادىنى تۇتۇشتا ئۆز نەپسىگە چوغ تاتماي، ئائىلىنىڭ ئورتاق مەنپەتىنى ئاساس قىلسا، چوڭ سۈپەت، پاكىز، چىرايلىق كىيىنسە، ئەرگىمۇ باشقىلارغىمۇ ئېسىل كۆرۈنۈپ، سۆيۈملۈك ئاياللار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ>> دەپ قارايدۇ. بەلكى بۇ خىل قاراشنى ئانچە خاتا دىگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما دىگۈدەك مۇكەممەل قاراشمۇ ئەمەس.
   ئۇنداقتا زادى قانداق ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللار بولالايدۇ؟ بۇ ھەقتە ھەممە كىشىنى قايىل قىلىدىغان بىرەر <<تەرىپ>> بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرنى ئۆزىگە ھازىرلىغان ئاياللار سۆيۈملۈك ئايال بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە:
   1) بەلگىلىك نەزىرىيىۋى بىلىم سەۋىيىسىگە ئىگە ئاياللار. بىلىم ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىي تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى ۋە يىغىنچاقلىنىشى. مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن، بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتە پەرقلەرنىڭ بولۇشۇ تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما، ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ساۋاتسىز ئايال بىلەن ساۋاتلىق ئايال، ساۋاتلىق ئايال بىلەن بىلىملىك ئايال ئوتتۇرسىدىكى روشەن پەرق، ھامان ئۇلارنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىدىمۇ ئىجتىمائىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ.
   2) قابىلىيەتلىك ئايال. قابىلىيەت __ ئەمەلىي پائالىيەتلەردە شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان، پائالىيەت ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر قىلىپ، ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان پىسخىك ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت.
   بەزى ئاياللارنىڭ ئۆز كەسپىدە ياكى مەلۇم بىر ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇدەك قابىلىيىتى بار تۇرۇقلۇقمۇ، ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىدى دىيىشىدىنياكى باشقىچە تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز قابىلىيىتىنى ئىشقا سالمايدۇ، ئاشكارىلىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغان قابىلىيەتلىك ئاياللاردىن سۆيىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
  3) ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە ئاياللار. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان << ئۆزىنى قۇربان قىلىش>> ھەرگىز ئېرى نىمە دىسە << لەببەي>> دەپ قول باغلاپ تەزىم قىلىدىغان، ھەرقاچان ئىتائەتمەنلىكنى قولدىن بەرمەيدىغان بىچارە سۈپەت ئاياللارنى كۆزدە تۇتماستىن، بەلكى ئېرىنىڭ كۈلكىسىگە كۈلكە، يىغىسىغا يىغا ئاتا قىلالايدىغان گېزى كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان ئاياللار كۆزدە تۇتىلىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۆزىنىڭ تاشقى گۈزەللىكىنى، ئەخلاقلىقلىقىنى دەسمايە قىلىپ، ھەر قاچان بىر خىل ھالەتتە لۆم - لۆملۈك بىلەن ئۆتىدىغان ئاياللار ئەرلەرنى بىزار قىلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبى، ئۇنداق ئاياللار ئېرىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياخشى ھىمايەتچى، ياخشى مەسلىھەتچى بولالمايدۇ. ئاياللار سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن، << ئىتائەتمەن>> بولۇش بىلەن << ئۆزىنى قۇربان قىلىش>>نى ئېنىق پەرقلەندۈرۋېلىشى لازىم.
    4) خۇش - خۇي خۇشچاقچاق ئاياللار ، چىھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرۇش روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىق ھەم ئۈستۈنلۈكنىڭ ئىپادىسىدۇر. چاقچاق ھەم غەم -ئەندىشىنى يوقىتىدۇ. قايسى ئائىلىدە چاقچاق ۋە كۈلكە ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگەللىسە، شۇ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى كۈچىيىدۇ، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق، كۆڭۈلدىكىدەك ھەل بولىدۇ. بىراق، بىر مۇنچە ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن ۋاقتىنى يوقىلاڭ تەشۋىشلىنىش، غەم - ئەندىشىلەر بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىدۇ، قارىماققا ئۇلار ئائىلىسى ئۈچۈن غەم يەۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىردەمبولسىمۇ ئېچىلمايدىغان ئۇنداق غەمكىن چىرايى ئېرىنىڭ نەزىرىدىكى <<سۆيۈملۈك>> ئوبرازىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
   5) سەۋەنلىكنى دەرھال ئېتىراپ قىلالايدىغان ئاياللار. بۇنداق ئاياللار ئاق كۆڭۈل ئايال بولۇپ، ئەردە ئىشەنچ پەيدا قىلالايدۇ، سۆزى بىلەن ھەركىتىدىكى بىردەكلىك ئەردە سۆيۈنۈش تۇيغۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئادەتتە بۇنداقئاياللارنىڭ چىرايى گەرچە ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئاشۇنداق ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئېرىنىڭ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىشىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ.


                                     تىلىۋالدى ئەيسا  
                                     ئاياللار ۋە بەختلىك ئائىلە

turhun69 يوللانغان ۋاقتى 2007-11-11 20:38:44

5) سەۋەنلىكنى دەرھال ئېتىراپ قىلالايدىغان ئاياللار. بۇنداق ئاياللار ئاق كۆڭۈل ئايال بولۇپ، ئەردە ئىشەنچ پەيدا قىلالايدۇ، سۆزى بىلەن ھەركىتىدىكى بىردەكلىك ئەردە سۆيۈنۈش تۇيغۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئادەتتە بۇنداقئاياللارنىڭ چىرايى گەرچە ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئاشۇنداق ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئېرىنىڭ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىشىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ.

...................................................................
ﻣﯘﺷﯘ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 21:56:23

ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺳﯜﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ.......
ﻣﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺳﯜﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ؟

Estami يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 23:37:47

ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻏﯧﻤﺪﯨﻤﺎ

Muxtak يوللانغان ۋاقتى 2007-10-27 16:45:03

ﮬﻪﻱ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻏﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.

Muxtak يوللانغان ۋاقتى 2007-10-28 03:27:08

ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻏﻪﻣﺪﯨﻦ ﺩﻭﭖ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻢ، ﺧﺎﺗﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺳﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2007-10-28 07:48:25

ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻗﭽﻰ؟
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻣﺴﯩﺰ
----
ﺋﯧﺴﺘﻪﻣﻰ
ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ ﺩﯨﺴﻪﻡ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ
بەت: [1]
: ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﯨﺴﯩﯖﯩﺰ...