afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 12:50:36

ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻳﻠﻰ

ﺑﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻣﯘ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﮬﯜﻧﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻳﻠﻰ ، ﺋﻪﺱ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ ...

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:19:19

قوۋۇرغا شورپىسى
خۇرۇچى :
قوي قوۋۇرغىسى بىر كىلوگرام ، چاۋا ياغ 100 گىرام ، پىياز بىر باش ، چامغۇر ئۇچ باش ، سەۋزە بەش باش ، پەمىدۇر بىر دانە ، تۇز ، قەلەمپۇر ، قارىمۇچ مۇۋاپىق مقداردا .
ئىتىش ئۇسۇلى :
قوينىڭ توشىى ياكى قوۋۇرغىسنى سوغۇق سۇغا سىلىپ ، سۇ قاينىغاندا ، چاۋا ياغنى ئۇششاق توغراپ سىلىندۇ . ئاندىن قايناۋاتقان شۇرپىغا پىياز ، چامغۇر ، سەۋزە ، پەمىدۇر ، تۇز ، قەلەمپۇر ، قارىمۇچلارنى سىلىپ ، 15 مىنۇت تىز قاينىتىپ ، كىيىن ئوتنى پەسەيتىپ ، بوش ئوتتا قاينىتىپ پىشۇرلىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
تەملىك ، پۇراقلىق ، پۇتۇن بەدەننى ئوزۇقلاندۇردۇ ، قان تۇلۇقلايدۇ .

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:19:41

قۇيماق
خۇرۇچى :
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ، تۇخۇم توت دانە ، سۇ يىغى بىر كىلوگرام ( خورايدىغنى 140 گىرام )، خىمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق ، سۇ بىر كىلوگرام .
ئىتىش ئۇسۇلى :
1 . ئۇنغا خىمىرتۇرۇچ ، تۇخۇم سىلىپ سۇ قۇيۇپ ، سۇيۇق شېرە خىمىر يۇغۇرۇپ ئىسسىق جايدا 15 مىنۇت تىندۇرلىدۇ .
2 . قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ ، تىندۇرغان سۇيۇق شىرە خىمىرنى قۇشۇق ياكى كىچىك چومۇچ بىلەن ياغقا قۇيۇپ سارغايتىپ پىشۇرلىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
تىشى چۇرۇك ، ئىچى يۇمشاق ، يىيىشلىك . ئىشەنمىسڭىز ئىتىپ يەپ بىقىڭ .

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:20:11

بولكا
خۇرۇچى :
ئاق ئۇن 3 كىلوگرام ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ، قۇلماق مۇۋاپىق ، ئىرىتكەن قوي يېغى 175 گىرام .
ئىتىش ئۇسۇلى :
1 . قۇلماقنى ئىلمان سۇدا ئېچىتمىز .
2 . 70 گىرام ئاق ئۇننى قايناق سۇغا چىلىپ ، سوۋۇتۇپ ئىلمان بۇلغاندا ، ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا خېمىرتۇرۇچ سىلىپ 4 سائەت تۇرغۇزۇپ ، ئاندىن ئىچتىلغان قۇلماق سۇيىگە ئارلاشتۇرلىدۇ .
3 . بىرىنچى قىتىم : قۇلماق سۇيگە ئارلاشتۇرۇلغان شىىرىگە 500 گىرام ئۇن سىلىپ سۇيۇق خىمىر قىلىپ ، ئازراق بۇلدۇرلىدۇ . خىمىر كوپۇشكە باشلىغاندىن كىيىن 3 قىتىم ئورلەپ 3 قىتىم ياندۇرلىدۇ .
ئىككىنچى قىتىم :ياندۇرۇلغان خىمىرغا بىر كىلوگرام ئۇن سىلىپ ، ئىلمان سۇ قۇيۇپ يۇغرۇپ بىر سائەت بۇلدۇرلىدۇ .
ئۇچۇنچى قىتىم: بۇلدۇرۇلغان خىمىرغا ئىككى يىرىم كىلوگرام ئۇننى سىلىپ بىر يىرىم سائەت قۇيغاندىن كىيىن ىلاغان شەكىلدە بۇلكا ياساپ ، ياغلانغان لىسقا سىلىپ ، ىىمىر كۇپۇپ چىققاندىن كىيىن ، دۇىۇپكىغا سىلىپ يىرىم سائەت پىشۇرۇلىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
ئىچى كاۋاك ، تەمى تاتلىق ، چۇچۇك ، كۇرۇنۇشى چىرايلىق . قۇساق ئاچقاندا تۇيغىدەك يىسڭىز بۇلىدۇ

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:20:37

بولاق مانتا
خۇرۇچى :
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ، لوق قۇي گۇشى بىر كىلوگرام ، ئىلمان سۇ 300 مىللىمىتىر ، پىياز 500 گىرام ، سوققان زىرە مۇۋاپىق مىقداردا ، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا ، شولتا ئازراق .
ئىتىش ئۇسۇلى :
1 . ئۇنغا تۇز ۋە خىمىر تۇرۇچ سىلىپ ، تۇزى كەمرەك خىمىر يۇغۇرۇپ ، ئىسسىق جايدا يۇگەپ 1-2 سائەت بۇلدۇرلىدۇ .
2 . گۇشنى ئۇششاق توغراپ ، ئىلمان سۇ سىپىپ ، تۇز ، ئۇششاق تۇغرالغان پىياز ۋە سوققان كاۋاۋىچىن ، زىرىنى سىلىپ ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىندۇ .
3 . بولدۇرغان خىمىرغا شۇلتا سۇيى بىرىپ ئىشلەپ ، 20 دانە زوۋلا ئوزۇپ ، قۇل بىلەن بىسىپ قىلىنراق جىلىت ئىچىپ ، ئىچىگە قىيما سىلىپ مانتا تۇگۇپ ، قاسقانغا سىلىپ ، تىز ئوتتا 20 - 25 مىنۇت ھوردا پىشۇرلىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
قىيمىسى مەززىلىك ، خىمرى يۇمشاق ، سىڭىشلىك بۇلىدۇ .

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:21:02

بەتتە پولۇ
خۇرۇچى :
گۇرۇچ ئىككى كىلۇگرام ، زەنجىۋىل سۇيى ئازراق ، گۇش 500 گىرام ، سۇققان كاۋاۋىچىن بىر چىمدىم ، ياغ 200گىرام ، سامساق بىر تال ، يىسۋىلەك 250 گىرام ، پۇرچاق ئۇنى 35 گىرام ، پنتوزا 140 گىرام ، سوققان زەرچىۋە بىر چىمدىم ، سۇڭپىياز 70 گىرام ، زىرە مۇۋاپىق ، پەمىدۇر بىر تال .
ئىتىش ئۇسۇلى :
1 . گۇرۇچنى پاكىز تازلاپ ، ئىلمان سۇ بىلەن 3-4 قىتىم يۇيۇلىدۇ .
2 . سەۋزىنى قەلەمچە ، گۇشنى نىپىز ، يالپاق ، يىسۋىلەكنى چاچتەك ئىنچىكە توغرىلىدۇ . پنتوزا قىزىق سۇغا چىلاپ قۇيۇلىدۇ . سۇڭپىياز ، پەمىدۇر ، سامساقلار ئۇششان تۇغرىلىدۇ .
3 . قازانغا 105 -140 گىرام ياغ قۇيۇپ ، 7 - 8 دەرجە قىزىتىپ ، ياخشى داغلىغاندىن كىيىن گوشى شىلۋىلىنغان سوڭەكنى ياققا سىلىپ رەڭگى قىزارغىچە قورۇلىدۇ . كىيىن سوڭەكنى ئىلۋىتىپ ، پىيازنىڭ بىر قىسمىنى سىلىپ سارغايتىپ ، ئاندىن توغرالغان سەۋزىنى سىلىپ ئازراق تۇز سىپىپ ئارلاشتۇرۇپ قورۇلىدۇ . سەۋزە قورۇلۇپ قىزغۇچ رەڭگە كىرگەندە پولۇغا كىتدىغان سۇنىڭ يىرىمىنى قۇيۇپ ، ئۇنىڭغا زىرە ، ئازراق زەرچىۋە سىلىپ ، 10 -15 مىنۇت قاينىتىلىدۇ . ئاندىن تۇز تەمنى تەڭشەپ ، گۇرۇچنى سىلىپ ، گۇرۇچنىڭ ئوستىدىن بىر سانتىمىتىر كوتۇرلۇپ تۇرغىدەك قايناق سۇ قۇيۇپ ، ئوتنى پەسەيتىپ ، چوغنىڭ قىزىقىدا قازان تەكشى قاينىتىلىدۇ . ئاش قايناۋاتقاندا بىر نەچچە يىرگە تاياق سانچىلىدۇ . گۇرۇچ سۇنى ئاساسەن سىڭدۇرۇپ بۇلغاندا ، ئاش 10 - 15 مىنۇت دەم يىدۇرلىدۇ .
4 . تۇغرالغان گۇشنى چىلانغان پۇرچاق ئۇنىنى تۇز سىلىپ ئارلاشتۇرۇپ ، قازاندىكى 6-7 دارىجە قىزىقلىقتىكى ياققا گۇشنى سىلىپ قىزارتىپ قۇرۇپ ، ئاندىن سۇڭپىيازنى سىلىپ قۇرۇپ ئارقىدىن يىسۋىلەكنى سىلىپ سارغايغىچە قۇرۇلىدۇ . قۇرۇش جەريانىدا زەنجىۋىل سۇيى ، كاۋاۋىچىن ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سىلنىدۇ . ئاندىن سۇ قۇيۇپ ، يۇمشاتقان پنتۇزنى ، سامساقنى سىلىپ ئارلاشتۇرلىدۇ . بۇ سەي لىگەنگە ئۇسۇلغان پولۇنىڭ ئۇستىگە سىلنىدۇ .
مانا بۇ بەتتە پولۇ دىيلىدۇ .

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:21:21

توخۇ باسقان پولۇ
خۇرۇچى :
گۇرۇچ بىر كىلۇگرام ، پىياز بىر تال ، توخۇ بىر دانە ، سۇققان زەرچىۋە بىر چىمدىم ، سەۋزە 500 گىرام ، سوققان زىرە بىر چىمدىم ، ياغ 250 گىرام ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا .
ئىتىش ئۇسۇلى :
1 . توخۇنى ئولتۇرۇپ ، پاكىز تازلاپ ، مۇۋاپىق چوڭلۇقتا توغرۇلىدۇ .
2 . ياغنى 5 - 6 دەرجە قىزىتىپ ، توخۇ گۇشىنى سىلىپ ، كىيىن پىيازنى سىلىپ تۇق قىزارغىچە قورۇپ ، ئۇنىڭدىن كىيىن سەۋزىنى سىلىپ قورۇپ سارغايتىپ ، زىرە ، قەلەمپۇرنى سىلىپ قايناق سۇ قۇيۇپ ، پەس ئوتتا 30 - 40 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىلىدۇ .
3 .سۇينىڭ تۇز تەمنى تەڭشەپ ، ئوتنى پەسەيتىپ ، يۇيۇپ تەييارلانغان گۇرۇچنى سىلىپ پىشۇرلىدۇ .
ئاشنىڭ سويى تۇگەندە 20 - 30 مىنۇت دەملىندۇ . پولۇ پىشقاندىن كىيىن لىگەنلەرگە ئۇسسۇپ ، ئۇستىگە توخۇ گۇشىنى بىسىپ داستىخانغا كەلتۇرلىدۇ .

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:22:51

قوناق ئۇنى ئۇيۇتمىسى

خۇرۇچلىرى :
بۇغداي ئوندىن 500 گىرام ، ئاق قۇناق ئونىدىن بىر كىلوگرام ، شىكەردىن 100 گىرام ، چىلاندىن 200 گىرام ،ئۇزۇمدىن 200 گىرام ، ئازراق خىمىرتۇرۇچ تەييارلىۋالمىز .
ئېتىش ئۇسۇلى :
1 . خىمىر تۇرۇچنى ئىلمانسۇدا ئىزىپ ، بەش مىنۇت تىندۇرمىز . قىزىقراق سۇغا شىكەر سىلىپ سۇيدە بۇشراق خېمىر يۇغۇرمىز . خىمىر سۇۋۇغاندا ئېزىلگەن خېمىرتۇرۇچنى سېلىپ ، ياخشى ئىشلەپ تەكشى ئىلەشتۇرمىز . پاكىز تازلانغان چىلان ، ئۇزۇملەرنى خىمىرغا قۇشۇپ تەكشى ئارلاشقىچە چەيلەپ بىر سائەت تىندۇرمىز .
2 . خېمىر ئوبدان كوپكەندە ، قاسقان تىگىگە پاكىز داكىنى سىلىپ خىمىرنى داكىنىڭ ئۇستىگە تۇكۇپ ، تەكشى يىيتىپ قاسقاننى ھىملەپ ئوتنى ئۇلغايتىپ ، تىز قاينىتمىز. 45 مىنۇت دۇملىسەك پىشىدۇ . قاسقاننى ئىلىپ ئەمبەلگە دۇم كۇمتۇرسەك ئۇيۇتما پۇتۇن چۇشۇدۇ . ئىھتىياجغا قاراپ كىسۋىلىپ ، ھەر خىل شەكىل چىقرىپ توغراپ تەخسىلەرگە تىزىپ داستىخانغا كەلتۇرمىز .
ئالاھىدىلگى :
ئوزى يۇمشاق ، ئۇزۇم ، چىلانلارنىڭ شىرنىسى سىڭىپ تاتلىق ، مەززىلىك بۇلىدۇ . ئىشتىھانى ئاچىدۇ . تەرەتنى راۋانلاشتۇردۇ . قان تۇمۇر قىتشىش ، يۇقرى قان بىسىم ، يۇرەك كىسەللىكى قاتارلىق كىسەللىكلىرگە شىپا بۇلىدۇ .

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:23:17

قوناق ئۇنى قولدامسى

خۇرۇچلىرى :
قوناق ئۇنىدىن 600 گىرام ، بۇغداي ئۇنىدىن 100 گرام ، قوينىڭ لوق گوشىدىن 200 گىرام ، ياڭيۇ ، قىزىل ، سىرىق سەۋزىلەردىن بىر تالدىن ، پەمىدۇر ، پالەك ، كوكمۇچ ، قىزىلمۇچ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ، تەم تەڭشىگۇچلەردىن تۇز ، سۇ يېغى ، تېتىتقۇ ، پەمدۇر قىيامى قاتارلىقلارنى ئىھتىياجغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىۋالمىز .
ئىتىش ئۇسۇلى :
1 . قازانغا 400 گىرام ئەتراپىدا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ ئازراق تۇز سىلىپ تەييارلانغان ئىككى خىل ئۇننى بىرلا ۋاقىتتا قازانغا تۇكۇپ نۇغۇچ بىلەن تۇختىماي ئارلاشتۇرۇپ ، خىمىرنى تۇتساق قولغا چاپلاشمىغدەك بۇلغاندا ئىلىپ ياغ سۇرتۇلگەن ئەمبەلگە توكۇپ بىسىپ نىپىزلىتىپ سوۋتىمىز .
2 . گوشنى ئىككى سانتىمىتىر چوڭلۇقتا نىپىز توغرايمىز . قالغان كوكتاتلارنى بۇلسا پۇرچاق چوڭلۇقدا كۇب شەكلىدە توغراپ تەييارلايمىز . غول پىياز ، سامساق ، زەنجىۋىللەرنى ئۇششاق توغرىۋالمىز .
3 . قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ ، گوشنى پىششىقراق قورۇپ ئۇستىگە غۇل پىياز ، سامساق ، زەنجىۋىل توغرالمىىلىرنى سىلىپ داغلاپ ، ئۇنىڭ ئۇستىگە سەۋزە ، ياڭيۇلارنى سىلىپ نۇۋەت بۇيچە قورۇپ ، پىشاي دىگەندە باشقا كوكتاتلارنى نۇۋەت بۇيچەسىلىپ قورۇپ ، تۇز ، جياڭيۇ ، پەمدۇر قىيامى ، تېتىقۇ قاتارلىقلارنى سىلىپ ، تۇز - تەمنى تاڭشەپ تەييارلىۋالمىز .
4 . قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتمىز . سەل سوۋغان خىمىرنى قولنى سەل - پەل ياغلىۋىلىپ قايتا - قايتا ئىشلەپ ، چۇكا توملۇقدا پىلتە قىلىپ ئۇنى مىغىزدەك چوڭلۇقتا ئۇزۇپ باشبارماق بىلەن ئەمبەلگە يەڭگىل بىسىپ ( بۇغداي ئۇنىدا قۇلداما ئەتكەندەك ) قۇلداما تەييارلايمىز . ھەممىنى يىمرىپ بۇلغاندىن كىيىن ، قايناۋاتقان قازانغا سىلىپ ، قاينىتىپ پىشرۇپ ، سۇزۇپ ئىلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ ، قايتا ئاش سۇيگە سىلىپ قىزىتقاندىن كىيىن تاۋاققا سىلىپ ئۇستىگە تەييارلانغان قۇرۇمنى سىلىپ داستىخانغا كەلتۇرمىز .
ئالاھىدىلگى :
رەڭدار ، مەززىلىك بۇلۇپ ئىشتىھانى قۇزغايدۇ . ئۇزۇقلۇق قۇۋۋىتى مۇل ، يىيىشلىك ھەم سىڭىشلىك بۇلۇپ ، ياشانغانلار ۋە باللار ئۇچۇن تىخمۇ مۇۋاپىق .

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:24:59

ﻳﻪﻧﻪﻧﯩﻤﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ، ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﺩﻩﯞﻩﺭﺳﯩﻠﻪ .....ﺋﻪﭘﻠﻪﭖ ﺳﻪﭘﻠﻪﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰﺗﯧﭙﯩﭗ ﻳﻮﻟﻼﻱ .........

karikat يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:32:48

ﺟﯧﻜﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘﺩﻩ. ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﻪ ﺋﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﭘﻮﻟﻮ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﻥ :
1. ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﭽﯩﻜﺮﻩﻙ ﺳﻪﯞﺯﯨﺪﯨﻦ 2-3ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺭﺍ ﭼﯩﻨﯩﺪﻩ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻝ ﺟﯩﻘﺮﺍﻕ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﮔﯚﺵ.
2. ﮔﯚﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺗﻮﻏﺮﺍﻳﺴﯩﺰ،ﭘﯩﻴﺎﺯﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍﯓ، ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﯔ.
3.ﻣﺎﻳﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯚﻣﯜﭼﺘﯩﻦ ﺳﻪﻝ ﺟﯩﻖ ﻗﯘﻳﯩﺴﯩﺰ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﯩﺰﯨﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﯗﻳﺴﯩﺰ. ﮔﯚﺵ ﻗﻮﺭﯗﻟﻐﯩﺪﻩﻙ( ﻗﻮﺭﯗﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻢ ،ﻗﻮﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﮕﯩﺪﻩﻙ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺟﯘﻣﯘ .)ﻗﻮﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﯔ.
4. ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﺭﯗﻳﺴﯩﺰ. ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻗﻮﺭﯨﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ( ﺗﺎﻛﻰ ﺳﻪﯞﺯﻩ ﻗﻮﺭﯗﻟﻐﯩﭽﻪ. )
5. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺍ ﭼﯩﻨﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﭼﯩﻨﻪﺳﯘ ﻗﯘﻳﯩﺴﯩﺰ. ﺳﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﺴﯩﺰ.
6.ﺳﯘ ﺳﻪﻝ ﺋﺎﺯﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﮔﯚﺷﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯜﺯﯨﯟﺍﻟﯩﺴﯩﺰ.ﺋﻮﺗﻨﻰ ﭘﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﺳﺎﻟﯩﺴﯩﺰ، ( ﻳﯘﻳﯘﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺴﯩﺰ؟ ) ﺳﯘ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﻝ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﭼﯜﻣﯜﭼﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺳﻪﻝ ﺗﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﺳﯘ ﺋﺎﺯﻻﻳﺪﯗ. ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺋﯚﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺴﯩﺰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﻪﻳﺴﯩﺰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﻮﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺴﯩﺰ، ( ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﭘﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ) ﮔﯚﺷﻨﻰ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺗﯚﭘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﯘﯞﺍﻗﻨﻰ ﻳﺎﭘﯩﺴﯩﺰ، 20ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﺎﻡ ﺳﻪﻱ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻥ ﭘﻮﻟﻮﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﯓ.
ﺋﻮﺗﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﻪﻙ ﭘﻪﺱ ﻗﯩﻠﯩﯔ!

karikat يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:40:56

ﯞﺍﻱ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﻜﻪﻧﻐﯘ ﺑﯘ ﻗﯩﺰ، ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﻡ. ﺋﯩﻨﺠﯩﻘﻼﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺗﻮﺷﻘﯘﺯﯨﯟﯨﺘﯩﭙﺘﯩﻐﯘ.
ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﭼﺎﭘﻠﯩﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ ﻳﺎ ﻳﺎﺯﺩﯨﯖﯩﺰﻣﯘ ؟ ﻳﺎﻣﺎﻧﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ﺟﯘﻣﯘ .

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:41:56

http://www.izdinix.com/munbar/forum.php?mod=viewthread&tid=29358
ﻣﺎﯞﯗ ﺗﯩﻤﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻪ.

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 16:24:29

ﻛﯜﭼﯜﺭﯛﭖ ﭼﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﯩﻤﻪ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﻪﺳﻘﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭﺩﻩﭖ ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ........

ﺟﯧﻚ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﻛﯚﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯ ﺗﻮﻻ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺘﺘﻰ ........ﺗﯘﺧﯘﻡ ، ﺗﯘﺧﯘ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ..........

TunQuyashi يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 16:31:05

ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﻧﺒﻪﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻠﻰ ! ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻼﺭ ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻳﺘﺎﻗﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺭﺍﺳﻼﭖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﻯ - ﺩﻩ ! ...
ﻣﻪﻥ ﺋﻮﭼﺎﻕ ﺗﯜﯞﯨﮕﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﮔﯘﻣﺎﻧﯩﻢ ﺑﺎﺭ .... ﻗﺎﺯﺍﻥ ﭼﯧﻘﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﭼﯜﻣﯜﭺ ﺗﯘﺭﻣﺎﺳﻤﯩﻜﻰ ... ﭼﯜﻣﯜﭼﻨﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ ، ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺗﯘﺭﯨﻠﻰ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭼﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﯩﻘﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﻢ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ... ﮬﻪﻳﻴﻴﻴﻴﻲ ... ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﯜﭼﻪ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﻻﻱ ...

yolbax0998 يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 16:37:12

ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯩﺘﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﺎﻛﻼ ﭼﯘﺷﯘﻧﯘﺷﻠﯩﻚ ﺑﻮﭘﺘﯘ .

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 16:46:12

ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﮬﻪﻗﯩﭽﺎﻥ ،،،،،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﺍ ﻳﻮﻕ ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯧﭙﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻢ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ......

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 16:50:49

ﻳﯜﺳﯜﭘﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻤﺎﻱ ﺑﺎﺷﻘﺎﻳﯧﯖﻰ << ﻏﻪﻣﮕﻪ >> ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

mamtak يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 14:59:34

ﺧﻮﺗﯘﻧﻼ ﺋﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ...

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 15:02:52

ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ ﺋﻪﻓﯩﻔﻰ ﻗﺎﺭﯨﻢ ...... ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﻗﯘﻟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﯘﻳﯩﺘﺘﯩﻢ .........



ئۆپكە - ھېسىپ
ﺋﯚﭘﻜﻪ - ﻫﯧﺴﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ <<ﺩﯨﯟﺍﻥ>> ﺩﺍ : << ﻫﯧﺴﯩﭗ ، ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﮔﯜﺭﯛﭺ ، ﮔﯚﺵ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﺍ - ﺩﻩﺭﻣﻪﻙ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ >> ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﻠﯩﺪﯗ .
ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ : ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻫﯧﺴﯩﭙﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ ﻫﻪﻡ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺗﯘﺯ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻫﯧﺴﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺯ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯧﺮﯨﭗ ، ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ . ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘﺩﺍ ﻗﺎﻧﺴﯩﺮﺗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﻫﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﯘﻥ ﺳﯜﻳﻰ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﯘﻥ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﺗﯜﺯ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﭘﻜﯩﮕﻪ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭼﯜﭼﯜﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻣﯧﻴﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯞﯦﺘﯩﻠﺴﻪ ، ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﭼﯜﺭﯛﻙ ﻫﻪﻡ ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯜﭼﻪﻱ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﺎﻳﻠﯩﻘﺮﺍﻕ ﮔﯚﺷﺘﯩﻦ ، ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺳﻪﯞﺯﻩ ، ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭺ ، ﺋﺎﺵ ﻛﯚﻛﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯗ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ - ﺩﻩﺭﻣﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﺗﯘﺯ - ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺗﯧﺘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯜﭼﻪﻳﮕﻪ ﻣﺎﯕﻐﯘﺯﯨﻤﯩﺰ . ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻥ ﺳﯜﻳﻰ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﯩﻴﻴﻤﺎ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﯘﭺ ﻗﯩﻴﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ، ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﺎ ﺗﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ ﭼﯩﮕﯩﭗ ، ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭘﯩﺸﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯗ .
ﺋﯚﭘﻜﻪ - ﻫﯧﺴﯩﭙﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻳﻠﻰ