tarimi يوللانغان ۋاقتى 2007-10-18 23:09:06

بىزدىكى پاھىشە ۋازلىك ، چېكىملىك ۋە ئەيدىز

ئابدۇۋەلى تۇرسۇن (ئەر تۇران )
    پاھىشەۋازلىق ئىنسان ھىسىياتىدىكى چەكتىن ئاشقان ، پىسخىك بىنۇرمال ھالەتلەرنىڭبىرى .ئۇنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان ھىسسىي خۇشاللىقىدىن كۆرە تالاپىتى - دىشۋارچىلىقى تولىراقتۇر . بۇ نۇقتىنى نورمال كاللىغا ئىگە ھەرقانداق ئادەم ئاڭقىرىپ ئالسا كېرەك . مەزكۈر يامان ئادەت بىر ئادەمدە شەكىللەنگۈدەك بولسا ، شۇ ئادەم ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىدىكى فىزىلۇگىيەلىك ۋە پىسخىك تەڭپۇڭلۇق ، ئەخلاقىي كونترۇللىقىنى تامامەن يوقىتىپ ، ئىللەت قۇللىقىغا ، روھى كېسەللىكنىڭ مۇشى ئىلمىنىتىغا گىرىپتار بۇلغان بۇلىدۇ .

غەرىپتىكى كۆپلىگەن پىسخىك دۇختۇرلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، پاھىشەۋازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كۆپ قىسمىدا ، بىرلەمچى روھىي كەمتۈكلۈك بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن . بۇنىڭغا سەل قارالسا بۇ ھال شۇ ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن زەئىپلىشىشىگە ئەگىشىپ ، تېخىمۇ ئەدەپ بارىدىكەن . تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ، پىسخىك دۇختۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۆزگىچەيۇقۇرى بۇلۇپ ، ئۇلار دەسلەپتە بۇنداق بىمارلارنىڭ ئەشۇ ھىسسىي باشباشتاقلىقتەك يامان مەيلىنى ئۆزگەرتىشكە ، فىزىلوگىيەلىك ... ئىھتىياجنى كۆپرەك ئويلاشتىن كۆرە ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەقىلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شاش ھىسسىي تەلپۈنىشىنى بېسىشنى ، زېھنىنى كۆپرەك ئىلىم پەن ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىش ئارقىلىق، ئۆگەنگەن يامان مىجەزىنى ئۆزگەرتىشكە ،ئىنسانىيەتكە كۆپرەك تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىدىكەن ... بۇنىڭ ئەكسىچە ، پىسخىك داۋالاشنى جىددىي خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتمىغان ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە پاھىشۋازلىقتىن كېلىپ چىققان كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك ئىكەن ...

      شۇنىسى ئېنىقكى پاھىشۋازلىق روھى كىسەللىكنىڭ مۇھىم سەلبىي بىر تۈرى بۇلۇش بىلەن بىرگە ، چۈشكۈنلەشكەن ئادەملەرنىڭ ، ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە باشلايدىغان بارسا كەلمەس يولىغا ئايلانغان .سابىق سۆۋىت ئىتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ، شەرقىي ياۋروپا ۋە روسىيەدىن جۇڭگۇنىڭ خاربىن ئۆلكىسىگە نۇرغۇن قىز - ئاياللار سۇداقىلىشباھانىسىدائېقىپ كىرگەن بۇلۇپ ، بۇلار كېيىنچە پاھىشىۋازلىق يولى بىلەن جىنسىي كېسەللىك - ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقاتقۇچى مەنبەلىرىدىن بىرى بۇلۇپ قالغان . تارىخىي يازمىلاردىن مەلۇمكى ، روسىيە 18- ئەسىرىدىن كېيىن ئۆزى كۇنتۇرۇل قىلغان ئۇتتۇرا ئاسىيا زىمىنىدا ، پاھىشىخانىلارنى كۆپلەپ بىنا قىلىشنى يولغا قويغان بۇلۇپ ، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان ئادەملەر روھى كىسەللىكنىڭ بۇخىل يۇقۇملىق باكتىرىيىسىدىن يۇقۇملانغان ئىدى ...ياۋرۇپالىقلارمۇندىن 4- 5- ئەسىر ئىلگىرىكى مۇستەملىكە دەۋرىدە ئافرىقا ، جەنۇبىي ئامېرىكا ، شىمالىي ئامېرىكا ... يەرلىك خەلىقلىرى ئارىسىدا ئۇلارنى ئىدىيىۋى جەھەتتىن ئۆزلىرىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن ، ئېلىپ بارغاننەرسىلەر ئىچىدە ئىنجىل - چېركاۋ ، ھاراقتىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان تېنى كېسەللەنگەن << پاھىشە ئاياللار>> مۇ بار ئىدى . مۇشۇ پاھىشەلەرنىڭ جىنسىي يۇقۇملاندۇرىشى ئارقىسىدا ، ئاۋىستىرالىيە ، ئافرىقا ، لاتىن ئامېرىكىسى ... يەرلىك خەلىقلىرىنىڭ كېسەللىنىشى ، زەئىپلىشىشى ، كونا جۇڭگۇغا ياۋرۇپالىقلار ئېلىپ كەلگەن ئەپيۈننىڭ سەلبىي تەسىرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى ...

جىنسىيەتتىكى چەكتىن ئېشىشنىڭ ، ئىنسانىيەتنى ھالاكەتنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىرىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە قەيىت قىلىنغان ، ئىزاھاتلار، چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلگەن ۋە بۇنداق يامان ھەرىكەتلەرگە لەنەتلەر ئۇقۇلغان . مەيلى << ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى>> دە بۇلسۇن ، دۇنياۋىي قامۇس << تۈركىي تىللار دىۋانى >> ياكى خەلق داستانلىرىمىزدا بولسۇن ... ئۇنىڭ مىللىي ، ئىنسانىي ئەخلاققا زىت تەرەپلىرى قامچىلانغان ۋە نۇرغۇن ئىبىرەتلىك نەقىللەر كەلتۈرۈلگەن . شۇڭا ئەشۇ كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى << كەنىئان باتۇر >> ، << ئالپامىش >> ، << چىن تۆمۈر باتۇر >> ، << ئاي بەرچىن >> ، << مەختۇمسۇلا >> ، << نۇزۇگۇم >> ... ئوبرازلىرى ئەخلاقلىق ، ئۇلۇغ غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن ، پاكلىق - ھەقىقەتنىڭ ھىمايىچىللىرى ، قۇغدىغۇچىللىرى، مۇنداقچە ئېيىتقاندا سىمۇۋۇلى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن . ئۇلار ھەمىشە ئىشىرەتخۇرلۇق ، بۇزۇق ۋە رەزىلىك ھامىيلىرىنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ جەڭ قىلغان ۋە ئەشۇ سۆيۈملىك ئىنتىلىشلىرىنىڭ ۋودۇرۇت بومبىسى كەبىي تەڭداشسىز مەنىۋىي قۇۋۋىتى بىلەن ، ئىنسانىيەت ئىتىكىلىق قىممىتىنىڭ بۈيۈك مەشئىلىنى ياندۇرغان ... شەرىق خەلقلىرىنىڭ يىتۈك پەيلاسۇپى فارابىي ئۆزىنىڭچوڭقۇر دېڭىزنىڭ تەكتىدىكى قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلاردەك ، ساپ - بىباھا ...پەلىسەپەۋىي ئەسەرلىرىدە ، ئىنسانىيەت ياشاپ كەلگەن ۋە ياشاۋاتقان شەھەرلەرنى - ئىنسانىيەت جەمىئىتىنى : << پەزىلەتلىك شەھەر ۋە جاھالەتلىك شەھەر >> دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىغان ئىدى . ئۇنىڭچە ،جاھالەتلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ سۈپىتى ، << چۈشكۈنلىك >> بۇلۇپ : << ئۇنىڭ ئاھالىسى كەيىپ - ساپانى ئارزۇ قىلىدۇ . يەپ ئىچىپ شەھۋانىيلىق - پاھىشەۋازلىق قىلىدۇ ... ...>> { ئابدۇشۇكۇرمۇھەممەت ئىمىننىڭ << فارابىينىڭ پەلىسەپە سېستىمىسى >> دىگەن كىتاۋىغاقارالسۇن }<< پەزىلەتلىك شەھەر >> ئاھالىسى << جاھالەتلىك شەھەر >> نىڭ ئەكسىچە ، ئۇنىڭغا قارمۇ - قارشى مەيداندا تۇراتتى ... بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بۇلۇدۇكى ، پىسخىك بۇزۇقچىلىق - پاسىقلىقلارنىڭ -بىر مىللەت ، جەمىئەت جۈملىدىن ئىنسانىيەتنى ، ھەر تەرەپتىن گۇمراھلىقتا قۇيىدىغانلىقى ، ھالاك قىلىدىغانلىقى شەكسىزدۇر ...

      دىمەك ، بۇ بىرخىل << رەزىل قىلمىش >> ، ئەجداتلىرىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت يىرگىنىدىغان تىراگىدىيەسى تەسەۋۇردىنمۇ دەھشەتلىك ئەھۋال ئىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىرقىسمى بولۇپ ، ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ .. . ؟ نىمە ئۈچۈن جەمىيىتىمىزدىكى ھەرقانداق بىر شەھەر - بازاردا << ھۆسىن تۈزەش ئورنى >> ، << ئۇۋىلاش ئۇرنى >> ... نامىدىكى ئاتالمىش << ساتىراچخانىلار >> ، << مەدەنىيەت>> نىڭ ساختا كۆرىنىشلىرى كۆز ئالدىمىزدا ئوچۇقتىن - ئوچۇق نامايان بولۇپ تۇرىدۇ ... ؟ بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نامدا << ساتىراچخانا >> بولسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە << پاھىشخانا >> ... لار بۇلۇپ ، كەسپكە پىشقان نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، مۇشۇنداق ئورۇنلاردا ئۆزلىرىگە جىنسىي كىسەل يۇقتۇرغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى << ئۇيغۇر >> لار تەشكىل قىلىدىكەن . ... مانا بۇ بىزنىڭ مەنىۋى ، جىسمانىي چىرىكلىكىمىز ، روھىي جەھەتتە يىمىرىلىشنىڭ بوسۇغۇسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنىڭ روشەن ئىپادىسى ...

            بۇنىڭدەك بەتقىلىقلارنىڭ ئارقىسىدا شەكىللەنگەنئەيدىز كېسىلىمۇ ، بىزنىڭ چۈشكۈن جەمىئىتىمىزدە چوڭ بىر مۇئەمما بولۇپ تۇرۇپتۇ : شىنجاڭ گېزىتىنىڭخەنزۇچە مەلۇم سانىدىكى << شىنخۇاشى بېيجىڭ 2- ئاي 21- كۈنىدىكى مەلۇماتى >> دا2006- يىلى جوڭگۇدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلىغان ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، پۈتۈن مەمىلىكەت مىقىياسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى يۇقتۇرغانلار بىرمىلىيۇندىن ئاشىدىكەن . شۇيىلى بۇسان ئۆتكەنكى يىلىغا قارىغاندا%19 . 5 ئاشقان ، ھازىرمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە يۈكسىلىۋېتىپتۇ ... << يەنە بەزى مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، خېرۇيىن چېكىدىغانلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ياش - ئۆسمۈرلەر بۇلۇپ ، پۈتۈن زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ %53 نى تەشكىل قىلىدىكەن ... >> { << ئازاپ ئىچىدىكى بالىلار >> 1998 - يىل 9- ئايدا يەن بىيەن نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ، دۇنيا ۋە جۇڭگۇدىكى ئەڭ يېڭى مۇكاپاتلىق ، فۇتۇ سۈرەتلەر تۇپلىمىنىڭ 253- بېتىگە قارالسۇن } . يەنە شۇ كىتاپنىڭ 262 - بېتىدە ، بىر مۇخبىر ئۆزى زىيارەت قىلغان ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم زەھەر تاشلاش مەركىزىدە تارىتقان بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ سۈرىتى ئاستىغا مۇنداق قۇرلارنى يېزىپ قويغان : << ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بۇئۆسمۈر ، گويا ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن يېڭى قۇياشقا ئوخشايدۇ ، بۇ ۋەتەننىڭ ئۈمىدى . يۈسۈپ ئەمەت ئىسىملىك بۇ بالا ئۈرۈمچىدىكى بۇ زەھەر تاشلاش مەركىزىدە ، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكتە . بىز ئۇنىڭ بۇ يۇمران تۇرىقىغا قاراپ ، ھەرگىزمۇ ئۇنى 4 يىل خرۇئىن چەككەن دىيەلمەيمىز . بۇ ئۆسمۈرنىڭ بۇيەرگە داۋالىنىش ئۈچۈن 2- قېتىم كېلىشى بۇلسىمۇ ، بىراق ئۇنى يەنە 3-4- 5 - قېتىملىق ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ، داۋالاش پۇرسەتلىرى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ . مەن ئۇيلاپ قالدىم بۇزادى نىمە ئۈچۈن ... ؟ >> بۇ پاجىئەلىك كۆرۈنۈشنىڭ سەۋەبىنى بىز كىمدىنمۇ كۆرىشىمىز مۈمكىن ...؟ مەيلى قانداقلا بۇلمىسۇن بۇ بىزگە كېلەچەك - ئۈمىت چىرىغىمىزنىڭ ، مىلىيۇن ۋۇجۇتلارنى لەرزىگە سالىدىغان چۈشكۈن خىرە كۆرىنىشىنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ ...

            بۇ مەرەز كېسەلنىڭ يۇقۇش مەنبىيى ، يەنىلا قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ، ئۆسمۈرلەرگە - بالىلارغا قىلىنغان جىنسىي زوراۋانلىق ، زەھەرلىك چېكىملىك ... بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە پاھىشىۋازلىقنىڭ سالمىقى مۇئەييەن ساندا تۇرىدۇ . بىزنىڭچە ئىجتىمائىيلاشقان جىنسىيەت بىلەن يۇقىدىغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش - تارقىلىش يوللىرى ھەرخىل بۇلسىمۇ ، ئۇلارنى يەنىلا تۈۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ : يەنى ھازىر شەھەر - بازارلاردا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان << ئۇۋىلاش ئورۇن >> لىرى ... دىكى كۆپلىگەن پاھىشەلەر ، ئۇلار بۇخىل كېسەللىكنى يۇقتۇرۇشتىكى بىرىنچى ئامىل ... يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگەھەرخىل << مۇلازىمەتچى >> نامىدا بارغانلار ... ئۇلار يۇقتۇرغۇچى سۈپىتىدە ھەرخىل بىنۇرمال جىنسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانياكى مەجبۇرلانغان ... ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ شەھەرلەردىكى نۇرغۇن<< ئالىي دەرىجىلىك >> ، << 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا>>لار ... دىمۇ نۇرغۇن << مۇلازىمەتچى >> لەر بۇلۇپ بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نامدا << مۇلازىمەت>> چىلىك << كۈتكۈچىلىك >> ... قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە بەزى خۇجايىنلىرىنىڭ ياكى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن تويۇق يۇلغا ماڭىدۇ ... بۇ << كۈتكۈچى >> قىزلارمۇ ، سىرىتتىن كەلگەن نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن بىنۇرمال مۇناسىۋەتتە بۇلۇپ ، كېسەل يۇقتۇرىدىغان يۇقتۇرغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالغان ...

            مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ، زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ سانىمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدىغان بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقەت قىلىدىغانلار ئىكەن ... ئۇلار بۇ يۇلدا بەزى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئازدۇرۇش قۇربانىغا ئايلانغان . ئاق تاماكىنى تومۇرىغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش جەريانىدا بىر بىرىگە يۇقتۇرغان ... مەن ئۆتكەن يىلى غۇلجىدىكى بىر تونۇشۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ، يېشى 50 نىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بۇ ئادەمنىڭ ، ھەسرەتلىك ياشلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرۇپ ئىچىدىكى بارلىق دەرت - ھەسرەتلىرىنى تۆككەنلىكى ، ھازىرمۇ ئېسىمدە خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك تۇرۇپتۇ : ئەشۇ چاغدا ئۇ ماڭا يېشى 30غا كىرىپ قالغان جىيەنى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى . ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ يىگىت 17 يېشىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ ھاۋالىسى - ياردىمىدە ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن مال ئېلىپ كېلىپ ، غۇلجىدا سېتىپ دىگۈدەك نەچچە يىل سودا قىپتۇ ... ئۇ كېيىنچە بۇ ساھەدە چىقىش يۇلى تېپىپ پۇلى كۆپەيگەندە ، باشقىلارنىڭ ئازدۇرىشى بىلەن ، ئۆزىگە ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋاپتۇ ... ئۇنىڭ دادىسى 3، 4 يىل ئىچىدەبۇ ئۇغلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن 400مىڭ يۇەن پۇلنى خەجلەپ بولغان ، كېيىنچەبىچارە ئاتابۇ يۇلدا بارلىق تەئەللۇقاتىدىن ئايرىلغان ۋە كېسەل بۇلۇپ قازا قىلغان ... ئەيدىز كېسىلى بۇلغان بۇيىگىت ھازىر ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان ، دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ بىر ئايلا ئۆمرى قالغان بولۇپ ، مۇشۇ كېلىشمەسلىك تۈپەيلى بۇ ياشنىڭ 2 بالىسىمۇ ، ئايالىمۇ ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغان...ئۇنىڭئايالى ئۆينى تاشلاپ بۇرۇنلا چىقىپ كەتكەن ئىكەن ...

            مەن شۇ قېتىمغۇلجىدىن قايتىش مەقسىتىدە ئاپتۇۋۇزغا چىقتىم ، يېنىمدا يېشى 22 لەرگە كىرىپ قالغان بىر ياش بالا ئولتۇراتتى ، مەن ئۇنىڭ بىلەن تېزلا تۇنۇشتۇم ۋە ئۇنىڭ نەگە باردىغانلىقىنى سورىدۇم . ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ بورتالاغا پاختا تېرىغىنى باردىغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ نامىرات ئىكەنلىكىنى ، ياشانغان ئاتا ئانىسىنى قارا ئىش قىلىش بەدىلىگە باقىدىغانلىقىنى ، بۇ يىل بورتالا تەرەپكە بېرىپ << پاختا تېرىپ پۇل تېپىش ئۈچۈنماڭغانلىقى ... >> نى دەپ بەردى . ئۇنىڭ تۇرىقى - كىيىنىشى ھەقىقەتەن رەتسىز ، روھى چۈشكۈن ئىدى .ئۇبىر سودىگەرئاكىسىنىڭ35ياشتا ئەيدىز كېسىلى بولۇپ بۇيىلتۈگىگەنلىكىنى ، بۇنىڭ سەۋەپلىك ئائىلىسى ئىقتىساتتىن بەكلا قىينالغانلىقىنى دەپ بەردى.ئۇ يەنە ئۇلار تۇرغان كەنىتتە 85 ياشقا كىرگەن بىر بۇۋاينىڭمۇ ئەيدىزكېسىلىگەگىرىپتار بۇلغانلىقىنى ، ھەتتا ئەشۇ يەردىكىپۈتۈنبىر كەنىتتە 26 ئادەمنىڭ مۇشۇ كىسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىمۇ دەپ بەردى ...

          ھەقىقەتەن بۇ بىزنى چۆچۈتمەي ، ئويلاندۇرماي قالمايدۇ . بۇلارنىڭ بەرى بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا مەۋجۇت بولغان ، ئىجتىمائىيلاشقان پىسخىك ۋە جىسمانىي كىسەللىك ، يەنى پاھىشىۋازلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ بىزگە كەلتۈرگەن ئاپەتلىرىدىن بىر ئەمەلىي كۆرىنىشتۇر ...

          مەن تۇرۇشلۇق شەھەردىكى مەلۇم بىر بازارنىڭ قىسمەن كادىرلىرى ، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىداغۇلجىدىكى مەلۇم بىر << مېھمانخانا >> دىكىقىزلارنىڭ مۇلازىمىتى << ياخشى >> دەپ ئاڭلاپ ، بىر ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى مەخسۇس كۆتىرە ئېلىپ ، بۇيەرگە بېرىپ ئىشىرەت قاينىمىدا راسارۇھ تەنلىرىنى << يايراتقان>> لىقى ... 3-4 يىلنىڭ ئالدىدا 50 ياشتىن ئاشقان بىر ئادەمنىڭ ، مۇشۇ شەھەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەھەرلەرگە << ئويۇن قويۇش >> باھانىسىدا ئاپىرىپ << يامان يولغا زورلىغانلىقى >> ... ئۇندىن باشقا يەنە مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا ، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ، دەرىستە ئەلاچى بىرچىرايلىق جەنۇپلىق قىزغا : << ئەگەر ماڭا بىر كېچە ھەمرا بۇلمىساڭ ئىمتىھاندىن قالدۇرىۋېتىمەن ... >> دەپ تەھدىت سالغانلىقى ۋە ئاخىرى بۇقىزنىڭ نۇمۇسىغا تەككەنلىكى ... بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر شەھەرنىڭ چەت ياقىسىدىكى ، بىر ناھىيە ئۇتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچسىىنىڭ ، ئۆزىنىڭ ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن قىز ئۇقۇغۇچىسىنى ئالداپ ، ئۇنىڭ نۇمۇسىغا تەككەنلىكى ... دەك روھىي ئىللەت تۈسىنى ئالغان، ھەقىقىي بۇلۇپ ئۆتكەن ، رىئالىي كۆڭۈلنى قەي قىلدۇرىدىغان كۆرىنىشلەر - بىزنىڭ چەكتىن ئاشقان جىنسىي كېسەللىك ، مەنىۋىي تىراگىدىيەگە باي تۇرمۇشىمىزنىڭ يەنە بىر كۆرىنىشىدۇر ...

            ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھازىر ، ئۇرۇمچى ، ئاقسۇ ، غۇلجا ، شىخۇ ، قارماي - مايتاغ ... ۋە بورتالا شەھىرىنىڭ شىمال شەرقىدىكى ، ئېچىۋېتىلگەن كۆلىمى بىر بازارچىلىكمۇ چىقمايدىغان << ئالاتاغ >> ئېغىزىغا كېلىپ تېنىنى ساتىدىغانلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن ... بۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرغانلاركەن ...

    مۇناسىۋەتلىك سەھىيە ساھەسىدىكى مۇھىم مۇتەخەسىسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، مۇشۇ بورتالا شەھرىنىڭ ئۆزىدە << ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 200گە بارىدۇ >> كەن.بۇسان ھەقىقەتەن ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ . بۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىك بىر شەھەردە ، مۇشۇنچىلىك كۆپ يۇقۇملاندۇرغۇچى بولسا ، پۈتۈن شىنجاڭدا بۇسان قانچىلىك سالماقنى ئىگەللەيدۇ ... ؟!

            يۇقارقىلاردىن بىزنىڭ كاللىمىزغاتەبىئي ھالدا ، نىمە ئۈچۈن بۇنداق پاسكىنىلىقلار ، مەينەتچىلىكلەر بىزدە شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ ، بىز نىمە ئۈچۈن ئەقىل ۋە جىسمىمىزنى خورىتىدىغان يامان ئىشلارغا ئۆزىمىزنى شۇنچە ئۇرىمىز ...؟ بۇنداق ئىشلار نىمە ئۈچۈن باشقىلارغا قارىغاندا بىزدە كۆرىنەرلىك ، ئىجتىمائى خاراكتىرنى ئالىدۇ ... ؟ دىگەن سوئاللار كەلمەي قالمايدۇ . بىز چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان بولساق ،بۇ يوقۇتۇشلارنى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى روھىي قاتلىمىمىزدىكى ، ئىدىراكىي كەمتۈكلىكىمىز ، ھېسسىي مىيىپلىقىمىزدىن ، ئەخلاقىي جەھەتتە بۇزۇلغانلىقىمىزدىن ، ئەجداتلارنىڭ پاك روھىيىتىدىن ئوزۇق- كۈچ ،مەدەت ئالماي ، چۈشكۈنلۈك، بىغەملىك پاتقاقلىرىغا مىلەنگەنلىكىمىزدىن ... كۆرۈشكە بولىدۇ . ئەگەر بۇلارنى بىز توغرا ئەمەس دەپ قارىساق ، ئۇنداقتا ھەربىرىمىز ئۆزىمىز تۇرغان شەھەر ، بازارلاردىكىرەستىلەرگە- گۈزەرلەرگە... ئوبدان كۆز يۈگۈرىتىپ باقايلى ... شۇ چاغدا ئەمەلىيەت تېخىمۇ ئايدىڭ بۇلىدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ بۇزۇلۇش ، يامان يول ... ھەممە ئادەملىرىمىزدە بار دىگەنلىك ئەمەس . ياخشى ئەخلاقلىق ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەملىرىمىزمۇ نۇرغۇن. بىراق ئۇلارنىڭ سانى ئاز ... بەلكى يۇقارقى ئىللەتلەر باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا بىزدە كۆرۈنەرلىك... !

            يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بۇلىدۇكى ، ئىنساننىڭ چىن ئىنسان بولۇشىدىكى ئامىللار نۇرغۇن بۇلسىمۇ ، لېكىن ئەخلاقىي يىتۈكلۈك، دەرەخكە سۇ قانچە زۆرۈر بۇلسائىنسانغىمۇ شۇنچە زۆرۈردۇر ، خۇددى 18- ئەسىرىدە ياشاپ ئۆتكەن شائىرىمىز خاراباتى :<< ئەي بۇرادەر ياخشى ئەخلاق قايسى ؟ ياخشى ئەخلاق راسلىق ، پاكلىقتۇر ! >> دىگىنىدەك ، بىر مىللەتكە نىسبەتەن << پاكلىق >> تېخىمۇ زۆرۈردۇر . ئۇنىڭ بۇزىلىشى بىر ئادەمنى ھەتتا بىر جەمىئەت - مىللەتنى ھالاكەت ھاڭلىرىغا غولىتىپ تاشلايدۇ . شۇڭلاشقا تويۇق يولدىكىكىشىلىرىمىزگە شۇنداق خىتاپ قىلماي تۇرالمايمىزكى : ھەي ئازغۇنلار ھىدايەت يولىغا قايتىڭلار ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئادىمىيىتىڭلارنى ، قەدىر قىممىتىڭلارنى بىلىڭلار ، ئەجدات روھى قورۇنمىسۇن ، پۈتۈن ئىنسانىيەت لەنەت تاشلىرىنى ياغدۇرمىسۇن ، ئەۋلاتلار ئىچىنىشلىق قىسمەت قۇلىغا ئايلانمىسۇن ...!!!
( بۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرى بورتالا شەھرىدىن)

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻤﻪ: ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ ،ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻘﺎﺗﺎﺭﯨﻤﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﭼﺎﭘﻠﯩﺪﻯ .

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2007-10-19 10:57:23

ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﭘﺎﻳﺸﻪﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﻛﯚﭘﯜﻳﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ .ﺋﺎﺗﺎﺧﺘﺎ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯘﯞﻻﻳﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﯩﺴﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯩﺸﻜﯩﺮ ﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﺗﻪﻳﺨﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻣﺪﺍﻧﻼﻡ ﭘﯘﻝ ﺗﯩﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﺪﻯ.ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ،ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﺎﻧﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯞﺍﺧﺘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﭼﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯚﭘﯜﺭﻩﻙ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﺪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻧﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺮﻩﻙ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻻﺭ ﺑﯩﻜﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺎ ﻛﯚﭘﯜﺭﻩﻙ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﻮﺯﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻏﯘﻧﻼﻧﺴﺎ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﺎﻏﻼﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭘﻼﻡ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯜﭼﯜﺭﯞﯨﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻻﺳﯘﻣﯘ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.

Perhad يوللانغان ۋاقتى 2007-10-19 11:24:20

ﺋﯚﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﯨﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﮬﯘﺭﺭﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻰ-ﻧﻰ ﺷﯩﺮ ﺳﯘﭘﻪﺕ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ، ﺟﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ،

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2007-10-19 11:43:40

ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭖ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﺷﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﺳﯩﻴﻤﻪﻥ ﺩﯨﺴﻪ ﺗﻮﺳﯘﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﻛﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﺪﯨﻤﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻨﻜﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻜﯩﭽﯩﻦ ﻗﯩﺘﯩﻢ،ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ،ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯩﺘﻤﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯩﺮﻩﻣﻜﺎﻡ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯨﮕﻪﻥ<ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻣﻜﺎ ﮬﺎﺭﺍﻕ،ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﻘﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ>

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2007-10-19 12:10:34

ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯗ ﺑﯩﻨﻮﺭﻣﺎﻝ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯗ؟

yolbax0998 يوللانغان ۋاقتى 2007-10-19 14:28:20

ﺭﺍﺱ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺯﯗﺗﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ.

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2007-10-19 14:35:35

ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2007-10-19 14:45:52

ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﯕﺸﻐﻠﻰ ﺑﻮﻻﺭ ؟

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2007-10-19 18:16:50

ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻳﻮﻝ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺷﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ .
ﺋﻪﺗﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﺮﯨﻐﺎ ﺳﯩﺰ \" ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻪﻱ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻪﻱ \" ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻦ ، ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯩﻦ ، ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺩﻩﭘﻼ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻴﯩﻦ . ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻣﯩﺴﻰ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ .

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2007-10-19 18:38:17

ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻣﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻣﯩﯔ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﺷﯜﻛﺮﻯ . ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﮬ ! ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻳﺴﻪﻥ.ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﻨﻰ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﻗﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ ﺋﺎﻣﯩﻦ !!!

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2007-10-19 21:15:36

ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻱ،

joshua يوللانغان ۋاقتى 2007-10-20 08:36:31

ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻛﻮﺭﺷﺎﺩ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﭙﺘﯘ، ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻼﻱ : ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﻤﯘ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ﺋﺎﻟﻼﮬ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ.

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2007-10-20 09:23:34

ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ، ﻳﻮﻕ ﮬﯧﺴﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻧﺪﻯ- ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﯕﺸﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﻰ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2007-10-20 11:42:39

ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﯪﺳﺎﺳﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ .ﭘﺎﻳﺸﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺭﻭﮬﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﺷﯜﺩﯗ.ﺯﯨﮭﻨﻰ ﻗﯘﯞﯨﺘﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﻳﺪﯗ .ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﻡ ﻳﺎﻟﺘﯩﻴﺪﯗ.ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﻟﯩﻖ ﮬﺎﻻﻝ ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﺳﻜﻪﻧﺪﯛﺭﺩﯗ.ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﺋﯩﺰﻩﺕ، ﺋﺎﺑﯘﺭﻭﻳﯩﻐﺎﺗﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﭼﺎﭘﺎﻧﻰ ﺳﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺋﺎﺯ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.ﺋﯜﻣﯜﺭ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﻳﺪﯗ.ﺭﻭﮬﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﯩﻜﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻻﻏﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ،ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﯞﺍﺧﺘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﭼﯜﺷﯜﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯞﯨﺘﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯜﻥ.ﺑﺎﻻ-ﭼﺎﻗﯩﻠﯧﺮﯨﻤﺰ ﺑﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼﻡ ﺭﻭﮬﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻟﻨﻰ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯞﯨﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯜﻣﻜﯜﻥ،ﻳﻪﻧﻪ ﭘﺎﻳﺸﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﮬﺎﺭﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ . ﻧﻪﺷﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻥ.ﻳﻪﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﭘﯘﻝ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯩﺮﻭﻳﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻻﻕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺭﯞﺍﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘ ﮬﺎﯕﻐﺎ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ . ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ،ﮬﺎﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﭽﻪﻣﺪﯗ ، ﻧﻪﺷﻪ ﭼﻪﻛﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﭽﯘ.ﺋﺎﻕ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﯜﭼﯩﭽﯘ ﮬﻪﻣﯩﺴﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ - ﻳﺎﻕ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯜﻥ.ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺍﺷﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ.ﺭﻭﮬﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ،ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﯘﻟﺴﯘﻣﯘ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻪ،ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ ﻗﯩﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

cecco يوللانغان ۋاقتى 2007-10-20 15:07:33

---
ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻳﻮﻝ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺷﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ .
ﺋﻪﺗﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﺮﯨﻐﺎ ﺳﯩﺰ \" ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻪﻱ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻪﻱ \" ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻦ ، ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯩﻦ ، ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺩﻩﭘﻼ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻴﯩﻦ . ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻣﯩﺴﻰ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ .
---

ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ.

< ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯜﻣﯜﺕ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ !> - ﻛﯩﻨﻮﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2007-10-21 06:00:56

cecco يوللانغان ۋاقتى 2007-10-21 11:03:18

ﻧﯩﻤﻪ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯚﺯﮬﺎﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﻤﯘ ﺗﻮﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﯟﺍﭘﺘﯘ ﻧﯩﻢ ﺑﻮﭘﻜﻪﺗﺘﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2007-10-22 19:03:15

ﻳﺎﻕ ﻣﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻐﯘ ﺋﻪﺳﻠﻰ . ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ . ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯩﻐﯩﺮﺭﺍﻕ ﺋﻮﻟﺘﻮﺭﯗﭖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻼﻱ .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2007-10-22 21:05:23

ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﻗﯩﺰ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ.

tantak يوللانغان ۋاقتى 2007-11-4 16:21:05

ﭘﻪﺭﮬﺎﺩﻧﯩﯔ ﮔﯩﭙﻰ ﺋﻮﺭﻭﻧﻠﻮﻟﻘﻜﻪﻥ.ﻛﯚﭖ ﮔﻪﭖ ﻗﻠﺸﻨﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ.ﻗﻤﯩﻤﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﺘﺪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﯞﺍﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﺗﯩﭙﺸﻰ ﺷﯘ ﺗﺎﯞﺍﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺘﮭﻴﺎﺟﻐﺎ ﺑﺎﻏﯩﻠﻖ.ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯﯗﻣﯩﻤﺰﻧﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﺴﯩﺎﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺯﻟﻜﯘﻛﯩﺪﻥ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
بەت: [1] 2
: بىزدىكى پاھىشە ۋازلىك ، چېكىملىك ۋە ئەيدىز كېسىلى