ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ
تاماكا بىلەن كالىلاردىكى كېسەللىكلەرنى داۋالىسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇتاماكىنىڭ قۇرت ئۆلتۈرۈش ، زەھەر قايتۇرۇش رولىدىن پايدىلىنىپ ، تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالىغىلى بولىدۇ .
1. قۇرساق كۆپۈش : ئىككى قاپ تاماكىنىڭ سۈزگۈچ ۋە قەغىزىنى ئېلىۋېتىپ ئۇنىڭغا 500 گرام كۈنجۈت يېغى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ .
2. قېرىنىنى داۋالاش : 50 گرام تاماكا يوپۇرمىقىنى 1 لىتىر سۇدا قاينىتىپ ، سۈزۈلدۈرۈلگەن سۈيىنى يەم - خەشەككە قوشۇپ بەرسە ، كۆشىشىنى كۈچەيتىپ ، ئالدىنقى قېرىننىڭ بوشاپ كېتىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۈرۈنەلىك ئۈنۈمى بولىدۇ .
3. قوتۇر : 750 گرام تاماكا يوپۇرمىقىنى ئېزىپ ، 5 كىلوگرام 30 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدىكى ئىلىمان سۇغا 48 سائەت ئەتراپىدا چىلاپ داكىدا سۈزۈۋالغاندىن كېيىن ، كېسەللەنگەن ئورۇننى ئىلىغان سۇ بىلەن يۇيۇپ ، قەقەشلىرىنى سۈزۈۋېتىپ ، ئاندىن چوتكا بىلەن تاماكا سۈيىنى قوتۇر بولغان جايغا قايتا - قايتا ھەر 10 كۈندە 1 - 2 قېتىم سۈركىسە ساقىيىدۇ .
4. قۇرت يوقىتىش : كۆك تاماكىنىڭ يوپۇرمىقدىن بىر تالىنى ( قۇرۇق يوپۇرماق بولسا يېرىم سائەت سۇغا چىلاش كېرەك ) مونەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، كالىنىڭ ئانۇسىغا كىرگۈزىۋەتسە مەددە قۇرتلىرىنى يوقىتىدۇ .
5. كۆزنى غۇۋالاشتۇرغۇچى قۇرت : 10 گرام تاماكا يوپۇرمىقىنى 100 گرام سۈدا قاينىتىپ شىرنىسى بىلەن كالىنىڭ كۆزىنى ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىمدىن 4 - 5 قېتىم يۇيسا ساقىيىدۇ .
6. كۆز قىل قۇرتى : غاڭزا ياكى مۇشتەك نورى ئىچىدىكى تاماكا ئىسنىڭ يۇقۇندىسىنى سۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن ، كالىنىڭ كۆزىگە تېمىتسا ياخشى بولىدۇ .
7. زۇكام : ئۇزۇن تۇرغان تاماكا يوپۇرمىقىغا ئوت يېىقىپ ، زۇكام كالىنىڭ بۇرۇن ئاستىدىن 30 سانتىمېتىر يىراقلىقتا تۇتۇپ ئىسلىسا كالا چۈشكۈرۈپ ياش ئېقىش توختايدۇ .
8. زەھەرلىنىش : يېڭى تاماكا يوپۇرمىقىدىن بىر تالنى ئېزىپ ، زەھەرلەنگەن ئورۇنغا قويۇپ تېڭىۋەتسە زەھەرنى ياندۇرىدۇ .
كېلىش مەنبەسى :
شىنجاڭ پەن - تېخنىكا گېزىتى
ﭘﺎﮬ ، ﻧﯩﺸﻪ ، ﺧﺮﻭﻳﯩﻨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﭽﯘ ؟؟؟ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﻛﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ ﮬﻪ ؟؟ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﺱ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﭼﯘﯞﯗﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ، ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻝ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯦﺰﯨﻨﻜﻪ ﻛﯩﺮ ﺑﻮﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺭﺗﯩﯟﻩﺗﺴﻪﻡ ﻛﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻪﻛﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﺎﻻ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻜﻪﻧﺪﻩ. ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﺗﺎﻣﺴﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ


-------------------------------
ﻣﺎﯞﯗ ﮔﻪﭖ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻛﻪﭘﺘﺎ!~~~ﮬﯥ ﮬﯥ ﮬﯥ....ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺳﻪﻛﺮﻩﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻧﺪﻩ...ﮬﯥ ﮬﯥ ﮬﯥ.........
بەت:
[1]