Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2007-10-6 22:39:00

ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ. !!

ﺳﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯩﺘﻪﻟﻪﻣﺴﯩﺰ.  ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ  ﻣﻪﻧﭽﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯩﺘﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﺘﻪﻟﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﯜﺗﻪﻱ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ

|lﮔﯜﺭﯛﭺ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ- ﺋﻪﻧﺠﻪﻥ ﭘﯘﻟﻮ
|Iخۇرۇچى]
      گۈرۈچ بىر كىلوگرام، پىياز بىر تال، گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، سۇ يېغى 500 گرام، چامغۇر بىر كىلوگرام، بىھى تۆتتىن – بەشكىچە، تۇز مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، ئانار بىر دانە، قېتىق مۇۋاپىق مىقداردا.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
      1. گۆش، بېھى، سەۋزە، چامغۇر چاقماق قەنتتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.
      2. گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، يېرىم سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ.
      3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 – دەرىجىدە قىزىتىپ، پىيازنى، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سەۋزىنى سېلىپ ياخشى قورۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇز، سۇ قۇيۇپ چامغۇرنى سېلىپ پەس ئوتتا سىم – سىم قاينىتىپ زىرۋەك تەييارلىنىدۇ.
      4. زىرۋەكنىڭ ئۈستىگە يۇيۇپ چىلاپ قويۇلغان گۈرۈچنى سېلىپ، قازاننى تەكشى قاينىتىپ، گۈرۈچنىڭ سۈيى تارتىلغاندا بېھىنى ئاشنىڭ ئۈستىگە تىزىپ دۈملىنىدۇ.
      ئۈستىگە زىرە سېپىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە ئانار چېچىپ، قېتىق بىلەن بىرگە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]
      ئاشنىڭ رەڭگى بوزرەك، ئانار ئاش ئۈستىدە مارجاندەك پارقىرايدۇ. تەمى مەززىلىك ھەم يېيىشلىك.

ﻗﯩﻴﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﺩﯨﻦ-كۆك  ﭘﯚﺭﯨﺴﻰ

  [خۇرۇچى]
      كۆك (يېڭى ئۆسكەن بېدە) 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ مۇۋاپىق، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، ئاق ئۇن 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، ئەبجەش ياغ 70 گرام.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
      1. كۆكنى ئادالاپ پاكىز يۇغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇششاق توغراپ، توغرالغان قۇيرۇق ياغ، تۇز سوققان كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
      2. خېمىرى، ئېتىش، پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى قىزىلبۇغداش پۆرىسىنىڭكىگە ئوخشايدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]
      جىلتى نېپىز، كۆك پۇراپ تۇرىدۇ. ئادەمگە ئەتىيازنىڭ تۇيغۇسىنى  ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ .

ﻛﺎﯞﺍﭘﻼﺭﺩﯨﻦ- ﺩﯛﻣﻠﯩﻤﻪ ﻛﺎﯞﺍﭖ

[خۇرۇچى]
      سۆڭەكلىك قوي گۆشى بىر كىلوگرام، پالەك تۆت تال، سۇڭپىياز ئۈچ تال، جاڭيۇ ئازراق، زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، ھۆل پۇرچاق مۇۋاپىق مىقداردا، قارىمۇچ ئازراق.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
      1. قوينىڭ تۆش ياكى قوۋۇرغا گۆشىنى سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ سەرەڭگە قېپىچىلىك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، زىرە، قارىمۇچ، تۇز، جاڭيۇ، پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، چوڭ چىنە ياكى قاچىغا رەتلىك تىزىپ، ئۈستىگە تۆت تال پالەكنى سېلىپ قاچىنىڭ ئاغزىنى مەھكەم يېپىپ قويۇلىدۇ.
      2. چوڭراق قازانغا سۇ قۇيۇپ، قاينىغاندا، گۆش سېلىنغان قاچىنى قازاندىكى سۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قازاننىڭ ئاغزىنى يېپىپ ئىككى سائەت پىشۇرۇلىدۇ (سۇ قاينىغاندا، سۇ قاچىغا كىرىپ كەتمەيدىغان بولۇشى كېرەك). بۇ ئۇسۇل قاسقاندا پىشۇرغاندا ئوخشىمايدۇ.
      3. پىشقان كاۋاپنى قازاندىن ئېلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ تەخسىگە دۈم كۆمتۈرۈپ (ئۈستىگە سېلىنغان پالەك ئاستىغا، گۆشلەر ئۈستىگە چۈشۈش كېرەك)، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]
      شەكلى كۆركەم، گۆشى يۇمشاق، مەززىلىك بولىدۇ.

سۇيۇق  ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻦ - ﻣﺎﺷﺨﻮﺭﺩﺍ

[خۇرۇچى]
      گۆش 175 گرام، پەمىدۇر ئىككى تال، گۈرۈچ 280 گرام، پالەك مۇۋاپىق، ياغ 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ماش 175 گرام، پىننە ياكى رەيھان ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، لازا ئىككى شوخ، سەۋزە ئىككى باش، زىرە مۇۋاپىق مىقداردا.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
      1. گۆش، پەمىدۇر ۋە پىيازنى ئۇششاق، سەۋزىنى تىرناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. يۇمغاقسۈت چانىلىدۇ. پىننە ئۇششاق ئۇۋۇلىنىدۇ. گۈرۈچ ۋە ماش يۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.
      2. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن گۆشنى، پىيازنى سېلىپ قورۇپ، سارغايغاندا پەمىدۇر، سەۋزىنى سېلىپ ياخشى قورۇپ، دورا – دەرمەكلەرنى سېلىپ قورۇپ، سۇ قۇيۇپ، يۇيۇپ تەييارلانغان ماشنى سېلىپ ئېتىلغىچە قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن گۈرۈچنى سېلىپ يەنە 25~30 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندىن تۇز سېلىنىدۇ (گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن قازان چۈشۈرۈلۈپ بىر ئاز دەم تىندۇرۇلىدۇ). ئاشنى قاچىلارغا ئۇسۇپ، لازا، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]
      تەمى ئۆزگىچە، سۈيى سۈزۈك ھەم گۈرۈچ ھەم ماش تەمى بار.

ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ- كەسكەن  ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ

[خۇرۇچى]
      ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، كەرەپشە ئىككى تال، گۆش 175 گرام، پەمىدۇر ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئازراق، سۇ يېغى 70 گرام، سامساق بىر باش، جاڭدۇ 140 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، كۆك لازا ئىككى شوخ، كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
      1. كەسمە لەغمەن خېمىرىنىڭ تۇزى ئۆتكۈزۈپرەك يۇغۇرۇلىدۇ ۋە ماشىنىدا كېسىلىدۇ. قولدا يۇغۇرۇپ ئەتكەندە، خېمىرنى چىڭ قىلىپ يۇغۇرۇپ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن ئۇنى تەكشى يېيىپ نېپىزلىتىپ، يېرىم سانتىمېتىر كەڭلىكتە كېسىپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ مىنۇت قاينىتىپ ئېلىپ، سوغۇق سۇدا چايقىلىدۇ.
      2. بۇ ئاشنىڭ قورۇمىسى پىلتە لەغمەننىڭكىدەك ئوخشاش قورۇلىدۇ. لېكىن قورۇمىنىڭ سۈيى كۆپرەك بولسا ياخشى.
[ئالاھىدىلىكى]
      خېمىر نېپىز، سىلىق، يېيىشلىك بولىدۇ.

ﭘﯩﭽﯩﻨﻪ ﭘﯩﺮﻩﻧﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ-ﻛﯜﻧﺠﯜﺗﻠﯜﻙ ﻛﯘﻣﯘﻟﻪﻙ

[خۇرۇچى]
      قوي گۆشى 245 گرام، پۇرچاق ئۇنى 50 گرام، خام كۈنجۈت ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، ئاق شېكەر 70 گرام، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، قىزىلگۈل مۇرابباسى ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، ئاچچىقسۇ ئازراق.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
      1. خام كۈنجۈت قايناق سۇغا بېسىپ كۆپتۈرۈلىدۇ. ئاندىن چىڭ دۈملەپ يۇمشىتىپ ئېلىپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىپ، داكىغا ئوراپ ئۈستىدىن سوقۇپ، كۈنجۈتنىڭ پوستى چىقىرۋېتىلىدۇ. تازىلانغان كۈنجۈتنى قورۇپ قورۇتۇپ، ئازراق كۈنجۈت بىلەن ئازراق شېكەرنى ئارلاشتۇرۇپ، يەنە سوقۇپ يۇمشىتىپ ئۇندەك ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭغا قىزىلگۈل مۇرابباسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت شېكەردە ياسالغان تاتلىق قىيما تەييارلىنىدۇ.
      2. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۇمۇلەك ياساپ (ئادەتتە 20 دانە ياسالسا مۇۋاپىق)، ئوتتۇرىسىنى كاۋاك قىلىپ ياسالغان تاتلىق قىيمىنى ئىچىگە ئېلىپ، يەنە كۇمۇلەك ياساپ تەييارلىندۇ (ئىشلەتكەن گۆش ئورۇق بولسا، پۇرچاق ئۇنى ئىشلەتمەي، تۇخۇم ئىشلىتىلىدۇ، تۇخۇم گۆشنى يېپىشقاق قىلىدۇ).
      3. تۇخۇمنى چېقىپ، ھۆل پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق شىرە ياسىلىدۇ. سوغۇق سۇغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنىغا شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق شىرى تەييارلىنىدۇ.
      4. قازانغا ياغ قۇيۇپ 3~4 دەرىجە قىزىتىپ تەييارلانغان كۇمۇلەكنى قويۇق شىرىگە چىلاپ ياغقا سېلىپ، بىرىنچى قېتىم پىشۇرۇپ ئالىمىز. ئىككىنچى قېتىم ياغنى 7~8 دەرىجە قىزىتىپ، يەنە بىر قېتىم پىشۇرۇلىدۇ (ئوت كۈچىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك).
      5. قازاندا ئازراق ياغ قالدۇرۇپ، تەييارلانغان سۇيۇق شىرىنى تۆكۈپ، ئىككى – ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ تەخسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنجۈت، ئازراق ئاچچىقسۇ، ئاق شېكەر سېپىپلا قويسا بولىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]
      شەكلى كۆركەم، كۇمىلىچى يۇمشاق ھەم  ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ.


ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ ﺗﻮﺭﻯ|

nasin يوللانغان ۋاقتى 2007-10-6 23:05:22

ﺋﯚﻳﺪﻩ ﮔﺮﺍﻣﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯚﻣﯜﭼﻼ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ ،ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻢ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﭘﺘﯘ.

laili918 يوللانغان ۋاقتى 2007-10-7 16:31:09

ﻳﺎ ﻛﻮﻣﭙﻴﻮﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ <ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭙﻼ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﻪ ﺑﻮﻻﺭ ﺗﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ.

oguzyar88 يوللانغان ۋاقتى 2007-10-7 17:27:59

ﺋﻪﻧﺠﺎﻥ ﭘﻮﻟﯘﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﮔﯜﺭﯛﭺ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﻛﯩﺘﻪﻣﺪﯗ؟

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2007-10-9 00:26:31

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2007-10-10 14:52:21

ﺋﻪﻧﺠﺎﻥ ﭘﻮﻟﯘﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﮔﯜﺭﯛﭺ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﻛﯩﺘﻪﻣﺪﯗ؟ =======================================
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﺧﻤﯩﺪﯨﻢ ﺋﯧﺸﯘ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯩﻐﯘ.

Umedlik يوللانغان ۋاقتى 2007-10-31 13:30:04

]ﺋﻪﺳﺴﺴﺎﻻﻣﯘﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ! ﮬﯜﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ!
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﭗ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻤﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﺎﻻﻡ ﻳﻮﻟﻼﻳﻤﻪﻥ!  2005-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ ،ﻣﻪﻥ 2005- ﻳﯩﻠﻰ ﺭﻭﺯﻯ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﯜﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻤﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ، ﮬﻪﻡ ﻣﺎﯕﺎ ،ﺋﯘ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﯖﺰﺩﺍ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﯓ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻟﻰ ﺗﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ،ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯜﺗﻤﻪﻳﻼ ﺋﯘ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ...ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﯩﻤﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺧﯘﺩﺍ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ،ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺳﯩﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﻤﻪﻥ.
ﻧﯘﺭﺑﯘﻻﻕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﯜﭖ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﺳﺘﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ﺟﯘﻣﯘ ،ﺗﯩﻤﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻭﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ، ﻣﻪﻥ ﻳﺎﭘﻤﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﺎﻗﺘﯘﺗﯘﺭﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ،ﺑﯘﻟﺘﯘﺭ5-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﯩﮕﻪﻧﭽﻪ ﻳﻪﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﭘﻤﺎ ﺋﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ...[
بەت: [1]
: ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ. !!