Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2007-10-5 11:38:50

ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭ


ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭ
* قىيمىلىق تاماق- بىزنىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىمىزغا كىرىدۇ، ئالايلۇق، مانتا، جۇۋاۋا، چۆچۈرە قاتارلىق قىيمىلىق تاماقلارنى دائىم يەپ بېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ.

قىيمىلىق تاماقلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى- ئۇنىڭدا ئۇزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولۇپ،ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ. ئۇ ھەم ئاساسلىق ھەم قوشۇمچە تاماق تۈرى ھېساپلىنىدۇ. قىيما ئادەتتە گۆشلۈك ھەم گۆشسىز بولۇپ، تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، شۇنداقلا ھەرخىل ئوزۇقلۇقنى بىراق تولۇقلاش رولى بولۇپ، ئىسسىق- سوغۇقنى تەڭشەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. قىيملىق تاماق قىيمىسىدا كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلىمېنتلار بولۇپ، ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ يېسىۋېلەك، تۇرۇپ، يېسى پۇرچاق قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئوزۇقشۇناسلار يەنە قىيمىغا ئازراق موگۇ، لامنارىيە ، قارامور، غولپىياز، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى قوشقاندا، راكقا قارشى تۇرۇش ۋە باكتېرىيە ئۆلتۇرۇشتەك ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ ئەسكەرتتى.

*ئادەتتە كىشلەر دائىم "سول قاپاق تارتىسا ئامەت، ئوڭ قاپاق تارتىسا ئاپەت"نىڭ بىشارىتى دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە تېببىي ئىلىم نوقتىسىدىن قارىغاندا، قاپاق تارتىش ئادەمنىڭ ئامەتلىك ياكى ئاپەتلىك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.  ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن قاپاق تارتىدۇ؟  بىرىنچىدىن، قاپاقنىڭ تارتىشى فىزىئولوگىيىلىك تەسىرنىڭ ئىنكاسىدىن بولىدىكەن. مەسىلەن، جىددىيىلىشىش، چارچاش، ئۇزاق ۋاقىت كۈچلۈك كۈن نۇرى ۋە ئاجىز نۇر ئاستىدا خىزمەت قىلىش، كومپىيوتېر ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇش سەۋەبىدىن كۆز چارچىغاندىن كېيىن قاپاق تارتىدىكەن. بىراق بۇنداق قاپاق تارتىشنىڭ دائىرىسى بەك كىچىك بولۇپ، شۇ كىشى ئۆزىلا بىلەلەيدۇ. ئادەم شۇ خىلدىكى غىدىقلاش خاراكتېرىدىكى مۇھىتتىن ئايرىلىپ مۇۋاپىق ئارام ئالسىلا ئەسلىگە كېلىدۇ.

       ئىككىنچىدىن، پىسخىلۇگىيە جەھەتتىكى تەسىردىن، ئالايلۇق، ئېغىر رۇھىي بېسىمغا ئۇچرىغانلار، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، قىسمەن نېرۋا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قاپىقى تارتىدىكەن.

     ئۈچىنچىدىن، كۆز ئەتراپىدىكى بەزى كېسەللىكلەرنىڭ قاپاققا بولغان ئىنكاسى مەسىلەن، كۆز مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسلىگە مۇۋاپىق كۆزەينەك تاقىماسلىقىمۇ قاپاق تارتىشقا سەۋەب بولىدىكەن. يۈز قىسىمدىكى نېرۋا سىستېمىلىرى زەربىگە ئۇچرىسا ياكى بېسلىسا قاپاق تارتىدىكەن. بۇنىڭدا باش- مېڭىدىكى بىر قىسىم قان تومۇرلاردا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدىكەن، قان قان تومۇرلاردىن ئۆتكەندە قان تومۇر يۈز نېرۋىلىرىنىڭ يىلتىز قىسمىغا بېسىم پەيدا قىلغاچقا، يۈز ۋە كۆز قىسىم مۇسكۇللىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تارتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.            

* چىش پاستىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە روللىرى بار:

ھەرە، پاشا چىقىۋالغان جايغا چىش  پاستىسى سۈرتۈپ قويسا ئىششىقنى ياندۇرۇپ، قېچىشىشنى پەسەيتىدۇ.

قول، پۇت، قۇلاق قاتارلىق ئورنلار ئۈششۈپ قالسا، چىش پاستىسىنى سۈرتۈپ قويسا ئىششىقنى ياندۇرغىلى بولىدۇ.

   باش ئاغرىغان چاغدا ئىككى چېكىگە چىش پاستىسى سۈرتۈپ قويسا، ئاغرىقنى مۇئەييەن دەرىجىدە پەسەيتلىكى بولىدۇ.

ئاياغنىڭ ئىچى نەم تارتىپ، پۇت قېچىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، ئالدى بىلەن پۇتنى يۇيۇپ، ئاندىن دورا تەركىبىگە ئىگە چىش پاستىسىنى سۈرتۈش ئارقىلىق بۇ خىل كېسەلنى ساقايتقىلى بولىدۇ.

   كىرلىشىپ كەتكەن ئەينەكنى چىش پاستىسى سۈرتۈپ يۇسا، ھەم پاكىز ھەم پارقىراق بولىدۇ.

*ئادەتتە خىزمەتداشلار ئارا تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ:

بىرەر كىشى خىزمەتدىشىڭىزغا تېلېفۇن بەرگەندە، خىزمەتدىشىڭىز بار بولسا تۇرۇپكىنى دەرھال ئۇنىڭغا بېرىڭ. ھەرگىزمۇ تېلېفۇن بەرگۇچىنىڭ كىم، قايسى ئورۇندا ئىشلەيدىغانلىقى، نېمە ئىش بىلەن تېلېفۇن بەرگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلماڭ. ئىككى تەرەپ تېلېفۇندا سۆزلىشۋاتقاندا ھەرگىز زەڭ سېلىپ تىڭشىماڭ.

   بىرەر كىشى خىزمەتدىشڭىزنى ئىزدەپ كەلگەندە، خىزمەتدىشىڭىز بار بولسا، مەيلى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياكى كېيىن بولسۇن خىزمەتدشىڭىز كەلگەن مېھماننى ئۆزلۈكىدىن تونۇشتۇرمىسلا، ئۇنىڭ كىم، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى كوچىلاپ سورىماڭ.

   بىرەرسى خوسۇسىي خەت- چەك يېزىۋاتقاندا ھەرگىز يېنىدا قاراپ ئولتۇرماڭ ھەمدە ئۇنىڭ كىمگە نېمە ئىش ئۈستىدە خەت يېزىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلماڭ.

   يېقىن كىشىڭىزنى جورىسى بىلەن پاراڭلىشۋاتقان ھالەتتە ئۇچراتقىنىڭىزدا ئامانلىق سوراپ قويۇپلا يولىڭىزغا كېتىۋېرىڭ. ھەرگىز ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئارىلاشماڭ.

*ئەمدى ئائىلىلەردە قۇرۇق مېۋىلەرنى ساقلاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

*    ئادەتتە چىلاننىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت بورا يېپىپ ياكى سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئىدىشقا قاچىلاپ ھىم ئېتىپ ساقلىسا ،ئۇزاققىچە بوزۇلمايدۇ. يەنە چىلانغا ئۆت- چۆپ كۈلىنى ئارىلاشتۇرۇپ، چېلەك ئىچىگە سېلىپ ئۈستىنى يېپىپ ساقلسىمۇ ۋە ياكى 30- 40 گرامغىچە ئاشتۇزىنى ئېزىپ قورۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ھەر 500 گرام چىلاننى بىر قەۋەت قىلىپ تۇز سېپىپ ئىدىشقا قاچىلاپ ھىم ئېتىپ ساقلىسىمۇ بولىدۇ.

*خورمىنىڭ نەم تارتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۆچۈرۈلمىگەن ھاكنىڭ كىچىك پارچىسىنى لاتىغا ئوراپ خورما ساقلايدىغان قاچىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇش كېرەك.

خاسىڭ مېغىزىنى 2- 3 كۈن ئاپتاپقا سېلىپ ئاندىن سۇلياۋ قۇتىلارغا قاچىلاپ، قۇتا ئىچىگە بىر كىچىك بولاق كاۋاۋىچىننى سېلىپ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ قۇرغاق، تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق، يۇرۇق چۇشمەيدىغان جايغا قويۇپ ساقلىسا ياكى توڭلاتقۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ ساقلىسا بىر- ئىككى يىل ساقلىغىلى بولىدۇ.

*ئادەتتە ياڭاقنى ئىدىش ياكى ياغاچ ساندۇققا قاچىلاپ قۇرۇق قۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ ھىم ئەتكەندىن كېيىن شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇپ ساقلىغاندا بىر يىل ساقلىغىلى بولىدۇ.

ئائىلىلەردە كىشمىش ساقلاش بىر ئاز تەسىرەك. ئادەتتە كىشمىشنى ئىدىشقا قاچىلاپ ھىم ئېتىپ ساقلىغاندا ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ.


ﮬﯧﻜﯩﻤﻪﺕ ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﻠﯩﺮﻯ



*بىلىملىك كشىلەر ۋۇجۇتنى ئۇپۇرتىدۇ، بىلىم بىلەن شادىلىنىپ جېنىنى ياشارتىدۇ.

*دانىشمەن سۆزىگە ئىشەنسەڭ ئۇنى ئاش  تاماق دەپ بىل .

*ھەر ئىشىنى ئىدراك بىلەن چۈشىنىپ ، بىلىم بىلەن قىل. ئۇنىدا كۈنۈڭ قۇتلۇق ، يوللىرىڭ سائادەتلىك بولىدۇ.

*بىلمىگەننى سوراپ ئۆگەنگەن ئالىم بولۇر،  سورىمىغان ئۆزىگە زالىم بولۇر.

*كىشى پاراسەت بىلەن ئۆرلەپ، بىلىم بىلەن يۈكسىلىدۇ. بۇ ئىككىسى بىلەن  قەدىر  قىممەت تاپىدۇ.

*ھەر قانداق ئىشتا بولمىسۇن، ماھارەت ئىشلەت ماھارەت ئىشلەتسەڭ بەخىت ساڭا يۈزلىنىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ  ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﻮﺭﻯ

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2007-10-5 14:51:49

ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﯟﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻛﻪﻥ! ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﯞﺍﭘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯞﻩﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﭘﺘﻜﻪﻥ!

SNAKE يوللانغان ۋاقتى 2007-10-5 15:49:06

ﮔﯚﺷﻨﻰ 25-23ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﻠﯘﻕ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯧﺘﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ( ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ) ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ..
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﺳﯩﺰ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ..

SARKA يوللانغان ۋاقتى 2007-10-5 15:59:17

SNAKE ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ، ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﻮﺧﺸﻤﺎﻣﺪﯗ...(ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ )..
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ...ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﺩﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﮔﯚﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻳﯩﯖﻰ ﮔﯚﺷﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯩﻜﺮﻭﭖ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ...

SNAKE يوللانغان ۋاقتى 2007-10-5 17:29:54

ﺷﯘ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻏﺎ ﭘﯘﻝ ﻳﻮﻕ ..
بەت: [1]
: ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭ