Mihman يوللانغان ۋاقتى 2007-9-30 01:29:38

ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ! ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ
ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ <ﺳﻮﻳﻤﺎ> hacker ﻻﺭ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﻳﯘﻗﺎﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ،ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭙﻤﯘ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ،ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯ ﺗﻮﻻ ﮬﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ %100 ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،
ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﺴﻰ ﻓﻮﺭﻣﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﻟﯜﭖ، ﻳﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ،
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯩﺶ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺩﯨﺘﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﺰ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ ﺩﯨﻴﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺯﻭﺭﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . <ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ>

ﺋﺎﺗﯘﺵ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﻘﯘﭼﻰ : QQ 14286588

ZULYAR0997 يوللانغان ۋاقتى 2007-9-30 10:14:35

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ!
ﻣﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭ:ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻢ ASUS-Z9100 ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮ.ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﯩﺴﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯘﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ.ﻧﯩﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻨﻜﯩﻦ،ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻼ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯘﻗﯘﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﭘﻘﺎﭘﺘﯘ.ﻛﺎﺷﻠﯩﺴﻰ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎﺷﯩﻼ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ،ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﻤﺪﻩ ،ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺗﺴﺎﻡ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﺎ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍ \"ﺗﺎﺭﺍﻕ-ﺗﯘﺭﯗﻕ\"ﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﯨﻨﺪﻭﯞﺳﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﮬﯚﺟﺠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﺎ    HITACHI|ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ 40 ﮔﯧﮕﺎﺑﺎﻳﯩﺘﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﺎ.
ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯨﺘﯩﭗ،ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ 5ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺋﯩﺪﻯ
.ﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ،ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﯖﻨﯩﺴﻰ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯧﻜﺘﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﻛﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﺘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯜﯞﻩﻥ(ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻤﺰﯨﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ)ﺋﯩﻜﻪﻥ،ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﺍﻛﯘﺋﯘﻡ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﯞﺍﻛﯘﺋﯘﻡ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﯕﺸﯩﻤﯩﻘﻰ ﺗﻪﺱ-ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ.
ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﯕﺸﺎﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻳﺴﯩﺰ.ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻠﯩﻔﯘﻧﺪﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2007-9-30 14:42:06

ﮬﻪﻗﺴﺰﻯ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺋﻮﯕﺸﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﮬﻪﻗﺴﺰﮔﻪ ﺗﺎﻳﺎﻧﻤﺎﯓ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺴﯩﺰ

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2007-9-30 15:59:40

ﺋﺎﺗﯘﺵ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ  . ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﻤﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ  ﺳﯩﺰ  ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻻﻣﺴﯩﺰ  ﺩﻩﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻧﺪﻩ
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﯘﻗﺎﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺷﯘ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﯘﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ.

SARKA يوللانغان ۋاقتى 2007-9-30 17:25:09

ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ...

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2007-9-30 18:33:26

ﻣﻪﻧﻤﯘ 5 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯩﻘﻘﺎﻥ-ﺗﻪﺭﮔﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻳﯜﻗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ﺗﺎﺯﺍ...

Mihman يوللانغان ۋاقتى 2007-10-21 15:07:51

ZULYAR0997
  ﺗﯩﻤﯩﻐﺎ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺧﯩﺠﯩﻠﻤﻪﻥ . ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﯨﻜﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺭﯨﻤﯘﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﯜﯞﻩﻥ < ﻛﺎﺷﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ >، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯨﺴﻜﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﻓﻮﺭﻣﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺭﺍﻳﯘﻥ ﺑﯚﻟﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ 99% ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ . ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

pigan يوللانغان ۋاقتى 2008-2-4 22:26:27



ﺳﯩﺰ ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻥ  ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺯﮔﯩﻠﯩﻐﺎ  ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﭼﯜﺷﺘﯜﻡ ،  ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ  ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎ  ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ .
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﮬﻪﻡ  Easy Recovery ،  Final Data  ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺴﯩﺰ ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ  ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻣﯘﺩﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ .

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-2-4 22:45:44

ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﺯﺍ ﻻﺯﯨﻤﻜﻪﻥ.

habibulla يوللانغان ۋاقتى 2010-10-5 11:23:08

recover my files دىگەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتالىمۇ خېلى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، مەن ئاساسەن شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، لىكىن ھەقلىق نۇسخىسى ھامان تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن. مۇمكىن بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتالىنىڭ ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

alip يوللانغان ۋاقتى 2010-10-5 11:49:53

قاتتىق دېسكىدىكى ھەممە نەرسىنى يوقىتىۋەتكەن بولسا \"سويما\" ئەمەسكەن ئەمسە.

مەندە 联想 خاتىرە كومپىيۇتېرنىڭ 250gb لىق، SATA ئېغىزلىق قاتتىق دېسكىسى بار ئىدى. بۇزۇق سېكىتۇر بارمىكىن، قەتئى فورماتلىيالمىدىم. تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاپ باقاي دەپ Lformat نى ئىشلەتسەم،  SATA ئېغىزلىق دېسكىنى تاپالمىدى. DM, PQ قاتارلىق دېتاللار كارغا كەلمىدى.  Disk Gen دا رايونلارغا ئايرىلدۇ، ئەمما فورماتلاش باسقۇچىدا خاتالىق چىقىۋېلىپ توختاپ قېلىۋاتىدۇ.

شۇنى ئوڭشىغىلى بولارمۇ؟ تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتىلىيالىسىم ئوڭشىلىش مۇمكىنچىلىكى بارتى.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2010-10-5 14:41:01

قاتتىق دىسكا ئەسلىگە كەلتۈرشتە  R-Studio غا يېتىدىغىنى يوق. بىر ۋاقىتتا بىر دوستۇمنىڭ خاتىرە كومپىيوتىردىكى نەرسىللىرىنى گوستىن خاتا ياندۇرۇپ قويۇپ يۇيۇلۇپ كېتىپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا شۇنچە مەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرەي دېسەم دوستۇم 中关村 گە ئاپىرىپ قايتۇراي دېدى. ماقۇل دەپ بىللە بېرىشىپ بەردىم. مەخسۇس يۇيۇلۇپ كەتكەن سان سىفىرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورنىغا بېرىپ 100 كوي تۆلەپ ئەسلىگە كەلتۈردى. قاراپ تۇرۋالسام قارىما دەپ ، ئۇنىمغانغا ئۇنىماي قاراپ تۇرۋالدىم ۋە ئىشلەتكەن دېتالىنى كۆرىۋالدىم. مەن تېخى قانداقتۇر قاتتىق دېتال ئىشلىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرەمدىكى دېسە R-Studio دەيدىغان يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆچۈپ كەتكەن نەرسىلەر ئەسلىگە كەلدى.  توردىن ئىزدەپ بېقىڭ خېلە ئاقىدۇ ئۇ گۇي.
بەت: [1]
: ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ