ﻏﻪﻧﯩﺰﺍﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ : ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ amp
غەنىزات ئۇيغۇرشېئىرنىڭ چېچى
ئاراشلىرىدىن ۋاقىتنىڭ
ئاڭلىنىدۇ نوزۇك ناخشىسى .
چۇۋۇلماقتا
شېئىرنىڭ چېچى .
مىسرا -مىسرا قاناتلىرىدىن
تۆكۈلمەكتە ھەرپ تامچىسى .
(ئوتتۇز ئىككى ھەرپ -
ئوتتۇز ئىككى چىش ! ...)
ھەربىر ھەرپ
ئۇيغۇرچە ئالقىش ! ...
شېئىر -
ئادەمسىمان قاناتلىق ئېلاھ .
.................................................
خانەم جىمجىت ،
تەنھا مەن ، تەنھا .
چېكەر ئىشىكنى ،
غەمكىن نوزۇگۇم ،
تەنھالىقنىڭ چۇڭقۇرلۇقىدا .
نېگاھىدا
شۇ بىرلا سۇئال :
<< نازۇك باشقا كۈن چۈشتى ،
ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ ؟!!!... >>
سادىر
ئات ئوينۇتۇپ چاپار روھىمدا .
چىرقىرايدۇ
نوزۇگۇم سىرىتتا !....
بىراق ،
مەن يەنىلا مەن ،
يوق بىرتال تاش قولۇمدا ھەتتا ...
.........................
نوزۇگۇم -
مەڭگۈلۈككە ئايلانغان
شېئىر !....
1993 -يىل ، 8 -فېۋرال ، قەشقەر ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯩﺮﻩﻟﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟!...
بەت:
[1]