tumankut يوللانغان ۋاقتى 2007-9-27 14:51:44

ﻏﻪﻧﯩﺰﺍﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ : ﺋﺎﺯﺍﺏ ﻗ

ئات     

  (ئازاب   قوڭغۇراقلىرى)  

     ئات  ،  ھەي  ئات  ؛ سەن ئاددىيلا  بىر  ھايۋان ،  بىراق   يەنە  سەن  ئاددىي ئەمەس  ،  گويا    ئۇزاق   تارىختىن  گۇۋاھلىق  بەرگۈچى   قەيسەر   قەبرە تېشى ! ... تارىخىم   سەن   بىلەن   باغلانغان   ئۇزاق  ،  يوقۇتالماس  ۋە  ئۆچۈرەلمەس  بۇ  تارىخنى   ھېچ   كىشى !! ...  

     ئات  ، ھەي  ئات ؛    سەن   پەسىللەر  كەڭلىكىدە   چاقنايسەن  نۇردەك ،   بىپايان     مۇڭغۇل   يايلاقلىرىدا   كىشنىگەندەك  ؛  ئامۇ  ،  سىر  دەريالىرى    ئانامدۇر   مېنىڭ  ،   ئاناڭدۇر   سېنىڭ  ،   كەچمىشىمىز   گويا   قوشكېزەك  ! ...  


غەنىزات ئۇيغۇر

ئازاب قوڭغۇراقلىرى

(نەسىرلەر)

سۈكۈتتىكى سايىنىڭ تەشۋىشلىرىدە ئۆركەشلىگەن تەن ئەزەلىيەت كۈلكىلىرىدە يۇيۇنغان چىملىق چىرىمتالىغا تاشلانغان ، چاقماقلار ئۇسسۇل ئويناپ بۇلۇتلار جاراھىتىدىن يامرىغان ئىڭراشلاردىن تەنتەنە قىلغان ، شامال قىلىچلىرى ئورمانلار باغرىنى تىلغان ئەشۇ ئۆتەڭدە تەشۋىش زەنجىرلىرىدە ۋۇجۇدىيەت ئالىمىم سۈرگۈنگاھقا ئايلانغاندا ، يارىلىش ئەپسانىسى ئوقۇغان ئەي زاھىد ؛ زۇمرەت دولقۇنلار چايقىلىپ تۇرغان ھېكمەتلەر دېڭىزىدا ئۈزۈۋاتقان غەۋۋاس مەن ئىدىم ........

ئۇپۇق پەردىسى قايرىلىپ سۈزۈكلىكىم قۇياش نۇرلىرىغا يۆگىشپ بۇلۇتلار قەھرىدە ئويغانغان ، زەررىلىرىم سان - ساناقسىز دەقىقىلەردىكى ئىرماش - چىرماش ئورگانىزىملاردا قارار تاپقان ئەشۇ كۈنى تۈنلەرنىڭ ئېتىبارسىز تەكلىپنامىلىرى يىرتىلغان ساھىللاردا كۈيلەر سېھرىدە مەسىتخۇش بولغان قوپال ھەرىپلەر بىلەن تۇمان پەسلىدىكى نۇرلارنى خاتىرلەۋاتقان ناتونۇش سەيياھ مەن ئىدىم .........

رەڭلەر يامغۇرى ھاياتلىق پىرىستانىغا تۆكۈلگەندە ، غەم قولۋىقىدا تۇيغۇ دېڭىزىدىن ئۆتۈۋاتقان مۇقەددەس ئاھاڭلار روھىم گىرۋىكىگە سوقۇلغاندا ۋاقىت ياپرىقىدا چاقناۋاتقان تەمتىرەشلىرىم ئىرىشىش پىغانلىرىدا يېشىنگەن ئەمەسمىدى ؟!... چۈشلەر دېڭىزىدا يۇيۇنغان ۋىسال پەرىسى نەمخۇش چاچلىرىنى يېيىپ كارۋىتىمدا ياتىدۇ . ھېجران ناخشىلىرى ياڭرىغان جىگدىزارلىقتا دەستە -دەستە سېغىنىش گۈللىرىنى ئۇزاتقان فېۋرالنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرغان سايەم ھە يۋەتلىك خۇرسىنىشلارغا قاراپ قېتىپ قالغاندا سۈكۈتتەك يەڭگىل قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتقان ناتونۇش ئادەم مەن ئىدىم ...

قارا ، ئەي قەلبىم ئەسلىمە شاناللىرى غەمكىن ھېجراننىڭ گىلرەڭ يوللىرىدىكى تونۇش ئىزلارنى ئۆچۈرمەكتە ...



تىمتاس كېچە ...

يورۇقلۇق قوغلانغان بارچە دەرىزىلەردىن ،كوچىلار قۇپقۇرۇق گويا جەسەتسىز جىنازىلاردەك ؛ قاراڭغۇلۇق تۆكۈلگەن ھەممە ياقلارغا ، كېلىدۇ كېچە پۇرىقى تەرەپ - تەرەپتىن ؛ ئۆلۈكلەر چاقىرار تىرىكلەرنى ئۆز يېنىغا ئەكەتمەك بولۇپ ، ئويلاپ ھاياتلىق دەرۋازىسىغا سالماقنى قۇلۇپ ؛ بىلىپ پانىينىمۇ قەبرە - مازاردەك !...

تىمتاس كېچە ...

دىلبىرىمنىڭ تاتلىق شىۋىرلاشلىرى ئېرىپ كېتەر يۈرىكىمدە ، كېچە ئەينەكلىرى چۇل -چۇل بولغان تىلىكىمدە ؛ ھەرىپلەر قان - تەرلىرىمدىن مۇنار ياساپ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنىدۇ ، يالىڭاچ تەن كېچە قۇچىقىغا كىرىشكە ئۇرۇنىدۇ . كېچىنىڭ يالىڭاچلىقى سىر ئەمەس ، كېچىنىڭ تىمتاسلىقى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت ، ئۆلۈم قاينىغان باياۋانلاردا ؛ ئۆلۈم كېچە بىلەن قوشكېزەك ، كېچە - يېرىم ئۆلۈم ، ئۆلۈمنىڭ رەڭگى قاپقارا گويا يۇلتۇزسىز - ئايسىز كېچىدەك ، قار -مۇز بىلەن قاپلانغان تاغ - داۋانلاردا ؛

كېچە بىلەن ئۆلۈم قۇچاقلىشىدۇ ، ئۆلۈم بەرباتلىق مۇزىكىسى چالىدۇ ؛ بەئەينى شاياتۇنلاردەك يەر يۈزىنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ ، ئۇسسۇل ئويناپ ھارمايدۇ ...زاۋال مۇئەككىلى قاقاھلاپ كۈلىدۇ ھۇۋقۇشلار ئاۋازىدا !......

تىمتاس كېچە ...

دەريالار يۈزىگە چۈمپەردە ئارىتقان ، ھاياتلىق ئىزىدا مۇز بولۇپ قاتقان ؛ كېچە ئۇيقۇدىكى تەنلەرنى تۇيدۇرماي چىشلەپ تارتىدۇ ئۆلۈم ئالۋاستىسىنىڭ قارارگاھىغا ؛ گويا لالما ئىت بېلىق سىۋىتىدىكى بېلىقلارنى يېگەنگە ئوخشاش ، ۋاقىتنى يەيدۇ كېچە تىۋىش چىقارماي ؛ ئاڭلىمايدۇ ئۇيقۇ چاڭگىلىدىكىلەر ۋاقىتنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىراشلىرىنى؛ ۋاقىتنىڭ چىرقىراشلىرى ماھىيەتتە ئىنسانلار ئۈچۇن ئەلەملىك يىغىدىن باشقا ھېچنىمە ئەمەس ! ... ئاپئاق نۇرلار رەھىمسىزلەرچە كۆيدۈرۈلۈپ قاپقارا كۈلگە ئايلاندۇرۇلدى ، بىراق بۇنى ھېچكىم كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمىدى ؟!....

تىمتاس كېچە ...

كېچە قاراڭغۇلۇقىنى ئىتتىرىۋاتقان قوللىرىم تېلىپ كەتتى، كەچمىشلىرىم ھايال ئۆتمەي قېرىپ كەتتى؛ئىزتىراپلىق خىياللار ئۇيقۇمنى يەپ كەتتى !...

دەل -دەرەخلەرنىڭ قاراڭغۇ شاخلىرىدا ساقالىرى ئۇچتەك ئاقارغان سۈكۈت كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ئولتۇرىدۇ ، كېچە سۈكۈتتىن ھامىلدار بولغان . توۋا ، ھەممە يەردە سۈكۈت ، ئۇ گويا چاشقان باللىرىدەك قالايمىقان پىتراپ يۈگۈرمەكتە . تۈن پەرىزاتلىرى ھەممىلا جايدا ئۇچۇپ ئايلانماقتا . ئەشۇ سان -ساناقسىز سۈكۈت پىترىغان قاراڭغۇلۇق باغرىنى تېشىپ ئۇنى قانسىرىتىۋاتقان بىر نۇر چاقنىماقتا . بۇ نۇر ئۇيقۇدىن بىدار شائېر روجىكىدىن ، بەلكى شائېر تىنىقىدىن شېئىر بولۇپ ئوخچۇماقتا ! ... تالا -تالا نۇرغا ئايلىنىپ كېچە قاراڭغۇلۇقىنى مات قىلىۋاتقان شېئىر ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىيەت سەپىرىدىكى يوللارغا كۈچلۈك ۋە پارلاق نۇر بولۇپ تۆكۈلمەكتە ! شائېرنىڭ قەلىمىدىن ئېتىلغان نۇر نەيزىلىرى كېچە قاراڭغۇلىقىنى تېشىپ ئۆتمەكتە !!...

تىمتاس كېچە ...

دىلبىرىمنىڭ چېچىدەك قاپقارا سىياھ بىلەن بويالغان تۈن ، ئۇ ئۆز يۈزىگە ئۆزى سۇۋايدۇ قارا تېخىمۇ سۈرلۈك كۆرۈنۈش ئۈچۈن . ئۇنىڭ قارا نۇر يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن چاقناپ تۇرغان غەپلەت ئۇچقۇنلىرى نادان ، لايغەزەللەرنىڭ ئۆمرىنى ئېكەكلىمەكتە ! ... ئۇنىڭ كۆزلىرى تىكىلگەن ھېلقى ۋىجىك ۋە ئورۇق شائىرنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن ؛ نېھايەتكى ، دۇنيادا بارچە ئىنسان ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق بولسىمۇ ، بىراق شائىر تۈن دېڭىزىدا قەغەزنى قولۋاق ، قەلەمنى پالاق قىلىپ يۈرىدۇ ئۈزۈپ ، بارچە ئاۋازى بىلەن قاتتىق ۋارقىراپ ؛ ئاۋازىدىن تۆكۈلىدۇ ھەربىر دانىسى مىڭ پاتمان كېلىدىغان ۋەزنى ئېغىر ، لېكىن پەيدەك يەڭگىل ئۇچقۇر ھەرپلەر ! ...

ئۇ ھەرىپلەر دۇنياسىدىن ئۈزۈپ چىقالماس ،ھەم چىقىشنىمۇ زىنھار خالىماس !... ئۇ ھەرىپلەر ئۈچۈن جان بىرەر تۇيغۇ چىنلىقىدا لاۋۇلداپ ، چاقناپ !!...

ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ھاسىل بولۇپ گۈلدۈرماما ، تىترەپ يەر ھەم كۆك ساما ، يورۇغاي كائىنات چاقماققا ئايلانغان شېئىرنىڭ ئۇزۇن - قىسقا مىسرالىرىدا !!!....

كۆرگەن بولغىيدىڭ سەنمۇ چاقماقنىڭ يىلتىزسىمان چېقىلغىنىنى ؟! ... چاقماق ئەسلى چاقماق ئەمەس ، بەلكى شېئىر يىلتىزلىرىنىڭ بەردەم چاقنىشى !!...

گۈلدۈرماما بولۇپ گۈلدۈرلەيدۇ شائېر ئاۋازى ، ئەشۇ ئاۋازدىن چاقماق بولۇپ چېقىلىدۇ شېئىر يىلتىزى!!!.......

تىمتاس كېچە ...

دولقۇنلار شاماللارنى قەي قىلغان ، دوقمۇشلار دولقۇنلارنى توسۇش ھەلەكچىلىكىدە مات بولغان ؛ تۈن ئەجدىھاسى يالماپ يۈتىدۇ ھەممىلا نەرسىنى ، ھەتتا ئامان قويمايدۇ قارا رەڭدە بويىلىشتىن دولقۇنلارنى !... ھەممە - ھەممىنى !! .......

قارا ، ئەنە دولقۇن كېلىۋاتىدۇ يوغان - يوغان قەدەم تاشلاپ ، ھاياتلىقنى يۈدۈپ - ھاپاشلاپ ؛ ئالدىراڭغۇ ھەم ئالدامچى ۋاقىتنىڭ كەينىدىن قوغلاپ !...

تىمتاس كېچە ...

يوللار ئىپپىتىنى يوقاتقان قىزدەك قىپيالىڭاچ سوزولۇپ ياتىدۇ ، دەل - دەرەخلەر پاھىشخانا خوجايىنىدەك يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە مىدىرلاش قۇربىتىگە ئىگە بارچە نەرسىنىڭ راھىتى ئۈچۈن يوللارنىڭ ئىپپىتىنى ساتىدۇ !...

كېچە ئۆز تىلىدا تارىخ يازىدۇ ، ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشىنى سىياھ ، غالىبلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى قەلەم قىلىپ !...

- ئەڭ بۆيۈك قۇدرەت ۋە ئەڭ كۈچلۈك ھاياتلىقمۇ ئۆلۈم بىلەن زۇلمەتكە تەسلىم بولىدۇ !... -دەپ جار سالىدۇ يوقلۇق تەڭرىسى .

- ئۆلۈمدىن باشقىسى ئالدامچىلىق !... - دەپ كۆرەڭلەيدۇ قەبرىلەر .

-بىلجىرلىما !...ئەڭ بۆيۈك قۇدرەت ھەرىكەتتە !! .. ھاياتلىق ھەرىكەت بىلەن ئۆلۈم ۋە زۇلمەتنى مات قىلىدۇ !!! ... - دەپ ۋارقىرايدۇ گالاكتىكا شائىرلار تىلىدا .

ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋاز دولقۇنى يەر شارىنىڭ ئاتموسفىرا قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرىپ گۈلدۈرماما بولۇپ گۈلدۈرلەيدۇ بەھەيۋەت !!... شېئىر چاقماق بولۇپ چېقىلىدۇ ، قىلىپ ھاسىل ئېلاھىي قۇدرەت !!!...............
                                                                     2007 -ﻳﯩﻞ  ،ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ،  ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ

tumankut يوللانغان ۋاقتى 2007-10-1 13:24:27

ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ   ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ  ﺋﯧﻼﻥ   ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ   ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ   ﺑﺎﮬﺎ   ﻳﺎﺯﺍﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ   ﺋﺎﺩﻩﻡ   ﻳﻮﻗﻤﯩﺪﯗ  ؟! ....
بەت: [1]
: ﻏﻪﻧﯩﺰﺍﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ : ﺋﺎﺯﺍﺏ ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺮﻯ