kc-gh يوللانغان ۋاقتى 2007-9-26 19:16:52

ﭼﯩﻤﭙﯩﻴﻮﻥ ( ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ )


مەن ئۆزۈمنى ئانچە ئەقىللىق دەپ قارىمايمەن. بەزىدە كاللامنىڭ ئايرىم ۋېنتىلىرى ئىشلىمەيمۇ قالىدۇ. شۇڭا جاھاننىڭ بەزى ئۆز ھال ئىشلىرىمۇ كاللامغا يۈك بولۇپ ، كۆڭۈل ئارامىمنى بۇزىدۇ...
بىر كۈنى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدىكى قارتۋازلارنىڭ پارىڭى قولىقىمغا كىرىپ قالدى :
- ھەي ئاغىنىلەر ، ئاڭلىسام ئادىل ھوشۇرنى ئىچكىرىدە بۇلۇڭ چوققىسى بىلەن كۇلۇڭ چوققىسىدىن ئۆتۈپتۇ دەيدۇ ، راسىتمۇ؟
- جۇرۇڭ چوققىسى بىلەن فۇرۇڭ چوققىسى دېمەمسەن، ساۋاتسىز!
- ھە، ئىشقىلىپ بىر نېمە چوققىسى، ئۆتكىنى راسىتمۇ بولمىسا ئونىڭ؟
- راست ، نېمە بولۇپ بۇنى سوراپ قالدىڭ؟
- ئۇ چوققىدىن ئۆتسە، بىز خەققە نېمە پايدىسى بار؟ ھەجەپ داڭلاپ كەتتىيا دىيەنشىدە؟ يا ئۇ بىر قۇربانجان ئەۋلىيادەك كېسەل داۋالىيالمىسا...
-نېمىشقا داڭلايتتى ئەخمەق، بىزنىڭ يېزىغا دار ئويۇنى ئەكەلسىمۇ داڭلاپ بېلەت ساتىدىغۇ؟  ھە، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش، ئۆتكەن تانىسى قانچە ئېگىز ھەم ئۇزۇن بولسا، بېلىتىنىڭ باھاسىمۇ شۇنچە قىممەت بولىدىغان گەپ . بېلىتى قىممەت بولغاندىكىن، تاپىدىغان پۇلىمۇ جىق بولىدۇ- دە ، شۇڭا داڭلايدۇ ئۇنى.
-ماڭەۋا، پوۋاش! ئۇنىڭغا داڭلىمايدۇ، خەق قىلالمىغان ئىشىنى قىلغاچقا داڭلايدۇ ئۇنى، ھازىرغىچە ھېچكىم ئۇنداق ئېگىز تانىدىن ئۆتۈپ باقمىغان تۇرسا ... گاگارېنمۇ ھېچكىمنىڭ ئەقلىگە كەچمەستە ئايغا چىقىپ ، يەر ئېچىپ قويۇپتىكەن، مانا ئەمدى ئامېرىكىلىقلارغا پايدىسى تېگىپ ، نامىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي يۈرمەمدۇ؟!
- ئايدىن يەر ئېچىپ نېمە قىلىدىكىنە ئەمدى؟
- كېۋەز تېرىيدىكەن دەيدىغۇ.
- يەر شۇنچە كەڭ تۇرسا، ئايغا چىقىپ كېۋەز تېرىمىسا نېمە بوپتۇ؟
- ئايدا كېۋەز پىتى بىلەن غوزا قۇرتى يوقمىش، شۇڭا كېۋەز بەك ئوخشايمىش.
-ئونداقتا توشۇيدىغانغا تۆمۈريول ياسىسا بولغۇدەك.
-ئايروپىلاندا يۆتكىمەمدۇ، كالۋا!
-ئايروپىلانغا جىق پاتمامدىكىن دەيمىنا؟
-...
-ھەي ئاغىنىلەر، گاگارېن ئامېرىكىلىق ئەمەستۇ؟!
-ئامېرىكىلىق بولمىسا، ئايدىن زېمىن تۇتالامتى؟
...
ئۇلارنىڭ گېپىگە ئېرەڭشىمەي، مىيىقىمدا كۆلۈپ قويۇپ ، يولۇمغا ماڭدىم . ئۆيگە كىرىپ ، بىكارچىلىقتا تېلېۋىزۇرنى ئېچىۋىدىم ، ئامېرىكا بۇقا كوماندىسىنىڭ ۋاسكېتبول ماھارىتى كۆرسىتىلىۋاتقانكەن. چويۇندەك چىڭ مۇسكۇللىرى سېرىق ماي سۈرگەندەك پارقىراپ كەتكەن تامدەك بەرزو نېگىر تەنھەرىكەتچىلەر جان-جەھلى بىلەن يۈگۈرۈشۈپ، قوللىرىغا ئوينىغۇچتەك يېپىشىپ كېلىۋاتقان توپنى ھېلى ئوڭ ياندىن، ھېلى سول ياندىن، ھېلى ئارقا تەرىپىدىن پىرقىرىتىپ چىقىرىپ، نىشانلىغان گار چەمبىرىكىگە دەل چۈشۈرەتتى. ھەر بىر توپ گارغا چۈشكەندە ، ئولتۇرغان تاماشىبىنلار سەكرەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، يۈرىكى يېرىلىپ ، ئۆلۈپ بېرىدىغاندەك قىقاس سېلىشاتتى.
« ھەر بىرىگە بىردىن توپ تارقىتىپ بەرگەن بولسا، بۇنچىۋالا تالىشىپمۇ كەتمەستى-ھە! » دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە توپچىلارنىڭ ئۆلەر-تىرىلىشىگە باقماي توپقا ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقان ھالىتىگە بۈگۈن ئىدارىمىزدا يۈز بەرگەن ئۇنۋان تالىشىش ماجىراسىنى سېلىشتۇرغۇم كېلىپ. ئىدارىمىزدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋان ئېلىش شەرتى توشۇپ، ئېشىپ، ئۆچىرەت كۈتىۋاتقانلار ئوندىن ئاشاتتى . ئەمما ناھىيىدىن بېرىلگەن كۆرسەتكۈچ ئاران ئۈچ بولغاچقا، كۈندە «ئەسسالام» دەپ ھىجىيىشىپ سالام-سائەت قىلىشىپ، بىر يەردە كۆرۈشسەك ھالىمىز قالمايدىغانلار تاسلا قالدۇق بوغۇشۇپ كەتكىلى. جاھاننىڭ رەپتارى شۇنداق بولسا كېرەك، ھەممىلا ئادەم تالىشىشقا ئامراق. باشقىلاردىن بالدۇرراق ئالسام، بالدۇرراق ئېرىشسەملا دەيدۇ. ھېچكىمنىڭ ئارقىدا قالغۇسى، ئۆتۈنگۈسى، كەمتەرلىك قىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئالدىغا ئۆتسەم، بۆسۈپ چىقساملا دەيدۇ. شۇڭا خوجايىنلارمۇ ئولارنى تالاشتۇرۇپ، پۇخادىن چىقىشقا، كۆڭلىنى كۆتۈرۈۋېلىشقا ئامراقمىكىن دەيمەن. بولمىسا، ئېلىشقا تېگىشلىك، ھەقلىق ئۇنۋان كۆرسەتكۈچى باشقىلارغا تولۇق بېرىلىدۇ-يۇ،نېمىشقا بىزگە كەلگەندە «تارت، كۈچ-كۈچ!» دېگەندەك شۇنچە ئاز بېرىلىدۇ؟!
ئايروپىلان ياساش، توڭلاپ قالغان ئادەمنى تىرىلدۈرۈش، ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى...دېگەنلەرنىڭغۇ ئىنسانلارغا ئاز-تولا پايدىسى بار، بىراق ئىچىگە قۇرۇق يەل قاچىلانغان، ئېغىرلىقى بىر كېلوگىرامغىمۇ يەتمەيدىغان يومىلاق بىر نەرسىنى جاننى دوغا تىكىپ تۇرۇپ تالىشىپ، ئۇ تۆشۈكتىن قاچۇرۇپ، بۇ تۆشۈككە ئاپىرىپ سولاپ قويۇشنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن زادى قانچىلىك پايدىسى بار؟!  ئۇلارغا بېرىلىدىغان تەمىنات ئايروپىلان ياسايدىغانلارنىڭكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە يوقىرى ئىكەن دېسە تېخى!؟
شۇلارنى ئويلاۋېتىپ، دوقمۇشتىكى قارتۋازلارنىڭ گېپىنىڭمۇ ئورانى باردەك ھېس قىلىپ قالدىم . شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە ھەققىدىكى ئويلار كاللامغا كىرىۋالدى. ئىنسانلارنىڭ تۇغما تەبىئىتى ئەسلى تالىشىش بولسا كېرەك. دۇنيا ئەسلىدە تالىشىش بىلەن ئۆرە تۇرىدىكەن. پايدىسى بولسىمۇ تالىشىدىكەنمىز، پايدىسى بولمىسىمۇ تالىشىدىكەنمىز: دۆلەتلەر ئارا ئۈستۈنلۈك تالىشىش، بايلىق تالىشىش، ئۆزئارا ھوقۇق تالىشىش، زېمىن تالىشىش، ئابروي تالىشىش، ئەقىل تالىشىش، تۆر تالىشىش، نان تالىشىش، ئۇنۋان تالىشىش، ھەتتا ئاشۇ كىچىكىننە زۇجاڭلىقنىمۇ تالىشىش... مانا بۇلار ئىنسانلار جەمىئيىتى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىۋاتقان ئامىللار ... بىز بۇلارنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن پەردازلاپ «رىقابەت»، «مۇسابىقە» دەۋالىدىكەنمىز. ئۇتۇش ئۈچۈن قىلچە ۋاستە تاللىمايدىكەنمىز، غورۇرىمىزنى ئىت تارتىپ، خوجايىنلىرىمىزنىڭ تەرەت لاتىسىغا ئوخشاپ قالساقمۇ پەرۋايىمىز پەلەك ...
ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدا «ئۇتۇش» دېگەندىن باشقا نەرسە يوق. ئەسەبلىرىمىز تاپتىن چىققانسېرى تالىشىشنىڭ مودىلىرىمۇ شۇنچە بىمەنىلىشىدىكەن...
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە خەلقئارالىق مەينەتلەر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپتۇدەك، قايسىدۇر بىر دۆلەتتىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ مەينەتلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆتىنى ئېرتقان قەغەزگە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئىلتىماسىنى يېزىپ، مۇسابىقە كومىتېتىغا سۇنغانىكەن، ئۇلار: «كەچۈرۈڭ، تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىدىغان ئادەملەرنى بىز بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرالمايمىز» دەپ ئىلتىماسىنى رەت قىپتۇدەك. بۇ دۆلەتتە يەنە يىلدا بىر قېتىم خەلقئارالىق تىللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلەرمىش، چىمپىيۇن نەق مەيداندا قارشى تەرەپنى تىللاپ يىغلىتىش، ھۇشىدىن كەتكۈزىۋېتىش ۋە يۈرەك كېسىلىنى قوزغاپ، ئۆلتۈرۈپ قويۇش دەرىجىسىگە قاراپ تاللىنىارمىش...
خىيال بىلەن يېتىپ، تېلېۋىزور قاناللىرىنى بىر-بىرلەپ يۆتكەپ بولدۇم. ھەممىلا قانالدا مۇسابىقە كۆرسىتىلىۋاتاتتى. ئەمما مۇسابىقىنىڭ شەكلى، تۈرى، ئۇسۇللىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى. بىر چاغدا ئېكراندىكى ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلغان «خەلقئارا ئەزىمەتلەر مۇسابىقىسى» دېگەن ھەيۋەتلىك چوك خەتكە كۆزۈم چۈشۈپ، قولۇمدىكى تىزگىنەكنى ئاستا يەرگە قويدۇم.
مۇسابىقە كەسكىن داۋاملىشىۋاتاتتى. يېڭىدىن سەھنىگە چىققان ئەزىمەت نەرە تارتىپ، ئوڭ-سولغا مۇشىت-پەشۋا ئاتقاندىن كېيىن، يەل گۇمپىسى ئىشلىتىپ، پۈتۈن كۈچىنى ئوڭ قولىغا يىغدى. ئۇنىڭ بىلەك مۇسكۇللىرى ھازىر يېرىلىپ كېتىدىغاندەك بۆرتۈپ تۇراتتى. ئۇ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئۆتكۈر پىچاقنى سول قولىغا ئالدى- دە، بىرلا نەرە تارتىپ، ئوڭ قولىنىڭ جەينىكىدىن بېغىشىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇسكۇللىرىنى شىلىپ ئېلىپ، بىر يولىلا ئاغزىغا سالدى. بولكا يېگەندەك ھوزۇرلىنىپ، بىردەم چاينىدى، مەيداندىن گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى كۆتىرىلدى. ئەزىمەت قان تامچىپ تۇرغان بىلىكىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تاماشىبىنلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى. ئاندىن يەنە ئاۋالقىدەك يەل گۇمپىسى ئىشلىتىپ، سول قولىنىڭ مۇسكۇللىرىنىمۇ شىلىپ ئاغزىغا سالدى. ئۇنىڭ ئىككى بىلىكى، ئاغزى - بۇرنى قىپ - قىزىل قانغا بويالغانىدى. ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدا ئاغرىق ئازابىدىن ئەسەرمۇ يوق، ئەكسىچە غالىبىيەت كۈلكىسى نامايىش قىلىپ تۇراتتى. قىيسىق كۆزلىرىدىن مەغرۇر، ئاجايىپ ياۋايى بىر سوغوق نۇر ياناتتى.
تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى. ئىشكاپتىن قاچانلاردىدۇ ئىچىپ ئېشىپ قالغان يېرىم بوتۇلكا ھاراقنى ئېلىپ، ئىككى رومكا ئوتلىۋەتتىم.
باھالىغۇچىلار نومۇر قويىشىۋاتاتتى. ئەزىمەت ئۆز غەلبىسىنى تەنتەنە قىلىپ ، قانغا بويالغان قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مەيداننى ئىككى ئايلىنىۋېتىپ سەھنىدىن چۈشتى.
ئۇچىسىغا لىپتىك بىلەن ئىككىلىك كۇساردىن باشقا ھېچنەرسە كىيمەي، بەدىنىنىڭ ئەڭ گۈزەل جايلىرىنى كۆز - كۆز قىلغاچ مۇسابىقىغە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىككى قىز رىياسەتچىنىڭ سەھنىدە بىردەم دېسكۇ ئوينىۋېتىپ، نۆۋەتتىكى ماھىرنى تونۇشتۇرىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆزى بىلەن ئاغزى-بۇرنىدىن باشقا ھەممىلا يېرىنى غىچلا چۇپۇر باسقان ئېيىقسىمان بىر ئەزىمەت سەھنىدە پەيدا بولدى. ئۇ سەھنىگە چىقىپلا بۆرتۈپ چىققان كۆكرەك مۇسكۇللىرىنى جاز مۇزىكىسىنىڭ كۈچلۈك ئۇدارىغا كەلتۈرۈپ، يوقىرى-تۆۋەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بىردەم ئويۇن چىقاردى. ئاندىن بىردىنلا ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتىرىپ ، بۇقىدەك ھۆركىرەپ ، نەرە تارتىپ تاماشىبىنلارغا كۈچ كۆرسەتتى، ئالدى كەينىگە چاقپەلەكتەك پىرقىراپ بىرقانچە موللاق ئېتىۋېتىپ ، ئىككى قولىنى پۈكلەپ تۇرۇپ، ئولتۇرغانلارغا ئېگىلىپ سالام بەردى . ئونىڭ چوقۇنغۇچىلىرى شۇئان زالنى كۆتۈرۋېتىدىغاندەك كۈچلۈك قىقاس - سۈرەن سالدى. ئۇ ئوڭ - سولغا مۇشت پەشۋا ئېتىپ، بىردەم قۇرۇق ھەرىكەت ئىشلىگەندىن كېيىن، بارماقلىرىنى بۈركۈتنىڭ تىرنىقىدەك مۇلجاللاپ يىغدى- دە، ئۆزىنىڭ بۆرتۈپ چىققان كۆكرىكىگە قەھرى بىلەن چاڭگال سالدى. بىرلا كۈچەش بىلەن كۆكرەك مۇسكۇللىرىنى توغراقنىڭ قوۋزىقىنى سويغاندەك سويۇپ ئېلىپ، تاماشىبىنلارغا كۆرسەتتى. ئاندىن يەنە قان تامچىپ تۇرغان تۈرۈم-تۈرۈم مۇسكۇللىرىنى بىراقلا ئاغزىغا سېلىپ، مالاچلىتىپ چاينىدى. ئۇنىڭ يالىڭاچلانغان قوۋۇرغىلىرى ئارىسىدىن يۈرەك، ئۆپكە ۋە باشقا ئىچ-باغىرلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مۇسكۇلللارنى چايناۋاتقان ئېغىز جاۋغايلىرىدىن قان يوقى ئۇزۇن-ئۇزۇن تۈكچىلەر دىردىيىپ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ شۇ تەرزدە ئارقا-ئارقىدىن بىلەك ۋە پۇتلىرىدىكى بولجۇڭ گۆشلەرنى تامنىڭ كاكىلىنى سويغاندەك سويۇپ، بىر-بىرلەپ يەپ تۈگەتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايىدىن قان جىڭغاپ تۇراتتى. كۆز قارچۇقى قانغا تولغانىدى. ئەمما چىرايىدا ئاغرىق ئازابىدىن ئەسەرمۇ يوق ، ئەزايىدىكى تولۇق ئاجرالماي قالغان مۇسكۇللار يالىڭاچ سۆڭەكلەرگە يېرىم-ياتا چاپلىشىپ، كۈچۈكنىڭ تىلىدەك ساڭگىلىشىپ تۇراتتى.
تاماشىبىنلارنىڭ بىرنەچچىسى ھۇشىدىن كەتتى ، باھالىغۇچلارنىڭ چېكىسىدىنمۇ پۇرقىراپ تەر قويۇلاتتى. ياشتا چوڭراقلىرى ئارىلاپ يانچۇقىدىن دورىسىنى چىقىرىپ، قايناقسۇ بىلەن كاپ ئېتىپ، يۈرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەپ تۇراتتى.
ئەزىمەت ئۆز جاسارىتىنى تەنتەنە قىلىپ ، مەيداندا ئالدى- كەينىگە ئون نەچچە قېتىم موللاق ئېتىپ، باھالىغۇچىلار ۋە ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغانلارنىڭ باش- كۆزىگە ئىسسىق قېنىدىن چاچقۇ سوۋغا قىلغاندىن كېيىن، قوۋرۇغىلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن چىقىپ قالغان ئۈچەي - قېرىنلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن جايىغا سېلىۋېتىپ، مەغرۇر ھالدا سەھنىدىن ئايرىلدى.
ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قايىللىق بىلدۈرۈپ ، «قالتىس! قالتىس!» دېيىشەتتى. باھالىغۇچلارنىڭ كۆڭۈل دەپتىرىگە توچكا ئورۇلۇپ بولغانىدى ، مۇسابىقىمۇ ئاخىرلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى.
دەل شۇ پەيىتتە ئەڭ ئاخىرقى ماھىر ھېچبىر داغدۇغىسىزلا سەھنىگە چىقىپ كەلدى. بويى زىراپىدەك ئېگىز، يۈز- كۆزلىرى ئاپتاپتا قالغان تېرىدەك پۈرلەشكەن، پۈتۈن ئەزايىدا بىر چىشلەم گۆشتىن ئەسەر يوق، خۇنسىز تېرىسىدىن قوۋۇرغىسى ۋە ئىچ - باغرى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇ ئەرۋاھنىڭ ئەزىمەتلەرگە خاس ھېچبىر سۈر - ھەيۋىسى يوق ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا باشقا تەنھەرىكەتچىلەرگە ئوخشاش كۇساردىن باشقا ھېچنېمە كىيمىگەچكە، ئالدى تەرەپتىن قاراپ، قوۋرۇغىلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئارقا تەرەپتىكى تاماشىبىنلارنى كۆرگىلى بولاتتى. شۇڭا دەسلەپتە تاماشىبىنلارنىڭ ئانچە نەزىرىگە ئېلىنمىدى. قىزىل لىپتىكلىك رىياسەتچىنىڭ: «ئۆزى ئىجاد قىلغان ئەڭ يېڭى ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ!» دەپ ئۈنلۈك جاكارلىشىدىن كېيىنلا ئاندىن دېققىتى ئونىڭغا ئاغدى.
ئۇ ئاۋال پۇتلىرىدىن تارتىپ، ئەينەك تاختىسىنىڭ ھەممىلا يېرىگىچە ئەڭ ئېسىل نەقىش چېكىلگەن، تاماق شېرەسى پاسۇنىدا لايىھىلىنىپ ياسالغان ئېگىز پۇتلۇق بىر جازىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە تەخسە، پىچاق، ۋېلكا، قوشۇق... دېگەندەك ياۋروپاچە غىزالىنىش بويۇملىرىنى رەتلىك تىزدى. تەييارلىقىنى تۈگىتىپ، ھەربىر باھالىغۇچىنىڭ ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم بېرىپ، بېشى يەرگە تەگكىچە ئېگىلىپ، تەزىم بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن ، ئەڭ ئاخىرىدا تاماشىبىنلارغا ئاددىيلا سالام بەردى...
ماھارەت كۆرسىتىش رەسمىي باشلاندى.ئەزىمەت شىرە ئۈستىدىكى قوش بىسلىق پىچاقنى قولىغا ئېلىپ ، ئالاھىدە گۈل كەشتىلەپ ئىشلەنگەن ئاپئاق قول ياغلىق بىلەن پاكىز سۈرتتى. ئاندىن پىچاقنى يۈرىكىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىككى قوۋرۇغىسىنىڭ ئارىلىقىغا تىقىپ، بىرلا چۆرۈپ، ئىككى تال قوۋۇرغىسىنى چوكا مۇز سۇندۇرغاندەك كوسسىدە سۇندۇردى.
ئولتۇرغانلار ھەيران قېلىشتى. چۈنكى مۇسابىقە باشلانغاندىن بويان ھېچكىم مۇنداق ماھارەت كۆرسىتىپ باقمىغانىدى. ئەمدى ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلگەنىدى. زال ئىچى قىزىقىش، تەقەززالىق بىلەن تولغانىدى.
ئۇ تاماشىبىنلارنى ئۈمۈندۈرۈپ، قولىدىكى پىچاقنى ئوڭ-سولغا شىلتىپ، بىردەم چاڭچىلە ئېيتتى- دە، تۇيۇقسىز ئۆتكۈر پىچاقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆز يۈرىكىگە «ۋاچچىدە» سانجىدى. ئالدىدا ئولتۇرغانلاردىن بىر نەچچىسى ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ چۈشتى. ئەمما باھالىغۇچىلار بۇ قېتىم ئۇنىڭ ماھارىتىگە چوڭقۇر بېرىلىپ كەتكەندەك ناھايىتى تەمكىن ئولتۇراتتى.
ئەزىمەت ئۆتكۈر پىچاقنى ئالمىغا سانچىغاندەك ئۆز يۈرىكىگە سانچىدى. يۈرەكتىن جىڭغاپ، ئېتىلىپ چىققان قان تېلىكامېرانىڭ يۈزىگە چاچراپ كەتكەچكە، ئېكراندىكى سۈرەت نەچچە دەقىقە غۇۋالاشتى - يۇ، ھايال ئۆتمەي يەنە سۈزۈلدى.
ئەزىمەت يۈرىكىنى تەخسە ئۈستىگە قويۇپ، پىچاق بىلەن توغراپ، ۋېلكىنى سانچىپ، بولكا يېگەندەك ئىشتىھا بىلەن يېمەكتە ئىدى. چىرايىدا ئاغرىق ئازابىدىن ئەسەرمۇ يوق، ئەكسىچە غالىبىيەت كۈلكىسى نامايىش قىلىپ تۇراتتى. كۆكرەك قەپىسىدە چوڭ بىر بوشلۇق ئېچىلىپ قالغاندەك قىلاتتى. ئەمما سىنجىلاپ قارىغاندا، مۇشتۇمچىلىك چوڭلۇقتىكى سۈزۈك بىر سۇلياۋ خالتا يۈرەكنىڭ ئورنىدا بىر چوڭىيىپ، بىر كىچىكلەپ، غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. خالتىنىڭ ئاستىدا بىر كىچىك قىزىل چىراغ دەم ئۆچۈپ، دەم پىلىلداپ يېنىپ تۇراتتى.
كۆرۈنۈش دەل شۇ يەرگە كەلگەندە، تېلېۋېزىيە ئىستانىسسى ئېلان بۆلۈمىنىڭ چوڭ خەتلىك ئېلانى ئەزىمەتىنىڭ بوش قالغان كۆكرەك قەپىزىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئېكران يۈزىدە قېتىپ قالدى: «ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىسى! سۈنئى يۈرەك بارلىققا كەلدى! يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى مۇۋەپپەققىيەت قازاندى!»
مۇسابىقە ئاخىرلاشقانىدى، ئېكراندا بوينىغا ئالتۇن مېدال ئاسقان زىراپە ئەزىمەت پىچاقنىڭ بىسىنى يالاپ تۇرۇپ، چوقۇنغۇچىلارنىڭ يۈرىكىگە ئىمزا قويۇپ بېرىۋاتاتتى. مەيدىسىنى كېرىپ، تۆشىنى يالىڭاچلىۋالغان چوقۇنغۇچىلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كېتىشكەنىدى....
بىر چاغدا ئۇ ئاغزىنى ئۆڭكۈردەك ئېچىپ، چاتما ھەرىدەك چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ، زاڭزۇ پىچىقىدەك ئۇزۇن قوش بىسلىق خەنجىرىنى دېۋەيلىگىنىچە: «ساڭىمۇ ئىمىزا قويۇپ بېرەي!» دەپ مەن تەرەپكە يوپۇرۇلۇپ كەلدى . «ياق! ، ياق!» دېگىنىمچە ، ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، ئارقامغا بىرلا داجىۋېدىم ، ئوڭ يېنىم قاتتىق بىر نەرسىگە تەگكەندەك بولدى. چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچسام يەردە يېتىپتىمەن، ئەسلىدە كىرىسلودىن دومىلاپ چۈشكەن ئىكەنمەن، پۈتۈن ئەزايىمنى سوغوق تەر بېسىپ كېتىپتۇ . «قارا بېسىپتۇ» دېدىم ئىچىمدە.

SARKA يوللانغان ۋاقتى 2007-9-27 08:25:04

ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ...ﺟﺎﭘﺎ ﭼﯩﻜﯩﭙﺴﯩﺰ...

yolbax0998 يوللانغان ۋاقتى 2007-9-27 12:37:10

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯩﺰﯨﭙﺴﺰ ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ.

kc-gh يوللانغان ۋاقتى 2007-10-2 19:53:48

ﺋﯚﺯ ﺗﯧﻨﯩﯖﻨﻰ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﭼﯩﺸﻠﯩﻴﻪﻟﯩﺴﻪﯓ ، ﺋﯚﺯ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯖﮕﻪ ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻣﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺗﯩﻘﺎﻟﯩﺴﺎﯓ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ \" ﭼﯩﻤﭙﯩﻴﻮﻥ \" ﺑﻮﻻﻻﻳﺴﻪﻥ !!!

SADAKAT0903 يوللانغان ۋاقتى 2009-5-30 15:16:57

جاپاكەشكەنسىز؟

بەت: [1]
: ﭼﯩﻤﭙﯩﻴﻮﻥ ( ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ )