Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2007-9-22 20:19:13

ئادەم دىگەن..

ئادەم دىگەن..

(ھېكايە)

يارمۇھەممەد تۇرسۇن

       ئىشخانا تىمتاس بولۇپ، ھەممەيلەن ئەتىگەندە ئۆز ئىشى بىلەن بەند ئىدى. شۇ ئارىدا ئىشىك ئېچىلىپ، ساۋۇتكام، خۇددى خاتا كىرىپ قالغاندەك باشتا ئىشىكتىن بېشىنى تىقىپ چىقىرىپ ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاستا كىرىپ ئىشىكنى ياپتى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا قاراپ نادىركام ئېغىز ئاچتى:

      — ساۋۇت، نېمە بولدۇڭلار؟ بېشىڭلا ئايلىنىپ قالمىغاندۇ، كۈندە كىرىپ – چىقىۋاتقان ئىشخانىنى تونۇيالمايۋاتامسىلەر نېمە؟ كۈپكۈندۈزدە ئادەمنى قورقۇتۇپ...

      بۇنداق سۆز پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدىغان ھاشىركام نادىركامغا سۆز قاتتى:

       — ساۋۇتۇمنىڭ كىرىپ – چىقىدىغان ئۆيى كۆپ بولغاندىن كېيىن، تونۇيالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ‹‹ئاخشام ئىچكەن سىنچاينىڭ ئەمدى تۇتتى خۇمارى دېگەندەك، ئاخشام قىلغان پەيزىنىڭ كەيپى ئەمدى ئۇنىڭ كۆزىدىن ئالغان گەپ. ساۋۇتكاممۇ بوش كەلمىدى:

       — كېچىسى ئۇخلىماي، ئۆيمۇئۆي سوكۇلداپ سۆڭەك ئىزدەيدىغان سىلە بولمىسام مەن، ھېلىمۇ چىشلەيدىغان بىرەسىگە ئۇچراپ قالماي دەپ قورقۇپ كېچىسى تالاغىمۇ چىقمايمەن، —دېدى ئۇ ھاشىركامنىڭ لەقىمىنى يانپاشقا ئېلىپ. ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشتۇق. يەنە سۆزنى ساۋۇتكام ئالدى:

      — ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ مەن بىر يېڭى خەۋەر ئاڭلىدىم،— دېدى ئۇ ئەتراپتىكىلەرگە سىرلىق قاراپ...

      ساۋۇتكام ئىدارىمىزدىكى پېشقەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ، سۆزمەنلىكى، مۇناسىۋەت دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تۇرمۇشتىكى چېچىلاڭغۇلۇقى، پات – پات سادىر قىلىپ تۇرىدىغان كۈلكىلىك ئىشلىرى بىلەنمۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.

      ساۋۇتكام ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەتىگەندە ئىشخانىغا يېڭى بىر خەۋەرنى (ئۇنىڭ تولىسى كوچا پاراڭلىرى بولاتتى) يەتكۈزۈپ كېلەتتى – دە، ھەممىمىزنى يىغىۋېلىپ ئىگىلەپ كەلگەن خەۋەرلىرىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى...

       — قانداق يېڭى خەۋەر ئۇ؟ مائاش ئۆسەمدىكەن؟—سورىدى بىرەيلەن.

       —مائاش دېگەن ئۆسۈۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا گەپ،— دېدى ئۇ سىرلىق كۈلۈپ.

       —ھە، قانداق گەپ؟ —سورىدى نادىركام كوچىلاپ.

       —ئىدارىمىزدە ئۆزگىرىش بولغۇدەك!

       —قانداق ئۆزگىرىشكەن ئۇ؟ —سورىدۇق قىزىقىپ.

       —ئىدارىمىزنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى تەرتىپكە سېلىنغۇدەك، بۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى،— دېدى ساۋۇتكام خۇددى ئەڭ زور مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغاندەك مەغرۇر قىياپەتتە. بۇنىڭغا جاۋابەن نادىركام ئېرەڭسىز تەلەپپۇزدا:

      — ھەي، ساۋۇت، تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك قىلىۋېتىدىكەنسىز، ئىدارىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى باشقىدىن تەرتىپكە سېلىنمايدىكەن. پەقەت ئىدارە باشلىقى دەم ئېلىشقا چىققۇدەك، ئورنىغا قايسىدۇر بىر ئىدارىدىن ياش بىر رەھبەر كەلگۈدەك، —دېدى. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ساۋۇتكام ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ:

       — ھەي، نادىر، ھەي نادىر، سېنىڭ سەزگۈرلۈكۈڭ بەكمۇ تۆۋەنكەن، سەن دېگەندەك ئەمەس، بەلكى مېنىڭ يۇرتلۇقۇم سالالى كېلىدىكەن. ئۇ قالتىس بىلىملىك ئادەم – دە، ئۇ، كەلگەندە بىلىسەن، سەن دېگەن ھېلىقىنىڭمۇ گېپىنى ئاڭلىغانمەن. ئۇنى، قايسىدۇر بىر باشلىقنىڭ بالىسى دەپ،— دېدى ساۋۇتكام جىددىي قىياپەتتە.

       — ساۋۇت، سەن بىلەنغۇ تالاشقاننىڭ پايدىسى يوق. شۇنداقتىمۇ دەپ قوياي، يېڭى بولمىش رەھبىرىمىز قايسىدۇر بىر باشلىقنىڭ بالىسى بولماستىن، بەلكى ئاساسىي قاتلامدىن ئۆسۈپ چىققان، خىزمەتتىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىدارلىق ياش ئىكەن، —دېدى...

      ئىشخانىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇنازىرىلەر كۈندە بولمىسىمۇ، ئارىلاپ بولۇپ تۇراتتى. چۈنكى، ساۋۇتكام بىرەر گەپ ئاڭلىسىلا، ئۇنىڭ راست – يالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيلا، خۇددى شۇ سۆز كېسىم قىلىنغان سورۇندا ئۆزى باردەك سۆزلەيتتى.

       —مەن ساڭا دەپ قوياي نادىر،—دېدى ساۋۇتكام دەرھال چېچىلىپ، مەن بۇ خەۋەرنى كادىرلار تارماقلىرىدىكى ئىشەنچلىك بىر دوستۇمدىن ئاڭلىدىم. ئەگەر مەن دېگەندەك بولمىسا، مۇشۇ ئىشخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى مېھمان قىلىمەن. ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن ھەممىمىز تەرەپ  تەرەپتىن چورقۇرىشىپ، ساۋۇتكام بىلەن نادىركامنى كىرىشتۈرۈپ قويدۇق.

      —بولدى، گېپىمىز گەپ،—دېدى نادىركام بىر ھازا تالاش  تارتىشتىن كېيىن ساۋۇتكامغا قولىنى سۇنۇپ، سەن بىلەن 30يىل بىللە ئىشلەپ، بۇنداق مەردلىك قىلغىنىڭنى كۆرمىگەنكەنمەن، بولدى ھېساب، ئەگەر سېنىڭ دېگىنىڭچە چىقسا كۆپچىلىكنى مەن مېھمان قىلىمەن!

      ساۋۇتكام نادىركامنىڭ كەسكىن مەيدىسىگە ئۇرۇشىدىن بىر ئاز دىلىغۇل بولدى بولغاي، سەل تۇرۇۋېلىپ، ئۆزىگە سىناق مەنىسىدە تىكىلگەنلەرگە بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن:

       —بولدى، گېپىمىز گەپ، لەۋزىمىزدە تۇرىمىز جۇمۇ!؟—دېگىنىچە نادىركامغا قولىنى ئۇزاتتى...

      شۇ كۈندىن باشلاپ، ئىشخانىمىزدا بولۇنغان بۇ قىسقىغىنا تالاش – تارتىش ساۋۇتكامدەك ئاغزى ئىتتىكلەر ئارقىلىق پۈتۈن ئىدارىگە تارقاپ، ئىدارە باشلىقىمىزنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىپ، ئورنىغا يېڭىدىن بىر باشلىق كېلىدىغانلىقى ئىدارىمىزدىكىلەرنىڭ قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. پېشقەدەم باشلىقىمىزنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىدىغانلىقى پاكىت، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان يېڭى باشلىقنىڭ كىملىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. پەقەت ھەركىم ئۆزى ئاڭلىغان كوچا پاراڭلىرى، قىياسلىرى بويىچە يەكۈن چىقىراتتى. ئىش قىلىپ ھەركىمنىڭ ئاغزىدا ھەر خىل گەپ...

      ساۋۇتكام بىلەن نادىركام بەسلىشىپ بىر ئايغا يەتمەيلا ئىدارىمىزگە يېڭى باشلىق كەلدى. ئۇنىڭ ئىدارىمىزگە باشلىق بولۇپ كەلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان كۈنى ساۋۇتكام ئۇتتۇرۇۋەتكەنلىكىدىنمۇ ياكى بۇ باشلىق كېلىشتىن ئىلگىرى ئېگىز – پەس سۆزلەپ قويغانلىقىدىنمۇ، ئەيتاۋۇر كەچكىچە ھېچكىمگە گەپمۇ قىلماي، ئىش ئۈستىلىنى رەتلەپ، ھېلىدىن –ھېلىغا تاماكا چېكىپ بۇرۇختۇرۇملۇقتا ئۆتتى. ھەتتا ئەتىسى بىر كۈن ئىشقا كەلمىدى. ئەمما ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە تولىمۇ روھلۇق كەيپىياتتا قانداقتۇر يېڭى بىر خەۋەرنى سۆزلىگىنىچە ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى – دە، ئۇدۇللا نادىركامنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

       — بولدى مەن ئۇتتۇردۇم، لەۋزىم بويىچە بۈگۈن كەچتە ھەممىڭلارنى مېھمان قىلىمەن،— دېدى. ئۇنىڭ بۇ مەردلىكىگە ھەيران بولغان نادىركام چاقچاق ئارىلاش تەلەپپۇزدا جاۋاب قىلدى:

       —مېھمان قىلمىساڭمۇ مەيلى، ئەمما يوقاپ كەتمە! تۈنۈگۈن كەلمىۋېدىڭ، ئەمدى سېنى كۆرەلمەيدىغاندەك ئەنسىرەپ قالدىم، سەن بولمىساڭ ئىشخانىمىزمۇ چۆلدەرەپ قالغاندەك بولىدىكەن.

       — بولدى، چاقچىقىڭنى قوي، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىر پەيزە قىلايلى،—دېدى ساۋۇتكام جىددىي قىياپەتتە.

      چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈشىمىز بىلەن، دېگىنىدەك، ساۋۇتكام بىزنى ئىدارىمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاشپۇزۇلغا باشلىدى. مۇلازىم ھەممىمىزگە قېنىق دەملەنگەن ئىسسىق چاينى قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، قانداق مۇلازىمەت لازىملىقىنى سورىۋېدى، ساۋۇتكام سەل كۈتۈشنى ئېيتتى. بىز چاي ئىچكەچ ئۆزئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. ساۋۇتكام ئارىلىقتا بىر نەچچە قېتىم سىرتقا چىقىپ كىملەرگىدۇر تېلېفون قىلىپ كىردى. خېلى كۈتتۇق، لېكىن نېمە ئۈچۈندۇر كۆكسىگە ئۇرغان ساۋۇتكام يېمەكلىك بۇيرۇتۇشقا ئالدىرىمايتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ساۋۇتكامغا چاقچاق قىلىشقا باشلىدۇق. لېكىن ئۇ چاقچىقىمىزغا تەڭ كۈلۈپ، دېرىزىدىن سىرتقا بويۇنداپ ئاۋارە ئىدى...

      كۈتۈۋېرىپ تاقىتى تاق بولغان نادىركام سەل تېرىككەن تەلەپپۇزدا:

      — بىزنى بۇ ئاشپۇزۇلغا قۇرۇق چاي ئىچكىلى باشلىغانمۇ ساۋۇت؟ بۇيرۇيدىغىنىڭنى بۇيرۇمامسەن،— دېدى. ساۋۇتكام ھېچ ئىش بولمىغاندەك خىقىراپ كۈلۈپ قويۇپ:

       — ھە، مانا، ھازىرلا،—دېدى  دە، سىرتقا چىقىپ ھايال بولمايلا قايتىپ كىرىپ، مۇلازىمنى چاقىرىپ تاماق ۋە قۇرۇمىلارنى بۇيرۇتتى. ھايال ئۆتمەي بۇيرۇتمىلار داستىرخانغا چىقىشقا باشلىدى. بىز تائامغا قول سۇندۇق. ساۋۇتكام يەنىلا سىرتقا تەلمۈرۈش بىلەن بەند ئىدى. شۇ ئەسنادا ئاشپۇزۇلغا ئىدارىمىزنىڭ يېڭى باشلىقى كىرىپ كەلدى. ساۋۇتكام ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن چاچراپ تۇردى – دە، ئۇنى يۆلىگىدەك قىلىپ سورۇنغا باشلىدى. باشلىقىمىز ھەممىمىز بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن:

       —ھەممىڭلارنىڭ بۇنداق تونۇشۇش سورۇنى ھازىرلىغانلىقىڭلارغا رەھمەت. بۇ ئۆزئارا تونۇشۇپ، سىردىشىغان قىممەتلىك پۇرسەت ئىدى. بىراق ئەپسۇس ئولتۇرالمايمەن، ھەرقايسىلىرىدىن ئەپۇ سورايمەن. ھېلىراقتا جىددىي بىر يىغىن بارلىقى ھەققىدە تېلېفون كەلدى. بارمىسام بولمايدۇ، مېنى كەچۈرۈڭلار، سىزلەرگە ئۆزرەمنى ئېيتىپ قويۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئالايىتەن كېلىشىم،—دېدى – دە، ھەممەيلەن بىلەن بىرمۇبىر خەيرلىشىپ چىقىپ كەتتى.

      — قېنى ھارىقىڭنى قۇيە!—دېدى ساۋۇتكام باشلىق چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆمىسە بىر تەلەپپۇزدا ۋە بىر نەچچە رومكىنى كەينى – كەينىدىن ئىچىپ ئەدەپ دەپ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىچە قايتىپ كىرمىدى. ئاخىرىدا ساۋۇت بىلەن بەسلەشكەن مەن ساراڭ بولغاندىن كېيىن بۇ سورۇننىڭ پۇلىنى مەن تۆلەي دەپ، نادىركام ھېسابنى ئۈزدى... شۇ ئىشلار بولۇپ كۆپ ئۆتمەي ساۋۇتكام پېنسىيىگە چىقىۋالدى...

      بەزى ئادەملەر قىزىق بولىدىكەن، توۋا، يۈگەنسىز ئېغىز بەيگىسى ئۇلارغا نېمە نەتىجە كەلتۈرەر؟...


شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى
بەت: [1]
: ئادەم دىگەن..