UyghurBeg يوللانغان ۋاقتى 2007-9-17 14:00:32

amp«;ﺋﺎ » ﮬﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺗﻪ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ <ﺋﺎ > ﮬﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ

1.ئابدال سەمىرمەس، ئوغرى بېيىماس.
2. ئازنى بىلمىگەن كۆپنى بىلمەس.
3. ئابروينى ياشتىن ساقلا، چاپىنىڭنى يەنىدىن.
4. ئاجىز ئەيىپكار.
5. ئاجىز كىشى ئۆينىڭ بەركىتى.
6. ئاچ بولساڭ، نان چۈشەيسەن.
7. ئاچ ئېيىق ئوينىماس.
8. ئاچ ئىت تاياقتىن قورقماس.
9. ئاچ ئىتنىڭ چۈشىگە سۆڭەك كىرەر.
10. ئاچ ئىتقا ئاش بەرسە، توق ئىت غىڭشىيدۇ.
11. ئاچ كىشىنىڭ ئاچچىغى يامان.
12. ئاچ مېلىم بار مېلىم، توق مېلىم يوق مېلىم.
13. ئاچ ئۆلگەندىن توق ئۆلگەن ياخشى.
14. ئاچ ئويدە قېتىق ئۇيۇماس.
15. ئاچ قالغانغا نان ياقتۇرما، مۇزلىغانغا ئوت ياقتۇرما.
16. ئاچ قالغىچە، يالىڭاچ قال.
17. ئاچ قالمىغان ئاچلىقنى بىلمەس.
18. ئاچ قالمىغىچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
19. ئاچ قوساققا سۆز ياقماس.
20. ئاچ قوسىغىم، تېچ قوسىغىم.
21. ئاچ توق بىلەن ئوينىمايدۇ.
22. ئاچنىڭ چۈشىگە ئاش كىرەر.
23. ئاچنىڭ دەردىنى (- ھالىنى ) توق بىلمەس.
24. ئاچنىڭ كۆزى ناندا، توقنىڭ ھېكمەتتە.
25. ئاچنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەس.
26. ئاچتىن ئۆلگەن بېخىلنىڭ قوينىدا بىر توغاچ.
27. ئاچلىق ئاغرىقتىن يامان.
28. ئاچلىق كىشىگە يېلىنىشتىن ياخشى.
29. ئاچلىق نىمە يېگۇزمەيدۇ، ئاچچىق نىمە دېگۇزمەيدۇ.
30. ئاچلىققا ھېچ كىشى ئۆلمەس.
31. ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى توقلۇقتا تاشلىما (- ئۇنتۇما)
32. ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-**** تاشلىما.
33. ئاچچىق ئادەمگە دۈشمەن.
34. ئاچچىق ئالدىدىن يۈرەر، ئەقىل كەينىدىن.
35. ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ.
36. ئاچچىق كەلگەندە، ئەقىل قاچىدۇ.
37. ئاچچىغىڭ كەلگەندە سول قول ئوڭ قولغا يار بولسۇن.
38. ئاچچىغىڭ كەلسە، بارمىغىڭنى چىشلە.
39. ئاچچىقنىڭ دورىسى سۈكۈت قىلماق.
40. ئاچچىق تاتلىقنى تېتىغان بىلىدۇ، يىراق يېقىننى يۈرگەن بىلىدۇ.
41. ئاچچىق بولساڭ تۇزدەك بول، تاتلىق بولساڭ بالدەك بول.
42. ئاچچىق تەر تۆككەن، تاتلىق يەر.
43. ئاچلىقنى بىلمىگەن، تاتلىقنى بىلمەس.
44. ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس.
45. ئاچكۆزنىڭ ئەقلى كەم، كۆزى تويماس.
46. ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم.
47. ئادەم بالىسى خام سۈت ئەمگەن.
48. ئادەم بالىسىنىڭ باھاسى ئىلىم بىلەن.
49. ئادەم بىلگەننى ئوقۇيدۇ، توخۇ كۆرگەننى چوقۇيدۇ.
50. ئادەم بولىمەن دىسەڭ، پۇلنى دوست تۇتما.
51. ئادەم ئەقلى بىلەن كۆرۈنۈر.
52. ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت.
53. ئادەم گۈلدىن نازۇك، تاشتىن قاتتىق.
54. ئادەم ھەممىگە باش.
55. ئادەم كۆركى يۇزدۇر، يۇزنىڭ كۆركى كۆز، ئېغىز كۆركى تىلدۇر، تىلنىڭ كۆركى سۆز.
56. ئادەم ئوتتۇز، خۇدا توققۇز.
57. ئادەم قېرى بولغان بىلەن كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرى بولغان بىلەن يىلتىزى قۇرۇماس.
58. ئادەم قۇلاقتىن، ھايۋان تۇياقتىن (سەمرىيدۇ).
59. ئادەم سۆھبەتتە بىلىنەر.
60. ئادەم تىلىدىن، ئېشەك قۇلىغىدىن.
61. ئادەم تۇغۇلغان يېرىدە ئەزىز، گۈل ئېچىلغان يېرىدە.
62. ئادەم يۇز يىل ياشىسا، سۆزى مىڭ يىل ياشايدۇ.
63. ئادەم زىننىتى كىيىم، ياغاچ زىننىتى يوپۇرماق.
64. ئادەمدە ئەقىل بولمىسا، كۆزى تام تۆشۈگى.
65. ئادەمدىن ھېچ نىمە قېچىپ قۇتۇلماس.
66. ئادەمگە ئادەم كېرەك.
67. ئادەمدىن ئادەمنىڭ پەرقى بار، خەر ماتانىڭ خەر ماتادىن پەرقى بار.
68. ئادىمىگە قاراپ ھۆرمىتى.
69. ئادەمنى دوستىغا قاراپ سىنا.
70. ئادەمنى ئۈمىت ياشىتىدۇ، غەم قاخشىتىدۇ.
71. ئادەمنىڭ ئادەملىگى ئاچچىغى كەلگەندە بىلىنىدۇ.
72. ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەن.
73. ئادەمنىڭ ھۇشى باش بىلەن.
74. ئادەمنىڭ خاھىشى ئۆزىنىڭ قولىدا.
75. ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار.
76. ئادەمنىڭ كىچىگى بولغىچە، ئىتنىڭ كۈچىگى بول.
77. ئادەمنىڭ مىۋىسى بالا.
78. ئادەمنىڭ ئۆزىگە بېقىپ سۆزى.
79. ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىلمە، يۈرىگىنى بىل.
80. ئادەمنىڭ قۇيرۇغى يوق، تونۇغىلى بولماس.
81. ئادەمنىڭ تېشىغا باقما، ئىچىگە باق.
82. ئادەتنى تاشلىغان ئاغرىققا يولۇقار.
83. ئاغامچىغا ئۇن بېسىپتۇ.
84. ئاغىنەڭ قاغا بولسا، يىيىشىڭ پوق.
85. ئاغىزى ئوچۇق ئاچ قالماس.
86. ئاغىزى سۈتتە كۆيگەن سۇنىمۇ پۈلەپ ئىچەر.
87. ئاغزى مۇسا، ئىچى پېرخۇن.
88. ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق.
89. ئاغزى يۇمشاق موزاي قوش ئەمچەك ئېمەر.
90. ئاغزىدا ئاللا، كۆڭلىدە شەيتان.
91. ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، كۆڭلىدىن زەخەر.
92. ئاغزىمغا كەلدى دەپ دىمە، ئالدىمغا كەلدى دەپ يىمە.
93. ئاغزىڭ گەپتە بولسىمۇ، قول ئىشتا بولسۇن.
94. ئاغزىڭ قان بىلەن تولسىمۇ دۈشمەن ئالدىدا تۈكۈرمە.
95. ئاغزىڭدا قىلغىچە، قول بىلەن قىل.
96. ئاغرىغان يەرگە تاش تېگەر.
97. ئاغرىماس بېشىمغا ئالتە تاياق.
98. ئاغرىمىغىچە، ئاغرىق ھالىنى بىلمەس.
99. ئاغرىشتىن ئىلگىرى كېپىنىڭنى تەييارلا.
100. ئاغرىق ئادەم كىچىك بالا.

101. ئاغرىق ئاشتىن كېلەر، بالا قېرىنداشتىن (~قاياشتىن).
102. ئاغرىق باشقا ئاخچا دورا بولماس.
103. ئاغرىق بولساڭ ئۆلۈپ قۇتۇل، قەرزدار بولساڭ، بېرىپ قۇتۇل.
104. ئاغرىق ئۆرۈسە، جېنىڭنى ئالۇر، سىپا ئۆرۈسە، پۇلىڭنى ئالۇر.
105. ئاغرىق پاتمانلاپ كىرىدۇ، مىسقاللاپ چىقىدۇ.
106. ئاغرىق ساقايغۇسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلۇر
107. ئاغرىق تارتمىغان ساقلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
108. ئاغرىق ئۇخلار، ئاچ ئۇخلالماس.
109. ئاغرىقنى بۇس ئۆلتۈرەر، يىگىتنى نومۇس.
110. ئاغرىقنى يوشۇرغان، ئۆلۈم ئاشكارا.
111. ئاغرىقنىڭ ئېتى ياخشى.
112. ئاغرىقنىڭ سەۋەبى تېپىلسە، داۋاسىمۇ تېپىلىدۇ.
113. ئاغرىقنىڭ يامىنى ئاچلىق.
114. ئاغرىقنىڭ سانچىغى يامان، سۆزنىڭ ئاچچىغى (~ئىتنىڭ قانچۇغى).
115. ئاخچا ئاخچىغا قوشىلىدۇ.
116. ئاخچا دىگەن قولنىڭ كىرى.
117. ئاخچا تاپساڭ، ساناپ ئال.
118. ئالغۇچى ئارسلان، بەرگۇچى چاشقان.
119. ئېلىشنى ياخشى كۆرسەڭ، بېرىشنى يامان كۆرمە.
120. ئالماق ئوڭاي، بەرمەك تەس.
121. ئالماقلىق زىرەكلىك، بەرمەكلىك نادانلىق.
122. ئالماقنىڭ بەرمىگى بار چىقىشىڭ يېنىشى.
123. ئالماقنىڭ ساتمىغى بار.
124. ئالماقتىن بەرمەك ئەلا.
125. ئالسام بەرمىسەم.
126. ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق.
127. ئالا قاغا ئالمان بولسىمۇ، قارچىغىنىڭ ئورنىنى باسالماس.
128. ئالا قاغا بىلەن يۈرسەڭ، يېمىكىڭ پوق.
129. ئالا قاغىدا ئېلىشىڭ بولسۇن.
130. ئالدىدا كەلگەن ئورۇن ئۈچۈن، كېيىن كەلگەن تاماق ئۈچۈن.
131. ئالدىدا ئۇشلادى، ئارقادا مۇشلادى.
132. ئالدىن ئۆزەڭنى تۇزە، ئاندىن باشقىنى.
133. ئالدىڭغا ماڭساڭ، كەينىڭغا قارا.
134. ئالدىراپ ئاشقا چۈشۈپتۇ.
135. ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئىگىشىدۇ (~ئارىلىشار).
136. ئالدىرىغان مۇرادغا يەتمەس.
137. ئالدىرىغان قالار، ئالدىرمىغان ئالار.
138. ئالدىرىغان شەيتاننىڭ ئىشى.
139. ئالدىرىغاندا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتۇ.
140. ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇغى تېيىپتۇ (سۇنار).
141. ئالدىرىغاننىڭ تاپىنى چىقىشار.
142. ئالدىرىما تېكەم بىر كۈنى خارۇرسەن.
143. ئالدىرىمىساڭ، ھارۋىدا توشقان ئالارسەن.
144. ئالدىرىساڭ ئاش ئېتىپ بېرەي، ئالدىرىمىساڭ چاي.
145. ئالدىرىساڭ، كىشى كۈلدۈرىسەن.
146. ئالدىرىساڭ، قونۇپ قال.
147. ئالەمنى سۇ باسسا، ئۆدەكنىڭ قاپتىلىغا كەلمەپتۇ.
148. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭكى.
149. ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس.
150. ئالما يەپ ئاغرىق بولغىچە، ئۆرۈك يەپ ئۆل.
151. ئالما (ئامۇت) ياغىچىدىن يىراق چۈشمەس.
152. ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان.
153. ئالتە ئۆلچەپ بىر كەس.
154. ئالتە ئۆشكىگە يەتتە تېكە.
155. ئالتە ياشار يولدىن كەلسە، ئاتمىش ياشار ئالدىغا چىقىپتۇ.
156. ئالتىغا ئېلىپ بەشكە سات، ئېتىڭ چىقسۇن سودىگەر.
157. ئالتىنچى ئايدا ئاغرىق يوق.
158. ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، ئون ئىككىنچى ئايدا كالتە چاپان.
159. ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن.
160. ئالتۇن چىرىماس، ئەقىل قېرىماس.
161. ئالتۇن كۈمۈش تاش، تېرىق قوناق ئاش.
162. ئالتۇن ئوتتا بىلىنەر، ئادەم ئەمگەكتە.
163. ئالتۇن ئوتتىن قورقماس.
164. ئالتۇن ئۆيدىن جان (~كۆڭۈلنىڭ تېچلىغى) ياخشى.
165. ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يولدا.
166. ئالتغا توپا يۇقماس.
167. ئالتۇننى دەسسەپ، تۇخۇم ئوغرىلاپتۇ.
168. ئالتۇننى كۆرۈپ، پەرىشتە يولدىن تېيىپتۇ.
169. ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلەر.
170. ئالتۇنچىنىڭ بىر ئۇرغىنى، تۆمۈرچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنى.
171. ئالۋاننى كىم قىلۇر: گالۋاڭ.
172. ئامانەت ساقلىساڭ تۆلەرسەن، ياڭ يەردە ئۆي سالساڭ ئۆلەرسەن.
173. ئامانەتكە خىيانەت.
174. ئامۇت پىشىڭ، ئاغزىمغا چۈشۈڭ.
175. ئانا ئايىغىدا جەننەت بار.
176. ئانا كورۇپ قىز ئال، قىرغاق كۆرۈپ بۆز.
177. ئاناڭ ئۆگەي بولسا، توي بۇزۇلار.
178. ئانىدىن ياخشى سۆز يوقتۇر.
179. ئانىسى ئويلاپ يۈرىدۇ، بالىسى ئويناپ.
180. ئانىسى ئۆگەي بولسا، ئاتىسىمۇ ئۆگەي.
181. ئانىسى ئۆلمەي، ئانا قەدرىنى بىلمەس، ئاتىسى ئۆلمەي، ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
182. ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماس.
183. ئانا سۈت بەرگەن ۋەتىنىڭگە مۇھەببەت باغلا.
184. ئانا سۈتى ئاغزىدىن كەتمىگەن.
185. ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن، تانا سۈتى بىلەن كىرمەس.
186. ئانا ۋەتىنىڭ ئالتۇن بۆشۈك.
187. ئانا يۇرت ئامان بولسا، رەڭگى روي سامان بولماس.
188. ئانا يۇرتدىن ئۆلسەڭ ئايرىلما.
189. ئانچىلىك ئاچچىق پىيازدىمۇ بار.
190. ئانداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ.
191. ئەنت ئىچكۈچىگە كۆنمىسەڭ، قان ئىچكۈچى كەلەر.
192. ئاڭلىغان بىلەن كۆرگەن بىر ئەمەس.
193. ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇنا يوق.
194. ئاڭلىغان سۆزدە راستلىق يوق.
195. ئاڭلىغان سۆزگە ئىشەنمە.
196. ئاڭلىغان سۆزنىڭ ئېگىسى يوق.
197. ئاڭلىغان ياخشى، كۆرگەن ئاندىن ئەۋزەل.
198. ئاپتاپ ئىچىدىن كۈن چىقىپتۇ.
199. ئاق بار ئۆيدە بەرىكەت بار.
200. ئاق بۆكنى ئېلىپ تاشلاپ، كۆك بۆكنى كىيگەن بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ.


201. ئاق ئىت، قارا ئىت بەرى بىر ئىت.
202. ئاق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئاق ئەمەس.
203. ئارىدا بۇرۇن بولمىسا، ئۇ كۆز بۇ كۆزنى يەيدۇ.
204. ئاراقچىنىڭ كۆڭلى باي.
205. ئارپابەدىيان ئىچمىگەنلەر ئەمدى ئىچەر بولدى چاي،
206. ئېشەك قوتۇققا مىنمەگەنلەر ئەمدى مىنەر بولدى تاي.
207. ئارپا ئىچىدە بىر بۇغداي.
208. ئارپا تېرىپ، بۇغداي ئالىمەن دىمە.
209. ئارپا تېرىق ئاش ئىكەن، ئۈنچە مارجان تاش ئىكەن.
210. ئارقاڭدىكى دۈشمەن، ئالدىڭدىكى دوست.
211. ئارتۇق دۆلەت باشنى يارماس.
212. ئارتۇق تۇزلاش ئازدىن يامان.
213. ئارتۇغىنى ئەل ئالسۇن، قالغىنىنى سەل.
214. ئارزۇغا ئەيىپ يوق.
215. ئاسان كەلسە، ئاسان كېتەر.
216. ئاشىغى يوق ياردىن ئىسسىق (ئىسلىغ) ئوچاق ياخشى.
217. ئاسمان بېسىۋالسا، ئاستىدا يېتىپ پولو (مانتا)يەر.
218. ئاسمان يىراق يەر قاتتىق، ئۆلەي دىسەم جان تاتلىق.
219. ئاسماندا ئىزدىگەننى يەردە تاپتىم.
220. ئاسماندىكى ئاينى ئالسا، كۈننى تەلەپ قىلارمېكىن.
221. ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپتۇ.
222. ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرمە، يېنىپ يۇزۈڭگە چۈشەر.
223. ئاسماندىكى تاش يەرگە چۈشكەندە ئەزىز.
224. ئاسماندىن تاش ياغسىمۇ يەرگە پايدا.
225. ئاسماندىن توغا ياغسا، تۇمار قېپى تەگمەيدۇ.
226. ئاسقاق قوي چۈشتىن كېيىن مەرەپتۇ.
227. ئاستا ماڭساڭ، بۇرۇن يېتىسەن (~يىراق كېتىسەن).
228. ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
229. ئاستا يۈرگەن تاش ئاشار، يۈگۈرگەن باغ.
230. ئاش بار يەردە ئاغرىق يوق.
231. ئاش باردا ئىشتەي قاچ، ئىشتە باردا قېنى ئاش.
232. ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىپتۇ.
233. ئاش بەرسە سوغۇق بەردى، نان بەرسە كۆيۈك بەردى، ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى.
234. ئاش ئېگىسى بىلەن تاتلىق.
235. ئاش ئىچمەي ئاغزى كۆيۈپتۇ.
236. ئاش كەلسە، يېگىن، سۆز كەلسە، دېگىن (~ئىش كەلسە قىلغىن).
237. ئاش ئۆزىدىن، مىننەت كىشىدىن.
238. ئاش پەيغەمبەر، نان ئەۋلىيا.
239. ئاش تۇرغان يەردە ئاغرىق تۇرمايدۇ.
240. ئاش يەگەن قاچاڭنى ئوشۇتۇپ قويما.
241. ئاش ئارتىپ ئۆلگەندىن، ئاچ يېتىپ ئۆلگەن ياخشى.
242. ئاشنى ئاسمان بېرەر، ئاندىن يەر.
243. ئاشنى كۆرۈپ ئىشنى ئۇنتۇما.
244. ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى بىلگەندە (~ئۆلگەندە)
245. ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.
246. ئاشقا چۈشكەن چىۋىن دەك.
247. ئاشقا پىياز نانغا تۇز، ھەر كىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز.
248. ئاشتىن قالساڭ، قال، كۆچتىن قالما.
249. ئاشىقلىق ئاسان، جۇدالىق تەس.
250. ئاشىققا باغدات يىراق ئەمەس.
251. ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما.
252. ئاشپەز ئىككى بولسا، ئېشى تۇزسىز بولار.
253. ئات ئالغىچە ئوقۇر سال.
254. ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش.
255. ئات ئالساڭ، يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ، يىراقتىن ئال.
256. ئات ئاسقاق يول تايغاق، يۈك ئېغىر مەنزىل يىراق.
257. ئات ئاتادىن بالا ئانادىن.
258. ئات ئايىغان ئات مىنەر.
259. ئات ئايىغىنى تاي باسىدۇ (~باسار).
260. ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار، ئەر ئايلىنىپ ئېلىنى تاپار.
261. ئات بولسا، يۇلتۇزنىڭ كېرىگى نىمە؟
262. ئات جەڭگە يارالغان .
263. ئات ئېگىسىنى تونۇيدۇ.
264. ئات ئېگىسىنى ئات كەينىگە مىڭگەشتىرمەپتۇ.
265. ئات ئېغنىغان يەردە تۈك قالىدۇ.
266. ئات ئېشەكتىن تۇغارمۇ، ئېشەك ئاتتىن ئوزارمۇ؟
267. ئات ئەر كىشىگە قانات.
268. ئات گۆشى قىرىق يىل قالغان ئاغرىقنى قوزغايدۇ.
269. ئات ھېرىپ قالسا، بىر پىچاق، ئېشەك ھېرىپ قالسا، بىر چۆچەك قوناق.
270. ئات قەدرىنى مىڭگەن بىلەر، مىلتىق قەدرىنى ئاتقان.
271. ئات كىشنىشىپ تېپىشار، ئادەم سۆزلىشىپ تونۇشار.
272. ئات مىڭگەن ياياققا باقماس.
273. ئات مىنسە، ئاتىسىغا باقماپتۇ.
274. ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما.
275. ئات ئورۇق بولسىمۇ، يېغىر بولمىسۇن.
276. ئات ئورۇقلۇقتا، ئەر (خوتۇن) غېرىپلىقتا.
277. ئات ئۆلسە، ئېگىرى قالار، ئادەم ئۆلسە، ئېتى.
278. ئات ئۆلسە، ئىتنىڭ تويى بولىدۇ.
279. ئات سەمىرسە، ئېگىسىنى تېپەر.
280. ئات تاپقىچە ئىگەر تاپ.
281. ئات تاپقىچە، ئېشەك مىن.
282. ئات ياتقا كىشنىمەس.
283. ئات يۆتەلسە، ئوقۇر سال، كالا يۆتەلسە، پىچاق سال.
284. ئات يوقنىڭ جېنى يوق.
285. ئات يوقنىڭ پۇتى يوق.
286. ئات ئات بولغىچە ئۆزەڭ مات بولۇرسەن.
287. ئات ھارسا، دۆڭگە چاپ.
288. ئات ئۆلدى ئاتاڭ ئۆلدى.
289. ئات ياخشى بولسا، قامچا نىمە كېرەك.
290. ئاتتىن ئايرىلساڭ، ئايرىل، ئىگەر توقۇمىڭدىن ئايرىلما.
291. ئاتنى قامچا بىلەن ھايدىما، يەم بىلەن ھايدا.
292. ئاتنى تەپمەيدۇ دىمە، خوتۇنىڭنى بەرمەيدۇ دىمە.
293. ئاتنى ئات ساقلايدۇ، ئاچنى ئاچ.
294. ئاتنى چانىدا سىنا، ئەرنى سەپەردە.
295. ئاتنى ساتساڭ، يۈگىنى قاتار.
296. ئاتنى تاقلىسا، ئېشەك پۇتىنى كۆتىرىپتۇ.
297. ئاتنى تەپمەيدۇ دىمە، ئىشتنى چىشلىمەيدۇ دىمە.
298. ئاتنى ياپاندا كۆرمە، ئەرنى چاپاندا.
299. ئاتنىڭ ئوبدانى بوز، ئەرنىڭ ئوبدانى تاز.
300. ئاتنىڭ بىڭسىنى سايدا كور، ئېشەكنىڭ بىڭسىنى لايدا كۆر.


301. ئاتنىڭ خۇيۇنى ئېگىسى بىلەر.
302. ئاتنىڭ كۆركى ئېگەر توقۇم.
303. ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەپتۇ.
304. ئاتنىڭ تەپكىنى خار ئەمەس، ئېشەكنىڭ تەپكىنى خار.
305. ئاتنىڭ يامىنى ئالا، خوتۇننىڭ يامىنى بالا.
306. ئاتنىڭ يامىنى تەپكەك، خوتۇننىڭ يامىنى بەرگەك.
307. ئاتقا كۈچى يەتمەي، ئېگەرنى ئۇرۇپتۇ.
308. ئاتقا مىڭگەشمە، كېيىن قوڭۇم ئاغرىدى دىمە.
309. ئاتتىن چۈشسە، ئۇزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ.
310. ئاتتىن قورقساڭ، يېقىن كەلمە.
311. ئاتلىق پىيادىنىڭ ھارغىنىنى بىلمەس.
312. ئاتلىقلارغا تېگىپتۇ، ياياقلارغا تەگمەپتۇ.
313. ئاتلىققا ياياق دوست ئەمەس.
314. ئات كۆتەرسەڭ، ياخشى بىلەن كۆتەر، سۇ كۆتەرسەڭ، ئەپكەچ بىلەن.
315. ئات بار، جىسمى يوق.
316. ئاتقان (~ئېتىلغان ) ئوق يانماس.
317. ئاتقان يەردە ئوق قالىدۇ.
318. ئاتا بولمىغان ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
319. ئاتا كۆرگەن ئوق يونۇيدۇ، ئانا كۆرگەن تون پىچىدۇ.
320. ئاتاڭ ئاتقان دۇكاندا پاختا ئات،بىئەجەل ئۆلەي دەسەڭ، تام تۈۋىگە بېرىپ يات.
321. ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول.
322. ئاتاڭ كىمنى ئالسا، ئاناڭ شۇ.
323. ئاتاڭ مىراب بولغىچە ئۆيۈڭ سۇ بېشىدە بولسۇن.
324. ئاتاڭ ئۆلسە ئۆلسۈن، ئاتاڭنى كۆرگەنلەر ئۆلمىسۇن.
325. ئاتاڭدىن دۇنيا قالغىچە ھۈنەر قالسۇن.
326. ئاتامدا بولغىچە ئالقېنىمدا بولسۇن، ئالقېنىمدا بولغىچە ئاغزىمدە بولسۇن.
327. ئاتاڭغا نىمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
328. ئاتاڭمۇ يەر، ئاناڭمۇ يەر.
329. ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر.
330. ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغىچە ئەلنىڭ بالىسى بول.
331. ئاتىسى غورا يېسە، بالىسىنىڭ چىشى قاماپتۇ.
332. ئاتىسى كۆرەلمىگەننى بالىسى كۆرەر.
333. ئاتىسى ئۆلگەننىڭ يەتتە يىل ياقىسى يىرتىق.
334. ئاتىسى تۇرۇپ، ئوغلى سۆزلىگەندىن بەز.
335. ئاتىسىز يىتىم گۈل يىتىم، ئانىسىز يىتىم ئۇل يىتىم.
336. ئاتا ئانا دۇئاسى ئوتقا سۇغا پاتۇرماس.
337. ئاتا ئانا قانداق بولسا، بالا شۇنداق.
338. ئاتا ئانىنىڭ ھاياتى بالىسىدا.
339. ئاتىلار سۆزى ئەقىلنىڭ كۆزى.
340. ئاتاقنى تاپماق ئوڭاي، تۇتۇپ قالماق تەس.
341. ئاتىغى يوق ئەردىن، خەشىگى يوق دۆن ياخشى.
342. ئاۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە.
343. ئاۋال ئۆزەڭنى چىمدا، ئاغرىمىسا باشقىنى.
344. ئاۋال سوقۇشۇپ ئاندىن دوست بول.
345. ئاۋال تائام، ئاندىن كالام.
346. ئاۋىلىدىن مېنىڭ ئېدى، ئىزدىۋىدىم دورا بولدى.
347. ئاۋالقى چىققان قۇلاقتىن كېيىنكى مۈڭگۇز ئوزار.
348. ئاۋالقىنى ئوغرى ئالدى، قالغانىنى رەممال.
349. ئاۋايلىماي ئۇرۇۋىدىم،ئاغرىماي ئۆلۈپ قالدى.
350. ئاي دىسە، ئاي ئەمەس، كۈن دىسە، كۈن ئەمەس.
351. ئاي كۆرسەڭ، روزا تۇت.
352. ئاي تۈندە كېرەك، ئەقىل كۈندە.
353. ئاينى ئىتەك بىلەن توساپ بولماس.
354. ئاينى كۆرۈپ كۈن ئالغىن.
355. ئاينىڭ بېشىدىن قورقما،بەشىدىن قورق.
356. ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق.
357. ئاينىڭ يورۇغى ئوغرىغا ياقماس.
358. ئاياق ئاستىدا قالدىم دەپ دىمە ۋاي، چىنە بولار كۆپ دەسسەلسە لاي.
359. ئاياق ئاستىڭغا قاراپ باش، يىقىلىسەن.
360. ئاياق ئاتلىمىسا، باش يۈگۈرمەيدۇ.
361. ئاياق يۈگرۈگى ئاشقا، ئېغىز يۈگرۈگى باشقا.
362. ئايىغى كۆيگەن توخۇدەك.
363. ئايغىر قاچسا، ئۈيۈرىدىن تاپ.
364. ئاينىپ كەتكەن دوست ئەمەس.
365. ئايرىلغان قوينى بۆرە يەر.
366. ئايرىلغاننى ئېيىق يەر،بۆلەنگەننى بۆرە.
367. ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران.
368. ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن.(~ئاز قىل، ئۇز قىل).
369. ئاز ئېشىم غوغىسىز بېشىم.
370. ئاز گەپ قىلغاندىن جىق گەپ قىلغىنى ياخشى.
371. ئاز سۆز غوغىسىز سۆز.
372. ئاز سۆزلە، كۆپ ئاڭلا،ئاز يە، كۆپ چاينا.
373. ئاز سۆزلە، كۆپ ئىشلە.
374. ئاز سۆزلىسەڭ، كۆپ ئاڭلايسەن.
375. ئاز سۈتلۈك ئىنەك كۆپ مۆرەيدۇ.
376. ئاز يىگەن ئون يەر، جىق يىگەن بىر يەر.
377. ئاز يىغساڭمۇ خالال يىغ.
378. ئازدىن جىقى ياخشى.
379. ئازغا كۆنمەس ياخشىلىق كۆرمەس.
380. ئازغا قانائەت قىلمىغان كۆپتىن قۇرۇق قاپتۇ.
381. ئازغا رازى بول.

ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ

tamkin يوللانغان ۋاقتى 2007-9-17 16:15:46

ﺑﻪﻙ ﺳﻪﺗﻪﯕﻜﻪﻥ،

arzu415 يوللانغان ۋاقتى 2007-9-17 20:25:41

ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ.
ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ !

ZaPar915 يوللانغان ۋاقتى 2007-9-18 08:59:13

ﻳﺎﭘﯩﺮ...........................

yolbax0998 يوللانغان ۋاقتى 2007-9-18 12:51:26

ﺋﺎ  ﮬﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ    ﻣﺎﻗﺎﻝ ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻪﭖ ﻛﻮﭘﻜﯩﻨﺎ.

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2007-9-20 21:05:15

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ..

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2007-9-21 22:14:48

ﺋﺎﺭﭘﺎ ﺑﻪﺩﯨﻴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﭘﺎ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﺸﻪﻙ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﭘﺘﯘ

ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ؟؟؟

ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻐﺎ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﻳﻮﻕ.

ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﺎﻟﺴﺎﻡ ﺟﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ،ﻗﺎﺭﭼﻮﻏﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻡ ﺳﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ.

ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ...

bahartekin-9 يوللانغان ۋاقتى 2007-9-26 11:01:09

31. ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى توقلۇقتا تاشلىما (- ئۇنتۇما)

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﻮﻟﻼﭘﺴﯩﺰ  ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ .
بەت: [1]
: lt;ﺋﺎ » ﮬﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪﺭ ﺗﻮ