crazy يوللانغان ۋاقتى 2007-9-4 22:10:29

ئون چوڭ فوند شىركىتى

ئون چوڭ فوند شىركىتى
2006- يىلى فوند ھەممىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان ئاجايىپ نۇرلۇق بىر ساھە بولۇپ قالدى .  ھەر خىل ئاخبارات ۋاستىلىرى بەس بەستە پايچەك ، فوند ، تاشقى پرىۋوت ھەققىدە بەس بەستە خەۋەر بەردى ۋە مەخسۇس سەھىپە تەسس قىلىپ فوندچىلارنى ئۆزىگە تارتىشقا تىرىشتى ( بىلىشىمچە ئۇيغۇرچە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنىڭغا تېخى كۆڭۈل قويغىنى يوق ، بىزدە پەقەت  لاتارىيە  قىزغىنلىقىلا بار ) . 2007- يىلنىڭ بېشىغا قەدەر جۇڭگو فوندچىلىرى ( فوندچى = فوند ئوينىغۇچىلار ) يەتتە مىليۇندىن ئېشىپ كەتتى . ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا پارتىلاش خاراكتېرلىك ئېشىپ باردى دېيىشكە بولىدۇ . فوندنىڭ ئومۇمى سوممىسى 800 مىلياردتىن ئېشىپ كەتتى .  ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى تۆۋەندە 2006 يىللىق ئەڭ داڭلىق ئون چوڭ فوند شىركىتىنى ئېيتىپ ئۆتىمەن . بۇلارنى باھالاشتىكى ئاساسىم تۆۋەندىىكچە :

1. ئىناۋىتى ياخشى ، شىركەتنىڭ قانۇنسىز قىلمشىى يوق ياكى باشقۇرۇش قاتلىمىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان ( باشقۇرۇش قاتلىمى فوند شىركىتىنىڭ جان تومۇرى ).
2. مۇكەممەل تىجارەت مىخانىزىمىغا ئىگە ، خەتەرنى ۋاقتىدا كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە . مۇقىم يۈرۈشلۈك ھەم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ .
3. بازارغا سالغان فوندىنىڭ سانى ئىككىدىن كۆپ ھەم ئاز دېگەندە بىر يىلدىن ئاشقان . سالغان فوندىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى دەرىجىسى ئوخشاش تۈردىكى باشقا شىركەتلەردىن يۇقىرى ياكى ئوتتۇرا ھال ( چوقۇم ئەڭ ياخشى بولۇشى ناتايىن ) .
4. فوندىنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالى بازارنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن .
5. تىجارىتى مۇقىم ، سالغان فوندىنىڭ قىممىتىدا چوڭ تەۋرىنىش بولمىغان .
ئۇندىن باشقا شىركەتنىڭ يۇلتۇز دەرىجىسى ، ھەر يىلدىكى پايدىسى ، مۇقىملىقى ، خەتەر كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە :
|  上投摩根基金管理有限公司
  景顺长城基金管理有限公司
  富国基金管理有限公司
  银华基金管理有限公司
  易方达基金管理有限公司
  泰达荷银基金管理有限公司
  广发基金管理有限公司
  嘉实基金管理有限公司
  华夏基金管理有限公司
  国泰基金管理有限公司
بۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللاپ بىر قانچىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي .
上投摩根基金管理有限公司 نىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى 2004- يىل 5- ئاي بولۇپ ، قۇرۇلغىنىغا تېخى ئۇزۇن بولمىغان ، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە شىركەتنىڭ تىجارەت كۆلىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن . يېقىندىن بېرى بۇ شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولىۋاتىدۇ .  ئىپادىسى ئەڭ ياخشى فوند شىركىتىنىڭ بىرسى دېيىشكە بولىدۇ . بۇ شىركەتكە قاراشلىق ئىككى تۈرلۈك فوندنىڭ ھەممىسنىڭ يىللىق ئۆسۈمى 170% تىن يۇقىرى . ئۇچۇق شەكىللىك فوند شىركەتلىرىنىڭ ئىچىدە دەرىجىسى ئالدىنقى 2~3 نىڭ ئىچىدە .

景顺长城 نىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى 2003- يىل 6- ئاي . جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىدىكى فوند شىركىتى . بۇنىڭغا تەۋە جەمئىي يەتتە تۈرلۈك فوند بار . دۆلەت تەرىپىدىن  ئالتۇن كالا فوند باشقۇرۇش شىركىتى    ۇشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور فوند شىركىتى » قاتارلىق شان شەرەپ ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . يىللىق پايدا ئۆسۈمى 182.2% گە يەتكەن .

嘉实基金管理公司 نىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى 1999- يىل 3- ئاينىڭ 25- كۈنى .  دۆلەت ئىچىدە قۇرۇلغان ئەڭ دەسلەپكى 10 چوڭ فوند شىركىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭغا تەۋە 10 تۈرلۈك ئۇچۇق شەكىللىك فوند ، ئىككى تۈرلۈك يېپىق شەكىللىك فوند ، بىر تۈرلۈك LOF شەكلىدىكى فوند ۋە تۆت تۈرلۈك كاپالەتلىك فوندى بار . تىجارەت كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ . نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ فوند شىركىتى ھېسابلىنىدۇ .

ئەسكەرتىش ، بۇلار يىلنىڭ بىېشىدىكى كۆرسەتكۈچلەر . ھازىر يىل ئاخىرى بولايمۇ دېدى ، بەلكىم ئاز تولا ئۆزگىرىش بولغاندۇ ، پايدىلانغۇچىلار يەنىلا ئەڭ يېڭى ئۇچۇرنى خەنزۇچە تور بەت ۋە ماتېرىياللاردىن كۆرۈۋېلىڭلار .

wolf يوللانغان ۋاقتى 2007-10-14 12:53:17

ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻛﺎﻟﻪﺕ ﻧﯘﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﯩﯖﯩﺰ. ﻣﻪﻥ ﺳﯘ ﺳﺎﮬﻪﮔﻪ ﻳﯩﯖﻰ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻢ 160603 ﻧﯩﯖﻜﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ ﻓﯘﻧﺪ. ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﻡ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﻴﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯩﻨﻪﺗﺪﺍﺭ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﺗﯩﻢ.

umut يوللانغان ۋاقتى 2007-11-1 11:54:58

ﺑﯘﻻﺭ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ 2006-ﻳﻠﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﺪﯨﯖﯩﺰﻣﺎ ؟      ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ  ﺋﯚﻱ- ﻣﯜﻟﯜﻙ ، ﺗﯩﺒﺒﻰ ﺩﯗﺭﺍ ، ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ  ﺳﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻜﻰ ﻓﻮﻧﺪﻻﺭﻧﯩﯔ  ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﭼﯜﺷﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﯕﯩﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟
بەت: [1]
: ئون چوڭ فوند شىركىتى