kc-gh يوللانغان ۋاقتى 2007-8-25 21:59:46

ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ ؟!

يازغاننىڭ پايدىسى يوقمۇ ؟!...

ئەھەت داۋۇت

ئۆتكۈر پىكىرلىك ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ، يۇقۇرى بەدىئىي ساپاغا تويۇنغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ھېكايىلىرى بىلەن ئاپتونۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى مەتبۇئاتلاردا خېلىلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغانبىر تونۇشۇم بار ئىدى ؛ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان تونۇشلۇقۇممۇ ئۇنىڭ ئەشۇ تارتىملىق ئەسەرلىرىگە بولغان قىزىقىشتىن كەلگەن ئىدى .ئەپسۇسكى ، مەن مۇناسىۋىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستىكىدە بولۇپ ، تەشەببۇسكارلىققا ئۆتەي دەپ تۇرغان شۇ كۈنلەردە ، توساتتىن ئۇ قەلىمىنى تاشلىۋەتتى . مانا ئەمدى ئۇنىڭ بىرەر پارچە ئەسىرىنى مەتبۇئات يۈزىدە كۆرمىگىنىمگىمۇ 5- 6 يىلچە بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭ نامەلۇم ھەۋەسنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ، بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقۇشقا يۈزلەنگەن بەدىئى تالانتىغا ئىچىم سىيرىلىپ ، ئەپسۇسلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، تەسادىپەن ئۇنىڭ بىلەن تاماقتا بىرگە بولۇپ قالدۇق .ئىچىپ ئازىراق قىزىشىپ ، باشقىلار ئۆز پارىڭىغا چۈشۈشكە باشلىغاندا ، ئىككىمىزمۇ تەبىئى ھالدا يېقىنلىشىپ ، پاراڭلىشىپ قالدۇق :
- يازماس بولۇپ كەتتىڭىزغۇ ؟ - سورىدىم بىردەملىك ھال ئەھۋال سورىشىشتىن كېيىن ، گەپنى ئۆزۈم قىزىقىدىغان ئاساسىي تېمىغا بۇراپ .
- خىزمەت ئالدىراش دەڭا ،- دېدى ئۇ ئىسپانىيىنىڭ " كالا سوقۇشتۇرۇش مۇزىكىسى" توختىماي ياڭراۋاتقان رەڭلىك ئېكرانلىق يانفونىنىڭ ئېكرانىدىكى نومۇرىغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ، ئېرەنسىزلىك بىلەن .
- ئاڭلىسام تۆت يېزىغا زەنجاڭلىق قىلىۋېتىپسىز ، ھەقىقەتەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئوخشىمامسىز ؟ - دېدىم ئۇنىڭ يېزا بىرلەشمە باج پونكىتىغا باشلىق بولۇپ ئۆسكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېسىمگە ئېلىپ .
- راست دەيسىز ، -ئۇنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى ، -ۋەزىپىنى ئورۇنلىمىسىڭىز تېخى ، يېزىمۇ – يېزا قاتراپ ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرمىسىڭىز تېخى ، باشلىقنىڭ سۇئاللىرىغا ۋاقتى – ۋاقتىدا جاۋاپ بەرمىسىڭىز تېخى ، ھەپتە – ئون كۈندە بىر كېلىپ تۇرىدىغان تەكشۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلمىسىڭىز تېخى ، لايىقىدا كۈتمىسىڭىز تېخى... ئىشقىلىپ ، بۈگۈنكى كۈندە باشلىق بولماقمۇ ئاسان ئەمەسكەن ، جۇمۇڭ!
- شۇنداق قىلىپ يېزىشقا پەقەتلا ۋاقتىم چىقمايدۇ ، دەڭ ؟
- راستنى ئېيتقاندا ، يازايلىدېسەكقۇ، ۋاقىت ئۆزىمىزنىڭ قولىدا بولغاندىكىن ، چىقىپمۇ قالار ئىدى ، - دېدى ئۇ تاماكىسىنى شوراپ بىرھازا ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن ، - لېكىن ، سىز بىر دەپ بېقىڭا ، يازغاننىڭ نېمىگە پايدىسى ؟
- قانداق دەيسىز ؟ - دېدىم ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭ گېپىنىڭ تېگىدە گەپ بارلىقىنى پەملەپ.
- دېمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ ، يازغاننىڭ زادى نېمىگە پايدىسى بار؟... "ئەدەبىياتنىڭ رولى ئادەم تەربىيىلەش"دېدۇق، ناۋائى بىر ئۆمۈر گۆزەل ئەخلاقىي پەزىلەتنى مەدھىيىلەپ يازدى ، بىراق ، پەزىلەتسىز ئوردا ۋەزىرلىرىنىڭ پىتنە – پاساتلىرىغا ئۇچراپ ، ئاخىرقى ھېساپتا چەتكە قېقىلدى ؛ چۇ يۈەن ئادالەتسىزلىك ئۈستىدىن بىر ئۆمۈر ئاھ ئۇرۇپ ، ئاخىر ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ، ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلىۋالدى ؛ بالزاك بىر ئۆمۈر يازدى ، لېكىن ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ بويىدىن ئېگىز قەرزگە بوغۇلۇپ ، ساراڭ بولۇپ ئۆلۈپ تۈگەشتى ؛ لۇشۈن دوختۇرلۇقنى تاشلاپ بىر ئۆمۈر يېزىپ ، جوڭگولۇقلارنىڭ كاللىسىنى داۋالاپ ساقايتىپ بولالماي ، جان ھەلقۇمغا يەتكەندە ، بالىلىرىغا :" ھەرگىز يازغۇچى بولماڭلار !" دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ، ھەسرەت بىلەن كەتتى ؛ ئابدۇخالىق ئويغۇرىچۇ؟ ل. مۇتەللىپچۇ؟...ئۇلارنىڭ تەقدىرىمۇ ئوخشاشلا پاجىئە بىلەن ئاياقلاشمىدىمۇ ؟...
- ئالدىنقىلارنىڭ قۇربان بەرگىنىمۇ راست ، ئەمما ئۇلاردىن تۆكۈلگەن قانلار كېيىنكىلەر ئۈچۈن چېچەكلەۋاتمامدۇ ؟ - دېدىم گەپ قىستۇرۇپ .
- قويۇڭە ئۇ گېپىڭىزنى ، شۇنچە تۆلىگەن بەدەللەرنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولدى دەيسىز ؟... ئەسەر يازغانغا دۇنيا ئۆزگىرىدىغان ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ئۆزگىرىدىغان بولسا ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن شۇنچە نادىر ئەسەرلەرنىڭ خاسىيىتىدىن دۇنيا ئاللىبۇرۇن كوممۇنىزىمغا يەتكەن بولسا بولاتتى...بىراق ، ھازىر قارايدىغان بولساق ، ئادەملەر كۈندىن – كۈنگە ئىنساپسىزلىشىپ ، ئەخلاقسىزلىشىپ ، رەزىللىشىپ كېتىپ بارمامدۇ ؟... پارا بېرىدىغان ، پارا ئالىدىغان ، ئەمەلنى چاھار بازاردا مال ساتقاندەك ساتىدىغان ئىشلارغۇ ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى ؛ لېكىن ، دادىسى قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىدىغان ، ئازىراق پۇلنى دەپ ، دادىسى بالىسىنىڭ خۇنىنى ئىچىدىغان ؛ قىزى ، كۈيئوغلى قېيىنئانىسى بىلەن بىرلىشىپ ، قېيىنئاتىسىنى پالتا بىلەن چاناپ ، جەسىدىنى تېرىلغۇ يەرگە كۆمۈۋېتىدىغان*...ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىكلەرنى بۇنىڭدىن بۇرۇن سىز ئاڭلاپ باققانمۇ ؟.. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قويۇپ تۇرايلى ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پاھىشىخانىدا ئويناپ يۈرگىنىنىچۇ؟ **...مانا بۈگۈنكى جەمىيىتىمىزدە ئەنە شۇنداق رەزىللىكلەر ۋابا كېسىلىدەك كۈندىن – كۈنگە يامراپ كېتىۋاتمامدۇ ؟...ئەدەبىيات ئادەمنى تەربىيىلىيەلىسە ، ئەشۇنداق رەزىللىكلەر يۈز بەرمىسە بولمامدۇ ؟...
يەنە ئويلاپ بېقىڭ ، سىز بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ ، كاللىڭىزنىڭ تۈكى چۈشۈپ كەتكىچە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ ، مىڭ بىر بالالىقتا بىر كىتاپ يازسىڭىز ، نەشرىيات ئورۇنلىرى تىراژ تاپ ، دەۋاتقان ؛ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئالىملىرىمىزنىمۇ كىتاپ يازغانغا تويغۇزۇپ ، " ۋاھ" دېگۈزمىدىمۇ شۇ تىراژ ؟...كىتاپبېسىلىپ چىققاندىن كېيىن، خەققە يېلىنىپ يالۋۇرۇپ ساتمىسىڭىز تېخى...ئارزۇلاپ ، ئارمانلاپ چىقارغاندىن كېيىن ، ئۆزىڭىزگە قاراپ باقسىڭىز ، ئەرش – ئالاغا چىقىپ كەتمەيسىز ، كىتابىڭىزنى ئوقۇغانلار كۆرسە : " ھە ، ھېلىقى كىتابنى يازغان يازغۇچى ئىكەن- دە ! "دەپلا قويىدۇ؛ھېسسىياتچانراقبالاشائىرلارغائۇچراپ قالسىڭىز ، بەك بولسا ھاياجانلىنىپ ، بىرەر ۋاقلىق تاماققا باشلاپ مېھمان قىلار شۇ ، يەنە بويىڭىزدىن نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغىنى تۇرغان . كۆڭلىڭىزدە مىڭ بىر گۆزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىڭىز بولغىنى بىلەن ئەمەلىي ھوقۇقىڭىز بولمىسا ، خەققە ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيسىز . شۇڭا ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكىداڭلىق يازغۇچى ، شائىرلاردىن دادۈيجاڭنىڭ ھال – كۈنى ياخشى ئەمەسمۇ ؟...مانا ماڭا قاراڭ ، مەن ئاغرىق – سىلاق ، قېرى –چۆرىلەر ئۇچراپ قالسا ، ئۇلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ بېجىنى كۆتىرىۋېتىپ ، دۇئاسىنى بولسىمۇ ئالالايمەن . زىيادە بېزىرىپ ، خورىكى ئۆسۈپ كەتكەنلەرنى بىر تال تالۇن بىلەنلا يۇۋاشلىتىپ قويالايمەن . مەسىلەن دەيلى ، سىلەرنىڭ ساھەنى مىسالغا ئالساق ، سىز بىرەر پارچە كىتاپ چىقارسىڭىز ، شوجاڭ ئاغىينىلىرىڭىز ياكى مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئاغىنىلىرىڭىز بولسا ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر يۈز پارچىدىن كىتابىڭىزنى گەپ يوق بىرتەرەپ قىلىۋېتىپ ، سىزنى تىراژ غېمىدىن خالاس قىلىپ ، كۆڭلىڭىزنى خوش قىلالايدۇ . چۈنكى ، ھەممىلا مەكتەپنىڭ قىرائەتخانىلىرىغا كىتاپ ئېلىش ۋەزىپىسى بار ، ' ئىككى ئاساسەن ' كۈنلۈكى ئاستىدا ، سىزنىڭ بىرەر يۈز پارچە كىتابىڭىزنى بىرتەرەپ قىلىۋېتىش ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانچە گەپ ئەمەس ، ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ سېلىق چۈشمەيدۇ ، ئۆز يولىدا بولىۋېرىدۇ ...ئاغىينىلىرىڭىز بولمىسىچۇ ؟...كىتاپخانىغا قويسىڭىز ، بىرەر يىلدىمۇ بىرتەرەپ قىلالمايسىز ، ئىلاجىسىز مىڭ بىر ئەجىر – ئەزەمدە يازغان كىتابىڭىزنى دۈمبىڭىزگە ئارتىپ ، سورۇنمۇ – سورۇن تەشۋىق قىلىدىغان گەپ ...ئۇلۇغ گەپلەرگە ھېچكىم بىكاردىن – بىكارغا نەچچە يۈز پارچە كىتابىڭىزنى سېتىۋالمايدۇ...
-        سىزگە يېقىندا ھەقىقىي يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي : ناھىيىمىز بازىرىدىكى نوقتىلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر شائىر ئاغىنەم بار ئىدى ، ئۇنى سىزمۇ تونۇيسىز بەلكىم ، يېقىندا ئۇ ئۆز خىراجىتى بىلەن بىر شېئىرلار توپلىمى چىقىرىپتۇ ، بۇ توپلامدىن مەنمۇ بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم ، توپلامدىكى شېئىرلار ياخشى يېزىلغان بولۇپ ، سەۋىيىسى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى نوپۇزلۇق گېزىت –ژورناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى شېئىرلارنىڭ سەۋىيىسىدىن قېلىشمايتتى . ئاغىنەم بىر تېڭىق كىتاپنى كۆتىرىپ ، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گوروپپىسى ئىشخانىسىغا كىرىپ ، كىتابىنى ئىشخانىدىكىلەرگە كۆرسەتكەن ئىكەن ، ھەممەيلەن گۈررىدە ئوۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ، كىتابنى قوللىرىغا ئېلىشىپ ، ئۇنى قىزغىن مۇبارەكلىشىپتۇ . بىردەملىك قولدىن – قولغا ئېلىپ كۆرۈشتىن كېيىن ، ئاغىنەم كىتابنى ئۆز خىراجىتى بىلەن چىقارغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ، خىزمەتداش ، موھىمى كەسپداش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭمۇ ياردەم ھېسابىدا بىرەردىن سېتىۋېلىپ ، كۆرۈپ بېقىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ . ئوقۇتقۇچىلار دەرھال كىتابنىڭ باھاسىغا قارىشىپتۇ ، كىتابنىڭ باھاسى ئارانلا 7 يۈەن ئىكەن ، ئۇلار بىر- بىرىگە قاراشقاندىن كېيىن ، بىرقانچەيلەن بىردىن سېتىۋاپتۇ ...
-        كەچقۇرۇن ئاغىينەم ئىشتىن چۈشۈپ ، قايتاي دەپ تۇرۇشىغا بىر ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ :
-        مۇئەللىم ، ماۋۇ بىر كويلىرىنى بېرىۋىتەي !- دەپ ئۇنىڭغا پۇلنى تەڭلەپتۇ .
نېمە پۇل بۇ ؟ - دەپ ھەيرانلىق بىلەن سوراپتۇ ئاغىينەم .
ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز دەرس ۋاقتىدا سىلىنىڭ رەسىملىرى بار بىر كىتابنى سىنىپقا ئېلىپ كىرىپ : " ×× مۇئەللىمنىڭ بىر شېئىرلار توپلىمى چىقىپتۇ ، ئېلىپ قويىدىغانلار بارمۇ ؟ " دەپ كىتابنى بالىلارغا كۆرسەتكەن ئىدى ، مەن ئېلىپ قوياي دەپ ، يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام ، ئالتە كويۇم بار ئىكەن ؛ مۇئەللىمگە ئەھۋالنى دېسەم ، مۇئەللىم : " بوپتۇ ، يېنىڭىزدىكى ئالتە كوينى ھازىر ماڭا بېرىپ ، قالغان بىر كوينى چۈشتىن كېيىن ئالغاچ كېلىپ ، كەچتە×× مۇئەللىمنىڭ ئۆزىگىلا بېرىۋېتىڭ " دېگەن ئىدى ، شۇڭا قالغان بىر كويلىرىنى بېرىۋېتەي ، دەپ كەلگەن ئىدىم ،- دەپتۇ .
ئاغىينەم ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ ،ھېلىقى ئوقۇتقۇچى كىتابنى ئەدەبىياتقا بولغان مېھرى ياكى كىتابنىڭ قىممىتىنى چۈشەنگەنلىكى ۋە ياكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئاغىينەم بىلەن بىر ئىشخانىدا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا يۈز كېلەلمەي ئۆز نامىدا ئېلىپ قېلىپ ، ئارقىدىنلا خەجلىگەن يەتتە يۈەن پۇلىغا قورسىقى ئاغرىپ ، كىتابنىڭ قېتىنى ۋاراقلاپمۇ قويمايلا ئۇدۇل سىنىپقا ئېلىپ چىقىپ ئوقۇغۇچىغا سېتىۋەتكەن ئىكەن .
-        ئوقۇغۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ئۆز ئەمگىكىنىڭ بۇ دەرىجىدە قەدىرسىز ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلگەن ئاغىينەم بۇ ئېغىر روھى زەربىدىن بېشىغا چېقىلغان چۈشكەندەك بولۇپ ، ئېغىر خىيالغا پاتقان ھالداتۇرغان جايىدا خېلى ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ قاپتۇ . ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى خېلى كۈنلەرگىچە سۆزلەپ يۈردى ...
-        قاراڭ ، مانا بۇئەدەبىياتنىڭ " مەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ! ..."دەپ كېرىلىپ يۈرىدىغان ، بىر ئۆمۈر ئەدەبىياتنىڭ نېنىنى يەيدىغان بىر ئەدەبىياتچىنىڭ نەزىرىدىكى قىممىتى ...ئارىمىزدا يەنە مۇشۇنداق تۇزىنى يەپ تۇرۇپ ، تۇز بەرگەن كەسپىگە ئاسىيلىق قىلىدىغان ، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىدىن قىلچىلىك خىجالەتچىلىك ھېس قىلمايدىغان كەسپىي ماڭقۇرتلاردىن يەنە قانچىسى باردۇر ؟! ...يېزىقچىلىقنىڭ مۇشۇ دېشۋارچىلىقلىرىنى ئويلاپ ، ئۆز- ئۆزۈمگە:" توختاپ تۇر ، ئامېرىكىنىڭ سابىق پېرىزدىنتى كېلىنتون : ( يا كىشىنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ياخشى ئىش قىل ، يا كىشىنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ياخشى ئەسەر ياز !) دەپ ناھايىتى توغرا دەپتىكەن ؛ ياش ۋاقتىڭدا پۇت – قولۇڭنىڭ ماغدۇرىنىڭ بارىدا ، خەلقىڭ ئۈچۈن ئازىراق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەر ، يازىدىغان ئىشنىكېلىنتوندەك سىياسى سەھنىدىن چېكىنىپ ، تەجىرىبەڭ راسا جۇغلىنىپ ، ئەقىل – پاراسىتىڭ پىشىپ يېتىلگەندە يازساڭمۇ كېچىكمەيسەن !" دەپ مۇشۇ ھوقۇق كوچىسىغا كىرىۋالدىم قاراڭ ... ھوقۇق بولمىسا ، ئارزۇيىڭىز مىڭ گۈزەل بولغىنى بىلەنمۇ بۈگۈنكى كۈندە ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىكەن...بىز ئەتىدىن كەچكىچە ئۆزىمىزنى " ناخشا – ئۇسۇل مىللىتى" ،" شېئىرىي مىللەت"دەپ ماختاپ ، ئاغزىمىزنى تاتلىق ئېتىپ يۈريۋەرمەي ، سىياسىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ، سىياسىغا بولغان بىرتەرەپلىمە قارىشىمىزنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ ، سىياسى مىللەت بولۇشقا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك ئىكەن...دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ شېئىر بىلەن ئەمەس ، سىياسى بىلەن ئۆرە تۇرىۋاتقانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك ئىكەن ...ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ دۇنياغا دۈم يېتىپ ، دۈم قوپۇپ يېزىشقىلا يارالمىغاندىكىن ، كۆڭلىمىز نېمىدە خوش بولسا ، شۇنى قىلىپ ئۆتمەيمىزمۇ ؟...
-        دېگەنلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار ، دەرۋەقە پۇل بىلەن ھوقۇق بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىۋاتقان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى ؛ شۇڭاقىلچە ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلىماي ، جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان " مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى" نىمۇ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاپ رىغبەتلەندۈرۈش – بۈگۈنكى كۈندە مودا ؛ بۇ بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي ئاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىپادىسىدەك كۆرۈنسىمۇ ، يەنە بىر جەھەتتىن ، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ، ماددىي جەھەتتىكى ئاچلىقنىڭ مەھسۇلى ؛ ماددىي جەھەتتىكى ئاچلىق مەنىۋىي جەھەتتىكى قۇرغاقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، خۇددى قورسىقى تويۇپ ئۆتمىگەنلەر تۆت قوساققا ئون سەككىز تەخىسە تاماق بۇيرۇتقاندەك ، قورسىقى توق بولسىمۇ ، ياخشى تاماقنى كۆرگەندە سىرتقا چىقىپقولىنى ئاغزىغا تىقىپ ، ياندۇرىۋېتىپ كىرىپ ، يەنە ياخشى تاماققا قولىنى ئۇزاتقىنىدەك ... ماددىي جەھەتتىن تويۇنمىغانلار پۇل تېپىشنى ئاخىرقى مەقسەت قىلسا ، تويۇنغانلار پۇلنى مەنىۋىي جەھەتتىكى غايىسىگە يېتىش ، مەنىۋىي جەھەتتىكى بوشلۇقلىرىنى تولۇقلاشنىڭ ۋاستىسى قىلىدۇ ؛ ماددىي جەھەتتىن تويۇنمىغانلار شەيئىلەرنىڭ قىممىتىنى پۇل ، مەنپەئەت ئارقىلىق ئۆلچىسە ، تويۇنغانلار ئىستىتىك قىممىتى ، مەنىۋىي قىممىتى ، ئىلمىي قىممىتى ئارقىلىق ئۆلچەيدۇ . تەرەققىي تاپقان ئەل كىشىلىرىنىڭ بىر پارچە رەسىمنى نەچچە يۈز مىڭ دوللارغا سېتىۋېلىشى بىزنىڭ ئەقلىمىزگە سىغمىسا ، بىر جېنىمىزغا بەش قاچا ئاش بۇيرۇتۇشلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئەقلىگە سىغمىغىنىغا ئوخشاش ؛ بىزنىڭ تويۇنۇش باسقۇچىغا بېرىشىمىزغا خېلى جەريان كېرەك . توۋا دەيمەن ، ئادەم پۇلغا قانچە بېرىلگەنسېرى روھىيىتى شۇنچە پۇچەكلىشىپ كېتەمدۇ نېمە ، ئاتا – بوۋىلىرىمىز شۇنچە قاتتىقچىلىق يىللاردىمۇ توم –توم كىتاپلارنى ئوقۇپ ، ئېسىل ئەخلاق ، ئەنئەنىلىرىمىزنى بۈگۈنگەقەدەر داۋاملاشتۇرۇپ ، بىزنى ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقان ئىكەن ؛ بىزنىڭ ساپايىمىزدىكى خېمىرتۇرۇچنى ئەشۇ توم –توم كىتاپلارنىڭ خاسىيىتىدىن ھەرگىزمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ؛ بۈگۈنكى بالىلارغا قارىساق ماددىي تۇرمۇشىمىز قانچە ياخشىلانغانسېرى بۇزۇلۇش شۇنچە تېز ، شۇنچە كۆپ بولىۋاتىدۇ دېسە...
-        مېنى مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ قولىغا ئايلىنىپ قاپسىز ، دېمەكچى ئەمەستۇرسىز ؟- دېدى ئۇ ئۇ ماڭا جىددىي بۇرۇلۇپ .
-        ياقەي ، چوڭ كېلىماتنى نەزەردە تۇتۇپ دەۋاتىمەن ،- دېدىم بەزى گەپلىرىمنىڭ سەل چەكتىن ئاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ ، سۆزۈمنى توغرىلاپ ،- بىراق ، جەمىيەت مەيلى قانداقلا بۇزۇلمىسۇن ، مېنىڭچە ، ئۇ ئەدەبىياتتىن ئايرىلسا بولمايدۇ ، چۈنكى ئەدەبىيات دۇنيانىڭ ، ئىنسانىيەت روھىيىتىنىڭ ئەينىكى ، ئىنسانىيەت ئەخلاق چىركىنلىرىنىڭ بوقسۇشلىرىدىن بۇرنى سەزمەس ھالغا يېتەي دېسىمۇ ، ئۆز ۋۇجۇدىغا چاپلاشقان ئىپلاسلىقلارنى ئەينەك ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇشى ، ھېچ بولمىغاندا كېيىنكىلەرئۈچۈن ئىبرەت قالدۇرۇشى ؛ ئەۋلادلار رەزىللىك ئىلاھىنىڭ ئىبلىس قولى تېخى تېگىشكە ئۈلگۈرمىگەن ھېقىقىتەك سۈزۈك ، پاكىز ئەقىدە ، بۈيۈك ئېتىقاد ، ئەبەدىي گۈزەللىكلەردىن ئىلھام ئېلىشى ، تەپەككۇرىنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇشى... كېرەك .
-        قەلەم تۇتقانلار دائىم ئەشۇنداق گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن ئۆزىنى بەزلەپ ، كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشقا ئامراق ؛ بىراقئېرىشىدىغىنى چاغلىق . ئىشەنمىسىڭىز ، تارىختىكى مەشھۇر قەلەمدارلاردىن دۇنيادىكى مەشھۇر قاتتىق قول سىياسىئون ، ئىتالىيىلىك داڭلىق سىتراتىگىيىچى ماكياۋېللى" ھۆكۈمدارلار دەستۇرى " ناملىق مەشھۇر كىتابىنى يېزىپ ، كاتتا ئەمەل ، ئەتىۋارلاپئىشلىتىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشىش تاماسىدا ئۆز پاسىبانى – فلورېنسىيە ھۆكۈمرانى كىچىك لورېنزو مېدىچىگە تەقدىم قىلغان ؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت باشقۇرۇشتىكى كاتتا ئەنگۈشتەر " قۇتادغۇبىلىگ" نى يېزىپ ، قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ شۇ دەۋردىكى سۇلتانى بوغراخان ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمانغا ھەدىيە قىلغان ؛ سۇنزى دۇنيا تارىخىدىكى ئۆلمەس ئەسەر ، ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىكى " قىزىق نوقتا " لىق دەستۇر- " سۇنزى ھەربى ئىشلار دەستۇرى" نى يېزىپ ، ئۆز پاسىبانى ۋۇ بېگىگە تاپشۇرغان ؛ بىراق ، بۇ ئۈچ ئۆلىمانىڭ ھېچقايسىسى ھۆكۈمدار بولالماي ، ئەقىلدە ئۆزىدىن كېيىن تۇرىدىغان پادىشاھلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەن ؛ ئەمەلىيەتتە ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھغا ئىش ئۆگىتىدىغان ، ئەشۇ بىلىمى بىلەن دۆلەتنى ئۆز ھۆكۈمدارلىرىدىنمۇ ياخشى باشقۇرۇپ كېتەلەيدىغان دانىشمەنلەردىن ئىدى ؛ ئىشنىڭ يولىنى ، دۆلەت باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى بىلگەن بىلەن ، چوڭ ئىش تەۋرىتەلەيدىغان جۈرئەت ، مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان سىياسى تۈرگۈنلۈك... بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارمۇ ھۆكۈمدار بولالمىغان . جۇگې لىياڭ ھەرقانچە ئەقىللىق بولغىنى ، ساۋساۋنى نەچچە ئون مەرتەم يېڭىپ ، ھەتتا ساقىلىنى بوياپ قېچىشقا مەجبۇر قىلغىنى بىلەن ئۇنى ساۋساۋنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى ، ساۋساۋدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغىلىبولمايدۇ . چۈنكى ، ساۋساۋ ئاخىرقى ھېساپتا بىر غەلىبە قىلغۇچى ، بىر ھۆكۈمدار ، بىر دۆلەت قۇرغۇچى . جۇگې لىياڭچۇ؟..شۇنچە ئەقىل پاراسىتى ، يۈكسەك ئىستىداتى بىلەن بىر زاۋال تاپقان خاندانلىق(خەن خاندانلىقى ) نى يۆلەيمەن دەپ ، بىر ئۆمۈريۈرەك قېنىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتكەن ساداقەتمەن قەلەمدار . باتۇر تەڭرىقۇتنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز ، خانلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەتتا ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشتىنمۇ يانمىغان ، سىياسى مۇتەپپەككۇر دېڭ شىياۋپىڭ ئەپەندى ناھايىتى توغرا ئېيتقان : " ئاق مۈشۈك ، قارا مۈشۈك ، چاچقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك " ، شۇڭا ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئۇلۇغ غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەملەرگە نىسبەتەن سىياسى سەزگۈرلۈك ئىنتايىن موھىم ." كۆمسەم پىشارمۇ ، ياقسام پىشارمۇ ؟" دەپ كۆز قورقىتىپ ، يۇمشاق باشلىق قىلغان بىلەن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىكەن ...
-        ئاساسىي تېمىدىن چەتنەپ كېتىپ قالدۇقمۇ- قانداق ؟ ماكياۋېللى ، سۈنزى ، جۇگې لياڭلارنى ئەدىپ دېگەندىن كۆرە ، سىياسئون دېسەك مۇۋاپىق بولار ؟ - دېدىم ئۇنىڭ ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، كۈلۈپ تۇرۇپ .
-        ئۇنداق دېگىلىمۇ بولمايدۇ . مېنىڭ نەزىرىمدە ،ھەقىقى ئەدىپلەر بىلەن سىياسى قەلەمدارلار ئاساسەن ئورتاقلىققا ئېگە . ھەر ئىككىلىسىلا مەلۇم ئەقىدىگە باغلىنىپ ،دەرتنى ئىچىگە يۈتۈپ ، ئىچىدە كۆيۈپ ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلار . بولمىسا يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغان قەلەمدارلار مۇستەقىل ھۆكۈمدارلاردىن بولغان بولاتتى .پەرقى ، ھەقىقىي ئەدىپلەرھېسسىياتقا ، سىياسى قەلەمدارلار ھىلە – مىكىرگە باي كېلىدۇ .
-        گېپىڭىزنىڭ ئورانىدىن قارىغاندا ، مەقسىدىڭگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي ، ھەممە نىمەڭنى دوغا تىك ، دېگەن ئەسەبىي شەخسىيەتچىلىكنى تەرغىپ قىلماقچى ئەمەستۇرسىز ؟
-        شەخسىيەتچىلىك- ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئاداققىي ماھىيىتى ، ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ئەڭ يارقىن بىشارىتى .شۇڭا دانىشمەنلەر : " ئۆزىنىڭ غېمىنى يىمىگەنلەرنى يەر يۇتقاي ! " دەپ توغرا ئېيتقان . " ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش " ، " خەلقنى قىزغىن سۆيۈش " ... دېگەن ئۇلۇغ گەپلەر ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنى سۆيۈشتىن باشلىنىدۇ . ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلمىگەنئادەم ھېچنىمىنى سۆيەلمەيدۇ . ئۆزلۈك - ۋەتەن ، خەلقنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولغانلىقى ؛ۋەتەن ، خەلق - ئۆزلۈكنىڭ كۈچلۈك مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە ئېگە تاشقى پوستى بولغانلىقى ئۈچۈن " ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش " ، " خەلقنى قىزغىن سۆيۈش "...دېگەن شوئارلار مەيدانغا كەلگەن .
-        بۇنىڭلىق بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائى رولىنى بىراقلا يوققا چىقىرىۋەتكىلىمۇ بولماس ، ھېچبولمىغاندا ئۇ جامائەت پىكرى پەيدا قىلالايدۇ ، خەلققە ئىستىتىك زوق بېرەلەيدۇ . ئىنسانلار ئەدەبىياتتىن ئايرىلسا ، تۇرمۇشى بەكلا قۇرغاقلىشىپ كېتەمدىكىن دەيمەن ، - دېدىم گېپىمدە چىڭ تۇرۇپ .
-        ئەدەبىياتنىڭ ئىستىتىك رولى بار دېگىنىڭىزگە قارشى ئەمەسمەن ، ئەدەبىيات ھەقىقەتەن ئادەملەرنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ ، روھىنى ئاۋۇندۇرىدۇ . بىراق ، جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلىشى ناتايىن . بىزدەك يازىدىغانلارسىز يازغاننى مەن ، مەن يازغاننى سىز ئوقۇپ ، ئۆزئارا ماختىشىپ ، كۆڭلىمىزنى خوش ئېتىپ يۈرگىنىمىز بىلەن مۇشۇنداق نازۇك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان ، زېددىيەتنى ھەل قىلىشتا بىۋاستە مەسئۇلىيىتى بار ئەمەلدارلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغۇلى نەدە چولىسى ؟!...شۇڭا قايسىدۇر بىر مۇتەپپەككۇر :" بۇش بىلەن سادام شائىر بولغان بولسا ، ئوتتۇرا شەرق قانغا بويالمىغان بولاتتى " دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان .
-        ئۇنداق دېگىلىمۇ بولماس ، - دېدىم ئۇنىڭغا ئىلمىي يوسۇندا رەددىيە بېرىپ ، - مەسىلەن ئالايلى ، دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى تاپشۇرۇش مەسىلىسى قىيىن بولۇش ، نامراتلىقتىن ئوقۇشتىن چېكىنىش ، ھەتتا ئوقۇش ئارزۇسىغا يېتەلمەي ئۆلۈۋېلىشتەك بىرقاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئەدەبىيات ئارقىلىق مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى گېزىت – ژورناللاردا يورۇتۇلۇپ پاش قىلىنىپ ، جامائەت پىكرى كەيپىياتى پەيدا قىلغانلىقتىن ، مەركەزنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ ، ھەقسىز مائارىپ سىياسىتى يولغا قويۇلمىدىمۇ ؟
ھەقسىز مائارىپ سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا مەتبۇئاتلار پەيدا قىلغان جامائەت پىكرىنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرىنىڭ بارلىقىنى چەتكە قاققىلى بولماس ، بىراق ، بۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان تۈرتكىلىك سەۋەپ ئەمەس ، بەلكى ، ئۇ جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ؛ ئويلاپ بېقىڭ ، قايسىبىر تەرەققى تاپقان دۆلەتتە ئاساس مائارىپ ھەقسىز ئەمەس ؟ ياپونىيىدە ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلغىلى ئەللىك يىل بولاي دېدىغۇ؟...دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنۋېرسال ئىقتىسادىي كۈچى ئاشقان ئىكەن ، ھەقسىز مائارىپ مۇقەررەر يۈزلىنىدىغان يۈزلىنىش ، بۈگۈن بولمىسا ئەتە ھامان شۇنداق بولاتتى ...بولمىسا سوتسىئالىزىمنىڭ ئەۋزەللىكى نەدە قالىدۇ ؟...
-        مەيلى نېمىلا دېمەڭ ، دۆلەتنىڭ ھەقسىز مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالماي قېلىشىدەك ئېچىنىشلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەنلىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ، شۇنىڭدەك ، ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولىدىن ، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق ، ئەدەبىياتنىڭ سىياسىغا بولغان تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان بىر جانلىق ئەمەلىي پاكىت ؛ دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۈزلىنىشى نۇقتىسىدىن چىقىپلا ، ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي رولىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا بولىدىغان بۇ پاكىتنى ئىنكار قىلىشىڭىزغا ، شۇنداقلا ، ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىي رولىنى ئىنكار قىلىشىڭىزغا تۈپتىن قارشىمەن ، گەرچە ئەدەبىياتنىڭ رولى كۈزدە بۇغداي تېرىپ ، يازدا ھوسۇل يىغقاندەك ئاسان كۆزگە چېلىقىدىغان ھادىسە بولمىسىمۇ ، بىراق ، ئەدەبىيات ئىنسانلارغا نىسبەتەن سۇ بىلەن ھاۋادەكلا ئىنتايىن موھىم ؛ كىشىلەر ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى ئۆگىنىدۇ ھەم يېڭى مەدەنىيەت ، يېڭى تارىخ يارىتىدۇ ، روھىنى تاۋلايدۇ ، ۋۇجۇدىغا يېڭى قان تولۇقلايدۇ ، پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرىدۇ ، ئەقىل – پاراسەت ئۆگىنىدۇ ، تەجىرىبە جۇغلايدۇ...ئەدەبىياتنىڭ رولى بولمىسا ، كىشىلەر نېمىشقا " مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى" ،" ئوغۇزخان" ، " ئىلئادا" ، " ئودىسسا " لارنى تا ھازىرغا قەدەر ئەستىن چىقارمايدۇ ؟! ..." ئانا يۇرت " نىڭ داغدۇغىسى نېمىشقا ھازىرغىچە بېسىقمايدۇ ؟! ..." شىنجاڭ مەدەنىيىتى " ، " كروران " ، " مىراس"،
" مۇنبەر "... ژورناللىرىنىنېمىشقا تالىشىپ ئوقۇيدۇ ؟!...چۈنكى ، ئەدەبىيات ئىنسانىيەتنىڭ روھى كېلىماتىنى تەڭشەيدىغان خاسىيەتلىك مەنىۋىي خۇرۇچ ، ئىنسانلار ئەدەبىياتتىن يۈز ئۆرىگەن كۈنى ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل مەنىۋىي دۇنياسى توپانغا غەرق بولىدۇ ...
ھاي – ھاي ، يازغۇچى ئەپەندىلەر ، بولدى قىلىڭلار ئەمدى !... مىڭ تالاشقىنىڭلار بىلەن دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى سىلى بىلەن بىز ھەل قىلىپ بولالمايمىز ، بۇ دۇنيانىڭ ئىگىسى باشقا ،ماۋۇ ھاراق سوۋۇپ قالدى ، قېنى گېپىڭلىنى يىغىشتۇرۇپ ، ھارىقىڭلىنى ئىچىڭلا!
ساقىنىڭ گېپى بىلەن پارىڭىمىز شۇ يەردە ئۈزۈلۈپ قالدى ... بىردەملىك ئىچىشۋازلىقتىن كېيىن ، سورۇندىن تارقىدۇق ، بىراق ، ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن پاراڭلار زادىلا كاللامدىن نېرى بولمىدى ...
كېچىچە خىيال سۈرۈپ چىقتىم : يازغاننىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى يوقمۇ ؟ ئۇنداقتا ، ئەدەبىيات ئىشلىرىنى گۈللەندۈرىمىز دەپ ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ، لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى ،" گۈلزار " ئەدەبىيات مۇكاپاتى ...نى تەسىس قىلغانلارنىڭ بېشى ئىششىپ قالغانمىدۇر ؟...ئەجىبا ، كۆز ئالدىمىزدىكىبىردەملىك ، ئازغىنە ماددىي مەنپەئەتنى – ھوقۇقنى - پۇلنى دەپ شۇنچە ئېسىل ، مۇنەۋۋەر ، نادىر ئەسەرلىرىمىز ، كىلاسسىك ۋەسىقىلىرىمىزگە بولغان مېھرىمىز ، ئەقىدىمىز ، ئىخلاسىمىزدىن شۇنداق ئاسانلا ۋاز كېچىپ كېتەرمىزمۇ ؟!...
بىر چاغدا كۆز ئالدىمدا سۇس بىر ئاق تۇمان يېيىلىپ ، كۆك قەھرىگە تاقاشقان ئىككى شاھانە ئالتۇن سۇپىدا روبىرو ئولتۇرغان سالاپەتلىك ئىككى زات پەيدا بولدى ، ھەيرانلىق ۋە چۆچۈش نەزىرىدە ئۇلارغا سەپسالدىم : شەرقىي تەرەپتىكى سۇپىدا ئولتۇرغىنى ئايىقى ئۆكۈزنىڭ ئايىقىدەك ، يەلكىسى يىلپىزنىڭ يەلكىسىدەك ، كۆكسى بولسا ئېيىقنىڭ كۆكسىدەك ، پۈتۈن بەدىنىنى قاپقارا موي باسقان بەھەيۋەت ، باھادىر سۈپەت زات بولۇپ ، سۇپىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە بەش غۇلاچلىق نەيزە ، سول تەرىپىگە ئوقيا ، قېلىچلار ئېسىقلىق تۇراتتى ؛ سۇپىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تامغا قىئات تېرىسى مىقلانغان بولۇپ ، تېرىگە قىزىتىلغان زىق بىلەن قەدىمقى ئويغۇر تىلىدا : " بېشى بارلارنى باش ئەگكۈزدۈم ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇم ... " دېگەن خەتلەر چوڭ قىلىپ يېزىلغان ئىدى ؛ كۈچلۈك قۇياش نۇرى نەيزىنىڭ ئۇچىدا ، بۇ زاتنىڭ كۆكۈچ كۆزلىرىدەيالت – يالت ئەكس نۇر قايتۇرۇپ ، ئۇنىڭ قويۇق ساقال باسقان چېھرىدە تېخىمۇ كۈچلۈك سۈر پەيدا قىلاتتى .غەربىي سۇپىدا ئولتۇرغىنى بېشىغا سەللە ئوراپ ، ئۇچىسىغا يارىشىملىق يېشىل بەقەسەمدىن شاھانە تون – پەرىجە كىيگەن ، كۆركى ساقىلى ئۆزىگە خوپ ياراشقان ، چېھرىدىن نۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان پەرىشتە سۈپەت زات ئىدى ؛ ئۇ ئولتۇرغان سۇپىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى راھىلەگە قېلىن قوليازمىلار قويۇلغان ئىدى ، چۆرىسىگە نەقىش چۈشۈرۈلگەن خوتەن قەغىزىگە ساپ ئويغۇر تىلى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا ھۆسنىخەتچىلەپ يېزىلغان مۇنۇ شېئىر ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تامغا ئېسىقلىق تۇراتتى :

سائادەتنىڭ خىيالىدا بولغانغا ،
بۇ سەئىدىنىڭ بىرلا سۆزى يېتەرلىك .
گۈزەل سۆزگە قۇلاق سالساڭ كۇپايە ،
گۈل ئۈزمەيسەن گۈلۈڭ بولسا تىكەنلىك .***

" ئوغۇزخان بوۋام بىلەن ناۋائى ھەزرەتلىرى قانداق بولۇپ بۇ يەرگە جەم بولۇپ قالدىكىنە ؟ " دەپ ئويلىدىم ئۇلارنى تونۇپ ئىچىمدە . شۇچاغدا ئۇلارنىڭ سۆھبىتى خىيالىمنى بۆلدى :
- دۇنيا مېھىر – مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ، - دېدى ناۋائى ھەزرەتلىرى مۇزىكىدەك يېقىملىق ئاۋازى بىلەن .
- دۇنيانىڭ گۈزەللىكى مېنىڭ قىلىچىمنىڭ بىسىدىن يانغان نۇردا ، - دېدى ئوغۇزخان بومبىدەك ئاۋازدا .
- قان ھىدىنى پۇراپ ، زالالەت ئىچىدە يىگەن ھەسەلمۇ زەھەرگە ئوخشاش ،- دېدى ناۋائى ھەزرەتلىرى .
- شىرىن خىيالغا بېرىلسەڭ ، قولۇڭدىكى ھەسەلدىنمۇ قۇرۇق قالىسەن ! – دېدى ئوغۇزخان قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ .
- جىسمىمدىن ئايرىلسام ئايرىلايكى ، روھ قۇشۇم بوغۇچلانمىغاي !
- تېنىنى ساقلاپ قېلىشقىمۇ ماجالى يەتمىگەنلەر ، روھتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچالىغاي ؟!
- تويۇنغان روھ قىلىچتىنمۇ قۇدرەتلىك !
- ......
چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم ، ئۇلارنىڭ مۇنازىرىلىشىۋاتقان ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدىن نېرى كەتمەيتتى ، شاھانە سۇپىدا ئولتۇرغان بەستلىك قامىتى ، ۋەزمىن قىياپىتى ، نۇرلۇقئۆتكۈر كۆزلىرى ، توختىماي قىمىرلاۋاتقان لەۋلىرى...كۆڭۈل بېتىمدىن ئاستا – ئاستا يۇلتۇزدەك چەكسىز نۇر توچكىلىرى قوينىغا سىڭىپ كەتتى . " ئەجەپ بىر چۈش كۆرۈپتىمەنا " دېدىم ئۆز –ئۆزۈمگە ئىچىمدە . ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، بويۇمنى سۇغا سالدىم ...

2005                        - يىل 15 – ئىيۇن ، كۇچا
___________________________________________________
* " شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى " نىڭ 2004 – يىللىق مۇناسىۋەتلىك سانلىرىغا قاراڭ .
** " كروران " ژورنىلىنىڭ 2004 – يىللىق 5 – سان 32 – بەتكە قاراڭ .
*** سەئىدىي شىرازى : " بوستان " دىن



( " كروران" ژورنىلىنىڭ 2005 – يىللىق 6 – سانىدا ئېلان قىلىنغان )


kc-gh يوللانغان ۋاقتى 2007-8-26 22:58:15

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ!!!!!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2007-8-25 23:02:02

ﭼﻮﯓ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ( ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮ، ﺟﻪﻣﻴﻪﺗﻨﯩﯔ) ﺋﯧﯖﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ 100 ﻳﯩﻠﻼﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭘﯘﻝ، ﻳﯩﺮﺍﻗﺮﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻐﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﻤﯩﺴﻪﻙ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﭘﯘﻟﻼ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻻﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﻮﭖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2007-8-26 08:47:55

kc-gh
ﺳﯩﺰ ﻛﯩﻢ؟

kc-gh يوللانغان ۋاقتى 2007-8-26 09:29:18

ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ .

humayun يوللانغان ۋاقتى 2007-8-26 10:05:05

ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ................

koltigen يوللانغان ۋاقتى 2007-8-26 10:34:00

ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ﺋﯘﻗﯘﺭﻣﻪﻧﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﯘﻗﯩﻤﺎﺱ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﭘﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻣﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮﯨﺸﺘﻪ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﺸﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ،ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦﺋﻪﮔﯩﭗ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ -ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﯘﻳﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ،ﺋﯘﻗﯘﺭﻣﻪﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺕ ﺋﺎﻻﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ...
ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ،ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ،ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﮔﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻣﯩﻨﯩﭗ،ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﮔﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺳﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ، ﺋﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﻰ ﮬﯚﻛﯩﻤﺪﺍﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ...ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻧﻪﺭﺳﻪ،ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻘﯘ؟!

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2007-8-26 14:39:13

ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ

TunQuyashi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-26 20:24:29

ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﯩﻤﺪﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﻗﺘﺎ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﺯﯗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﯞﮬﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻏﺎ ﺋﯘﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ. ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﭘﯩﺴﯩﺨﯩﻚ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻪﮬﯩﭙﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺵ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.
ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﺘﯩﻠﻪﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭﻛﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ، ﺳﯩﻐﯩﻤﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺯﻭﺭ، ﺩﻩﯞﺭﻳﯩﻠﯩﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ، ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺳﺎﮬﻪ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻤﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ - ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻏﺰﺍﻛﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﻛﻼﭖ، ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﻐﺪﺍﭖ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﺎﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺟﺎﭘﺎ - ﻣﯘﺷﺎﻗﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺑﺎﺗﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﻧﺪﯛﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺳﻮﺭﯗﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺯﻩﻣﺰﻩﻡ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﭼﯜﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪﻩ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ، ﺧﻪﻟﻘﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯚﻳﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻧﯘﺭﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯨﻠﻰ ﻳﻮﺭﯗﻳﺪﯗ. ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻠﯩﺸﯩﭗ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﺎﺷﯩﺪﯗ.
ﺧﻮﺵ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟!
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﮔﻪﭖ، ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺭﭺ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺳﯩﺰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﻣﻠﻪﺭﺩﻩ ﭘﻮﺭﺩﺍﻗﭽﯩﻼﺭ ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﻛﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﺭﺩﺍﻕ ﭘﺎﻗﻼﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺷﯘ ﭘﺎﻗﻼﻥ ﻣﯧﺴﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺵ ﻗﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺧﻮﭖ ! ....

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-26 20:35:49

ناۋائى بىر ئۆمۈر گۆزەل ئەخلاقىي پەزىلەتنى مەدھىيىلەپ يازدى ، بىراق ، پەزىلەتسىز ئوردا ۋەزىرلىرىنىڭ پىتنە – پاساتلىرىغا ئۇچراپ ، ئاخىرقى ھېساپتا چەتكە قېقىلدى ؛ چۇ يۈەن ئادالەتسىزلىك ئۈستىدىن بىر ئۆمۈر ئاھ ئۇرۇپ ، ئاخىر ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ، ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلىۋالدى ؛ بالزاك بىر ئۆمۈر يازدى ، لېكىن ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ بويىدىن ئېگىز قەرزگە بوغۇلۇپ ، ساراڭ بولۇپ ئۆلۈپ تۈگەشتى ؛ لۇشۈن دوختۇرلۇقنى تاشلاپ بىر ئۆمۈر يېزىپ ، جوڭگولۇقلارنىڭ كاللىسىنى داۋالاپ ساقايتىپ بولالماي ، جان ھەلقۇمغا يەتكەندە ، بالىلىرىغا :\" ھەرگىز يازغۇچى بولماڭلار !\" دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ، ھەسرەت بىلەن كەتتى ؛ ئابدۇخالىق ئويغۇرىچۇ؟ ل. مۇتەللىپچۇ؟...ئۇلارنىڭ تەقدىرىمۇ ئوخشاشلا پاجىئە بىلەن ئاياقلاشمىدىمۇ ؟...

========================
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻼ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺕ ﺋﻪﺗﻤﻪﻛﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ، ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻧﺎﻡ-ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ، ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﺩﯨﺐ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻪﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﺩﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﮬ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ. ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ؟
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺩﯨﺐ......

TunQuyashi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-26 20:39:40

ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﮬﻪ !
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﻪﺩﯨﺐ !
ﺋﻪﺩﯨﺐ - ﺋﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺭﻭﮬﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﻣﯜﺭﭼﯩﺴﻰ !

ihad يوللانغان ۋاقتى 2007-8-26 21:26:38

ﻣﻪﻥ ﺑﻮﯞﻣﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﻳﻤﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﻭﺕ ﺩﻩﭖ !
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻧﻪﯞﺭﻩﻡ ﻣﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺎﻕ ﺩﻩﭖ.
ﻧﻪﯞﺭﻩﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯨﻠﻪﺭ ﺟﺎﮬﺎﻥ \"ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ\"،
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯜﺭﻩﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻨﯩﭽﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﭖ .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2007-8-29 12:45:12

ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺭﻭﮬﻰ ﻏﺎﻟﺒﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﻪﻣﻪﻟﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﯘﺯﻟﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺑﺎﻗﻘﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻠﺸﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ . ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﮭ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ . ﺋﯩﮭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯘﻣﻠﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﯩﺰﯨﭙﻼﺭﻭﮬﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﺋﻪﻣﻪﻟﻴﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﮬﯩﺪﻯ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺷﺎﮬﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺗﯩﻐﻰ ﻳﻮﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﮭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﯘﺭﺳﻪ ﺋﯩﺶ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﭼﺎﺗﺎﻕ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﺗﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭘﻪﻧﺪﻯ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﻛﯘﭖ . ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﻟﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﯩﭗ . ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯘﻙ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯩﻐﯩﺮ . ﮬﻪﻣﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﮔﻪ ﺋﻮﺗﺘﻪﻙ ﮬﯩﺴﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻴﻨﻜﻰ ﻛﯘﻧﻠﯩﻜﺘﻪ ﺳﻮﯞﯗﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ؟ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯩﻨﻨﻰ ﻳﯩﮕﯩﺪﻩﻙ ﺩﯨﺘﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺗﯘﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ . ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺩﻩﯕﺴﻪﭖ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯩﺮﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻟﯘﻙ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻛﻮﻧﺎ ﭘﺎﻻﺯﺩﻩﻙ ﺳﯚﺭﯗﻟﯘﭖ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﯩﭻ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺳﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ . ﻣﻪﻥ ﻛﯘﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ . ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ؟ ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺟﺎﻥ ﺑﯩﻘﯩﺶ ﻣﻮﮬﯩﻢ . ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯘﻧﯘﺵﺋﻪﯓ ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﻪ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ . ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﮔﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ . ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯩﺴﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺧﻴﺎﻟﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻻﻟﻤﯩﺪﻯ . ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺗﯘﺯﯗﻛﺮﻩﻙ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ . ﺋﯚﺯﻯ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺗﯘﺯﯗﻙ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺯﯗﻙ ﭼﯘﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﺴﯩﻨﻰ . ﺭﯨﺌﺌﺎﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﯩﺮﻩﻟﺴﯘﻥ ؟ ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﻡ ﻳﯩﺰﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺩﯨﻤﻪﻳﻠﻰ . ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﻴﺪﺍ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﺎﻳﻠﻰ . ﭼﯘﻧﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ . ﭼﯘﺟﯩﻨﻰ ﻛﯘﺯﺩﻩ ﺳﺎﻧﺎﯓ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﻝ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺧﯘﻻﺳﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﻐﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .

kc-gh يوللانغان ۋاقتى 2007-8-30 12:21:26

ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﯞﯗﺭﯗﺱ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺩﯨﺖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯜﮔﻪﺗﺴﻪ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﻪ ...ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﺩﯨﭙﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﻡ - ﺗﻮﻡ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖﺗﯘﺭﻣﺎﻣﺪﯗ ؟!!!...ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﻤﯘ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ، ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ - ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ...

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2007-9-1 15:23:15

ﺋﯚﺯﮬﺎﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺩﻩﭘﺘﯘ ...
ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.....
بەت: [1]
: ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ ؟!