bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 11:16:32

{ ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﻰ} ﺑﯚﺭﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ (ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ)

1

نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى مېنىڭ ئەجدادىم بىر بۆرە بولىشى مۇمكىن.
بىر قىسىم تائىپىلەردە بۆرە ئادەم ھەققىدە رىۋايەتلەر بارلىقى مەلۇم. ئەمما ئۇ خىلدىكى رىۋايەتلەرنى تولۇق ئوقۇپ باقمىدىم. مېنىڭ چۈشۈنىشىمچە، «بۆرە ئادەم» دېگىنى، بۇندىن پالان زامان بۇرۇنقى مەلۇم بىر چاغدا، بۆرە بىلەن ئادەمنىڭ چېتىشىشى ياكى بۆرىنىڭ تويۇقسىز سېھىرلىنىش ئارقىلىق ئادەمگە ئايلىنىشى ئارقىلىق كۆپەيگەن ئەۋلادلارنى كۆرسەتكە كېرەك. ئەمما مەن ئۇلارغا ئوخشىمايتتىم. مېنىڭ قويۇق تۈك باسقان بەدىنىمدىن باشقا ھىچيىرىم بۆرىگە ئوخشىمايتتى. مەن بۆرىدەك باتۇر ئەمەس ئىدىم. قاچانلا قارىسا قورقۇپلا يۈرەتتىم. كۈندۈزى چوڭ يولدىن ئۆتكىچە ماشىنا سوقۇۋېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم، بازاردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالسام ساختا مال ئېلىپ قالغاندىمەنمۇ دەپ قورقاتتىم، كېچىلىرى ئۆيدە يالغۇز قالسام چىراقنى ئۆچۈرۈپ يېتىشتىن قورقاتتىم، قاراڭغۇلۇقنىڭ جىنلارنىڭ مۈلكى ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشەنگەچكىمىكىن، قاراڭغۇدە قېلىشتىن ئۆلگىدەك قورقاتتىم. ئاغرىپ تارتىپ قالسام، جېنىم چىقىپ كېتەرمۇ دەپ، خىزمىتىمدىن بىرەر چاتاق چىقىپ قالسا، ئىشسىز قالارمەنمۇ دەپ قورقۇپلا يۈرەتتىم. قىسقىسى، مەندە بۆرىگە خاس باتۇرلۇق، قەيسەرلىك ۋە شىجائەت يوق ئىدى.
        ئەمما مەن ئۆزۈمنىڭ بۆرە ئادەم ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەتتىم. نىمىشقىلىقىنى ئۇقمايمەن. بەلكىم ئاشۇ كۈندىكى چۈشۈمدىن كېيىن شۇنداق خىيالغا كەلگەن بولسام كېرەك. توغرا، ئۇ كۈندىكى چۈشتىن بۇرۇن، كىچىك ۋاقتىمدا مومام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەك. چۈنكى مومامنىڭ شۇ چۆچىكى بولمىغان بولسا، بەلكىم ئۇ چۈشنىمۇ كۆرمەس بولغىيتتىم.
        مومامنىڭ چۆچىكى:
        بۇرۇنلاردا ئوغۇز ئاتلىق بىر باتۇر بولغانىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئوغۇر ئۆز خەلقىنى باشلاپ، دۈشمەنگە قارشى كۆرەشكە ئاتلىنىپتۇ. ئۇلار چەكسىز قۇملۇقلاردىن، قېلىن ئورمانلاردىن، بىپايان يايلاق، قارلىق چوققىلاردىن ھالقىپ، يول بويى دۈشمەنلىرىنى يەر چىشلىتىپ، مەشرىقتىن مەغرىبكىچە بولغان جىمى ئالەمگە خوجا بولۇشقا باشلاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئوغۇز ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بىر دۇشمەنگە دۇچ كېلىپتۇ. ئۇلار كەڭرى بىر جىلغىدا سەپ تۈزۈشۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىنىپتۇ.
        ئەتىسى ئۇرۇش بولماقچى ئىكەن. ئوغۇز ئۆز چىدىرىدا كۆككە تىۋىنىپ، تەڭرىدىن ئۆز خەلقىگە غەلبە ئاتا قىلىشىنى تىلىمەكتە ئىكەن. دەل شۇچاغدا، كۆكتىن بىر نۇر ئۇدۇل چىدىرغا چۈشۈپتۇ. نۇر شۇ قەدەر كۆك ئىكەنكى، ھەتتا ئوغۇزنىڭ دېڭىزدەك كۆپكۆك كۆزلىرىمۇ بۇ نۇرغا تەڭ كېلەلمەپتۇ. نۇر ئىچىدىن بىر چوڭ، كۆك يايىلىق، ئەركەك كۆك بۆرە چىقىپ كەپتۇ ۋە ئوغۇزغا: ماڭا ئەگىشىپ ماڭ، دەپتۇ.
        ئەتىسى ئۇرۇش بولۇپتۇ، ئۇرۇش شۇ قەدەر دەھشەتلىك بولۇپتۇكى، ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم، ئۇلاغ ئۆلۈپتۇ. پەقەت كۆك يايىلىق، ئەركەك كۆك بۆرە ئوغۇزغا يول باشلىغاچقا، ئۇنىڭ قوشۇنىغا باش بولغاچقا، ئۇرۇشتا ئوغۇز ۋە ئۇنىڭ خەلقى غەلبە قىلىپتۇ ۋە شۇندىن باشلاپ پۈتۈن زىمىنغا خوجىدارلىق قىلىپتۇ.
        مومامنىڭ ھېكايىسى بەلكىم بۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ئىكەن. كىچىكىمدە مومامنىڭ بۇ چۆچىكىنى ھەر ئاڭلىغىنىمدا كۆز ئالدىمدا تۆگىدەك يوغان، كۆپكۆك يايىلىرى يەرگە ساڭگىلاپ تۇرغان، كۆزلىرىدىن ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان سوغوق نۇر چاقنايدىغان ياۋۇر بىر بۆرە پەيدا بولاتتى. ئۇ چاغلاردا مەن ھەقىقى بۆرىنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، بۆرە ھەققىدىكى خىياللىرىم كۆپ ھاللاردا قورويىمىزدىكى دىڭ قۇلاق تايغان بىلەن خىيالىمدىكى ئاشۇ ياۋۇز ھايۋاننىڭ بىرىكمىسى بولاتتى. كېيىن، نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، چوڭ شەھەرگە بېرىپ، ھايۋاناتلار باغچىسىدا تۇنجى قېتىم ھەقىقى بۆرىنى كۆرگىنىمدە، قەپەز ئىچىدە سالپىيىپ تۇرغان، ئادەملەر چوڭراق ۋارقىراپ، قولىنى شىلتىپ قويسا، قۇيرىقىنى چاتىرىقىغا قىسىپ بەدەر تىكىۋىتىدىغان بىچارە بۆرىلەرنى كۆرۈپ كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتكەن ئىدى. چۈنكى ئۇ قەپەزدە مەن ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن يايىلىق كۆك بۆرىمۇ بار ئىدى. ئەپسۇس، ئۇ مەندەك بىر ئەۋلادى بارلىقىنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2007-8-27 11:17:02

ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﺩﯨﯖﯩﺰ، ﻳﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ، ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯔ، ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻛﺎﺭﺗﯘﻥ ﻛﯩﻨﻮﻏﺎ ﺳﯩﻨﺎﺭﯨﻴﻪ ﺑﻮﻻﻻﻣﺪﯗ.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 11:17:57

2

ئۆزۈمنىڭ چۈشۈمگە كەلسەك، ئۇ كۈنى مەن پۈتۈن بىر كۈن ئىشلەپ قاتتىق ھېرىپ كەتكەن ئىدىم. جاھاندا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئىشلەشتىنمۇ جاپالىق ئىش بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىىشخانامدىكى مەندىن باشقا 11 ئايالنىڭ ئاغزى ئەتىگەندە بىر ئېچىلسا، كەچ سائەت 6 دە ئىشتىن چۈشمىگىچە يۇمۇلمايدۇ. ئەگەر سىز مېنىڭ ئورنۇمدا بۇ ئىشخانىدا ئىشلىگەن بولسىڭىز، شۇ چاغدا بىلەتتىڭىزكى، ئۇلارنىڭ كىيىم كېچەكتىن تارتىپ تازىلىق قەغىزىگىچە بولغان سۆھبەتلىرى مېنى ئېتىزلىقتا قوش سۆرىگەندىنمۇ بەكرەك ھاردۇرىۋېتىدۇ. ئاشۇ كۈنىمۇ مەن شۇنداق ھارغىنلىق ئىچىدە بىر كۈنلۈك خىزمىتىمنى تۈگەتكەن ئىدىم.
        ئۆيۈم كونا بىر بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە ئىدى. مەن كەچلىك تامىقىمنى سىرتتا يەپ، يالغۇزلۇق قاپلىغا بۇ ئۆيۈمگە قاراڭغۇ چۈشۈپ، جىمى ئەتراپ ئۇيقۇغا كەتكەندە ئاندىن يىتىپ كەلدىم. قايسى جۇۋاينىمەك چېقىۋتتىكىن، پەلەمپەينىڭ چىرىقى يەنە يانماپتۇ. يانفۇنۇمنىڭ ئاجىزغىنە نۇرىدا پەلەمپەينى ساناپ يۇقىرىغا ئۆرلىدىم. مەن قورقۇنچاق ئىكەنلىكىمنى باشتا ئېيتىپ ئۆتتىمغۇ دەيمەن، سەمىڭىزگە يەنە بىر قېتىم سېلىپ ئۆتەيكى، مەن ئۈچۈن بۇنداق قاراڭغۇدە پەلەمپەيگە يامىشىش، ئەرشكە چىقىشتىنمۇ قىيىن تويۇلىدۇ. ھەر ئىككى قەدەمدە بىر كەينىمگە قاراپ، بىرەر شەپە بار يوقلۇقىغا قۇلاق سالىمەن. خۇددى قايسى بىر بۇلۇڭدىن بىرەر ئەرۋاھ ياكى جىن چىقىپ مېنى بۇغۇپ قويىدىغاندەك، چەتنىڭ قورقۇنۇچلۇق فىلىملىرىدە كۆرگەن بەتبەشىرە جەسەتلەر كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالدىغاندەك قورقۇپ ئاران ماڭىمەن. قىسقىسى، كېچە ۋە پەلەمپەي مەن ئۈچۈن بەئەينى دوزاخ.
        ئەنە شۇنداق ئالدى كەينىمگە تەڭ قاراپ يۈرۈپ مىڭبىر تەسلىكتە ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقتىم. بۇ بىنا ئۈچەيدەك ئۇزۇن سېلىنغان بولۇپ، ھەربىر قەۋەتتە ئوننەچچە يۈرۈش ئۆي بار ئىدى. مېنىڭ ئۆيۈم كارىدۇرنىڭ ئۇ بېشىدا بولۇپ، كادىدۇرمۇ پەلەمپەيدەكلا قاراڭغۇ ۋە سۈرلۈك ئىدى. مەن ئىچىمدە ئۆزۈم بىلىدىغان ئايەتلەرنى پىچىرلاپ ئوقۇپ، ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم. قورققان يەردە جىن بار دېگەندەك، تويۇقسىز بېشىم ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن شەپەرەڭ مېنىڭ جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدى. بۇ كارىدورغا قاچانلاردا شەپەرەڭ ئۇۋىلاپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتىم. مېنىڭچە شەپەرەڭ غەربنىڭ ئىدىيىسىدە جىنلارغا سىمۋۇل قىلىناتتى.
        ئۇ ئاخشىمى پەقەت ياخشى ئۇخلىيالمىدىم. كېچىچە چۈش كۆرۈپ چىقىپتىمەن. چۈشلىرىمنىڭ يا بېشى يوق يا ئاخىرى. چۈشۈمدە ئېسىمدە قالغان بىردىنبىر نەرسە پەقەت كۆك رەڭلىك يوغان پويىز بىلەن كۆزلىرىدىن سوغوق نۇر چاقناپ تۇرغان يايىلىق ئەركەك كۆك بۆرە ئىدى.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 11:18:22

3

مېنىڭ چۈشۈم:
        مەن پويىزدا كېتىۋاتاتتىم. پويىز دېگەن قىزىق نەرسە، ئۇ خۇددى ئادەمنىڭ ھاياتىغا ئوخشايدۇ. باشلىنىش بار ھەم ئاخىرلىشىشى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى تولىمۇ ئۇزۇن. مېنىڭ ھاياتىمدىكى نۇرغۇن ئەسلىمىلەر پويىزدا ئۆتكەن. بۇرۇنلاردا مەن بىر پويىز خىزمەتچىسى ئىدىم. دائىم ئەڭ يىراق يوللارغا قاتنايتتىم. باشقىلاردەك يولۇم ۋە ئېپىم بولمىغاچقىمىكىن، مەن شارائىتى ئەڭ ناچار قاتتىق ئۇرۇندۇقلۇق ۋاگونغا مەسئۇل ئىدىم. بۇنداق ئورۇندا ئادەتتە كەمبەغەللەر ۋە نامرات ئوقۇغۇچىلار تولاراق قاتنايتتى. مەن شۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتىم.
        بۈگۈن پويىزىمىز توپتوغرا 7 سائەت كىچىكىپ يولغا چىقتى. كېيىن ئۇقسام ئالدىمىزدىكى يول بۆلىكىدە شامال چىقىپ بىر پويىزنىڭ ئۇچۇرۇپ كېتىپتۇ. توۋا دىمسە تېخى كىشى. مۇشۇنداق يوغان تۆمۈر مەخلۇقنى ئۇچۇپ كەتكەندىكىن، ئۇ شامالنىڭمۇ راسا كۈچى بار ئوخشايدۇ. ئەمما مېنى خۇش قىلغىنى، شامال ئۇچۇرۇپ كەتكىنى ساپلا كارىۋاتلىق ۋاگۇنكەن، مەندەك قاتتىق ئورۇندۇقتا بىر ئۆمۈر ئىشلىگەن كىشى ئۈچۈن بۇ خېلى زور تەسەللى ئىدى.
        پويىزىمىز قوزغالدى. مەن يولۇچىلارغا نەرسە كېرەكلىرىگە دىققەت قىلىشى ۋە چامادان، تاغارلىرىنى رەتلىك قويۇشى ھەققىدە تازا ۋارقىراپ «ئۇقتۇرۇش» قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ خىزمەت بۆلۈمىمگە كىرىپ ئولتۇردۇم. باياتىن بېرى كىشىلەرنى جايىدا ئولتۇرغۇزۇش، سومكا، چامادانلارنى كۆتۈرۈشۈپ، يۇقىردىكى جازىغا ئېلىشقا ياردەملىشىش...دېگەندەك ئىشلار بىلەن سەل ھېرىپ قاپتىكەنمەن. ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ، ئاستا ئۇزۇن ئۇرۇندۇققا يانپاشلىدىم. پويىز ئالدىمىزدىكى بېكەتكە يەنە ئىككى سائەتلەردە يېتىپ باراتتى. بىردەم بولسىمۇ كۆزۈمنى يۇمۇۋالماقچى بولدۇم.
        تويۇقسىز بۆلۈمچىنىڭ ئىشىكى چېكىلدى. كۆزۈمنى شارتتىدە ئېچىپ شۇنداقلا قارىسام، ئىشىك ئالدىدا چىرايلىققىنە بىر قىزچاق ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئىشىكنى ئاچتىم.
        −مېنىڭ ئورنۇم يوق ئىدى. ئۆرە تۇرۇپ ھېرىپ كەتكۈدەكمەن، شۇڭا سىزنىڭ خىزمەت بۆلۈمچىڭىزدە ئولتۇرسام بولامدۇ؟
        مەن بۇنداق قاپيۈرەك يولۇچىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى. بەلكىم چىرايىغا ئىشەنسە كېرەك. مېنى ئالداپ، ئورۇنغا ئېرىشمەكچى بولىۋاتقاندۇ تايىنلىق. ئەمما شۇنچە يىل پويىز خادىمى بولۇپ، مەندىن ئورۇن تەلەپ قىلغان يولۇچىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.
        −نەگە بارىسىز؟
        −بۆرە شەھىرىگە.
        −بۆرە شەھىرىگە؟،-ئۇ قىز ئاخىرقى بېكەتنىڭ ئىسمىنى دەۋاتاتتى،-ۋاي خۇدايىمەي، ئاخىرقى بېكەتكە يەنە 60 سائەتتىن ئارتۇق ماڭىدىغان گەپ، ئۆرە تۇرسىڭىز راستىنلا قىينىلىپ قالغۇدەكسىز.
        مەن ئەزەلدىن باغرى يۇمشاق ئادەم ئىدىم. بولۇپمۇ بۇنداق چىرايلىق قىزلارغا تېخىمۇ ئاسان ئېرىپ كېتەتتىم. بەلكىم بۇ بارلىق ئەرلەردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك بولسا كېرەك. بەزى ئەرلەر ئادەتتە تولىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە جاھاندا بەز يېمەيدىغان مۈشۈك بولمىغاندەك، چىرايلىق قىز-ئاياللارغا قارىمايدىغان ئەر كىشى بولمايدۇ. مەنمۇ بىر ئەركىشى بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ قىزغا يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي كۆز يۈگۈرتتىم.
        قىزنىڭ بويى مېنىڭ مۈرەمدىن سەل ئېگىز، قۇلىقىمنىڭ ئاستىغا تەڭ كېلەتتى. پىشانىسى سەل تار، يۈزى يۇمۇلاققىنە بولۇپ، قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى بىر جۈپ چوڭ كۆزلىرى كىشىگە بەئەينى قايناپ تۇرغان بۇلاقنى ئەسلىتەتتى. نىپىز لەۋلىرى كىچىككىنە ئېغىزىغا تولىمۇ ماسلاشقان، كۈلمىسىمۇ تەبئىيلا چىقىپ تۇرغان بىر جۈپ زىنىقى ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتەتتى. بېلىگىچە سېلىنىپ تۇرغان ئۇزۇن چېچى ئۇنى تېخىمۇ جەزبىدار كۆرسىتەتتى.
        قىز بوشقىنە يۆتىلىپ قويدى. مەن دەرھال كۆزۈمنى يىغۇشتۇرۇپ، ھوشۇمغا كەلدىم. قىز ئالدىمدا تەلمۈرۈشكە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان بىر خىل ھالەتتە ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇ ماڭا سەل پوچى كۆرۈندى. بەلكىم چىرايلىق بولغاچقا شۇنداق قىلىۋاتسا كېرەك، باشقا قىزلار بولىدىغان بولسا بۇ چاغقا نەچچە ئەركىلەپ، سۈيىنى چىقىرىپ، ماڭا يالۋۇرغان بولاتتى. ئەمما نىمىشقىدۇر مەن يەنىلا ئېرىپ كەتتىم.
        −بولىدۇ، كىرىپ ئولتۇرۋرىڭ، باشلىقىمىز كەلسە سىزنى سىڭلىم دەپ قويسام بولىۋېرىدۇ.
        مەن ئەزەلدىن كوت كوت ئىدىم. مانا ھازىرمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا بىر مۇنچە كوتىلداشقا باشلىدىم. قىز سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئچىگە كىرمەكچى بولدىيۇ، توختاپ قالدى. چۈنكى مەن ئىشىكتە قىستىلىپ تۇرۇۋالغان ئىدىم. راستىنى ئېيتقاندا، قىزنىڭمۇ قىستىلىپ، ماڭا سۈركىلىپ كىرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئەمما قىزچاق  ماڭا «نېرى تۇر ئەبلەخ» دېگەندەك جىممىدە قاراپ تۇراتتى. مەن ئامالسىز تېشىغا چىقىپ قىزغا يول بەردىم. قىزچاق بەئەينى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندەك ھىچقانچە قورۇنمايلا بۆلۈمچىگە كىرىپ كەتتى.
        مەن قىزنىڭ كەيندىن بۆلۈمچىگە كىرىپ ئولتۇردۇم. ئەزەلدىن تار بۆلۈمچە ئىككىمىزنىڭ قىستىلىشى بىلەن تېخىمۇ تارلىشىپ كەتكەنىدى. قىز سەل تارتىنىپ ئولتۇراتتى. مەن گەپ باشلىدىم.
        −بۆرە شەھىرىگە نىمە ئىش قىلغىلى بارىسىز؟
        −ھىچ...
        −ھىچ ئىشقىمۇ شۇنچە ئۇزۇن سەپەرگە چىقامدۇ كىشى؟ يەنە كېلىپ يالغۇز مېڭىپسىز؟
        −مەن...
        −سىزدەك بۇنچە چىرايلىق قىزبالا يالغۇز سەپەرگە چىقسا خەتەرلىك ئەمەسمۇ، يەنە كېلىپ بۆرە شەھىرىدە ئەسكى ئادەملەر بەك كۆپ،-كوت-كوتلىقىم ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. يەنە نېمىلەرنى دېگىنىمنى ئۇقمايمەن، ئىشقىلىپ قىزغا گەپ بەرمەستىن نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلغان بولۇشۇم مۇمكىن. قىزنىڭ تويۇقسىز سورىغان سۇئالىدىن توختاپ قالدىم.
        −ئۇ شەھەرنى نىمىشقا بۆرە شەھىرى دەپ ئاتدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟،-سورىدى قىزچاق.
        راست گەپ قىلسام مەن بۇ پويىزدا بۆرە شەھىرىگە نەچچە مىڭ قېتىملاپ قاتنىغان بولساممۇ، ئەمما بۇ مەسىلىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. دەماللىققا نىمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم.
        −بەلكىم ئۇ شەھەردە بۆرە كۆپ بولسا كېرەك،- ئادەتتە مۇشۇنداق جاۋاب بېرىش بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىدى.
        −ئۇنداق ئەمەس،-قىز جاۋابىمنى تولىمۇ كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدى،- ئۇ شەھەردە بۆرە كۆپ ئەمەس، پەقەت بىرلا بۆرە بار...
        −ئۇنداق بولسا نىمىشقا بۆرە شەھىرى دەپ ئاتىلىدۇ؟،-ئەمدى مەن سوراۋاتاتتىم.
        −ئۇ دېگەن ئۇزۇن يىللار بۇرۇنقى ئىش. ئۇ چاغدا سىز تېخى تۇغۇلمىغان،-قىز خۇددى مومامدەك بىر قىياپەتتە سۆزلەۋاتاتتى،-ئۇ يەردە شەھەرمۇ، بۆرىمۇ يوق ئىدى. ئەمما ئاشۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن، ئۇ يەردە شەھەر پەيدا بولدى، بۆرە كەلدى.
        مەن قىزغا بىر ئىستاكان چاي قويۇپ بەردىم. ئاندىن قىزدىن بۆرە شەھىرىگە ئائىت ھېكايىلەرنى ئاڭلاشقا باشلىدىم.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 11:18:50

4


قىزچاقنىڭ بۆرە شەھىرى ھەققىدىكى ھېكايىسى:
        بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئالتە تاغنىڭ ئارقىىسدا، ھاۋاسى ساپ، سۇلىرى ئەلۋەك، ئۆت-چۆپلىرى مول ھەم شىرىن بىر يايلاق بولغان ئىكەن. بۇ يايلاقتا ئالىپ ئاتلىق بىر قەۋم ياشايدىكەن. ئۇلار يىلبويى يايلاقنى ماكان قىلىپ، مال بېقىپ ۋە ئوۋچىلىق قىلىپ كۈن كەچۈرەر ئىكەن. بۇ يايلىق جاھاندىكى يايلاقلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ گۈزىلى بولۇپ، جاھاندا بۇ يايلاققا تەڭ كەلگۈدەك يەنە بىر يايلاق يوق ئىكەن. ئالىپ قەۋمى بۇ يايلاقتا كۈلۈپ،يايراپ، خۇشال-خۇرام كۈن ئالار ئىكەن.
        كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئالىپ شاھ نەۋكەرلىرىنى باشلاپ شىكارغا چىقىپتۇ. ئۇلار يايلاقتىن ئۇزاپ ئورمانلارغا بېرىپتۇ. ئالىپ شاھ قويۇق ئورمان ئارىسىدا ئېيىق، جەرەنلەرنى ئىزدەپ كېتىۋاتسا، تويۇقسىز ئالدىغا بىر كۆل ئۇچراپتۇ. كۆل ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ قېرى دەرەخ بار ئىكەن. ئالىپ شاھ كۆل سۈيىدىن ئىككى ئوتلام ئىچىپ، ئاندىن ئېتىنى سۇغۇرۇپ، يولىغا راۋان بولماقچى بولۇپ ئېتىغا قامچا ساپتۇ. دەل شۇ چاغدا، جاھان كۆپكۆك بىر نۇرغا تولۇپتۇ. ئالىپ شاھ ۋە ئۇنىڭ نەۋكەرلىرى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە، بىر دەستە كۆپكۆك نۇر ئۇدۇل كۆل ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ كاۋىكىغا چۈشۈپتۇ ۋە شۇ ئان دەرخ كاۋىدىكى بىر قىز پەيدا بولۇپتۇ. ئۇ قىزنىڭ كۆزى دېڭىزدىنمۇ كۆك، لەۋلىرى قىزىل ئىكەن. شۇ قەدەر گۈزەل ئىكەنكى، قارىغانلا ئەر كىشىنىڭ جېنىنى ئالار ئىكەن. ئالىپ شاھ دەرەخ كاۋىدىكى بۇ قىزنى كۆرۈپ ھۇشىنى يوقىتىپ، ئاتتىن يىقىلىپتۇ ۋە تەڭرىدىن شۇنداق دەپ ئۆتۈنۈپتۇ:
        −ئەي تەڭرىم، ماڭا مۇشۇ كۆتەك ئچىدىكى قىزنى خوتۇنلۇققا بەرگەن بولساڭ، سەندىن نەچچە مىڭ مەرتە رازى بولۇر ئىدىم.
        تەڭرىدىن جاۋاب كەلگىچە قىز ئېغىز ئېچىپتۇ:
        −ئەي ئالىپ شاھ، كۆك تەڭرى مېنى ساڭا خوتۇنلۇققا ئەۋەتتى. مېنى ئېتىڭنىڭ ئالدىغا ئال، سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولغايمەن.
        شۇنداق قىلىپ، ئالىپ شاھ ئۇ گۈزەلنى خوتۇنلۇققا ئاپتۇ. يايلاقتا قىرىق كېچە كۈندۈز توي قىلىپ، بەزمە قۇرۇپتۇ. ئۇنىڭغا «كۆك مەلىكە» دەپ ئات قويۇپتۇ.
        ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، كۆك مەلىكە بىر ئوغۇل بىر قىز قوشكىزەك بالا تۇغۇپتۇ. ئوغۇل تۇغۇلۇپلا گۆش ۋە مەي تەلەپ قىلىپتۇ. ئانىلار ئۇنىڭغا قوشقار گۆشى ۋە ئۈزۈم شەربىتى بېرىپتۇ. ئوغۇل گۆشتىن يەپ، مەيدىن ئىچكەندىن كېيىن، ئاتىسىدىن قېلچ تەلەپ قىلىپتۇ ۋە ئوردا سەۋرازلىرىدىن قېلىچۋازلىق ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ. قىز ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈتىنى قېنىپ ئىمىپتۇ ۋە ئانىشىغا ئوخشاش گۈزەل بىر رۇخسارغا كىرىشكە باشلاپتۇ.
        يىللار ئۆتۈپ ئالىپ شاھنىڭ پەرزەنتلىرى 18 ياشقا تولۇپتۇ. ئالىپ شاھ ئىككى پەرزەنتىنى ئالدىغا چاقىرىپ ئېيتىپتۇ:
        −ئەي پەرزەتلىرىم. سىلەر 18 يىل بۇرۇن كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن ئىدىڭلار. مانا بۈگۈن ئەقىڭلارغا توشۇپ، بىرىڭلار كۈچ قۇدرەتتە ئالەمدە تەڭداشسىز باتۇرغا، يەنە بىرىڭلار ھۆسىن جامالدا يەنە بىر جۈپتى تېپىلماس پەرىگە ئايلاندىڭلار. مەن بۈگۈن تەڭرى ھۆكمى بىلەن سىلەرنى ئۆيلۈك ئوچاقلىق قىلماقچىمەن.
        ئۇ ئاۋۋال ئوغلىغا ئېيتىپتۇ:
        −ئەي ئوغۇل، سەن قېلىچ ۋە قالقىنىڭنى ئال. سەرۋازلاردىن باشلا ۋە ئۆزۈڭ خالىغان ياققا سەپەر قىل. قاچانكى ئۆز يارىڭنى تاپساڭ، شۇ چاغدا قايتىپ كەل، تويۇڭنى قىلىمىز.
        ئاندىن قىزغا ئېيتىپتۇ:
        −بۈگۈندىن باشلاپ ئەلگە قىرىق كۈن مۆھلەت. سېنى ئەمرىگە ئېلىشنى خالايدىغان ئەركەكلەر ئۆزىى مەلۇم قىلغاي.كىمكى ئالتە تاغنىڭ نېرىسىدىكى ياۋۇز دىۋىنى ئۆلتۈرۈپ، بېشنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلسە، سېنى شۇنىڭغا تارتۇق قىلغايمەن.
        ئوغۇل سەركەردىلىرىنى باشلاپ، ئۆز يارىنى تېپىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئەمما ئۇ ئۇزۇن ماڭمايلا قايتىپتۇ. قايتىش سەۋەبىنى ئەمدى ئاڭلايسىزلەر.
        ئوغۇل كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي. قىزنىڭ ھۆسىن جامالىنىڭ ئالەمدە تەڭداشسىزلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئالتە تاغنىڭ نېرىسىدىكى ياۋۇز دىۋە ئالىپ شاھقا قىزىنى سوراپ ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. ئالىپ شاھمۇ دېۋىگە قىز بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن دىۋە كۈھىقاپتىكى پۈتۈن ئەھرىمان-پەھرىمانلارنى يىغىپ، قوشۇن توپلاپ ئالىپ شاھنىڭ دۆلىتىگە ھۇجۇم قوزغاپتۇ. جەڭ شۇ قەدەر دەھشەتلىك بولغانكى، جەڭدە پۈتۈن يايلاق ئەھلى قىرىلىپ، ئالىپ شاھمۇ دىۋىلەرنىڭ قېلىچى ئاستىدا جان تەسلىم قىپتۇ.
        دەل شۇ مەنزىرىنىڭ ئۈستىگە ئوغۇل قايتىپ كېلىپتۇ ۋە گۈلدۈرمامىدەك نەرە تارتىپ دىۋىلەرگە قېلىچ ئېچىپتۇ. ئوغۇل بىر تەرەپتىن دىۋىلەرنى يەر چىشلەتكەچ بىر تەرەپتىن ھايات قالغان ئۇرۇغ-تۇغقان، قەۋملىرىنى ئىزدەپتۇ. ئىزدە-ئىزدە ھىچيەردىن تاپالماي، قەھرى-غەزەپكە تولۇپتۇ. ئەمما دىۋىلەر شۇ قەدەر كۆپ ئىكەنكى بىرىنى چاپسا يۈزى پەيدا بولۇر ئىكەن. ئوغۇل لەكمىڭ لەكمىڭ دىۋىلەر ئارىسىدا تەنھا قاپتۇ. دەل شۇچاغدا، كۆكتىن كۆپكۈك بىر نۇر جاھانغا تاراپتۇ. ئاندىن بىر دەستە كۆپكۈك نۇر ئۇدۇل ئوغۇلنىڭ ئالدىغا چۈشۈپتۇ،-دە نۇر ئىچىدىن كۆك يايىلىق، يوغان ئەركەك بۆرە چىقىپ كەپتۇ.
        −كەينىمدىن ماڭ!
        ئوغۇل بۆرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. دىۋىلەر ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەپتۇ. بۆرە يىگىتنى باشلاپ، ئورمانغا كىرىپتۇ. ئورماندا بىر كۆپ بار ئىكەن. كۆل ئوتتۇرىسىدا بىر قېرى دەرەخ بولۇپ، دەرەخ كاۋىكىدا بىر قىز يىغلاپ ئولتۇرغىدەك. يىگىت قارىغىدەك بولسا ئۇ ئۆز سىڭلىسى ئىكەن. يىگىت سىڭلىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ، كۆز يېشى قىلىشىپتۇ.
        كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە ئۇلارنى باشلاپ نۇرغۇن يول يۈرۈپتۇ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ ۋە ئاخىرى تولىمۇ خىلۋەت، جىمجى بىر ماكانغا كېلىپ توختاپتۇ. بۇ يەردە ئورمان، يايلاقلار، ئېتىز-ئىدىرلار بار ئىكەن. بۇلاقلاردىن قايناپ چىققان سۇلار شىلدىر-شىلدىر ئېقىپ تۇراركەن.
        −ئەي ئوغۇل،-دەپتۇ بۆرە،-مېنىڭ ۋەزىپەم بۈگۈن تامام بولدى. سىلەر مۇشۇ يەردە ياشاڭلار. بۇ يەردە ھىچكىم سىلەرگە زىيان سالالمايدۇ.
        بۆرە كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. ئوغۇل سىڭلىسى بىلەن تەڭرىنىڭ ھۆكمى بويىچە ئەر خوتۇن بولۇپ، مۇشۇ ماكاندا ياشاپتۇ. يىللار ئۆتۈپ، بۇ يەر ئاۋاتلىشىپ، شەھەر پەيدا بولۇپتۇ. كېيىن كىشىلار بۇ شەھەرنى بۆرە شەھىرى دەپ ئاتىشىپتۇ.
        قىزنىڭ ھېكايىسى تۈگىدى.
        قىز ھەقىقەتەن مېنىڭ مومامغا ئوخشايتتى. ئېيتقان ھېكايىسىدىن تارتىپ، ھېكايە ئېيتقان چاغدىكى سۆز-قىلىقلىرىغا مومامغا بەك ئوخشايتتى. ئەمما قىز ياش ھەم چىرايلىق ئىدى.
        −سىز بۇ ھېكايىنى نەدىن ئاڭلىغان؟ بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟،-سورىدىم مەن.
        −كىچىك ۋاقتىمدا مومامدىن ئاڭلىغان،-دېدى قىز،- بۇ دېگەن رىۋايەت، رىۋايەتكە ئىلمىي ئاساس ئىزدەپ نىمە كەپتۇ؟
        −سىز بىلمەيدىكەنسىز. بارلىق رىۋايەتلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار،-مەن قاچانلاردىدۇ كىتابلاردىن ئوقۇۋالغان كەلسە كەلمەس نەزەرىيەلەرنى ئىشقا سېلىپ قىز بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدىم،-مەسىلەن...
        −بولدى قىلىڭ،-قىز تېرىككەندەك قىلاتتى،-سىز بىلەن بۇ ھەقتە تالاشقۇم يوق. خالىسىڭىز مەن بىر دەم ئۇخلىۋالسام.
        قىزچا ئازراق ئاچچىقى كەلدى. بۇنداق ئۇخلايدىغان ئىشى بولسا ئۇرۇندۇقنىڭ ئاستىغا چۈشۈپلا ئۇخلىسا بولمىدىمۇ، مەن ئۇنى بۆلۈمچىگە مۇڭدىشىپ ئولتۇرغىلى، ئېپى كېلىپ قالسا بۆرە شەھىرىگە بارغاندا ھەمدەم بولۇشقىلى ئېلىۋالمىسام، بىكاردىن كاللام ئىشىپ قالدىمۇ.
        −يول تېخى ئۇزۇن، ھازىرلا ئۇخلىسىڭىز ئەتە-ئۆگۈنكىچە زىرىكىپ قالىسىز. بىردەم يېرىمدەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق قانداق.
        −ئەمسە سىز پاراڭ قىلىپ بېرىڭ.
        −مەن قىزلارغا پاراڭ قىلالمايمەن. سىز بىلمەيسىز مەن بەك تارتىنچاق...
        −ئۇنداق ئادەمدەك قىلمايسىز،-قىز كۈلۈپ كەتتى. ئۇ كۈلگەندە تولىمۇ چىرايلىقلىشىپ كېەتتى.
        −سىز بەك چىرايلىق ئىكەنسىز.
        −ئىشقىلىپ سەت ئەمەس.
        −ئەمدىغۇ دەپ بىرەرسىز، بۆرە شەھىرىگە نىمە ئىش قىلغىلى ماڭدىڭىز؟
        قىزنىڭ كۈلكىسى ئۆچتى. ئۇ دەرىزىدىن يىراقلارغا قاراپ چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن، ماڭا تىكىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ھەقىقەتەن سۈرلۈك ئىدى. بۇرۇن كۆك كۆز قىزلارغا دىققەت قىلماپتىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە بۇ قىزدەك كۆك كۆز، ئاق ئۆڭلۈك قىزلار ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايتتى.
        −بىرسى ئۆلۈپ كېتىپتىكەن. شۇنى كۆمۈپ قويغىلى ماڭدىم.
        −سورىمىسام بوپتىكەن ھە،-قىزنىڭ جىق ھېكايىلىرى باردەك قىلاتتى، مەن قەستەن ئەپسۇسلانغان قىپاپەتكە كىرىۋالدىم.
        −سورىغىنىڭىزمۇ ياخشى بولدى.
        −بولسا، ئۇ مەرھۇم ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز،-قىز لەپپىدە ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە نارازىلىق ئۇچقۇنلىرى چاقناۋاتاتتى. دېمىسىمۇ كۆپ ئادەملەر كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەشنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمما مەن خەقنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئېلىشقا خېلى ئۇستا ئادەم. ھازىرمۇ ھىيلە مىكىرلىرىمنى ئىشقا سېلىشقا باشلىدىم.
        −سىز شىمالىي قۇتۇپ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئىسكىموسلارنى بىلەمسىز؟
        −بىلىمەن.
        −ئۇلاردا شۇنداق بىر ئادەت بار قاراڭ،-خۇددى ئىسكىموسلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك سۆزلەشكە باشلىدىم،-ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرەر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، پۈتۈن كەنتتىكىلەر يىغىلىپ، ئۈچ كېچە كۈندۈزگىچە ئۇنىڭ جەستىنى ئوراپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەققىدە پاراڭ سالىدىكەن. ھەركىم  ئۆلگۈچى ھەققىدىكى ئېسىدە قالغان بارلىق ئىشلارنى سۆزلەيدىكەن. شۇنداق قىلىپ ساق ئۈچ كۈنگىچە ئۆلگۈچىگە ئائىت بارلىق خاتىرىلەرنى سۆزلەپ بولىدىكەن. ئاندىن تۆتىنچى كۈنى جەسەتنى يەرلىكىگە قويىدىكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ ھىچكىم ئۇنى ئەسلەپمۇ قويمايدىكەن، ھىچكىم ئۇنىڭ ئۆلىمىدىن ئازابلانمايدىكەن،-قىزچاق گېپىمگە سەل قىزىققاندەك قىلاتتى. مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم،-خالىسىڭىز سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ، پويىزدا بۆرە شەھىرىگە بارغۇچە مەرھۇم ھەققىدىكى بارلىق ئەسلىمىلىرىڭىزنى ماڭا سۆزلەپ بېرىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئازابىڭىز يېنىكلەپ قېلىشى مۇمكىن.
        قىزچاق ئۈندىمىدى. بىردەم دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ خىيال سۈرگەندەك ئولتۇرغاندىن كېيىن، خۇددى ئۆز ئۆزىگە سۆزلىگەندەك تولىمۇ بوش ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 11:20:10

5


قىزچاقنىڭ مەرھۇم ھەققىدىكى ھېكايىسى:
        مەن ئۇنىڭ بىلەن كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغانىدىم. ئۆيىمىز شەھەر ئەتراپىدىكى سەھرادا ئىدى. بىزنىڭ مەھەللىمىزنى خۇدا ئۇرغانمىكىن تاڭ، ئەزەلدىن سۇ قىش، يەر ئاز، يېرىنىڭ كۆپ قىسمى گىياھ ئۈنمەيدىغان ئاختاملىق ئىدى. تېرىيدىغان يەر ئاز بولغاچقا دېھقانلارنىڭ كۈنى سەل تەستىراق ئۆتەتتى. مەن ئۆيدە بىرلا بالا ئىدىم. دادام ئاپام ماڭا تولىمۇ ئامراقلىق قىلاتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ياز كۈنلىرى دادام ئېتىزغا ماڭسا مەن كەينىدىن ئەگىشىۋالاتتىم. ئۇ مېنى ئېشەكنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆيىمىزدىن خېلى يىراقتىكى تېرىلغۇ يىرىمىزگە ئاپىراتتى. دادام ئېتىز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگەندە، مەن دادام ئىشەكنىڭ ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ كەلگەن قوي-قوزىلىرىمىزنى ئاختاملىق ئارىسىدىكى شالاڭ ئورمانلاردا ئۇياق-بۇياققا ھەيدەپ باقاتتىم. چۈشكە ئاز قالغاندا ئاپام تاماق ئېلىپ كېلەتتى. بىز ئېتىز بېشىدىكى ساتمىدا چۈشلۈپ تاماق يەيتتۇق. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى ئىشلار تامامەن ئېسىمدە يوق، چۈنكى مەن قورسىقىم تويغان ھامان ئۇيقۇغا كېتەتتىم، ئويغاندا بولسا كۆپ ھاللاردا ئۆيدە، يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە ياتقان بولاتتىم.
        ئۇ بىز بىلەن تام قوشنا ئىدى. ئۇ بالىنىڭ ئالتىنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆتەكتەك ئاكىسىدىن بەشى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تېرىيدىغان يېرى، باقىدىغان مېلى مەھەللە بويىچە ھەممىدىن كۆپ، تۇرمۇشىمۇ ھەممىدىن باياشات ئۆتەتتى. ئەمما نىمىشقىدۇر مەھەللىدە ئۇلارنىڭ ئاتىقى يامان ئىدى. بۇرۇنلاردا ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى كاتتا باي ئۆتكەن بولسا كېرەك، چوڭلاردىن دائىم «پومچىكنىڭ ئەۋلادى» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايتتىم. پومچىك دېگەننىڭ نىمىلىكىنى ئۇقمىساممۇ، ئەمما ماڭا تولىمۇ ياۋۇز بىر نەرسىدەك  بىلىنەتتى.
        ئۇنىڭ يېشى مەن بىلەن تەڭ ئىدى. دادام مېنى مەكتەپكە بەرگەن كۈنى، ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئۇنى مەكتەپكە بەردى. ئېنىق ئىسىمدە، شۇ كۈنى دادام مېنى ئىشەككە مىندۈرۈپ مەكتەپتە ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇنى بولسا دادىسى ئېگىز قاشقىر ئاتقا مىندۇرۈپ ئېلىپ كەپتىكەن، مەكتەپتىكى بالىلاردىن تارتىپ، مۇئەللىملەرگىچە ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىشتى.
        بىزنىڭ كەنت مەكتىپىمىزدە بىرىنچى يىللىقتىن پەقەت بىرسىلا بار ئىدى. بىز بىر سىنىپتا ساۋاقداش بولۇپ قالدۇق. شۇ چاغدا مېنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى، مۇئەللىمنىڭ ئىككىمىزنى بىر پارتىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويغىنى ئىدى. بەلكىم، قىزلارنىڭ ھىسسىياتى بالدۇر يېتىلسە كېرەك، ۋە بەلكى بۇنى ھېسسىيات دېگىلىمۇ بولماس، ئىشقىلىپ ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن بىر قىزنىڭ تەڭتۇش ئوغۇل بالىغا ياخشى تۇيغۇدا بولىشىنى نىمە دەپ چۈشىنىش كېرەك، بۇنى ھازىرغىچە ئۇقمايمەن. مەن شۇ چاغدا راستىنلا خۇشال بولغان ئىدىم.
        ئۇ تولىمۇ كەپسىز ئىدى. دائىم دەرس ۋاقتىدا ئۇياق بۇياققا بىر نەرسىلەرنى ئېتىپ، جىم ئولتۇرمايتتى. مۇئەللىملەرمۇ دائىم ئۇنى قۇلىقىدىن سۇزۇپ، دوسكا ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قوياتتى. بىزنىڭ باشلانغۇچ ھاياتىمىز ئەنە شۇنداق تاماملاندى.
        تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن يېزا مەركىزىگە بېرىشقا توغرا كېلەتتى. بىزنىڭ مەھەللە يېزا مەركىزىگە سەل يىراق بولغاچقا دادام مېنى مەكتەپ ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنداق بولغاندا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيگە بېرىپ كېلەتتىم. ئەلۋەتتە، ئۇمۇ داداسىنىڭ ئېسىل ۋەلسىپىت ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، مەكتەپ ياتىقىغا ئورۇنلاشتى. ئۇ يىلى مەن 13 ياشقا كىرگەن ئىدىم.
        بىز يەنىلا بىر سىنىپتا ئوقۇيتتۇق. سىنىپىمىزدا ھەرقايسى كەنىتلەردىن كەلگەن بالىلار بار ئىدى. قىزىق يېرى، مۇئەللىم يەنە ئۇنى مەن بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. يېقىندىن بۇيان مەن ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئۇ بۇرۇنقىدەك كەپسىزلىك قىلمايتتى. دەرس ۋاقتىدا خۇددى پىشقەدەم رەھبەرلەر يىغىن زالىدا ئولتۇرغاندەك قېتىپ، تۈپتۈز ئولتۇراتتى. تەنەپپۇسلاردىمۇ باشقا بالىلاردەك ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈپ، ۋارقىراپ-جارقىرىمايتتى. دائىم جىمجىت ئولتۇرۇپ، خىيال سۈرەتتى.
        −نىمە بولدۇڭ؟،-دېدىم بىر كۈنى دەرستىن چۈشكەندىن كېين،-يېقىندىن بۇيان ئەجەپ جىمىپ كەتتىڭغۇ؟ ئوتتۇرا مەكتەپتىن قورقۇۋاتامسەن يا؟
        −ياق،-ئۇنىڭ گەپ قىلغۇسى يوقتەك قىلاتتى.
        −ھى ھى ھى، سەن بۇنداق جىمىپ كەتسەك، مەن بەك ھەيران قالىدىكەنمەن.
        −سەن نىمىنى بىلەتتىڭ!
        ئۇ شۇنداق دەپلا كېتىپ قالدى. ئۇ چوپچوڭ يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى. مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئويۇنخۇمار كىچىك بالا ئەمدى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەسكە كەتكەندەك قىلاتتى.
        تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان يىلى ئىدى. بىر كۈنى دەرستىن چۈشۈپ ياتاققا كېتىۋاتسام، بىز بىلە پاراللىل ئوقۇيدىغان بىر ئوغۇلبالا چاقىردى. مەن ئۇنى تونۇيتتىم. ئۇ بىزنىڭ قوشنا مەھەللىدىن ئىدى.
        −سىزگە گېپىم بار ئىدى.
        −نىمە گەپ؟،-پەقەت ئانچە-مۇنچىلا تونۇشىدىغان بىر ئوغۇلبالىنىڭ مېنىڭ ئالدىمنى توسۇپ «گېپىم بار ئىدى» دېيىشى مېنى سەل تەمتىرىتىپ قويدى.
        −ئىككىمىز مۇھەببەتلەشسەك بوپتىكەن.
        ئۇنىڭ تولۇمدىن توقماق چىققاندەك ئېيتقان بۇ سۆزىدىن ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدىم. ھەرقانچە قىلىپمۇ كۈلكەمنى توختىتالمىدىم. ئۆتكەن كەچكەن ئوقۇغۇچىلار ئىككىمىزگە قاراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتتى. بەلكىم مېنى ئۆزىنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك، قاتتىق بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېين، كەينىگە ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى. كۈلۈپ بولالماي كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكەن ئىدى.
        دېمىسىمۇ، يېقىندىن بۇيان پات پات ئوغۇللارنىڭ سالام خەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالاتتىم. بۇ ئوغۇللار مۇھەببەتلىشىشكە نىمانداق ئالدىرايدىغاندۇ؟ ئەمما مېنىڭ ھازىرچە بۇ ئىشلارنى ئويلىغىم يوق ئىدى. مېنىڭ ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە چوڭ شەھەرلەردە، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇم، بولسا داڭلىق دوختۇر ياكى يازغۇچى بولغۇم بار ئىدى.
        شۇ ئىشتىن كېيىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەن بىر كۈنى، ياتاقتا ئولتۇرسام ياتاقدىشىم يۈگۈرۈپ كىرىپ، ھاسىراپ-ھۆمۈدىگىنىچە ماڭا بىر خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھېلىقى كۈنى ئالدىمنى توسۇپ، ماڭا تەلەپ قويغان قوشنا مەھەللىك بالا بىرسىدىن قاتتىق تاياق يەپ، كۆز-قاپاقلىرى ئىششىپ كېتىپتۇ.
        −كىم ئۇرۇپتۇ؟،-سورىدىم مەن.
        −كىم بولاتتى. سېنىڭ پارتىدىشىڭ!
        ئۇ نىمىشقا بۇنداق قىلغاندۇ؟ مەن نىمە بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ باردىم. مەن ئوغۇللار ياتاق بىناسى ئالدىدا خېلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن، ئۇ چىقتى. ئۇنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلگەن، تەلەتىدىن مۇز يېغىپ تۇراتتى.
        −نىمە بولدۇڭ؟ ئاڭلىسام سەن خەقنى ئۇرۇپسەنغۇ؟
        −ھە ئە، ئۇردۇم.
        −نىمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟
        −كىم ئۇنى ساڭا تەلەپ قويسۇن دەپتىكەن!
        −خەق ماڭا تەلەپ قويسا، سېنىڭ نىمە كارىڭ؟
        −كارىم! بۇندىن كېيىن كىم ساڭا تەلەپ قويسا شۇنى ئۇرىمەن!
        −نىمىشقا؟
        −سەن مېنىڭ!
        ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپ چىقىشىنى ئويلىمغان ئىدىم. بۇ قېتىم كۈلەلمىدىم، ئەكسىچە يۈزۈمنى تۇتۇپ ئېسەدىگىنىمچە ياتىقىمغا قېچىپ كىرىپ كەتتىم. نىمىشقا شۇنداق قىلىمەن؟
        ئادەم كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز ئەتراپىدىكى نەرسىلەرگە سەل قارايدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، بىللە ئوقۇغان بولساممۇ ئەمما ئەزەلدىن، بىرەر قېتىممۇ ئۇنى مۇھەببەت توغرىسىدا خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باققان ئەمەسمەن. ئەزبىرايى، ئۇنى خۇددى ئۆز ئاكامدەك، قېرىندىشىمدەك كۆرىمەن دېسەم يالغان ئەمەس. بىز دائىم ھەپتە ئاخىرىدا بىرگە قايتاتتۇق. مەن ئۇنىڭ ۋەلسىپتىگە مىنگىشىۋالاتتىم. ئۇ ئەگرى بۈگرى يېزا يولىدا تەرلەپ-پىشىپ مېنى سۆرۈپ مەھەللىگە كىرەتتى. مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا دائىم ماڭا تاماق ئېلىپ بېرەتتى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ پۇلىغا ئەمەس، مەن ئۇنىڭغا تاماق بېلىتىمنى بەرسەم، ئۇ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئۆچرەتنى بىر دەمدىلا يېرىپ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئۆزىگە ۋە ماڭا تاماق ئېلىپ چىقاتتى. بىز مەكتەپ ئارقىسىدىكى ئۆستەڭ بويىدا بىرگە ئولتۇرۇپ، ئانچە ئوخشىمىغان تاماقلارنى ھۇزۇرلىنىپ يەيتتۇق. مەن ئۇنىڭ سادىق قاچا يۇيغۇچىسى ئىدىم. ئۇنىڭ تاماق قاچىسى ئاساسەن مېنىڭ ياتىقىمدا تۇراتتى. بەلكىم، بىر قانچە قېتىم ئۇنىڭ كىرلىرىنى يۇيۇپ بەرگىنىمنىمۇ سۆزلەپ ئۆتۈشۈپ كېرەكتۇ.
        مانا، ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ئىدى. مەن ئۇنى راستىنلا قېرىندىشىمدەك كۆرەتتىم. ئۇنىڭ «سەن مېنىڭ!» دېيىشىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.
        مەن ئۇنىڭغا توپتوغرا بىر ئاي گەپ قىلمىدىم.
        تەتىلگە ئاز قالغان ئىدى. بىر كۈنى ئۇ مېنى چاقىردى. مەن چىقتىم.  بىز ئۆستەڭ بويىدا تاماق يىگەچ پاراڭلاشتۇق.
        −خاپا بولما، ساڭا ئۇنداق قوپال گەپ قىلمىسام بوپتىكەن.
        −دەيدىغاننى دەپ بولدۇڭ.
        −يەنە بار.
        −يەنە نىمە گەپ بار؟
        −سېنى مەن بىلەن مۇھەببەتلەش دىمەيمەن. ئەمما، باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلىشىڭگە رۇخسەت يوق. زىېھنىڭنى يىغىپ دەرىسىڭنى ئوقۇ. ھامان بىر كۈنى سەن مەن بىلەن توي قىلىسەن. خاپا بولساڭمۇ بۈگۈن بۇ گەپنى ساڭا دېدىم. چۈنكى مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن!
        مەن تاماق قاچامنى كۆتۈرگەن پېتى ياتاققا كىرىپ كەتتىم. ئەمما بۇ قېتىم كۆزۈمگە ياش كېلىدىغاندەك ئەمەس.
        تەتىلدە ئاساسەن ئۆيدىن تالاغا چىقمىدىم. ئۇ دائىم بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ دادم ئاپام بىلەن ئۇنى بۇنى پاراڭلىشىپ چىقاتتى. بەزىدە ئاپام ئۇنى تاماققىمۇ تۇتۇپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا مەن ئاشخانىدىن چىقماي ئولتۇرىۋالاتتىم. گەرچە بۇنداق قىلسام ئاپام دادامدا بىرەر خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشۇم مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما مەندە ئۇنىڭ بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېگۈدەك جۈرئەت يوق ئىدى. ئۇ  تەتىل جەريانىدا بىزنىڭ يىغىم ئىشلىرىمىزغا ياردەملەشتى. ئەمما مەن ئۇنىڭغا بىر ئېغىز گەپ قىلمىدىم.
        تەتىل توشۇپ، بىز تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىققا قەدەم قويدۇق. مەنمۇ 15 ياشلىق قىزچاققا ئايلانغان ئىدىم.
        مەكتەپكە كەلگەن بىرىنچى كۈنى ئۇ مېنى چاقىردى. «مېنى راسا تىللايدىغان بولدى» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا كۆرۈشۈشكە چىقتىم.
        −ئاچچىقىڭ يانغاندۇ؟
        −نىمە ئاچچىق؟
        −خۇپسەنلىك قىلما، ھېلىمۇ ماڭا گەپ قىلمىغىلى يېرىم يىل بولاي دېدى ساڭا.
        −ھى ھى ھى، سەن شۇنداق قېلىن گەپ قىلساڭ، ساڭا گەپ قىلامتىم،-ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلۈپ تاشلىدىم.
        ئۇمۇ كۈلدى. ئۇنىڭ كۈلكىسى شۇنداق مەنىلىك ئىدى. مەن يۈزلىرىمنىڭ سەل پەل قىزىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
        شۇندىن كېيىن بىز ئىلگىرىكىدەكلا يېقىن بولۇپ كەتتۇق. كۈندەك بىللە تاماق يەيتتۇق. ھەپتە ئاخىرى مەن ئۇنىڭ ۋەلسىپىتىگە مىنگىشىپ ئۆيگە قايتاتتىم.


Kulke يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 13:22:10

ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﯘ

urdek يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 13:33:21

خىزمىتىمدىن بىرەر چاتاق چىقىپ قالسا، ئىشسىز قالارمەنمۇ دەپ قورقۇپلا يۈرەتتىم
ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯖﺎ،ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺭﺍﯞﺍﺝ ﺗﺎﭘﯩﺴﯩﺰ.ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺩﻩﭖ ﭼﯘﺷﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ،ﺗﻮﯞﺍ!

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 13:55:15

ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺩﻩﭖ ﭼﯘﺷﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ،ﺗﻮﯞﺍ!
========
ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺗﻮﯞﺍ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﺘﯩﭙﺴﯩﺰ ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ. ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﺒﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﻮﻧﻐﯩﭽﻪ ﺳﺎﻧﺎﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻡ ﺗﻮﻡ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﺗﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﻏﺎﻧﻼﺭ ﺩﻩﻝ ﺋﺎﺷﯘ \"ﻗﯘﻝ\"ﻻﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﯓ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﮬﻪﺭﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ...

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 13:57:35

6



ھەش پەش دېگۈچە ئىككىنچى مەۋسۈم يىتىپ كەلدى. مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇماقچى ئىدىم، شۇڭا تىرىىشپ ئۆگىنىشكە باشلىدىم. ئۇنىڭ ئوقۇغۇسى يوق ئىدى. ئاكىلىرى يىلبويى چوڭ شەھەرلەردە تىجارەت قىلاتتى. ئۇنىڭمۇ ئاكىلىرىغا ئەگىشىپ شەھەر كۆرگىسى بار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلساممۇ، ئۇ ئاڭلىمايتتى.
        −سەن قىزبالا بولغاندىكىن ئوقۇ، سەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگىچە مەن تىجارەت قىلىپ، پۇل تاپىمەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قالساڭ، سەن قەيەردە ئوقۇساڭ مەن شۇ يەردە تىجارەت قىلىمەن، ئۆتەلمەي قالساڭ سەن بىلەن شۇ ھامانلا توي قىلىمەن،-دەيتتى ئۇ مېنى تىرىكتۈرۈپ. ئەمما، مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە خاپا بولمايتتىم، ئەكسىچە ئۇنى تىرىكتۈرەتتىم.
        −تولۇق ئوتتۇرىدا باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلىشىۋالىمەن قاراپ تۇر.
        −شۇنداق قىلغىنىڭنى كۆرۈپ باقاي، كىم بىلەن يۇرسەڭ شۇنىڭ پۇتىنى چېقىۋېتىمەن،- ئۇ ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلەيتتى.
      ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ. ﺋﯘ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰﻧﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﯛﭘﻼ ﺋﺎﻛﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻛﺎﻡ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
   -ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺳﯚﻳﮕﯩﻨﯩﻢ ﺩﯦﻤﻪﻳﺴﻪﻥ؟،- ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ ﺋﯘ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﻘﯩﺸﯩﭗ.
   - ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺳﯚﻳﮕﯩﻨﯩﻢ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻛﻤﻪﻥ، ﻣﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ، ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﭼﺎﺭﺑﺎﺯﺍﺭﭼﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﯩﻨﯩﻢ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺳﻪﺕ ﺗﯘﺭﻣﺎﻣﺪﯗ...
   ﺋﯘ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻛﯜﻟﯜﭘﻼ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ. ﮬﻪﺭ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﺪﻩ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎﺭﺷﯩﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﺋﻮﻥ ﻛﻮﻱ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻱ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ.
ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺭﺍﺳﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﯩﻢ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
-ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻣﺎﯕﯩﺴﻪﻥ؟،-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﺘﻰ.
- ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﻦ.
-ﻛﯩﻢ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ؟
-ﺩﺍﺩﺍﻡ.
-ﮬﻪ...
-ﺳﻪﻥ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺎﻱ ﺩﯦﮕﻪﻧﻤﯩﺪﯨﯔ؟،-ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
-ﮬﻰ ﮬﻰ ﮬﻰ، -ﺋﯘ ﺑﯩﺰﻩﯕﻠﻪﺭﭼﻪ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ،-ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺳﯧﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻻﻻﻣﺪﯗ؟
   ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮔﯧﭙﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺳﻪﻝ ﺗﺎﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﺴﯩﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻛﺎﯞﺍﺑﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻥ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻤﺎﺭﯞﺍﺯﻣﯩﺶ، ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﻰ ﭘﯘﻗﯩﺮﺗﯩﭗ ﭼﯩﻜﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﭼﯩﻜﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ \"ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ\" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﭺ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
  -ﺳﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺴﻪﻥ،-ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻗﺎﺭﯨﯟﺍﻟﺪﯨﻢ.
-ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪ، ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻩﭘﺘﯩﻤﻪﻥ.،-ﺋﯘ ﺑﯩﻠﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﭼﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﺗﯜﺗﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﯘﻣﯘﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﮕﯩﻨﯩﻢ ﺷﯘ ﺋﯩﺪﻯ.
-ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯘﻳﯘﯞﻩﺕ، ﺳﻪﺕ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
-ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ، ﺳﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ، ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﺳﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﯚﻳﯜﯕﮕﻪ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻤﻪﻥ.
ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﭘﯧﺘﻨﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺳﻴﺎﺩﯨﻢ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﻮﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻳﯜﯞﺍﻟﺪﻯ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﻳﯜﺷﻨﻰ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﺰﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﯘﻡ ﺑﻮﺷﯩﺸﯩﭗ، ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﻢ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪﻛﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻤﻤﯘ ﺗﺎﺗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﯧﺘﻰ. ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻗﻮﻳﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﺒﺎﻻ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺷﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ.

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 15:36:32

ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﭽﯘ ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﻰ .....ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻟﻠﯩﯟﯦﺘﯩﯖﻪ .

hankeliq يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 16:17:27

ﺗﺎﺯﺍ ﻗﯩﺰﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﭙﺴﯩﺰﻏﯘ ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﻰ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ.ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭﺳﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪﻯ.

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 16:22:54

ﻗﺎﭼﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻻ ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ...............  ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﻳﺎﺯﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ

tugyan يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 17:01:02

ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ(ﺑﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﺸﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻙ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﯩﻤﯘ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ)،ﭼﯚﭼﻪﻙ،ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﮔﯩﺮﻩﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 21:14:30

ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ ، ﻣﻪﻥ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻢ ... ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﻮﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ... ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻗﯩﻼﻱ ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﻰ ... ﺑﯩﻜﺎﺭﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ  ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰ ﻳﻮﻗﻤﯘ ؟

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 21:20:25

ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻗﯩﻼﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﻳﺎ qqﺭﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﯞﯦﺮﯗﺱ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﯨﺴﯩﺰ؟ ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻱ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺳﯩﺰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻧﺪﻩ...
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﯖﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﺗﯧﻞ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﯔ، qq ﻏﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺳﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﯧﻞ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ..

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 21:28:13

ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﯗﺳﯩﺰ ؟
--------
ﻣﺎ \" ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻠﯩﻚ \" ﻧﻰ ...

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-21 21:32:22

ﮬﺎﮬﺎﮬﺎ، ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻗﯩﺲ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻮﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ
ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﻰ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﻻﻣﺘﯩﻤﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ \"ﺩﻩﮬﺸﻪﺕ\" ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ...
ﺗﯧﻞ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﺪﯨﻢ، ﺋﻪﺗﻪ ﺗﯧﻞ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

Uy~SuN يوللانغان ۋاقتى 2007-8-22 04:16:47

ﮬﯩﻜﺎﻳﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻗﺎﻧﻤﺎﻱ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻤﯘ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﭼﯘﺷﻜﻪﻱ
ﺭﺍﺱ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﻣﺎﯞﯗﯗ  ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﺭﺳﻪﺭﻛﯩﺴﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﺷﯩﺸﻐﺎ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ  
ﺳﻮﮬﺒﯩﺘﯖﻼﺭ ﻛﯘﯕﯘﻟﻠﯘﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ !

9bore يوللانغان ۋاقتى 2007-8-22 06:34:18

ﺑﯧﻜﺎﺭﭼﻰ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ﺩﻩ ، ﺑﺎﻻﯕﺰﺍ
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: { ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﻰ} ﺑﯚﺭﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ (ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ)