boytakyigit يوللانغان ۋاقتى 2007-8-20 09:40:17

ﺗﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﻮﻡ

جىددى خىزمەت قىلىۋېتىپ، بىئاراملىق ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا، يۈزىڭىزنى كۆزىتىپ باققىنىڭىزنىڭ زىيىنى يوق، يۈزىڭىز ئارقىلىق تېنىڭىزنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى بايقىۋالالايسىز.
1. قۇلاق بۆرەكنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قۇلقىڭىز قىزىل ياكى بىنەپشە رەڭدە بولسا، بۇ قان ئايلىنىشڭىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ. دىققەت: ھاراقنى ئاز ئىچىڭ، ئېسىل تاماقلارنى، شىكەرنى ئاز يەڭ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ، قان ئايلىنىش ئىقتىدارىڭىزنى ياخشلاڭ.
2. تۆۋەنكى قاپىقىڭىز قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. نۇرمال ئەھۋال ئاستىدا تۆۋەنكى قاپاق ئەترەڭ بولىدۇ، تۆۋەنكى قاپىقىڭىز ئاق بولسا، بۇ قان ئازلىقنىڭ تىپىك ئالامىتىدۇر، دىققەت: تەركىبىدە تۆمۇر ماددىسى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەڭ.
3. مەڭزىڭىز ئۆپكىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ناۋادا مەڭزىڭىز سۇس يېشىل رەڭدە بولسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؛ جىگەررەڭ بولسا، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ بېشارىتىدۇر. دىققەت: تاماكىنى ئاز چىكىڭ ياكى تاماكا تاشلاڭ، دائىم قان بېسىمىڭىزنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ.
4. پىشانە ئۈچەي ۋە دوۋساقنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. داغ ۋە چوڭقۇر قورۇقلىرىڭىز تاماقنى كۆپ يەيدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دىققەت: بېلىق، قۇش تۈرىدىكلەرنى يەڭ، قايمىقى ئارېۋىلىنغان سۈت ئىچىڭ.
5. ئېغىز ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.يۇقىرىقى كالپۇكىڭىز ئاشقازىنىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تۆۋەنكى كالپۇكىڭىزنىڭ ئىششى قەۋزىيەتنىڭ ئالامىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دىققەت: سۇنى كۆپرەك ئىچىڭ، چاي، قەھۋە، ۋە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىڭ، كۆپ ھەرىكەت قىلىڭ.
6. قوشۇمىڭىز جىگەر ۋە ئۆتنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىككى قېشىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىك قورۇق بولسا، بۇ ماينىڭ قوبۇل قىلىشنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دىققەت: گۆش تۈرىدىكلەرنى، ياغ تەركىبى يۇقىرى ۋە كاۋاپ قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يەڭ.
7. قاڭشار تال، ئاشقازان، ئۇيقۇلۇقنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر قاڭشىرىڭىزنىڭ ئۈستىدە ئۈزۈلگەن ھالەتتىكى ۋىنا كۆرۈلسە، تېنىڭىزدىكى قان شېكىرى سەۋىيىسىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دىققەت: ئېسىل يېمەكلىكلەرنى، شېكەر، قەھۋە ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىڭ، بۇ نەرسىلەر قان شېكرى سەۋىيىسىدە داۋالغۇش كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
8. بۇرۇننىڭ ئۇچى يۈرەكنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچىنىڭ قىزىل ياكى بىنەپشە رەڭدە بولۇشى قان بېسىمىڭىزىنىڭ يۇقىرى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى ياكى يېمەكلىكتىكى تۇز ۋە ئىسپىرىتنىڭ قوبۇل قىلىنىشنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دىققەت: قان بېسىمىڭىزنى دائىم ئۆلچىتىپ تۇرۇڭ، ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىڭ، تۇزنى ئاز يەڭ.
ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺷﻪﮬﻼ ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2007-8-20 11:18:34

ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ
ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺑﯘ

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2007-9-26 12:46:02

ﻗﻮﻝ ﭘﯘﺗﻨﯩﯔ ﮔﯩﭙﻰ ﻳﻮﻗﻘﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ  ؟

PADIQI يوللانغان ۋاقتى 2007-9-27 20:33:47

ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ
ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺑﯘ

Moostabit يوللانغان ۋاقتى 2007-10-1 02:54:52

ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﭼﯘ

hap-piy يوللانغان ۋاقتى 2008-5-25 20:09:18

ﻣﻪﻧﻤﯘ  ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ  ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ  ﻗﺎﺭﺍﭖ  ﺗﯘﺭﯗﭖ  ﺋﯜﺯﻩﻣﻨﻰ  ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ  ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ  ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ  !!!!!

sirdax يوللانغان ۋاقتى 2008-6-10 17:56:32

ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻤﺎ ﻳﻮﻟﻼﭘﺴﯩﺰ....ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ  ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﺭﺩﺍﺵ.

lokman يوللانغان ۋاقتى 2008-10-1 08:46:07

رەھمەت ئەسقاتىدىغان تىما ئىكەن رەھمەت سىزگە !!!!!!!!قىرىندىشىم!!!!!!!!!!!!!!!!!!

akkaniyat يوللانغان ۋاقتى 2008-10-9 11:08:55

رەھمەت، بىلىۋالىدىغان بىلىملەر ئىكەن!

MaHiBaR يوللانغان ۋاقتى 2008-10-11 14:44:28

مەنىغۇ كۈندە نەچچە قېتىم ئەينەككە قارايمەن ،چۈنكى ئۆيۈمنىڭ ھەممە يىرىگىلا قارىسا ئەينەك ،لىكىن مەندە بىرەر كېسەللىك ئەھۋالىنى بايقىمىدىم ،ئاللاھقا مىڭ شۈكرى !

بەت: [1]
: ﺗﯩﻨﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﻮﻡ