zilwa يوللانغان ۋاقتى 2007-8-17 15:53:05

ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺳﯚﺯ

يىگىتىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپالماي بىئارام بولۇۋاتامسىز؟ ئۇنىڭ زادى نىمىگە بۇنچىۋالا ئىچى پۇشىدىغانلىقىنى، ئاھ ئۇرىدىغانلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ تۆۋەندىكىلەرگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ بېقىڭ، ئىشىنىمەنكى، بۇلار مۇھەببەت يولىڭىز ئۈچۈن يېڭى بىر بۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ.
1. ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممىنى قىلالايدىغان ، ئالاھىدە ئادەم قىلىپ كۆرسىتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. چۈنكى يىگىتىڭىز سىزنى قانچىكى ياخشى كۆرۈشىدىن قەتئىي نەزەر يەنىلا سىزنىڭ كىچىك پېئىل بولۇشىڭىزنى، ئۆزىدىن تۆۋەن ئورۇننى ساقلىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ؛
2. قارشى تەرەپ بىلەن ھېساپلاشماڭ. بۇنداق دىگەنلىك سىز ئۇنىڭ بىلەن تاماقتا بىللە بولغاندا ھېساباتنى ئۇنىڭ قىلىشىغا يول قويۇڭ. چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ نەزىرىدە سىز ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ھېساباتنى ئۈزىۋەتسىڭىز قارشى تەرەپنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرغانلىققا باراۋەردۇر؛
3. ئۆزىڭىزدىكى ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ. چۈنكى يىگىتلەر ئۆزى بىر نەچچە ھەپتىگىچە كىيىم ئالماشتۇرمىسا كارى يوق يۈرىۋېرىشكە رازىكى، سىزنىڭ ئازراقلا مەينەت كىيىمنى كىيىپ سىرتقا چىقىشىڭىزنى خالىمايدۇ. شوڭا مەيلى كىيىنىش ياكى گىرىم قىلىش جەھەتتە بولسۇن، ئىنتايىن رەتلىك، پاكىزە بولۇشنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ؛
4. كونا خاماننى سورىماڭ. قىزلار ئادەتتە يىگىتىدىن زەربە يىگەندە ئۇنى بۇرۇنقى سۆيگىنى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئازاپلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىدىن ئىبارەت. چۈنكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق خۇي- پەيلى، مىجەز خاراكتېرى بولىدۇ. شۇنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭكى، يىگىتىڭىز ھەرگىزمۇ قەلبىڭىزدە سېلىشتۇرما ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشنى خالىمايدۇ؛
5. توختىماي كوتۇلداشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. قىزلار بىردىنبىر ئېسىدە ساقلايدىغان ئىش دەل يىگىتىنىڭ ئالدىدا تولا سۆزلەپ، كوتۇلداشتىن ھەزەر ئەيلەشتىن ئىبارەت؛
6. قارشى تەرەپنىڭ تېگى- تەكتىنى بەك سۈرۈشتۈرۈشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، بۇنداق بولغاندا يىگىتىڭىز ئاسانلا سىزدىن بىزار بولۇپ قالىدۇ.
مۇھەببەتلىشىش مۇساپىڭىزنىڭ تېخىمۇ راۋان بولۇشى، يىگىتىڭىزنىڭ مەڭگۈ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولۇپ نېرى كېتەلمەسلىكى ئۈچۈن بۇ ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ. سىزگە ئامەت تىلەيمەن
قىزلار سىناق نەتىجىلىك بولسا مېنى مېھمان قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ھە......

مەنبە " قانۇنچىلىق گېزىتى" دىن ئېلىندى

rose16 يوللانغان ۋاقتى 2007-8-17 19:54:16

ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﯘﺗﺴﺎﻡ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻥ.......ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻘﯩﭽﻪ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﯓ......ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﮭﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.....

AHMAT07 يوللانغان ۋاقتى 2007-8-17 22:06:18

bahar يوللانغان ۋاقتى 2007-8-17 22:43:00

ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2007-8-18 08:53:30

ﺗﻮﯞﺍ
بەت: [1]
: ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺳﯚﺯ