zilwa يوللانغان ۋاقتى 2007-8-17 15:43:32

مۇھەببەتنى كامالەتكە يەتكۈزۈشتىكى10 مەخپىيەت

تۇرمۇش يولىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان ياشلارنىڭ قېنى قىززىق، تەجرىبىسىنىڭ كەم بولۇشى، مۇھەببەت قارىشىنىڭ ھەر خىل بولۇشى سەۋەپلىك، مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا يا ئۇنداق يا مۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئازاپلارنى تارتىۋالىدۇ . روھىي زەربە كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خىزمەتلەرگىمۇ تەسىرى بولىدۇ.
ئۇنداق بولسا، مۇھەببەتنى قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق كامالىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟
1. يەڭگىلىك قىلماسلىق لازىم.
قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىش ئالدىدا بىر دەملىك ھېسسىيات بىلەنلا ئالدىراپ بىر قارارغا كېلىشتىن ساقلىنىشى، ئىككىلا تەرەپ بىر- بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان- كۆرمەيدىغانلىقىنى ئوبدان ئويلىشىشى، بىر- بىرىنى ياخشى كۆزۈتۈشى، سىنىشى شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ مەسلىھىتىنى ئېلىپ ئىش كۆرۈشى كېرەك.
2. بىر- بىرىنى چۈشىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلەشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بىر- بىرىنى قىسمەن چۈشەنگەن ياكى يۈزەكى چۈشەنگەن بولىدۇ. شوڭا ھەر ئىككى تەرەپ مەلۇم ۋاقىت بىر- بىرىنىڭ مىجەز- خاراكتېرى، ئىستىتىك ھەۋىسى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى كۈزىتىپ، ئىگىلەپ تەدرىجى ھالدا بىر- بىرىگە لايىقلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش لازىم.
3. بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەش لازىم .
مۇھەببەت بىر نازۇك ئىچكى تۇيغۇ. ئۇ خۇددى چاۋاك ئىككى قولدىن تەڭ چىققانغا ئوخشاش، ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا تەڭ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قانداقتۇر بىرى يەنە بىرىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ئىلاھ بولىۋالسا، يەنە بىر تەرەپ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا چوقۇنغۇچىغا ئايلىنىپ قالسا ھەم بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ئاخىرىغا بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى سوۋۇپ مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ كېتىشى مۈمكىن. چۈنكى قارشى تەرەپنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق غۇرۇرى، كۆڭلى ۋە ئىرادىسى بولىدۇ- دە، ئەلۋەتتە.
4. ئالدىراپ ئاپاق- چاپاق بولۇپ كەتمەسلىك لازىم.
قىز- يىگىتلەر يېڭى مۇھەببەتلەشكەن مەزگىللەردە بىر- بىرىگە ئىنتىلىدۇ، تەلپۈنىدۇ. خۇددى بىر- بىرىدىن ئايرىلسا ياشىيالمايدىغاندەك ھېسسىياتتا يۈرۈشىدۇ. مانا مۇشۇنداق پەيتتە، ھەددىدىن زىيادە ئاپاق- چاپاق بولۇپ كەتسە، ئاسانلا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىش- ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىپ قويۇشى، نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپتە مۇھەببەت دىگەن مۇشۇنچىلىكلا ئىشكەنغۇ، دىگەن كۆز قاراشنى پەيدا قىلىپ، بىر- بىرىگە بولغان قىزغىنلىق، تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن.
5. ئۆز ئارا سىنىشىشىتا ئۇسۇل مۇۋاپىق بولۇشى لازىم.
بەزى قىز- يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە ساداقەتمەن ئىكەنلىكىنى سىناپ باققۇسى كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن موھىم. ئەگەر قوللانغان ئۇسۇلىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئىلمىي بولسا، كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يېتىپلا قالماي مۇھەببىتىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مۇناسىۋەت تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە قوپال، تېتىقسىز ئۇسۇللار بىلەن سىنىماقچى بولسىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ بىر ئوبدان كېتىۋاتقان مۇناسىۋىتىڭىزنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشىڭىز مۈمكىن.
6. تەمكىن، ئېغىر- بېسىق بولۇش لازىم.
مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز- يىگىتلەر بىر- بىرىدىن رەنجىپ قالغاندا، ھەتتا خېلى ئېغىر كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەن چاغلاردىمۇ، قىزىققانلىق قىلىپ مەسىلىنى ھاپىلا- شاپىلا بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىرىماي ئەتراپلىق ئويلىنىپ، ئىجابىي تەرەپكە تارتىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. قايسى تەرەپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، كەچۈرۈم سورىشى، قارشى تەرەپمۇ كەچۈرۈم سورىغۇچىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى، بىر- بىرىگە يول قويۇشى لازىم.
7. ئېھتىياتچان بولۇش لازىم.
ئادەملەر مۇرەككەپ، دۇنيا زىددىيەتكە تولغان، شۇنداق ئىكەن مەيلى قانداق كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سۆيگۈنىڭىز توغرىسىدا قىلغان گەپ- سۆزلەرگە نىسبەتەن ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بېقىشىڭىز، ھەرگىزمۇ پاچاننى تەتۈر كىيىپ مەسىلىنى قوپال ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا ئالدىرماسلىقىڭىز لازىم. ناۋادا ئاڭلىغان گەپ- سۆزلىرىڭىز يالغان بولۇپ قالسا، كىيىن ھەر قانچە ئۆكۈنگەن بىلەنمۇ ئىش ئورنىغا كەلمەيدۇ.
8. بىر- بىرىگە ھەقىقى ئىشىنىش لازىم.
مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز- يىگىتلەر ئۆز ئارا راستچىل، سەمىمى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، سۆيگۈنىڭىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ بارالمىغان ياكى كېچىكىپ قالغان چاغلىرىڭىزدا سەۋەبىنى ئەينەن چۈشەندۈرۈشىڭىز لازىم. ئەگەر يالغان سۆزلەپ ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز، كىيىن بۇ ئىش قارشى تەرەپكە مەلۇم بولۇپ قالسا، ئۇنىڭدا سىزگە نىسبەتەن گۇمانىي كۆز قاراش پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىسىز.
9. بىر- بىرىگە غەمخورلۇق قىلىش لازىم.
ئۇلۇغ ئەدىپ چىرنوۋىسكى: «مۇھەببەتنىڭ ئەھمىيىتى --- قارشى تەرەپنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىمۇ ئۆستۈرۈشتە» دەپ توغرا ئېيتقان. ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، قىزغىن ياردەمدە بولۇشى لازىم.
10. ھېسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىق لازىم.
ياشلىق دەۋر تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، بىلىم ئالىدىغان دەۋر، شوڭا بۇ دەۋرنى پەقەت ھاۋايى- ھەۋەسكە بېرىلىپ بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن زېھنىمىزنى بىلىم ئېلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشقا سەرىپ قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇھەببەت ئۈچۈنمۇ لايىقىدا ۋاقىت ئاجرىتىشىمىز، نۇقۇل ھالدا ھېسىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

مەنبە« قىز- ئاياللار مەخپىيىتى» دىن ئېلىندى.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2007-8-18 16:36:01

ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﯩﻖ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺟﯘﻣﺎ ،ﭘﻪﻳﺰﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ..

ArslanTekin يوللانغان ۋاقتى 2007-8-18 23:53:02

ﻗﯩﺰ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ .

Nilaay يوللانغان ۋاقتى 2007-9-27 11:17:35

ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ ،ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻛﻪﻥ ،ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ !!!

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2007-9-27 11:36:58

4-ﺳﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﮔﻪﭖ.
بەت: [1]
: مۇھەببەتنى كامالەتكە يەتكۈزۈشتىكى10 مەخپىيەت