Eltugh يوللانغان ۋاقتى 2007-8-17 13:05:31

WindowsXPغا يوشۇرۇنغان 21خىل ئالاھىدە ئىقتىدار

WndowsXPھازىر كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى ھەمراھىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. تۆۋەندە مەن ئۇنىڭ بىر نەچچە خىل ئالاھىدە بولغان ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
  1. سىستېما ھەقسىز ئۆگەتكۈچىسى – (Windows\sysytem32ئاستىدا)
   WndowsXPنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن دەرھال ئۆگىنىشنى باشلىدىڭىزمۇ؟ بىز ئۇيان-بۇيان چىپىپ ماتېرىيال ئىزدەپ يۈرمەيلا WndowsXPنى ئۆگىنەلەيمىز.يەنى «باشلاش»←«WndowsXPنى ئاستا ساياھەت قىلىش» نى چەكسەك،ئۇ بىزنى يىڭى ئىقتىدارلارنى ئۆگىنش يۈزىگە باشلاپ كىرىدۇ.(ئەگەر «باشلاش»تىزىملىكىدە‹漫游WndowsXP› بولمىسا، تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز. C:\windows\system32\tourstart.exe
2. ياردەمچى ئىقتىدار باشلامچىسى (辅助功能向导)-Accwiz(Windows\sysytem32ئاستىدا)
2.      مكروسوفىت شىركىتى مىيىپلار ئۈچۈن ياردەمچى ئىقتىدار بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ،بۇ پروگرامما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى،ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق Windowsنى لايھىلەيدۇ.مىيىپلارمۇ ئۆزىدىكى ئىقتىدارلار ئارقىلىق Windowsنى ناھايىتى ياخشى ئىشلىتەلەيدۇ.
       3. ھەرپ-بەلگىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈش جەدۋىلى(字符映射表)- Charmap  (system32ئاستىدا)      
«Word»نىڭ «بەلگە قىستۇرۇش»ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى ئەپلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ بىز بەزىدە windows نىڭ باشقا پروگراممىلىرىنىڭ ئارىسىغىمۇ ھەرپ-بەلگىلەرنى قىستۇرىمىز.لېكىن بىر-بىرلەپ ئىزدەش ناھايىتىمۇ ئاۋارىچىلىق.بۇ ۋاقىتتا « ھەرپ-بەلگىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈش جەدۋىلى(字符映射表)» دىن پايدىلىنىپ ياردەمگە ئېرىشەلەيمىز. ھەرپ-بەلگىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈش جەدۋىلى(字符映射表) ئارقىلىق تاللانغان خەت تېنىدە قايسى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ،تاللىغاندىن كىين «تاللاش» كونۇپكىسىنى چەكسەك ،تاللانغان ھەرپ-بەلگە Windowsنىڭ كىسىپ-چاپلاش تاختىسىغا كۆچۈرۈلىدۇ،بۇنى باشقا پروگراممىلارغا چاپلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
5.ماگىنىتلىق دېسكا تازىلاش ئۇستىسى – (磁盘清理大师) – Cleanmgr (system32ئاستىدا)       ھازىر ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان دېسكىلارنىڭ سىغىمى بارغانسىرى چوڭىيىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن سىغىم چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.بىز ئۆزىمىزگە كىرەكلىك بولغان پروگراممىلارنى قاچىلاش جەرىيانىدا دېسكا بوشلۇقى windowsپروگراممىلىرىنىڭ نورمال ئىجرا قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇ چاغدا يۇقارقى پروگراممىنى ئاچساق،ئۇ ئاپتۇماتىك ھالدا بىر قىسىم دېسكا بوشلۇقىنى تىجەپ بىرىدۇ ھەم ئىقتىدارلىق ھالدا XXخىزمەتلىرىنى ئۆچۈرۈپ،سىستېمىنىڭ مۇقۇملۇقىغا ، ھۆججەتلەرنىڭ يۈتۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.بۇ مەنبە باشقۇرغۇچتا ئۆچۈرگەندىن بىخەتەر بولىدۇ.
6. كىسىپ-چاپلاش تاختىسىنى تەكشۈرگۈچ- Clibrd  (system32ئاستىدا)
         Windowsنىڭ كىسىپ-چاپلاش تاختىسى ھەرقايسى پروگراممىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇرئالماشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، ئەممابۇ بۆلەكتىكى مەزمۇنلارنى ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۆرگىلى بولمايدۇ،بىراق كىسىپ-چاپلاش تاىتىسىنى تەكشۈرگۈچ ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كىسىپ-چاپلاش تاختىسىدىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈپ كۆرگىلى بولىدۇ.XPنىڭ كىسىپ-چاپلاش تاختىسى Win98/MEلارغا قارىغاندا كۆپ ئىلغارلاشقان بولۇپ ھوقۇق دائىرىسىنى لايھەلەش ئارقىلىق توردىكى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر ، كىسىپ-چاپلاش تاىتىسىدىكى مەزمۇننى ئىشلىتەلەيدۇ.
  7.كونتىرول تاىتىسىنى قوزغاتقۇچ- Control.exe  (system32ئاستىدا)
         كونتىرول تاختىسى بولسا Windowsنىڭ موھىم بىر تەركۋى قىسمى بولۇپ،نۇرغۇن لايھىلەشلەرنى ئۇ ئارقىلىق ئىلىپ بارىمىز.بۇ ھۆججەتنى قوش چېكىش ئارقىلىق ئۇنى قوزغىتىش،«باشلىنىش»← «لايھەلەش» قەدەم باسقۇچلىرىنى بىجىرگەندىن ئاسانراق.
  WindowsXP. 8نىڭ دىئاگنوز دوختۇرى –Drwtson  (system32ئاستىدا)
        Drwtson بولسا پروگرامما تەڭشىگۈچ ھېساپلىنىدۇ.ئۇWindowsپروگراممىلىرىنىڭ خاتالىق ئۇچۇرلىرىنى خاتېرىلەپ ماڭىدۇ.خاتالىق ئۇچۇرى تاپقان ھامان ئىسمى Drwtson32.logبولغان بىر دانە تېكىست ھۆججىتى قۇرۇپ،خاتالىقنىڭ قەيەردەئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلات بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ھەل قىلىش تەكلىۋى بىرىدۇ. Microsoftتىن تېخنىكا تەلەپ قىلغىنىمىزدا ھەم ياردەم تەلەپ قىلغىنىمىزدا Drwtsonناھايىتىچوڭ رول ئوينايدۇ.
DVD .9قويغۇچ- DVDPlay   (system32ئاستىدا)
   DVDقوزغاتقۇچ ۋە DVDپىلاستىنكىسىنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ ئادەتتىكى ئشلەتكۈچىلەرمۇ كومپىيۇتېرلىرىغا DVDقوزغاتقۇچ سەپلەشكە باشلىدى. DVDقويىدىغان چاغداDVDئىھتىياجى تۇغۇلدى. WindowsXP ھەقسىز بولغان DVDقويغۇچ بىلەن تەمىنلىگەن بىز يەنە پۇل خەجلەپ 3-بىر DVD قويىدىغان يۇمشاق ماتېرىيال سىتىۋالمىساقمۇ بولىدۇ.
  10.ئۆزلىگىدىن يېشىلىدىغان ھۆججەت ياسىغۇچ- Iexpress  (system32ئاستىدا)
      پىرېس ھۆججىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز،ئۆزلىگىدىن يىشىلىدىغان ھۆججەت ماس ھالدىكى پىرېس يەشكۈچ يوق بولغان ئەھۋال ئاستىدا(Wnrar,Winzip) پىرېس بولىقىنى بىۋاستە ئىچىپ،بولاقتىكى ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىلگەن مۇندەرىجىگە يىشىپ بىرىدۇ.بۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە ناھايىتى چوڭ قولايلىق يارىتىپ بىرىدۇ. Iexpressئارقىلىق ئىككى خىل ئۆزلىگىدىن يىشىلىدىغان ھۆججەت ياسىغىلى بولىدۇ،بىرى ئۆلچەملىك بولغان ئۆزلىگىدىن يىشىلىدىغان پىرېس ھۆججتى،يەنە بىر قاچىلاش پروگراممىسى شەكلىدىكى ئۆزلىگىدىن يىشىلىدىغان پروگرامما ھۆججىتى.بۇ پروگراممىنىڭ ئىجرا بولۇش كۆزنىكى ئېنگىلىزچە،بىراق ھاسىل بولغان ئۆزلىگىدىن يىشىلىدىغان پىرېس ھۆججىتى بولسا خەنزۇچە.
  11. سىستېما سەپلەش پروگراممىسى Msconfig–( Windows\Pchealth\HelpCTR\Binariesئاستىدا)
     بىز بۇ پروگرامما ئارقىلىق Windowsتىكى سىستېما سەپلەش پروگراممىسىغا ئوخشاشBoot.ini , Win.ini , system.ini مۇلازىمەت(服务)ۋەقوزغىتىش ( 启动 ) تۈرلىرىگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارالايمىز.
12.زاپاسلاش قورالى – NtBackup   (system32ئاستىدا)
  سانلىق-مەلۇمات كومپىيۇتېردىكى ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىيال،شۇڭا سىز ۋە مەن ماتېرىياللىرىمىزنى دائىم زاپاسلاپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىشىمىز كىرەك.ھازىر كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر 3-بىرخىل زاپاسلاش قورالىنى ئىزلەپ يۈرۈشىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇ ھاجەتسىز، WindowsXPتەمىنلىگەن زاپاسلاش قورال ئىنتايىن ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق ماتېرىياللارنى زاپاسلايدۇ.
  13. ھۆججەت يۆتكەش يولباشچىسى-Migwiz (system\usmtئاستىدا)
Windowsدا ئاسان ئىشلىتىشچانلىق ۋە مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى تەڭ مەۋجۇت،شۇڭا سىستېما نورمال ئەھۋالدا نۆۋەتتىكى لايھەلەشلەرنى ساقلاپ قويۇپ،سىستېمىدىن كاشىلا كۆرۇلگەندە قايتىدىن قاچىلاپ ئىشلىتىش ناھايىتى ئەپچىل ۋە ئاقىلانە چارە. مىكرو سوفىت بۇ قورالنى «ھۆججەت ۋە لايھەلەش يۆتكەش باشلامچىسى( )» پروگراممىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان.ئۇ ئارقىلىق بىز زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
IP. 14ئادرېسنى تەكشۈرگۈچ – NsLookup (system32ئاستىدا)
   تورغا ئۇلانغان ھەر-بىركومپىيۇتېرنىڭ بىردىنIPئادرېسى بولىدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرتورپونكىتىنىڭمۇ بىردىنIPئادرېسى بولىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئادرېس بىردىنبىر بولىدۇ. IPئادرېسىنى تەكشۈرگۈچ قورالى ئارقىلىق ناھايىتى ئوڭاي ھالدا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي IPئادرېسىنى ئېنىقلاپ چىققىل بولىدۇ.
    15  .ئېكران كونۇپكا تاختىسى – Osk (system32ئاستىدا)
ئېكران كونۇپكا تاختىسى بىر خىل ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان قورال بولۇپ،ئۇ ئېكراندا تەقلىدىي كونۇپكا تاختىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئېكران كونۇپكا تاختىسى ئەمەلىيەتتىكى كونۇپكا تاختىسى ئىشلىمەس بولۇپ قالغانلار ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىقتىدار بولۇپ،كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى بىلمەيدىغانلار ۋە دەسلەپكى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈنمۇ ناھايىتى چوڭ ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە.
  16.ئوبيىكىتنى ئوراش پروگراممىسى- Packager  (system32ئاستىدا)
  بۇ پروگرامما ئارقىلىق بىز مەلۇم بىر ھۆججەتنى ئىچىپ ھەمدە سىنبەلگە (icon) قوشۇپ،ئۇنى ئادەتتىكى Windows پروگراممىسىغا قىستۇرۇپ ئىشلىتەلەيمىز ھەم ئۆگىتىش يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە ئارخىپلارنى ياساشقا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەر خىل ياغاچ ئات ۋېرۇسلىرىنىمۇ ( 木马 ) ئوراپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
17.تىزىملاش جەدۋىلى تەھرىرلىگۈچ كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى- Regedit32 (system32ئاستىدا)
    تىزىملاش جەدۋىلى تەھرىرلىگۈچ سستېمىنىڭ تىزىملاش جەدۋىلىنى لايھەلەيدىغان ئالاھىدە قورال.تىزىملاش جەدۋىلى كومپىيۇتېرنىڭ قانداق يۈرۈشۈش ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. WindowsXPدا ئىسمى Regedit بولغان بىر پروەرامما بولۇپ،تىزىملاش جەۋىلىنى تەھرىرلىگىلى بولىدۇ.بىراق بۇ پروەرامما تىزىملاش جەدۋىلى تەھرىرلىگۈچنىڭ كۈچەيتىلەەن نۇسخىسى بولۇپ ئۇ ئارقىلىق تىزىملاش جەدۋىلىنى تەھرىرلىەەندىن سىرىت يەنە ھوقۇق دائىرىسىنى لايھەلىگىلى،قايتىلىنىپ قالغان تۈرلىرىنى چىقىرىپ تاشلىغىل،كومپىيۇتېردىن ئۆچۈرۋىتىلەەن پروگراممىلارنىڭ قالدۇق تۈرلىرىنى ئۆچۈرۋىتىش قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتلەرنى بىجىرگىلى بولىدۇ.
18.سىستېما ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرگۈچ-SFC  (system32ئاستىدا)
Windows  نى ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا سىستېما ھۆججەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشى ۋە يوقاپ كىتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىككىنە بىر ھۆججەتنىڭ يوقاپ كىتىش سەۋەپلىك سىستېمىنى قايتىدىن قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ ھەم بۇ بىر ئاز ئاۋارىچىلىق. Sfc.exeئارقىلىق ھەممىنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
19. ۋەزىپە باشقۇرغۇچ- Taskmgr  (system32ئاستىدا)
   ۋەزىپە باشقۇرغۇچ كومپىيۇتېردا نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان پروگراممىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ۋەزىپە باشقۇرغۇچ ئارقىلىق نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان پروەراممىلار ياكى ئاللىبۇرۇن توختاپ قالغان ،ئېنكاس بولمىغان پروگراممىلارنىڭ ھالىتىنى كۆرەلەيمىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە CPUۋە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە سانلىق مەلۇماتىنى كۆرەلەيمىز.كومپىيۇتېر قېتىۋالغاندا ئۇنى ئىشلىتىش ئوڭاي ۋە ئۈنۈملۈك.
20. يىراق مۇساپىلىق ئۇلىنىش پروگراممىسى – Telnet (system32ئاستىدا)
Internetتا ساناقسىز كومپىيۇتېرلار بولغان بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى زىيارەت قىلىشتا چوقۇم يىراق مۇساپىلىق ئۇلىنىش پروگراممىسى بولۇشى كىرەك.ئىككى كومپىيۇتېر ئوتتۇرىسىدا ئۇلاش ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن مەخسۇس يۇمشاق ماتېرىيال بولمىسا بولمايدۇ. WindowsXPتەمىنلىگەن يىراق مۇساپىلىق ئۇلاش پروگراممىسى Telnetئارقىلىقمۇ بۇ خىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ كۆرۈنۈش يۈزى خەنزۇچە كۆرۈنۈشتە.
21.يىراق مۇساپىلىقFTPقورالى–Tftp   (system32ئاستىدا)
FTP بولسا تور ئۇزىتىش كېلشىمى .بۇ ئارقىلىق ناھايىتى ئوڭايلا قارشى تەرەپنىڭ مۇلازىمىتېرىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان xx خىزمەتلىرىگە ئۇلىغىلى بولىدۇ ھەم 3- بىر خىل يۇمشاق ماتېرىيال ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەپسۇس ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ھەرپ-بەلگىلىك كۆرۈنۈشتە.
Windowsنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پروگراممىسى – Wupdmgr (system32ئاستىدا)
Windows نى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن «باشلىنىش»   تىزىملىكىنىڭ ئۈستىدە«Windows Update» تىزىملىكى پەيدا بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ تور بىتىگە ئاپتۇماتىك ئۇلاپ Windowsنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ تىز قوزغىتىش سىنبەلگىسى ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۆچۈپ كىتىپ قالغان بولسا بىز بۇ پروگراممىنى قوزغىتىش ئارقىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەشغۇلاتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بارالايمىز.
دىمەك،WindowsXPھەقىقەتەنمۇ ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى،ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىقتىدارلىرىنى ھەقىقىي جارىي قىلدۇرغاندىلا ئاندىن ئۇنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەتكەن بولىمىز.

kokbora1 يوللانغان ۋاقتى 2007-8-17 15:01:26


ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﯩﻤﺎ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ،ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ . ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ...

mux يوللانغان ۋاقتى 2007-8-17 15:09:35

ﺟﻪﯞﮬﻪﺭﻟﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭﻣﯘ ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2007-8-17 16:51:37

ﻳﻮﻕ . ﺟﻪﯞﮬﻪﺭﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ

assalamlife يوللانغان ۋاقتى 2007-8-18 10:17:16

ﺑﻪﺯﻯ ﮬﻪﺭﭘﻠﻪﺭ ﺳﻪﻝ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﯘﺭﺍﻣﺪﯗ ﻧﯩﻤﻪ...

assalamlife يوللانغان ۋاقتى 2007-8-18 10:18:11

ﺑﻪﺯﻯ ﮬﻪﺭﭘﻠﻪﺭ ﺳﻪﻝ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﯘﺭﺍﻣﺪﯗ ﻧﯩﻤﻪ...

xohxoh يوللانغان ۋاقتى 2007-9-11 16:26:45

ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﻛﯩﺘﻪﻣﺪﯗ؟؟!!

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2007-9-21 11:30:13

[em64
بەت: [1]
: WindowsXPغا يوشۇرۇنغان 21خىل ئالاھىدە ئىقتىدار