zilwa يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 10:53:08

ئەڭ جەلىپكار ئايال بولۇشىڭىزدىكى يەتتە مەخپىيەت

گۈزەللىكنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىتى، بولۇپمۇ ئاياللار گۈزەللىكنى سۆيىدۇ. ھەرقانداق ئايالنىڭ مەيلى ئۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ساھىپجامال ئايال بولسۇن ياكى كۆرۈمسىز ئايال بولسۇن ئۆزىگە خاس جەلىپ قىلىش كۈچى بولىدۇ. بۇ خىل جەلىپ قىلىش كۈچى بەزىلەرنىڭ گۈزەل ھۆسنى- جامالىدا ئىپادىلەنسە، بەزىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىدە، ياخشى مىجەز- خۇلقىدا، ئۆزىگە خاس خاراكتېرىدە ئىپادىلىنىدۇ.
1. گۈزەللىك---- جەلىپكار بىر ئايالنىڭ ئەڭ ئاۋال كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغىنى دەل ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنى- جامالىدۇر. بىراق ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ چىرايى گۈزەل بولىۋەرمەيدۇ. چىرايى ئادەتتىكىدەك بىر ئايالدا گۈزەللىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسى بولسا، ئۆزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ بارسا، ئۇ ئوخشاشلا گۈزەل جەلىپكار ئايال بولالايدۇ.
2. ئاق كۆڭۈللۈك----- ئاياللارنىڭ جەلىپكارلىقى ئۇنىڭ روھى دۇنياسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر گۈزەل چىرايغا ياخشى مىجەز- خۇلق، ئاق كۆڭۈللۈك قوشۇلسا ئۇ ئايال كىشىگە تېخىمۇ يېقىملىق، تېخىمۇ جەلىپكار بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى بويسۇندۇرالايدىغان ئەڭ زور جەلىپ قىلىش كۈچىمۇ دەل ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىدۇر. مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل ئاياللار ھەممىلا يەردە باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا، ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.
3. كەڭ قورساقلىق ---- بۇ بىر خىل ياخشى خىسلەت بولۇپ، كۆڭۈل- كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش، بەشى ئۇششاق ئىشلارغا، غەيۋەت- شىكايەتلەرگە پەرۋا قىلماسلىق، ئەپۇچان بولۇش قاتارلىقلارنى ئۈگىنىۋالغاندا ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى خوشال قىلغىلى، بەزىبىر كۆڭۈلسىزلىك، ئارازىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. كەڭ قورساق ئاياللارنى باشقىلار ھۆرمەت قىلىدۇ. كەڭ قورساق بولغاندا كۆڭۈل ئازادىلىكى بولىدۇ. كۆڭۈل ئازادىلىكى بولغاندىلا ئادەمنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، چىرايى نۇرلۇق كۆرۈنۈپ، جەلىپكارلىقىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قالالايدۇ.
4. ئاياللىق نازاكەت---- بۇ ئاياللارغا خاس گۈزەل خۇلقلارنىڭ بىرى. يېقىملىق، نازاكەتلىك ئاياللار چىرايى ئانچە گۈزەل بولمىسىمۇ ئوخشاشلا باشقىلارنى جەلىپ قىلالايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئايالنىڭ سالاپىتىگە نازاكەت قوشۇلسا، ئۇ تېخىمۇ جەلىپكار ئايال بولالايدۇ.
ئازراق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپلا ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس چاغلاپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئالدىرىغاندا ئاياللارغا خاس نازاكەت يوقىلىپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىش ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شوڭا ئاياللار بۇ جەھەتتە ئۆزىگە دىققەت قىلىشى، ئۆزىنى قەدىرلىشى، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
5. پاكلىق ----- بۇ ھەر بىر ئايالدا بولۇشقا تېگىشلىك بىر خىل ئېسىل پەزىلەت بولۇپ، گۈزەل ئەخلاق ۋە پاكلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ، ياخشى كۆرۈشىگە ۋە ھۆرمەت قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەخلاقلىق، پاك ئاياللارنىڭ كۆزىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى چاقناپ تۇرىدۇ.
6. ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ---- ئالاھىدىلىك، گۈزەللىكتۇر. بىر ئايال ئانچە چىرايلىق ياش بولمىسىمۇ ئۆزىدە باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە خاراكتېر ئالاھىدىلىكى يېتىلدۈرگەن بولسا، ئۇ باشقىلاردا يوق جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.
7. ئۆزىگە ئىشىنىش ---- ئۆزىگە ئىشەنچىسى كۈچلۈك ئاياللارنىڭ بېشىنى تىك تۇتۇپ، مەردانە قىياپەتتە مېڭىشلىرىمۇ كىشىدە بىر خىل زوقلىنىش قوزغايدۇ. ئاياللار ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئىشەنگەندە، ئۆز قەدىر - قىممىتىنى تونۇپ يەتكەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان، تەربىيە كۆرگەن، ئىقتىدارلىق ئاياللار ھەرقانداق جاي، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
دىمەك، چىرايىڭىزنىڭ گۈزەل ياكى ئادەتتىكىدەك بولۇشدىن قەتئىينەزەر، يۇقۇرىقى بىر قانچە تەرەپلەرنى ئۆزىڭىز يېتىلدۈرەلەيدىكەنسىز، سىز ئەڭ جەلىپكار ئايال ھېساپلىنىسىز.

<<ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﯩﺘﻰ>>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 15:04:43

ﻣﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻻﻣﺪﯨﻤﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ..............................

yolbax0998 يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 15:22:27

ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﻟﯩﭙﻜﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺗﻪﺱ ﺟﯘﻣﯘ    ﮬﻪﻱ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 20:02:22

ﺑﺎﮬﺎﺭ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﻗﯩﺰﻛﻪﻧﺪﻩ ..

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 20:46:40

ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻼﻟﺴﺎ ﻳﯩﺘﯩﺪﯗ

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 20:57:38

ﺑﺎﮬﺎﺭ ﺷﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ ﺋﻪﻓﯩﻔﯩﻲ .............. ؟

ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ............. ؟ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﮕﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺯﺍﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﺟﻪﻟﯩﭙﻜﺎﺭ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻢ ﻳﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺸﯩﯔ ﺋﯚﺯﯛﯕﺪﯨﻦ ... ﺩﻩﭘﺘﯘﻣﯩﺸﻜﻪﻥ ...................... ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ، ﮬﻪﺭ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ، ﮬﻮﺯﯗﺭﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩ ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ ........... ( ﺟﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﻤﯘ ﮬﻪ .......... )



--------------------------------------------
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﯩﻠﺴﻪ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﻤﯩﻘﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .............................................

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 21:43:38

ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ  ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.

ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪﭘﻤﯘ ﻳﻮﻕ.......
ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﭘﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ........
ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ <ﺋﻪﯓ> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ.........
ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯩﺴﭙﻪﺗﻪﻥ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ  <ﺋﻪﯓ> ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺋﺎﻳﺎﻝ (ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ)ﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻤﯘ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ........
ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﯗﻡ،ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻣﻪﻥ ﻳﺎ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﻡ

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2007-8-17 08:18:04

ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ .ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺩﻩﭘﺴﻪﻥ
بەت: [1]
: ئەڭ جەلىپكار ئايال بولۇشىڭىزدىكى يەتتە مەخپىيەت