zilwa يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 10:49:51

ﮬﯚﺳﯜﻥ ﺗﯜﺯﻩﺷﺘﯩﻜﻰ 5ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺕ

1. گىرىمنى تازىلىۋەتمەي ئۇخلاش. گىرىم قالدۇقلىرى تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋېلىپ، دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ. قىچىشىشنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ. شوڭا ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، ئەڭ ياخشىسى گىرىمنى تازىلىۋېتىش، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزىنى ئىلمان سۇدا يۇيىۋېتىپ، ئاندىن يېتىش كېرەك.
2. بەدەنگە ئىشلىتىدىغان سوپۇن بىلەن يۇيۇش. يۈزنىڭ تېرىسى ناھايىتى سەزگۈر بولغچقا، بەدەنگە ئىشلىتىلىدىغان سوپۇن بىلەن يۈزنى يۇسا، يۈزدىكى تەبىئىي ماينى چىقىرۋېتىشى مۈمكىن. شوڭا يۈزنى نېيتراللىق سوپۇن بىلەن يۇيۇپ، يېنىك ئۇرۇپ قۇرۇتۇش كېرەك.
3. پاسكىنا قول بىلەن گىرىم قىلىش، گىرىمنى سۈرتىۋېتىش ۋە يۈز يۇيۇش. پاسكىنا قول باكتىرىيە تارقىتىدۇ ھەمدە پەرداز بويۇملىرىنى بۇلغاپ، ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. شوڭا، گىرىم قىلىشتىن ئاۋال بۇلۇت، پاختا قاتارلىق نەسىلەر بىلەن قولنى پاكىز يۇيۇش لازىم. سىقماقلارغا قاچىلانغان گىرىم بويۇملىرى نىسبەتەن ياخشىراق. چۈنكى ئۇنىڭدا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. گىرىم بويۇملىرىنى، بولۇپمۇ كىرپىك مەلھىمىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
4. دانىخورەك ۋە ياشلىق چېچىكىنى قول بىلەن سىقىش. بۇ خخل ئادەت ناھايىتى ئاسان يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تاتۇق ئىزلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا ياشلىق چېچىكىنىڭ يۈزدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، ھەتتا يۈزنى قاتتىقراق سۈرتسىمۇ دانىخورەك چىقىدىغان قىلىپ قويىدۇ. شوڭا، ئەڭ ياخشىسى يۈزنى ماي سۈمۈرىدىغان قەغەز بىلەن ئېرتىش لازىم. كۆزەينەكنىڭ يۈزگە تېگىپ تۇرىدىغان يېرىنى ئىسپىرت بىلەن پاكىز سۈرتۈپ تۇرۇش، دانىخورەك ۋە ياشلىق چېچىكىنى دورا ئارقىلىق داۋالاش لازىم.
5. سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن گىرىم بويۇملىرىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماسلىق. گىرىم بويۇملىرىنىڭمۇ يېمەكلىكلەرگە ئوخشاشلا ئىشلىتىش ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ. ناۋادا بۇلغىنىپ قالسا، ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ. شوڭا، گىرىم بويۇملىرىنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ كىرپىك مەلھىمى بىلەن كۆزگە ئىشلىتىدىغان سۇيۇق گىرىملەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇپا ھەم سۇيۇق ھالەتتىكى بويۇملارنىمۇ يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. لەۋ گىرىمىنى بىرەر يىل ئىشلەتكەندىن كىيىن رەڭگى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇپا ۋە تاش ئۇپىنى نىسبەتەن ئۇزۇنراق ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەمما پۇرىقى ۋە رەڭگى ئۆزگىرىپ قالسا، دەرھال تاشلىۋېتىش، قايتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

<<ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﯩﺘﻰ>> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ

karikat يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 22:28:35

ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﯜﺯﻧﻰ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﺩﺍ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﺳﺘﯩﻠﯩﻜﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺸﻰ( ﻳﯜﺯ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﯟﯨﺘﯩﺸﻰ ) ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻗﯩﺶ -ﻳﺎﺯ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘﺩﺍ ﻳﯘﻳﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.

nankipi يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 22:55:27

ﺋﯩﯟﯗ ﺩﺍﻧﺨﻮﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﻤﯩﺰ؟

dilnur555555 يوللانغان ۋاقتى 2007-9-8 11:02:46


ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﯜﺯ ﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭ ﺗﻮﺷﯘﻛﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯘﻣﻠﯘﻙ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟

Aytel يوللانغان ۋاقتى 2007-9-29 18:04:01

ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ.

nadira510 يوللانغان ۋاقتى 2007-10-26 13:03:25

ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻣﯘﺯ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﺗﯚﺷﯜﻛﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺳﯘﺭﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯗ .

yigana508 يوللانغان ۋاقتى 2007-11-21 18:41:41

ﻳﯜﺯ ﻳﯘﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭ ،ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻳﯜﺯﻧﻰ ﮬﯚﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﺵ ، ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻣﻪﻟﮭﯩﻤﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﯞﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﺵ، ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻳﯘﺯ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ  ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ .

MaHiBaR يوللانغان ۋاقتى 2008-10-11 14:56:30

ئەگەر يۈزىڭزنى تېخىمۇ سۈزۈك ھەم پارقىراق قىلىمەن دىسىڭىز ھەر كۈنى چىش پاستىسىنى سۈرۈپ قۇرغاندىن كىين سوغۇق سۇدا يۇيۇۋېتىڭ ياكى يۈز يۇيدىغان سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋېتىڭ ،دانىخورەكنى يوقاتماقچى بولسىڭىز لازا ،ئاچچىقسۇدىن يۇيراق تۇرۇڭ،يۇزىڭىزگە مايسىزراق يۇز يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىڭ يەنىمۇ كۆپ ئىدى ئەمما ............جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى كەچۇرۇڭلار!

بەت: [1]
: ﮬﯚﺳﯜﻥ ﺗﯜﺯﻩﺷﺘﯩﻜﻰ 5ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺕ