mamtak يوللانغان ۋاقتى 2007-8-13 11:07:42

خەلق قەلبىدىكى مۇنار يىقىلماستۇر

خەلق قەلبىدىكى  مۇنار  يىقىلماستۇر
  
خالىدە ئىسرائىل

  بۇلتۇر كۈز ئايلىرىدا، لەرزان ئۇچۇپ چۈشىۋاتقان ئالتۇن رەڭ ياپراقلار زىمىننى قاپلاشقا باشلىغان كۈنلەردە  ئاتاقلىق ئەدەبى تەرجىمان،تىلشۇناس تۇرسۇنئاي ساقىمدىن ئايرىلغان ئىدۇق،ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتمەي، قەلبىمىزدىكى مۇسىبەت قايغۇسى تېخى يوقالماي تۇرۇپ ئاتاقلىق شائىرە تۇرسۇنئاي ھۈسەيىندىن جۇدا بولدۇق. ئۇلار ئىككىلىسىلا ئەدەبىياتىمىز كۆكىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان يورۇق يۇلتۇز ئىدى، ئۇلار تېخى ھاياتىنىڭ  ئالتۇن كۈز پەسلىدە-  ئىجادى  ماھارەت ۋە  ئەقىل- پاراسەتتە پىشىپ ۋايىغا يەتكەن ، قەلىمىدىن شىرىن- شەربەت مىۋىلەر  تۆكۈلىۋاتقان پەيتىدە تۇرىۋاتاتتى. نە چارە، رەھمىسىز كېسەللىك ئۇلارنى ئارىمىزدىن بەك بالدۇر ئېلىپ كەتتى. جان-جىگەرلەر، قەلەمكەش دوست- يارەنلەر، ئۇلارنى چۈشىنىدىغان، قەدىرلەيدىغان ئوقۇرمەنلەر           ئېيتىپ   تۈگەتكۈسىز قايغۇ-ھەسرەت ،ئارماندا قالدى. ئەدەبىيات بېغىمىزدا كۆڭۈلنى غەش ، يۈرەكنى پارە قىلىدىغان  ئورنىنى تولدۇرغۇسىز بوشلۇق مانا مەن دەپ كۆزگە  تاشلىنىپ قالدى
«چالىقۇشى»، «مەمەتئاۋاق»، «جۇۋىلىق خانىم»، «ئۇيقىسىز كېچىلەر»، «سۇسىز ياز»، «ئۆكسۈش» قاتارلىق ررومان-پوۋېستلارنى، «قۇتادغۇ بىلىگ»نى، ئۇنىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسىغا يېزىلغان  زور ھەجىملىك ئۈچ خىل كىرىش سۆزىنى، «قارا خانىلار دۆلەت تەشكىلاتى»، «11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئومۇمى  ئەھۋالى»، ئىككى قىسىملىق «ھون ئىمپىراتۇرلىقى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تۈركچىدىن ئويغۇر تىلىغا  تەرجىمە قىلىپ، بىزگە تۈركىيە ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرغان، گۈزەل، ھىسياتقا باي  تىلى بىلەن بىزگە ئانا تىلىمىزنىڭ نەقەدەر پاساھەتلىك ۋە بايلىقىنى ھىس قىلدۇرغان، شىنجاڭنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» تەتقىقاتى ۋە مىللەت تارىخى  تەتقىقاتى ئىشلىرىغا كۆرىنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان تۇرسۇنئاي ساقىم ھەدىمىز ھايات بولغان بولسا، بۇلتۇر نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈركىيىلىك يازغۇچى ئۇرخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى يەنە شۇنداق گۈزەل، شىرىن تىلدا ئويغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولسا-ھە...
بارلىقىنى ئەدەبىيات ئىشلىرى جۈملىدىن شېئىرغا بېغىشلاپ، شىئېرنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان، ئاياللارغا خاس نازۇك ھىسياتى، ساپ، سەمىمى قەلبى ۋە  بەدىئى ماھارىتى بىلەن ئۆزگىچە بەدىئي دۇنياسىنى يارىتىپ،شېئرىيىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، «گۈلنىھال»، «توققۇز پارچە سۈرەت» قاتارلىق سەككىز داستان، مىڭدىن  ئارتۇق شېئىر، كۆپلىگەن بالىلار ھىكايە-پوۋېستلىرىنى يازغان تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن ھەدىمىز يەنىلا ئايال قەلەمكەشلەر سېپىنىڭ ئالدىدا بىزنى ئىجادىيەتنىڭ يېڭى پەللىسىگە باشلاپ ماڭغان بولسا...
ئۇلار ئارىمىزدا يۈرگەندە ئۇلارنىڭ  قەدرىگە دىگەندەك يېتەلمىدۇق، ھەممىمىز ئۆز غېمىمىز، ھەلەكچىلىكىمىز بىلەنلا بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى چۈشىنىپ كېتەلمىدۇق، ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنالمىدۇق، ئۇلاردىن جۇدا بولۇپ يوقىتىشنىڭ رەھمىسىزلىكىنى، ئۇلار قالدۇرغان تولدۇرغۇسىز بوشلۇقنى، قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلاالمىغىنىمىزنى ھېس قىلغىنىمىزدا بولسا ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدۇق. لىكىن، ئويغىنىشنىڭ بولمىغىنىدىن كىچىكىپ بولسىمۇ بولغىنى ياخشى. ئۇ ھاياتلارغا ھاياتلارنىڭ ھەم بىر-بىرىنىڭ قەدرىگە يېتىشنى ،ئەقىللىقراق بولۇشنى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئۈگىتىدۇ.
تۇرسۇنئاي ساقىم بىلەن تۇرسۇنئاي ھۆسىيىن يۇقۇرى ئەمەل-مەرتىۋىلەردە بولغان ئەمەس، باي-دۆلەتمەنلەردىنمۇ  ئەمەس. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زامانىۋى ئاڭ-سەۋىيىسىگە، ئەقىل-پاراسىتىگە، ئىجادچانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىلىملىك، نەزەر-دائىرىسى كەڭ، پىكرى ئۆتكۈر باشلامچىلاردىن ئىدى. ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ ھايات يولى  ئۇنچە راۋان بولمىدى، ئۇلار قەدەمدە بىر پىشكەللىك، ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە يولۇقتى. ئەمما ئۇلار قەيسەرلىك بىلەن كۈلۈپ ياشىدى، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە قەلەمنى قولىدىن چۈشۈرمىدى، تەپەككۇر قىلدى، باشقىلارنىڭ، مىللەتنىڭ غېمىنى يىدى...
2001-يىلى خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنىغا بىز تۇرسۇنئاي ساقىم ھەدىمىز بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان ئىدۇق. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قەيەرگىلا بارساق، ئۇنى بىر توپ ياش ھەۋەسكار ئورىۋالاتتى. «چالىقۇشى»، «مەمەت ئاۋاق»نى نەقەدەر  ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ، ھەدىمىزگە رەخمەت ئېيتىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدا سۆزلەپ بېرىشىچە، بىر قېتىم ئۇ غۇلجىنىڭ چەت بىر جايىغا تۇققان يوقلاپ بارغاندا، ئۇنى بىر نەچچە ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارى يوقلاپ كەپتۇ. ئۇلاردىن بىرى «ئاشۇنداق چىرايلىق، نەپىس گەپلەرنى نەدىنمۇ تاپقانسىز ھەدە ؟» دەپ ئۆزىنىڭ قايىللىقىنى ئىپادىلەپتۇ. «مەن نەدىنمۇ تاپاتتىم، ئەسەردە بار نەرسىلەرنى ئەينەن تەرجىمە قىلدىم شۇ» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ تۇرسۇنئاي ھەدىمىز. ئەمەلىيەت نەدىمۇ ئۇنداق ئاددى بولسۇن، دۇنياۋى ئەسەرلەرنى ئۆز پۇرىقى، رەڭدارلىقى، ھىسياتى، مەزمۇن ۋە بەدىئى يۈكسەكلىكى بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىپ، باشقا بىر مىللەت كىشىلىرىنى تەسىرلەندۈرۈش-ھەر ئىككى تىلدا كامالەتكە يەتكەن، ئەدەبىيات جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى يېتەرلىك  بولغان ئىجتىھاتلىق  ئەدەبى تەرجىمانلارنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش.
تۇرسۇنئاي ساقىم ھەدە ئەنە شۇنداق  ئاز تېپىلىدىغان  ئىجتىھاتلىق ئەدەبى تەرجىمان ھەم تىلشۇناس ئىدى. ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ قالغان كۈنلەردە ئۇنى دوختۇرخانىغا يوقلاپ باردۇق. ئۇ ھەر دەقىقە گېلىنى بوغۇپ تۇرغان كېسەل ئازابىنى يېڭىپ بىز بىلەن خوشال-خۇرام پاراڭلاشتى، ئۆز دەردىنى ئۇنتۇپ، بىزگە  غەيرەتلك بولۇش،  قەيسەرلىك  بىلەن ياشاش توغرىسىدا قىممەتلىك گەپلەنى قىلدى.
تۇرسۇنئاي ھۆسىيىن ھەدىمىز ئېسىل شېئىر- ھىكايىلىرى بىلەنلا ئەمەس، ئاقكۆڭۈل، كەمتەر، چىقىشقاقلىقى، كەڭ قورساقلىقى بىلەنمۇ كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئەتراپىمىزدا خېلى كۆپ ئۇچرايدىغان قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق، ھە دىسە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە يۈگرەيدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇ ھەقىقىتەنمۇ بىر پەزىلەت ئىگىسى ئىدى. ئۇ ھاياتىدا ھەقىقى شائىرغا خاس چوڭقۇر مۇھەببەت، چوڭقۇر ھېسىداشلىق ۋە ئۆزگىچە تەپەككۇرى بىلەن ھاياتنى، ئانىلارنى، پاك سۆيگۈنى، ساپ-ساددا سەھرا قىزلىرىنى ۋە سەھرا مەنزىرىلىرىنى كۈيلىدى. شېئىرلىرىدىن ئۇنىڭ  مىجەز-خۇلقى، ھىسياتى، ھايات ھەققىدىكى ئوي-پىكىرلىرى ،كېسەللىك ۋە تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلار بىلەن ئېلىشىشلىرى  ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
بۇلتۇر، قۇربان ھېيىتنىڭ ئاخىرقى كۈنى، ئەتتىگەندە تېلىفۇن جىرىڭلاپ قالدى. تېلىفۇندىن خېلىدىن بېرى دىدارلىشالمىغان تۇرسۇنئاي ھەدىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قەلبىم شاتلىققا تولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئۆيىدە(گېزىتخانىدا) تۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۆيۈمگە پەتىلەپ كىرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. شۇ كۈنى تۇرسۇنئاي ھەدەم ۋە بىر قىسىم قەلەمكەش ئاياللار جەم بولۇپ خۇشال-خۇرام پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتۇق. تۇرسۇنئاي ھەدىمىزنىڭ ساقىيىپ، تېتىكلىشىپ قالغانلىقى ھەممىمىزنى خۇرسەن قىلدى، ئۇنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ سۈرەتلەرگە چۈشتۇق. بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئاخىرقى سۈرەت بولۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان؟..
ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئارقىسىدىن جىمجىتلا كېتىپ قېلىشتى. ئۇلار قالدۇرغان بوشلۇق بىزگە ھەر قانداق مىللەت ئىچىدە مۇنداق تالانت ئىگىلىرىنىڭ ھەر يىلى، ھەر كۈنى كۆپلەپ بارلىققا   كېلىۋەرمەيدىغانلىقىنى، ئۆز تالانتلىق كىشىلىرىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىشىمىز كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردى .
شۇنداق،ئۇلار مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىپ ئىجادىي، ئىلمىي ھاياتىنى تەتقىق قىلىشقا، تون كەيدۈرۈشكە ئەرزىيدىغان ئەدىپلەر ھەم  ئانىلار ئىدى. گەرچە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، قەدىرىنى بىلىدىغان كىشىلەر قەلبىدە  ئۇلارنىڭ ئورنى ئىنتايىن يۈكسەكتۇر .ئەنە قاراڭ، تۇرسۇنئاي ساقىمنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن  ھاسىل بولغان يۈكسەك بىر مۇنار كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. تۇرسۇنئاي ھۆسىيىننىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكىنى بولسا شېئىرىي ئىجادىيىتىدىن ھاسىل بولغان بىر تۈپ باراقسان دەرەخ، ئۇنىڭ شاخلىرىدا ۋالىلداپ تۇرغىنى ھەقىقى شائىرغا، مىھرىبان ئانىغا خاس ئالماس تۇيغۇلار...
ئۇلارنىڭ نامى خەلق قەلبىدىن ئۆچمەيدۇ.

          2007-يىل، مارت


ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 07:32:44

ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﯖﻼﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ....................................................
\"ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﺎﯞﺍﻕ\" \"ﺋﯚﻛﺴﯜﺵ \" \"ﺳﯘﺳﯩﺰ ﻳﺎﺯ \" ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﮬﻪ !

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2007-8-14 12:06:49

ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ......ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ .

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2007-8-13 13:34:01

ﯞﺍﻱ ﺧﯘﺩﺍ ، ﻣﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺌ.ﺍﻱ ﺳﺎﻗﯩﻢ ﮬﻪﺩﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺘﺘﯩﻢ ... ﭼﺎﻟﯩﻘﯘﺷﻰ ، ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﺎﯞﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﻭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ...

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2007-8-13 13:34:40

ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﺎﻟﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻞ ﮬﻪﺩﯨﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﻠﻰ ... ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻤﯘ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻛﻼ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ ... ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﻤﻪﻥ ... !!!

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2007-8-13 13:35:02

ﺋﯩﺰﻻﺭ ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ..........

President يوللانغان ۋاقتى 2007-8-13 17:58:18

ﺩﯗﺭﯗﺱ.،...

yolbax0998 يوللانغان ۋاقتى 2007-8-13 18:48:43

ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2007-8-15 11:08:44

ﺋﺎﻣﯩﻦ!

ugan يوللانغان ۋاقتى 2007-12-30 17:59:57

ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﺯ ﺗﻪﮔﺪﯨﻤﯘ
بەت: [1]
: خەلق قەلبىدىكى مۇنار يىقىلماستۇر