mamtak يوللانغان ۋاقتى 2007-8-9 09:16:52

ھېكايىچىلىقىمىزدىكى قاتماللىق

ھېكايىچىلىقىمىزدىكى قاتماللىق
قاھار نىياز
        ھېكايە بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئىخچام ۋە ئەركىن ژانىرى. يازغۇچىنىڭ ماھارىتى يۇقىرى بولسا، بۇ ژانىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرمۇشنىڭ ھەرقانداق بىر تەرىپىنى بەدىئىي يول بىلەن ئەپچىل، قىزىقارلىق ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ. دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەشھۇر ئەدىبلەر ھېكايىچىلىق بىلەن تونۇلغان. ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە دەۋرلەردە ھېكايىگە بولغان چۈشەنچە ۋە تەلەپمۇ ئوخشاش بولماي كەلدى. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەدەبىياتخۇمارلار ھېكايىدىن كۆڭۈل ئۈزمىدى. شۇڭىمۇ بۇ ژانىر بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەللىشىپ، دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىگە مىسىلسىز تۆھپە قوشتى ۋە قوشماقتا.
        ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ ھېكايىچىلىق ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە تېز تەرەققىي قىلدى، ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىدىغان بىر تۈركۈم يازغۇچىلار مەيدانغا كېلىپ، مىللىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان تېمىلاردا ئاكتىپ قەلەم تەۋرەتتى. نەتىجىدە ئوخشىمىغان تېما ۋە ئۇسلۇبتىكى ياخشى ھېكايىلەر تۈركۈملەپ مەيدانغا چىقىپ، مەنىۋى تەشنالىقىمىزنى قاندۇردى ۋە قاندۇرماقتا. بۇ جەرياندا ھېكايە ژانىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ، جۈملىدىن ھېكايە ژانىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىمۇ داۋاملىق مۇكەممەللەشتى ۋە چوڭقۇرلاشتى. 80-يىللاردا ياخشى ھېكايە دەپ قارالغان ھېكايىلەرنى ھازىر ئوقۇپ باقساق، خېلىلا ئاددىيلىقىنى ھېس قىلىماقتىمىز. شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، بازار ئىگىلىكى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ زىيادە تەكىتلىنىشى سەۋەبلىك، يېقىنقى يىللاردا ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا ئوخشاشلا ھېكايىچىلىقىمىزدىمۇ بىر خىل قاتماللىق، تۇرغۇنلۇق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى. ھازىرقى ھېكايىچىلىقىمىزدا ئالاھىدە ياخشى ياكى بىر قەدەر ياخشى ھېكايىلەر خىلىلا كەم. ئىجادىيەتتە تەنقىدىي رىئالىزىملىق ئىجادىيەت قارىشى يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. كۆپ خىللىق، رەڭدارلىق، چوڭقۇرلۇقتىن ئېغىز ئېچىش تەس. قىسقىسى، ھازىرقى ھېكايىچىلىقىمىزدا تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار قاتماللىقلار مەۋجۇت.
        1. مەزمۇن ئاددى، تەپەككۇر تېيىز. يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ تېيىز ، ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش روھىنىڭ كەم بولۇشى، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن زېھنىنى ئىجادىيەتكە تولۇق مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، چوڭقۇر ئىزدەنمەيلا قولىغا قەلەم ئېلىش... قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھېكايىچىلىقىمىزدا مەزمۇن ئاددى ۋە بىر خىللا بولۇش، ھادىسىۋى مەسىلىلەر ئۈستىدىلا چەكلىنىپ قېلىپ، ماھىيەتكە ئىچكىرىلەپ كېرەلمەسلىك ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. بۇ يەردىكى ئاددىيلىق ئاپتۇرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەلۇم ناچار ئىش-ھادىسىلەرنى تەنقىدلەش ياكى نەسىھەت خاراكتىرلىك شۇئارنى «ھېكايە» قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. تېيىزلىق −خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىكى ماھىيەتلىك تۈپ زىددىيەتلەرنى، ئۆزگىچە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، پسىخىكىسى ۋە ياشاش ئۇسۇلىنى، ئېرىشىۋاتقان ۋە يوقىتىپ قويىۋاتقان نەرسىلىرىنى، يوشۇرۇن ئېڭىنى چوڭقۇر قېزىپ بېرەلمەسلىك ۋە ئۇنىڭغا دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرالماسلىقتا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ھېكايىچىلىقىمىزدا سىياسى، قانۇن-تۈزۈم، ئەخلاق ۋە مائارىپ ساھەلىرى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان، ھەممە ئادەمگە ئېنىق بولغان چەكلەش، چەكلىنىش تېمىسىدىكى نۇقۇل تەربىيىۋى مەزمۇننى ئاساس قىلغان ھېكايىلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ھېكايىنىڭ تەربىيىۋى رولىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. لېكىن ئۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئېستېتىك ئۈنۈم ئارقىلىق ئوقۇرمەننىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئىختىيارسىز تەسىر قىلىپ، ئۇنى مايىل قىلىش ئاساسىدا ئەمەلگە ئېىشىشى كېرەك. بولمىسا ھېكايە ھېكايىگە ئوخشىماي، شۇئار ياكى چاقىرىققا ئوخشاپ قالىدۇ.
        2. تېما دائىرىسىنىڭ تار ۋە تەكرارلىقى. تۇرمۇشىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنىگە رەڭدار ۋە كۆپ خىللىشىشىغا ئەگىشىپ، ئادەملىرىمىزنىڭ روھى دۇنياسى، تۇرمۇش ۋە ھايات ھەققىدىكى كۆز قاراش، ھېس-تۇيغۇلىرىمۇ مۇرەككەپلىشىپ بارماقتا. بۇ ئەلۋەتتە ھېكايىچىلىقىمىزنى تېخىمۇ مول تېمىلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. لېكىن بىز خۇددى يۇقىرىدىن مەمۇرىي ھۆججەت ئارقىلىق بېكىتىپ بەرگەندەك ھېكايە ئىجادىيىتىدە ساناقلىق بىر قانچە تېمىنىڭ سىرتىغا چىقالمايۋاتىمىز. يېزىشقا تېگىشلىك تالاي تېمىلار نەزىرىمىزنىڭ سىرتىدا قېلىۋاتىدۇ. ھېكايە ئىمكانىيەت دائىرىسى كەڭ ژانىر. ئۇنىڭدا تۇرمۇشنىڭ ھەرقانداق بىر تەرىپىنى خالىغان شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرۈش مۇمكىن. ئەدەبىيات نەزەرىيىسىدىكى ئۆلچەمگە ياكى ئىلگىرىكىلەرنىڭ قېلىپىغا سالىمەن دەپ قىينىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئاشۇ نەزەرىيە، ئۆلچەملەر ھېكايە ژانىرى پەيدا بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ھەم بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بەزىلەر «يازاي دېسەم تۈزۈك تېما تاپالمايۋاتىمەن» دەپ ۋايسايدۇ. بۇ بىر باھانە خالاس. سىز ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي تۇرمۇش تېما بىلەن تولۇپ ياتقان بولىدۇ. ھەر كۈنى ئەتراپىڭىزدا، ئۆز تۇرمۇشىڭىزدا تۈرلۈك ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. گەپ سىزنىڭ ئۇنى بايقاش- بايقىيالماسلىقىڭىزدا. مەخسۇس تېما، ۋەقەلىك ئىزدەپ بىر يەرلەرگە بېرىشنىڭ ھىچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق (پەقەت سىزنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىۋالغان بىرەر ئۇچۇرغا ئىگە بولمىغان بولسىڭىزلا). بەلكى ئۆزى ئەتراپىڭىزدىكى تۇرمۇشتىن يېزىلغان نەرسىلەر تېخىمۇ چىن، تېخىمۇ تەبئىي چىقىدۇ. باشقىلار يازغاننى ئوقۇپلا، مۇشۇنداق تېمىلاردا يازسام ئوبدان بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ يازسىڭىز، تېما، مەزمۇن تەكرارلىقىغا پېتىپ قالىسىز. ھازىر مۇشۇنداق قەلەم تەۋرىتىۋاتقان، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلار كۆپىيىپ قالدى. يازغۇچىدا باشقىلار يازمىغاننى يېزىپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روھ بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، مۇشۇ كۈنلەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان نەچچە يۈز پارچە ھېكايىنىڭ تېمىسىنى ئائىلە بۇزۇلۇشى توغرىسىدا، پارىخورلۇق، خۇشامەتچىلىك، يېزىلاردىكى ئارتۇقچە ئالۋاڭ- سېلىق توغرىسىدا... قاتارلىق بىر نەچچە مەزمۇنغىلا يغىنچاقلاش مۇمكىن. سان كۆپ، سۈپەت تۆۋەن، سيۇژىت، پىرسۇناژ بىر-بىرىدىن سەل-پەللا پەرقلىنىدۇ.
        ئەلۋەتتە، بەزى تېمىلار مەڭگۈلۈك تېمىلار بولۇپ تارىختىن بۇيان يېزىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇندىن كېيىنمۇ ھەم يېزىلىدۇ. لېكىن ئوخشاش تېمىنى يازغاندا ئۇنى باشقىلاردىن ئۆزگىچە ھەم تەسىرلىك يازالىسىڭىز بۇ باشقا گەپ، يازمىغان تۈزۈك.
        3. پىرسۇناژ ئوبرازىنى يارىتىشتىكى قېلىپبازلىق. ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدا ئادەم تۇرىدۇ. بۇ ئادەم ئومۇملۇققا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە خاسلىققىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ ئۆلۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئەدەبىياتتىن ئاز-تولا خەۋىرى بارلار بىلىدىغان ئەقەللىي ساۋات. ھازىر ھېكايىچىلىقىمىزدا تىپىك مۇھىت ئىچىدە تىپىك پىرسۇناژ ئوبرازىنى يارىتىشتىن ئىبارەت ئىجادىيەت پىرىنسىپى يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ پىرىنسىپنى ئۆلۈك ئۆزلەشتۈرۈۋالغان بىر قىسىم ئەدىبلىرىمىز ئۆز پىرسۇناژلىرىنى يەنىلا «ئىجابىي» ۋە «سەلبى»گە ئايرىشتىن تولۇق خالاس بولغىنى يوق. پىرسۇناژنى ئۆز ئىدىيىسىنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش، پىرسوناژنىڭ خاراكتىر مەنتىقىسىگە ھۆرمەت قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ نازۇك ئىچكى سادالىرىغا قۇلاق سالماسلىق، ياخشى ئادەمنى بەكلا ياخشى، ئەسكى ئادەمنى تامامەن ئەسكى قىلىپ تەسۋىرلەش خاھىشى بىر قەدەر ئېغىر. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ھېكايىلىرىمىزدا قان ۋە گۆش بار، ياخشى يامان تەرىپى تەڭلا مەۋجۇت، ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان، قەلبىمىزدە ماھىيەتلىك زىلزىلە پەيدا قىلالايدىغان پىرسۇناژلار بەكلا ئاز. ھەتتا ئۆز پىرسۇناژلىرىغا ئۇدۇللا چۈشەندۈرۈش ۋە باھا بېرىش، پىرسۇناژنىڭ ئىنسانىي تەبىئىتى بىلەن ھېسابلاشماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. بۇ ئىنتايىن قاتمال ۋە ناچار يېزىقچىلىق ئىستىلى بولۇپ، ھېكايىنىڭ جېنى بولغان پىرسۇناژغا بۇنداق سەل قاراش ۋە ئىدىيە يۈكلەپ ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئاقىۋەتتە ھېكايىنىڭ قىممىتىنى نۆلگە تەڭ قىلىدۇ.
        4. سيۇژىت، قۇرۇلما ۋە تىلدىكى قاتماللىق. دۇنيا ھېكايىچىلىقىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق، ھېكايىچىلىقتىكى شەكىل ۋە ماھارەتنىڭ تولىمۇ كۆپ خىل ئىكەنلىكىنى، بىز بىلىدىغان ئاتالماش سيۇژىت ۋە قۇرۇلما نەزەرىيىلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ قېلىپلىشىپ قالغان نەرسە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز. دېمىسىمۇ بىز ئىدىيىنى ئىپادىلەشتە تاللىۋالغان ماتىرىياللىرىمىزنى مەيلى قانداقلا شەكىل قوللىنايلى، ئوقۇرمەنلەرگە تەسىرلىك بايان قىلىپ بېرەلىسەكلا بولىدۇ. ھېكايىمىزدە مۇكەممەل ۋەقەلىكنىڭ بولۇشى، سيۇژىتنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنىڭ چوقۇم تولۇق بولۇشى شەرت ئەمەس. سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇشىمۇ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس. ھەتتا قۇرۇلما جەھەتتە ماھارىتىمىز يەتسە، قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنالىساق، ۋاقىت، ئورۇن، پىرسۇناژ قاتارلىق تەرتىپنى خالىغانچە قوراشتۇرساق بولىۋېرىدۇ. مەقسەت پەقەت ھېكايىدە ئاخىرقى ھېسابتا يەتمەكچى بولغان ئىدىيىۋى ۋە ئېستېتىك مۇددىئاغا كۆڭۈلدىكىدەك يېتىش، خالاس. ئەپسۇس، ھازىرقى ھېكايىچىلىقىمىزغا قارايدىغان بولساق، كۆپ ساندىكى ھېكايە خۇددى بىر ئاپتۇرنىڭ قولىدىن چىققاندەك، ھېكايىنىڭ يېرىمىغا كەلگۈچە ئاخىرىدا نېمە سۆزلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغىلى بولىدۇ. شەكىل بىر خىل، جەلپ قىلارلىق ئەمەس. پەرەز قىلىۋالغىلى بولىدىغان بۆلەكلەر ئەتەي ئېزىپ ئىچۈرۈلۈپ سۆزلەنگەن. ھەتتا ھېكايە تىلىدا ئىشلتىلگەن تۈرلۈك ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرمۇ قېلىپلىشىپ قالغان. مەسىلەن، «سىياھدەك قاراڭغۇ»، «بېشىمغا بىر قاپاق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم»، «بۇلاقتەك كۆزلىرى...» دېگەندەك ئوخشتىشلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇ ئەلۋەتتە، بىر ئاپتۇرنىڭ پاتېنتى ئەمەس، كىم ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ، لېكىن بىز ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەنمىز، ئىمكان بار يېڭى ئوخشىتىشلارنى تېپىشقا تىرىشىشىمىز، تەپەككۇرىمىزنى ئەركىن قاناتلاندۇرۇپ، ئۆزىمىزگە خاس تىل ئۇسلۇبىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
                قىسقىسى، ھېكايىچىلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، يۇقىرىقىدەك قاتماللىقلاردىن ئىمكان بار ساقلىنىشقا تىرىشىشىمىز، ئۆزىمىزگە خاس ئىجادىي تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ھەر جەھەتتىن دادىل سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق، مۇرەككەپ بىر ئەقلىي ئەمگەك جەريانى ئىكەنلىكىنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشىنىپ يېتىشىمىز لازىم. شۇندىلا ھېكايە گۈلزارلىقىمىزدا كۆزىمىزنى قاماشتۇرغىدەك رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

"ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ" ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
ﺋﺎﭘﺘﯘﺭ "ﺗﺎﺭﯨﻢ "ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ

ArslanTekin يوللانغان ۋاقتى 2007-8-9 12:32:58

ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﯨﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ :<< ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺋﺎﭘﻜﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﻪﻟﯩﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ، ﻣﻪﻥ ﭘﯩﺮﻭﺯﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻤﻪﻥ ، ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ >> ﺩﯨﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ <<ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ >> ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ<< ﻗﺎﺭﭼﯩﻐﺎ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ>> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﭖ ، ﺑﯘﻧﻰ ﮬﯩﻜﺎﻳﻪ ﺩﯨﮕﯜﭼﻪ ، ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﻨﺎﻣﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﻛﻜﻪﻥ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ ،   ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﻩ << ﮬﯩﻜﺎﻳﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺭﺍﻣﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﺴﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺯﻭﻕ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ>> ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2007-8-9 12:54:56

ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘﺭ ﺟﯩﻤﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ،ﺍﺟﺎﻳﯩﭗ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2007-8-9 17:11:46

ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭ ، ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ...

borway يوللانغان ۋاقتى 2007-8-9 17:18:00

ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ... ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺘﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﯩﻠﻰ ...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2007-8-9 19:21:39

ﺷﯘﻧﻰ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ...ﻣﺎﯕﺎ ﻳﯩﯖﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺯﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ..ﺑﺎﺭﻟﯧﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ...

AK-47 يوللانغان ۋاقتى 2007-8-10 00:23:29

ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻳﯘﻗﺎﭘﻼ ﻛﻪﺗﺘﯩﻐﯘ ﺗﺎﯓ ؟! ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻗﯘﺳﺎﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ ،ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺷﯩﯟﯨﮕﻪ ﻗﺎﻟﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ.

kc-gh يوللانغان ۋاقتى 2007-8-26 09:00:00

ﻗﺎﮬﺎﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ :
ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ . ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ \" ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ \" ،\"ﺗﻮﭘﺎﺭﻩﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭ \" ، \" ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﻩﺕ \" ، \" ﮬﯧﻴﺖ \" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ، ﻗﻪﻟﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻮﻝ ﺗﻪﯞﺭﯨﺘﯩﭗ ، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﺑﺰﻭﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺗﯩﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻤﻪﻥ .ﻗﻪﻟﻪﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2007-8-29 12:50:32

ﻗﺎﮬﺎﺭ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺋﯚﻣﯩﺘﻠﯩﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ .

kc-gh يوللانغان ۋاقتى 2007-8-30 12:23:36

ﺩﯗﺭﯗﺳﺖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺴﯩﺰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﺎﯞﯗﺕ ( ﺋﯚﺯﮬﺎﻝ ) ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ، ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﺵ ﻛﻪﻟﻤﻪﯓ !
بەت: [1]
: ھېكايىچىلىقىمىزدىكى قاتماللىق