DELL يوللانغان ۋاقتى 2007-7-18 18:27:55

ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﺸﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩ

مەيلى كومپىيۇتېرنى كىمدىن ئېلىڭ ،تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىپ قويغىنىڭىزنىڭ زىيىنى يوق.
1.كومپىيۇتېرنى نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاڭ. ئادەتتە ئائىلىدە تورغا چىقىش ، ئادەتتىكى ئويۇنلارنى ئويناش،ياكى بولمىسا ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشقا ئىشلەتسىڭىز كۆرسىتىش كارتىسى توپلاشتۇرۇلغان داڭلىق ماركىلىق ئاساسىي تاختىنى تاللاپ سېتىۋېلىڭ.مەسىلەن :asus,gigabyte,دىگەندەك. كۆرسىتىش كارتىسى توپلاشتۇرۇلغان تاختىلار ئىچىدە ئىنتىل ئۆزەكلىك سۈپەتلىك تاختىلار مۇشۇ ئىككىسى . ھەر ئىككىلىسىنى مەن ئىشلىتىپ باققان .شەخسەن يېڭى سېتىۋالغان كومپىيۇتېرىمنىڭ ئاساسىي تاختىسىمۇ gigabyte نىڭ 945 تىپلىقى .مەن كومپىيۇتېرىمنىڭ مۇقىملىقى ۋە سۈرئىتىدىن ئىنتايىن رازى.ئىنتىلدىن باشقا ئۈزەكنى ئىشلەتكەن ئاساسىي تاختىلارنى ئالسىڭىز كۆرسىتىش كارتىسى توپلاشتۇرۇلغانلىرىنى تاللىماڭ.كىيىن پۇشمان قىلىپ قالىسىز.
كومپىيۇتېر بازىرىغا كىرىپ<< مەن كومپىيۇتېر سېتىۋالاتتىم>> دىسىڭىز ھەممە كومپىيۇتېر ساتقۇچىلارئۆزى ۋاكالەتچى بولغان ئاساسىي تاختىنىڭ ماركىسىنى داڭلايدۇ.ئۇلارنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ كەتمەڭ.كومپىيۇتېر سېتىۋالغاندا ئاساسىي تاختىنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم.
2.مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ يەنى cpu, كومپىيۇتېرنى ئائىلىدە ئىشلەتسىڭىز،كومپىيۇتېرغا ئالاھىدە تەلىۋىڭىز بولمىسا celeronتىپتىكى cpu نى تاللاڭ.بۇخىل cpuنىڭ توك سەرپىياتى تۆۋەن .باھاسىمۇ ئەرزان ،يېڭىدىن ئىشلىنىۋاتقان celeron تىپلىق cpuلارنىڭ سۈرئىتىمۇ ئادەمنى رازى قىلىدۇ.سەل ياخشىراقىنى سېتىۋالىمەن دىسىڭىز pentiom نىڭ ئەسلى قاپلىقىنى سېتىۋېلىڭ.مەسىلەن 631+ مىنىڭ تەۋسىيەم مۇشۇ.بۇنى سېتىۋالسىڭىز ئىچىدىن بىر شامالدۇرۇغۇچ چىقىدۇ.ئەگەر كومپىيۇتېر ساتقۇچى <<ۋاي بۇنداق شامالدۇرۇغۇچ ياخشى ئەمەس ،مەن ساڭا ياخشىسىنى سەپلەپ بىرىمەن>> دەپ قالسا ئالدى -كەينىڭىزگە قارىماي ئۇ دۇككاندىن كىتىڭ.(pentiom نى سېتىۋالسىڭىز چوقۇم قاپلىقىنى سېتىۋېلىڭ).ئەگەر celeron بولسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىسىڭىز چاستوتىسى 512 بولغان 3.06نى تاللاڭ.ھاجىتىڭىزدىن چاتاق يوق چىقالايدۇ.
3.ئىكراننى تاللىغاندا سۇيۇق كىرىستاللىق ئىكراننى تاللىسىڭىز توك سەرپىياتى تۆۋەن ، كۆزگە بولغان زىيىنى تۆۋەن بولىدۇ.ئەمما دىققەت قىلماي ئىكراننىڭ يۈزىگە بىر نەرسە قاتتىق تىگىپ كەتسە بۇنى ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ. بۇنىڭ داڭلىق ماركىلىقى 三星.باشقا ماركىلاردىن 优派،冠捷،飞利浦،asus قاتارلىقلارمۇ 三星دىن قېلىشمايدۇ.
4.قاتتق دىسكا. ھازىر بازاردا كەڭرى سېتىلىۋاتقان قاتتىق دىسكىلار ئىچىدە 希捷 بىلەن 西部数据لەر بار .بۇنىڭ ئىچىدە 西部数据نىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ئىشەنچىلىك .希捷 نىڭ ساختىللىرى بەك كۆپ ،ساختىللىرىنىڭ سۈپىتى بەك ناچار.ئەسلى زاۋۇتتا ياسالمىغىنىنى سېتىۋالسىڭىز زىيان تارتىپ قالىسىز. ھەر ئىككىلا قاتتىق دىسكىنىڭ ئەسلى زاۋۇتتىن كىلىدىغىنىنىڭ sn نۇمۇرى بار ، شۇنى زاۋۇتنىڭ تور بېتىگە چىقىپ تەكشۈرسىڭىز ساختا ياكى ئەسلى زاۋۇتنىڭ مېلى ئىكەنلىكىنى ئايرىپ بىرىدۇ.希捷 ماركىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ تور بېتى :
http://support.seagate.com/customer/warranty_validation.jsp قاتتىق دىسكىنىڭ sataئېغىزلىقىنى تاللاڭ.
5.ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ 金士顿 ماركىلىقتىن باشقىسىنىڭ ساختىسى بارلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن .مىنىڭ سېتىۋالغىنىم 黑金刚، ئادەتتىكى ئىچكى ساقلىغۇچتىن يىگىرمە يۈەن ئەتراپىدا قىممەت.
6.توك مەنبەسى بىلەن كومپىيۇتېر قېپى .بۇ ئىككىسىنى تاللىغاندا بەك دىققەت قىلىڭ.توك مەنبەسى سۈپەتلىك بولمىسا كومپىيۇتېردىن ئاۋاز چىقىۋالغاندىن باشقا يەنە كومپىيۇتېرنىڭ مۇقىملىقىغىمۇ تەسىرى بولىدۇ.كومپىيۇتېر ساندۇقىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىسا ئاساسىي تاختىدىن چىققان زەرەتنى ياخشى قويۇپ بىرەلمەي ،ئىسسىقلىقنى تارقىتالماي ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە كومپىيۇتېرنىڭ قېتىۋېلىشىنى ياكى تۇرۇپ-تۇرۇپ قايتا قوزغىلىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.توك مەنبەسىنى تاللىغاندا ئاۋازى تۆۋەن ،شامالدۇرۇغۇچى يوغاننى تاللاڭ.مىنىڭ تەۋسىيەم 航嘉. كومپىيۇتېر قېپىنىڭ سىرىتقى شەكلى كۆركەم.چوڭ سۈپەت،چىدامچانلىقى يۇقىرى ،زەرەت قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى ياخشىللىرىنى تاللاڭ.
7.مائۇس بىلەن كونۇپكا تاختىسىنى تاللىغاندا بەك ئەرزاننى ئالماڭ.كونۇپكا تاختىسىدا بىردەم خەت ئۇرۇپ بېقىپ كونۇپكىلار يۇمشاق بېسىلمىساياكى قادىلىۋالسا،بېسىلىپ قېلىپ چىقماي تۇرىۋالسا باشقىسىغا ئالماشتۇرۇڭ.ئاندىن يەنە كومپىيۇتېرغا ئۇلىنىدىغان سىمنىڭ پۇختىلىقىغا دىققەت قىلىڭ.بەك ئىنچىكە ،جانسىز بولۇپ قالسا تاللىماڭ.
8. كومپىيۇتېر بازىرىدا <<قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتىدىغان >> ئەھۋاللار بەك كۆپ .ياكى سىزنىڭ قاتتىق دىتاللارنى پىشىشىق بىلمەسلىكىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئىنتايىن سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنىمۇ ئۇنداق ياخشى ،مۇنداق ئىلغار دەپ كۆزىڭىزنى غەلەت قىلىدۇ. ياكى بولمىسا سىزگە سۈپەتلىك مەھسۇلاتنى كۆرسىتىپ سەپلىگەندە باشقىسىنى سەپلەيدۇ.(خەنزۇلار بۇ ئىشقا بەك ئۇستا.بەزى ھارامزادە ئۇيغۇرلارمۇ بوش ئەمەس)
9.سودا قىلغاندا كومپىيۇتېر پۈتۈپ چىققان باھادىن ئۈچ يۈز يۈەن كەينىگە دەسسەپ سوراپ چىرايلىق گەپلەر بىلەن سودىلىشىپ ساتقۇچىنى مايىل قىلىڭ .قانچە تۆۋەن ئالالىسىڭىز شۇنچە ياخشى .بىر كومپىيۇتېرنى ساتقان ئادەم كەم دىگەندە بىرەر يۈز كوي پايدا ئالالمىسا بۇ سودىنى قىلمايدۇ.ئۇنچىلىك پايدا بەرمىسىڭىزمۇ سەت تۇرىدۇ.
10.كومپىيۇتېر بازىرىغا ئەتتىگەندە بېرىپ سودىنى سەھەردە قىلىڭ .بۇنداق سودا ئاساسەن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىدۇ.(پۇلنى يانچۇقىڭىزنىڭ مەھكەم يېرىگە سېلىپ بېرىڭ.بولمىسا كومپىيۇتېرنى سىز ئەمەس يانچۇقچى سېتىۋالىدۇ)
ۋاي ۋۇي ...... بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىممۇ نىمە.......كاشكى كومپىيۇتېر ئېلىشىپ بەرسەم مىنى مىھمان قىلىدىغاندەك.........

ﺑﯘ ﺗﯧﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯜﭖ!

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2007-7-18 18:46:51

ﻣﻪﻥ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﯩﻨﻰ ﻛﯩﺮﯨﺴﺘﺎﻝ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺍﻱ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭ؟
17 ﺳﯘﯕﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﯘﻻﺭ؟

ahkar يوللانغان ۋاقتى 2007-7-18 19:01:50

ﻣﯖﺠﻰ ﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺴﺘﺎﻝ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺧﯩﻠﻰ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ..

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2007-7-18 19:37:52

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ

zalim1982 يوللانغان ۋاقتى 2007-7-18 20:15:05

DELL يوللانغان ۋاقتى 2007-7-18 20:24:00

ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﻰ keqkuz ﻛﻪﻧﺪﻩ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﻮﻧﯘﯞﺍﻟﺪﯨﻢ.

sarang491 يوللانغان ۋاقتى 2007-7-18 20:44:55

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ pentium631 ﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ pentium E2140ﻳﺎﻛﻰ 2160ﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2007-7-19 08:24:43

ﺭﮬﻤﻪﺕ، ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯧﻤﺎ...............

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2007-7-19 12:12:35

ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ AMDﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺴﯩﺰ؟

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2007-7-19 12:57:51

AMD ﻧﯩﯔ ﺗﻮﻙ ﺳﻪﺭﭘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ .ﮬﻪﻡ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺗﯩﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺭﻟﯩﺘﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺸﻨﯩﯔ  ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺋﯩﺴﺴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﭘﯧﻨﺘﯩﻴﻮﻡ ﺋﯩﺪﻯ .ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﻪﻳﻴﺎﯕﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺪﯨﻢ .ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﻮﻕ .ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺗﻮﻙ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﻩﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2007-7-19 17:39:22

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2007-7-25 19:40:27

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ.

@MUSIC@ يوللانغان ۋاقتى 2007-10-1 12:24:03

ﻣﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ  ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯩﺮ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ  ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﺭﻛﯩﺪﯨﻜﻰ  ﺩﯨﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﯧﭻ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﭽﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺩﯨﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻪﭘﻠﯩﺴﻪﻡ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻻﻻﻳﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻧﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯘﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺑﯘﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ  CPU:entel 2.93  ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﺎﺧﺘﺎentel 915 ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ati  256  ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﺎ   160g  (ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﻣﻪﻥ)  ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭺ  1g (ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ) ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 6000ﻳﯘﻩﻥ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ESPI 1010 ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺑﯘﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻱ ﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﺩﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ

yultuz01 يوللانغان ۋاقتى 2007-10-16 22:18:46

ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯩﻤﺎ ﺑﻮﭘﺘﯘ،ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯩﺮ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﺮﺍﻕ ﻛﯚﺭﺳﻪﻣﭽﯘ ﻛﺎﺷﻜﻰ.
بەت: [1]
: ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﺸﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ 1