xohxoh يوللانغان ۋاقتى 2007-7-7 12:34:42

(ﺷﻮﺥ ﺷﻮﺥ) ﻗﻪﺩﺩﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺗﯘﯓ...

دوستۇم قەددىڭىزنى تىك تۇتالىدىڭىزمۇ؟
ئوسمان زاھىر



تۇرمۇشتا بىزگە دائىم چېلىقىپ تۇرىدىغان بەزى كارتىنىلاردىن روھىي قۇللۇقتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەتراپىمىزدا ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى، ھەتتا بەزىدە ئۆزىمىزنىڭمۇ بىلىپ-بىلمەي روھىي قۇللۇقنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، بىزنىڭ قارشى تەرەپنىڭ نوپۇزى، ئىقتىدارىنى ئارتۇقچە مۆلچەرلەپ ، ئۆزىمىزنى تۆۋەن كۆرگەنلىكىمىزدە بولۇپ ، بۇ خىل پىسخىكا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن روھىي قۇللۇقنىڭ تامخىسىنى ۋۇجۇدىمىزغا مەڭگۈلۈك بېسىۋېتىشى مۇمكىن . شۇنداق كىشىلەرمۇ بار . توغرا يول بىلەن يېتەلەيدىغان نىشانغا يالۋۇرۇش ، خۇشامەت ياكى سوۋغات بېرىش يولى بىلەن يەتمەكچى بولىدۇ ، نەتىجىدە ئەسلىدىنلا قانۇنىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقان ئىشلارنىڭ رېتىمى بۇزۇلىدۇ ، كىشى مېڭىسىدە تەبىئىيلا دەرىجىدە ، ئىمتىياز پەرقى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ . بۇ ئاڭ شەكىللەنگەنسېرى قارشى تەرەپ نەزەرىڭىزدە تېخىمۇ گېگانت شەخىسكە ئايلىنىدۇ .
ئادەم ئۈچۈن ئىززەت - ھۈرمەت ئېڭى ئىنتايىن قىممەتلىك . سىز قەلبىڭىزگە چۆكۈپ ، ئىقتىدارىڭىز ھەم رېئال ئىمكانىيەتلىرىڭىزگە نەزەرىڭىزنى ئاغدۇرغىنىڭىزدا قەددىڭىزنى تىك تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەبىئىيلا ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن . ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ھالدا قارشى تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشكەن چېغىڭىزدا ياكى ئىش بىجىرگىنىڭىزدە قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئاشۇ مەردانە قىياپىتىڭىزدىن <<مەنمۇ سەن بىلەن ئوخشاش ئادەممەن ، ماڭا سەل قارىما >> دېگەن ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىدۇ - دە ، سىزگە ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ . ئەكىسچە بولغاندا ، قارشى تەرەپنىڭ نەزەرىدە تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسىز .
سىز مەيلى ئىشق ئوتى كاۋاپ قىلىش ئالدىدىكى بىر ئاشىق بولۇڭ ياكى مۇھتاجلىق دەردىدە پۇچۇلانغان ھاجەتمەن بولۇڭ ، ھامان قەددىڭىزنى تىك تۇتۇڭ . تۇرمۇشتا يىغلاپ ، تىزلىنىپ تۇرۇپ سۆيگۈگە ئېرىشكەن ئاشىق ، باشقىلارنىڭ تاپىنىنى يالاپ مەقسىتىگە يەتكەن ھاجەتمەن بولغان ئەمەس . بولدى دېگەندىمۇ ، بۇنداق قەدىرسىز مەنپەئەت ياكى مۇھەببەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نامازشام گۈلىدەك توزۇپ كېتىشى مۇمكىن .
دوستۇم ، ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ . رېئاللىقنىڭ كۆزىگە ئەيمەنمەي تىكىلىشكە جۈرئەت قىلىڭ

mamtak يوللانغان ۋاقتى 2007-7-7 13:55:52

xanu يوللانغان ۋاقتى 2007-7-8 20:02:19

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﭙﺴﯩﺰ

nawa007 يوللانغان ۋاقتى 2007-7-15 21:15:08

ﺩﻭﺳﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ

boytakyigit يوللانغان ۋاقتى 2007-8-10 10:11:24

ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺳﻪﻝ ﻛﯜﭼﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ،ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﻪﻙ ﯞﺍﺧﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﯩﻘﯩﯔ . ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺭﻛﻪﺕ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ .
بەت: [1]
: (ﺷﻮﺥ ﺷﻮﺥ) ﻗﻪﺩﺩﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺗﯘﯓ...