xohxoh يوللانغان ۋاقتى 2007-6-26 19:09:58

ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ....

ھازىرقى زامان بالىلىرى


      * ھازىرقى زامان بالىلىرى ناھايىتى ئېسىل يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ ، شۇڭا ئۇلارنىڭ نازۇك ، ئاجىز ئاشقازىنى ئەمگەكچىلەرگە خاس تەنگە لايىق كېلىدىغان كۆكتاتلار ۋە ئاشلىقلارنى ***ۈرەلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆچ .
      * ھازىرقى زامان بالىلىرى ناھايىتى چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىدۇ ، ساغلاملىق ، سالامەتلىك قارىشى ئۇلارنى مەۋجۇتلارنى پەيدا قىلىدىغان بوران _ چاپقۇن ۋە تۇپراقتىن ئايرىپ تاشلىغان .
    * ھازىرقى زامان بالىلىرى ئېگىز بىنالاردا ياشايدۇ. ئۇلار بالىلار ئويۇنلىرى ، بالىلاردىكى تەبىئىي كوللېكتىۋىزىملىقتىن مەھرۇم بولۇپ قېلىۋىرىدۇ .
    * ھازىرقى زامان بالىلىرى ئىشىكتىن چىقسىلا ماشىنىغا ئولتۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ تەڭرى ئىنسانلارغا يول يۈرۈشكە بەخش ئەتكەن پۇتى بارغانسېرى بىكار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .
    * ھازىرقى زامان بالىلىرى قايسى دەرىجىلىك ئەمەلنىڭ چوڭ ئىكەنلىگىنى ، قايسى ماركىلىق تاۋارنىڭ ياخشى ئىكەنلىگىنى ئوبدان بىلىدۇ ، ئەمما ، مامىكاپ ، كاككۇكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ .
    * ھازىرقى زامان بالىلىرى ھەر كۈنى ماشىنا ، پۇلنى كۆرۈپ تۇرىدۇ . ئەمما ، كۈننىڭ چىققىنى ۋە ئولتۇرغىنىنى ، ئۇپۇقنى كۆرەلمەيدۇ .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى ھەر كۈنى ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى ، كىشىلەرنىڭ خېرىدار چاقىرىپ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ ، ئەمما ، قۇشلارنىڭ سايرىشى ، دەرەخلەرنىڭ شىلدىرلىغىنىنى ، ئورمانلارنىڭ شاۋقۇنىنى ئاڭلىيالمايدۇ .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى ماگىزىنلاردىن ھەر خىل كەمپۈتلەرنى ئېلىپ يېيەلەيدۇ ، ھېچيەردىكى مېۋىلىك دەرەخلەردىكى مېۋىلەرنى ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ يېيەلمەيدۇ .
*ھازىرقى زامان بالىلىرى ھەر خىل باتارېيىلىك ئويۇنچۇقلارغا ئېرىشەلەيدۇ ، ئەمما ، ھېچقەيەردىن ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز ياكى ماي قوڭغۇزنى تۇتۇپ ئوينىيالمايدۇ .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى رەسىملىك كۆرسەتمە بويىچە ياغاچ كوبىكلاردىن ئاجايىپ ئېسىل شەكىللەرنى تىزىپ چىقالايدۇ، ئەمما ، بىر تال ياغاچ مىلتىق ۋە ياكى قومۇش نەي ياسىيالمايدۇ .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى چوڭلارنىڭ چىراي ئۆزگۈرىشىگە دىققەت قىلىدۇ ، ئەمما ، پەسىللەرنىڭ كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھالىتىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ .
* ھازىرقى زامان بالىلىرىنىڭ ھەممە ئىىشلىرىنى ئائىلىدە ئاتا- ئانىلار قىلىپ بىرىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغا قىلىپ بېرىدىغان بىردىنبىر ئىشى ئائىلىگە ئازراق خۇشاللىق بېغىشلاشتۇر .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى دائىم كېسەل بولۇپ تۇرىدۇ ، ھەر بىر ئىلىدە نۇرغۇن دورا ساقلىنىدۇ ، ھەر بىر شەھەردە نۇرغۇن دوختۇرخانا قۇرۇلغان بولىدۇ .
* ھەر بىر ئائىلىدە كۈن بويى قويۇلىدىغان رەڭلىك تېلېۋىزور بولغاچقا ، ھازىرقى زامان بالىلىرى ئەمدى مومىلارنىڭ چۆچەك ئېيتىپ بېرىشىگە مۇھتاج ئەمەس .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى دائىم كالتسىي ۋە ۋىتامىن تولۇقلاپ تۇرۇشقا مۇھتاج ، چۈنكى ئۇلار ھەر كۈنى ئېگىز بىنالار ئارىسىدا غۇيۇلداپ ماڭىدىغان ماشىنىلار چىقارغان ئىستىن نەپەس ئالىدۇ .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۆيىگە ، بۇنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ، ئەمما ، ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۆنىكىنى كۆرمەيدۇ .
* ھازىرقى زامان بالىلىرىنىڭ باتۇرلۇقى ئۆيدىكى نەرسىلەرنى چىقىپ ، سۇندۇرۇشتا كۆرۈلىدۇ ، ئۇلارغا يامىشىپ ئوينايدىغانغا دەرەخ يوق ، كېچىدە قاراڭغۇدا يالغۇز مېڭىشقا پۇرسەت يوق .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى چوڭلار دۇنياسىدىن ھەر خىل ئىدىيىلەرنى ئۈگۈنىدۇ ، ئەمما ، تەبىئەتتىكى ئىلھاملار بىلەن ئۇچرىشىشقا ئامالسىز .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك چاغان ، بايرام ، خاتىرە كۈن ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ ، شۇڭا ، ئۇلار ھەقىقىي چاغان ، بايرام خۇشاللىقىدىن ھوزۇرلىنالمايدۇ .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى ھەر قانداق نەرسىگە بەك ئاسان ئېرىشىدۇ ، شۇڭا ، ئۇلار «ئاددى-ساددىلىق» ، «قەدىرلەش» دېگەنلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى زادىلا چۈشەنمەيدۇ .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئېرىشىدۇ ، شۇڭا ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدە قەييسەرلىك ۋە ئىجادچانلىق كەمچىل .
* ھازىرقى زامان بالىلىرى دۇچ كېلىدىغان تاسادىپىيلىقلار ، ۋەھىمە ، خىيىمخەتەر ، تەۋەككۈلچىلىكلەر ناھايىتى ئاز ، شۇڭا ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەسلىمىسى پەقەت ئاددى ، بىر خىلدىكى بالىلىقلا بولىدۇ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2007-6-26 21:35:49

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﻗﺎﭼﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺳﻪﻣﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2007-6-27 22:56:34

ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﯔ!

bujahan يوللانغان ۋاقتى 2007-8-1 15:15:48

ﮬﺎﺯﯦﺮﻗﯥ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻗﯧﺰﻟﯧﺮې ﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻟﺪﯗ؟http://www.56.com/u64/v_MTMxNzIwNjk.html

udunogli يوللانغان ۋاقتى 2007-9-15 18:09:32

ﺑﯘ ﺗﻮﻟﯖﻤﯘ ﻳﮭﯩﺸﯔ ﻳﯧﺰﯨﭙﺴﯩﺰ. ﻛﻮﻟﯩﯖﺰﮔﺎ ﺩﻩﺕ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﯘﻥ
بەت: [1]
: ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ....