xohxoh يوللانغان ۋاقتى 2007-6-23 21:04:47

ﺋﯩﺘﻮﺗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﻳﻮﻝ

ئىتوتچىلىقىمىز باسقان يوللار

                                ياسىنجان ئىمىن


سەنئەت ئۆزىمىزنىڭ رەڭدار ،كۆپ قاتلاملاملىق ،ۋاستىلىك ۋە مەزمۇندار بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇئەييەن زامان ۋە ماكاندا ئۆزىگە خاس تاماشىبىنلىرى ۋە تەربىيىلەش قاتلىمىغا ئىگە بولىدۇ.رەسساملىق ،مۇزىكا ،فوتوگرافىيە، ئەدەبىيات ۋە ئىنسانىيەتكە ئورتاق تېمىلارنى ئەكىس ئەتتۇرگەن كىنوچىلىق تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىتوت سەنئىتى ، ئېلان سەنئىتى ،مەشرەپ سەنئىتى ...قاتارلىقلار چىنلىق ئاساسىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىك ،ئۆرپ -ئادەت ئۆزگىچىلىكى ،قەدىمىيلىك بىلەن زانىۋىلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەم زىددىيىتى قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ئىپادىلەش بەلگىسى،كوزۇرى قىلىش ئارقىلىق ماھىيەتلىك قىممەت تاپىدۇ.دېمەككى ،بۇلار كۆپ ھاللاردا ئۆزى ئاپىرىدە ماكان ۋە زامان كاتېگورىيىسىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا تەربىيلەش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.مەلۇم سەنئەت ئەسىرى خەلقنى تەربىيلەش يولىدا ئىپادىلەش يولى ۋە دائىرىسى ،خەلق بىلەن ئۇچرىشىش يۈزى ۋە ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن ئىلمىي ۋەزىن ساپاسى ئارقىلق ئۆز تاماشىبىنلىرىنى بەلگىلەيدۇ.ئەسەر سۈپىتى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرلىنىش ساپاسى ئوڭ تاناسىپ تۈرىدۇ.
ھالبۇكى ،سەنئەت -پەن-تېخنىكاىغا نىسبەتلەشكەن، ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىيىتىنى پاكلاشتۇرىدىغان بۈيۈك ئىلىم بولغانىكەن، ئۇنىڭ ۋەزىن-ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى خەلقنىڭ سەنئەت قارىشى ،ئېستېتىك تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىشلىق بولىدۇ.سەنئەت خەلقنى تەربىيىلەشنى ئەڭ ئالىي نىشان قىلغانىكەن، ۋەزىنىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قىممىىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاپ بېرىشى گەرچە ئۇزۇن جەريان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇ مەڭگۈلۇك ھەق يول ۋە چەكسىز جەريان زۆرۈرىيەتتۇر. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىش،تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى يوق سەنئەنچىلەرنىڭ بىر قىسىم تۆۋەن ھۇزۇرلىنىش سەۋىيىسىدىكى تاماشىبىنلارنى تۇتۇۋېلىپ ،بىرلا خىل سەۋىيىدە ئۆز ئىزىدا كۆرگىلەۋېرىشنى ،سەنئەت ساپاسىنى ،كۇرسىنى چۈشۈرۈپ ،خەلقنىڭ سەنئەتتىن يىرگىنىشىنى ،بېزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ناچار ئەسەر ۋە ساپاسىز تاماشىبىغا تايىنىپ پۇل ،نام تېپىش بولسا سەنئەتنىڭ بۇزۇلۇپ ئەھمىيەتسىز يۈككە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىدرۇ. بۇ ماقالىدە ئىتوتچىلىقىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئومۇمىي ئەھۋالى ئۈستىدە ،ئىجادىيەت سۈپىتى ۋە تەربىيلەش ئۈنۇمى جەھەتتىن مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز.
1.ئىتوتچىلىقىمىزنىڭ بىخلىنىشىدىن گۈللىنىشىگىچە
بىز ئىتوت سەنئىتى بىلەن 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇچراشقان .ئۇ ئخچام،دراماتىكىلىقى كۈچلۈك ،يۇمۇرلۇق تۈسى قويۇق ،سىڭىشچانلىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ناھايىتى تېزلا خەلقمىزنىڭ ياقتۇرۇپ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. بۇ جەرياندا ، ئېسىللىقى بىلەن ناھايىتى تېزلا خەلقىمىزمىڭ ياقتۇرۇپ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. بۇ جەرياندا ، ئېسىللىقى بىلەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە
كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ‹تاڭ سىڭنىڭ خادىم قىسقارتىشى ›ۋە ‹كۈندە ئايەم ›دەك نادىر ئىتوتلارمۇ ،شۇنداقلا زورمۇ زور قۇراشتۇرلغان، تايىنسىز مەزمۇن ،تېتىقسىز سۆز ئويۇنلىرىدىن بۆلەك ھېچنېمە تاپقىلى بولمايدىغان ‹ھەۋەسكارنىڭ يېڭى ھەۋىسى ›‹مۇھەببەتلىشىش ›قاتارلىق تۇرمۇشتىن چەتنىگەن ،نە بەدىئىي،نە ئىجتىمائىي قىممىتى يوق سۈپەتسىز ئىوتتلارمۇ مەيدانغا كەلدى.
ھالبۇكى ،ئىتوت سۈپىتىنىڭ ياخشى -يامان بولۇشى ،ئەڭ ئالدى بىلەن ئاپتورنىڭ تېماتىك ئىدىيىسى ۋە بەدىئىي تەپەككۇرى تەرىپىدىن ،ئاندىن قالسا ئورۇنداش ماھارىتى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ.بىزدىكى ياخشى -يامان ئىتوتلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئوخشاش ئارتىسلار ئورۇنداپ كەلگەن ھەم كېلىۋاتىدۇ.ئىقتىدارلىق سانالغان ئاپتورلارنىڭمۇ سۈپەتسىز ئەسەرلىرى بولدى،‹ئىستىقبالى يوق › دېيىلگەنلەرمىڭمۇ قايتىدىن باش ***ۈرۈپ چىققانلىقىمىزنى كۆرۈۋاتىمىز . بۇنىڭدىكى سەۋەپ نەدە؟
بىز دەسلەپ 1994-يىللىق ‹مەرھابا نورۇز ›سەنئەت كېچىلىكىدە ،نىجات نىياز يازغان ،تۇرغۇن ئىمىر ،ئەخمەت ئابلىمىت ،خەيرىگۈل قاتارلىقلار |ئورۇندىغان ‹قانۇن ئىجراچىسى›ناملىق ئىتوت بىلەن يۈز كۆرۈشتۇق.ئىتوتتا قانۇن ساھەسىدىكى ئىجراسى خادىم خىزمەت جەريانىدا قائىدىگە خىلاپلىق يولۇچى قىز،كاتتا باينىڭ شوپۇرى ۋە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىدىغان پوزىسىيىسى ،قائىدىسىز نوچىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ھەم ئوقۇتقۇچىلارنى چوڭ كۆرۈپ ھۆرمەتلەيدىغان ئېسىل خاراكتېرىنى يورۇتۇپ ،چىن ئىنسان تەبىئىتىنى نامايەن قىلىدۇ.بۇ ئىتوت بىر نەچچە خىل لىنىيە ياراتقان ،بەدىئىي چىنلىق نۇقتىسىدىن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.بۇنىڭغا جەلپكار ۋەقەلىك ۋە ئارتىسلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنداش ماھارىتى قوشۇلۇپ ،بەلگىلىك سەۋىيە ياراتقان.
شۇنى تەكىتلەش زۆرۈكى ،كىچىك تىپتىكى دارما ھېسابلىنىدىغان ئىتوتنى بىر پارچە سەھنىلەشكەن ھېكايە دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدا ناخشا - مۇزىكا سەنئىتىمۇ كۈچلۈك بولغان مەزمۇندارلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بولىشى كېرەك . بۇنى ئىتوتنىڭ ھۇزۇرلاندۇرۇشنىلا ئەمەس ،بەلكى كىشىلەرنىڭ كۆز
قارىشىنى يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلىدىغان فۇنكىسىيىسى بەلگىلەنگەن .شۇڭا ناخشا -ئۇسۇلدا كەسپىي ماھارەت ۋە يېپىشچانلىق ئاساسىي سۈپىتىنى بەلگىلىسىمۇ ،ئىتوتتا ئورۇندش ماھارىتىدىن كۆرە ئىتوت ئىدىيىسى يەتمەكچى بولغان يەتمەكچى بولغان نىشان يۇقىرى ئورۇندا شۇڭا ئۇ سەنئەت
ژانىرلىرى ئىچىدە غەلىبىلىك روياپقا چىقىشى بىر قەدەر تەس بولغان تۈر ھېسابلىنىدۇ.بىز كۆرگەن ‹قانۇن ئىجراچىسى › ،‹توزغاق › ،‹ سوۋغات›‹كۈندە ئايەم› ،‹مەسلىھەت ›،‹نەسىھەت ›،‹يىراقتىكى موللام-داموللام› ،‹كۆكۈيۈن›قاتارلىق ئىتوتلار دەل ئىلغار ئىدىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈگەن ھەم يۇقىرى ئورۇنداش ماھارىتىدە غەلىبىلىك روياپقا چققان نادىر ئىتوتلارنى ھېساپلىنىدۇ.
>تورغاق ><سەنئەت ئالبۇمى < رەرەپشان ساداسى كېچىلىكى (-ئابلىكم كەلكۈن ئىجادىيىتىنىنىڭ دەسلەپكى ناماياندىلىنىڭ بىرى.ئىتوتتا ،>ئاممىۋى سەنئەت ئىنقىلابى< ئېلىپ بېرىش- بارماسلىق مەسىلىسى ئەكىس ئەتتۈررۈلگەن .ئادىل مىجىت ياراتقان >ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش< تەرەپدارلىرى ناخشا -ئۇسۇلنى تۇرمۇشنىڭ بارلىق بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىغىچە سىڭدۈرمەكچى بولىدۇ.
ئېنىقكى ،بۇ ئىتوتقا >ھەممە ئادەم ناخشىچى ،ئۇسۇلچى بولۇپ كەتسە ،قالغان ئەمەلىي ئىشنى كىم قىلىدۇ< دېگەن پىكىر سىڭدۈرۈلگەنىدى.بۇ ئىتوت قارىماققا كۈلدۈرگىدەك كۆرۈنىدۇ، ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى 20سېكۇنتقىچىمۇ ئىتوتنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى چىقمايدۇ،پەقەت ئات چاپتۇرۇپ ماشىنىنى قوغلاپ يېتەلمىگەندىلا ئاندىن ئىتوتنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
ئىتوتتا ئىدىيىۋىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانكى ،ئۇ بىزگە بەش مىنۇتقا سوزۇلغان كۈلدۈرگە ئويۇن ھۇزۇرىنى بېرىپ ئاخىرىدا بىراقلا
ئېغىر ۋەزىننىڭ سوئالنى ئالدىمىزغا تاشلايدۇ. كۈلكە ئىچىدە ئويلاندۇرۇش ، ئىلغار ئىدىيىسىنى يۇقىرى بەدىئىيلىككە يۇغۇرۇپ ئىپادىلەش -ئىتوت مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ بەلگىسى ، ئىتوتنىڭ ھەققىيى قىممىتىمۇ دال مۇشۇ يەردە .
2.‹ئادىل مىجىت ئىتوت كېچىلىكى ›نىڭ قىممىتى
بۇ دېچىلىكتە تەقلىد قىلىنغان ، ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىتوتلار بولسىمۇ ،لېكىن مەزمۇنى رەڭدار ، پىشقان ئارتىسلارنىڭ يۇقىرى ماھارىتى بىلەن جىپلىشىپ ،كۆپكە ياققان ئىتوتلار يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ‹ ئوغۇل بالىدەك بولۇڭ ،› ‹ساقچى بىلەن ئوغرى › قاتارلىق ئىتوتلار ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەمەلدارلار پىسخىكسى ۋە ساقچىلىق پاراسىتىنى ئويلىنىش ۋە كۈلكە ئىچىدە ئېچىپ بەرگەن .ئادىل مىجىت ئاپتورلۇقىدىكى ‹سوۋغات › ناملىق ئىتوتنى ئۇنىڭ تېما تاللاشۋە يورۇتۇش ماھارىتى جەھەتتىكى بالاغىتى دېيىشكە بولىدۇ. ئىتوتتا ،بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان باشلىقنى باشقىلارنىڭ سوۋغا -سالاملاردىن قۇرۇق قېلىشتەك جەلىپكار ۋەقەلىك يىپ ئۇچى قىلىنىپ ،باشلىقنىڭ دىيانىتى ۋە ئايالىنىڭ نەپسانيەتچىلىكى ۋاستىلىك ئىپادىلەنگەن . ئىتوتنىڭ كەيپىياتى ، ۋەزىن ،ئوبرازلار تىپ دەرىجىسىگە ، تۇرمۇش ئەسەر گەۋدىسىدىن ئاچچىق كىنايە پۇراپ تۇرىدۇ.
‹ئائىلە يوقلاش› ئىتوتىدىكى تراگېدىيىلىك لىرىكا بىزنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتىدۇ. ئىتوتتا ،تۈمىدىكى ئەنىڭ جازا مۇددىتى ئارىلىقىدارۇخسەت سوراپ ئائىلىسىنى يوقلاپ كەلگەن ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ. ئەرنىڭ تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى قىلمىش -ئەتمىشلىرى ئايالى تىلىدىن بىزگە ئايان بولىدۇ.ئەر خاتا يولدا ماڭغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان. ئايالى دەسلەپ ئۇنى ئەيىپلەيدۇ ، كەچۈمەيدۇ، ئۆيدىن قوغلايدۇ، يىغا ،خورلۇق تۇيغۇسى ئىچىدە ئېرىگە نەپرەتلىنىدۇ،لېكىن ئاخىرىدا ئېرىنىڭ بالىسىنىڭ سۈرىتىنى سورىغان تەلىپىنى رەت قىلىۋەتكەن ئايال ، چىقىپ كېتىۋاتقان ئېرىنى چاقىرىپ ، سۈرەتنى قولىغا تۇتقۇزىدۇ...
ئەرنىڭ دەردلىك ئۆكۈنۈشى ،ئائىلىگە بولغان كۈچلۈك سېغىنىشى ۋە ئۈمىدۋارلىقىنى مىسكىن ئەمما مۇھەببەتلىك بىر پارچە شېئىرغا ئوخشاشىتىشقا بولىدۇ. ئەسەرنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئەۋجىدە ،يەنى ئايالىنىڭ سۈرەتنى ئېرىگە بەرگەنلىكىدە . بۇ- ئىنسان تەبىئىتىدىكى مېھر-مۇھەببەتنىڭ ،ئەسەر ۋەقەلىكىدىكى مۇقەررەرلىكنىڭ ئىپادىسى . ئاپتور ۋە ئارتىسنىڭ غەلىبىسى شۇ يەردىكى ، گەرچە ئۇ بىر جىنايەتچى بولسىمۇ ،ھېچكىم ئۇنىڭغا نەپرەتلەنمەيدۇ،ھەتتا ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ روھىي يۈيۈنۇپ پاكلانغان روھ ، شۇنىسى ئېنىقكى ، ئاپتورنىڭ ئۇنى مەدھىيلەشكە قۇربى يەتمىسىمۇ ،لېكىن يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئىنسانغا كېرىكى ئۆتمۇش ئەمەس ،بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ...
بۇنىڭدىن ئىتوتقا بىسبەتەن تۇتامغا چىققۇدەك ئىدىيۋى مەزمۇننىڭ ،يەنى ئىتوت روھىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ يېڭىدىن چىقىۋاتقان ئەرلەرنىڭ ئايالچە ياسىنىپ ناخشا ئېيتىش ،سەھرا تۇرمۇشىنى ھەجۋىي قىلىپ كۈلكە چىقىرىش ، ئۇيەر -بۇ يەرنىڭ شېۋىسىنى دوراپ ياكى سېرك قىزىقچىلىرىدەك نايناقشىپ ،ماقال -تەمسىللەرنى تەرجىمە قىلىش ... قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈپ يۈگەن ‹ مېغىرسىز شاكال › لارغا سېلىشتۇرۇپ باقساقلا پەرق مانا مەن دەپ ئاشكارە بولىدۇ.
‹ گۈلدەستە (3) › قىلىمىدە تۇرسۇنجان لېتىپ يازغان ،قېيۇم ئىجراسىدىكى ‹مېھمان ›ناملىق ئىتوت ئوينىلىپ ،خەلق قەلبىدە چوڭقۇر تەسرى قالدۇردى. شۇنداقلا ئىتوت ئارتىسلىرىنىڭ بىراقلا داڭقىنى چىقاردى. ھەممىگە ياققان بۇ ئىتوتنىڭ يۇمۇرستىك تۈسى قويۇق ، ئوبرازلار تىپ دەرىجىسىگە ***ۈرۈلگەن، كۆرگۈچىدە باشتىن -ئاخىر چىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ھەممىباپ ئىدىيە يۇقىرى ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن قوشۇلۇپ ،كۆپ قاتلاملىق تاماشىبىنلارغا سىڭگۈدەك يۇقىرى ئۈنۈم ياراتقان . ئۇنىڭ داۋامى سۈپىتىدىكى ‹مېھمان (2)›مۇ (يالقۇن سەپەر ئىتوت كېچىلىكى ›)ئوخشاش بەدىئىي سۈپەتتە ئورۇندىلىپ ،نامەردلىك ،يولسىزلىقنىڭ نومۇسلۇق ئاقىۋىتىنى ئەسكەرتىپ ئوتتى.
3.سەھرا تېمىسىدىكى ئىتوتلار
سەھرا تۇرمۇشىنى ئىپادىلەش -ئىتوتچىلىقىمىزدىكى يەنە بىر مۇھىم تېما . بىزدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ‹يول ئۈستىدە › ‹قۇدۇق بېشىدا › ،سەھرا يولىدا ›،‹ئۇچرىشىش › ،‹قەدىرسىز نىكاھ›، توي خېتى ›، ‹ ھېيىت پەدىسى › ‹ئالىي مەكتەپكە مېڭىش › ،‹زىيارەت ›،قاتارلىق سەھرا تېمىسىدىكى ئىتوتلار ئوينالدى.باشتا ئېيىپ ئۆتكىنىمىزدەك ،ئىتوتتا چىنلىق ئەكىس ئەتتۈرش ئەڭ مۇھىم ،سەھرا تېمىسىدىكى ئىتوتلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق . لېكىن سەپسالىدىغان بولساق ،كۆپلىگەن ئىتوتلاردا ،تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈشنىلا مەقسەت قىلىپ ،سەھرا كىشىلىىرىنى ھاڭۋاقتى ، بىلىمسىز ،كالامپاي ،مەدەنىيەتسىز قىلىپ ئىپادىلەش كوزۇر قىلىۋېلىندى.تۇرمۇشقا چۆكمەي تۇرۇپ تۇرمۇشنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ،ئۇنى سەنئەتلىك قىلىپ ئىپادىلەيمەن دېيىش قۇرۇق گەپ. تۇرمۇش چىنلىقى بۇرمىلانغان شۇ ئىتوتلاردا ،بىلىمسىز ،نەزەرىيىچى ئاپتوردىن تارتىپ ئىتوت ئارتىسلىرىغىچە ھەممىسى سەھرانى ،سەھرا كىشىلىرىنى چۈشەنمىگەن .مەسئۇلىيەتسىز ھالدا پەقەتلا كۈلكە چىقىپ ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالغىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان.
«مۇختەر بۇغرا ئىجادىيەت كېچىلىكى » دە ئورۇندالغان «زىيارەت »نامىدىكى ئىتوت ئەنە شۇنداق ئىتوتلارغا ئۆز تىلىدىن ناھايىتى ياخشى رەددىيە بەرگەن .دېھقان ئايال مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت جەريانىدا ،«ئۇكام ،سىلى بىزنى ھېلىقى ئىتوتلاردىكىدەك بىلىمسىز ،قاشاڭ ،دۆت ئويلاپ قالغانمىتىلە ؟»دەيدۇ. سەھرا تېمىسىدىكى باشقا نۇرغۇن ئىتوتلارغا ئوخشاشلار ،بۇ ئىتوتتىمۇ دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشى يىپ ئۇچى قىلىنغان . ئىتوتتا سەھرالىق ئەر-ئاياللارنىڭ ساددا،كەڭ قوساق ، مېماندوست كىچىك پېئىل خاراكتىېرىنىڭ يورۇتۇلمىسىدىن باشقا ،يەنە «زامانىۋى »تارازىغا چۈشىدىغان مەزمۇنلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز.
4.ئابلىكىم كەلكۈننىڭ رېئالىزمى
ئابلىكىم كۈلكۈن -ئىتوت ئىجادىيىتى ۋە ئىجراچىلىقىدا تۆھپىسى گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدىغان ھوسۇللۇق سەنئەتكار . بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئەڭ بۇرۇنقى «ھەسەتخورلۇق »تىن ئايىغى چىقماس «باغاق »قىچە ؛ يۈرەكنىڭ بېغىشغا تېگىدىغان ،ھەممىمىز چوڭقۇر سېغىنىدىغان «كونا جاي» دىن كۈلكە ئىچىگە ئەلەملىك ھېسلارنى ئۇستىلىق بىلەن يۈغۇرۇۋەتكەن « توزغاق » «كۈندە ئايەم»گىچە ؛«دىبا خەلق ناخشىلىرى »نى جاراڭلاتقان «مەسلىھەت »لىرىدىن ،«رەڭلىك ئولتۇرۇش »قىچە ؛رېئاللىق ھەققىدە ئىپتىخارلىق ۋە ئەلەملىك تۇيغۇلار ئىچىدە ئويلىنىپ ، پىكىر يۈگۈزۈپ كەلدۇق . ئۇنىڭ ئىتوتلىرىنى پىشقان ئوبزور ، ئۆزىنى مەسئۇلىيەتچان ئوبزورچى دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇنىڭ بەزى ئىتوتلىرىدا ئۆتكۈر كىنايە ، ئاچچىق مەسخىرىلەر كۈلكە ئىچىدىلا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.ئۇ تاماشىبىنلارنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، كۈلكىگىلا ئېسىلىۋالماپتۇ. «كونا جاي » ،«مۇئەللىم »، «شەيتان»، « كۆكۈيۈن » «ئەتە توۋا قىلىمەن» قاتارلىق ئىتوتلارنىڭ بەزىلىرىدە تۆۋەن قاتلامدىكى تاماشىبىنلار بىۋاستە ھۇزۇرلىنالمايدىغان چوڭقۇر ئىدىيلەر يوشۇلۇلغان بولسا ،بەزىلىرىدە ئوي - پىكىر ئۇدۇل ،جانلىق ئىپادىلىنىپ مەقسەت بىۋاستە ئۇقتۇرۇلغان.
«مەسىلىھەت (2)» ئىتوتى (2006-يىللىق UTVقۇربان ھېتلىق سەنئەت كېچىلىكى ) بىز بۇرۇن كۆرگەن «چولپانخۇمار » ،« چولپانخۇمار قىز» ، لارغا مەزمۇن جەھەتتىن ئاز-تولا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. گەرچە مەزمۇن ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن پەرىق بولسىمۇ ،لېكىن ھەمىمىسىنىڭ ئاساسي تېمىسى - سەنئەىتىمىزنىڭ ساپلىقىنىى قوغداش .بىز دەسلەپكى « چولپانخۇمار » نى ئازادە كەيپىياتتا سۆيۈپ ئولتۇرۇپ كۆرگەن .بۇ ئىتوتتا ئۆزىنى «تالانتلىق ناخشىچىمەن» دەۋالغان بىررۋنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئېسىل ناخشىسىنى ئاڭلاپ خىجىل بولۇپ ئۆزىگە قايتقانلىقى بايان قىلىنغان.ئېسىل ناخشا - مۇزىكىلىرىمزنى ئىتوت ئىچىدە ئاز-تولا «بۇزۇپ ،ئۆزگەرتىپ »قىزىقارلىق كەيپىيات پەيدا قىلىپ ،كۆرۈرمەنلەرنى قارشى نۇقتىدىن چىقىپ قايىل قىلىش ،كۈلكە ئىچىدە ئويلاندۇرۇش ياخشى ئۇسۇل ،مەيلى «چولپانخۇمار » ( 1993-يىللىق «ئايەم كۈلكىسى » ) بولسۇن ۋە ياكى «يىراقتىكى موللام داموللام » ( « ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكى ») ۋە ياكى « مەسلھەت (2) » بولسۇن تېمىسى ياخشى تاللانغان ھەم بىر قەدەر مۇكەممەل ئىپادىلەنگەن ئىتوتلاردۇر .
« مەسلىھەت (2) » سەنئەتكە دائىر نۇرغۇن ھادىسە -خاھىشلارنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن . مەسىلەن ، «ھازىر بىكارغا رولغا چىقىدىغان ئارتىسلارنى ساماندەك دەيدۇ»، «پادىشاھنىڭكىدەك سەللىسى بار نى-نى ئارتىسلىرىمىز خەلق ناخشىسى ،مۇقاملىرىمىزنى ئورۇنداۋاتسا قاراپمۇ قويمىغان ياشلىرىمىز چۈزىشىدىمۇ مايكىل جېكسون بىلەن شاھرۇلخاننى چۈشەپ يۈسە بىزگە نېمە ئامال » «سىلەرمۇ ئازراقلا ئىچىپ قىزىۋالساڭلار ئالىتاغىل توۋلايسىلەرغۇ ،شۇمۇ ناخشا -مۇزىكا سەنئىتىمىزنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇشقا ، بۇزۇشقا سەۋەپ بولۇۋاتقان خاھىشلار ، ئىتوتتا ئۈچۈيلەن (قىيۇم مۇھەممەد ، ئابلىكىم كەلكۇن ، ھوشۇر قارىي ) «يېڭىلىق » ياراتماقچى بولۇپ ھەر خىل «سىناق » لارنى ئېلىپ بارىدۇ. بىرى خەنزۇچە ئاھاڭلارغا ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنى سېلىپ ئۇسلۇپ ياراتسا ،يەنە بىرى خەلق ناخشىلىرىنى ياۋرۇپاچە ئۇسلۇپتا ئېيتىپ «يېڭىلىق يارىتىدۇ» . يەنە بىرى بولسا زامانىۋىي «دىبا خەلق ناخشىلىرى »نى «ئىجاد »قىلىپ چىقىدۇ. ئىتوت بۇلار ئارقىلىق بۈگۈنكى ناخشا -مۇزىكا ساھەسىنى قالايمىقان قىلىۋاتقان ئاتالمىش «يېڭىلىق يارىتىشقا باي» سەنئەتچىلىرىمىزنى قاتتىق مەسخىرە قىلغان، سۆككەن ، ئاق -قارىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ساپاسىز تاماشىبىنلارنى
تەنقىد قىلغان ، ئاخىرىدا يەنە قان -قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن شەخسىيەتچىلىك ۋە ئۈستۇنلۈك تالىشىش پىسخىكىسىنىمۇ پاش قىلىپ ئۈلگۈرگەن .ئوخشاش تېمىدىكى ئىتوتلار ئىچىدە « مەسلىھەت (2) » مەيلى مەزمۇن دائىرىسى ، بەدىئىي قۇرۇلما ياكى ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇق تەرەپلەردە ئىلمىي ھەم سۈپەتلىك ئىتوتتۇر.
ئابلىكىم كەلكۈن ئىتوت سۇژىتىنڭ قۇرۇلۇشىغا -مەزمۇن تەرەققىياتى ، يېشىملىرىغىىچە قەدەر پۇختا ئىشلەيدۇ. مەسلىىنى ئوتتۇرىغا تاشلاش ،تەھلىل قىلىش ، ئەۋجىگە چىقىرىپ ، تاشلاش .تەھلىل قىلىش ، ئەۋجىگە چىقىرىپ ، يېشىش ياكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا قالدۇرۇش جەريانلىرىنى ئىتوت بەدىئىيلىكىگە ئۇسىتىلىق بىلەن يۇغۇرۇپ ئىپادىلەيدۇ، ئۇنىڭ تېمىلىرىغا ئەتراپلىق كۆزىتىش ۋە تېرەن تەپەككۇردىن ئۆتكەن تىرىك تۇرمۇش دېتاللىرى سىڭدۇرلگەن بولغانقا ،كۆرۈرمەندىن مۇئەييەن ئېستېتىك ساپا ۋە تەھلىل سەۋىيىسى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ،ئۇنىڭ يازغانلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتسىمۇ ، ئۇلاردىكى تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدۇ.
2003-يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ،ئابلىكىم كەلكۈن توققۇز ئارتىس ئوينىغان ،يېرىم سائەتكە سوزۇلغان «كۈندە ئايەم» ناملىق ئىتوتى بىلەن ئىتوتچىلىقىمىزدا يەنە بىر ياڭراق سادا ياڭراتتى .كەسىپىيى ساھەدىكىلەرنىڭمۇ ، خەلقنىڭمۇ قىزغىن ئالقشىغا ، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن بۇ ئىتوتتا كىنايە ۋە مەسخىرە ھەل قىلغۇچ ئورنىدا تۇرىدۇ، پاش قىلىش ۋە يېتەكلەش ئاساسىي نىشان قىلىنىدۇ. ئاپتور « گاچا »نى«لىللا قازى »لىققائايرىپ قويغاندىن بۆلەك ،باشقا ھەممە ئوبرازرنى دېگۈدەك ئومۇميۈزلۇك تەنقىدلىگەن . خاراكتېرىدە يارقىنلىقتىن كۆپرەك قاراڭغۇلۇق مەۋجۇت بولغان ھەر خىل سالاھىيەتلىك سەككىزەيلەننىڭ ھەممىسى رېئال تۇرمۇشتىكى تەبىئىي كىشىلەر بولۇپ ، ئىتوت ئەڭ ئاۋۋال تۇرمۇش چىنلىقىغا ئالاھىدە ئۇيغۇنلاشقان .
بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى «مۇئەللىم » ئىتوتىدىمۇ ئاپتور يازغۇچى ،ئەمەلدار ،سودىگەر ،دېھقان ۋە دوختۇر ئوبرازلىرى ئارقىلىق «كۈندە ئايەم »گە ئوخشاشلا ھەممە بىر نىيەتتە تىرىشىپ ،مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت خىسلەتلىك روھنى نامايەن قىلدى.
5مەخمۇتجان سىدىقنىڭ ئۇسۇسلۇبى
2001يىلىلىق قۇربان ھېتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە مەخمۇتجان سىدىق ئاپتورلۇقىدىكى «تاڭ سىڭنىڭ خادىم قىسقارتىشى » ناملىق ئىتوت ئوينالدى . بىز «كونا جاي » ،«نەسىيەت،.«كۈدە ئايەم»،لەردىن ئۆتۈپ بۇ ئىتوتنى كۆرگىنىمىزدە ، ئىتوت سەنئىتىنىڭ ئىپادىلەش بوشلۇقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كەڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. بۇ ئىتوتنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىچە ۋە جەلىپكار بولۇپ ،ئۇنىڭدا زامان ئالدىدا سۈرۈلۇپ ، بۈگۈنكى زامانىۋى دەۋردە ،ھەممىگە تونۇشلۇق غەربكە ساياھەت ئەترىتىنىڭ تۇرپانغا كەلگەنلىكى ئارقا كۆرۈنۇش قىلىنغان .تاڭ تەيزۇڭنىڭ خادىم قىسقارتىشى توغرىسىدىكى پەرمانىغا بىنائەن، ئۇلار كىمنى قىسقارتىش ئۈستىدە تالاش -تارتىشقا چۈشىدۇ. ئاخىرىدا باجېينىڭ تۆھمەتلىرى ۋە تاڭ سىڭنىڭ يوقىلاڭ سەۋەبلىرى بىلەن سۇن ۋۇكۇڭنى قىسقارتىۋېتىدۇ... ئىتوتنىڭ ئاخىرىدا تاڭ سىڭنىڭ سالتاڭ جۇ باجېيى بىلەن سۆرىلىشىپ قوپۇپ ،يولنى داۋام قىلغانلىقىنى كۆرىمىز . ئىتوتنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشىشدە مۇھىمى ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ھەممە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان رېئال ،قىزىق نۇقتىلارنى ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر ۋە جەلپكار بەدىئيلىك بىلەن ئېچىپ بەگە نلىكىدۇر .
بۇنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن تاماشىبىنلار «مەخمۇتجان سىدىق » دېگەن ئىسمغا ئالاھىدە « مەخمۇتجان سىدىق» دېگەن ئىسىمغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىتوتنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇنىڭ «ھېيتلاش » ، ھارپا كۈندىكى ئىشلار » ،«قۇدۇق بېشىدا»، «ئورمان شاھى» « ئاشخانىدا »« ئىمتىھان» «مايلامچى » «سۇن ۋۇكۇڭنىڭ خوتۇن تالاق قىلشى » قاتارلىق ئىتوتلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۇق.
ئابلىكىم كەلكۈن ئىتوتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ،بۇ ئىتوتلار تۇرمۇشقا يېقىن ، تەسىرلىك ،تىلى ئاددىي ،راۋان ،ئوبرازلار تېخىمۇ چىن ۋە ھېسسىياتلىق
2002-يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ،دىلشات بارات ، ئارزۈگۈل روزى ، ئىمىنجان ئېلى ،گۈلباھار روزى ،ئارزۈگۈل مۆمىنلەر ئورۇندىغان «ھېيتلاش »ناملىق ئىتوت چاڭقىغان قەلبلەرگە رەمزەم سۇ ئاتا قىلدى. ئىتوتتا ئوغلى (ئايالى بىلەن )ۋە قىزى ھېيت مۇناسىۋەىتى بىلەن ئاتا-ئانىسىنى يوقلايدۇ. بېشىدا ئاتا-ئانىنىڭ جاپالىق ئۆتمۇشى ، تېجەشلىك تۇرمۇشىدىن مەلۇمات ئالىمىز .ئارقىدىنلا تەمەخۇر كېلىن سىيلىق -يۇمشاق گەپلەرنى ئوينىتىپ ، قىيناتىسىدىن پۇل ئالىدۇ. ئۇلار تېخى قۇربانلىق قوينىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېغىلىدىن ئالماقچى بولىدۇ... ئاخىرىدا قىزنىڭ ئاتا-بالىلار ئارىسىدىكى شەپقەت -دىيانەت توغرىسىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ كېلىن خىجىللىقتا يىغلاپ چىقىپ كېتىدۇ... ئىتوتنى كۆرگەن تاماشىبىللارغا ئايانكى ،بۇلار ھەممىسى ھازىرقى دەۋرىمىزدە م،شەھەر تۇرمۇشىدىكى ھېيت - بايراملاردا كۆپ ئۇچرايدىغان رېئال ئەھۋال.
«ھارپا كۈنىدىكى ئىشلار» دا پەرزەنتلىرىنىڭ جېدىلىگە ئارلىشىپ ماي تارتىشىپ قېلىپ گەپلەشمەي يۈگەن ئىككى ئائىلىنىڭ ھېيت ھارپىسىدا يارىشىپ قالغانلىقىنى سۆزلەنگەن .بېشىدا غەيۋەتنى يەتكۈچە قىلىپ جاھاننى بېشىغا كىيگەن ئايال ،«كۈشەندىسى» نىڭ داستىخان ***ۈرۈپ سالامغا كىرىشى ۋە بۇرۇنقى ئىشلار ئۈچۈن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆززە سورىشى بىلەن ئاداۋەتنى ئۇنتۇپ يارىشىپ قالىدۇ . ئەمەلىيەتتىمۇ ، كۆڭۈل ئاشۇنداق كىچىككىنە يەردە تۇرىدۇ. ئانچىكى ئىشلار تۈپەيلى ئاداۋەت ساقلاپ ،ئاچچىق يۈتۇپ يۈرگەن كۆڭۈلمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئېيتىلغان بىرەر ئېغىز ئىللىق سۆزدىنمۇ تەرسىرلىنىپ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كېتىدۇ. مانا بۇ مېھىر -مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى ئەمەسمۇ؟
مەخمۇتجان سىدىق نۇرغۇن تېمىلاردا كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىق ،مېھىر-مۇھەببەتنى يورۇتۇش ،تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ،ئۆزىنىڭ تاماشىبىنلار قەلبىدىكى ئورنىنى پەيدىنپەي مۇستەھكەملەپ باردى. 2004يىلىدىكى «ئاشخانىدا » ناملىق ئىتوتى ئۇنىڭ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان قەلىمىنىڭ ناماياندىسى ھېسابلىنىدۇ... ئىتوت پىشقان ئارتىسلار تەرىپىدىن يۇقىرى سەۋىيىدە ئورۇندىلىپ ، «كۈندە ئايەم » ياراتقان بەدىئىي پەللىگە بانداشتى .
ئىتوتتا ھەل قىلىنىغان مەسىىلىلەر كۆپ ئەمەس . باشقىلارنى قاقتى- سوقتى قىلىپ جان باقىدىغان ئالدامچى بېدىكلەرنىڭ قولغا چۈشۈشى ، باينىڭ ئۆز پۇلى بىلەن نامرات ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۈشى ۋە ئىشسىز ياشلارنى شىركىتگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق نەچچىلا لىنىيە بار . بۇلاردىن بىزگە ئالدىن تەسىر قىلىدىغىنى يەنىلا مېھىر- شەپقەت ،ئاق كوڭۈللۈكنىڭ ئىپادىسى.
مەخمۇتجان سىدىق ئىتوتلىرىدا تۇرمۇش چىنلىقى ئاساس سۈپىتىدە ئورۇن تۇتقاندىن سىرت ،يەنە كىشىلىك تۇرمۇش ۋە جەمىيەت روھى خۇسۇسىدا مۇئەييەن غايىۋى ئىدىيە باش يېتەكچى قىلىنىىدۇ. يەنى «بارنى يىزىپلا قويۇش »ئەمەس بەلكى «ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاش »غوللۇق مېلودىيە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ كۆپىنچە ئىتوتلىرى رېئال تۇرمۇشتا يېقىنلاش ھەم ھەممىنىڭ ئارزۇ -غايىسىنى ئىپادىلىگەن بولغانچقا ،بىز بىزىدە سەنئەت ئەسىرى كۆرۈۋاتقاتقاندەك ئەمەس خۇددى شۇلار ئەتراپىمىزدا ،ئائىلىمىزدە يۈز بېرىۋاتقاندەك تەسىراتقا كېلىمىز.
ئۇنىڭ ئىتوتلىرى بىز چۈشەنمىگۈدەك سەنئەتلىكى يۇقىرىمۇ ئەمەس ، شۇندىلا ئېرىپ ئىچۈرۈپ بەرگۈدەك غۇۋۋا ، تومتامۇ ئەمەس ،بەلكى تىرىك تىپلا ئارقىلىق ئىلمىي تەسۋىرلەنگەن رېئال تۇرمۇشمىزنىڭ كارتىنىلىرى .
6- كۈلكە بولسىلا بولامدۇ؟
ئىتوتچىلىقىمىزنىڭ بۇرۇنقى مەزگىللىرىدە ، مەرھۇم ھەسەن يۈسۈپ ،يۈسۈپ سالى ، مەمتىمىن نورۇز ، مەرپۇغە، ئاپرىل سەمەت قاتارلىق پېشقەدەم ئارتىسلىرىمىز كۆپلىگەن كومېدىيىلىك ئوبرازلارنى يارىتىپ خەلقىمىزگە مەنىۋىي روق ئاتا قىلىپ كەلگەن ھەم ئىتوتچىلىقىمىزغا مۇھىم توھپىلەرنى قوشقان .ئۇلار ياراتقان ئوبرازلار تۇرمۇشلۇق ۋە پىشقان ماھارەتتە روياپقا چىققانچقا ،بىز ئۇلاردىن پاكىز ، ئارام بەخىش كەلكىلەر ئىچىدە ھۇزۇرلىنىپ كەلگەن . بۈگۈنكى كۈندە بىر تۈركۈم كومېدىيىلىرى بىلەن باش ***ۈرۈپ چىقىۋاتقان كىنو ستۇدىيىسىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى- ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ «ئىتوت كېچىلىكى »نى كۆرۈپ ئولتۇرۈپتىمىز . تاماشىبىنلارنىڭ ئۇنىڭ ئىتوتلىرىنى ياقتۇرۇشىنى سالاپىتىنى بۇزۇپ ،پۈرۈشۈپ كۈلۈشلىرى ،ھاياجىنىنى باسالماي تىزلىرىغا شاپىلاقلاپ توختاۋسىز پۇلاڭلاپ كېتىشىلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇ ناملىق «» پلاستىنكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ بارلىق بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە ھەتتا ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىنىمۇ قاپلىغانلىقى شۇنداقلا زور ئىقتىسادىي پايدا ياراتقانلىقىمۇ بۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. ئۇنداقتا ، شۇنچە ئەتىۋارلانغان بۇ پىلاستىنكىدا كىشىلەر ئارزۇلايدىغان نېمە بار.
بىز بۇرۇن ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ «يېرىم دىدار » ، «ئۆزۇم تاپقان بالاغا ، نەگە باراي دەۋاغا » «ئۇقۇشماسلىق» « ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى » قاتارلىق ئىتوتلىرىنى كۆرگەنىدۇق . بۇ ئىتوتلارنىڭ بەزىلىرى ئۇ ئۆزى يازغان ئېسىل ئىجادىيەتلەردىن بولسا ،يەنە بەزىلىرىدە ئۇ ئۆزىگە تەقىسملەنگەن رولنىڭ ھۆددىسىدىن مۇۋەپىقىيەتلىك چىقىپ ، ھەممىگە ياققانىدى. ئىتوت كېچىلىكىدىكى «يىراقتىكى موللام- داموللام»،«ئەتە توۋا قىلەمىمەن.»قاتارلىق ئىتوتلارنىڭمۇ ئىدىيىسى ئىلغانر بولۇپ ،دەۋىمىزدىكى رېئال مەسلىىلەرنى ئەكىس ئەتتۇرشتە مۇھىم رول ئوينىغان . ھالبۇكى ئۇنىڭ مەستانىلىرى ياقتۇرغان ھەم ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان «ۋەكىللىك ئەسەر» لىرى «ھەۋەسكارلارنىڭ يېڭى ھەۋىسى » ،«ئاجايىپ چۈش » ، «ياماللىغان ئابدالنىڭ خورجۇنى يېرىم » ، گاسنىڭ كېسەل يوقلىشى »، «تىلنىڭ سۆڭىكى يوق » ، «تۇماق سېتىش» ۋە «ئېگىز بالىنىڭ پاكار دادىسى »، «ئەلچىلىك » دېگەندەك بىر قاتار ئىتوتلىرىغا قارايدىغان بولساق ، كۈتكنىمىزگە چۈشلۇق نەرسىگە ئېرىشەلمەي كۆڭلىمىزنى ئەپسۇسلۇق تۇيغۇسى قاپلايدۇ.
ئۇنىڭ باشقا «ئۇسلۇپ ناماياندىلىرى » گە قارايدىغان بولساق ، گ قارايدىغان بولساق .گاس بولۇۋېلىپ ،خوتۇنى بىلەن «ئاغرىپ قالغىنى داداڭ ئەمەس »دەپ زاكونلىشىشىلىرى ، چولپانلارنى «ئىككى ئۆپكىسى بار» دەپ قوپۇشلىرى ، ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى كېسىۋېتىپ ««كۇساركۇ » دەۋېلىشلىرى ، «ئانام -ئانام» نى ئۇسۇللۇق چال دەپ زورلاشلىرى ،خوتۇنىنىڭ ئېرىدىن ھېلى چاپان تالاشسا ھېلى دۇتار تالىشىپ گىدىيشىىلىرى ، ئۆزىدىن بىر مېتىر پاكار ئادەملەرنى «دادا» دەۋېلىپ سۇۋۇنۇپ ئەركىلەشلىرى ،«سەدىقە بالانى يەر » نى « غەربىي گېرمانىيە »گە ، «ئاللاغا رەھمەت » نى «مەمەت ئەخەت »كە ئوخشىتىپ ياساپ چىققان بىر تالاي مەنتىقىسىز سۆز ئويۇنلىرى ، داداىسىدىن قىز كەلتۈرۈشنى ئۆگىتىپ قوي دەپ تۇرۇۋېلىشلىرى ... كىشىگە كۈلكىدىن بۆلەك ھېچنېمە بېرەلمەيدۇ . بۇلاردا پەقەت ئاز-تولا دىققەتنى تارتقۇدەك شەكىللا بار . ئادەم ئۆز قىممەت قارىشىغا ، تۇرمۇشىغا تەتبىقلاپ ،تەربىيە ۋە تەسىر ئالغۇدەك ئىلمىي قايىل قىلالايدىغان چوڭقۇر پىكىر ياكى تېرەن تەپەككۇر ، يا بولىمىسا پىششىقراق بەدىئىي قۇرۇلمىمۇ يوق.
تەكىتلەش زۆرۈركى ، سەنئەتكارنىڭ ۋەزىپىسى - خەلقنى تەربىيلەش ، يېتەكلەش . بىر قىسىم تۆۋەن قاتلامدىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۈلكە بولسىلا بولىدىغان يېرىنى تۇتۇۋېلىپ ، كەچكىچە شۇنىڭ ئۈچۈن پالاقلاپ يۈرۈش ھەقىقىي سەنئەتنىڭ تەسىرچانلىقىدىن تەتۈرىچە پايدىلىنىش ، بازارنى تەتۈر ماڭدۇرىدىغان ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ناچارلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار دەل مۇشۇنداق سۈپەتسىز ماللاردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىتوت ئىتوت سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە غەلىبىسى ئۇنىڭ تەربىيە ، تەشۋىق قىممىتىدە . شۇنداق ئىكەن ، مەزمۇنىغا دىققەت قىلماي، شەكىلگىلا ئىسىلىۋېلىش ھەتتا ئۇنى «خاسلىق » دەۋېلىش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىكتۇر. بىز ھەرگىزمۇ ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ « يېغىرى »نى تاتىلىماقچى ئەمەس ، تاماشىبىنلىرىمىزئۇنىڭغا ،ئۇنىڭ سەنئىتىگە مۇھتاج . بىز پەقەت ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ نادىر ئىتوتلار بىلەن نامايان بولۇشىغا تىلەكداشلىقىمىزنى بىلدۇرىمىز- خالاس .چۈنكى ھەركىم ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنىڭ كەم - كۇتسىز بولۇشىنى ئازۇ قىلىدۇ. ئەمەسمۇ؟
دېمەك ،ئىتوت سەنئىتىمىزنىڭ ئون نەچچە يىللىق يەرەققىيات مۇساپىسگە كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق ، سەنئىتىمىزدە يېڭىدىن بىخلانغان بۇ ياش ژانىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېزلا گۈللىنىپ ،كىشىىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان بىر سەنئەت شەكلىگە ئايلانغانلىقىنى ،تۈرلۇك ئىزدىنىش ، سىناق قىلىش ، يېڭىلاش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ، باغانچە ئىلمىيلىشىپ ، تاكامۇللىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز.ئىشىنىمىزكى ،بۇ ساھەدە تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەر ، يېتۈك ئاكتىيورلار ھەم ئىجادىيەتچى رېژىسسورلار يېتىشىپ چىقىپ ، خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرىدۇ.




(ئاپتورى :شەندۇڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنىتىتىۇتى بواغلتىرلىق ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىسى)

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2007-6-23 22:43:11

ﻣﻪﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺘﻮﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻣﻜﻪﻥ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﻰ ﻧﺎﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ.

SARKA يوللانغان ۋاقتى 2007-6-24 12:11:29

ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ...
ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺗﯩﺘﯩﻘﺴﯩﺰ ﺋﯩﺘﻮﺗﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ...

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2007-6-24 13:40:14

ﻳﺎﺧﺸﻰ ....

xanu يوللانغان ۋاقتى 2007-6-24 13:56:01

ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯨﻜﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﻠﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﻮﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ 2- ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﺭﮔﯜﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2007-6-24 15:37:56

ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ 2-ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ 3-ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻛﯚﺭﻣﻪﻣﺴﯩﺰ...

akkaniyat يوللانغان ۋاقتى 2007-6-25 08:31:42

ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﭙﺴﯩﺰ، ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ!!!

xohxoh يوللانغان ۋاقتى 2007-7-25 19:18:39

ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻣﯩﺠﯩﺘﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻻﻡ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ﻛﯘﻟﮕﯩﻢ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ.

boytakyigit يوللانغان ۋاقتى 2007-8-10 10:15:41

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ .

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2007-12-25 20:08:36

ﺋﻪﺟﺮﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﻛﯚﭘﺘﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ !
بەت: [1]
: ﺋﯩﺘﻮﺗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﻳﻮﻝ