Turjun يوللانغان ۋاقتى 2007-6-22 18:35:06

مۇھەببەت ئارقىلىق amp«;amp«; كۆڭۈل يارىسى » »

مۇھەببەت  ئارقىلىق << كۆڭۈل يارىسى >> نى داۋلاش


ئۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان رومانتىكىلىق ھېكايىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، يىگىت قولىغا ئوتقاشتەك قىزىل ئەتىرگۈلنى ئېلىپ ،قىز بىلەن ئايرىلدى .
ئۇ قىزنى دائىم كۆرۈشىدىغان قەھۋەخانىغا تەكلىپ قىلىدى . قىز ئىلگىرىكىدەك ياسىنىپ ‏- تارانغان بولۇپ ، چاچلىرى رەتلىك ، يىگىتلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يەسىمەن گۈلى ئەتىرىنىڭ خۇشبۇي ھىدى بىلەن ئىشىكتىن كىردى . قىز ئىشىكتىن كىرىپلا ئادىتى بويىچە دېرىزىگە يېقىن جايدىكى 9‏- نومۇرلۇق ئۈستەلدە ئولتۇردى . ئۇستەلگە ئوتقاشتەك قىزىل بىر دەستە ئەتىرگۈل قويۇلغان ئىدى . يىگىت ئىڭىكىنى يۆلىگىنىچە سىرتقا قاراپ تۇراتتى ، قىزنىڭ يۈرىكى تىنىمسىز دۈپۈلدەيتتى .
يىگىت بۈگۈن قىزغا ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىشىنىڭ بۇندىن كېيىن ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىدىغان پۇرسەت بولماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . قىزچاق تۇيۇقسىزلا قايمۇقۇپ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالدى . ئۇلار يېرىم يىل ئىلگىرىلا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ئەمەسمىدى ؟ <<: كەچۈرۈڭ ،سىزنى سۆيۈشىم چۇڭقۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىزمەن ، بۇنداق قىلسام سىزگە ئازاپ سېلپ قويىمەن >> دېگەننەلىلا ئاران دېيەلىدى . لېكىن ئۇنىڭ ئېسىدە بارمۇ ؟ ئۇ قىزغا بىر ئۆمۈرلۈك ۋەدە بەرگەن ئەمەسمىدى ؟ ئۇ قىزنىڭ قەلبىدىكى بىر ئۆمۈرلۈك يۆلەنچۈكى ئىكەنلىگىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟
ئۇلار بىر قېتىملىق ئىلمىي دوكلات يىغىنىدا تۇنۇشقان بولۇپ ، كېيىن قىز تىرىشىپ ئۈگىنىپ ، ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتتى ئۇ دائىم قىزغا بۇرۇن بىر قىزنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرەتتى .بۇرۇن تونۇيدىغان قىزنى ماختاپ ئۇنىڭ گۈزەل كېلىشكەن ،تالانتلىق ،ئەستايىدىل ئىكەنلىگىنى ئېيتاتتىى . قىز يىگىتنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قەلبىي ئاچچىق بولۇپ قالاتتى . ئەمما ، ئۆزىنى تەمكىن تۇتىۋالاتتى چۈنكى ، مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن ئىككىيلەن بولۇپ ،ئىككى تەرەپ چوقۇم ئۆز ‏- ئارا ئىشىنىش كېرەكلىكىنى ئويلايتى . ئامما قىز يەنىلا ئۆزىنىڭ مۇھەببەتتە مەغلۈپ بولىدىغانلىقىنى ئويلىىغان ئىدى . ئۇ ئۈچىنچى شەخسىكە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى . يىگىت قىزنىڭ تاتىرىپ كەتكەن يۈزىگە قاراپ يۈرىكى ئېچىشتى . قەلبى ئازابلاندى . ئەمما ،ئامالسىز قالدى . ئۇ قىزغا ئايرىلىپ كېتىشنى بۇرۇنلا ئوتتورىغا قويۇشنى ئويلىغان .لېكىن ، قىزنىڭ قوبۇل قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ قىزغا ئېيتىشقا جۈئەت قىلالمىغان ئىدى .
قىز ئۇرنىدىن دەس تۇرۇپ ، تىك تۇرۇشقا تىرىشتى <<: رەھمەت سىزگە ، نەچچە يىلدىن بېرى ماڭا بەكلا كۆپ مۇھەببەت ئاتا قىلدىڭىز ، ماڭا كۆپ غەمغۇرلۇق قىلدىڭىز>>دېدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياشلار لىغىرلاپ تۇراتتى . لېكىن ، ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ يەنە بىر قېتىم سىزنىڭ قەھۋە ۋە ئەتىرگۈلىڭىزگە رەھمەت ... دېدى دە ، بىر تاكسىنى توسۇپلا كېتىپ قالدى .
قىز ئۆزى يالغۇز ناتۇنۇش شەھەردىكى تۇمۇشىنى باشلىدى . يىگىت قىزنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدى .
يىگىت قىزغا توختىماي قىسقا ئۇچۇر ، ئېلخەت يوللىدى . بىر ئايدىن كېيىن ، قىزنىڭ جاۋابىنى تاپشۇرۇپ ئالدى .قىز بۇنداق جاۋاب يازغانىدى <<: رەھمەت سىزگە ،مەن قايتا تۇغۇلدۇم . سىزنىڭ كۈلكىڭىز ، سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىز مېنىڭ ئېسىمدە >> دېگەنىدى .
ئۇرۇشۇپ ‏- تىللاشماي مۇھەببەت ئاخىرلاشتى . لېكىن تۇمۇش يەنىلا داۋاملاشتى . قىز يېڭى ئۆيگە كۆچتى .يېڭى خىزمەتكە ئالماشتى . يىگىت بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ ،قىزنىڭ دوستىدىن قىز توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشتى . يىگىت ئۇ قىز دائىم ئۆتىدىغان يولغا بېرىپ ساقلاپ تۇردى ئۇنىڭ قىزنىڭ ھالىتىنىى كۆرۈپ باققۇسى بار ئىدى چۈنكى ئۇ قىزنى بۇرۇن شۇنداق ياخشى كۆرگەن ، شۇڭا قىزدىن خاتىرجەم بولالمايتى . ئۇ قىزنى كۆردى . قىز چېچىنى قىسقا قىلپ ياسىۋالغان ، يارىشىملىق مودا كىيىنىۋالغان بولۇپ ، يىنىڭ قەدەملەر بىلەن كېتىپ بارتتى. يىگىت قىزنىڭ خۇشاللىقىغا تولغان چېھرىنى كۆردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزغا ئىشەندى .
ئۇ قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق قىزغا بولغان ئەنسىرىشنى ،شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى تەسەللىسىنى ئېيتتى . ئۇ قىزغا <<سىز ھەقىقەتەن باتۇر ئىكەنسىز << دېدى . قىز ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ <<: بۇ مېنىڭ باتۇرلىغىم ئەمەس ، پەقەت ئىللىق ھېسسيات ئارقىلىق ئازاب يارىسىنى ساقايتىشنى بىلگەنلىگىمدىن >> دېدى .
نېمە دېگەن ئەقىللىق قىز ‏-ھە ! گەرچە ئۇلار ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ، بىر ‏- بىرىنى ئەيىبلەپ ، بىر ‏- بىرىگە زەربە بەرمىدى . بىر ‏-بىرىدىن ئۆچ ئېلىپ يۈرمىدى . يۈگىمەس تالاش ‏- تارتىشلار قىلىپ ، زېھنىنى خۇراتمىدى . ئەكسىچە قارشى تەرەپنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ،ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئويلاپ ، ھېسسيات خارابىسى ئىچىدىن يېڭى گۈللەرنى ئېچىلدۈردى .
ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ : ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2007-6-22 19:04:31

ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ!

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2007-6-22 20:10:18


<<: كەچۈرۈڭ ،سىزنى سۆيۈشىم چۇڭقۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىزمەن ، بۇنداق قىلسام سىزگە ئازاپ سېلپ قويىمەن >>
___________________________________________________

ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﺪﻩﻛﻼ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﭙﺘﯩﻐﯘ ﻣﺎ ﻳﯩﮕﯩﺖ .

xohxoh يوللانغان ۋاقتى 2007-6-23 10:18:08

atella يوللانغان ۋاقتى 2007-6-23 13:56:16

ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ...ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺱ...ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺱ ...ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﭽﺪﻩ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﯩﻠﺪﯗ.

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2007-6-23 16:55:16

ﻗﯩﺰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﮬﻪﻡ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﯩﮕﯩﺘﮕﻪ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﯩﻠﻪﭘﺘﯘ .ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﺯ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ .

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2007-6-24 02:40:53

ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺧﻮﺵ ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ .

ﻣﻪﻥ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ . ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﻗﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ .

izdan يوللانغان ۋاقتى 2007-7-11 17:47:28

ﺋﺎﺷﯩﻘﻠﯩﻖ ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻛﻰ ،ﺋﯘ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺧﺎﻣﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﺎ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ  ﻛﯜﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ.ﺋﯘ ﮔﻮﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺗﺎﻏﻘﻰ ﻣﯩﯔ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻧﻰ ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﺪﯨﺮﯨﺪﯗ!

laili يوللانغان ۋاقتى 2007-7-26 17:38:39

maz balikan

dilnur555555 يوللانغان ۋاقتى 2007-9-8 11:27:14


ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﻗﻤﯩﺪﻯ.
ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﺋﯘ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﺩﯨﻜﻪﻥ!
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺱ!

mmrr330315 يوللانغان ۋاقتى 2007-9-15 15:47:26

ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﺋﯘ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﺩﯨﻜﻪﻥ

MVSCOM يوللانغان ۋاقتى 2007-9-29 09:46:25

ﻣﻪﻥ ﺋﻜﯩﻨﻠﯩﭗ  ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ

YUKSAL327 يوللانغان ۋاقتى 2007-9-29 10:12:30

ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﮕﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ~~! ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﻳﺎﻗﻤﯩﺪﻯ.....
   ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ.......
بەت: [1]
: مۇھەببەت ئارقىلىق lt«; كۆڭۈل يارىسى »» نى داۋلاش