ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﮔﯩﺮﺍﻓﯩﻚ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ
http://www.qarluq.com/edu/qarluqdemoreel.mpgﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﮔﯩﺮﺍﻓﯩﻚ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ
مەدەنيەت ۋە مېدىئا ساھەسىدىكى غايەت زور بوشلۇق ۋە زۆرۈرىيەت بىزنى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىللە مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا چاقىرىۋاتىدۇ! بىز بۇ يەردە بىرلىكتە تەپەككۈرىمىزنى ئويغىتىپ، ئۆزلىكىمىزنى ئىپادىلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتكە ۋە ئىقتىسادىي يۈكسىلىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمىز.
سەبىي بالا ۋاقىتلىرىڭىزدا ئاڭلىغان چۆچەكلىرىڭىز، گۈزەل ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭىزدا ھەۋەس بىلەن ئوقۇغان ھېكايىلىرىڭىز، ئىلھامىڭىز كەلگەندە كۆرگەن ئاجايىپ چۈشلىرىڭىز مانا بۇ يەردە كۆز ئالدىڭىزدىكى مەۋھۇم دۇنيارىڭىزدا ئۆز خاھىشىڭىز ۋە ياقتۇرىشىڭىز بويىچە روياپقا چىققۇسى!
قارلۇق سىتۇدىيىسىدە يېقىندا دەرس باشلىماقچى بولغان سىنىپ سىزنى بۇ يولغا يولغا باشلاشنى نىشان قىلىغان!
<<قارلۇق كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى ۋە ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسى تەربىيىلەش سىنىپى>> نىڭ ئېچىلىش ئاساسىي مەقسىدى شىركەتكە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر گرافىك ساھەسىگە ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەپ چىقىش بولۇپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر كىنوچىلق مەدەنىيىتىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش.
• سىنىپقا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يىگىرمە ئالما i Mac كومپيۇتېرى ۋە يىگىرمە يۈرۈش A5 ئۆلچىمىدىكى Vacom Graphic سىزىش تاختىسى سەپلەنگەن.
• ئۇقۇتقۇچى ئۈچۈن بىر MacPro ۋە بىر يۈرۈش Vacom Intuos سىزىش تاختىسى، دەرس تەييارلاش ئۈچۈن بىر يۈرۈش MakBookPro كومپيۇتېرى سەپلەنگەن.
• يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى پىرويېكسىيە ئاپىراتى ۋە ئاۋاز ياڭراتقۇ سەپلەنگەن.
• Apple Desktop Remote ئارقىلىق سىستېمىلىق باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
• بۇ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى كەسپىي قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى، ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتىنى ھازىرلىغان كومپىيۇتېر گرافىك سەنئىتى ئوقۇتۇش تورى ھېسابلىنىدۇ.
20 ئوقۇغۇچى 20 يۈرۈش كومپيۇتېردا ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن، ھەمكارلىشىپ ھەم مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان 20 خادىم بىلەن تورلاشتۇرۇلغان 20 خىزمەت كومپىيۇتېرى مۇھىتى شەكلىللىنىپ، لاياقەتلىك ئوقۇغۇچىلار قارلۇقتا رەسمىي خادىم سۈپىتىدە قالىدۇ.
سىنىپ لايىھىسى:
http://images13.51.com/22/a/92/eb/sabah/500_707_410874c08af398e5.jpg
تەپسىلاتى
http://www.qarluq.com/edu دىن كۆرۈڭ.
ﺑﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯧﻼﻥ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﻛﻪﯓ ﮔﯩﺮﺍﻓﯩﻚ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ. ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﺭﺩﯨﻤﯘ؟
ﻳﺎﻕ، ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮔﻪﭘﻘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻨﺴﯩﻠﻪﺟﯘﻣﯘ!!!!!!!! ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﭘﺘﯘﻏﯘ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﻧﻠﯧﺮﻯ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ... ﺗﻮﯞﺍ ، ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺋﺎﻻﭼﻪﻛﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻜﯩﻨﺎ؟ http://www.qarluq.com/edu/qarluqdemoreel.mpg ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻛﯚﺭﯛﯕﻼﺭ:
http://www.qarluq.com/edu/qarluqdemoreel.mpg ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ.....
ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻜﻪﻥ.... ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ!
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﺎﺯﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﮔﯩﻨﯟﺍﻻﺭﻛﻪﻧﻤﻪﻥ... ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻱ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺧﯧﻠﻪ ﺑﺎﺭ. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ!
بەت:
[1]