koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2007-6-3 14:52:52

ﻧﻪﺑﯩﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ -ﭼﯩﮕﺮﺍ ﮬﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ amp


چىگرا ھالقىغان خىياللار

)ئەدەبىي خاتىرە(

نەبىجان تۇرسۇن

قوللىرىغا پاسپورت ئېلىپ چەتئەلگە چىقماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئەشۇ چېگىردىن ئۆتىدىغان مىنۇتلارنى تەققەزالىق بىلەن كۈتۈپ جىددىلىشىپ يۈرگىنىنى كۆرگىنىڭىزدە،ئۇلارغا تەسەللى بەرگۈڭىز،سەپىرىگە ئاق يول تىلىگىڭىز كېلىدىغاندۇ؟ئەشۇنداق گۈزەل پۇرسەتكە سىزنىڭمۇ ئېرىشكىڭىز كېلىدىغاندۇ؟!
1990-يىلى 23-مارت. بېيجىڭدىن ئۇچقان سوۋىت ئىتتپاقىنىڭ ئايرۇپىلانى شۇ كۈنى مۇسكىۋا ئايرودرومىغا چۈشۈپ،تاموژنىدىن ئۆتۈپ سىرتقا چىققاندىن كېيىن،مۇسكۋا كېچىسنىڭ نەمخۇش ھاۋاسىدىن تۇنجى نەپەس ئالغاندا، كاللامدا چاقماق تضزلصكصدە «يالت» قىلىپ ئۆتكەن بىچارىلىق، تەنھالىق، مۇساپىرلىق تۇيغۇلىرى مېنى ئىختىيارسىز ھالدا بەش مىڭ كىلومېتىر يىراقتا قالغان ئاشۇ ئانا ۋەتەن تەرەپكە قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتىشقا ھەمدە «ۋەتەن» دىن ئىبارەت مۇقەددەس ئاتالغۇ ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە مەجبۇرلىدى. ئون قېتىملاپ دۆلەت چېگىرسىدىن كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، ۋەتەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش پىسخىكىسى مەن ئۈچۈن خېلىلا كونىراپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەشۇ بىچارىلىق، مۇساپىرلىق تۇيغۇلىرى ھەر قاچان، ھەر مىنۇت مەندىن ئايرىلماي كەلدى.
ۋەتەن دىگەن نېمە؟ ئۇ نېمىشقا شۇنچىلىك مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ؟ ۋەتەن دىگەن بۇ ئىبارە ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن ئىزاھات شۇنىڭدىن ئىبارەتكى: ۋەتەن كىشى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭ گىراژدانى ھېساپلايدىغان مەملىكەت ياكى ئانا يۇرت. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقانداق، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا زېمىن.
ۋەتەننىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ، نەقەدەر مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ۋەتەندىن ئايرىلىپ يات ئەللەرگە قەدەم قويغاندا تېخىمۇ ياخشى بىلىش مۇمكىن. گەرچە ھەممىلا ئىنساننىڭ قەلبى ۋەتەن مېھرى، ۋەتەن مۇھەببىتى، ۋەتەن ساداقىتى بىلەن سۇغۇرۇلغان ھەم بۇ خىل ساداقەت ئىنسانلارنىڭ تەبئى تۇيغۇلىرىدىن بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ۋەتىنىدە يۈرگىنىدە ۋەتەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ۋەتەن مۇھەببىتىنىڭ، ۋەتەن قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەك تەس. ۋەتەندىن ئايرىلىپ ياشىغان ئەشۇ مۇساپىرلىق كۈنلىرى ھايات لەززىتى گويا تۇزى تەڭشەلمىگەن تائامدەك سىزگە ھۇزۇر بېغىشلىيالمايدۇ. چاڭقىغان دىللارنى قاندۇرالمايدۇ. ھامان تۇرمۇشۇڭ مۇھتاجلىق، كۆڭلۈڭ يېرىمچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. باشقىلارنىڭ گىدىيىپ يۈرۈشلىرىگە قاراپ ئىچى تارلىقىڭ، ھەسەت قىلغۇڭ كېلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئاسمىنىدا لەپىلدەۋاتقان بايراقلىرىغا قاراپ، دۆلەت گېمىنىنى ئاڭلاپ ياش تۆككۈڭ كېلىدۇ.
1990-، 1991-يىللىرى سوۋىت ئىتتپاقى يىمىرلىشنىڭ ئالدىدىكى مۇسكۋانىڭ قىينچىلىق كۈنلىرىدە، ئۇيغۇرچە لەغمەن، مانتىلارنى يەپ، ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش، ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاپ، ئازراق بولسىمۇ ئۇيغۇرچە تۇرمۇشنىڭ لەززىتنى تېتىپ، مۇسكۋا ھاياتى ئۈچۈن مەنىۋى ۋە جىسمانى ئېنېرگىيە توپلاش مەقسىتىدە پات-پات ئالمائاتاغا باراتتىم. ئۇ يەردە ياشايدىغان يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسى كىشىگە ياۋرۇپا ئۇسلۇبى ئارىلاش ئۇيغۇرچە ھاياتتىن لەززەت بېرەلەيتتى. مۇسكۋادىن ئالمائاتاغا كۈندە بىر قېتىم ئايروپىلان ئۇچاتتى. بېلەت باھاسىمۇ ناھايتى ئەرزان بولۇپ، شۇ چاغلاردا ئوتتۇرا سەۋىيىدە مائاش ئالدىغان بىر كىشى مائاشىغا ئىككى قېتىم مۇسكۋاغا بېرىپ كېلەلەيتى. بۈگۈنكى كۈندە بېلەت باھاسى يۇقىرلاپ 250 ئامېرىكا دوللىرى سەۋىيسىگە يەتتى. ئەينى ۋاقىتتا بېلەت باھاسى ئەشۇنداق ئەرزان بولغاچقا مۇسكۋاغا بېرىپ كېلىدىغانلارمۇ ناھايتى كۆپ بولۇپ، بېلەت بەك قىس ئىدى. لېكىن يەنىلا ھەر خىل چارىلەر بىلەن بېلەت سېتىۋېلىپ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرەتتۇق. ئاۋىئاتسىيە قائىدىسى بويچە چەتئەللىكلەر ئايرىم تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ئايرۇپىلانغا چىقاتتى. قىزىق يىرى شۇكى، ئۇ چاغلاردا ھەر قېتىم ئالمائاتاغا بارغاندا مەن پەقەت بىرلا چەتئەللىك بولۇش سالاھىيتىم بىلەن ئايرىم تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ئايروپىلانغا چىقاتتىم. قىسقى ھەر دائىم دېگۈدەك يالغۇز چەتئەللىك بولۇپ ئۇچاتتىم. ئايروپىلان كۈتكۈچىلىرى ۋە ساقچى خادىملىرى ماڭا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرگىنىدە ئۆزۈمنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىپ كېتەتتىم.
سوۋېت ئىتتپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولۇپ،يەنە بىر قانچە قېتىم بۇ خىل ئۇيغۇرچە ھاياتتىن لەززەتلىنىش سەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم. بۇرۇن مەن بىردىنبىر چەتئەللىك بولۇش سالاھىيتىم بىلەن ئايرىم تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولسام ئەمدىلىكتە قاتار ئۆچرەتلەر پايدا بولغان بۇلۇپ بىرەر يۈزچە چەتئەللىك ئالمائاتاغا قاراپ ئۇچىدىغان بولغاندى.ئۇلار ھەر قايسى دۆلەتلەردىن بولۇپ، «كازاكىستان»، «ئالمائاتا» دىيىشىپ قازاقىستان ۋە قازاقلار توغىرسىدا بىر-بىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇراتتى. ھەتتا بىر قانچە گېرمانىيەلىك ۋە فىرانسىيەلىك پاساژىرلار بىلەن تۆت سائەتلىك ئۇچۇش سەپىرىدە سۆھبەتلىشىپمۇ ئۈلگۈردۈم. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار بۇرۇن ئۆزلىرى بۈگۈن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان مەزكۇر دۆلەت ۋە مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغان قازاقلار توغىرسىدا ھېھقانداق ساۋاتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى «قازاق» دىسە ئىپتىدائى چارۋىچى مىللەت كۆز ئالدىغا كېلىدىغانلىقىنى ناھايتى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى. مەن ئاخىردا ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىنى ئېيتسا، تېخىمۇ ھەيران بولۇپ، يانچۇقلىرىدىن كىچىك خەرىتىلەر توپلىمىنى چىقىرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نەدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشمنى سورىدى. مەن كۆرسىتىپ بەردىم ۋە ئۇيغۇرلار توغىرسىدا سۆزلەپ بەردىم. روس تىلىنى ياخشى سۆزلەيدىغان بۇ ياۋرۇپالىقلار ئەسلىدە كارخانىچى بولۇپ قازاقىستاندا شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن ماڭغان ئىكەن. ئۇلار ۋاقىت بولسا شىنجاڭغىمۇ كېلدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئىسىم كارتۇچكىلىرىنى بەردى. سېرىق ساقالىق، ئاق يۈزلۈك نېمىس خەرىتىدىكى مەن كۆرسەتكەن يەرگە «ئۇيغۇر» دەپ يېزىپ قويۇپ «ئەمدى سىلەرنىڭ مىللىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولدۇم» دىدى يۇمۇرلۇق ھالدا.
مەن كېيىن بىشكەك، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەرگىمۇ ئۇچتۇم. بۇ ئايروپىلانلارمۇ ئوخشاشلا چەتئەللىكلەر بىلەن تولغاندى. مەن شۇ چاغدا ۋەتەننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشەندىم. ئالمائاتا،بىشكەك، تاشكەنت، ئەنجان شەھەرلىرىنىڭ كوچىلىرىدا بۇرۇن چىرايىدىن چۈشكۈنلۈك بىلەن ھەسرەت ۋە ئەنسىرەش ئالامەتلىرى يېغىپ تۇرىدىغان ئۆزبېكلار ، قازاق، قىرغىزلارنى كۆرگەن بولسام مانا ھازىر مەيدىسىنى كېرىپ يۈزلىرىدىن نۇر ياغقان، كۆزلىرىدىن مەغرۇرلۇق جۇلالىنىپ تۇرغان ئۆزبېك، قازاق، قىرغىزلارنى كۆردۈم. روس كىشلىرىنىڭ بۇرۇنقى ھاكاۋۇر، مەنمەنچى تەلەتىدىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغان. ھەممىلا ئىشتا ئۆزلىرىنى مۇلايىم تۇتۇشقانلىرىنى كۆردۈم. ۋەتەننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن رۇسلار، نېمىسلار ۋە ئوكرائىنلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۆز ئانا ۋەتەنلىرىگە كۆچۈپ كەتمەكتە ئىدى. ئويلۇدۇمكى، بۇ بىچارىلەر ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇنداق پاجىئەلىك قىسمەتكە دۇچار بولدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىمىغان بولغىيتى.
بىشكەك كوچىلىرىدا مېنى شەھەر ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىپ كېتىۋاتقان قېرى روس تاكسى شوپۇرى مېنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىنى كولىغىنىمنى بىلدى بولغاي مەن بىلەن مۇلايىم رەۋىشتە سۆزلەشتى.
-ياقا يۇرتتىن كەلگەن ئوخشايسىز بالام،- دېدى ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، -ئىشقىلىپ يەرلىك ئەمەسسىز، روس تىلى تەلەپپۇزىڭىزدىن قارىغاندا ئۆزبېكىستانلىق بولسىڭىز كېرە؟!
-ئۇنداق ئەمەس، -دېدىم مەن ئەدەپ بىلەن بوۋاينىڭ پەرىزىنى رەت قىلىپ- جۇڭگودىن كەلگەنمەن، موسكۋادا ئوقۇيمەن، قىرغىزىستانغا ئىلمى مۇھاكىمىگە كەلگەندىم.
-ئوھۇ! قالتىس!-دېدى بوۋاي چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ماڭا بۇرۇلۇپ تىكىلىپ قارىغانچە، -ئۇيغۇر ئىكەنسىزدە، سىز چۇقۇم قەشقەرلىكسىز شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق، مەن ئۇيغۇر،- دېدىم بوۋايغا قاراپ خۇشاللىق بىلەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ مېنى بىر قاراپلا تۇنۇۋالغانلىقىدىن قەۋەتلا خۇش بولغانىدىم. ھەتتا بۇ قېرى رۇس قەشقەرنىمۇ بىلەتتى.
بوۋاي مەمنۇنىيەت بىلەن:
-بىشكەكتە ئۇيغۇرلار خېلىلا كۆپ، ھەممىسى بىر-بىرىدىن ياراملىق، ئەقىللىق يىگىتلەر بىز بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەھۇدىلىرى» دەپ ئاتايمىز. چۈنكى ئۇلار سودا تىجارەت ۋە باشقا ھەممە ئىشلاردا ناھايتى چاققان. ناھايتى ئۇستا. بىشكەك سودىسى شۇلارنىڭ قولىدا،- دېدى ۋە،-مەن ئۇيغۇرلار بىلەن ناھايتى چىقىشىمەن. دۇنيادا ئۇلار بىلمەيدىغان ئىش يوق.
بىز ئۇيغۇرلار توغىرسىدا خېلى پاراڭلاشتۇق. مەن بوۋايدىن:
-روسىيە گېزىتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇريەتلىرىدىن روسلار تۈركۈملەپ روسىيەگە كۆچۈۋېتىپتۇ بۇ راستمۇ؟- دەپ سورىدىم، - بۇ بىچارىلەر شۇنچە ياخشى شەھەرلەرنى تاشلاپ نەگىمۇ بارار؟
-نەگە باراتتى؟! ئۇلۇغ روسىيەگە بارىدۇ،-دېدى بوۋاي ئېغىر تىنىپ، يانچۇقىدىن ئەرزان  باھالىق «بېلومور» ماركىلىق پاپروسىنى چىقىرىپ ئاغزىغا سالدى. مەن چاققانلىق بىلەن بوۋاينىڭ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ ئۈلگۈردۈم.
-ھەي! ھەي! – دېدى بوۋاي تاماكىسىنى قاتتىق شوراپ،- كەتمەي ئامال يوق. ھازىر كەتمەكچى بولغانلار تېخىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. روسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا بارساڭ قاتار-قاتار ئۆچرەتلەرنى كۆرىسەن.
-سىزچۇ؟- دەپ سوردىم بوۋايدىن،- كەچۈرۈم سورايمەن. ئەلۋەتتە مۇنداق سوراشتا باشقا مەقسىدىم يوق. مېنى چۈشىنىڭ.
-چۈشىنىمەن ئوغلۇم، مەن ھەممە نەرسىنى توغرا چۈشىنىش تەرەپدارىمەن ئەگەر ئادەملەر بىر-بىرىنى ئۆز-ئارا توغرا چۈشەنسە ئىدى، ھەممە ئىشلار ياخشى بولار ئىدى. مەن بىشكەكتە تۇغۇلغان، دادام كازاكلاردىن. بىز ئۈچ ئەۋلات بۇ يەردە ياشاۋاتىمىز. بۇ يەرنىڭ ھەممە نەرسىسى مەن ئۈچۈن قەدىرلىك. لېكىن بىزگىمۇ كەتمەي ئامال يوق. راست گەپنى دىسەم مېنىڭ قىلچىلىكمۇ كەتكۈم يوق ئىدى. لېكىن شارائىت مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. روسىيەدە ھىچقانداق تۇغقىنىمىز قالمىغان.
-كېتىپ نىمە قىلىسىز. ياشاۋېرىڭ، سىزگە ھېچكىم توسالغۇلۇق قىلمىسا،- دېدىم مەن جاۋابەن.
-قانداقسىگە توسالغۇلۇق يوق دەيسىز؟ ھەممە يەردە توسالغۇ بار. قاراپ تۇرۇڭ، ھازىرلا توسالغۇ پەيدا بولىدۇ. مانا قاراپ تۇرۇڭ،-دېدى بوۋاي ئالدى تەرەپنى تۇمشۇقى بىلەن ئىمالاپ. دەل شۇ چاغدا يول بويىدىكى قاتناش ساقچىسى بىزگە يىراقتىنلا سىنچىلاپ نەزەر تاشلاپ ئالا كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ، ماشنىنى توختاتتى. ساقچى قىسسىق كۆزلۈك قىرغىز يىگىتى ئىدى. ئۇ بوۋاينىڭ ھۆججەتلىرىنى چىقىرىپ كۆرسىتىشنى سورىدى. بوۋاي كۆرسەتتى. ساقچى كۆزلىرىنى قەغەزلەرگە تىكىپ، ئۇنىڭدىن بىر خاتالىق ئىزدەشكە ئۇرۇنغاندەك بەكمۇ تەپسىلى گۇمان بىلەن بىر-بىرلەپ قاراپ چىقتى. ئاخىرى ھۆججەتلەرنى بوۋايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ماشنىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى-دە، غەزەپ ۋە مەسخىرە ئارىلاش:
-كەچۈرۈڭ بوۋاي، ماشنىڭىزنىڭ ماتورى كونىراپ كېتىپتۇ، قاتناش قائىدىسى بويچە سىزدىن شىتىراف (جېرىمانە) ئېلىندۇ،-دېدى.
بۇ گەپتىن ھەيران قالغان بوۋاي، ئالدىرماي، ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ تۇرۇپ:
-نېمىگە شىتىراف تۆلەيمەن كوماندىر؟ ماشنامنىڭ كونىراپ كەتكەن ماتورىغىمۇ؟-دەپ سورىدى.
-ياق، گىراژدان!- دەپ كەسكىن ئېيتتى ساقچى،-موتورىڭىزدىن چىقىۋاتقان قۇيۇق ئىس-تۈتەككە شىتىراف تۆلەيسىز. سىزنىڭ موتورىڭىز ھەر قاچان قاتناش ھادىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن،  ئۇنىڭ ئۈستىگە موتورىڭىز شەھەر مۇھىتىنى بۇلغىدى. ھەتتا سىز قاتناش قائىدىسى بويچىلا ئەمەس مۇھىت ئاسىراش قانۇنى بويچە شىتىراف تۆلەيسىز.
مەن بوۋاينىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا زەن سالدىم. بوۋاي ئاچچىقتىنمۇ ياكى قورقۇشتىنمۇ، تىتىرەپ كەتكەندى. ئاخىرى ئۇ ساقچىنىڭ دېگىنى بويچە شىتىراف تۆلىدى ۋە يولىمىزغا يۈرۈپ كەتتۇق. بوۋاي خېلى بىر يەرگىچە ئۈن تىنسىز ماڭدى. ئاخىرى ئۇ:
-مانا، توسالغۇلۇق بارمىكەن ئوغلۇم؟ كۆردىڭىزمۇ؟ ھازىر ساقچىلار تۇخۇمدىن تۈك ئۈندىرىۋېرىدۇ. باياتىنقى شىتىراف ئۇنىڭ يانچۇقىغا چۈشتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ دىمەك مەن كېتىشىم كېرەك.
-لېكىن ھەممىلا يەردە قازاننىڭ قولىقى تۆت بوۋا،- دېدىم مەن ئۇنىڭغان، - روسىيدە تېخىمۇ شۇنداق، ئۇ يەردىمۇ ساقچىغا پۇل كېرەك.
-لېكىن، ئوخشىمايدۇ، - دېدى بوۋاي كەسكىن رەۋىشتە، - بىز ھازىر ۋەتەنسىز گىراژدانلارمىز. ھوقوقى يوق مىللەتنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ. ۋەتەن-ئازات، ئەركىن ئىنسانلارنىڭ ئۆيىدۇر. قۇللۇق ئورنىغا قالغان، خارلانغان مىللەتنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ. روسىيە ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەن. نىمە بولسام شۇ يەردە بولاي. بىلەمسىز بۇرۇن بىزنىڭ روسلىرىمىز ئەنە شۇنداق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، ئەشۇ قولىدىكى ئالا كالتەكتىن ناھايتى ياخشى پايدىلىناتتى. قىرغىزلار ئۆز ۋەتىنىدە گويا باشقا يەردىن ئېقىپ كەلگەن كەلگىندىلەردەك ھەممىلا يەردە قېقىلىپ، سوقۇلۇپ يۈرەتتى. مانا ئەمدى نۆۋەت بىزگە كەلدى. پەلەكنىڭ چاقى ئايلىنىپ ئالا كالتەك قولدىن كەتتى. ئەمدى ھەسسىلەپ شىتىراف تۆلەيمىز.

-سىز ۋەتەن توغىرسىدا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزگەندەك قىلىسىز، - دېدىم مەن بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاپ.
-ئەتراپلىقمۇ، ئەتراپلىق ئەمەسمۇ. مەن ئۈچۈن بەرىبىر يىگىت، - دېدى بوۋاي ئىرەنسىز ھالدا ماڭا بۇرۇلۇپ قاراپ، ئوڭ قولىنى يېنىك پۇلاڭلىتىپ،-قۇشلارنىڭمۇ، بارلىق ھايۋانلارنىڭمۇ ئۆز ۋەتىنى ئۆز ۋەتەن تۇيغۇسى بولىدۇ. ئەگەر سىز بىرەر جان-جانىۋارنى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتىن ئايرىپ، باشقا بىر جايغا ئاپىرىپ قويسىڭىز، ئۇنىڭ شۇ يېڭى مۇھىتقا كۆنەلمەي كېچە-كۈندۈز نالە قىلدىغانلىقىنى كۆرىسىز. ئەگەر سىز قىرغىزىستان ھاۋا كېلىماتى ۋە تەبىئى مۇھىتغا ماس كېلىدىغان بىرەر ئۈسۈملۈكنى ئافىرقىغا ياكى ئۇ يەردىكى ئۈسۈملۈكنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ ئۆستۈرمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئەي بولۇشى ناتايىن. قىسقى ھەر كىم ئۆز ۋەتنىدە ياشايدۇ ھەم ئەركىن ئازادە ياشىشى كېرەك. شۇڭا مەن قىرغىزىستاننى ئەسلا ئۆزۈمنىڭ ۋەتىنى دېيەلمەيمەن.
بوۋاي «ئۆھۆ، ئۆھۆ» قىلىپ، كالتە يۆتىلىۋېلىپ ئاپپاق قول ياغلىقى بىلەن ئاغزىنى سۈرۈتتىدە سۆزىنى داۋملاشتۇردى:
-لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋملىرنى مىسىر فىرئەۋىنلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن ئازات قىلىپ، قەۋمىنى باشلاپ چۆل-جەزىرىلەردە 40 يىل سەرگەندان بولغان ئۇ، بۇ 40 يىل ئىچىدە ھېچ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالماي، سەرگەردانلىقىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. مۇسا ئەلەيھىسالام نىمە ئۈچۈن بىر يەرنى ماكان قىلىپ، شۇ يەردە مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەرنى ۋەتەن قىلمىدى؟ نىمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
بوۋاي مىيىقىدا كۈلۈپ، ئۇزۇن كىرپىكلىك كۆكۈش كۆزلىرىنى ماڭا تىككەن ھالدا سۇئال نەزىرى بىلەن مەندىن جاۋاپ كۈتتى.
-بىلىمىدىم،- دېدىم مەن بىر ئاز ئويلۇنۇپ،
-بىلىشىڭىز كېرەك يىگىت، بۇ بىر ھەقىقەت!-دېدى بوۋاي كەسكىن رەۋشتە،- ئۆز قەۋمىنى 40 يىل سەرگەردان قىلغان مۇسانىڭ مەقسىتى ئۇزۇن مەزگىل قۇللۇق ئاسارىتىدە ياشاپ قۇللۇق، ھوقوقسىزلىق تۈپەيلىدىن دىللىرى خەستىلەنگەن، جاھالەتكە كۆنگەن ئەۋلادلىرى ئۆلۈپ تۈگەپ، قۇللۇق، زوراۋانلىق زۇلىمىنى كۆرمىگەن، ئەركىن ئازات ئەۋلادلارنىڭ تۇغۇلۇپ، ئەركىنلىكنىڭ، ئازاتلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئەۋلادلىرى بىلەن ئۆز ۋەتىنىنى تېپىشنى مەقسەت قىلغاندى. چۈنكى ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىغان ئادەم ئەسلا قۇل بولۇشنى خالىمايدۇ. شۇنداقمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز ئانا ۋەتىنىم روسىيىگە كېتىشىم كېرەك.
بوۋاي قىزىل چىراغ يانغاندا ماشنىسنى توختىتىپ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-لېكىن نۇرغۇن ئادەملەر ۋەتەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. چۈشەنسىمۇ ھەقىقەتتىن قاچىدۇ. رۇس ئىمپىرىيسى 150 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاننى ئىدارە قىلىپ، يەرلىك مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ ئۇلارنى جىسمانى جەھەتتىن قۇل قىلدى. روسلارنىڭ بۇ جايلارغا قاراتقان مۇستەملىكچىلىك سىياسىتى ھەر خىل سىياسى دەۋردە ھەر خىل بولدى. ھازىرقى مىللى زىدىيەتكە تارىختىكى چوڭ مىللەتچىلىك سەۋەپ بولغان. شۇڭا مەن يەرلىك خەلق تەرىپىدىن ماڭا قىلىنغان بارلىق مۇئامىلىلەرنى توغرا چۈشنىمەن.
مەن قايىللىق نەزەرىم بىلەن بوۋايغا سىنچىلاپ قارىدىم. ئاددى-ساددا، ئەمما پاكىز رەتلىك كىيىنگەن بۇ بوۋاي كۆزلىرىمگە باشقىچە كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇنىڭ پىكىر بايان قىلغان چاغدىكى مۇلايىم ئەممە قەتئى خاراكتىرى ماڭا ئالاھىدە ياققاندى. ئويلۇدۇمكى، ئەگەر ھەممىلا ئادەمنىڭ مۇشۇ بوۋايدەك چۈشىنىش ئىقتىدارى بولغان بولسا، باشقىلارنىڭ ئىنسانى ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلغان بولسا، بۇ دۇنيا قانداق گۈزەل بولۇپ كىتەر ئىدى ھە؟! دېمىسمۇ، مۇشۇ بوۋايدىكى ئىنسانى تەبىئەت ئەسلىدىنلا ئىنسانلارغا ئورتاق بۇلۇپ، لېكىن ھايات قانۇنىيتى بۇ تەبىئەتنى بۇزۇپ تاشلىغاندى. ئەسلىدە ئادەمنىڭ ماھىيتى ياشاشتىكى مەقسىتى، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا قىسقىغىنا ھاياتىنى گۈزەللىك بىلەن بېزەش ئەمەسمۇ؟! ئادەملەر ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مەقسەتلىرى ئۈچۈن يەنىلا قان تۆكىدۇ، بىر-بىرىنىڭ جانلىرىغا زامىن بولىدۇ. بىر-بىرىنىڭ ئەركى ھوقوقىنى دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەددىنى تىكلەشكە ئورىنىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى دەپسەندە قىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، مۇندىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان يۇنان شائىرى لۇكىئاننىڭ «ۋەتەن شەنىگە» ناملىق ئەسىردىكى «مېنىڭ بۇ گەپلىرىم ناھايتى كونا گەپلەردۇر، لېكىن ھەقىقەتەن شۇنداقكى، ئۆز ئاتىسىنى سۆيمىگەن پەرزەنت ئۆزگىلەرنىڭ ئاتىسنى ھۆرمەت قىلىشنى خالىمايدۇ.ئۆز ۋەتىنىنى سۆيمىگەن كىشى ئۆزگىلەرنىڭ ۋەتىنىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ» دىگەن سۆزلىرى يادىمغا كەلدى.
ئۆز ۋەتىنىنى سۆيمىگەن ئادەم نەپسانىيەتچى، خائىن مىجەز كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باسقۇنچىلار ئۇنىڭ ۋەتىنىگە باستۇرۇپ كەلسە، ئۇنىڭغا باش ئىگىپ ئۆز قېرىنداشلىرىنى ساتىدۇ. كىندىك قېنى تۈكۈلگەن ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلىدۇ.
ئۆز ۋەتىنىنى سۆيگەن ئادەم باشقىلارنىڭ ۋەتىنىنى، يەنى پۇنىڭ پۈتۈن مەۋجۇدىيىتىنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش ئاساسىدا سۆيىدۇ. ئەگەر ۋاقتى كەلسە باشقىلارنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن جان بىرىپ، ئۇنىڭ مەلئۇنلارنىڭ ئىپلاس تاپىنى ئاستىدا ئاياق ئاستى بولۇشتىن قوغدايدۇ. مەسلەن: ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى، جۈمىلىدىن ئۇيغۇر خەلقى دەل ئەنە شۇنداق ئىنسانپەرۋەر خەلق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سانسىزلىغان ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرى نىمىس فاشىستلىرى تەرىپىدىن ئاياق-ئاستى قىلىنغان ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ ئانا ۋەتەنلىرى ئۈچۈن ئىسسىق قانلىرىنى تۆككەن. ئۇيغۇر خەلقى ۋەتنىمىزنىڭ ئارقا سېپىدە تۇرۇپ، قېرىنداش خەنزۇ خەلقنىڭ ياپۇن ئالۋاسىتلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئاياق-ئاستى بولۇشتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بىلەن مال-دۇنيالىرىنى ۋە چوڭقۇر مۇھەببەتلىرىنى تەقدىم قىلغان. ھەتتا سوۋېت ئۇيغۇر جەڭچىلىرى شەرقى شىمالنى ياپۇنلاردىن ئازات قىلىش جەڭلىرىدە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ قان ۋە جەڭلىرىنى تەقدىم قىلغاندى.
ئۆز ۋەتىنىنى سۆيگەن كىشى ئۆز ۋەتىنىنىڭ، مىللىتىنىڭ ھۆرمىتىنى كۆتىرىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن جان پىدا قىلىش روھىغا ئىگە بولىدۇ. ئۆز ۋەتىنىنى سۆيگەن ئادەملەر ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى ۋە شانلىق مەدەنىيتى بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ. تارىخىمىزدىكى مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ناۋايى، لۇتفى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان نامايەندىلەر دەل ئەنە شۇنداق ئادەملەر ئىدى. ئۆز ۋەتىنىنى سۆيگەن ئادەم ئۆز ۋەتىنىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ. ئۇنىڭ غورورى، ئىناۋىتىنى ھېچىكمىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا يول قويمايدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋەتەن مۇھەببىتى، ۋەتەن ساداقىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. ئۇنداق ئادەملەر ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى قالغاندىمۇ «ۋەتەن» دىگەن ئىبارىنى ئېيتىپ، بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ روھى ئادەملەرگە يەنىلا ۋەتەننى قانداق سۆيۈشنى ئۆگىتىدۇ. سادىر پالۋان، نۇزۇگۇم، تۆمۈر خەلىپە، خوجا نىياز ھاجىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەخمەتجان قاسىمى، رىزۋانگۈل ۋە باشقا ۋەتەن، مىللەت يولىدا جان بەرگەن سانسىزلىغان نامسىز ئوغلانلار دەل ئەنە شۇنداق ئادەملەر ئىدى.
ئوتتۇرا ئەسىر دۇنياسىنى تىتىرەتكەن چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەدەنىيەت ئۆگىتىپ مەسلىھەتچىلىك قىلىپ ھەتتا ئۇلارنىڭ مەمۇرى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا ئارىلشىپ، نۇرغۇن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سادىر بولۇشنى چەكلىگەن ئىدى. مۇڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەتسىز، قالاق، باسقۇنچى مىللەتتىن مەدەنىيەتلىك مىللەتكە ئايلىنىپ، ياۋرۇ-ئاسىيانى ئىدارە قىلىشىدا ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى باسقان يەرلەردە تېزلا تېنچلىق ئورنىتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىسى زور بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلىنىڭ ئىناۋىتى ئېشىپ، پۈتۈن ئاسىيا، ئىدىل ئۇرال بويلىرىدا ھۈرمەتكە سازاۋەر بولغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يوقۇلۇش گىرداۋىدىكى تاڭ سۇلالىسىنى توپىلاڭچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ قايتا تىكلىشى شۇنداقلا لەپەڭشىپ، ئاجىزلاپ قالغان تاڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلماي ئۇنى ھەتتا تىبەتلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ، تاڭ سۇلالىسى خەلقىنى خانىۋەيرانچىلىقتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق نۇرغۇن مىساللار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن ئىنسانپەرۋەر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەگەر تارىخنى ۋاراقلىساق مۇنداق پاكىتلار ناھايتى نۇرغۇن.
مەن ۋەتەننىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكى توغىرسىدا كۆپ ئويلاندىم. ئىشىنىمەنكى، بۇ ئويلىرىم تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. مەشھۇر روس تەنقىتچىسى بېلىنىسكىنىڭ «كامال تاپقان ۋە ساغلام قەلىبتە ۋەتەن تەقدىرى مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. ھەر قانداق ئالىجاناپ شەخىس ۋەتەن بىلەن قان-قېرىنداشلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى مۇقەددەس باغلىنىشنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ» دېگەن سۆزى ھەر قاچان، ھەر مىنۇت ۋەتەن توغىرسىدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈشم ۋە ئۇنى تېخىمۇ سۆيۈشۈم ھەم باشقىلارغا سۆيۈندۈرۈشۈم ئۈچۈن ئۈندەيدۇ.

تۈگىدى.

بۇ ئەدەبى خاتىرە بوستان ژۇرنىلى 3-ساندىن ئېلىندى. قايسى يىلدىكى  ئىكەنلىكى نامەلۇم.

mux يوللانغان ۋاقتى 2007-6-3 20:51:39

kaskinjan يوللانغان ۋاقتى 2007-6-3 21:09:12

ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻗﯘﺳﯩﻤﯘ ﺋﯘﻗﯘﻏﯘﺳﻰ ﻛﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ .......... ﻧﻪﺑﯩﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ ؟؟؟

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2007-6-4 19:08:56

ﯞﻩﺗﻪﻧﺴﯩﺰ ﻗﯘﺷﻼﺭ،
ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪﯞﻩﺗﻪﻥ ﺩﻩﭖ  ﻳﯩﻐﻼﺭ.

ﯞﻩﺗﻪﻥ

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2007-6-7 20:57:11

ﻳﯩﻐﻼﻳﻤﻪﻥ

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2007-6-12 11:47:19

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ....

bujahan يوللانغان ۋاقتى 2007-8-1 15:04:40

http://www.56.com/u92/v_MTU2Nzk1Njk.html
بەت: [1]
: ﻧﻪﺑﯩﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ -ﭼﯩﮕﺮﺍ ﮬﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ !