DARTMAN يوللانغان ۋاقتى 2007-5-16 20:57:30

قاتتق دېتالنى چۈشنەمسىز؟

بىز ھەمىشە باشقىلارنىڭ ۋە گاھىدا ئۆزىمىزنىڭ "قاتتىق دېسكامنىڭ سىغىمى شۇنداق چوڭ تۇرۇپ، يەنە بوشلۇق يىتىشتۈرەلمەي يۈرىمىنا..."، "كومپىيۇتېرېمدا يەنە شۇنداق كۆپ بوشلۇق تۇرسىمۇ نىمىشقا مەۋھۇم ئىچىكى ساقلىغۇچ يېتىشمىدى دەپ سېستىمام ئاستىلا پ كېتىدۇ؟؟؟؟ " دېگەندەك قاخشاشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
ئەجەبا بىزگە 80، 120گىگابايت بوشلۇقلار راستىلا يېتىشمەمدۇ؟
مېنىڭچە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرگە بىمالال يېتىدۇ، پەقەت شۇ دېسكىنى رايۇنلاغا بۆلىشى مۇۋاپىق بولمىغان ياكى دېسكا كىرەكسىز ئۇچۇرلا بىلەن ياكى ئۆچۈرۈۋەتسىمۇ بولىدىغان ئەمما كۆز قىيمايدىغان نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىدىندۇر.
مەن ئۇزۇن مەزگىل شەخسىي كومپىيۇتېرىمنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئاشۇنداق ئىشلاغا كۆپ قېتىم يولۇقۇپ تولا بۇرنۇمغا سۇ كىرىپ ئاخىرى "قاتتىق دېسكىنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك" دېگەن تىمىدا قىسقىچە خۇلاسىگە كەلدىم ۋە ئۇنى مۇشۇنداق بىر ئېسىل بولغان مىللەت تەربىيىلەش سورىنىدا قېرىداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە كومپيۇتېر ئىكرانىغا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئۇندىن باشقا قېرىداشلاغا قاتتىق دېسكا توغۇرلۇق بىلگەنلىرىمنىڭ ئېسىمگە كەلگەلىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي، قېرىنداشلارغا ئازتولا ياردىمى تەگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.


يۈزەكىرەك قىلىپ چۈشەندۇرسەم بىز ئىشلىتىۋاتقان قاتتىق دېسكا توك يول تاختىسى ، ماگىنىتلىق ساقلاش تەخسىسى، ئۇچۇر ئوقۇش بېشى، ئۇچۇر ئېغىزى (بىز دەيدىغان خەنزۇچىدىكى 接口) ۋە سىرىتقى قاپلاردىن تۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ماگىنىتلىق ساقلاش تەخسىسى دەل ئۇچۇر ساقلىنىدىغان يېرى بولۇپ، قاتتىق دېسكا ئۇنىڭدىن بىرنى ياكى بىر-قانچىنى ئۆزئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. ئادەتتە ھەربىر تەخسىسىنىڭ مۇقۇم چوڭلىقى بولىدۇ (مەسىلەن 40G)، قاتتىق دېسكىنىڭ ئومۇمى سىغىمى= تەخسە سانى * بىر تەخسىنىڭ چوڭلىقى بولىدۇ. مەسىلەن سىزنىڭ قاتتىق دېسكىڭىزدا ئىككى تەخسە بار ۋە ھەربىر تەخسىنىڭ چوڭلىقى 40G بولسا، دېمەك سىزنىڭ دېسكىڭىزنىڭ سىغىمى 80G دېگەن گەپ (ئەلۋەتتە، بىز ئۈچۈن مۇھىمى تەخسە سانى ياكى يەككە تەخسىنىڭ چوڭلىقى ئەمەس بەلكى دېسكىڭىزنىڭ سىغىمى، دېسكىنى رايۇنغا بۆلگەندىمۇ"تەخسە سانى" دېگەن پارامىتىر ئىشلىتىلمەيدۇ، قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم خالاس).
سىز مۇنداق بىر ئىشقا دېققەت قىلدىڭىزمىكىن؟  سىز سېتىۋالغان ئاتالمىش 80GB لىق قاتتىق دېسكىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ سىغىمىنى تەكشۈرسىڭىز80*1024=81920MB=80GB ئەمەس بەلكى 80*1000=80000MB=78.125G چىققانلىقىنى بايقايسىز، ئەجابا بۇ ساختىلىقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:
قاتتىق دېسكا ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت 1GB(گىگابايت) نى 1000MB(مىگابايت) قا تەڭ دەپ ھېسابلايدۇ ۋە شۇ ئۆلچەمدە دەل 40GB,80GB,120GB قاتارلىق سىغىملاردىكىنى ياسايدۇ، ئەمما سىز ئىشلىتىۋاتقان Windows, Linux ياكى باشقا مەشخۇلات سېستىمىلىرى 1 گىگابايت نى 1024 مىگابايت دەپ ھېساۋات قىلىدۇ، مۇشۇ پەرق ئەشۇنداق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
قاتتىق دېسكىنى ئوقۇش يېزىش سۈرئىتىگە كەلسەك، ئۇ قاتتىق دېسكىنىڭ كومپيۇتېر ئاساسى تاختىسى بىلەن ئۇلىنىدىغان ئېغىزىنىڭ تىپى، تەخسىنىڭ ئايلىشى سۈرئىتى قاتارلىق تەرەپلەردىن بەلگىلىنىدۇ. بىز كۆپ ئىشلىتىۋاتقان قاتتىق دېسكىنىىڭ ئېغىزدىن (مۇشۇنداق ئاتاپ تۇراي) DMA(ATA) 100/133 ، SATA ، SCSI دەپ ئۈچ تۈرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە:
DMA(ATA) 100/133 بىرقەدەر بۇرۇنرا چىققاچقا كۆپرەك ئومۇملاشقان(80% كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ تىپتىغۇ دەيمەن) (ئۇنى 40چىشلىق كەڭرى سىم بىلەن ئۇلايدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوپتىك قوزغاتقۇچنىڭ ئېغىزىمۇ مۇشۇ تۈردە)، ئۇنىڭ يانداش (مەلۇم پەيتتە بىر-نەچچە بىت ئۇچۇر بىراقلا يوللىنىدۇ دېگەنلىك) ئېغىز بولۇپ ئۇنىڭ سىرتقا ئۇچۇر ئەۋەتىش سۈرئىتى 133MS/s (بۇ پەقەت نەزىرىۋى قىممەت بولۇپ ئەمەلىيەتتە بەك چوڭ بولغاندىمۇ 50MB/S قا ئاران چىقىدۇ).
SATA
بۇ ATA دىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئېغىز تىپى بولۇپ ئۇنىڭ ھازىرقى نەشىرىنىڭ (v1.0) نىڭ سىرتقا ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى بارلىق ئۈسكىنىلەر ياخشى ماسلىشالىسىلا 150MB/S قا يېتەلەيدۇ ، يەنە ئۇ ئارقىمۇ-ئارقا(مەلۇم پەيتتە پەقەت بىر بىت ئۇچۇر يوللىنىدۇ دېگەنلىك) شەكىلىدە ئۇچۇر يوللايدىغان بولۇپ ئۇلاش سىمنىڭ ھەجىمى ATA نىڭكىگە قارىغاندا كۆپ كىچىك، ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ توك سەرپىياتى تۆۋەن بولۇپ ±250mV لىق بېسىمدا خىزمەت قىلىدۇ (ATA بولسا+12V, +5V ).
ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلېرى بولغاچقا يڭى قۇراشتۇرلىۋاتقان كومپيۇتېرلارغا ئاساسەن دېگىدەك مۇشۇ تىپتىكى قاتتىق دېسكا سەپلىنىۋاتىدۇ (ئۇنىڭ باھاسى ئوخشاش سىغىمدىكى ATA قاتتىق دېسكىدىن نەچچە ئون يۈەنلا پەرقلىق).

SCSI
بۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلەتمەيدىغان بىراق توردىكى مۇلازىمېتىرلاردا كۆپرەك ئىشلىتىدىغان تىپ. بۇ تىپلىق قاتتىق دېسكا تەخسىسىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ناھايىتى يۇقىرى(بىر مىنۇتتا ئون مىڭ قېتىم، بۇتوغرىلىق ئاستىدا توختىلىمەن) بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى160MB/s قا يىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەك چوك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ خىزمەت قىلغانداCPU نى ئەڭ ئاز ئىشلىتىدۇ (5% ئەتراپىدا ئىكەن، قارىغاندا مۇشۇ ئەڭ تۆۋىنى ئوخشايدۇ)، ئەمما ئۇنىڭ توك سەرپىياتى(دېمەك ئىسسىقلىقنى كۆپ چىقىرىدۇ) ۋە باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ئائىلىلەرگە تازا ماس كەلمەيدۇ.

بايا مەن "تەخسىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى" دېگەن گەپنى چىقاردىم ، بۇ يەردىكى "سۈرئەت" قاتتىق دېسكا ئىچىكىدى ئۇچۇر ساقلاش تەخسىسىنىڭ بىر مىنۇتتا ئايلانغان قېتىم سانىنى كۆرسىتىدۇ(ئۇنىڭ ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىدىغانسىز:). ئايلىنىش سۈرئىتى قانچە تېز بولسا ئۇچۇرنى شۇنچە تېز ئوقۇپ(يېزىپ)چىقىدۇ، ئەكسىچە بولسا ئەكسىچە بولىدۇ.ھازىرقى قاتتىق دېسكىلار ئاساسەن ياكى 5200 لىك ياكى 7200 لىك (SCSI بولسا 10000لىق دېدىمغۇ بايام...)


يەنە بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن.... قاتتىق دېسكىنىڭ ئىچىدە "باففېر" (مۇنداق دەپ تۇراي، ئۇ خەنزۇچىدىكى
数据缓冲器) دەيدىغان بىر ئۇچۇر ساقلاش ئورنى بولۇپ قاتتىق دېسكا تەخسىىسىگە يېزىلىدىغان(ياكى ئوقۇلىدىغان) ئۇچۇرلار ئاۋال مۇشۇ ئورۇنغا تېز سۈرئەتتە توشۇلۇپ ئاندىن كومپىيۇتېر ئىچكى ساقلىغۇچىغا يوللىنىدۇ ياكى ئىچىكى ساقلىغۇچىتىن قاتتىق دېسكا تەخسىسىگە يېزىلىدۇ.
قاتتىق دېسكا تەخسىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ باففېرغا يوللىنىش ياكى باففېر دىكى ئۇچىرنىڭ تەخسىگە يوللىنىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ ئادەتتە 600MB/s ئەتراپىدا بولىدۇ (بىز پات-پات ئاڭلايدىغان قاتتىق دېسكىنىڭ ئىچكى يوللاش سۈرئىتى دېگەن مۇشۇ شۇ). ئەلۋەتتە باففېرنىڭ سىغىمى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى، بىراق باففېرنىڭ توك يولىنى توپلاشتۇرۇش ناھايىتى تەس بولغاچقا ھازىر ئۇ 2MB,8MB ۋە بىر قىسىم ئالى قاتتىق دېسكىلاردا 16MB لا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇڭا قاتتىق دېسكا سېتىۋالغاندا مۇشۇنىڭغىمۇ دېققەت قىلىپ قويۇڭ.                  

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2007-5-16 21:34:34

ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺗﻪﺧﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻜﻜﻪﻧﺪﻩ ~~~~~ﺑﯘ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﺘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﯩﻠﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﻪﻣﺪﯗ

kixlak يوللانغان ۋاقتى 2007-5-18 14:40:27

ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻛﻪﻥ ﺋﺎﻳﻨﺎ ..

hakcer يوللانغان ۋاقتى 2007-6-19 17:27:50

بەت: [1]
: قاتتق دېتالنى چۈشنەمسىز؟