koktash يوللانغان ۋاقتى 2007-5-10 16:47:13

ئەيدىز ۋە مەن

ھاياتنىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى پەقەت ئۆلۈمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچىرىغان كىشىلەرلا ھېس قىلالايدۇ!

قولۇمدا قان تەكشۈرۈش قەغىزى. نۇرغۇن تەغدىرداشلىرىمنى ئۈمدسىزلەندۈرۈپ, دەھشەت بىلىنگەن بۇ دىئاگىنوز,  يەنى HIV (+), گويا ماڭا تەسىر قىلمىغاندەك ......

ياق! ئەگەر بۇ دىئاگىنوز قەغىزى بۇنىڭدىن يېرىم يىل بۇرۇن بولغان قولۇمدا بولغان بولسا, مەنمۇ باشقىلارغا  ئوخشاش ھاياتتىن ئۈمىدىمنى ئۈزگەن بولاتتىم. چۈنكى مەن ئۇ چاغدا تېخى قىزىل كرېستنى چۈشەنمەيتتىم ....



دەسلەپكى مىنۇتلاردىن ئەسلىمە:

مېنىڭمۇ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاش بەختلىك ئائىلەم, كۆيۈمچان يولدىشىم بولغان. گەرچە بىز خەقنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتارساقمۇ, يولدىشىمنىڭ تىرىشچانلىقىدا تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ھەم ياخشى ئۆتەتتى.

قىزىم تۆت ئايلىق بولغان چاغدا, قەيسەر تۇيۇقسىز سوغۇق ئۆتۈپ قالغان باھانە بىلەن دائىم دۈمبىسى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. ئاغرىقى كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىپ, تۈزۈكرەك ئىشمۇ قىلالمىدى. ئارلىقتا بىر نەچچە قېتىم شەخسىي دوختۇرلاغا كۆرۈندى. ئۈنۈمى بولمىغاچقا, شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كىرىپ تەكشۈرەتتۇق. ئۇلار "ئۆپكە تۇبېركليۇز" دەپ دىئاگىنوز چىقاردى. ئارلىقتا بىر نەچچە كۈن دورا ئىچىپ يەنىلا ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەچكە, يەنە بىر تەرەپتىن, قىزىپ, ئىچى سۈرۈپ توختىمىغاچقا, قايتا دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە مەجبۇر بولدى.

ئۇ كۇنى مەن ئۆيدە بالىغا قاراپ ئولتۇراتتىم. چۈشتىن كېيىن بولغاندا, قەيسەر چىرايى تامدەك تاتارغان ھالەتتە, جانسىز پۇتلىرىنى ئاران سۆرەپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ, يۈرۈگىم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك قاتتىق سېلىپ كەتتى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا "ئايشەمگۈل, مەن تۈگەشتىم. مەن ئەيدىز بولۇپ قاپتىمەن!" دىدى. ئۇنىڭ نىمە دىگىنىنى ئاڭقىرالمىدىم. تاپىنىمدىن چىققان ئوت مىڭەمدىن چىقىپ كەتتى. قەيسەرنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىۋېلىپ "نىمىشقا قان تەكشۈرتىسىز؟ سىز ساراڭمۇ؟" دەپ قايتا- قايتا ۋارقىراپ كەتتىم. كاللام قۇپ- قۇرۇق, قۇلىقىمدا بىرلا سۆز جاراڭلايدۇ ... ئەيدىز! ئەيدىز!!!!

ئۆيگە كىرسەممۇ, تالاغا چىقساممۇ قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە يەنىلا شۇ سۆز!

ھەر ئىككىمىز نىمە قىلىشىىمىزنى بىلمەيتتۇق. بۇ خىل "دەھشەت"نى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ھېس قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. يۈرىكىمىز قاتتىق سوقۇۋاتاتتى. كۆزلىرىمىز ئۆينىڭ ئىچىدىن, تامنىڭ بۇلۇڭلىرىدىن, تېلېۋىزوردىن بىر نىمىلەرنى ئىزدەۋاتاتتى. كۆزۈم تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قىزىمغا چۈشكەندە بولسا, يۈرۈكىم پىچاقتا تىلغاندەك ئاغرىپ كېتەتتى.

سىز بەلكىم, ئۇلار ئۆيدىن نىمە ئىزدەۋاتقاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالغانسىز- ھە!

تەسەللى! شۇنداق, بىز ئۆيدىن, بىر- بىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن, ئوماق قىزىمىزدىن تەسەللىنى ئىزدىدۇق, لېكىن تاپالمىدۇق. ئۇ كۈنى ۋاقىت بەك ئاستا ئۆتتى, گويا ئارقىغا مېڭىۋاتقاندەك .....

بىز قىزىمىزنى كۆتىرىپ كۆچىلاردا ئايلاندۇق. ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھەممىگە تويماي قارايتتۇق. ئۇ كۈنى ئاخشىمى كاللامغا تۇيۇقسىز بىر ئوي كېلىپ قالدى ۋە قەيسەرگە مۇنداق دىدىم: "خەقلەر بىزنىڭ شۇ كېسەل بولۇپ قالغىنىمىزنى بىلىپ قالغۇچە, بۈگۈنلا مەشكە كۆمۈرنى راسا سېلىپ, مەشنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋېتىپ ئۇخلاپ قالايلى. خەق بىزنى ئىس ئېلىپ ئۆلۈپ قاپتۇ, دەپ قالسۇن".

مېنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەي بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلگەن بولسا كېرەك, ئۇ كۆزىنى يۇمىۋېلىپ گەپ قىلمىدى.

كۈنلەر ئۆتىۋەردى. قەيسەرنىڭ كېسىلىمۇ كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلاپ كەتتى. بىز قەيسەرگە دىئاگىنوز قويۇلغان ھېلىقى كۈندىن تارتىپ, خەلق دوختۇخانىسىغا قايتا قەدەم باسمىدۇق. بىز ھەممىلا يەردە ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ يۈردۇق. ئۇنىڭ كېسىلىنى سەللا سېزىپ قالغانلىكى دوختۇرنىڭ قېشىغا قايتا بارمىدۇق. ھەتتا بۇ توغرۇلۇق سۆزلەشنىمۇ خالىمايتتۇق.

ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىچكەن دورىلىرى پايدا قىلىشنىڭ ئورنىغا, ئەكسىچە جىگەر كېسىلى قوزغالدى.

بىر كۈنى, مەخمۇت ئاكام بىزگە قىزىل كرېستنىڭ ئىككى كۈنلۈك كۇرسى بارلىقىنى, بىزنىڭ قاتنىشىپ بېرىشىمىزنى ئېيتتى.

بىز كۇرسقا قاتناشتۇق. بۇ ئىككى كۈنلۈك كۇرس جەريانىدا, قەيسەر ئىككىمىز دوختۇرخانىدىنمۇ, ئۆيدىنمۇ, ئۇرۇق- تۇققان, دوست- بۇرادەرلەردىنمۇ تاپالمىغان بىر نەرسىنى, يەنى تەسەللىنى تاپتۇق. ياسىنجان, ئىسكەندەرلەرنىڭ بىز بىلەن بىمالال ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشى, ھېچقانداق كەمسىتىشنىڭ ئۇرانى تېپىلمايدىغان مۇلايىم گەپ سۆزلىرى, بولۇپمۇ كۇرستا سۆزلىگەن ئۆزىنى كۈتۈشكە دائىر بىلىملەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەيسەر بىلەن ئىككىمىزنى باشقىچە قىلىپ قويدى.

ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكىمىزنى دەۋاتقاندىمۇ, ئۇلارنىڭ چىرايىدا مېھرىبانلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئىپادە كۆرۈلمىدى.

بىز ھەيران قالدۇق. بىز گەرچە يۇقۇملانغۇچى بولساقمۇ, بىراق ئۇلار بىزنى كەمسىتمىدىغۇ؟

مەن دەل شۇ كۈنىدىن تارتىپ قىزىل كرېستنى ھەقىقىي چۈشىنىشكە باشلىدىم ....



قەيسەر ئۆلۈپ كەتتى. مەنمۇ قىزىل كرېستنىڭ رەسمىي بىر پىدائىيسى بولۇپ قالدىم. تۇرمۇشنىڭ ھېچقانداق ئاچچىق- چۈچىكىنى تېتىمىغان, ئاتا- ئانامنىڭ ئالدىدا ئەكىلەپ چوڭ بولغان مەندەك بىر قىز ئۈچۈن, بۇ كېلىشمەسلىكلەر بەكلا ئېغىر كەلدى. ئەمما مەن قىزىل كرېستتىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ئائىلەمدە قانداق ياشاشنى ئۆگەندىم. بېشىمغان كەلگەن كۈلپەتلەرگە قانداق بەرداشلىق بېرىشنى, ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگەندىم. بۇ يەردىكى سەپداشلىرىمغا قاراپ, كۆڭلۈمگە تەسەللىي تاپىدىغان بولدۇم. بۇ يەردە ھەممىمىز ھەقىقىي ئىچ سىرىمىزنى بىمالال سۆزلىيەلەيمىز, ھەتتا ئاتا- ئانىمىزغا دىيەلمىگەن گەپلىرىمىزنى ياسىنجان, ھەلىمە ھەدەملەرگە دىيەلەيمىز.

مەن ئەيدىز بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن يولدىشىمغا نەپرەتلەنمەيمەن, مەن پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسىغا نەپرەتلىنىمەن. ئۆزەمنىڭ ۋە يولدىشىمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن ئۆزىمىزنى قانداق قوغداشنى بىلمىگەنلىكىمىزدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىمەن.

مانا بۇ مېنىڭ ھېكايەم. مەن يەنە ئۇزاق ياشىيالايمەن. چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس. ئەتراپىمدا ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئادەملەر بار. يەنە مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىر ئائىلەم بار. ئۇ بولسىمۇ قىزىل كرېست!



بىر قىزىل كرېست پىدائىيسىدىن



ﻣﻪﻧﺒﻪ:
http://www.xrcaids.com

Laqin_1 يوللانغان ۋاقتى 2007-5-10 18:43:01

ﺗﻪﺷﯩﯟﯨﻖ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ .

xamxar1975 يوللانغان ۋاقتى 2007-5-10 19:02:13

ﮬﻪﻱ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﯘﻱ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ.

SARKA يوللانغان ۋاقتى 2007-5-10 19:10:00

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ...

aral2008 يوللانغان ۋاقتى 2007-5-11 01:15:13

ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺗﯧﭙﯩﻠﺪﻯ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺘﯩﻐﯘ!!!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2007-5-11 09:11:22

ﻛﻮﻣﭙﺎﻣﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﯨﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ، ﺗﯚﻧﯜﮔﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﭘﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ....
ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﺳﺎﻗﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺎﺭﻣﻪﻥ.

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2007-5-11 13:45:02

ﻣﻪﻥ  ﻗﺎﻳﺴﻰ  ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺩﯨﻦ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﺳﻪﻡ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻧﻮﺭﯨﻤﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . (ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ )
ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﻤﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﺴﯩﻼ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰﺩﻩ ...

koktash يوللانغان ۋاقتى 2007-5-11 14:27:40

ﺳﯩﺰ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ.
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯓ:
http://www.xrcaids.com/uyghur/ViewInfo.asp?id=92

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2007-5-12 02:13:42

ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ  ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯ ﺗﻮﻻ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺳﯘﻥ ،  ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﺷﻜﻪ ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺴﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﻟﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻻ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .

koktash يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 08:15:29

ئۈچ يېرىم يىل مۇقەددەم يېزىلغان بۇ ماقالە تېخىچە ئىزدىنىشتا باركەنغۇ!!!

بەت: [1]
: ئەيدىز ۋە مەن