يىگىتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئالتە چوڭ پەيت
ھەممىمىزگە مەلۇم قىزلار يىگىتلەرگە ئوچۇق- ئاشكارە مۇھەببەت ئىزھار قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ " سېنى سۆيىمەن" ، " سېنى ياقتۇرۇپ قالدىم" دىيىش ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ تەس ئىش. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى تاكتىكىلارنى ئىگىلەپ قويۇڭ. بەلكىم بۇنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئادىمىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە ياردىمى بولۇپ قالار.1. يىگىتلەر مەلۇم ئىشقا نىسبەتەن ئىككىلىنىپ قالغاندا، قارار چىقىرالمىغاندا ، ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىڭ. ئامال بار بەرگەن مەسلىھەتىڭىز ئۇنىڭغا پايدىلىق بولسۇن. بۇ دەسلەپكى قەدىمىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2. بەزى يىگىتلەر باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ياكى باشقىلارنى ماختايمەن دەپ گەپتە كەتكۈزۈپ قويىدۇ. بۇنداق چاغدا سىز دەرھال ئۇنىڭ گېپىنى قارشى تەرەپتىن چىقىپ ئىسپاتلاڭ ۋە باشقىلارغا شۇ گەپنىڭ ياخشى تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىڭ، بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ نەزىرى تەبىئىيلا سىزگە چۈشىدۇ.
3. ھەر قانداق ئادەم قىلغان ئىشىنى باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. لېكىن ھەممە ئىشنىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇشى ناتايىن. ئەگەر قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ ماختانسا، گەرچە سىز ئۇنىڭ قىلغان ئىشىدىكى كەمتۈكلۈكنى بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ ئۇنى ماختاڭ، بۇ ئۇنى خوشال قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن " ئەسلىدە بۇ ئىشنى بۇنداق يول بىلەن قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى" دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ پىكرىنى بايان قىلىڭ. بۇنداق بولغاندا ئۇ سىزنىڭمۇ بىر قابىلىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزگە قايىل بولىدۇ.
4. بەزى يىگىتلەر ئىش قىلغاندا " بۇ ئىشنى مەندىن باشقا ھېچكىم قىلالمايدۇ" دەپ پو ئاتىدۇ- يۇ، ئاقىۋەت ئۇ ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمەيدۇ. بۇنداق چاغدا ھەرگىزمۇ ئۇنى زاڭلىق قىلماي، ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىڭ، قىلالمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ.
5. قارشى تەرەپ سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىڭ، بۇ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر.
6. ئامالنىڭ بارىچە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنى خوشال قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ.
سىناپ كۆرۈڭ، يۇقۇرىقى بايانلار سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى يىگىتكە ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم قىلالىشى مۈمكىن.
ئەگەر بۇ تېمامنىڭ مۇنبەردىكى قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك يىگىت تېپىۋېلىشىغا ياردىمى تېگىپ ، ياخشى يىگىتكە ئۇچرىغاندا مېنى مېھمان قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ھە.......
مەنبە " قانۇنچىلىق گېزىتى" دىن ئېلىندى


ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﭼﻪ ....



ﮬﻪﻱ........
ﻣﻪﻧﻤﯩﻐﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ مەنبە \" قانۇنچىلىق گېزىتى\" دىن ئېلىندى




ﻣﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯞﺍﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯞﻩﭘﯩﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ
ﻣﻪﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻱ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ
ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭼﻪﻛﺘﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻪﺱ ﺟﯘﻣﺎ ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼ ﻗﯩﺰﻻ ....

ﻗﯩﺰﻻﻏﯩﻤﯘ ﺟﺎﭘﺎﻛﻪﻧﺪﻩ !
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ !~


ﺳﻪﯞﺯﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻳﻮﻕ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯕﻼ ﻳﻪﻧﻪ .......


ﻣﺎﯞﯗ ﺑﺎﺵ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﯖﻼ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ ﺑﺎﻟﻼ !!!!!!!!!!!! ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻨﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻛﯜﻟﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻢ.
ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﻤﯘ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺗﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ .
ﺑﻪﺯﻩﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯘﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪﭘﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳﻘﯘ ﺑﯘ
ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻳﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﯩﻐﯘ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ.........ﺧﻪﻗﻨﻰ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﻮﻏﻼﺷﺴﺎ ﻣﻪﻧﭽﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﻜﯩﻦ.
ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺩﯨﺴﻪﻡ ﻛﯩﭽﯩﭽﻪ ﺩﯦﺮﯨﺰﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﺑﺎﻻ ﮔﯩﺘﺘﺎﺭ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﯩﺘﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﻥ ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ..........ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻳﯘﻧﺪﺍ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺳﺎﻻﻣﺪﯨﻢ ﺗﯧﺨﻰ.....
ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﺍ .
ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﺎﺵ ﻳﯜﺭﻩﻛﺮﻩﻙ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﮬﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ .
ﺳﯩﯩﺰ ﻳﯘﻧﺪﺍ ﭼﯧﭽﯟﻩﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﺎﺯﺍ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺩﻩﻙ ﺗﻪ ~ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﻪﻧﻤﻪﻣﺪﯗ ﺋﻪﻣﺪﻯ..........
ﭘﯘﺕ ﻗﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯜﺷﯜﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﻤﻪﻥ
Seher ﺑﻮﭘﺘﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﭖ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﺎﻣﺴﯩﺰ .....
يىگىتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ......
ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ ﻣﺎ ﮔﻪﭖ ﻣﺎﯕﺎ
.......
ﻗﯩﺰﻻﺭ ، ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯧﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﯕﻼﺭ ،
ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﺎﺵ ﻳﯜﺭﻩﻛﺮﻩﻙ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﮬﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ .
ﺳﯩﯩﺰ ﻳﯘﻧﺪﺍ ﭼﯧﭽﯟﻩﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﺎﺯﺍ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺩﻩﻙ ﺗﻪ ~ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﻪﻧﻤﻪﻣﺪﯗ ﺋﻪﻣﺪﻯ..........
ﭘﯘﺕ ﻗﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯜﺷﯜﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﻤﻪﻥ



ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ ﻣﺎ ﮔﻪﭖ ﻣﺎﯕﺎ

ﻗﯩﺰﻻﺭ ، ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯧﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﯕﻼﺭ ،


بەت:
[1]
2