yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 13:02:42

ياخشى ئايال بولغۇڭىز بارمۇ؟

ياخشى ئايال بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى
1.ۋاقىتقا ئەھمىيەت بېرىش . ۋاقىتقا رىئايە قىلمىغان ئاياللار ئەرلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاش بىلەنلا قالماستىن ، ئۇلارنى ئېشىۋالدى ، دىگەن تەسىراتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ .
2. كۆڭۈلنى ئېلىشقا ماھىر بولۇش . ئەرلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى قىزىقچى ئىكەن دەپ ماختىشىنى ياخشى كۆرىدۇ . شۇڭلاشقا ، ئامالنىڭ بارىچە قارشى تەرەپنىڭ يۇمۇرلۇق سۆزلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك .
3. ئۇششاق گەپنى ئاز قىلىش . ئاياللارنىڭ ئۇششاق گەپلىرى ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىپ ، ئەرلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ . نۇرغۇن مۇھەببەتلەشكەن ئەر - خوتۇنلار ھېسسىياتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا ئۇششاق گەپنىڭ ئاز بولغانلىغىدىندۇر .
4.خۇيلانماسلىق . ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ۋە يولۇققان مەسىلىلەرنى ئۇدۇل سۆزلەش ئارقىلىق ئەرلەرنى خوشال قىلىدۇ . شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ .
5.ئۆز لايىقىدا ياسىنىش . ئاياللار گىرىم قىلىشى ۋە ياراشتۇرۇپ كىيىنىشى ، سورۇنلارغا قاراپ مۇۋاپىق ياسىنىشى كېرەك . ئەگەر ياسىنىشنى ئادەتتىكى ئىش دەپ قارىسا ، ئۆزىنىڭ سىھرى كۈچىنى ئاستا ئاستا يوقۇتۇپ قويىدۇ .
6. شەخسىي سىرىغا ھۆرمەت قىلىش. ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ۋە شەخسى ئىشىغا ،بولۇپمۇ ئىچكى سىرىغا ئارلاشماسلىق كېرەك .ئەرلەر بەزى ئىشلارنى قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدا سۆزلەشنى ئابرويى تۆكۈلىدىغان ئىش دەپ بىلىدۇ ، بۇنداق ۋاقىتتا كوچىلاپ سوراۋەرسىڭىز ، شەك -شۈبھىسىزكى ، ئۇلارنى يالغان سۆزلەشكە ياكى سىزدىن يىراقلىشىشقا مەجبۇر قىلىسىز.
7.ئىقتىسادتا ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش . ئەرلەرنىڭ ئىقتىسادنى مۇستەقىل باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تارتىۋالماسلىق ھەمدە ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى بېقىشى كېرەكلىكىنى دەۋەرمەسلىك كېرەك .
8.ئۇزۇن چاچ قويۇش . ئۇزۇن چاچلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرۈش ئەرلەردىكى ئورتاق كېسەللىك .
9.جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش . كەيپىيات تۇرالاشقاندىن كېيىن دائىم بەزى ئۆزگىرىشلەرنى قىلىپ ، قارشى تەرەپنىڭ يېڭىلىق تۇيغۇسىنى قوزغاش كېرەك .
10.رايىغا بېقىش . ئەرلەرنىڭ بويسۇندۇرۇش ئارزۇسى بولىدۇ . شۇڭا ،قارشى تەرەپكە بويسۇنۇپ ،ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىپ بەرسىڭىز ، قارشى تەرەپ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى ھېس قىلىدۇ .
11.ئۆي ئىشلىرىغا پۇختا بولۇش . ئاياللارنىڭ ئائىلە ئىشىغا پۇختا بولۇشى ئەرلەرگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدۇ .
12.بالىلىق بولۇشقا رازى بولۇش . ئەرلەر بالىنى ياخشى كۆرسۇن كۆرمىسۇن ، قارشى تەرەپكە بالىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتسا چوقۇم ھاياجانلىنىدۇ .ھەرگىز بالىلىق بولۇش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشكە مەجبۇرلىماسلىق ياكى بالىلىق بولۇپ ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىدىن مەھرۇم بولغاندا قارشى تەرەپنى ئەيىبلىمەسلىك كېرەك .
13.ۋاقتىدا ئۆزىنى تارتىش .ئەگەر قارشى تەرەپ بىر مەھەل ئاغىنىلىرى بىلەن بولۇپ كەتسە ،ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى تارتىڭ . شۇنداق قىلسىڭىز قارشى تەرەپ سىزگە چوقۇم كۆيۈنىدۇ ۋە مۇھەببىتىڭلار كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىدۇ .
14.ئويۇن-تاماشىدىنمۇ قۇرۇق قالماسلىق . ئاياللار بەك ئېغىر - بېسىق بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. ئانچە - مۇنچە غىدىقلاش خارەكتېرىمۇ بولۇش كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا قارشى تەرەپنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر مودا بولۇۋاتقان نەرسىلەرنىمۇ ئوبداق بىلىش كېرەك . تۇرمۇشنى سۆيدىغان ھازىرقى زامان ئاياللىرىدىن بولسىڭىز، قارشى تەرەپ سىزنى قەدىرلەيدۇ ۋە كۆيۈنىدۇ .
15. تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش . ئايال كىشىنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىنى ھەممە ئادەم ئەڭ ناچار ئىللەت دەپ بىلىدۇ . تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش ئەر - خوتۇنلارنىڭ مۇھەببىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ .

< قىز ئاياللارغا 200 مەسلىھەت > تىن ئېلىندى

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 14:50:40

ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ \"ﺧﯩﻴﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺗﯘﻥ\"ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.

Gultikin يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 17:31:26

ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﺟﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﺗﻮﭘﻼﺗﺎﻣﺴﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ؟

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 18:03:40

ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﺟﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﺗﻮﭘﻼﺗﺎﻣﺴﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ؟
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ....ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻜﯘﺳﯩﺰ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ

kanun يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 18:29:35

14.ئويۇن-تاماشىدىنمۇ قۇرۇق قالماسلىق . ئاياللار بەك ئېغىر - بېسىق بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. ئانچە - مۇنچە غىدىقلاش خارەكتېرىمۇ بولۇش كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا قارشى تەرەپنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر مودا بولۇۋاتقان نەرسىلەرنىمۇ ئوبداق بىلىش كېرەك . تۇرمۇشنى سۆيدىغان ھازىرقى زامان ئاياللىرىدىن بولسىڭىز، قارشى تەرەپ سىزنى قەدىرلەيدۇ ۋە كۆيۈنىدۇ .
ﺑﯘ ﺳﻪﻝ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﺪﯗ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺭ ﺯﺍﺗﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻣﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 21:59:37

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ، ﺋﯧﻐﯩﺮ- ﺑﯧﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺘﻪ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ..... ﺯﯦﺮﻩﻙ ، ﺋﻮﭼﯘﻕ - ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .... ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺗﻮﺭﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﻮﭘﯘﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ، ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ .... ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ، ﺧﯘﻧﯜﻙ ، ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪ ﺷﯘﻧﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗﻏﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ..... ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﯘﺭﯨﺴﺘﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ، ﺧﯘﻳﻼﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﺪﯛﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ .................. (  ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﯧﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﯨﻼ < ﻣﯘﺯ ﭼﯩﺮﺍﻱ > ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯩﺘﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯﻣﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮ ................. )

Seher يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 22:40:14

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻙ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺱ !!!!!!

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-18 08:33:35

14.ئويۇن-تاماشىدىنمۇ قۇرۇق قالماسلىق . ئاياللار بەك ئېغىر - بېسىق بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. ئانچە - مۇنچە غىدىقلاش خارەكتېرىمۇ بولۇش كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا قارشى تەرەپنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر مودا بولۇۋاتقان نەرسىلەرنىمۇ ئوبداق بىلىش كېرەك . تۇرمۇشنى سۆيدىغان ھازىرقى زامان ئاياللىرىدىن بولسىڭىز، قارشى تەرەپ سىزنى قەدىرلەيدۇ ۋە كۆيۈنىدۇ .
ﺑﯘ ﺳﻪﻝ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﺪﯗ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺭ ﺯﺍﺗﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻣﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ   
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ، ﺋﯧﻐﯩﺮ- ﺑﯧﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﺘﻪ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ..... ﺯﯦﺮﻩﻙ ، ﺋﻮﭼﯘﻕ - ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .... ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺗﻮﺭﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﻮﭘﯘﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ، ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ .... ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ، ﺧﯘﻧﯜﻙ ، ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪ ﺷﯘﻧﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗﻏﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ..... ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﯘﺭﯨﺴﺘﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ، ﺧﯘﻳﻼﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﺪﯛﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ .................. ( ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﯧﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﯨﻼ < ﻣﯘﺯ ﭼﯩﺮﺍﻱ > ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯩﺘﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯﻣﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮ ................. )

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-18 10:17:22

نى نى قىز -ئايالىلىرىمىز ئىلىم -ھۇنەر ، سوداقاتارلىق ئىشلاردا كامالەتكە يەتمەكتە،نەتىجە قازانماقتا،ئەجىبا بۇ شەرەپلەر ئەرلەرگە بىرىلىشى كىرەكمۇ؟؟ قىز ئاياللار ھوقوقتا ئەرلەر بىلەن باراۋەر،گۇناغا تەڭ شىرىكمۇ؟
شۇڭا مىنىڭ پىكىرىم، قىزلار ئۆز تەغدىرىنى ئەرلەرگە باغلاپ قويمىسۇن، ئۆزىنىڭ مىللەتنىڭ ئانىسى ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە ئابرويىنى ئويلىسۇن.
ئۆز غورورىنى ساقلاپ ئاشخانلاردا چىنە ، ئائىلىلەردە كىر قات يۇيۇپ جېنىنى قامداۋاتقانلار بىلەن ئۆزىنى سىلىشتۇرۇپ باقسۇن،ۋىژداننى تارازىغا سىلىپ سالمىقىنى دەڭسەپ كۆرسۇن ، ھىچ بولمىسا ، پەقەت بولمىسا ....ئۆزلىرىنىڭ بالا چاقىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئابرويىنى ئويلىسۇن.
بەت: [1]
: ياخشى ئايال بولغۇڭىز بارمۇ؟