ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىزلار كۆرۈپ قويۇڭلارam
مۇھەببەتلىشىۋاتقان خانىم - قىزلار ئاسان سادىر قىلىدىغان خاتالىقلارمۇھەببەتلىشىۋاتقان خانىم _ قىزلار ھېسسىيات جەھەتتە بىرەر يۆلەنچۈككە ئېرىشەلىسىلا ، ئاسانلا خاتالىق سادىر قىلىپ قويىدۇ .
ھەددىدىن زىيادە ياسىنىۋالىدۇ . ئۇلار ئۆزىنى تەبىئىي ، مەردانە ، مۇلايىم تۇتۇشى كېرەك . باشقىلارنى جگلىپ قىلىمەن دەپ ھەددىدىن ئارتۇق ياسىنىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق .
دائىم قېنىق گىرىم قىلىۋالىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئەرلەر تەبىئىي چىراينى ياخشى كۆرىدۇ . سۇس گىرىم قىلىپ قويسىلا ، خانىم _ قىزلارنىڭ جەلىپكارلىقى تولۇق نامايەن بولىدۇ .
تولا گەپ قىلىدۇ . گەرچە قارشى تەرەپنى چۈشىنىشنى بەكمۇ خالىسىڭىزمۇ ، لېكىن دەسلەپكى بىر نەچچە قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق كەچۈرمىشلىرىڭىزنى دەپ ئولتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . سۈكۈتمۇ خانىم _ قىزلار جەلىپكارلىقىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى .
بەك ئاز گەپ قىلىدۇ . خانىم _ قىزلارمۇ بەزىدە تەشەببۇسكار بولۇشى كېرەك . قارشى تەرەپنىلا گەپ قىلدۇرماي ، ئانچە- مۇنچە گەپ سوراپ تۇرۇش كېرەك . بۇنىڭ بىلەن ئارىلىقتىكى قاتماللىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ .
قارشى تەرەپ بىلەن ناھايىتى تېزلا يېقىنلىشىپ كېتىدۇ . دەسلەپتە تونۇشقاندا، ئەڭ ياخشىسى سەمىمىي پاراڭلىشىش ، ئاي يورۇقىدا بىرگە سەيلە قىلىش كېرەك . بۇلار ھېسسىياتنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ .
قارشى تەرەپكە ناھايىتى تېزلا بېرىلىپ كېتىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن دەسلەپ تونۇشقاندا، ھەر شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلىرى بىرگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەتمەڭ .
قارشى تەرەپكە بەك بالدۇر باھا بېرىۋېتىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ھېسسىيات تەبىئىي تەرەققى قىلىشى كېرەك .
باشقىلار بىلەن بەك بالدۇر كۆرۈشتۈرۈپ قويىدۇ .قارشى تەرەپنى ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - بۇردەرلىرىڭىز بىلەن بەك بالدۇر كۆرۈشتۈرمەڭ .
كۈنداشلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ . قارشى تەرەپنىڭ سىز بىلەن بىرگە بولمىغانلىقى ياكى باشقا بىرى بىلەن بىرگە بولغانلىقى ئۈچۈن كۈنداشلىق قىلماڭ .
ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى مۇھەببەت بىلەن رېئاللىق بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدۇ . ئەڭ ياخشىسى ھازىرقى رېئاللىقنى چىڭ تۇتۇش كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خام خىيالنى ئويلىماسلىق كېرەك .
ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ . ئەگەر سىز پۈتۈن بىر ھەپتە قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىشنى كۈتۈپ تۇرسىڭىز ، باشقا دوستلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشىدىغان نۇرغۇن پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالىسىز . ئۆزىڭىزنى ھەرگىز يوقىتىپ قويماڭ . بۇ قارشى تەرەپنىڭ سىزگە قىزىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر.
قارشى تەرەپنى خوشال قىلىمەن دەپ زورۇقۇپ كېتىدۇ . قارشى تەرەپنىڭ كىيىمىنى يۇيۇپ بېرىش ، تامىقىنى ئېتىپ بېرىش ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇنى خوشال قىلىمەن دەپ ئويلىماڭ .
قەستەن ياسالمىلىق قىلىدۇ . ئەگەر سىز قارشى تەرەپ بىلەن ھەقىقەتەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلسىڭىز ، ھەرگىز ھاكاۋۇرلۇق ۋە ياسالمىلىق قىلماڭ . چۈنكى ، ئەرلەر ئەركە-نايناق خانىم - قىزلاردىن ئوڭايلا بىزار بولۇپ قالىدۇ .
ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدۇ . بۇ جەھەتتە پۈتكۈل ئۇچرىشىشنىڭ ھەممە تەرتىپلىرىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرى بويىچە بولۇشىنى ئويلىماڭ . قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىگىمۇ ھۆرمەت قىلىپ ، كۆپچىلىك قىلىشنى خالايدىغان ئىشنى قىلىڭ .
قارشى تەرەپنىڭ پۇلىغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ . مال _ دۇنيانى كۆزلىگەن كىشىگە قارشى تەرەپ سەمىمىي بولمايدۇ .
< ئاياللار دۇنياسى > دىن ئېلىندى . ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ~~
![](images/Emotions/55.gif)
![](images/Emotions/28.gif)
ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺯﻣﺎ؟ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺟﻪﭖ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ! Seher ﻧﯩﯔ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ(ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ)~~ﮬﺎﮬﺎ.... ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻼﻱ~~
![](images/Emotions/12.gif)
![](images/Emotions/12.gif)
![](images/Emotions/4.gif)
![](images/Emotions/66.gif)
gultikin، ﻣﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﺋﻪﻣﺴﻪ ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
![](images/Emotions/57.gif)
![](images/Emotions/57.gif)
![](images/Emotions/57.gif)
![](images/Emotions/45.gif)
ﻣﻪﻥ ﺑﯘﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﺴﻰ - ﺑﺎﮬﺎﺭ !
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻝ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺴﻪﻥ .
ﮔﯜﻟﯘﻡ ! ﺋﯜﭼﺮﯗﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﺪﯨﯔ ﻛﯚﺯﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺒﯘﻱ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﻼﺗﺘﻰ . . . ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯧﻤﯩﻜﻪﻥ، ﻳﯩﮕﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺑﯘﻟﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﺴﯩﯖﯩﺰ،ﺋﯜﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﯩﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺴﯩﺰ،ﺧﺎﻻﺱ! ﺗﯧﺨﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻗﻤﯘ ﻳﯧﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ،ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯘﻡ ﺗﻮﻕ،ﺩﻩﭖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.....ﺗﻮﯞﺍ ﺩﯦﻤﯩﺴﻪ.... ﺗﯩﻤﺎ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ
بەت:
[1]
2