yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 12:52:20

باشقىلارنى كىم دەپ ئويلايسىز؟

بىر كىچىك بالا دانىشمەننىڭ ئالدىغا كىلىپ سورىدى:
مەن قانداق قىلسام ئۆزۈممۈ خۇشال يۈرۈيدىغان،باشقىلارنىمۇ خۇشال قىلالايدىغان ئادەم بولىمەن؟
دانىشمەن ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بەردى:بالام،مۇشۇ يىشىڭدا مۇشۇنداق ئارزۇ| ئىستەكتە بولىشىڭ ئاسان ئەمەس،مەن ساڭا تۆت جۈملە سۆز ھەدىيە قىلاي.
بىرىنچىسى:ئۆزۈڭنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلا.بۇ سۆزۇمنىڭ مەنىسىنى دەپ بىرەلەمسەن؟
دىمەكچى بولغىنىڭىز،ئازاپلىنىپ پەرىشان بولغاندا،ئۆزۈمنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىسام،ئازابىم تەبىيلا يىنىكلەپ قالىدۇ:
خۇشاللىقا چۈمگەندە ئۆزۈمنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىسام خۇشاللىقتىن ئەس |! ھۇشۇمنى يوقۇتۇپ قويمايمەن،شۇنداقمۇ؟
دىدى بالا جاۋابەن.
دانىشمەن كۈلۈمسىرىگىنىچە بىشىنى لىڭشىتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
ئككىنچىسى:باشقىلارنى ئۆزۇڭنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلا.
بالا بىرئاز ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن:شۇنداق قىلسام باشقىلارنىڭ بەخىتسىزلىكىگە ھەقىقىي ھىسداشلىق قىلالايمەن،باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەلەيمەن،باشقىلارنىڭ ھاجىتى چۈشكەندە،تىگىشلىك ياردەم بىرەلەيمەن شۇنداقمۇ؟دىدى
دانىشمەن قايىل بولۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
ئۇچىنچىسى:باشقىلارنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلا.
بۇ بىرئادەمنىڭ مۇستەقىل كۆزقارشىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش كىرەك،ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلىشقا بولمايدۇ،دىگەنلىكمۇ؟
يارايسەن،ئەقلىڭگە بارىكاللا،ئىستىقباللىق بالىكەنسەن!
سۆزۇمنىڭ تۆتىنچىسى:ئۆزۈڭنى ئۆزۇم دەپ ئويلا،بۇ سۆزنى چۈشىنىش بەك قىيىن،كىيىنچە ئاستاـ ئاستا چۈشىنىۋالىسەن دىدى دانىشمەن قاقاقلاپ كۈلۈپ.
بۇ توت جۈملە سۆزنىڭ بىرـ بىرىگە زىت يەرلىرى بەك كۆپ ئىكەن،قانداق قىلسام ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشنەلەيمەن؟دەپ سورىدى بالا.
ناھايىتى ئاددى،پۈتكۈل ھايات مۇساپەڭ جەريانىدا چۈشىنىپ يىتەلەيسەن.
بالا بىرئاز ئويلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن دانىشمەن بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى.
كىيىن بالا چوڭ بولدى،ئاندىن قىرىپ بوۋاي بولدى،ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ خىلى ئۇزاق يىللاردىن كىيىنمۇ كىشلەر پات ـ پات ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئىلىپ تۇردى،كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى دانىشمەن دىيىشتى،
چۇنكى ئۇ خۇشال يۈرۈيدىغان ئادەم ئىدى،يەنە كىلىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەن ھەرقانداق ئادەمنىمۇ خۇشال قىلالايىتتى.........................

kanun يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 18:50:08

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ

Seher يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 22:11:23

ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ .....
بەت: [1]
: باشقىلارنى كىم دەپ ئويلايسىز؟