مۇھەببەت ھەققىدە تەرمىلەر
مۇھەببەت شىرىن- شېكەر سۆزلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئەمما بۇ سۆزلەر باشقا بىر موھىتتا دىيىلسە كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ.تۇرمۇشتىكى مۇھەببەتكە قارىغاندا سەھنىدىكى مۇھەببەت تېخىمۇ گۈزەل تۇيغۇ بېرىدۇ.
|ئەگەر ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى تاشتىن ئاپىرىدە بولغان بولسا، مۇھەببەت ئىلاھىنىڭ ئوقى ئۇلارنى قانداق تېشىپ ئۆتەلەيدۇ؟
|l مۇھەببەت ئادەمگە خاتالىق، قالايمىقانچىلىق ۋە ئىقتىدارسىزلىق ئىچىدىن لەززەت ۋە قۇدرەت تاپقۇزىدۇ.
|| ئاياللارنىڭ مىجەزىدىكى ئاساسلىق ئۆزگۈرۈش مۇھەببەتنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ.
||I تەننى بىر كان دىسەك، مۇھەببەت ئۇنىڭدىكى ياقۇتتۇر، كىم جاپا چەكسە، بۇ كاندىن ياقۇتنى شۇ ئالالايدۇ.
||II مۇھەببەتنىڭ قىممىتى ئاشىق- مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى پەردە ۋە ھايا يىرتىلمىغانغا قەدەر ئەڭ يۈكسەك ۋە بۈيۈك بولىدۇ.
|I! ھەقىقى، چىن مۇھەببەتكە چىن مۇھەببەت ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
|l! ئاشىقىڭ سەندىن گۈل سورىسا، بېغىڭنىمۇ قوشۇپ بەر.
|I| جەمئىيەتتە ھەمىشە ساختا مۇھەببەت ھەقىقى مۇھەببەتكە قارىغاندا تەسىرلىك بولىدۇ.
|! ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىش بىر قەدەر ھەسرەتلىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئارقىلىق ئۆمۈرلۈك ئازاپتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
||lمۇھەببەت پەقەت بىر ئۇۋا، ئۇ كەڭ دۇنيا ئەمەس.
||II! ئادەملەر ئارىسىدىكى ھەقىقى مۇھەببەت ئۆلۈمنى ئىنكار قىلىدۇ. شوڭا ئۆلۈم ھەر ۋاقىت مۇھەببەتتىن قىساس ئېلىشنىلا ئويلايدۇ.
|lI مۇھەببەتلىك يۈرەك قەلبكە ئالەمنى سىغدۇرالايدۇ.
مەنبە " قانۇنچىلىق گېزىتى" دىن ئېلىندى ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﮬﺎﺑﺒﻪﺕ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ،،،..
ﮬﻪﻱ kanun ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ، ﺳﯩﺰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ( ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺴﯩﺰ؟؟؟؟؟؟ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺭﺍﺳﻼ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ....ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﯘﺭﻩﺗﻨﯩﻼ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ....ﻳﺎ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺪﯗ؟؟؟
ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﺰ-ﻳﯧﮕﯩﺘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﯩﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻐﯘ ، ﺭﺍﺳﻼ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ ﺟﯘﻣﯘ !
بەت:
[1]