noni يوللانغان ۋاقتى 2007-4-16 17:28:10

ئۆز ئوبرازىڭىزنى ياخشىلاشنىڭ 30 كۈنلۈك پىلانى


ئۆز ئوبرازىڭىزنى ياخشىلاشنىڭ 30 كۈنلۈك پىلانى

ئۆز ئوبرازىڭىزنى ياخشىلاشنىڭ 30 كۈنلۈك پىلانى         دوسلار مەن بۇنى "جەزبىدار گۈلدەستىلەر"دىگەن كىتاپتىن ئوقۇغان ئىدىم، تاللاپ كىرگۈزۈپ قويدۇم.
سىز ھازىردىن باشلاپ:
1. مۇنۇ ئادەتلىرىڭىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىڭ:
تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلىماسلىق؛"بۇ ئىشنى مەن قىلالماسمەنمىكىن"دىگەندەك پاسسىپ سۆزلەرنى قىلىش؛ھەر كۈنى 60مىنۇت تېلۋىزور كۆرۈش؛ئەھمىيەتسىز پاراڭلىشىش.
2.مۇنۇ ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈڭ:
ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىشتىن ئىلگىرى قىياپىتىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ؛ھەمىشە ھەر كۈنى ئاخشىمى ئەتىكى بىر كۈنلۈك ئىشىڭىزنى ئالدىن پىلانلاپ قويۇڭ؛ھەر قانداق سورۇندا ئىمكانقەدەر باشقىلارنى ئەزىزلەڭ.
3.مۇنۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىش ئۈنۈمىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ:
ئىدارىڭىزنىڭ كەسپىنى تېخىمۇ پۇختا ئۆگىنىڭ،ئىدارىڭىزنىڭ خىزمىتىىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئۈچ تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇڭ؛ قول ئاستىڭىزدىكى كىشلەرنىڭ خىزمەت جەھەتتىكى يۇشۇرۇن كۈچىنى ئىمكانقەدەر قېزىپ چىقىڭ.
4.مۇنۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئائىلىڭىزنىڭ ئىناقلىقىنى ياخشىلاڭ:
خانىمىڭىز(ئىرىڭىز)نىڭ سىزگە قىلغان ھەرقانداق كىچىڭ ئىشىغا بۇرۇنقىدەك"بۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشقۇ"دەپ قارىماي،بەلكى تېخىمۇ چوڭ تەشەككۈر بىلدۈرۈڭ؛ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئالاھىدە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈڭ؛ھەر ھەپتىدە مۇقىم بىر سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن خۇشال-خۇرام ئۆتۈڭ.
5.تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق خاراكتىرىڭىزنى ياخشىلاڭ:
ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئۆز كەسپىڭىزگە ئائىت ژورناللارنى ئوقۇڭ؛ئىرادىڭىزنى ئۇرغۇتىدىغان كىتاپتىن بىرەرنى ئوقۇپ چىقىڭ؛تۆت يېڭى دوسىت تۇتۇڭ؛ھەركۈنى 30مىنۇت جىم ئولتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈڭ.
6.ھاياتتا "مۇشۇنچىلىك بولسا بولار"دەيدىغان چاغ بولمايدۇ،پەقەت چەكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش،ئۆسۈپ يىتىلىشلا بولىدۇ. ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ،ئۆزىڭىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن توختاپ قالماستىن ئىزدىنىڭ.
7."مىنىڭچە ئۇنداق بولسا،مىنىڭچە مۇنداق بولسا" دەۋەرمەڭ.ئەگەر تىرىشمىسىڭىز،سىز ئۆزگىرەلمەيسىز.شۇڭا خۇددى سىز ئويلىغاندەك،ھېچبىر ئىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ.سىز ھاياتىڭزىنى ئىزدىنىش،تىرىشچانلىق بىلەن ئۆتكۈزۈڭ.
ﻣﻪﻧﺒﻪ:ﺷﻪﺑﻨﻪﻡ ﺗﻮﺭﻯ

YIXIL*YAPRAK يوللانغان ۋاقتى 2007-4-16 18:37:40

ﺋﯩﺴﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ،
ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ ﺗﻪ ..........................

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2007-4-16 19:37:54

ﺗﯧﻠﯩﯟﯦﺰﻭﺭ ﻛﯜﺭﯛﺵ، ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﯩﺶ ﺑﯘﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻛﻪﻥ ...
ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﯨﺘﻤﻪﻙ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪﺱ .

Uyghur_Ay يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 01:25:27

ﺟﯘﻻﻟﯩﻖ ............ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻘﯘ ﻳﻪﻧﻪ

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 07:41:50

ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﺎ ؟؟؟ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯜﺩﯛﻣﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﺗﺘﯩﻢ ﺭﺍﺳﻼ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳﻠﯘﻗﯘﻡ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ .
ﺩﻭﺳﻠﯘﻕ ﮔﯜﻟﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜﮔﻪ ﺳﯘﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ........

sungril يوللانغان ۋاقتى 2007-4-17 12:33:01

ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﯩﻜﻪﻥ ،ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ~~
بەت: [1]
: ئۆز ئوبرازىڭىزنى ياخشىلاشنىڭ 30 كۈنلۈك پىلانى