turkex يوللانغان ۋاقتى 2007-4-16 11:04:18

فامىلە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسى

فامىلە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسى

   دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەردە شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن باشلاپ داۋاملىشىپ كەلگەن مۇقىم شەكىل ۋە بەلگىلىك مەنىگە ئىگە فامىلىسى بار ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە توپ نىكاھ تۈزۈمىنىڭ ئاخىرلىشىپ ، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ بارىلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ ، فامىلە پەيدا بولۇشقا باشلىدى . چۈنكى ئۇ دەۋردە غەيرىي ئۇرۇقتىكىلەر بىلەن نىكاھلانغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى باشقا ئۇرۇقلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە بىرەر بەلگە ياكى نامنىڭ بولۇشى زۆرۈر بولۇپ قالغانىدى . ئۇرۇقداشلىقنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن ئاشۇ نام _ بەلگىلەر ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى فامىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئىنسانىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئەرلەردىن بولغان ئۇرۇق _ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ نامى فامىلە قىلىنىدىغان بولغان . ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە سىنىپلارنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ ، ئەرلەرنىڭ رولى كۈنسېرى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى . شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر نىكاھ مۇناسىۋىتى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق نامىنى ئاتايدىغان بولدى ، دۆلەت ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ شەكىللىنىشى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى . ئىنسانلار ئىجتىمائىي ئالاقىسىنىڭ كېڭىيىشى ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ نىكاھ ، ئائىلە ۋە ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، جەمئىيەتتە ھەر قايسى قەبىلە ۋە مىللەتلەرنىڭ فامىلىلىرى مەزمۇن ھەم شەكىل جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ باردى . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ فامىلىسى تېخىمۇ بېيىدى ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى ھەم زامانىۋىلاشتى .
   دېمەك ، مەلۇم بىر مىللەت ئەزاسىنىڭ فامىلىسى شۇ جەمەت سىستېمىسىنىڭ شەجەرىلىك نامى ۋە بەلگىسى ھېسابلانسىمۇ ، ئەمما ئۇ يالغۇزلا بىر شەخسنىڭ نەسەبىنى ياكى بىر جەمەتنىڭ خاس نامىنى ھەمدە شۇ خىل نام بىلەن باغلانغان ئەۋلادلارنى كۆرسىتىپلا قالماي ، ئېتنىك تەركىبى ۋە تارىخى تەرەققىياتىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ . فامىلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى شۇكى ، ئۇ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ياكى بىرەر ئائىلىنىڭ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە قوللانغان نام _ بەلگىسى بولماستىن ، بەلكى ئورتاق قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغان بىر پۈتۈن جەمەتنىڭ ( شۇ جەمەت تەركىبىدىكى قەدىمكى ئەجدادلار ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ) ناھايىتى ئۇزاق دەۋرلەرگىچە داۋاملىشالايدىغان مۇقىم تۇراقلىق نام _ بەلگىسى ياكى ئۇرۇق _ تۇغقانلىق نەسەبنامىسىدۇر .
   ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋرلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق ۋە قەبىلە ناملىرىنى ، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئېتنوگرافىيىلىك ناملار ۋە يەر_ جاي ، يۇرت ناملىرىنى ئۆزلىرىگە خاس نام ، بەلگە قىلىپ قوللانغان ياكى ئاتا _ بوۋىلىرىنىڭ بەلگىلىك كەسىپ ناملىرىنى ۋە لەقەملىرىنى ئۆزىگە فامىلە ياكى ئەجداد شەجەرىسى قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ خىل تارىخى ئەنئەنە كېيىنكى مەزگىللەردە ئىزچىل داۋاملىشالمىدى . ئۇيغۇرلار ھازىر ئاساسەن ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە ئورنىدا قوللىنىپ كەلمەكتە . بۇ تامامەن يوللۇق ئىش بولسىمۇ ، لېكىن بۇ خىل ئاتا ئىسمى ئىككىنچى ئەۋلادتىن ، يەنى ئاتا _ بالىلىق مۇناسىۋەتتىن ھالقىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ، يەنى چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنى نەۋرىلەر قوللانمايدۇ . بۇنىڭ بىلەن فامىلە ھەربىر ئەۋلادتا بىر قېتىمدىن ئۆزگىرىپ ، ئاتا _ بوۋىلارنىڭ ئىسمى دەۋرمۇ دەۋر ئۇنتۇلۇپ بارىدۇ . شۇڭا ، بۇ خىل تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە بولمىغان ئاتا ئىسمىنى فامىلە دەپ قاراشقا بولمايدۇ . بىز ھازىر تۈرلۈك نۆججەت ، ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا ئۆز ئىسمىمىز بىلەن ئاتىمىزنىڭ ئىسمىنىلا يازىمىز . ئەگەر بىز بىرەر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ ئىسىم _ فامىلىسىنى مەلۇم ئانكىت ياكى قانۇنىي نۆججەتكە يازماقچى بولساق ، مۇشۇ بىر ئائىلە ، بىر ئۇرۇق كىشىلىرىنىڭ ئىسىم _ فامىلە تەركىبىنىڭ ئىزچىللىققا ئىگە بولمىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز . بۇ يەردىكى ھەربىر كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ فامىلە رولىنى ئوينىيالامدۇ، يوق ؟ دېگەن مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلاپ كۆرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ . شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى ، بىز ئۇيغۇرلاردا ئىزچىللىققا ئىگە بولغان ھەمدە ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم فامىلە بولمىغانىكەن ، ئۇيغۇرچە ھۆججەت _ ئارخىپلارغا « ئىسىم _ فامىلىسى » دەپ يېزىشىمىز ئورۇنلۇق ئەمەس . ئۇنى پەقەت « ئىسىم _ ئاتىسى » دەپ يېزىشقىلا بولىدۇ . ھازىر بىزدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئىسىمنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ كېلىۋاتىقىنى بىز نەسەبتىكى جەمەت سىستېمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان فامىلە بولماستىن ، بەلكى بىر ئائىلىنىڭ بەلگىسى بولۇش رولىنى ئوينايدىغان ئاتىنىڭ ئىسمىدىن ئىبارەت بولغاچقا ، ئۇ كېيىنكى ئائىلىگە بارغاندا ئىز _ دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىدۇ . ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر قەدىمكى مىللەتنىڭ ھازىرغىچە فامىلىسىز ياشاپ كېلىۋېرىشى بىزنى ئۆز _ ئۆزىنى بىلمەسلىككە ئۆز _ ئۆزىدىن ياتلىشىشقا ، ئۆز ئەجدادىنى ( يىلتىزىنى ) ئۇنتۇپ ، ئاخىرىدا ئۆز _ ئۆزىنى يىتتۈرۈپ قويۇشقا ئېلىپ بارىدۇ . ھازىرقى كۈندە بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ياكى نەۋرىلەرنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن چوڭ دادىلىرىنىڭ ئىسمىنى بىلمەسلىكى ماھىيەتتە بىزگە ئۆز _ ئۆزىنى يىتتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ .
   ئۇيغۇر ئىسىم _ فامىلىسىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى مىللىتىمىزنىڭ كۆپ قېتىملىق مەدەنىيەتكە كۆچۈش ، مەدەنىيەت قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭكىدىن ئاسانلا ۋاز كېچىشتەك مىللىي پسىخىك ئالاھىدىلىكى ۋە مۇرەككەپ سەرگۈزەشتلىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن ، بولۇپمۇ 10 _ ئەسىردىن كېيىنكى ئىسلامىيەتنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن . بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكىدەك ئۆز ئۇرۇق _ قەبىلىسىنىڭ نامىنى ياكى شۇ ئۇرۇق قەبىلىسىنىڭ مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە سىمۋوللۇق نەرسىلىرىنى مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە سىمۋوللۇق نەرسىلىرىنى ئۆز ئىسىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ ئاتاش ئادەتلىرى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان . ئۇيغۇرلار گەرچە ئەرەبلەرنىڭ ئىسىم _ فامىلە مەدەنىيىتىنى زور تۈركۈمدە قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ، ؛لېكىن ئۇلارنىڭ فامىلە قوللىنىش ئادىتىنى تۇلۇق قوبۇل قىلمىغان . تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەتتىن كېيىن پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ، بولۇپمۇ خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ ياكى خاننىڭ ئالاھىدە نام _ ئاتاق ئىنئام قىلىشىغا ئېرىشكەن داڭلىق تۆھپىكارنىڭلا ئەسەب _ ناملىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز . بۇلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ فامىلە قوللىنىش ئادەتلىرى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالغان . شۇڭا بىز ، ھازىرقى كۈندە فامىلىسىز ياشايدىغان ، ئەجداد شەجەرىسىنى ئۇنتۇغان نام _ ئەسەبسىز مىللەتكە ئايلىنىپ قالدۇق ، مىللىتىمىز ئەزالىرى خۇددى يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشاش ياشاپ ، دۇنيادىن ئۆزلىرىنى ۋە ئۆز تارىخىنى بىلمەي ، ئەجدادىدىن خەۋەرسىز، ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن غەمسىز ئۆتمەكتە .
   دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر شەيئى ئۆز نام _ بەلگىسى بىلەن ياشايدۇ . شۇنداق ئىكەن ، ئاڭلىق ۋە پائالىيەتچان شەيئى بولغان ئىنسان دۇنياغا ئۆز نامىنى قالدۇرۇپ ، ئۆزىنى يوقاتماي ياشىسا ، نېمىشقا بولمايدىكەن ؟ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆز ئەۋلادلىرىغا ياخشى نام قالدۇرۇشنىڭ ، ئۆز ئىزىنى ئىچمەسلىكنىڭ شانلىق ئۈلگىسىنى يارىتىپ بەرگەن . باتۇر ، ئەزىمەت ئوغۇزخاننىڭ ئۆز ئوغۇللىرىغا « كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ، كۆك ، تاغ ، دېڭىز » دەپ ئىسىم قويۇشىمۇ بۇنىڭ بىر پاكىتغۇ ! دېمەك ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن 2000يىل ئىلگىرىلا ئىسىم _ فامىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ، ئۇلۇغلۇقىنى ، ئۇنىڭ مۇھىم بىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر سۈپىتىدە تارقىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن ، ئۇنى ئەۋلادلارغا سەنئەت مىراسلىرى ئارقىلىق يادىكار قىلغان .
   ئىسىم _ فامىلە گەرچە كىشىلەرنىڭ شەخسىي نامىدەك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن ئۇ ماھىيەتتە غايەت زور ئىجتىمائىي ، تارىخىي قىممەتكە ئىگە . ئۇ شۇ كىشىنىڭ يۈكسەك روھىغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي ، بەلكى يەنە مەلۇم بىر ئىجتىمائىي گۇرۇھنىڭ ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قىياپىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئىنسانلارنىڭ ئىسىم _ فامىلىسى ئۇزاق زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ ، بىر خىل ئۇچۇر سۈپىتىدە تارقالغانىكەن ، ئۇنىڭ ئىزچىل ۋە ئىلمىي ئاساستا يولغا قويۇلۇشى شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قەدىرلەش ، ئۆزىنىڭ سۆيۈش ، ئۆزىدىن پەخىرلىنىش ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىدە غايەت زور رول ئوينايدۇ . دېمەك ، بىز ھازىرقى كۈندە ئۆزىمىزنى تونۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسىمىز ، ئۆزىمىزنى تېپىپ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ، تارىخقا جاۋاب بېرىمىز دەيدىكەنمىز ، چوقۇم فامىلە قوللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز لازىم . بۇ رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى ، تارىخنىڭ مۇقەررەر تەلىپى .
   پەن _ تېخنىكا ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، بىر مىللەتنىڭ يالغۇز ئىسىملا قوللىنىشى ياكى ئىسىمنىڭ كەينىگە ئاتا ئىسمىنى ئۇلاپ « فامىلە » سۈپىتىدە قوللىنىشى ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ تەلىپىنى تولۇق قاندۇرالمايدۇ . ئىسىم ( ئاتا ئىسمىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ) پەقەت كىشىلەرنى بىر _بىردىن پەرقلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان خاس نامدىنلا ئىبارەت بولۇپ ، ئۇ مەلۇم بىر شەخس بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ . ئۇنىڭ يالغۇز قوللىنىلىۋېرىشى ئىنساننى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا شەخسىيەتچىلىك پسىخىكىسىغا ئىگە قىلىدۇ ، كوللېكتىپ ئېڭىنى چەكلەيدۇ . ئىسىم ئائىلە جەمەتنىڭ نەسەبىنى ، ئۇنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ . شۇڭا ، دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەر ئىنسانلار جەمئىيەتنىڭ ئاسىي ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلە پەيدا بولغاندىن كېيىنلا ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە ئېڭىنى ۋە ئۇرۇقداشلىق قارىشىنى تۇرغۇزۇش ، نەسەبكە ، ئەجدادقا ۋارىسلىق قىلىش مەقسىتىدە فامىلە قوللىنىشنى يولغا قويغان . فامىلە قوللىنىش بۈگۈنكى كۈندىمۇ غايەت زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ، ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۆزلۈك يولغا قۇيۇلۇشى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ، ياخشى نام _ ئاتاق قالدۇرۇشقا ئىنتىلىپ ، جەمەت نامىغا داغ تەگكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، بىز جەمەتتىكىلەرنىڭ ئىچكى ئۇيۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ، كوللېكتىۋىزملىق روھ ۋە رىقابەت ئېڭىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە ھەمدە جەمئىيەتنى ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە ئۈنۈملۈك تەرتىپىكە سېلىشتىمۇ بەلگىلىك ئىجابىي رولغا ئىگە .
   بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، ئۇيغۇر ئىسىم _ فامىلىشۇناسلىق تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر « تىك ۋە تەرجىمە » جورنىلى ئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇلۇپ ، ئۇيغۇرلاردا فامىلە قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تامامەن مۇمكىنلىكى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى . نەتىجىدە خېلى بىر قىسىم كىشىلەر فامىلىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى . نەتىجىدە خېلى بىرقىسىم كىشىلەر فامىلىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىنى ئاڭلىق چۈشىنىپ ، ئۆزلىرى مۇۋاپىق دەپ قارىغان فامىلىنى قوللاندى . يەنە بەزىلەر بولسا ، تاللاش ، لايىھەلەش ، كېڭىشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا ، ھازىرغىچە ئۆزلىرىگە فامىلە تاللاپ قوللانغان كىشىلەرنىڭ فامىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خېلى زور دەرىجىدە مىللىي تۈسكە ۋە ئىلمىيلىككە ئىگە بولغان بولسىمۇ ، لېكىن بەزىلەر فامىلە تاللاشتا نوقۇل بەدىئىي خۇسۇسىيەت ۋە سىمۋوللۇق خاراكتېرگىلا بېرىلگەچكە ، بۇنداق فامىلە ئاممىبابلىقتىن ، ئاددىي ۋە جانلىقلىقتىن يىراقلاپ ، ئەدەبىي تەخەللۇس بىلەن فامىلە بىر _بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ . چۈنكى ، فامىلە ئەۋلادتىن _ ئەۋلادقا ئىزچىل داۋاملىشىدۇ ، ئەمما ئەدەبىي تەخەللۇسىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشالىشى ناتايىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، تەخەللۇس يازغۇچى ، شائىرلار ۋە ئالىم ، ئەدىبلەرگىلا خاس ئىش بولسا ، فامىلە ھەر قانداق كەسىپ ، ھەرقانداق كەسىپ ھەر قانداق ساھەدىكى ئادەم قوللانسا بولىۋېرىدىغان ، ھەتتا ئۇلاردا بولۇش زۆرۈر بولغان نەسەب نامىدۇر . شۇڭا ، فامىلە قوللىنىشتا چوقۇم ئۇنىڭ كەلگۈسى قىممىتىگە ، ئىزچىللىقىغا ، ئاممىباب ۋە چۈنىشلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك . ھازىرغىچە بىزنىڭ پىشقەدەم ۋە ئوتتۇرا ياشلىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىگە « كۆلتېكىن ، ئوغۇز ، تۇران ، كىروران ، قۇتبىلگە ...» ئائاتارلىق ئەجداد نامى ۋە تارىخى ئېتنوگرافىك ناملارنى فامىلە قىلىپ قوللانغان بولسا ، يەنە بەزىلىرى « باغراش ، مۆلچەر ، تەكلىماكان ، بارتۇق » قاتارلىق يۇرت _ جاي ناملىرىنى ۋە « بۆرە يار ، تۇغلۇق ، يىلتىز بۆكە ، يولچى ..» دېگەندەك ھەم ئاممىباب ، ھەم مەنىلىك نام _ ئىسىملارنى فامىلە قىلىپ قوللىنىپ كەلمەكتە .
ھازىر بىر قىسىم ياشلىرىمىزمۇ فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىگە قىزغىن پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىدۇ .
   لېكىن ، بەزىلەرنىڭ فامىلە قىلىپ تاللىۋالغان سۆزلىرى سۈپەت خاراكتېرىگە ياكى سۈپەتلەشكەن ئىسىم تۈرىگە تەۋە سۆز بولغاچقا ، ئۇنى ئەدەبىي تەخەللۇستىن پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولماقتا .مەلۇم شەخس قوللانغان فامىلە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تاللىشىدىن ئۆتمىسە ياكى ئىزچىل قوللىنىلمىسا ، ئۇ ھالدا ، بۇ خىل « فامىلە » فامىلىلىك رولىنى ئوينىيالمايدۇ . شۇڭا ، بۇ مەسىلىدە يەڭگىللىك قىلىشقا ياكى بىردەملىك نېسسىياتقا تايىنىپلا ئىش قىلىشقا بولمايدۇ ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ فامىلىسى ئوخشىتىپ قالسا ، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىنى يوق ، بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش _ قىلماسلىقتا ، شۇڭا ، فامىلە تاللاپ بېكىتىشتە ئۇرۇق _ تۇغقانلار ، بولۇپمۇ قېرىنداشلار ئۆز _ ئارا كېڭىشىپ ، بىرلىككە كەلگەن ئاساستا بىرەر ئورتاق فامىلىنى ۋۇجۇدقا چىقارسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىدە بەلكىم بەزىلەر : بىز ئەمدى فامىلە قوللانساق قانداق بولار ؟ئومۇملاشتۇرغىلى بولارمۇ ؟ دەپ بىھۇدە ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن . بۇ ئوشۇقچە ئەندىشە ھېسابلىنىدۇ . ياپونىيىلىكلەرنىڭ فامىلە ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋاقتىمۇ ئانچە ئۇزۇن ئەمەسقۇ ؟بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى ئۇلاردا تېخى فامىلە يوق ئىدى . ياپونىيە مىڭجى يىللىرىدىكى ئىسلاھاتتىن كېيىن ، ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانى بىلەن فامىلە قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرغان .
   فامىلە قوللىنىشتا بەزىلەر قانداق سۆزنى فامىلە قىلىپ ئېلىشنى بىلەلمەي ، ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن . بۇ مەسىلىگە قارىتا تۆۋەندە مەسلىھەت تەرىقىسىدە بىر قانچە خىل ئاممىباب ئۇسۇلنى تونۇشتۇرماقچى :
   بىرىنچى ، ۋەتەن زېمىنى ، ئانا يۇرتىمىزنىڭ يەر _ جاي ناملىرى ، تاغ _ دەريا ، باغۇبوستانلىرى ھەتتا قۇملۇق چۆللۈكلىرىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىشقا بولىدۇ . مەسىلەن ، تارىم ، ئاجسېپىل ، گىلتاغ ، تۈمەنكۆل ، قاشقىيار ...
   ئىككىنچى ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى ئۇرۇق _ قەبىلىلىرى ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق بولغان ئېتنىك ناملارنى ، تارىختىكى مەشھۇر قەھرىمانلار ، ئەپسانە _ رىۋايەت ، قىسە ، داستانلاردىكى پېرسوناجلار ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىشقا بولىدۇ . مەسىلەن ، ئوغۇز ، كۆك تۈرك ، ئەرتوڭا قاراخان ، فارابى ، قارلۇق ، ياغما ، چىڭگىل ، شىراق ، ئون ئۇيغۇر ...
   ئۈچىنچى ، ئەجدادلىرىمىز تارىختا قوللانغان قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە كىشى ئىسىملىرى ۋە بەزى ئەمەل _ مەنسەپ ناملىرىنى فامىلە قېلىپ قوللىنىشقا بولىدۇ . مەسىلەن ، ئەر تۇتۇق ، ئەلتايان ، سۆمەن ، ئۆكل ئېكىن ، سەنكۈن ، بۇيرۇق ، تارقان ...
   تۆتىچى ، تۈرلۈك كەسىپ ناملىرىنى ۋە ئۆزى خالىغان ناملارنى فامىلە قىلىشقا بولىدۇ . مەسىلەن ، مەرگەن ، كارۋان ، يولچى پالۋان ، ئەردەم ، خالىس ، يەكدىل ، باغۋەن ...
   بەشىنچى ، ئىككى سۆزنى بىرىكتۈرۈپ ياسالغان مەلۇم بىر مەنىنى بىلدۈرىدىغان ناملارنى فامىلە قىلىشقا بولىدۇ . مەسىلەن ، ئەجدار يار ، ئەلنەزەر ، ئەلپىدا ، قۇت بىلگەن ، قۇتلۇق ئەر ...
   ئالتىنچى ، ھەرخىل تەبىئىي مەنزىرە ، پەسىل ۋە ئالاھىدە خىسلەتلىك جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەر نامىنى فامىلە قىلىشقا بولىدۇ . مەسىلەن ، كۆكلەم ، نورۇز ، شۇڭقار ، بۈركۈت ، لاچىن ، چىنار ، شىر بۆكە ، بۇلغۇن ، ئالماس ، دۇلدۇل ، تايغان ...
   يەتتىنچى ، ئارزۇ _ ئۈمىد ، ئېتىقات ، نۆرمەت ۋە ئىشەنچ مەنىسىدىكى سۆزلەرنى فامىلە قىلىشقا بولىدۇ ، مەسىلەن ، ئەربۆكە ( يەڭگۈچى ئەر غالىپ كىشى ) ، يېتوك ئەر ( كامالەتلىك كىشى ) ئەلقۇچە ( ئەلگە ئامەت قۇچقۇچى ) ، ئېزگۈ ئەر ( ئېسىل ئادەم ) ، ئەلپىدا ، ئەلسۆيەر ....
   يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ھەرقاندىقىنى تاللاپ قامىلە قىلىپ قوللىنىشقا بولىدۇ . كىمنىڭ نېمىنى تاللىشى شۇ كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش ، لېكىن ، بۇنىڭدىكى مۇھىم مەسىلە ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتۇش ، فامىلىلەرنىڭ مىللىيلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت ، ئىشىنىمىزكى ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەم زامانغا لايىق ، ھەم مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە فامىلىلەرنى يارىتىپ ، ئۇنى دۇنياغا ، كەلگۈسىدە يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ زور تارىخىي ئەھمىيەتلىك ئىش جەزمەن يېقىن كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ زور تارىخى ئەھمىيەتلىك ئىش جەزمەن يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ . بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا كەڭ زىيالىيلىرىمىز جەزمەن باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرغۇسى .
ﻣﻪﻧﺒﻪ- ﭘﯩﭽﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻮﺭﻯ
ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﺘﺎ ------- ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ

kaskinjan يوللانغان ۋاقتى 2007-4-16 12:32:12

ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯘﯕﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺗﻪﺱ ﺟﯘﻣﯘ ؟! ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﻓﯩﺮﯨﺰﺩﯨﻨﺘﻰ ﺭﺍﺧﻤﺎﻧﯘﻑ ﺋﯩﺴﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻑ ، ﻣﯘﻑ .... ﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺑﯘﻟﺪﻯ ... ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯗﺭﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ ......

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2007-4-16 20:26:26

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ، ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ، ﮬﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺩﻩﻝ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺭﺯﯗ - ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﻟﻖ ﺗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻣﯩﺰ. ﯞﻩ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﺘﺮﺍﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ، ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ << ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ >> ﺳﯚﺯﻯ ﺋﻪﻣﺪﻯ << ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ >> ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺴﺎ ! ...

Azih يوللانغان ۋاقتى 2007-7-19 11:17:52

tugyan يوللانغان ۋاقتى 2007-7-27 17:02:40

ﻳﯘﻛﺴﻪﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ،ﻣﻪﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﻮﺷﯩﻤﻪﻥ،ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ،ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﻪﺕ ﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ (ﺋﯩﺴﯩﻢ،ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﺴﻰ)
بەت: [1]
: فامىلە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسى