yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-11 12:08:08

مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچى ئەرنىڭ سۈپەتلىرى

مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچى ئەرنىڭ سۈپەتلىرى



1- ئايالىغا كۈيۈنۈش ۋە مىھرىبانلىق قىلىشقا ئوخشاش ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇش .   
2- قوپاللىق قىلىش ، ئاچچىقلىنىش ۋە سەت تىللاشقا ئوخشاش ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۇزىدىغان ناچار قىلمىشلاردىن يىراق بۇلۇش .
3- دۇنيا مەشغۇلاتىغىلا بىرىلىپ ئايالىغا سەل قارىماسلىق ، ئايالى ئۈچۈن يىتەرلىك ھالدا ۋاقىت ئاجرىتىپ ھەمسوھبەتتە بۇلۇش .
4 - سىرتقى قىياپىتىگە كۆڭۈل بۈلۈش ، ئايالىنىڭ ئالدىدا ئەتىرگە ئوخشاش خوشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ رەتلىك ،پاكىزە يۈرۈش .
5- ئائىلە تۇرمۇشىنى غەم ئەندىشىگە سالىدىغان تالاق قىلىش ، ياكى ئۈستىگە ئىككىنىجى خوتۇن ئىلىشقا ئوخشاش گەپلەرنى قىلىپ ئايالىغا تەھدىد سالماسلىق .
6- يۇقىلاڭ ئىشلارغا ئاچچىقلىنىش ، تۇلا جىدەل ماجرا قىلىشقا ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ ھۇلىغا دەز يەتكۇزىدىغان ئىشلاردىن ئىھتىيات قىلىش .
7 - ئايالىنىڭ ئىجابى ، ياخشى تەرىپىگە نەزەر سىلىش ، كەمچىل ، سەلبى تەرىپىگە قادىلىۋالماسلىق .
8 - ئالى تۇرمۇشقا بىرىلمەسلىك ، ئوز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۇرۇش ، ۋە ھەر قانداق ئىنسان ئەيىپ - نوقساندىن خالى ئەمەس دىگەننى ئىسىدە تۇتۇش .
9 - ئائىلە تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك بولسۇن ئۈچۈن كەڭ قۇرساق ،ئەپۇچان بۇلۇش .
10- ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئىسلاھاتقا ، تەقۋالىققا ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ھەمكارلىشىش .
11- ئايالىغا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ روھى ھەم ئىناۋىتىنى كۈتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنجىسىنى ئاشۇرۇش ۋە ئايالىنىڭ قەدىرلىك ، قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش .
12- باشقىلارنىڭ بىلىشى دۇرۇس بولمايدىغان ئوينىڭ ئىچكى سىرلىرىنى سىرتقا تارقاتماسلىق .
13- تۇرمۇشى كامالەتكە يىتىشى ۋە كۆڭۈللۇك بۇلۇشى ئۈچۈن ئايالىنىڭ ئاڭ سەۋىيسىگە ، چىراي - شەكلىگە قانائەت قىلىش .
مۇز داۋان تورىدىن ئېلىندى.


Kanji يوللانغان ۋاقتى 2007-4-11 13:31:56

ﺳﻪﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2007-4-11 19:50:21

ﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻣﺎﺧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺴﯩﺰﻏﯘ
ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-12 13:31:45

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ،ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ....

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-12 14:36:06

ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ  ﺭﻭﮬﻰ  ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ  ﻛﯧﺮﻩﻙ

SAYRAMI يوللانغان ۋاقتى 2007-4-12 14:40:04

ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﯔ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻐﯘ؟  ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2007-4-12 19:08:49

ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچى ئەرنىڭ سۈپەتلىرى ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﯩﻤﯘ ﺳﯩﺰ؟

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-12 20:14:45

ﻣﻪﻥ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﯖﯩﺰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ-ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ

kuknur321 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-24 10:28:28

ﺑﯘ  ﺗﯧﻤﺎ  ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻼ ﻣﯘﯞﻩﭘﯩﻘﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﺴﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ  ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
بەت: [1]
: مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچى ئەرنىڭ سۈپەتلىرى