ALPAGHUT يوللانغان ۋاقتى 2007-4-10 15:09:52

amp«;amp«; ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰamp«;amp«;ﺩﯨﻜﻰ ﭼﯩﻦ

‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ››دىكى چىن ، ماچىن ۋە تاۋغاچ ناملىرى ھەققىدە مۇھاكىمە
غالىب بارات ئەرك
مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇرلارنىڭ  11 – ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئەللامىسىدۇر ، ئۇ ئەينى تارىخى دەۋردە تۈركى خەلقلەر ياشايدىغان جايلاردا 10 نەچچە يىل ئەمەلىي تەكشۈرۈش ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى››، ‹‹ تۈركى تىللارنىڭ نەھۋىگە ئائىت جەۋھەرلەر ›› ....لەردەك بىر قانچە كىتاپ يېزىپ چىققان . لېكىن ھازىرغىچە تېپىلىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارە بولغىنى، ئەينى دەۋر تۈركى خەلقلىرى ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تويۇنغان قامۇسى ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ›› تۇر . بۇ بىباھا مىراس بىزنى پۈتكۈل تۈركى خەلقلەرنىڭ ھاياتى بىلەن ئۇچراشتۇردى . مەن تۆۋەندە ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ بايانلىرىنى ئاساس ، ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ››تىكى بايانلارنى قوشۇمچە قىلىش  ئارقىلىق خاقانىيە دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىن ، ماچىن ۋە تاۋغاچ ناملىرى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزمەكچىمەن .
Tavγaq  تاۋغاچ . ‹‹ ماچىن ›› ئېلىنىڭ نامى. بۇ مەملىكەت چىندىن تۆت ئايلىق يېراقلىقتا ، چىن ئەسلىدە ئۈچكە بۆلإنىدۇ: بىرىنچى يۇقۇرى چىن. بۇ يەر شەرىقتە بولۇپ  tavγaq  دىيىلىدۇ. ئىككىنچى ، ئوتتۇرا چىن بولۇپ ، ***  hitay دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچىنچى ، تۆۋەن چىن بولۇپ بارخان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قەشقەردە . لېكىن ھازىر تاۋغاچ ماچىن دەپ ،  *** چىن دەپ تونۇلىۋاتىدۇ
Tavγaq تاۋغاچ . تۈركلەرنىڭ بىر بۆلۈگى . ئۇلار تاۋغاچ يۇرتىدا ياشىغىنى ئۈچۈن شۇ سۆزدىن ئېلىنىپ تات تاۋغاچ دەپ ئاتىلىدۇ . تات ئۇيغۇر دىمەكتۇر . تاۋغاچ چىنلىق دىمەكتۇر.
Tavγaq ھەر بىر بۈيۈك ۋە قەدىمىي نەرسە تاۋغاچ ئەدى دەپ ئاتىلىدۇ .... بۇ سۆز خانلارغىمۇ ئۇنۋان بولۇپ كېلىدۇ . ‹ مەملىكىتى قەدىمىي ۋە چوڭ خان › دىگەن مەنىدە تاۋغاچخان دىيىلىدۇ . » 1①

‹‹ تات تاۋغاچ ، بۇ جۈپ سۆز ، بۇ ئورۇندا ‹ تات › سۆزى پارس دىگەن مەنىدە ، تاۋغاچ سۆزى ‹ تۈرك › دىگەن مەنىدە كەلگەن . مېنىڭچە مەن بەرگەن تەبىر توغرىراقتۇر . ئىسلام ئەللىرىدە مەشھۇر بولغان چۈشەنچە مۇشۇنداق؛ ئۇ يەردە ئۇنداق ھەر ئىككىسى تۈزۈك. ››①1

ئۇنداقتا مەھمۇت قەشقەرى بايانىنىڭ مەركىزى نەدە؟
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ يۇقارقى بايانىدىن بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىق بۇلۇپ، مەھمۇت قەشقەرى دەۋرىدىن بۇرۇن ۋە شۇ دەۋر بولۇپ ئىككى خىل چۈشەنچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەھمۇت قەشقەرى دەۋرىدىن بۇرۇن ئىسلامىيەت دۇنياسى چۈشەنچىسىدىكى شەرق ئۈچكە بۆلۈنگەن، ئۇلار يۇقىرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىندۇر . ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلار  يۇقىرى چىن دىيىلگەن جايلارنى «تاۋغاچ» ؛ تۆۋەن چىن دىيىلگەن جايلارنى «بارخان» ؛ ئوتتۇرا چىن دىيىلگەن جايلارنى «***» دەپ ئاتىغان. ئىسلامىيەت دۇنياسى نەزىرىدە چىن دەپ ئاتالغان شەرق ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قارالمىغان. دېمەك ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  چىن ۋە ماچىن ناملىرى بولمىغان، لېكىن تاۋغاچ ، *** ، بارخان دىگەن جاي ناملىرى بار ئىدى، بۇ جايلارنىڭ  ناملىرى مەھمۇت قەشقەرى دەۋرىگە كەلگەندە ئالماشقان، جۈملىدىن «تاۋغاچ» (يۇقىرى چىن) «ماچىن» دەپ ، «***» ( ئوتتۇرا چىن) «چىن» دەپ ئاتالغان، بۇ خىل ئاتىلىش ئۇيغۇرلارغا ئىسلامىيەت دۇنياسىدىن تارقالغان .
ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى چىن عن

دەۋرى                       ي  شەرقىي چىن         ظ    ئوتتۇرا چىن         تۆۋەن چىن
ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار          تاۋغاچ         ***         بارخان
ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار         ماچىن         چىن         خاقانىيە

مەھمۇت قەشقەرى ئېيتقان « بۇرۇن» ۋە «ھازىر» قايسى دەۋرنى يىل پاسىلى قىلغان؟ بۇ ئېھتىمال ئويغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئېدىلوگىيە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆزگىرىش ياسىغان 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 11- ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىنى پاسىل قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇرۇنقى ئىسلامىيەت  چۈشەنچىسىدىكى يۇقۇرى چىن – شەرقى چىن، ئۇيغۇرلار تىلىدىكى تاۋغاچ  ، ئىسلامىيەت ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقاندىن كېيىن يەنى 11- ئەسىردە ماچىن دەپ ئاتالغان. قەشقەردىن تارتىپ ئامۇر دەرياسىغىچە بولغان جايلارنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار «بارخان» دەپ ئاتىغان بولۇپ بۇ جايلارنى ئىسلامىيەت دۇنياسى تۆۋەن چىن (غەربى چىن) دەپ ئاتايتتى، لېكىن ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقاندا خاقانىيە دەپ ئاتالغان . ئۇنداقتا « ئوتتۇرا چىن » دەپ ئاتالغان بۇرۇنقى *** يەنى مەھمۇت قەشقەرى دەۋرىدىكى «چىن» قەيەرنى كۆرسىتىدۇ؟
قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بۇيىچە ئېيتقاندا «يۇقۇرى چىن»نى شەرقى چىن دەپ، تۆۋەن چىننى غەربى چىن دەپ چۈشىنىش تامامەن مۇمكىن. ئۇنداقتا ئوتتۇرا چىن بولسا يۇقىرى ۋە تۆۋەن چىنلارنىڭ ئوتتۇرىسغا جايلاشقان بۇلىدۇ. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قارىشىنى ئۆزىنىڭ بايانلىرى ۋە ئۆز ئەسىرىدە سىزىپ قالدۇرغان خەرىتىسى ئارقىلىق شەرھىيلەش ئەڭ مۇۋاپىق بولسا كېرەك.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ خەرىتىسدە «ماچىن ئېلى» ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ جابىرقا (ياپۇنىيە)نىڭ غەربى جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. ئالىم ماچىنغا دائىرە بەلگىلىگەن ، ماچىننىڭ  دائىرىسىدىن چىقسا خاتۇن سىنى، بىلاد ئۇيغۇر، سولمى، قۇجۇ، بارمان، كۇچا، كۇچا بىلەن بارماننىڭ ئارىسىىدىكى قۇملۇقنىڭ جەنۇبىدا شاجۇ (خەرىتىدىن قارىغاندا شاجۇ چەرچەن، خۇتەن، ياركەنت، كاشغەرلەرنىڭ شەرقى تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ)لار بار. خەرىتىدە كاشغەر بىلەن بالاساغۇندىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم شەھەر جەنۇپ- شىمال بولۇپ، بىر تۈز سىزىق ھالىتىدە (سەل قىيپاش) جايلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەن چىن- غەربى چىننى خاقانىيەنى مەركەز قىلغان بىر بۆلإك ئوتتۇرا ئاسىيا زىمىننلىرىنى كۆرسەتكەن دەپ قارىساق خاتا بولمايدۇ، چۈنكى «بۈگۈر، كۇچار شەھىرى بىلەن ئويغۇر ئېلى ئارىلىغىدىكى تاغ ئۈستىگە قۇرۇلغان قەلئە، بۇ يەر چېگرا » ①1، «چەرچەن، چىن يولىدىكى مۇسۇلمانلار چېگرىسىنىڭ بىرى» ②  دىيىش ئارقىلىق خاقانىيەنىڭ چېگرىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇنداق بولغاندا تۆۋەن چىن بىلەن يۇقۇرى چىن (ماچىن) ئوتتۇرىسىىغا جايلاشقان جايلار شاجۇ، سولمى، قۇجۇ، بىلاد ئۇيغۇر، خاتۇن سىينى.....قاتارلىق بىر تۈركۈم زېمىنلارنى كۆرسىتىدۇ.  بۇ زىمىنلار (ئوتتۇرا چىن) 10 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئويغۇر ئىدىقۇت ئېلى (860- 1350) ھەم ئۇيغۇر گەنجۇ ئېلى (850- 1028)نىڭ تېرىتورىيىسى ئىدى، ئۇيغۇرلار ئەسلىدە *** دەپ ئاتاپ كەلگەن بۇ زېمىنلارنى مەھمۇت قەشقەرى زامانىدا چىن دەپ ئاتىغان. بىز ئەنە شۇ خەرىتىنى ھەمدە مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باشقا بايانلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يۇقارقىدەك يەكۈننى چىقىرىشقا ھەقلىقمىز، مەھمۇت قەشقەرى يەنە باشقا بايانلىرى بىلەن يەكۈنىمىزنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلايدۇ.
‹‹قەدىمدىن بېرى قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سولتانلارنىڭ يارلىق ۋە خەت ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن» 1①.  بۇ باياندا كاشغەردىن يۇقىرى چىنغىچە (ماچىنغىچە) بولغان زېمىنلارنى «تۈرك يۇرتلىرى» دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئوتتۇرا چىننىمۇ تۈركى خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ  زېمىنى دەپ قارىغان . « سۇلتان » ۋە « خاقان » ناملىرى ئارقىلىق مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەس ھۆكۈمرانلارنى كۆزدە تۇتقان . « يېزىق » قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ خاقانىيە ، ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى،  ئۇيغۇر گەنجۇ ئېلى ئوخشاشلا بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن ، خاقانىيەلىكلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى پاراللىل قوللانغانلىقى، بۇ يېزىقنىڭ يىلتىزىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالالايمىز .
مەھمۇت قەشقەرى كىتابىدا « مۇسۇلمان تۈرك ئەللىرىدىكى تاغلار، چۆللەر، ۋادىلار، دەريا ۋە كۆللەرنىڭ ناملىرىنىلا يازدىم....بۇلارنىڭمۇ ئاتاقلىقلىرىنىلا يازدىم ... مۇسۇلمان بولمىغان تۈرك ئەللىرىدىكىلەردىن بەزىلىرىنىڭ ناملىرىنى يازدىم، بەزىلىرىنى تاشلىدىم. چۈنكى ئۇلارنى يېزىشتىن پايدا يوق »② دەپ يازغىنىدەك دىنى ئېتىقاد تۈپەيلى، بەزى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە تولۇق بايان قىلمىغان. ئۇ تۈرك قەبىلىلىرىنى يازغىنىدا قەبىلىلەرنى ساناپ « ... ئۇيغۇر ، تاڭغۇت ، *** قەبىلىلىرىدۇر . *** چىن دىمەكتۇر . ئاندىن تاۋغاچ ، بۇ ماچىن دىمەكتۇر» ③ دەپ تاڭغۇت ، *** (چىن) ، تاۋغاچ (ماچىن)لارنىمۇ تۈركى قەبىلىلەر سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ. بىز تاۋغاچ يەنى ماچىنلار «تاۋغاچ ، تۈركلەرنىڭ بىر بۆلإگى. ئۇلار تاۋغاچ يۇرتىدا ياشىغىنى ئۈچۈن شۇ سۆزدىن ئېلىنىپ tavγaq دەپ ئاتىلىدۇ . تات ئۇيغۇر دىمەكتۇر. تاۋغاچ چىنلىق دىمەكتۇر» ④ دىگەن بايانىدا «تاۋغاچ »نى تۈرك قەبىلىسى سۈپىتىدە ساناش مەقسىدى ئايدىڭلىشىپ، تاۋغاچ يەنى ماچىن دائىرىسىدە ياشىغان تۈركى قەبىلىلەرنى كۆزدە تۇتقانلىغىنى بىلىمىز، لېكىن ئۇلارنىڭ قايسى قەبىلىلەر ئىكەنلىگى نامەلۇم، يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا تاۋغاچنى تۈرك خەلقلىرى زېمىنى دىگەن قاراشنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك . بۇ مەسىلىدە بىز سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ ‹‹ شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمھالى››نى تەرجىمە قىلغاندا ‹‹ تاۋغاچ ( جوڭگۇ ) ئېلى بولسا مەرىچى ئاتلىغ ئۇزاق تۈرك تۈرگەشلەر  يېرىدۇر ››① دىگەن بايانىنىمۇ ئەسلىمەي تۇرالمايمىز . ناۋادا «تاۋغاچ چىنلىق دىمەكتۇر» دىگەن باياندىكى «چىنلىق» «ماچىنلىق» بولغان بولسا باشقا بايانلىرىغا ماس كېلىپ ئىنتايىن توغرا بولغان بولاتتى، ئالىم بۇ يەردە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىسىدىكى چىننى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك . بۇ جايدا بىز يەنە ئۇرخۇن- ئاناساي ئۇيغۇر ئېلى مىلادىيە 840- يىلى ئاغدۇرۇلغاندا ، ئۆگە تېگىن باشچىلىقىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ تاڭ سۇلالىسى دائىرىسىگە كۆچكەنلىگىنى، ئارمۇزد تېگىن قاتارلىق بەش تېگىننىڭ باشچىلىغىدا كۆچكەن 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى، ھەمدە تارىخى دەۋرلەردە سودا- مەدەنىيەت ئالاقىلىرى داۋامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئەسلىمەي تۇرالمايمىز.
تاڭغۇتلارنى تۈرك دەپ مۇنداق ئىزاھلايدۇ: « taηut تاڭغۇت. تۈركلەردىن بىر قەبىلە بولۇپ ، ئۇلار چىنغا يېقىن جايلاشقان . ئۇلار نەسلىمىز ئەرەپ دىيىشىدۇ››②.1 ئالىمنىڭ بۇ بايانى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ.
مەھمۇت قەشقەرى گەرچە ئوتتۇرا چىن ھەققىدە بېۋاستە ئىزاھلاپ بەرمىسىمۇ ئېنىق بېشارەتلەر قالدۇرغان. تۆۋەندە ئۇلاردىن مېسال كۆرۈپ باقايلې:                                         
    «رۇم ئۆلكىسىدىن ماچىنغىچە بولغان تۈرك ئەللىرىنىڭ بويى بەش مىڭ پەرسەخ ، ئېنى ئۈچ مىڭ پەرسەخ بولۇپ ھەممىسى سەككىز مىڭ پەرسەخ كېلىدۇ»③                             
    «يۇقۇرى چىنغىچە بولغان قەبىلىلەر - چېگىل ، ياغما ، توخسى تىللىرىدا سۆزلەر كۆپۈنچە زەممىلىك قىلىپ ئېيتىلىدۇ» ④                                                                     
« (باقىر) چىندا قۇيۇلغان بىر خىل مىس ئاقچىنىڭ ئىسمى ، ئېلىم – سېستىمدا ئىشلىتىلىدۇ»⑤  ]باقىر ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىنىڭ مىستىن قۇيۇلغان پۇلى، كەڭ – كۆلەمدە ئوبۇرۇت قىلىنغان[                                                                              
    يۇقارقى مىساللاردا كۆرگىنىمىزدەك، مەھمۇت قەشقەرى ئوتتۇرا چىن دەپ ماچىننىڭ غەربىدىكى زېمىنلارنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىرگە، بۇ زىمىنلارنى شۇ دەۋر رېئاللىغى بويىچە تۈرك- ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى دەپ قارىغان . ئالىمنىڭ «چىن ۋە ماچىن خەلقلىرىنىڭ ئايرىم تىللىرى بولسىمۇ ، شەھەرلىكلىرى تۈركچىنى ياخشى بىلىدۇ. بىزگە يازغان خەتلىرىنى تۈركى يېزىق بىلەن يازىدۇ»  ①1 دىگەن بايانىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟ بۇ بايانلارغا بىز ئالىمنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە ، لېكىن ئۆز- ئارا سۆزلىشىدىغان يەنە بىر خىل شىۋىسىمۇ بار. ئۇيغۇرلار كىتاپنىڭ باش قىسمىدا كۆرسىتىلگەن 24 ھەرپتىن ئىبارەت تۈركى يېزىق( قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى - ئاپتۇر)نى قوللىنىدۇ . كىتاپ ۋە خەت چەكلەرنى شۇ يېزىق بىلەن يازىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل يېزىغىمۇ بار . بۇ يېزىقنى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار ئۇقۇيالمايدۇ» ② دىگەن بايانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق «چىن ماچىن خەلقلىرىنىڭ ئايرىم تىللىرى » چۇقۇمكى يەرلىك شىۋىگە ياكى دېئالىكتىكىلىق پەرقلەرگە  قارىتلغان . چۈنكى ئەينى تارىخى دەۋردە ھازىرقىدەك ئەدەبى تىلنى ئۇمۇملاشتۇرىدىغان رادىئو ، تېلۋىزىيە ، مەتبۇئات بولمىغانلىقتىن يىراقتىكى جوڭگۇ (ماچىن ~ شىمالىي جوڭگۇ ) دائىرىسىدىكى تۈرك- ئۇيغۇرلار بىلەن خاقانىيە ، ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى ھەم ئۇيغۇر گەنجۇ ئېلى دائىرىسىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا چوقۇمكى ئىجتىمائى ئالاقىلەرنىڭ پەرق پەيدا قىلماسلىغى مۈمكىن ئەمەس . شۇڭا بۇ ئايرىم تىل ئاتالمىسىنى تىلنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىگى كۆزدە تۇتۇلغان دەپ چۈشۈنۈش كېرەك. ناۋادا بىز بۇ ئايرىم تىلنى خەنزۇتىلى ، ئاھالىلەرنى خەنزۇ دەپ پەرەز قىلىدىغان بولساق ئۇ چاغدا «چىن ۋە ماچىن » ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى بىلىپ كېتىشى ئېھتىمالدىن يىراق ، چۈنكى بىز ھازىرقى كۈنگە قارايدىغان بولساق مۇتلەق كۆپ سانلىق خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇرلار بېلەن ئارىلىشىپ ياشىسىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلىرى ساناقلىقلا . شۇنىڭغا ئوخشاش قەدىمقى دەۋرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس . مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ساپ تىل ئۆلچىمى ئىنتايىن قاتتىق بۇلۇپ «خوتەن تىلىدا ھىندى تىلىنىڭ تەسىرى بار» ③ ، «خوتەنلىكلەر بىلەن كەنچەكلەر سۆزىنىڭ بېشىدىكى ‹ا- ئېلىف›نى ‹  ھ  ›غا ئالماشتۇرىدۇ. تۈركى تىللاردا يوق بىر تاۋۇشنى كىرگۈزگەنلىگى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى تۈركلەردىن ھېساپلىمايمىز( خەنزۇچە نۇسخىدا ساپ تۈركى تىل ھېساپلىمايمىز دەپ ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن – ئاپتۇر )» ④  دىگەن بايانلىرى ئالىمنىڭ قاتتىق ئىلمى ئۆلچىمى بارلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ جايدا ئېيتىلغان «تۈرك ھېساپلىمايمىز» ئىبارىسى «ساپ تۈرك ھېساپلىمايمىز» دىگەنلىك بۇلۇپ، بەزىلەر بۇنى چۈشەنمەستىن، مەھمۇت قەشقەرى خوتەنلىكلەرنى ئۇيغۇر ئەمەس دەپ يازغان دەپ قارايدۇ. ناۋادا ئوتتۇرا چىن ئاھالىسىنىڭ تىلى بىر ساقىندى ئەبجەش تىل بولغان بولسا ، ئالىم ئەلۋەتتە ئۇلارغىمۇ خوتەنلىكلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەنى تۇتقان بۇلاتتى.         
    ئەمدى چىنلىقلارنىڭ يىزىقىغا ئوخشايدىغان مۇسۇلمان بولمىغان ئويغۇرلار چۈشۈنىدىغان يېزىق مەسلىسىگە كەلسەك، بۇ ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكىلەر ئېيتقاندەك خەنزۇ يېزىقىنى كۆرسەتمەستىن ئورخۇن- ئاناساي يىزىقى، تۈرك- رونىك يېزىقى، دۇلبارچىن يېزىقى دەپ ناملانغان يېزىقنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە تۇرپان رايۇنىدا بىر مەزگىل خەنزۇ يېزىقى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى خاتىرلەنگەن بولسىمۇ ئىككى تىلنىڭ كەسكىن پەرقلىرى تۈپەيلى تەدرىجى ئەمەلدىن قالغان ، ئەمما ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر يازمىلىرىدا ئاز ساندا خەت ئارىسىغا (نوملاردا) خەنزۇچە خەتلەر قىستۇرۇپ قوللىنىلغان ، ھەرگىزمۇ ئىجتىمائى ئالاقىلەردە ئۇنداق كەڭ قوللىنىلمىغان ، ئەكسىچە پان تېگىن باشچىلىقىدا ئۇرخۇن – ئاناساي ۋادىسىدىن كۆچكەن  200مىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالە ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى ۋە ئۇيغۇر گەنجۇ ئېلى ئاھالىسىنىڭ خېلى نىسبىتىنى ئىگەللىگەن ئىدى . تۈرك رونىك يېزىغى ئۇرخۇن – ئاناساي ۋادىسىدا قۇرۇلغان تۈرك خانلىغى ۋە ئۇيغۇر خانلىقلىرىدا كەڭ- كۆلەمدە قوللىنىلغان بولغاچقا، غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقىنى بىر مەزگىل  داۋاملاشتۇرۇپ قوللانغان. ئەسلىدىنلا تارىم ۋادىسىدا ئولتۇراقلاشقان غەربى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خاقانىيەلىكلەر ۋە تۇرپان ئويمانلىقىدىكىلەر بۇرۇندىنلا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغانغاچقا تۈرك رونىك يېزىقىنى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدەك ئۇنداق كەڭ دائىرىدە قوللانمىغان ، ئەمما تۈرك رونىك يېزىقى تۈرك خانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئۇرخۇن ھاكىميىتىنىڭ يېزىقى بولغاچقا ئۇنىڭ تېرىتۇرىيىسى بولغان تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكىلەر بۇ قەدىمىي يېزىق بىلەنمۇ ناتۇنۇش ئەمەس ئىدى  . دۇخان ، چاقىلىقنىڭ مىرەن ۋە تۇرپان ۋادىسىدىن بىر بۆلإك تۈرك- رونىك يېزىغىدىكى ۋەسىقلەرنىڭ تېپىلىشىمۇ «چىنلىقلانىڭكىگە ئوخشايدىغان» بۇ يېزىقنىڭ تۈرك- رونىك يېزىغى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاشقا پاكىت بولىدۇ. روس تۈركلوگى ئا . ن . كونونوۋ «7~ 9- ئەسىرلەردىكى تۈرك – رونىك يادىكارلىقلىرىنىڭ گېرامماتىكىسى» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە «كېلىياشتۇرنىينىڭ نوپۇزلۇق ھۆكۈمىچە مەھمۇت قەشقەرى بۇ يەردە رونىك يېزىغىنى كۆزدە تۇتىدۇ ، چۈنكى بۇ يېزىقنىڭ ئاخىرقى يادىكارلىقلىرى تۇرپان بېلەن مۇناسىۋەتلىك ، بەلكى ... تۇرپان ۋە دۇخاندىن بايقالغان دەسلەپكى ئۇيغۇرچە قانۇنىي ۋەسىقىلەر بىلەن مۇشۇ خىلدىكى كۆپلىگەن توختاملار ئوخشىمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار رونىك يېزىغىدا يېزىلغان. كېلياشتۇرنى يەنە ‹ مەھمۇت قەشقىرىدىن يۈز يىل كېيىنكى مۇئەللىپ فەخرىددىن  مۇبارەكشاھ مارۋالدىنىڭ تىلغا ئالغىنىمۇ رونىك يېزىغى بۇلۇپ ئۇ كۆرسەتكەن توققۇز ئۇيغۇر يېزىغى بولسا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىغىدۇر› ››①1   دەپ يازغىنىدەك ھەقىقەتەنمۇ مەھمۇت قەشقەرى يازغان ئۇيغۇرلارنىڭ «چىنلىقلارنىڭ يېزىغىغا ئوخشايدىغان» يەنە بىر يېزىغى شەكسىزكى خەنزۇ يېزىغى بولماستىن، تۈركى خەلقلەر قەدىمكى دەۋرلەردە ئىجاد قىلغان ، شەكىللەر ئاساسىدا يارىتىلغان مۇڭغۇل دالالىرىدىن شەرقى ياۋرۇپاغىچە تارقالغان تۈرك- رونىك يېزىغىدۇر.                                                                                
         ‹‹ جابارقا – ياپونىيەلىكلەر يىراققا جايلاشقانلىغى ، ماچىن بىلەن ئۇلارنى چوڭ دېڭىزلار ئايرىپ تۇرغانلىغى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىللىرى بىزگە مەلۇم ئەمەس .›› 1②
‹‹ چىن ماچىننىڭ ئايرىم تىللىرى بولسىمۇ ، شەھەرلىكلىرى تۈركچىنى ياخشى بىلىدۇ . بىزگە يازغان خەتلىرىنى تۈركى يېزىق بىلەن يازىدۇ . شۇنىڭدەك ئارىدا چوڭ سېپىل ۋە چىن يېنىدىكى تاغ ، دېڭىزلار بولغىنى ئۈچۈن يەئجۈج- مەئجۈجۈلەرنىڭ تىللىرىمۇ بىزگە مەلۇم ئەمەس .›› ③  
‹‹ *** چىن دىمەكتۇر ، تاۋغاچ ماچىن دىمەكتۇر  ››④. ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى››نىڭ  3- توم 564-بەتتىن 567- بەتكىچە تۈرك خاقانى ‹‹ شۇ ›› بىلەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت سۆزلىنىپ، ئىسكەندەرنىڭ خوجەنت دەرياسىدىن ئەسكەرلىرى بىلەن ئۆتكەنلىگى ، بۇنى ئۇققان تۈرك خاقانى ‹‹ شۇ ›› ‹‹كېچىسىلا دۇمباق چالدۇرۇپ شەرققە يول ئاپتۇ ... خاقان شۇ چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ ...›› دىگەن مەلۇماتلار بار . بىز بۇ يەردە شەرق بىلەن چىننىڭ تەڭداش كەلگەنلىگىنى ياكى بولمىغاندا  چىننىڭ شەرق مەنىسىدە كەلگەنلىگىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق بىر قىسىم جايلارنىڭ ‹‹ چىن ›› دەپ ئاتالغانلىغى مەسىلىسىگە كەلسەك ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ›› دىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىس پۇلى ‹‹ باقىر ›› نى چىندا قۇيۇلغان دىيىشمۇ ئىسپات بولالايدۇ. بىز يەنە نامەلۇم ئەرەپ ئاپتۇر تەرىپىدىن پارسچە يېزىلغان 983 – يىلىدىكى ‹‹ ھۇدۇدۇل ئالەم ›› ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پايتەختىنىڭ ‹‹ چىنانكەنت ›› دىيىشى، ‹‹ qurqan چەرچەن . چىن يولىدىكى مۇسۇلمانلار چېگرىسىنىڭ بىرى ›› ⑤ دىيىشى بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ . مۇندىن ئىلگىرى ‹‹ چىن = جوڭگۇ ›› دىگەن قاراشنىڭ ئىسكەنجىسىدە ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ›› دا ئېيتىلغان ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلارنىڭ يېزىقىغا ئوخشايدىغان بىر خىل يېزىغى بار ›› دىگەن بايانىنى تەھقىقلەپ ، ئىسپاتلاپ كۆرمەستىن ئۇيغۇرلار قوللانغان قەدىمقى خەنزۇ يېزىقى دەپ قاراپ كەلدۇق .ئەمىلىيەتتە بۇ يېزىق ئورخۇن – ئاناساي (تۈرك –رونىك ) يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ . تەتقىقاتچى مەھمۇت نىزام ‹‹ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ›› نىڭ 1986- يىل 23- ئۆكتەبىر سانىدا تارىخى مەنبەلەردە تۈرك – رونىك يېزىغىنىڭ دۇلبارچىن يېزىقى دەپ ئاتالغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ . تۇرپان رايونىدا ياشىغان قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ  قەدىمدە خەنزۇ يېزىقىنى بىر مەزگىل قوللانغىنى راست . شۇنداقلا يەنە ئارخىئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ ئارخىئولوگىيەلىك تېپىندىلارنى ماددى پاكىت قىلىپ تۇرۇپ كۆرسىتىشىچە ، مىلادىيە 5- ئەسىردە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىشقا باشلىغانلىغى بىزنى بۇ مەسىلىنى ئوبىكتىپ ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ . ئارخىئولوگىيەگە ئاساسلانغاندا تۇرپان رايونىدا قەدىمدە تۈرك- رونىك يېزىقى ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ھەمدە خەنزۇ يېزىقىنىڭ  ئىشلىتىلگەنلىكى ئىسپاتلاندى .   ‹‹ چىن يېزىقىغا ئوخشايدۇ ›› دىيىلگەن بۇ يېزىق  تۈرك – رونىك يېزىقى بولۇپ، تۈرك خانلىقى ۋە ئۇرخۇن – ئاناساي ئۇيغۇر ئېلى دەۋرىدە ئىنتايىن كەڭ قوللىنىلغان . موڭغۇلىيە ۋادىسدىن تېپىلغان مەڭگۈ تاشلارنىڭ مۇشۇ يېزىقتا ئويۇلغانلىقى ھەممە كىشىگە ئايدىڭ . ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر دۇخان ھەم شىنجاڭدىن بۇ يېزىقتا يېزىلغان يازمىلارنى تاپتى . ئۇرخۇن – ئاناساي ئۇيغۇر خانلىقى ( 646 - 840 ) يىمىرىلگەندىن كېيىن كۆچۈپ كەلگەن100 مىڭدىن ئارتۇقراق ئۇيغۇر ئاھالىسى تۇرپان رايونىنى مەركەز قىلىپ، شۇ جايدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ ‹‹ ئۇيغۇر ئېلى›› نى قۇرۇپ چىقتى . ئەجابا ئۇلار تۈرك- رونىك يېزىغىنى موڭغۇلىيە ۋادىسىدا تاشلاپ كەلگەنمۇ؟ ئۇنتۇپ كەتكەنمۇ ؟ ياق، ھەرقانداق بىر ئىشقا جەريان كېرەك . ئۇيغۇر (ئېدىقۇت) ئېلى بىلەن ئۇيغۇر گەنسۇ خانلىقى ئاھالىلىرى ئىزچىل تۈردە ئالاقىلىشىپ تۇرغان . بۇ ئالاقىلەر دەسلەپتە تۈرك رونىك يېزىقىدا ، كېيىنچە بولسا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا بولغان. روسىيە تۈركلوگى كېلياشتۇرنى ‹‹قەدىمقى تۈرك – رونىك ئابىدىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنىڭ ئەسلى يادىكارلىقلىرى ›› ناملىق كىتابىدا تۇرپان ، چاقىلىق ( مىرەن )، دۇخانلاردىن تۈرك- رونىك يېزىغىدىكى يادىكارلىقلىرىنىڭ تېپىلغانلىغىنى يازىدۇ . يۇقارقىدەك ئىسپاتلار، بىزنىڭ مەھمۇت قەشقەرى دەۋرىدىكى ‹‹چىن ›› ئۇيغۇر (ئىدىقۇت) ئېلى ۋە ئۇيغۇر گەنسۇ خانلىقى دائىرسىنى كۆرسىتىدۇ  دىيىشىمىزگە يول بېرىدۇ . ناۋادا بىز ئەكسىچە باشقا بىر جاينى كۆرسىتىدۇ دىسەك، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ‹‹ .... شەھەرلىكلەرنىڭ ئايرىم تىلى بولسىمۇ تۈركچىنى ياخشى بىلىدۇ ، بىزگە يازغان خېتىنى تۈركى يېزىق بىلەن يازىدۇ ›› دىگەن بايانىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ مەھمۇت قەشقەرى ئېيتقان ‹‹ ئايرىم تىل ›› يەرلىك شىۋىگە قارىتىلغان بولۇپ ، ئالىمنىڭ ساپ تىل قارىشى پوزىتسىيىسى  ئىنتايىن كەسكىن ئىدى ، ئودۇنلۇقلار ھىندىلاردىن ‹‹ ھ ›› تاۋۇشىنى كىرگۈزگىنى ئۈچۈن ئۇلارنى ساپ تۈركلەردىن ھېساپلىمىغان . ئۇ ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە ، لېكىن ئۆزئارا سۆزلىشىدىغان يەنە بىر شىۋىسىمۇ بار ›› ( خەنزۇچە نۇسخىدا بۇ يەردىكى ئايرىم تىلنى دىئالېكىت دەپ ناھايىتى توغرا قىلغان- ئاپتۇر) دەيدۇ . ئالىمنىڭ يەنە ‹‹ رۇم ئۆلكىسىدىن ماچىنغىچە بولغان تۈرك ئەللىرىنىڭ .....›› دىگەن بايانلىرى بىزگە ناھايىتى ئېنىق مەلۇمات بېرىدۇ .
‹‹ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن چىنغا قاراپ ئىلگىرلىگەندە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرىشىش ئۈچۈن تۈرك خاقانى ياشلاردىن تەركىپ تاپقان بىر بۆلۈك ئەسكەرنى ئەۋەتىدۇ.... ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى. زۇلقەرنەيىن شۇ كېچىلىك ھۇجۇمدىن كېيىن تۈرك خاقانى بىلەن سۈلھ تۈزگەن›› . ① 1
‹‹ زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا ، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى  لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن.  ئوقنى ئالدىغا قانداق قانداق ئاتسا ، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ‹ inan hużhurænd - بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ، ئۆز ئۇزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا  شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ › دەپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئەل ‹hużhur›  دەپ ئاتىلىپتۇ››. ②
بىز يۇقارقى ئۇچۇرلارنى كۆرگىنىمىزدە ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئالىملارغا خاس سەزگۈرلۈگىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز ، چۈنكى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ يۇقارقى ئىككى مىسالدا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چىننى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ قارىغانلىغىنى ئۆتكۈر كۆزلىرىنىڭ بايقىۋالغان . ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ : ‹‹ مەھمۇت قەشقىرى باشقا بىر جايدا ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرى دىگەن نامنى بىردىنلا چىن دىگەن نامغا يۆتكەپ يۇقۇرقى ئېپىزوتنى مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ ... مەھمۇت قەشقىرى ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى ‹ خۇزخور › ئىبارىسى بىلەنمۇ ، بىرلەشتۈرۈپ قارىغان . ئۇ تۇران بىلەن تۈرك سۆزىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغان ...›› ③ . دىمەك بىز يۇقارقى ئۇچۇردىن مەھمۇت قەشقەرى ئەينى زاماندا چىن نامى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى نامىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا تەخمىنەن تەڭداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقى كۆرسىتىپ بەرگەن دىيەلەيمىز.  
ئومۇمەن ئپيېتقاندا بۈيۈك مۇتەپپەككۇر مەھمۇت قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئۆز دەۋرى ۋە ئۇندىن بۇرۇنقى ئىككى خىل ئۇقۇمغا مەنسۇپ چىن ۋە ماچىن ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى خاتىرىلىگەن. «بۇرۇنقى» ئۇقۇمدا – خاقانىيىدە ئىسلام دىنى ئومۇملىشىشتىن بۇرۇنقى دەۋر بولۇپ ئىسلامىيەت بىلەن كىرىپ ئۆزلەشكەن چىن نامىدا ئاتالغان رايۇننى ئۇيغۇر تۈرك خەلقلىرى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئايرىم – ئايرىم ناملاردا ئاتىغان ، بۇلاردىن بىرى  «تاۋغاچ»  بولۇپ تاڭ سۇلالىسىنى توغرىراقى جوڭگۇنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ شەرقى تەرەپلىرىنى كۆرسەتكەن. ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئوتتۇرا چىن دەپ ئاتالغان جايلار ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن  *** دەپ ئاتالغان  ۋە ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى ۋە ئۇيغۇر  گەنجۇ ئېلىنى كۆرسەتكەن. ئىسلامىيەتتىن كېيىن تۆۋەن چىن دەپ ئاتالغان جايلار ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن بارخان دەپ ئاتالغان بولۇپ ، خاقانىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا زىمىنلىرىنى كۆرسەتكەن ھەم سۇلالە نامى بىلەن خاقانىيە دەپ ئاتالغان.                                                
         ئوتتۇرا چىن ۋە *** دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى ۋە ئۇيغۇر گەنجۇ ئېلى قاتارلىق تۈركى خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھۆكۈمرانلىغىدىكى زىمىنلار ئىسلامىيەتتىن كېيىن «چىن » دەپ ئاتالغان. تۆۋەن چىن ۋە بارخان دىگەن ناملار قوللىنىشتىن قالغان. بىز بۇ قاراشلارنى فورمىلالاشتۇرساق مۇنداق بولىدۇ :
تارىم ۋادىسىغا ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى چۈشەنچىلەرنى فورمۇلالاشتۇرساق مۇنداق بولىدۇ : يۇقۇرى چىن = شەرقى چىن = تاۋغاچ ( جوڭگۇنىڭ شىمالى قىسمى بولۇپ سەددىچىننىڭ سىرتىنى كۆرسىتىدۇ ). ئوتتۇرا چىن = *** ( بۈگۈنكى گەنسۇ ۋە شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرى) . تۆۋەن چىن = غەربى چىن = بارخان ( ھازىرقى جەنۇبى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا شىنجاڭدىن تاكى ئامۇر دەريا ۋادىسىغىچە ) . بۇ قاراشلار ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ شەرق ھەققىدىكى جۈملىدىن  چىن ۋە ماچىن ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن مۇسۇلمانچىلىققا مۇشەررەپ بولمىغان ۋاقىتتىكى تۈرك – ئۇيغۇر ئاتالغۇلىرىنىڭ تەڭلەشتۈرۈلۈپ بايان قىلىنىشىدىن ئىبارەت . مەھمۇت قەشقەرى زامانىسىغا كەلگەندە يەنى ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقاندىن كېيىن ئىسلام دىنى ئارقىلىق تارقىلىپ كىرگەن چىن ۋە ماچىن ناملىرى ئەسلىدە تۈرك – ئۇيغۇر خەلقلىرى قوللىنىپ كەلگەن تاۋغاچ ، *** ، بارخان ناملىرىنىڭ ئورنىنى ئالغان ۋە ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ مەۋھۇم ئۇقۇم دائىرىسى تەدبىقلانغان ، لېكىن بىرەر ئەسىردىن كېيىن خاقانىيە ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا بۇ ھەقتىكى تونۇشىنى تېخىمۇ مۇكەممەلشتۈرگەن ، ‹‹ قۇتادغۇبىلىك››كە 12 – ئەسىرلەردە تولۇقلاپ قۇيۇلغان كىرىش سۆزلەر بۇنىڭ دەلىلى بولىدۇ. مەھمۇت قەشقەرى زامانىغا كەلگەندە يۇقۇرى چىن ۋە تاۋغاچ ئاتالغان شىمالىي جوڭگۇ رايۇنى «ماچىن» دەپ ئاتالغان . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، مۇسۇلمان ئەرەپ – پارس دۇنياسى چىن دەپ قارىغان مەشرىق دىيارىنىڭ ئۇيغۇر – تۈرك خەلقلىرى تاۋغاچ ، *** ، بارخان دىگەن جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى بۇ نامنىڭ  قانداقتۇر بىرەر دۆلەتنى ئەمەس، جۇغراپىيىلىك دائىرىنى كۆرسىەتكەنلىگىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئۇنداقتا تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ تۇنۇشىدا ئۆزگۈرۈش بولغانمۇ يوق ؟ ئەگەر ئۆزگىرىش بولغان بولسا قانداق بولغان ؟ بۇنىڭغا مەھمۇت قەشقەرى ئۆز جاۋابىنى قالدۇرغان . تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇرۇنقى يۇقۇرى چىن = شەرقى چىن = تاۋغاچنى ئىسلام چۈشەنچىلىرىدىن ئېلىپ ماچىن دەپ قارىغان . بۇرۇنقى ئوتتۇرا چىن = ***نى بولسا چىن دەپ تونىغان ، دىمەك بۇ قاراشلاردا زور ئۆزگۈرۈش بولغان . بىز مەھمۇت قەشقەرى دەۋرىدىكى چۈشەنچىلەرنى فورمىلالاشتۇرۇپ ئۇيغۇر – تۈرك تىلىدىكى نام بىلەن ئەرەپ – پارس تىلىدىكى ئاتالغۇنىڭ تەڭداشلىقىنى كۆرسەتسەك تاۋغاچ = ماچىن ، *** = چىن بولىدۇ .
بىز يۇقۇرىدا چىن ۋە ماچىن ناملىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمىمىزدە تابغاچ نامىغا يولۇقتۇق ، بىز مەھمۇت قەشقەرىنىڭ بايانلىرىنى چوڭقۇرلاپ چۈشۈنۈش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز لازىم . تابغاچ ۋە تاۋغاچخان ئاتالغۇلىرى تارىخىمىزدا ئۇچرايدىغان تارىخى ناملار بۇلۇپ تاۋغاچخان خاقانىيە خاقانلىرىنىڭ نام شەرىپى سۈپۈتىدە پۇللاردا ۋە يازما يادىكارلىقلاردا كۆرۈلسە ، تابغاچ نامى  بىر تۈركۈم خەلقنىڭ نامى ياكى دۆلەت نامى  سۈپىتىدە مەنبەلەردە مىلادىيە 7 – ئەسىردىن 14 – ئەسىرگىچە كۆرۈلىدۇ. تۆۋەندە بىز مەھمۇت قەشقەرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بايانلىرى ھەم باشقا ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقايلى.
‹‹ تۈركلەر ئەسلىدە يىگىرمە قەبىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭرى ئەزىز كۆرگەن نوھ پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ياپەس ۋە ياپەسنىڭ ئوغلى تۈرككە بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ رۇم ئەۋلادىنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ئىسھاق، ئسھاق ئوغلى ئىسۇ  ۋە ئىسۇ ئوغلى رۇمغا بېرىپ تاقالغىنىغا ئوخشايدۇ. ھەر بىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ بىر مۇنچە ئۇرۇقلىرى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سانى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئۆزىگىلا مەلۇم. مەن بۇلاردىن ئاساسى ئانا قەبىلىلەرنى يازدىم. ئۇرۇق ئايماقلىرىنى تاشلىدىم. كىشىلەردە ئوغۇز تۈركمەنلىرىنى بىلىشكە ئېھتىياج بولغانلىغى ئۈچۈن ، شۇلارنىڭلا ئۇرۇقلىرىنى، ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىمۇ كۆرسەتتىم. مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن ، رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بۇيىچە ، شەرقتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. رۇمغا ھەممىدىن يېقىن جايلاشقان قەبىلە پەچەنەك، ئاندىن قالسا قىفچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشغىرت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرقىز قەبىلىلىرىدۇر. قىرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى رۇم ئۆلكىسى يېنىدىن شەرققە قاراپ شۇ تەرتىپتە سۇزۇلغان. ئاندىن چىگىل، توخسى، ياغما، ئۇغراق، چارۇق، چۇمۇل ، ئۇيغۇر، تاڭغۇت، *** قەبىلىلىرىدۇر. *** چىن دىمەكتۇر. ئاندىن تاۋغاچ، بۇ ماچىن دىمەكتۇر. بۇ قەبىلىلەر جەنۇپ بىلەن شىمال ئوتتۇرۇسىدا ياشايدۇ››. 1①
‹‹tavγaq تاۋغاچ، (ماچىن) ئېلىنىڭ نامى. بۇ مەملىكەت چىندىن تۆت ئايلىق يېراقلىقتا ، چىن ئەسلىدە ئۈچكە بۆلإنىدۇ: بىرىنچى يۇقۇرى چىن. بۇ يەر شەرىقتە بولۇپ  tavγaq  دىيىلىدۇ. ئىككىنچى ، ئوتتۇرا چىن بولۇپ ، ***  hitay دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچىنچى ، تۆۋەن چىن بولۇپ بارخان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قەشقەردە ، لېكىن ھازىر تاۋغاچ ماچىن دەپ ،  *** چىن دەپ تۇنۇلىۋاتىدۇ »②. « ... ئۇيغۇر ،تاڭغۇت ،*** قەبىلىلىرىدۇر .*** چىن دىمەكتۇر .ئاندىن تاۋغاچ ، بۇ ماچىن دىمەكتۇر».③  «تاۋغاچ ، تۈركلەرنىڭ بىر بۆلإگى. ئۇلار تاۋغاچ يۇرتىدا ياشىغىنى ئۈچۈن شۇ سۆزدىن ئېلىنىپ tavγaq دەپ ئاتىلىدۇ .تات ئۇيغۇر دىمەكتۇر. تاۋغاچ چىنلىق دىمەكتۇر» ④ .                                                                          
Tavγaq ھەر بىر بۈيۈك قەدىمىي نەرسە ‹‹      æżi     tavγaq›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۆز خانلارغىمۇ ئۇنۋان بولۇپ كېلىدۇ. ‹‹ مەملىكىتى قەدىمى ۋە چوڭ خان ›› دىگەن مەنىدە ‹‹ تاۋغاچخان ›› دىيىلىدۇ.     at tavγaq t   بۇ جۈپ سۆز ، بۇ ئۇرۇندا ‹‹ تات ›› سۆزى ‹‹ پارىس ›› دىگەن مەنىدە ، ‹‹ تاۋغاچ ›› سۆزى ‹‹ تۈرك ›› دىگەن مەنىدە كەلگەن. مېنىڭچە مەن بەرگەن تەبىر توغرىراقتۇر. ئىسلام ئەللىرىدە مەشھۇر بولغان چۈشەنچە مۇشۇنداق. ئۇ يەرلەردە ئۇنداق . ھەر  ئىككىسى تۈزۈك. Tavγaq  تاۋغاچ يۇداسى – يۇپۇرماقلىرى سەۋسەن گۈلىنىڭ يۇپۇرماقلىرىغا   ئوخشايدىغان ۋە دورا بۇلىدىغان بىر خىل دەرەخ. 1①                                                           
بۇ بايانلاردىن مۇنداق بىر ئۇچۇرغا  ئېرىشەلەيمىز. بىرىنچى : مەھمۇت قەشقەرى زامانىدىن بۇرۇن، ئۇ خەرىتىسىدە كۆرسەتكەن ‹‹ ماچىن ›› ئاتالغان جاينىڭ نامى تاۋغاچ بولغان . ئۇ جاي مەھمۇت قەشقەرى زامانىغا كەلگەندە ‹‹ تاۋغاچ ››  دىيىلمەستىن ‹‹ ماچىن ›› دىيىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەھمۇت قەشقەرى زامانىسىدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نەزەرىدە تاۋغاچ ھەرگىزمۇ ‹‹ ماچىن ››نىڭ نامى ئەمەس. ‹‹ ماچىن ›› بولسا ئۇلار قوللانغان بىردىن بىر نام بۇلۇشى مۈمكىن. لېكىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹ تاۋغاچ كارۋىنى ›› دىگەن ئاتالغۇنى قوللانغان. ئىسلام ئەللىرىدىكى  خەلقلەرنىڭ نەزەرىدە مەھمۇت قەشقەرى كۆرسەتكىنىدەك يەنە بىر خىل چۈشەنچە مەۋجۇت بۇلۇپ، تاۋغاچ تۈرك (ئۇيغۇر) خەلقىنىڭ نامىدۇر، لېكىن ئۇيغۇرلار تاۋغاچ دەپ تېخىمۇ شەرقتىكى خەلقنى ئاتىغان. بۇنىڭغا مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ” at tavγaq t   بۇ جۈپ سۆز ، بۇ ئۇرۇندا ‹‹ تات ›› سۆزى ‹‹ پارىس ›› دىگەن مەنىدە ، ‹‹ تاۋغاچ ›› سۆزى ‹‹ تۈرك ›› دىگەن مەنىدە كەلگەن “ دىگەن بايانى بىلەن سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ ‹‹ مەرىچى ئاتلىغ ئۇچ قىدىغ تۈرك تۈركەش يىر ئول›› دىگەن ئۇچۇرلىرىنى پاكىت قىلىش مۈمكىن. دىمەك يۇقارقىلارغا قارىغاندا ئەينى دەۋردە ‹‹ تاۋغاچ ›› ئاتالغۇسى ھەققىدە بىر قانچە خىل قاراشلار بۇلۇپ ئۇلار بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى دەپ ئايرىلغاندىن سىرت يەنە ئىسلام ئەللىرى ھەم مۇسۇلمان ئەمەس ئاھالىلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىدە ھەر خىل بولغان. مۇسۇلمانلار دۇنياسى تاۋغاچ نامى بىلەن تۈرك – ئۇيغۇر خەلقىنى كۆرسەتكەن، تۈركى خەلقلەرمۇ تاۋغاچلارنى تۈركى خەلق دەپ قارىغان.                                                                             
تۆۋەندە بىز بۇددا دىنى مۇھىتىدىكى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرجىمە قىلغان ‹‹ شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى ›› 5 – جىلىدنىڭ بەزى مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرىدىن مىسال كۆرۈپ باقايلى:    (2)   بۇدسىتۋى  تايتو سامتسو ئاچارى ...  ( 23~22) من خۇئىنتىسو ئۇلۇغ تاۋغاچلىغ  تويىن مۇنتا بوشغۇتقا كەلتىم . ( 99~ 98) يانا تاۋغاچ ئىلى  ئەرسەر. مەرىچى ئاتلىغ ئۇچ قىدىغ تۈرك تۈركەش يىر ئول. (269 ~267) مخاچىنادىش ئۇلۇشتىن كەلىگلى نومچى بىلگە سامتسو ئاچارى ئۆز ئېلىڭە بارغالى تۇرۇر .  (279 ~281 ) نومچى ئاچارىنىڭ ئۆز ئىل تۋغاچقا بارغۇلۇق تاپى ئەرسەر.    يەشمىسى مۇنداق :  بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىدىكى بۇدساتىۋا سامتسو ئاچارى... مەن خۇئىنتىسو ( شۇەنجۇاڭنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئاتىشى ) ئۇلۇغ تاۋغاچلىق راھىپ بولىمەن . بۇ يەرگە ئۈگۈنۈشكە كەلدىم.  يەنە تاۋغاچ ( جوڭگۇ ) ئىلى بولسا مەرىچى ئاتلىغ ئۇزاق تۈرك تۈرگەشلەر  يېرىدۇر . بۈيۈك چىن ئېلىدىن كەلگەن نومچى دانىشمەن سامتسو ئاچارى ئۆز ئېلىگە قايتماقچى بۇلىۋېتىپتۇ.  نومچى ئاچارىنىڭ ئۆز ۋەتىنى تاۋغاچقا قايتماقچى بولغان ئويى بولسا .... ① 1. بىز بۇ يەردە چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە مەنبەدىن ئۇچۇر بەرسەك ئارتۇقچە كەتمەس دەيمەن :
《玄奘支那国僧来此学问岁月。。。大唐国芯蒭玄奘谨修书中印度摩诃驼国三藏智光法师》      ‹‹ شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى ››نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى ‹‹ مېھىر شەپقەت ئىبادەتخانىسىدىكى سامستو ئاچارىنىڭ تەرجىمىھالى ››دىكى 支那 ۋە  大唐 ئاتالغۇلىرىنى سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ‹ئۇلۇغ تاۋغاچ ئېلى› ، ‹ تايتو › دەپ تەرجىمە قىلغان.  ئەمەلىيەتتىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى بەزى ئالىملار تاڭ سۇلالىسىنى تۈركلەر قۇرغان دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ، ئەلۋەتتە ئۇلار تۈرك بولغان تەقدىردىمۇ زور دەرىجىدە خەنزۇلاشقان تۈركى خەلقلەر ئىكەنلىگىنى قىياس قىلىش مۈمكىن . بىز تاڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچىلار تۈرك دىگۈچىلەرنىڭ قانچىلىك ئاساسى بارلىغىنى بىلمەيمىز ، ئەمما تابغاچ نامىنىڭ تۈركى خەلقلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىگە ئىشەنچ قىلالايمىز. ئۇنداقتا ئالىم نىمە ئۈچۈن بۇ ئىككى نامنى تابغاچ دەپ تەرجىمە قىلىدۇ؟
قۇربان تۇران ئەپەندى ‹‹ قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدە ‹ تابغاچ › ئاتالغۇسىنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىلگەنلىگىگە قارىغاندا ، بۇ ئاتالغۇ ئەڭ كېيىن دىگەندىمۇ كۆك تۈرك خانلىقى ( 6 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ) ئىشلىتىلىشكە باشلىغان ... كۆك تۈركلەر كۈچۈيىشكە باشلىغان 4 – ئەسىرلەردە ئۇلارنىڭ تۇنجى بولۇپ چېلىقتۇرغىنى جەنۇپتىكى قوشنىسى توبالار قۇرغان ۋېي سۇلالىسى ( 386- 557 ) بولغانىدى ...  ‹ تابغاچ › ئاتالغۇسى ، شۇ مەنىدىن ئالغاندا ، ‹ توبا › ئاتالغۇسىنىڭ قەدىمكى تۈركچە تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن ئىبارەت . ... ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تاڭ سۇلالىسى گۈللىنىپ ، كۆك تۈركلەر بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان مەزگىللەردە ‹ تابغاچ › ئاتالغۇسى رەسمىي تۈردە ‹ جوڭگۇ › دىگەن قېلىپلاشقان ئاتالغۇغا ئايلاندى ھەمدە شىمالىي ئاسىيادىكى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ تىلىدا ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلىدى ..... كۆك تۈرك خانلىقى ۋە ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى قاتارلىق ھاكىميەتلەر ئارقا – ئارقىدىن ھالاك بولۇپ ، تۈركى تىللىق خەلقلەر كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشكە باشلىغاندىن كېيىن ، ‹ تابغاچ › نامى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى خەلقلەرنىڭ تىللىرىدا تاكى 13 - ، 14 - ئەسىرلەردە ‹ جوڭگۇ ›نى كۆرسىتىدىغان ‹ قىتان ، *** › ناملىرى ئومۇملاشقانغا قەدەر ئىشلىتىلدى ... قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ خانلىرى ئىچىدە ‹ تابغاچخان › دىگەن نام بىلەن ئاتالغان خانلار خېلى كۆپ ، بۇ دەۋرگە كەلگەندە ، 5 – ئەسىرلەردىن باشلاپ ئىشلىتىلگەن ‹ تابغاچ › ئاتالغۇسى بارغانسېرى ‹ جوڭگۇ › دىگەن مەنىنى ئىپادىلىمەيدىغان بولدى . قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ، ‹ تاۋغاچ › ئاتالغۇسى مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدىكى ‹ تابغاچ › شەكلىدىن ‹ تاۋغاچ › شەكلىگە ئۆزگەرگەن ۋە ‹ ماچىن › ئېلىنىڭ نامى سۈپۈتىدە ئىشلىتىلگەن.... ››①1  دەپ يازىدۇ.
ياپونىيىلىك ئالىم نېيتەن جىنفېڭ ‹‹ تابغاچنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى قەدىمكى تۈركى تىلدا Tab-ghač (Tab تۇپراق ، ghač ئىگىسى ) تۇر . ‹ ۋېينامە . شۈ قىسسىسى ›دە شىمالىي ۋېي سۇلالىسى توبالارنىڭ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ‹ شىماللىق ئاۋامنىڭ ئادىتىدە تۇپراقنى 托 دەيدۇ ، كېيىنكى خەت  跋 ئۇرۇق نامىدۇر . ‹ ۋېينامە›دە Tab-ghačنى  托跋 دەپ يازغان ›› ② دەپ قارايدۇ .
گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق تۈركلوگ گابائىن خانىم ( 1901 – 1993 )  ‹‹ قارا قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىغى ›› ناملىق ئەسىرىدە بۇ نام ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ :  ” Tabqac دىگەن سۆزنىڭ ئالدىغا دائىم qutluq  ‹‹ بەختلىك ›› دىگەن ئېنىقلىغۇچى قۇشۇلغان، خەنزۇچە تېكىستتە بولسا بۇ سۆز يوق ئىدى . Tabqac سۆزى 10 – ئەسىر زامانىسىدا ‹‹ جوڭگۇ ›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. شۇ چاغدا جوڭگۇ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇراتتى، چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە ئۇيغۇر تەرجىمان ( راھىپ غوزال ) تابغاچ سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسىنى ، يەنى 5 – ئەسىر زامانىسىدىكى توقبات سۇلالىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلسە كېرەك. ئۇ تىلنىڭ قالدۇقلىرىدىن قارىغاندا ، توقباتلار ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى مىللەت سۈپۈتىدە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ئەجداتى ئىكەنلىكى مەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن Tabqac سۆزىنىڭ ئالدىغا ‹‹ بەختلىك ›› دىگەن ئېنىقلىغۇچىنى قوشقان. “ ③
گۇبائىن خانىممۇ يۇقارقى بايانلىرىنى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تەرجىمىسى ‹‹ شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى ››نى تەتقىق قىلغاندا چىقارغان يەكۈنى . ئالىم تابغاچ نامىنىڭ ئەنە شۇ تۈركى خەلق توقبات ( باشقا مەنبەلەردە تۇبا ~ تۇۋا دەپ ئېلىنىدۇ ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇۋا دەيدىغان مەلۇم ساندا نۇپۇسى بار تۈركى تىللىق خەلق ئېلىمىزدە ياشىماقتا ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇۋا ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيىتىنى مەركەز قىلغان ھالدا ياشايدىغان ئاھالىسى 1979 – يىلى 162 مىڭ ، موڭغۇلىيەدە يەنە 20 مىڭدىن ئوشۇق نۇپۇسى بار، لاما دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ، تىلى ئالتاي تىل سېستىمىسى تۈركى تىل ئائىلىسى شەرقى ھۇن تامىقىنىڭ ئۇيغۇر تۈركى تىللار گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ ) تىن كەلگەنلىگىنى جەزىملەشتۈرىدۇ. ئاتاقلىق تۈركلوگ كلاۋسۇن ‹‹ تۈرك ، موڭغۇل ، تۇڭگۇس ›› ناملىق ئەسىرىدە بىر قاتار تەتقىقات مۇلاھىزىلەردىن كېيىن ‹‹ خۇلاسە قىلغاندا تابغاچلار (拓跋) تۈركى تىلدا سۆزلىشىدۇ ، بەلكىم ئۆلچەملىك تۈركىي تىل بولماسلىغى مۈمكىن ، بەلكى l/r دىئالىكتىدا سۆزلىشىدۇ ››1①  دىگەن يەكۈننى چىقارغان .
مەنبەلەردە تابغاچ نامى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل يەنى : tabγaq ،  tavγaq  ،  γaq  tawدىگەنگە ئوخشاش ترانسىكفىكسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ئاتالغۇ تۈرك رونىك يېزىغىدا تىكلەنگەن مەڭگۈ تاشلاردا ئەڭ بۇرۇن كۆرۈلگەن . ‹‹ تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى ›› دا :  ” بىلگە تۇنيۇقۇق بەن ئۆزۈم تابغاچ ئىلىڭە قىلىنتىم. تۈرك بودۇن تابغاچقا كۆرۈر ئەرتى – بىلگە تۇنيۇقۇق مەن ئۆزۈم تابغاچ ئېلىدە ئۆستۈم. ( ئۇ زامانلاردا ) تۈرك خەلقى تابغاچقا قارايتتى “  دىيىلسە، ‹‹ كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى ›› نىڭ 14 – قۇرىدا  ” ئوڭ تەرەپ ( جەنۇپ ) تە  تابغاچلار دۈشمىنىمىز ئىكەن، سول تەرەپ ( شىمال )تە باز خاقانى ۋە توققۇز ئوغۇزلار دۈشمىنى ئىكەن “  دىگەندەك جۈملىلەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. يۇقارقى پاكىتلارغا ئاساسلىنىدىغان بولساق ئۇلار يەنى تابغاچلار تۈرك تۈرگەش خەلقى بولسىمۇ  موڭغۇلىيە دائىرىسىدىكى تۈرك – ئۇيغۇر خەلقى بىلەن دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتىدىمۇ ، دوستانە مۇناسىۋەتتىمۇ بولغان. تۈركى خەلقلەر تابغاچتىن ئىبارەت بۇ قېرىنداشلىرىنى ئوبدان چۈشەنگىنى ئۈچۈن گەرچە تاڭ سۇلالىسىنى ”تايتو“  (大唐) دەپ ئاتىسىمۇ تۈركى خەلقلەرنى شۇ زېمىننىڭ ئىگىسى دەپ قارىغان ۋە ئۇلارنى كۆپ ھاللاردا  ” تابغاچ“  دەپ ئاتىغان ، ھەتتا خەنزۇ تىل يېزىغىنى كۆرسىتىشتىمۇ  ” تابغاچ “  نامىدا ئاتايدىغان بولغان. بۇنىڭ مىسالى سۈپۈتىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىش مۈمكىن.
      ‹‹ ئالتۇن يارۇق ›› نىڭ  سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ئىشلىگەن تەرجىمىسىدە يەنە  ” يمە قۇتلۇق ئۆڭدۈن ئۇلۇغ تاۋغاچ ئىلىنتە تايشىڭ سىۋشىڭ ئالقۇ شاستىر – لارىغ نولارىغ قالىسىز ئۆتكۈرمىش بۇدىستۇۋ گىتسو سامتسو ئاچارى ئەنەتكەك تىلىنتىن تاۋغاچ تىلىنچە ئەۋىرمىش  يانا بۇ بىش چۆبدىك كەليۈك بۇلغانيۇق ياۋىز ئۆدتە قولۇتا كىنكى بوشغۇتلۇغ بىش بالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىنتىن ئىكىلەيۈ تۈرك ئۇيغۇر تىلىڭە ئەۋىرمىش  -  يەنە قۇتلۇق شەرقتىكى ئۇلۇغ تاۋغاچ ئېلىدە ‹ جوڭگۇدا ›، مەھايانا ۋە ھىنايانانىڭ  بارلىق شاستىرلىرىنى ، نوملىرىنى ‹ سۇترالىرىنى › پۈتۈنلەي ئېنىق بىلگەن بۇتساتىۋا گىتسۇسامتسو ( ئۈچ غەزىنىلىك يىجىڭ ) ئاتلىق ئۇستاز ئەنەتكەك ( ھىندى ) تىلىدىن تاۋغاچ ( خەنزۇ ) تىلىغا تەرجىمە قىلغان، ( كېيىن ) يەنە ، بۇ بەش خىل پاسكىنچىلىق كىلىپ بۇلغانغان زاماندا ، كېيىن ئۈگەنگەن بېشبالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ ‹ خەنزۇ › تىلىدىن تۈرك – ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان “1①. ئۇنىڭ ‹‹ شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمھالى ››نى تەرجىمە قىلىشتا ئىشلەتكەن ئىبارىلىرىمۇ ئوخشاش بولۇپ ‹‹ قۇتلۇغ ئۇلۇغ تاۋغاچ ئىلىنتە ئۈچ ئاغىلىغ نوم ئۆتكۈرمىش خۇيلىپ تايشى ئۆدىگ ئالىپ تاۋغاچ تىلىنچە ياراتمىش .... تاۋغاچ تىلىنتىن بىشبالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ياڭىردى تۈرك تىلىنتىن ئەۋىرمىش ... ›› ② دىيىلگەن .
فرانسۇز شەرقشۇناسى رېنې گوسسۇتمۇ ‹‹ يايلاق ئىمپىرىيىسى ›› ناملىق كىتابىدا : ”  tabgatch خەنزۇچە ماتىرىياللاردىكى 拓跋 دۇر ... ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە بولغان ئىستىلاسىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان بولۇپ، جوڭگۇنىڭ شىمالى قىسمى (华北) شۇندىن باشلاپ تابغاچ ئېلى دەپ ئاتالغان. ۋىزانتىيىلىكلەرمۇ مەركىزى ئاسىيالىقلاردىن ئۈگۈنۈپ ئۇلارنى تابغاچ دەپ ئاتىغان بولسا تۈركى تىلدا tabgatch ياكى tabghatch دەپ ، ئەرەپ تىلىدا tamghadj ، ئوتتۇرا ئەسىر گېرىك يىلىدا taugast دىيىلگەن ›› ③ دەپ يازىدۇ .
ئاتاقلىق روس تۈركلوگى كىلياشتۇرنىي تۈرك – رونىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىنى ۋە تارىخى ماتىرىياللارنى كەڭ تۈردە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنداق يەكۈن چىقارغان : ‹‹ 4 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ، جوڭگۇنىڭ شەرقى شىمالىدىكى سىيانپى قەبىلىلىرىنىڭ بىرى – تۈركى تىللار سېستىمىسىدا سۆزلەشكۈچى تابغاچ (Τабгачи  ، خەنزۇچە 拓跋 دىيىلىدۇ ، قەدىمكى تۈركچىدە tabgac ، گېرىك تىلىدا Taυγãбτ  ، ئەرەپ تىلىدا TamгaДЖ دىيىلىدۇ )لار قۇدرەت تاپتى . 386 – يىلى ، ئۇلارنىڭ قەبىلە سەردارى توغبات گۇي شىمالى ۋېي سۇلالىسى ( 386 – 532 – يىللىرى ) نى قۇرۇپ ، جوڭگۇنىڭ پۈتۈن شىمالىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى . 5 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ، تابغاچ قەبىلىسى ۋە ئۇ تىكلىگەن خاندانلىق خەنزۇ مىللىتى مۇھىتىدا پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئاسلىماتسىيە قىلىۋېتىلدى . رونىكچە ئابىدە تېكىستلىرىدە ئىشلىتىلگەن تابغاچ دىگەن بۇ نام  جوڭگۇنىڭ يەرلىك ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ ›› دەيدۇ . 1①
ئېلىمىز تۈركلوگى، دوكتۇر رۇي چۇەنمىڭ ‹‹ قەدىمكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ›› ناملىق كىتابىدا ئېلىمىزنىڭ تاۋغاچ ~ تابغاچ ناملىرى ھەققىدىكى ھەر خىل قاراشلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۇنۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئالىمنىڭ يېزىشىغا قارىغاندا، ئېلىمىز مۇئەللىپلىرىدىن خوڭ جۈن بۇ ئاتالغۇنى قىتانلارنىڭ داخې ئۇرۇقى (大贺) نامىدىن كەلگەن دەپ قارىغان . سېن جوڭمىيەن دەستلەپ دۇخان نامىدىن كەلگەن دەپ قارىغان ۋە كېيىنچە بۇ قارىشىدىن يېنىۋالغان . لىياڭ يۈەندوڭ بۇ نامنى تۈركى تىلدىكى تەڭرى سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دەپ قارىغان . يەنە بەزىلەر بۇ ئاتالغۇ 大汗 نىڭ جوڭگۇ ئەنئەنىسىگە ئۆزگەرگەن شەكلى دەپ قارىسا ، جاڭ شىڭلىياڭ ئەپەندى خەن سۇلالىسىنى كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغ خەن مەنىسىدىكى 大汉 سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دەپ قارىغان . فرانسىيىلىك ئالىم دېجىڭ بۇ نامنى بۈيۈك ۋېي سۇلالىسى مەنىسىدە  大魏 دىن كەلگەن دەپ قارىغان . ياپونىيىلىك ئالىم بەيناۋكۇجى ، فرانسىيىلىك ئالىم پېللىئوتلار شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنى قۇرغان توبا – تاۋغاچلارنىڭ نامىدىن كەلگەن دىگەن قاراشنى قوللايدۇ . دوكتۇر رۇي چۇەنمىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ جاڭ شىڭلىئاڭنىڭ قارىشىنى قوللايدىغانلىغىنى، جۈملىدىن大汉 بىلەن Tabγačنىڭ تەلەپپۇز يېقىنلىقىنى ، خەن سۇلالىسىنىڭ 400 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىقى ھەيۋىتىدىن بۇ نامنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى ، خەنزۇچە مەنبەلەردىكى 大家، 宅家 ئىبارىلىرىنىڭ ئەنە تابغاچخان ئىبارىسىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ .
    ئامېرىكا تەۋەلىگىدىكى خەنزۇ فېزىكا ئالىمى دوكتۇر جۇ شۆيۈەن ‹‹ جوڭگۇنىڭ شىمالىدىكى مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ تاۋغاچ ئېھتىمال توڭغۇسلاردۇر . .... ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ تىلىدا جوڭگۇ Tanguz دەيدۇ ، بۇنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن 通古斯غا ئوخشاش بولۇپ ئەمەلىيەتتە تاۋغاچ سۆزىدۇر . توققۇز ئەل دىگەن مەنىدە ، ئاۋام ئارىسىدىكى توققۇز ئۇرۇقلاردۇر . پېللىئوتنىڭ تاۋغاچلار توبا ئۇرۇقى دىگەن قارىشىنىڭ ئاساسەن ئاساسى يوقتۇر ›› دەپ يازىدۇ . ①
قىرغىز ئالىمى ئەنۋەر بايتۇر بىلەن خەيرىنىسا سىدىقلار ‹‹ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى ›› ناملىق كىتابىدا :  ” بۇ چاغدا چەتئەل ماتىرىياللىرىدا  "جوڭگۇ" دىگەن نام  " تابغاچ "  دىگەن نام بىلەن مەشھۇر ئىدى . بۇ نام ئەسلىدە تۈركى قەبىلىلىرى تەرىپىدىن شىمالى ۋېي خانلىقىغا ( تۇۋا خانلىقىغا ) بېرىلگەن بىر نام ئىدى. كېيىنچە ئۇ پۈتۈن جوڭگۇنىڭ ئورتاق نامىغا ئايلاندى “1 ② دەيدۇ.
ئەمدى تابغاچ نامىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىغىغا قارايدىغان بولساق بۇ ھەقتە قاراشلار ھەرخىل بۇلۇپ كۆپى پەرەزلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان. تۆۋەندە ئۇلاردىن مىسال كۆرۈپ باقايلى:
(1) 大汉  (2) 大汗 (3) 唐家 (4)大家 سۆزلىرىدىن كېلىپ چىققان دىگەن قاراشلار ، بۇ قاراشلار پەقەت  ” تابغاچ ياكى تاۋغاچ “  سۆزىنىڭ خەنزۇچىدىكى تەلەپپۇز تەڭدىشىنى تېپىش ئۈچۈن قىلىنغان ئىزلىنىشتىن ئىبارەت. بىز بۇ ھەقتىكى ئەنە شۇ خىل ئىزلەنگۈچىلەرنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشىگە رەھمەتلەر ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۆز مۇلاھىزىمىزنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.  ” تابغاچ “  نامى ئالدى بىلەن تۈركى تىلدا پەيدا بولغان بۇلۇپ ھېچ بىر يازمىدا ئۇنىڭ拓跋 دىن  ئۆزگە تەڭدىشى ئوتتۇرىغا قۇيۇلمىغان. ئەلۋەتتە سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭغا ئوخشاش ئالىملارنىڭ خەنزۇ تىلىنى نىمە ئۈچۈن تاۋغاچ تىلى دەپ ئاتىغىنىنى يۇقۇرىدا ئالىملار چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. مىسال قىلساق تاڭ سۇلالىسىنىڭ نامى 大唐 نى  بىۋاستە تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلىپ  ” تايتو“ دىگىنىدىن باشقا تابغاچ دەپمۇ ئالغان.  ئۇنداقتا تاۋغاچنىڭ تەڭدىشى زادى نىمە ؟ نىمە ئۈچۈن تابغاچ ياكى تاۋغاچ جوڭگۇ نامىنىڭ تۈركى تىلدىكى تەڭدىشى توغرىراقى ئاتالمىسى بولۇپ قالىدۇ؟ راستىنى ئېيتقاندا تابغاچ نامىنىڭ تۈركى قەبىلە توقبات ~ توۋالارنىڭ نامىدىن ئۆزگە تەڭدىشى تېپىلغىنى يوق ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردە ئەمەس 6- ~ 7 - ئەسىرلەردىن باشلاپ تۈركى تىل يادىكارلىقلىرىدا كۆرۈلىشى بۇ ئاتالغۇنىڭ تۈركى تىلدىن كەلگەنلىگى ھەققىدە پەرەز قىلىشىمىزغا ئىمكان بېرىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئاتالغۇنىڭ يىلتىزى تاغ مەنىسىدىكى تاۋدىن كەلگەن بۇلۇشىمۇ مۈمكىن ، بىز بۇ قارىشىمىزنى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تاۋغاچخان نامىغا بەرگەن ئىزاھى ‹‹مەملىكىتى قەدىمى ۋە چوڭ خان›› بىلەن يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى قەدىمدە تۈركى خەلقلەر ئىچىدە چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك جىسىملارنى تەڭرى دەپ ئېتىقات قىلغانلىغى ، ئۆزلىرىنىڭ خاقانلىرىنى ئەنە شۇلارغا ئوخشىتىپ ئىززەتلىگىنىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.  تۈركىيىلىك ئالىم رىشات گەنجنىڭ ‹‹ مەلىكۇل مەشرىق ۋە سىن ››نى تابغاچخان ئاتالمىسىنىڭ تەڭداش تەرجىمىسى دىگىنىمۇ توغرا بۇلۇشى مۈمكىن، بۇ ئاتالغۇنى مۇنداقلا چۈشەنسەك ‹‹ شەرق ۋە چىننىڭ پادىشاھى ›› دىگەنلىك بۇلىدۇ، ”سىن“ ئەرەپچە بۇلۇپ تىلىمىزغا پارسچىدىن ”چىن“ بۇلۇپ ئۆزلەشكەن.
لى جىنشىن ئەپەندى ‹‹ شىنجاڭ ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ ... قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمرانى ناسىر توغانخان باغدات خەلىپىلىگىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ خەلىپىسى ئىكەنلىگىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى ، پۇللىرىغا ئابباس خەلىپىسىنىڭ نامىنى ئويدۇردى . ناسىر تۇغانخان ئابباس خەلىپىلىگى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان تۇنجى قاراخانىلار ھۆكۈمرانىدۇر . ئۇ ئەلى ئارسلانخان ( خوتەن ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان )نىڭ چوڭ ئوغلى ۋە ۋارىسىدۇر ، كاشغەردە تۇرغان بولۇپ قاراخانىلارنىڭ چوڭ خاقانىدۇر . .... 1013 – يىلىدىن باشلاپ ياركەندتە قۇيۇلغان قاراخانىلار پۇللىرىدىن قارىغاندا ، بۇ ۋاقىتتا يۈسۈپ قادىرخاننىڭمۇ ئۆزىنىڭ  ”مەلىكۇل مەشرىق “  دىگەن ئۇنۋانى بولغان . قاراخانىلار سۇلالىسىدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش ، ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، باغدات خەلىپىلىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ھەمدە ئۇنۋان بېرىشىگە ئېرىشتى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ شەرەپ ناملىرىنى پۇللارغا ئويدۇردى  1①《. مانا بۇلاردىن بىز خاقانىيە خاقانلىرىنىڭ ئۇنۋانىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەپچە بولىشىنى چۈشۈنۈپ ئالالايمىز.
تارىخ بۇ ھەقتە يېتەرلىك جاۋاپ ھازىرلىغان، بىز ئالدى كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ تابغاچ نامىنى تۈركى قەبىلە توقبات ~ توۋالاردىن كېلىپ چىققان  دىگەن قارىشىنى ئېتىراپ قىلىمىز، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ بىز يۇقىرىدا كۆرگەن بايانى ، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ ‹‹ تاۋغاچ ئېلى مەرىچى ئاتلىق يىراق تۈرك تۈرگەش يېرى ›› دىگىنىمۇ بۇنىڭ پولات پاكىتىدۇر. ئالىملار تابغاچلارنىڭ ئەينى تارىخى دەۋردە تۈركى خەلقلەرنى كۆرسىتىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ، 10 – ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ھەتتا تاڭ سۇلالىسى زېمىنىنى  ” تۈرك – تۈرگەش يېرى“  دەپ ئاتىغىنىغا ئوخشاش، جوڭگۇنى توغرىراغىنى ئېيتقاندا شىمالى جوڭگۇ رايۇنىنى تۈركى خەلقلەرنىڭ زېمىنى دەپ قارايدۇ. مەن ‹‹ مېھرى شەپقەت ئىبادەتخانىسىدىكى سامتسو ئاچارىنىڭ تەجىمھالى ››نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىدىن تابغاچنى تۈرك – تۈرگەشلەر يېرى دىگەن جۈملىلەرنى تاپالمىدىم ، ئەمەلىيەتتە بۇلار تامامەن سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ باشلىق تۈرك – ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرى بولۇپ، ئالىم ئەسەرنى ئىجادى رەۋشتە تەرجىمە قىلغاندا، بۇ جۈملىلەرنى قوشۇش ئارقىلىق بەزى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان خالاس. ئىككىنچىدىن ئېيتقاندا بىز دەۋاتقان تابغاچلار يەنى拓跋 لار ( تۈركى خەلق تۇۋالارنىڭ ئەجداتلىرى ) ھەم تۈركى خەلق ئىدى. ئۇلار خۇددى رېنې گوسسېت ئېيتقاندەك   ” شىمالىي جوڭگۇدا بىر قەدەر ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۆكۈمرانلىق قىلغان “  كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە ئىدى، ئۇلار ئەسلىدە تۈركى خەلقلەرنىڭ بىرقىسمى بولۇپ شەرقى ھۇنلاردىن كېلىپ چىققان . مىلادىيە 3 – ئەسىرلەردىن باشلاپ شەنشى ئۆلكىسى دائىرىسىدە ئولتۇراقلاشقان ۋە مىلادىيە 386 – يىلى تابغاچ گۇي ھاكىمىيەت قۇرۇپ دۆلەت نامىنى ۋېي سۇلالىسى دەپ ئاتىغان، بۇ سۇلالە ئېلىمىزنىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىن خۇاڭخېنىڭ شىمالىغىچە بولغان رايۇنلارنى ئىدارە قىلغان، 439 – يىلى شىمالى جوڭگۇ رايۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئۆز ھۆكۈمىگە ئالغان. بۇ سۇلالە گەرچە 534 – يىلى ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ شەرقى ۋېي (534 – 550 ) ھەم غەربى ۋېي ( 535 – 556) ناملىرىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. تابغاچلار ئاز كەم ئىككى ئەسىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ، ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ھەتتا تارىم ۋادىسىغىچە كېڭەيگەن، ئۇلار شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن تۈرك ، ھۇن ، موڭغۇل ، توڭغۇسلارغا ئىنتايىن زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگىمۇ ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسەتتى ، جۈملىدىن ھاكىمىيەتچىلىك قۇرۇلمىسى جەھەتتىن تەسىرلەر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە بۇددا دىنىنى قۇبۇل قىلدى ھەمدە بۇددا دىنىغا راۋاج بەردى. تابغاچلارنىڭ شىمالىي جوڭگۇدىكى تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، تۈركى ۋە موڭغۇل تىللىق قەبىلىلەرمۇ ئۆزلىرى چۈشۈنىدىغان قەبىلىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تونۇپ، شىمالى جوڭگۇ رايۇنىنى ئۇلارنىڭ زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىپ تاۋغاچ ئېلى دەپ ئاتىدى. ئەلۋەتتە ئارىدىن يېرىم ئەسىرلەر ئۆتۈپ قۇرۇلغان تاڭ سۇلالىسى ( 618 – 907 ) دىمۇ تۈركى خەلقلەرنىڭ تەسىرى خېلى زور ئىدى ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ  ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدا تۈركى خەلقلەر ئۆز رولىنى نامايەن قىلغان . ئۆڭلۈك ۋە سۆيگۈنلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىشى ۋە تاڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۆز قىزلىرىنى ئۇيغۇر قاغانلىرىغا ياتلىق قىلىشلىرى، بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ يۇقۇرى پەللىسى ئىدى.  مەھمۇت قەشقەرىنىڭ   ” Tavγaq تاۋغاچ . تۈركلەرنىڭ بىر بۆلۈگى. ئۇلار تاۋغاچ يۇرتىدا ياشىغىنى  ئۈچۈن ، شۇ سۆزدىن ئېلىنىپ ‹‹ تات تاۋغاچ ›› دەپ ئاتىلىدۇ. ‹‹ تات ›› ئۇيغۇر دىمەكتۇر.  ‹‹ تاۋغاچ ›› چىنلىق دىمەكتۇر “  دىگەن بايانلىرى بىلەن  at tavγaq t   بۇ جۈپ سۆز ، بۇ ئۇرۇندا ‹‹ تات ›› سۆزى ‹‹ پارىس ›› دىگەن مەنىدە ، ‹‹ تاۋغاچ ›› سۆزى ‹‹ تۈرك ›› دىگەن مەنىدە كەلگەن. مېنىڭچە مەن بەرگەن تەبىر توغرىراقتۇر. ئىسلام ئەللىرىدە مەشھۇر بولغان چۈشەنچە مۇشۇنداق›› دىگەنلىگى ھەم سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تاڭ سۇلالىسىنى ‹‹تابغاچ تۈرك تۈرگەش يېرى›› دىگەنلىگى، مەيلى مۇسۇلمان دۇنياسىدا بولسۇن ياكى بۇددا دىنى مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن ئوخشاشلا تابغاچنىڭ تۈركى خەلقلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەنلىگى، ھەتتا شىمالىي جوڭگۇ رايۇنىنى تۈركلەرنىڭ ئاتا مىراس زېمىنى دەپ تۇنۇيدىغانلىغىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
بەزى ئاپتۇرلار تابغاچ نامىنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن دەپ قارىغان ، ئەمەلىيەتتە تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا غەرپ مەنبەلىرىدە بۇ نامنىڭ زاھىر بولىشى بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ يوقلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . تابغاچ نامى خەنزۇچە مەنبەلەردە بولسا 13 – ئەسىرگە كەلگەندە يەنى 1227 – يىلى چاڭچۈن جېنرېننىڭ چىڭگىزخاننىڭ يارلىقى بىلەن سۇغدىيانىغا ماڭغىنىدا ، ئۇنى قارشى ئالغىلى چىققان ئالمىلىقنىڭ مۇسۇلمان ھۆكۈمدارى، ئالىملىق شەھىرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سوغا ( ساپال چىلەك )نى كۆرۈپ خوشاللىق بىلەن ” تاۋغاچلار ھۈنەرۋەن ] 桃花石诸事皆巧[ “ دىگەن ، ئاپتۇر بۇ يەردە ” تاۋغاچلار خەنزۇلاردۇر桃花石汉人也 “ دىگەن ئىزاھاتنى بەرگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ نام پەيدا بولۇپ 700 يىللار كېيىنكى دەۋرنىڭ خاتىرىسى ، يەنە كېلىپ بۇ ئاتالغۇ قوللىنىشتىن قالغان ۋاقىتلاردىكى خاتىرىسىدىن ئىبارەت .  
ئومۇمەن ئېيتقاندا ، تابغاچ ~ تاۋغاچ ئاتالغان تۈركى خەلقنىڭ باشقا خەلقلەر، جۈملىدىن تۈركى ۋە موڭغۇل تىللىق خەلقلەر ئىچىدىكى تەسىرى ئىنتايىن زور بۇلۇپ، ئۇلار تابغاچلارنى شىمالىي جوڭگۇنىڭ ئىگىلىرى دەپ تونىغان ۋە شىمالىي جوڭگۇ رايۇنىنى تاۋغاچلارنىڭ نامى بىلەن تابغاچ ئېلى دەپ ئاتىغان ، بۇ خىل قاراش تاڭ سۇلالىسى تىكلەنگەن ۋاقىتلاردىمۇ داۋام قىلغانلىقتىن، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تابغاچنى  ”تۈرك تۈرگەش يېرى “  دەپ ئاتىغان. بىز يۇقارقى پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ تاۋغاچ نامىنى 拓跋نىڭ ئەسلى يىلتىزى دەپ قارايمىز. 拓跋 بولسا تابغاچنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسىدىن ئىبارەت.
تاۋغاچ ، تاۋغاچخان ئاتالغۇلىرىنىڭ مەنىسى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار ، تاۋغاچخان ئاتالغۇسىنى ئالىدىغان بولساق تۈركىيىلىك دوكتۇر رىشات گەنج ‹‹ قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى ›› ناملىق ئەسىرىدە ‹‹ يەنە شۇ چاغدىكى ئۇنۋانلار ئىچىدىكى ‹ تاۋغاچ › دىگەن ئۇنۋانغا كەلسەك ، بۇ ھەقتىمۇ مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بايانلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ئۇ ‹ تۈركى تىللار دىۋانى ›نى يازغان دەۋردە ‹ تاۋغاچ › سۆزى ھەم ‹ ماچىن ›نىڭ جۇغراپىيىلىك ئاتىلىشى بولۇپ قوللىنىلاتتى ھەمدە تۈركى خەلقلەردە ‹ ماچىنلىق › ۋە كەڭ مەنىدىكى ‹ چىنلىق › دىگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيتتى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ھۆكۈمدارلارغا ‹ تاۋغاچخان › ئۇنۋانىمۇ بېرىلگەن بولۇپ ، بۇ ‹ دۆلىتى بۈيۈك ۋە قەدىمىي › ( مۈلكى ئەزىم ۋە قەدىم ) دىگەنلىك بولاتتى . ئۇنىڭ شۇ سۆزلىرىگە قاراپ قاراخانىيلارنىڭ ھەم سەلتەنەتلىرىنىڭ كونىلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ چىننىڭ ( شۈبھىسىزكى بارخان دەپ ئاتالغان ۋە چېگرىسىنىمۇ قەشقەر ئەتراپى دەپ بېكىتكەن تۆۋەنكى چىن ) ھاكىملىرى دەپ چۈشەنگەنلىكى خۇلاسىسىنى چىقىرىش مۈمكىن . ئۇلار يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك ‹مەلىكۇل مەشرىق ۋە سىن› ئۇنۋانىنىمۇ قوللانغان بۇلۇپ ، پىكرىمىزچە بۇ ئۇنۋان ‹ تاۋغاچخان › ئۇنۋانىنىڭ ئەرەپچىگە قىلىنغان تەرجىمىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى شەرقنىڭ ۋە چىننىڭ ھاكىملىرى دەپ ھېساپلىغانلىقلىرىنىڭ بىر ئىپادىسى ›› 1① دەيدۇ. ئالىمنىڭ بۇ بايانلىرى بىلەن ئېلىمىز تارىخشۇناسى ۋېي لاڭتاۋ ئەپەندىنىڭ ‹‹ قاراخانىلار تارىخىدىن تېزىس ›› ناملىق كىتابىدىكى ‹‹ قاراخانىلار خانىدانلىغىنىڭ تېرىتۇرىيىسىنى ماۋرا ئۇننەھىر رايۇنىغا كېڭەيتكەن ئەلى بىن ھەسەن تارقاتقان پۇلىدا ئۆزىنى تاۋغاچ  بۇغراخان دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ماۋرا ئۇننەھىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىبراھىم ئىبىن ناسىرمۇ تاۋغاچ بۇغراخان دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا ئۇ سوقتۇرغان پۇللاردا بىۋاستىلا “مەلىكۇل مەشرىق ۋە سىن“ دىيىلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى ناسىرمۇ مەلىكۇل مەشرىق ۋە چىننىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان››② دىگەن بايانلىرى بىزنى بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ››نىڭ نەسرى مۇقەددىمىسىدە ئېيتىلغان خاقانىيە خاقانى ھەسەن بىن سۇلايمانمۇ تاغاچ بۇغراخان دەپ ئاتالغان. ياركەنتتىن تېپىلغان 1082 – يىلى يېزىلغان ئەرەپچە بىر يازمىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ‹‹ ... مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتقازغۇچىسى ، مەشرىق ۋە چىننىڭ سۇلتانى ، تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ئەل ھەسەن يەنى سۇلايمان ئارسلان قاراخاننىڭ ئوغلى ، ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىشەنگەن خەلىفىنىڭ دوستى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ، شۇنداقلا ئالىي ھۆرمەتلىك شاھزادە ، ئالىيلىرى ، خاندانلىقنىڭ تۈۋرۈگى ، مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ يول باشچىسى چاغرى تېگىن ئەبۇ مۇسا ھارۇن يەنى مەشرىقنىڭ تاۋغاچ بۇغرا قاراخانىنىڭ ئوغلى خەلىفە تەرىپىدىن قوغدالغان تەيىنلەنگەن ...›› 1① دىيىلگەن جۈملىلەر بار  . سەلجۇق سۇلتانلىغىنىڭ ۋەزىرى نىزامۈلۈك ‹‹ سىياسەتنامە ›› ناملىق ئەسىرىدە خاقانىيە خاقانلىرىنىڭ ” مەلىكۇل مەشرىق ۋە چىن“دەپ ئاتىلىدىغانلىغىنى يازىدۇ. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن خاقانىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ۋە ئەرەپ تىلىدا ئۇنۋان ناملىرى بولىدۇ ؟ بۇ مەسىلىگە دوكتۇر ، پروفىسسۇر رىشات گەنجنىڭ ‹‹ شۇ دەۋردە قاراخانىلار ھۆكۈمدارلىرىنىڭ تۈركچە ئۇنۋانلىرى بىلەن ئىسلامى لەقەبلەرنىڭ بىللە ئېيتىلىشىغا كەلسەك ، بۇ لەقەبلەرنىڭ شۇ دەۋر شارائىتىدا خەلىپىلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن لەقەبلەر ئىكەنلىگى ئېنىق . لېكىن بىز توختىلىۋاتقان دەۋردە يالغۇز غەربى قاراخانىلاردىن ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىمغا خەلىپە تەرىپىدىن 1061 – يىلى تون بىلەن بىلەن بىللە لەقەبمۇ بېرىلگەنلىگى ئىبنۇل ئەسىرنىڭ بىر قەيىتىدىن كۆرۈۋالالايمىز . ئەمما بۇغراخان ھارۇن ( خەلىپە تەرىپىدىن بېرىلمىگەن تەقدىردىمۇ ) ‹ شىھاببۇددەۋلە ۋە زاھىرۇد – داۋا › دىگەن بىر لەقەبنى ئۆزلۈگىدىن قوللانغان ئىدى . بۇ بىر ئايرىم ئەھۋال بولسىمۇ ، ئەمما بۇ قاراخانىلارنىڭ بەزى ھۆكۈمدارلىرىنىڭمۇ شۇ يۆنۈلۈشكە مايىللىقىدىن دېرەك بېرەتتى . بىراق كۆپۈنچىسىنىڭ ئىسلامى لەقەبلىرىنىڭ ، قاراخانىيلاربنىڭ پۇللىرى ئۈستىدە خەلىپىنىڭ ئىسمى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىشى ، بۇ لەقەبلەرنىڭ قانۇنىي يوللار بىلەن ئېلىنغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ ›› ② دەپ يازغانلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمان خاقانلىرىنىڭ تۈركچە ( ئۇيغۇرچە ) ۋە ئەرەپچە ئۇنۋانلار قوللانغانلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
خوتەننىڭ قۇمرابات قەدىمىي بۇدخانىسىدىن تېپىلغان تۆشۈكسىز ، سوقما مىس پۇلنىڭ بىر يۈزىگە ‹‹ لائىلاھە ئىللاللاھ مۇھەممۇدۇن رەسۇلىللا ›› دەپ يەنە بىر يۈزىگە ‹‹ سۇلايمان قادىر تافغاچ خاقان ›› دىگەن خەتلەر ناھايىتى ئېنىق .
پۇلشۇناس مەرھۇم جىياڭ چىشاڭ ئەپەندى تابغاچخان نامى ھەققىدە كۆپرەك ئىزلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇنىڭ ‹‹ بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزچە ، يەنە تابغاچخان دىگەن بۇ نام ناھايىتى يۈكسەك شان شەرەپلىك نام بولۇپ، ئۇنى قوللانغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ خاقان جەمەتىدىن ئىبارەت ئېسىلزادىلىق سالاھىيىتىنى ۋە تارىختا ئۆز مىللىتى قۇرغان قەدىمىي خانلىق ئەنئەنىسىنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىگىنى ئىپادىلىمەكچە بولىدۇ›› ③  دەپ يېزىشى بىزگە خاقانىيە سۇلتانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى تاۋغاچخان دەپ ئاتىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۇ يەنە مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تابغاچخان ئاتالغۇسىغا بەرگەن تەبىرىنى شەرھىلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ : ‹‹قەدىمىي دۆلەت ۋە چوڭ خان دىگەن مەنىگىمۇ ئىگە ۋە بەلكى بۇ مەنە تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئۇلار قەدىمىي دۆلەت دىگەندە ، ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ موڭغۇل دالاسىنىڭ شىمالى قىسمىدا قۇرغان ئۇيغۇر خانلىغىنى كۆزدە تۇتىدۇ. چوڭ خان دىگەن سۆز ئۇنى قوللانغۇچىنىڭ شەرەپ ئۇنۋانى ۋە خاقانننىڭ ھۆرمەت مەرتىۋىسىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز››  1① . ”تاۋغاچخان“ ئېلىپ ئېيتساق بۇنىڭ يۇقارقى شىمالى جوڭگۇنى كۆرسىتىدىغان تابغاچ بىلەن مۇناسىۋىتى بولىشى ناتايىن ، چۈنكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى خەلقلەر تىلىدا شەكىلداش سۆزلەر ناھايىتى كۆپ ، يۇقىرىدا بىز تاۋغاچ نامىنىڭ تۆت خىل شەكىلداشلىرى بارلىغىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. شۇڭا بىز  ” تاۋغاچخان “  ئاتالغۇسىدىكى تابغاچ سۆزىنى  كۆرۈپلا ھەرگىزمۇ   ”تاۋغاچخان“ ئاتالغۇسىنىڭ مەنبەسى دەۋالساق بولمايدۇ. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ  ” tavγaq ھەر بىر بۈيۈك قەدىمىي نەرسە ‹‹ æżi  tavγaq›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۆز خانلارغىمۇ ئۇنۋان بۇلۇپ كېلىدۇ. ‹‹ مەملىكىتى قەدىمى ۋە چوڭ خان ›› دىگەن مەنىدە ‹‹ تاۋغاچخان ›› دىيىلىدۇ “ دىگەن تەبىرىنى ئەڭ مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش دەپ قاراشقا بۇلىدۇ ، ناۋادا بىز تاۋغاچ ۋە چىن نامىنى جوڭگۇ مەنىسىدە چۈشەنسەك، خاقانىيە خاقانلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھۆكۈمرانى مەنىسىدە جوڭگۇنىڭ خاقانى دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ ،بۇنداق بولغاندا  تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىمىز ، خاقانىيەنىڭ تېرىتۇرىيىسى سەددىچىننىڭ ئىچىگە سۇزۇلغان ئەمەس. ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ‹‹ مەملىكىتى قەدىمى ۋە چوڭ خان ›› دىگەن مەنىدە تاۋغاچخان دەپ ئاتايدۇ؟ شۇ دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ چۈشەنچىسىدە ئۇلار مىلادىيىدىن بۇرۇنلا ياشىغان باتۇر خاقان ، ۋەتەنپەرۋەر تۇڭا ئالىپ ئەر يەنى پارىس مەنبەلىرىدىكى ئافراسىياپنى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى دەپ قارىغان. ئۇيغۇرلار جۈملىدىن تۈركلەر بىلەن ئافراسىياپنىڭ مۇناسىۋىتى ئەينى ۋاقىتتا شەرقتە ئىنتايىن مەشھۇر بۇلۇپ، ئېلىمىز تارىخچىسى لى جىنشىن ‹‹ شىنجاڭ ئىسلام خاندانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ شەرقى قىسىم قاراخانىلار خاندانلىغىنىڭ تارىختىكى ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى ئابا ئەجدادىدىن خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ، ئافراسىيابنىڭ ھەقىقى ئەۋلاتلىرى ۋە ۋارىسلىرى ›› ②دەيتتى  دەپ يازىدۇ . ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ پىرامىدالىرىنى تىكلىگەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ›› ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› ناملىق ئەسىرى ۋە پارس شائىرى پىردەۋسنىڭ ‹‹ شاھنامە ›› ناملىق ئەسىرىدىكى ئافراسىياپ ھەققىدىكى ئۇچۇرلار سۆزىمىزنى دەلىللەشكە يېتەرلىك پاكىت بېرەلەيدۇ . شۇڭىمۇ خاقانىيە خاقانلىرى ھاكىمىيىتىنى ئافراسىياپ خاندانلىغىنىڭ داۋامى دەپ تۇنۇپ ئۆزلىرىنى  ”مەملىكىتى قەدىمىي ۋە چوڭ خان “ دەپ ئاتاشقان، گېزى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېيتىش مۈمكىنكى، مەنبەلەردىن مەلۇم بۇلىشىچە تۇڭا ئالىپ ئەر ۋەتەن تۇپرۇغىنى ئىران تاجاۋۇزچىلىرىدىن قوغدىغان ۋەتەنپەرۋەر تارىخى شەخس بولۇپ، زامانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرى مەھمۇت قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار كىتاپلىرىدا ئافراسىياپ ھەققدە مۇھەببەتلىك ھېسياتىنى ، سېغىنچىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ۋە ئۇنى  ”بەگلەر بېگى“ ، ياخشىلىقنىڭ ھامىيسى دىگەندەك ناملاردا ئاتىغان، خەلقنىڭ  ئافراسىياپ ھەققىدە ئېيتقان داستانىدىن پارچىلار بەرگەن. ئافراسىياپ ھەققىدە ئىمكان يار بەرگەن ياخشى باھالارنى يېزىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا بولغان مەرسىيەنامىلىرىدىن ئۈزۈندىلەرمۇ بەرگەن. پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى ئافراسىياپ خاقانىيە تۈرك – ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ يۇقۇرى نوپۇزغا ئىگە ئەجدادى ھېساپلانغان. دىمەك تاۋغاچخان نامىدىمۇ مەھمۇت قەشقەرى بايانىنىڭ  ئىنتايىن توغرىلىغىنى پاكىتلار نامايەن قىلىپ تۇرماقتا.
قىسقىچە خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا تابغاچ نامى ئەسلىدىنلا تابغاچلارنى يەنى بىز ئېيتىۋاتقان توقبات تۈركلىرىنى كۆرسەتكەن بۇلۇپ، توقباتلار ۋېي سۇلالىسىنى قۇرغان ۋە 200 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولغاچقا، تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان، ئۇلار ئەسلىدىن تۈركى خەلق بولغىنى ئۈچۈن ئىككى ئارىدىكى مۇناسىۋەت كۈچەيگەن ھەمدە تۈركى خەلقلەرمۇ ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان. تابغاچلارنىڭ شۆھرىتى يىراق يېقىنغا تارقالغان، تابغاچلارنىڭ نامى تۈركى خەلقلەر ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتۈپ غەرپكە تاكى گېرىكلارغىچە تارقىلىپ  مەشھۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن گېرىك ۋە ئەرەپ ئاپتۇرلىرى خېلى كېيىنكى ۋاقىتقىچە شەرق دۇنياسىنى تابغاچ نامى بىلەن باغلاپ چۈشەنگەن ، مەھمۇت قەشقەرى زامانىسىغا كەلگەندە بۇ نام ماچىن بىلەن ئالماشقان. شۇڭا مەھمۇت قەشقەرى ‹‹  at tavγaq t   بۇ جۈپ سۆز ، بۇ ئۇرۇندا ‹ تات › سۆزى ‹ پارىس › دىگەن مەنىدە ، ‹ تاۋغاچ › سۆزى ‹ تۈرك › دىگەن مەنىدە كەلگەن. مېنىڭچە مەن بەرگەن تەبىر توغرىراقتۇر. ئىسلام ئەللىرىدە مەشھۇر بولغان چۈشەنچە مۇشۇنداق›› دەپ ئىزاھ بېرىشكە مەجبۇر بولغان، چۈنكى ئىسلامىيەت دۇنياسى تابغاچلارنى تۈركى خەلق ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتى دەپ تونۇيتتى. بۇددا مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ بولسا تاڭ سۇلالىسىنى تابغاچ دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە، ‹‹ تۈرك تۈرگەشلەرنىڭ يېرى ›› دىگەن باياننى قۇشۇپ شۇ چاغدىكى چۈشەنچىلەردە تابغاچ نامىنىڭ تۈركلەرنى كۆرسىتىدىغانلىغىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسلى تابغاچلاردىن پەرقلىنىدىغانلىغىنى كۆرسىتىپ  ‹‹تاۋغاچ . تۈركلەرنىڭ بىر بۆلۈگى. ئۇلار تاۋغاچ يۇرتىدا ياشىغىنى  ئۈچۈن ، شۇ سۆزدىن ئېلىنىپ ‹ تات تاۋغاچ › دەپ ئاتىلىدۇ ›› دەپ كۆرسىتىدۇ. بىز يۇقارقىلارغا ئاساسەن تابغاچ نامىنىڭ شۇ چاغلاردا تۈركى خەلق نامىدىن ئېلىنىپ تاڭ سۇلالىسىنىمۇ كۆرسەتكەنلىگىنى ، بۇنداق ئاتاشتىكى سەۋەبى شىمالى جوڭگۇ رايۇنىنى تابغاچ ئاتالغان تۈركى قەۋىمنىڭ زېمىنى دەپ قارىغانلىغىدىن كەلگەنلىگىنى بىلەلەيمىز. تابغاچخان ئاتالغۇسى بولسا خاقانىيە خاقانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى تۈركى خەلق ئەجدادىمىز دەپ تۇنىغان تۇڭا ئالىپ ئەر يەنى ئەفراسىياپقا باغلاپ ئۆزلىرىنى مۇشۇ زېمىننىڭ ئافراسىياپ خاندانلىغىنىڭ ۋارىسلىرى دەپ تۇنۇپ  ‹‹ مەملىكىتى قەدىمىي ۋە چوڭ خان ›› دىگەن مەنىدە تاۋغاچخان دەپ  ئاتىغانلىغىنى چۈشۈنۈش مۈمكىن.
‹‹ قۇتادغۇ بىلىك ›› داستانى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر گۈلتاجىسى بولۇپ   ، ئۇنى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ زاماندىشى ، خاقانىيەنىڭ جامائەت ۋە دۆلەت ئەربابى ، مۇتەپەككۈر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادىيە 1069- يىلى تۈرك ( ئۇيغۇر ) ئەدەبى تىلىدا يېزىپ چىققان . ئەمما چىن ۋە ماچىن نامى ھەققىدىكى بايانلار داستانغا تەخمىنەن 12-، 13- ئەسىرلەردە يېزىلغان دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئىككى مۇقەددىمىدە كۆرۈلىدۇ . مېنىڭ ‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىك›نىڭ مۇقەددىمىسى ھەققىدە مۇھاكىمە ›› ناملىق ماقالەمدە بەزى ئۆزگىچە پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم . بەزى ھالقىلىق مەسىلىلەرنى شۇنىڭدىن كۆرسەك بولىدۇ .  ئەمدى نەق مەسىلىگە كەلسەك ، ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ›› دىكى قاراشلار 11- ئەسىردىكى چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلىسە، ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك ››نىڭ مۇقەددىمىسىدىكى بايانلار 12- ، 13  - ئەسىرلەرگە ۋەكىللىك  قىلىدۇ . زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك›› نىڭ ۋېنا ( ھېرات ) نۇسخىسى ھەمدە مۇكەممەل نۇسخا دەپ قارىلىۋاتقان پەرغانە نۇسخىسى ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن . نەسرى مۇقەددىمىسىدىن مىسال كۆرۈپ باقايلى :
‹‹ كىتاپ چىن ھېكىملىرىنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن بىزەلگەن . ماچىن ئالىملىرىنىڭ شىئېرلىرى بىلەن ياسانغاندۇركى ..... چىن- ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى بىر قارارغا كەلدىكى ، مەشرىق ۋىلايىتىدە1① ، پۈتكۈل تۈركى خەلقلەر ياشايدىغان  يەرلەردە② بۇغراخان تىلىدا①1 تۈركى سۆز بىلەن ( ھىچكىم ) بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى يازغىنى يوق ... چىنلىقلار ‹ ئەدەبۇل مۇلۇك› ( شاھلارنىڭ ئەدەپ قائىدىلىرى ) دەپ ئاتىدى . ماچىن مۈلكىنىڭ ھېكىملىرى ‹ ئايىنۇل مەملىكە › (مەملىكەتنىڭ دەستۇرى ) دىسە ، مەشرىقلىقلار ‹ زىننەتۇل ئۇمرا › (ئەمىرلەر زىننىتى ) دىدى . ئىرانلىقلار ‹ شاھنامەئى تۈركى › دەپ ئات قويدى . بەزىلەر ‹پەندنامەئى مۇلۇك› (پادىشاھلارغا نەسىھەت ) دەپ ئاتىدى . تۇرانلىقلار ‹ قۇتادغۇ بىلىك › دەپ ئات قويدى . بۇ كىتاپنى قەشقەر ئېلىدە تاماملاپ مەشرىق شاھى تاۋغاچ بۇغراخان ھوزۇرىغا سۇنغاندۇر .››
تۆۋەندە نەزمى مۇقەددىمىدىن بىر پارچە كۆرۈپ باقايلى :
12. بۇ مەشرىق مەلىگى ماچىنلار بەگى
بىلىگلىك ئوقۇشلۇق ئاژۇندا يەگى
(ماچىنلار بېگى شەرق سۇلتانلىرى ،
بىلىملىك ئاقىل دۇنيا ياخشىلىرى .)
بۇ بېيىتنى تۈركلوگ گېڭ شىمىن ئەپەندى بىلەن ۋېي سۈييى خانىم مۇنداق تەرجىمە قىلغان:
东方之王是马秦的皇帝,  
他是世界上最有智慧的人。
بۇ بېيىتنى يەنە خاۋگۇەنجۇڭ قاتارلىقلار مۇنداق تەرجىمە قىلىدۇ :
东方的帝王—马秦的君主,  
智而博学的世界英才。      
19. بۇ مەشرىق ئەلنىدە قامۇغ تۈرك ئۇ چىن
مونى تەگ كىتاب يوق ئاژۇندا ئادىن ( پۈتۈن تۈرك چىن شەرق ئېلىدە دىمەك ، مۇنىڭدەك كىتاپ يوق جاھاندا بۆلەك .)
بۇ بېيىتنى گېڭ شىمىن ئەپەندى مۇنداق تەرجىمە قىلغان :
东方之国,突厥和秦人,
没有一部书可与之匹配。
ماچىنلار ھاكىمى بۇ چىن يۇمغۇسى
تۆزۈ بارچا ئايمىش مونىڭ ياقشىسى
(ماچىن چىن ھېكىمى ئۇلار بارچىسى ،
گۈزەل دەپ ماختىدى ئۇنى ھەممىسى )
] ئىلاۋە : بىز بۇ بېيتتىكى تۈرك ئىبارىسىنى خاقانىيە ئاھالىلىرىنى كۆرسىتىدۇ ، چىن بولسا ئۇيغۇر ئېلى ۋە گەنسۇدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ھاكىميەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ دىگەن ئىزاھاتنى بېرىشنى لايىق تاپتۇق ، چۈنكى مەھمۇت قەشقەرى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەس ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن خاقانىيىلىك مۇسۇلمانلارنى تۈرك دەپ ئاتىغان [
بىز بۇ نەسرى ۋە نەزمى نۇسخىنىڭ مەزمۇن يېقىنلىغىدىن خەۋەردار . ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك ›› ناھايىتى كەڭ دائىرىگە – پۈتكۈل تۈركى خەلقلەر توپلانغان جايلارغا ( قامۇغ تۈركىستان ئەللىرىگە ) تارقالغان بولۇپ ، ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقلەر كىتابنى ئەزىزلەپ ، يوشۇرۇپ ساقلىغان ۋە ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆز چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا  مەقسەتلىك ھالدا ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ‹‹ ئەدەبۇل مۇلۇك››، ‹‹پەندنامەئى مۇلۇك››، ‹‹ ئاينۇل مەملىكە ››، ‹‹ زىننەتۇل ئۇمرا ››... دىگەنگە ئوخشاش ناملارنى قويغان . شۇندىمۇ كىتاپنى تەتقىق قىلىشتا تەكىتلەيدىغان بىر مەسىلە بار . ئۇ بولسىمۇ ئەسەردە قوللىنىلغان تىل . ئەسەرگە ئۇنداق ياكى مۇنداق نام قويغانلار ئالدى بىلەن داستاننى ئوقۇپ بەھىرلىنىشى ۋە تەربىيە ئېلىشى لازىم ، شۇندىلا كىتابقا نام بېرىشلىرى مۈمكىن . ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تە ئىشلىتىلگەن ئەدەبى تىل ئەينى دەۋردە پۈتكۈل تۈركى تىل سېستىمىسىدىكى  خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق ئەدەبى تىل بولغان خاقانىيە تۈرك تىلى – قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ھېساپلىنىدۇ . داستاننىڭ يەنە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلىشى  يېزىق توسالغۇسىنى يوق قىلغان . قازاقچە يادىكارلىقلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، داستان چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق خەلقىنىڭ ئارىسىغىمۇ تارقالغان . شۇڭا ئېيتىش مۇمكىنكى ، داستاندىن ئالدى بىلەن تۈركى تىللىق خەلقلەر بەدىئى زوق ئالغان ۋە تۈرلۈك ناملارنى قويغان . ئىرانلىقلار ‹‹ شاھنامەئى تۈركى ›› دەپ ئاتىدى دىگەن مەسىلىگە كەلسەك ئەرەپ – پارىس ئەللىرى بىلەن تۈرك ( ئۇيغۇر ) ئەللىرىنىڭ ئالاقىسى ئەزەلدىن قويۇق ، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولغان ، بۇ مەسىلە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ‹‹ تاتسىز تۈرك بولماس ، باشسىز بۆك بولماس . باشسىز بۆك بولمىغاندەك پارسلاردىن خالى تۈركلەرمۇ بولمايدۇ ››①1 دىگەن بايانى بىلەنمۇ ئىسپاتلىنىدۇ . ئىران تېرىتوريىسىدە يەنە تۈركى خەلقلەر بولۇشتىن سىرت، شۇ تارىخى دەۋردە سەلجوقىيلار ، غەزنەۋىيلەر خانلىقلىرى تۈركى خەلقلەرنىڭ ھاكىمىيەتلىرى بار ئىدى . ‹‹ تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرچىدا تۇغدۇرغانلىغى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆگىلەتكەنلىگىنى كۆردۈم ..... دەۋر سۇلتانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى... ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن ، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ئارتۇق يول يوق ››①1 ئىدى. خۇددى مەھمۇت قەشقەرى يازغاندەك ئىسلامىيەت دۇنياسىدا تۈركى خەلقلەر ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن ، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش ئېھتىياجغا ئايلىنىپ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلەتكەن ، ئۆگەنگەن . ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ›› نى يېزىشتىن ئىككىنچى مەقسەت مۇشۇ خىل ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت ، شۇڭا ئىرانلىقلارنىڭ مۇنداق دەپ ئاتىشى تامامەن مۇمكىن . ئەگەر بىز يۇقىرقى ناملارنى تۈركى خەلقلەر ئەمەس ، چەتئەللىكلەر قويغان دەپ پەرەز قىلساق داستان ئەينى چاغدا قايسى تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ؟ ناۋادا بىز چىن ۋە ماچىن ناملىرى جوڭگۇنى ياكى خەنزۇلارنى كۆرسىتەتتى دىسەك ، خەنزۇ خەلقىنىڭ تەرجىمە ئەمىلىيىتىدىن قارىغاندا ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› نى تەرجىمە قىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ، توغرىراقى ھېچقانداق مۈمكىنچىلىك يوق . شۇ چاغدا تەرجىمە قىلاتتى دىسەك، ئىسلامىيەت ئەقىدىسى سىڭگەن ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك›› نى ئەمەس ، بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغان بولاتتى . خەنزۇ ئالىم ، ئەدىب ، پادىشاھلىرى ئۆزلىرى كۆرمىگەن ، بەلكىم ئاڭلاپمۇ باقمىغان ، چۈشەنمەيدىغان ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك››كە ھەرگىزمۇ ‹‹ئەدەبۇل مۈلۈك›› ياكى ‹‹ ئاينۇل مەملىكە ›› دەپ نام بېرىپ يۈرمەيدۇ، پەقەت ھەممىلا نەرسىگە ئوتۇغات نامى بېرىش مەسئۇليىتىمىز بار دەپ قارىمىغان بولسىلا . ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› پەقەت زامانىمىزغا كەلگەندىلا ئىككى قېتىم نەشىر قىلىندى ، بىر قېتىمى گېڭ شىمىن بىلەن ۋېي سۈييى تەرجىمە قىلغان قىسقارتىلما نۇسخا 1979- يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ؛ خاۋ گۇەنجۇڭ ۋە لىۇ بىنلار تەرجىمە قىلغان تولۇق نۇسىخا 1986- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى  ھەمدە ‹‹福乐智慧›› دەپ نام بېرىلدى . تەتقىق قىلىنىپ ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىلدى ، جۈملىدىن تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە كىتاپلار نەشىر قىلىندى ، مانا بۇ ھەقىقەت . مەلۇم دەۋرلەردىن كېيىن خەنزۇ ئالىملىرى ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك›› نى ‹‹福乐智慧›› دەپ ئاتىغان دىسەك، ھەمدە كىتاپ ماقالىلەرنى دەلىل قىلساق راست شۇنداق بولغان دىيىشكە بولىدۇ .
يۇقىرىدا بىز داستاننىڭ مىلادىيە 11- ئەسىردىن كېيىن يېزىلغان مۇقەددىمىلەر بىلەن تونۇشۇپ ئۆتتۇق . نەسرى ۋە نەزمى مۇقەددىمىلەر مۇتەپەككۈر يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن  ئەمەس ( ئېھتىمال كۆچۈرگۈچى كاتىپ ) تەرىپىدىن يېزىلغانلىغىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز .
نەسرى مۇقەددىمىدىكى ‹‹ مەشرىق ۋىلايەتىندە قامۇغ تۈركىستان ئەللەرىندە ، بۇغراخان تىلىنچە تۈرك لۇغەتىنچە ....›› نى مۇلاھىزە قىلساق تۈرك لۇغەتى تۈركى تىللار لۇغەت فوندىنى كۆرسەتسە ، بۇغراخان تىلى خاقانىيە تىلى بولۇپ ، شۇ تىل فوندىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ ئاساسى قىسمىنى تەشكىل قىلىپ ئەدەبى تىللىق رولىنى ئوينىغان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ . دىمەك ئىككىسى بىر تىل بولۇپ بىر – بىرىنى ئېنىقلاپ كەلگەن. ‹‹ مەشرىق ۋىلايەتىندە بىلەن تۈركىستان ئەللەرىندە ›› تەڭداش ئاتالغۇ بولۇپ ، مەشرىق ئېلى شەكسىزكى قۇز ئوردو ئېلى ، قەشقەر ئېلى ( خاقانىيە يەنە تۈرك دەپ ئاتالغان بولۇپ مۇشۇ مۇقەددىمە بىلەن مەھمۇت قەشقەرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم )، ئۇيغۇر ئېلى (چىن)... قاتارلىق  قامۇغ (پۈتۈن ) تۈركىستان ئەللىرىنى كۆرسەتكەن . ‹‹ مەشرىق مەلىگى تاۋغاچ بۇغراخان ›› ئاتالغۇسى بىزگە مەسىلىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ . بىز بۇنىڭدىن ‹‹ مەشرىق ۋىلايىتى = قامۇغ تۈركىستان ئەللەرى = خاقانىيە ›› دىگەن يەكۈننى چىقىرىمىز . ئۇنداق بولمايدىكەن ، خاقانىيە خاقانى قانداقچە مەشرىق مەلىگى بولۇپ قالىدۇ ؟
‹‹ قۇتادغۇ بىلىك ›› نىڭ مەيلى نەزمى يەشمىسى بولسۇن ، نەسرى يەشمىسى بولسۇن نوپۇزلۇق ئالىملىرىمىز تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولسىمۇ ، نىمە سەۋەپتىندۇر شۇنداق ئاددى مەسىلىلەردىمۇ سەۋەنلىككە يول قويۇلغان . بىز كۆرسەتكەن ئەشۇ مىساللاردىمۇ خاتالىق بولغىنى ئۈچۈن توغرا تەرجىمە خەنزۇچىسىنى قوشۇمچە قىلدۇق . بۇلار بىزنىڭ تارىخى دەۋردىكى چىن ، ماچىن چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرىشىمىزدا ئەھمىيىتى ناھايىتى زور . نەزمى مۇقەددىمىسىنىڭ ‹‹ بۇ مەشرىق مەلىگى ماچىنلار بەگى ›› دەپ مەشرىق بىلەن ماچىننىڭ تەڭداش ئاتالغۇلىغى ئىپادىلەنگەن . مانا بۇ بېيىتتا ھۆكۈمدار مەشرىق مەلىگىگە مەدھىيە ئوقۇلغان بولۇپ  ‹‹ مەشرىق مەلىگى ›› بىرلىكنى كۆرسىتىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا كۆپلىگەن ماچىنلار بارلىغىنى بىلىش مۈمكىن . ‹‹ بەگ›› بىلەن ‹‹ مەلىك›› ئوخشاشلا ھۆكۈمدارغا قارىتىلغان بولۇپ ، ئۇيغۇرچە يەشمىدە بۇلار كۆپلۈككە ئۆزگەرتىلىپ مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۋەتكەن . ‹‹ ئاژوندا يەگى ›› ( دۇنيادا بىرلا ) ئىبارىسىمۇ بۇ بىرلىكنى قوللاپ تۇرۇپتۇ . دىمەك خاقانىيەلىكلەر يەنە ‹‹ ماچىنلار ›› دەپمۇ ئاتالغان . يۇقىرقىلاردىن بىز تەڭداش ئاتالغۇلارنى پاراللىل قوللىنىش مۇقەددىمە ئاپتورىنىڭ بەدىئى ئۇسلۇبى ياكى تارىخى ئېنىقلىما بېرىش مۇددىئاسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئامىل بولىشى مۇمكىن دىگەن قاراشقا كېلىمىز .
18- بېيىتقا نەزەر سالىدىغان بولساق ، ‹‹ ماچىنلار ھەكىمى بۇ چىن يۇمغۇسى›› دىن ناھايىتى ئېنىق ھالدا ‹‹ ماچىن ›› بىلەن ‹‹  چىن›› نىڭ تەڭداش ئاتالغۇ ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز .
پۇلشۇناس جىياڭ چىشىياڭنىڭ ‹‹ شىنجاڭ خاقانىيە سۇلالىسىنىڭ پۇللىرى ›› ناملىق كىتابىدا يېزىشىچە، قەشقەر ۋە يەكەندە قۇيۇلغان خاقانىيە پۇلىنىڭ ئوڭ يۈزىدە ‹‹ مەلىك ئەل مەشرىق – مەشرىق ئېلىنىڭ پادىشاھى ›› دىگەن خەتلەر بار  ئىكەن.
تارىخشۇناس ۋېي لىياڭ تاۋنىڭ ‹‹ قاراخانلار تارىخىدىن تىزىس›› ناملىق كىتابىدا يېزىشىغا قارىغاندا مىلادىيە 1041- يىلدىن 1080- يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئىبراھىم بىن ناسىر ، ناسىر بىن ئىبراھىم قاتارلىق خاقانلار ‹‹ تاۋغاچ بۇغراخان ، شەرق ۋە چىننىڭ خاقانى ، مەشرىق ۋە چىننىڭ سۇلتانى ›› دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان .
بۇ يەردە بىزگە يەنە ‹‹ تاۋغاچ بۇغراخان ›› ئىبارىسىگە جاۋاپ تېپىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ يەردىكى‹‹ تاۋغاچ بۇغراخان ›› يۇقىردا بىز كۆرگەن ئىسپاتلار بويىچە ‹‹ تاۋغاچ = جوڭگۇ ›› بولۇپ ‹‹ تاۋغاچ بۇغراخان = جوڭگۇ بۇغراخانى ›› بولامدۇ؟ بۇ جەھەتتە مەن پۇلشۇناس جىياڭ چىشىياڭنىڭ ‹‹ بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزچە يەنە ‹تاۋغاچخان › دىگەن بۇ نام ناھايىتى يۈكسەك شان شەرەپلىك نام بولۇپ ، ئۇنى قوللانغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ خاقان جەمەتىدىن ئىبارەت ئىسىلزادىلىق سالاھىتىنى ۋە تارىختا ئۆز مىللىتى قۇرغان قەدىمى خانلىق ئەنئەنىسىنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىگىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ ›› دىگەن قارىشىغا مايىللىق بىلدۈرىمىز .
دوكتۇر رىشات گەنج ‹‹ قارا خانلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى ›› كىتابىدا خاقانىيە دەۋرىگە مەنسۇپ ياركەنتتىن تېپىلغان يازمىدا ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك›› تەقدىم قىلىنغان خاقاننىڭ ئۇنۋانى ‹‹ مۇسلىمنى مەلىكۇلمەشرىق ۋە سىن بۇغرا قاراخان ›› ئىكەنلىگىنى يازىدۇ . بۇ ئەرەپچە يادىكارلىق مىلادىيە 1082-يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنى پۈتۈلگەن قانۇن ۋەسىقىسى بولۇپ ، خاقاننىڭ تولۇق ئىسمى ‹‹ مۇسلىمىن مەلىكۇل مەشرىق ۋە چىن تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ئەل ھەسەن ›› دىيىلگەن .
‹‹ تاۋغاچخان ›› ئىبارىسى ھەققىدىكى مۇنازىرلەرگە ئەينى زاماننىڭ ئەللامىسى ، تۈرك دالالىرىنى ئون نەچچە يىل تەكشۈرگەن  بۈيۈك تىلشۇناس، پەلەك تەتۈر كەلمىگەن بولسا بولغۇسى تاۋغاچخان ، خاقانىيە شاھزادىسى مەھمۇت قەشقەرى جاۋاپ بېرىشكە ئەڭ ھەقلىق ، ئۇنىڭ جاۋابى مەڭگۈلۈك كېسىم . ئالىمنىڭ ئۆلمەس قامۇسىدا ‹‹ تاۋغاچخان ››ئۇنۋانىغا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ‹‹ مەملىكىتى قەدىمى ۋە چوڭ خان ›› دەپ بەرگەن تەبىرى بەرھەق . چۈنكى خاقانىيە خاقانلىرى ئۆزلىرىنى ‹‹شاھنامە››دە يېزىلغان تۇران (تۈرك ) شاھى ئەفراسىياپ (تۇڭا ئالىپ ئەر )نىڭ ئەۋلادى دەپ قارايتتى . شۇڭا ئۆزلىرىنى خاقانلىققا لايىق ، ھاكىمىيىتى قەدىمدىن داۋام قىلغان خانلىق دەپ قارايتتى .
‹‹شىنجاڭ خاقانىيە سۇلالىسىنىڭ پۇللىرى ›› ، ‹‹ قاراخانلار تارىخىدىن تىزىس ››ناملىق كىتاپلارنىڭ ئاپتورلىرى خاقانلار ئۇنۋانىدىكى ‹‹ چىن ۋە تاۋغاچ›› ناملىرى بىرلىكتە كەلسە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلماستىن ، ئەنئەنىدىن چەتنەپ ، ئىككى جوڭگۇ پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ‹‹ چىن – سىن ›› نامىنى ‹‹ جوڭگۇ ›› دەپ ‹‹ تاۋغاچخان ›› نامىنى بولسا تەلەپپۇز تەرجىمىسى قىلغان . دوكتۇر رىشاد گەنج ‹‹ مەلىكۇل مەشرىق ۋە سىن ››نى ‹‹ تاۋغاچخان ›› ئۇنۋانىنىڭ ئەرەپچە تەرجىمىسى دەپ قارايدۇ . خاقانىيە دەۋرىنىڭ پۇللىرىدا ‹‹ ئەبۇ شۇجا ئارسلان قاراخان ئەلمەشرىق ئەل دەۋلە ›› ، ‹‹ ئەبۇ شۇجا ئارسلان قاراخان مەلىك ئەل مەشرىق ›› دىگەندەك شەرەپ ناملىرى كۆرۈلۈدۇ.
دېمەك خاقانىيە دەۋرىدىن باشلاپ چىن ۋە ماچىن بىر ئېتنىك ھەم مەدەنىيەت سېستىمىسىدىكى تۈركى خەلقلەرنى كۆرسەتكەن . مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ‹‹ قەدىمدىن بېرى قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا ....›› ئىبارىسى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ .
‹‹ قامۇغ تۈركىستان ئەللەرى ›› قانداقچە ‹‹ مەشرىق ۋىلايىتى ››، خاقانلىرى قانداقچە ‹‹ مەلىكۇل مەشرىق ››بولۇپ قالىدۇ ؟
16 – ئەسىردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆراگان ‹‹ تارىخى رەشىدى ›› دە : ‹‹ تۇغلۇق تېمۈرخان دۆلەتمەن پادىشاھ بولۇپ ، مەشرىق دىيارىدا كۇپۇرلۇق كېچىسىنى ئىسلام قۇياشى بىلەن نۇرلاندۇردى ›› ①1  دەپ يازغان.
17- ئەسىردە ياشىغان بەلىخلىق  ئالىم مۇھەممەد ئىبنى ۋەلى يەتتە توملۇق ئىنىسكىلوپىك ئەسىرى ‹‹ بەھرۇل ئەسرار ›› دىكى بايانلار بىزگە خاقانىيە خاقانلىرىنىڭ ‹‹ مەلىكۇل مەشرىق ›› دەپ ئاتالغانلىغىغا  چۈشەنچە  بېرىدۇ :
‹‹كاشغەر- ئالەمنىڭ مەشرىقىدىكى كاتتا ئەللەرنىڭ بىرسى . مۇستائۇفى قەشقەرنى *** شەھەرلىرىدىن ھېساپلايدۇ ، باشقىلار ئۇيغۇرىستان دىيىشىدۇ ، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئىقلىم ئارىسىغا جايلاشقان . قەشقەر مەشھۇر مەملىكەتلەرنىڭ بىرسى ، ئىسلام ئەللىرىنىڭ چېگرىسى . ئۇ ، مۇغۇلىستان دالاسى ، *** ، تىبەت ، تىبەت ، بەدەخشان  ۋە پەرغانە بىلەن چېگرىلىنىدۇ . ياركەند ، ئاقسۇ ، خوتەن ، چالىش ، تۇرپان ، باي ، كۈسەنلەر ئۇنىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدۇر . ( بۇ ئەلنىڭ ) مەركىزى شەھىرىمۇ قەشقەر دەپ ئاتىلىدۇ ... ①1
ئۇيغۇر ئالەمنىڭ مەشرىقىدىكى ئەللەرنىڭ بىرى ، ماۋرە ئۇننەھرىنىڭ شەرقىدە،  تۇران زىمىنىنىڭ ھۇدۇدىغا جايلاشقان . كۆپلىگەن يۇرتلارنى ۋە شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئالمالىق ، بېشبالىق ، خاللۇخ ، چىگىل ، فارا كاشان ، قۇم ۋە تاتار بۇ ئەلنىڭ شەھەرلىرىدۇر....››②.  بىز ‹‹ بەھرۇل ئەسرار››دىن ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ جۇغراپىيەلىك قارىشىنى ، يەنى ئەينى چاغدىكى تۈركى خەلقلەر ياشىغان زىمىنلارنى مەشرىق دەپ قارىغانلىغىنى چۈشەنسەك، ئۇ چاغدا ‹‹ مەلىكۇل مەشرىق ›› ۋە ‹‹مەشرىق ۋىلايىتى ›› دىگەن ناملار توغرىسىدا توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلىمىز .
مەنبەلەردە كۆرۈلگەن ‹‹ تۇران ›› ئاتالغۇسى ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزگەن پروفېسسۇر غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر ئەپەندى ‹‹ تۇران ئاتالغۇسى جۇغراپىيەلىك مەنا جەھەتتە تۈركى تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر ياشىغان يەرلەرنىڭ ئىپادە قىلىنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ  ›› ③1   دەپ پاكىتلار ئاساسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ . بىز مانا بۇلاردىن چىن ، ماچىن نامى بىلەن تۇران نامىنىڭ دائىم مۇناسىۋەتلىشىپ قالىدىغانلىغىنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيمىز.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ بايانلىرى 11- ئەسىرگە، ‹‹ قۇتادغۇ بىلىك›› نىڭ مۇقەددىمىسى 12- ، 13- ئەسىرلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . 14- ئەسىرگە كەلگەندە ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملىشىپ ئېدىلوگىيە جەھەتتە بىرلىككە كەلدى . مىلادىيە 15- ئەسىردىن باشلاپ تۈرك ( ئۇيغۇر) مەدەنىيىتى ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قەدىرلەشكە قاراپ يۈزلىنىپ، ئىلگىرىكى ئەرەپ ، پارىس تىلىنى ئاساس قىلىشتىن تۈرك ئۇيغۇر تىلى – چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى . ئەنە شۇ تۈركىگۇيلارنىڭ بايراقدارى نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى ئىدى . چىن ۋە ماچىن ناملىرى بۇ دەۋردىن باشلاپ ئەدەبى ئەسەرلەردە جۈملىدىن تولىراق يىرىك ئەدەبى ژانىر – داستانلاردا قوللىنىلدى . مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفىنىڭ ‹‹ گۈل ۋە نەۋرۇز ›› داستانىدىن باشقا ئەسەرلەردە ‹‹ خاقانى چىن ›› مۇسۇلمان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ . ئەمەلىيەتتە شۇ دەۋرلەردە چىن – ماچىن تارىم ۋادىسىغا تىمسال قىلىنىپ قوللىنىلغان . چىن ۋە ماچىندا ياخشىلىقمۇ ، يامانلىقمۇ، گۈزەللىكمۇ ، رەزىللىكمۇ، ئادالەتمۇ ، زالىملىقمۇ،  ھەققەنىيەتمۇ بار ئىدى. قىسقىسى ئەدىپلەر ئانا تۇپراققا بولغان مېھرى – مۇھەببىتىنى، رەزىللىككە بولغان غەزەپ نەپرىتىنى مۇشۇ نام ئاستىدا بايان قىلىدۇ . شۇڭا بۇ نام بەزىدە گۈزەللىك ۋە ئادالەتنىڭ سىموۋۇلى قىلىنسا، بەزىدە كونكىرىت قىلىپ خوتەن قاتارلىق جايلارنى كۆرسىتىدۇ . بۇ داستانلاردا سۆزلەنگەن ۋاقىئەلەر ، شەخىسلەر ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان رىۋايەتلەر ۋە تۈرلۈك باشقا ۋاقىئەلەردىن پىششىقلاپ ئېلىنغان . بۇ خىل ئەدەبى ئۇسلۇپ شۇ زامانلاردا  ئەدەبى ئېقىم سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان بولسا كېرەك ، بۇ مەسىلىلەر چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشنى كۈتىدۇ ، كېيىنكى چاغلاردا يېزىلغان ‹‹يۈسۈپ قادىرخان تەزكىرىسى ›› ، ‹‹سۇتۇق بۇغراخان تەزكىرىسى ››، ‹‹ سەپەرنامە ››، ‹‹تۆت ئىمام زەبىھۇللا تەزكىرىسى››، ‹‹ پەرھاد – شىرىن ۋە مىڭ ئۆي››...... قاتارلىق بىر قىسىم تەزكىرە ۋە داستانلاردا ناھايىتى ئېنىق ھالدا چىن ياكى ماچىن ۋە ياكى چىن – ماچىن دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ خوتەن ئىكەنلىگى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن .
خۇلاسە
1. مەھمۇت قەشقەرى ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى››دا تىلغا ئالغانلىرى ناھايىتى ئېنىقكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركى خەلقلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىشتىن بۇرۇن ئامۇر دەرياسىنىڭ شەرقىنى تاۋغاچ ، *** ۋە بارخان دەپ ئۈچ رايۇنغا بۆلگەن . ئىسلامىيەت دۇنياسىمۇ توپان بالاسى ۋە نوھ ئەۋلاتلىرىنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى رىۋايەتكە ئاساسلىنىپ مەشرىقنى يۇقىرى چىن ، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن دەپ ئاتىغان . مەھمۇت قەشقەرى تۈركى تىلنى ئەرەپ تىلىدا ئىزاھلاپ ، ئەرەپلەرنىڭ تۈركى تىلنى ئۈگۈنىشىنى مۇھىم مۇددىئا قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈركى خەلقلەرنىڭ چۈشەنچىلىرى بىلەن ئەرەپ – پارس خەلقلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرىنى بەرگەنلىگى ئۈچۈن بەزى كىشىلەر بۇ ئۇقۇملارنى ئارىلاشتۇرىۋالغان .
2. ‹‹ بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك چېپىپ كېتىۋاتقان›› ئەرەپ ۋە تۈركى تىلىدا تەڭداش ئاتالغۇلار بولغان . ئىسلام دىنىدىكى ئەرەپ – پارس خەلقى بىلەن تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىسىنى روبىرو توغرىلىساق: يۇقىرى چىن = تاۋغاچ ، ئوتتۇرا چىن = *** ، تۆۋەن چىن = بارخان بولىدۇ . ئەمما ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچەيگەن ، نەتىجىدە ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ شەرق ھەققىدىكى غۇۋا چۈشەنچىلىرىدە ئۆزگىرىش بولغان ، ئۇيغۇرلارمۇ ئىسلام قاراشلىرى بويىچە بەزى قاراشلىرىنى ئۆزگەرتكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ – پارس ۋە تۈركى ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ  توپان بالاسى رىۋايىتىدىن كەلگەن چىن ۋە ماچىن ناملىرى كۆرسەتكەن ئۇقۇم دائىرىسىدە ئۆزگىرىش بولغان ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىرلىككە كەلگەن . ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى ئۇقۇمنى روبىرو تەڭلەشتۈرسەك تاۋغاچ = ماچىن ، *** = چىن بولغان . توغرىراقىنى ئېريتقاندا ئۇقۇم دائىرىسىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان ۋە بۇرۇنقى تۈركى ناملار قوللىنىشتىن قالغان .   
3. مەھمۇت قەشقەرى ‹‹ تۈركى تىللار دىۋانى ››دا يازغان چىن ، ماچىن ھەققىدىكى ئۇقۇملار 11 – ئەسىرگە تەئۇللۇق بولغان بولسا ، شۇ دەۋردىكى يەنە بىر ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› داستانىغا باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغان نەسرى ۋە نەزمىي مۇقەددىمىدىكى چىن ۋە ماچىن ئۇقۇمى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› نىڭ ئىككى مۇقەددىمىسىدىكى چىن ۋە ماچىننىڭ كۆرسەتكەن ئۇقۇم  دائىرىسىدە يەنە ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ ، تۈركى خەلقلەر ياشايدىغان جايلارنى كۆرسىتىدىغان بولغان . بۇنى فورمىلالاشتۇرساق چىن – ماچىن = تۇران = تۈركىستان ئەللەرى بولغان .
4. خاقانىيە سۇلالىسى 13 – ئەسىردە يېمىرىلگەندىن كېيىن چىن ماچىن نامى ئۇيغۇر كېلاسسىك ئەسەرلىرىدە داۋاملىق كۆرۈلدى ۋە ئۇيغۇرلار ياشىغان رايۇننى كۆرسىتىپ كەلدى .
5 . تاۋغاچ نامى ئەڭ دەستلەپ تۈركى قەبىلە توۋا ( توغبات)لارنىڭ نامىدىن كەلگەن . توغباتلار ۋېي سۇلالىسىنى قۇردى ھەمدە شىمالىي جوڭگۇ رايۇنىنى مەركەز قىلىپ ئىككى ئەسىردەك ھۆكۈم سۈرگەن بولغاچقا ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى خەلقلەر بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەنزۇ خەلقى ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ۋە چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈردى . توغباتلار شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىراق – يېقىنغا مەشھۇر بولدى . مەھمۇت قەشقەرى ۋە سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ ‹‹ تابغاچلار ›› نى بىرسى ، تۈرك خەلقى دەپ ، يەنە ‹‹ تۈرك تابغاچلارنىڭ يېرى ›› دىيىشى شۇ خىل چۈشەنچىنىڭ نەتىجىسىدۇر .
6. تاۋغاچخان ئاتالغۇسى تۈركى تىلدىكى يۇقارقى ئاتالغۇ بىلەن شەكىلداش ئىبارە بولۇپ مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ‹‹ مەملىكىتى قەدىمى ۋە چوڭ خان›› دىگەن مەنىدە دەپ بەرگەن ئىزاھى توغرىدۇر ، چۈنكى خاقانىيە خاقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ توڭا ئالىپ ئەر يەنى ئافراسىياپ ئەۋلادى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي ۋارىسلىرى دەپ قارىغان .
7. خاقانىيە دەۋرىدىكى چىن ۋە ماچىن ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلارغا ئەرەپ – پارس خەلقلىرىدىن كىرگەن ، ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى چىن ۋە ماچىن ئاتالغۇلىرىنىڭ كېلىش مەنبەئىنى سۈرۈشتۈرىدىغان بولساق مىلادىيىدىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن توپان بالاسى بىلەن ، توپان بالاسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان نوھ  ۋە ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيااغا تارىلىشى ھەققىدىكى رىۋايەتكە باغلىنىدۇ . بۇ رىۋايەت ناھايىتى يىراق قەدىمكى زاماندا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان رىۋايەت ئىدى . تارىختىن ئىلگىرىلا دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان رىۋايەتلەرنى بىلەتتى .... تارىخى ئۇزۇن مىللەت ۋە ئىرقلاردا مۇشۇ رىۋايەتكە ئائىت قاراشلار 6000 خىلدىن ئاشىدۇ . بۇ ھىكايىلەر دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقىقىدا ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ . بۇ رىۋايەتلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ئوخشىمايدۇ . ... ھازىرقى ئارخىئولوگىيە بىلىملىرىگە ئاساسلانغاندا ، خىرىستىيان ، يەھۇدى ، ئىسلام دىنلىرىنىڭ توپان بالاسى ھەققىدىكى رىۋايەتلىرىنىڭ مەنبەسىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش كېرەك . سومېرلار ، بابىلۇنلار ، ئاسۇرىيىلىكلەر ، مىسىرلىقلار ، خېتتىتلار قاتارلىق يىراق قەدىمكى مىللەتلەر بۇ رىۋايەتنى پىششىق بىلىدۇ ، بۇ تارىخ باشلانغان دەۋردىكى ھىكايە . بۇنداق دىيىشىمىزدىكى سەۋەپ ، 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كىشىلەر ساپالغا ناھايىتى قەدىمكى دەۋردىكى مىخ يېزىقتا توپان بالاسى ھەققىدىكى ئەھۋال خاتىرىلەنگىنىنى بايقىدى .... 2500 يىل غايىپ بولغان تارىخ ۋە ئەدەبىيات ئاخىرى تىرىلدى .... كىتاپتىكى نوھ ۋە ئىلاھنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولمىسىمۇ ، لېكىن ھىكايە ئوخشاش ئىدى . ... گەرچە باش قەھرىمانلارنىڭ ئىسىملىرى ھەر خىل رىۋايەتلەردە بەكمۇ ئوخشاش بولمىسىمۇ ، ئۇنىڭدىن توپان بالاسى ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق كىشىلىرى ياقتۇرىدىغان رىۋايەت ئىكەنلىگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . كىشىلەر كەلگۈسىدە ئۇنى تارىخنىڭ بىر قىسمى قىلغۇسى ... ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىدا ياۋروپا ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكىدىنمۇ نۇرغۇن ، مۇستەقىل بولغان توپان بالاسى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە . ئامېرىكىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى ئۆز رىۋايەتلىرىدە نوھ ئەلەيھىسسەلامغا ئوخشاپ كېتىدىغان قەھرىمانلىرىنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىغان ، باش قەھرىمان بولمىغان ئەھۋالدا ، شۇ قەبىلىنىڭ نامىنى باش قەھرىمان قىلغان . ... ›› 1①. كېيىن بۇ رىۋايەت ‹‹ تەۋرات ›› ، ‹‹ ئىنجىل ›› ۋە ‹‹ قۇرئان كەرىم ›› ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ يارىلىشىنى ، دۇنياغا تارقىلىشىنى چۈشەندۈردى. تۈركى ىەلقلەر ئىچىدە نوھ  ئوغلى ياپەس ۋە نەۋرە چەۋرىلىرى چىن ھەم ماچىننىڭ دۇنيانىڭ شەرق ، شىمال تەرەپلىرىدە ماكان تۇتۇپ ، كۆپۈيۈشى ، ئۆزلىرىنى شۇلارنىڭ ئەۋلادى دەپ تونۇشى چىن ، ماچىننىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنىڭ ئۆزگۈرۈشىنىڭ سەۋەبىدۇر . چىن ، ماچىن ناملىرىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنىڭ ئۆزگۈرۈشى مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
8. بۈگۈنكى كۈندە ئەرەپ ، پارس ، تۈركىيە تۈركلىرى جوڭگۇنى چىن دەپ ئاتايدۇ . ئېنگىلىز تىلىدا  CHINA ، ياپون تىلىدا بىر مەزگىل 支那 دىيىلگەن . بۇلاردىن  CHINAچىڭ ( 清朝 ، مىلادىيە 1616 – يىلىدىن 1911 – يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) سۇلالىسىنىڭ نامىدىن ،支那 بولسا CHINA دىن كەلگەن . ئەمما ئەرەپ – پارس تىللىرىدىكى چىن ( سىن ) ئاتالغۇسى زادى نوھ نەۋرىسى چىننىڭ نامىدىن كەلگەنمۇ ياكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ نامىدىن كەلگەنمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى بۈگۈنكى چىن نامى ئۇقۇم  دائىرىسى  جەھەتتىن ئۆزگۈرۈش بولغان . يۇقارقى نام چىننى ئېلىمىزنى تارىخىدىكى چىن سۇلالىسى ( 秦朝 ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221 – يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206 – يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) دىن كەلگەن دەپ قاراش بىر خىل سەھۋەنلىكتۇر.



   

turkex يوللانغان ۋاقتى 2007-4-10 15:56:27

ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﭽﯘ ؟

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-10 16:00:33

ﻛﯩﻴﯩﻦ  ﺋﻮﻗﺎﻱ  ،،ﺋﯧﺴﯩﻞ  ﺗﯩﻤﯩﺪﻩﻙ  ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ  ...

lukqak يوللانغان ۋاقتى 2007-4-10 19:10:27

ﺋﯘﮬ !ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﺗﯩﻤﺎ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ.

ghalip1 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-11 10:49:58

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ(ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ) ﭼﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﭼﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻐﯘ!!؟؟!؟!
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﻜﻪﻥ!

arif يوللانغان ۋاقتى 2007-4-11 18:29:30

ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ، ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﺑﯘﺭﻣﯩﻼﭖ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﭘﺘﯘﻕ.

aqbura يوللانغان ۋاقتى 2007-4-22 22:18:06

ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ  ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ  ﻳﯩﺰﯨﻐﺎ  ﺗﯘﺭﺍﺵ  ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ  ﭼﯩﻦ ﻣﺎﭼﯩﻦ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ  ﺩﯨﮕﻪﻥ  ﺟﺎﻱ  ﺑﺎﺭ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2007-5-10 17:19:50

ﻣﻪﻥ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﺎﭘﺎﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺋﻪﺟﯩﺮ! ﺋﻪﺟﯩﺮ!

akhun يوللانغان ۋاقتى 2007-6-20 14:59:34

ﻟﻮﭖ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ \"ﺋﺎﻗﺴﯧﭙﯩﻞ \" ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﭼﯩﻦ ﻣﺎﭼﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﺪﯗ .
ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺯﺯﯗﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯘ ؟

newstar يوللانغان ۋاقتى 2007-7-1 14:31:24

ﺋﻪﺟﺮ ﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮﺋﻪﺟﺮ

dora يوللانغان ۋاقتى 2007-7-16 23:09:17

ﻗﻮﻟﯩﯖﻨﯩﺰﻏﺎ ﺩﻩﺭﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯘﻥ !!
  ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ!! ﮬﯧﯩﻠﮭﻪﻡ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﺩﯨﻤﯘ ﺟﻮﯕﮕﯘ ﻧﻰ ﭼﯩﻦ ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﻰ ﭼﯩﻨﻠﻰ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﺸﯩﻠﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﻣﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻪﻙ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺳﺎﮬﯩﺒﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﭖ ﺭﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ!! ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ!!!

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2007-7-16 23:30:24

ﻛﺮﻭﺭﻩﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻳﯘﻩﻧﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ؟

oguzturk يوللانغان ۋاقتى 2008-3-11 22:31:40

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﭗ ﻗﯘﻳﺪﯨﯖﺰ ﻣﯧﻨﻰ ......
بەت: [1]
: lt«; ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰlt«;ﺩﯨﻜﻰ ﭼﯩﻦ ، ﻣﺎﭼﯩﻦ ﯞﻩ3