[ﻛﻮﻧﺎ ﺗﯧﻤﺎ] ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻳﻠﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﺗﯘﺗ
مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىللەردە قىزلار ھەمىشە :_ بىز ئايرىلىپ كېتەيلى_ دەيدۇ .ئوغۇللار بولسا ئۆزىنىڭ تەبىئىتى بويىچە قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ، " چوقۇم باشقا بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپ قېلىپ مەندىن ئايرىلماقچى بولۇۋاتىدۇ " دەپ گۇمان قىلىدۇ ، ھەتتا ۋارقىراپ - جارقىراپ قىزنىڭ ۋىجدانسىزلىقىنى ، تاشيۈرەكلىكىنى ئەيىبلەيدۇ ، ئەمما قىز راستتىنلا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ماڭغان ئاشۇ دەقىقتە ئازاب ۋە غەزەب ئىچىدە ئارقىسىدىن قاراپ تۇرماقتىن سىرت ، " كەتمەڭ " دېگەن بىر ئېغىز سۆزنىمۇ قىلالمايدۇ .
قىز يولبويى ئوغۇلنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ قولىدىن تارتىپ ئۆزىنى ئېلىپ قېلىشىنى ، قەدىرلىكىم ،سىزنى سۆيىمەن ، ئايرىلمايلى ، دېيىشىنى كۈتىدۇ ، ئەمما كۆز ياشلىرى ئېقىپ تۈگىگەندىمۇ ھېچقانداق سادا بولمايدۇ ، مۇھەببەت مانا مۇشۇنداق ئاخىرلىشىدۇ ....
ئوغۇللار قىزلارنى قانچىلىك چۈشىنىدۇ ؟ ئەمىلىيەتتە قىزلارنىڭ " ئايرىلايلى" دېگەن سۆزى ئوغۇللارنىڭ " ياق ، كەتمەڭ " دېگەن سۆزىگە بولغان ئىنتىزارلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!
ھەرقېتىم " ئايرىلايلى " دېگەندە قىزلار قورقۇنچ ئىچىدە تۇرغان بولىدۇ ، سىلەرنىڭ راستلا ئايرىلىپ كېتىشىڭلاردىن قورقىدۇ ، ھەر قېتىم " ئايرىلايلى" دېگەندە قىز ئىنتىزارلىق ئىچىدە تۇرغان بولىدۇ ، سىلەرنىڭ " كەتمەڭ " دېيىشىڭلارغا ، ئۇنىڭغا نەقەدەر قىيمايدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈشۈڭلارغا ئىنتىزار بولغان بولىدۇ . ھەرقېتىم " ئايرىلايلى " دېگەندە قىز ئامالسىزلىق ئىچىدە قالغان بولىدۇ . چۈنكى ئۇ سىزدىكى ھەربىر كىچىك ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن مۇھەببىتىڭىزنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىكەنلىگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ ، شۇڭا ئامالسىزلىقتىن " ئايرىلىش " ئارقىلىق مۇھەببەتنى دوغا تىكمەكچى بولىدۇ .ئەگەر ئۇتتۇرۇپ قويسا سىز ئۇنى يېتەرلىك سۆيمىگەن بولسىز! ھەرقېتىم راستلا ئايرىلىپ كەتكەندە قىزلارنىڭ يۈرىكى لەختە - لەختە بولۇپ كېتىدۇ ! ئوغۇللار نېمىشقا قىزلارنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەيدىغاندۇ ؟
قىزنىڭ " ئايرىلايلى " دېيىشى سىزنى ھەقىقىي سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ! سىزنى بەكلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالغانلىقى ئۈچۈن ! شۇڭا سىزدىكى ھەربىر كىچىك ئۆزگىرىش ئۇنى ساراسىمىگە سالىدۇ ، ئەندىشىگە چۆككۈزىدۇ . ئۇ پەقەت سىزنىڭ ئۇنى يەنە داۋاملىق سۆيىدىغان سۆيمەيدىغانلىقىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋالماقچى خالاس !
قىزلار مۇھەببەتتىكى تېڭىرقاش ئوغۇللارنىڭ ئەڭ ئازابلىق جاۋابىنى ئاڭلاشقا يېتەرلىك كۈچ قۇۋۋەت بېرەلەيدۇ دەپ ئويلايدۇ . قىزلار مۇھەببەت بىر ۋېكلىيۇچاتىلغا ئوخشاش تاق قىلىپ ئۇلىنىپ ، تاق قىلىپ ئۈزىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ . قىزلار توك مەنبەسىنى دەرھال ئۈزۈۋەتسە خېيىم - خەتەر كېلىپ چىقمايدۇ دەپ ئويلايدۇ . قىزلار ئايرىلىش بىلەنلا بارلىق تېڭىرقاشلارنى ، ئازابلارنى ، ئەندىشىلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ ،قىزلار ھەرقانداق يارا ئېغىزى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئالدىرماي پۈتىدۇ دەپ ئويلايدۇ . قىزلار " ئايرىلايلى" دېگەندە سىلەرنى چوقۇم ئۆزىنى تۇتۇپ قالىدۇ دەپ ئويلايدۇ !
بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى قىزلارنى ئۆزىنىڭلا خىياللىرى . قانچىلىگەن ئوغۇللار مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئازاب ئىچىدە ئۆزى سۆيگەن قىزنىڭ كېتىشىگە قاراپ تۇرغان - يۇ ، توسۇپ قالمىغان ؟ نىمىشقا ئوغۇللار قىزلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنەلمەيدۇ ؟
قىز
ئۆزى يالغۇز قاراڭغۇ ئۆيدە
ئىسقىرتماقتا ئازاپلىق كۈينى.
كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن كەلكۈن،
يۇيۇپ بارار يۈرەكلىرىنى.
"مەن سېنى سۆيگەندەك سۆيۈپ باقمىغان،
سەن مېنى.....
سېنى ئەسلەپ قالارمەن يىگىت،
كېلەچەكنىڭ مەلۇم بىر كۈنى.
كېلەچەكنىڭ كېلەچىكىدە،
بەلكىم ئۇ كۈنى....
يىراقلاردا ئالجىغان قېرى
ئۇنىڭدىمۇ يىراقتا ئۆلۈم.
بۈگۈنكىسى ئاچچىق ئايرىلىش،
قورققاندىمەن يۇقۇتۇپ سېنى.
سەن بىلمەيسەن، بىلمەيسەن مەڭگۈ..
تەقدىرىمگە پۈتۈلگەن مەڭگۈ"....
شېئصر تەرجصمصسصنص قصلغۇچص بصكارچص
ﺑﯚﺭﻩ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﯞﯦﺮﯨﺶ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ،ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﯩﻠﯩﻚ~~~~ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻳﻠﻰ ﺩﻩﻳﺪﯗ؟؟؟ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﯘ؟؟؟ ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﻕ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻢ.......
ﻣﯘﮬﺎﺑﺒﻪﺕ ﺋﯧﺸﯩﻨﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻣﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ،
ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﭖ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﻳﻠﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻼﺭﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﯘﻛﻪﺗﺘﻰ،ﻣﻪﻥ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، (ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻱ).
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺧﻪﭖ ﺩﻩﭖ ﻳﯘﺭﺳﻪﻡ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯘﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ،
ﺑﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻗﯘﻳﯘ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﭖ،ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺕ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ.... ﺑﯘ ﺗﯖﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ bbsﺩﺍ ﻛﻮﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻳﻮﻗﻤﺎ
ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﯩﺰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻗﺎﭼﻤﺎﻣﺪﯗ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﺳﯩﻨﯩﺴﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﻪﻛﯩﺴﭽﻪ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺧﯘﺩﺩﻯ << ﺷﯘ - ﺑﯩﮕﯩﻢ >> ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺩﺍ ﮬﺎﯓ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯞﺍﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﭖ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﮬﻪﻱ ﻗﺎﺭﺍ ؟! ﺑﯘﻣﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮬﯩﻠﯩﺴﻰ ﺩﻩﯓ ،،،،ﻣﯩﯔ ﺟﻨﻨﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻕ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ....ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻗﯩﺰﯞﺍﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﭼﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ،،،،،ﺭﺍﺳﯩﺖ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ،،، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺭﺍﺳﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،،،،،،،،،،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮ ، ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،،،،،،،،،ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﻨﻰ ﻳﻮﻕ ........ ﻗﯩﺰﻻﺭ \"ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻳﻠﻰ\"ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﻮﻏﯘﻟﺒﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯩﺰ ﻳﯘﺯﺩﻩ %90ﺋﯘﻏﯘﻝ ﺑﺎﻻ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻳﻠﻰ ﺩﯨﻤﻪﻳﺪﯗ.ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﻳﻠﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯨﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ. ﺑﯩﮕﯩﻢ ﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻳﻠﻰ ﺩﯨﺪﻯ ،ﺋﻮﻏﯘﻝ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ، ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﯩﺶ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ ، ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ، ﻳﯩﮕﯩﺖ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﻗﯩﻼﺭ ،
ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪ ﺗﻮﻻ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﯧﭽﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻛﺎﻟﺘﺎ!!!!!!!! ﺑﻪﻙ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻚ ﮬﻪ!!! ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺳﯩﻨﺪﯨﻢ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﺶ-ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻤﺎ~~~ ﻧﯩﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﺑﯘ~!!؟؟ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.
ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﻤﯩﺴﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺑﯩﻜﺎﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﻜﺎﺭ ﺩﻩﯞﻩﺭﺳﻪ ﺋﯚﺯ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯨﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﯖﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺴﺎ ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﯨﻴﻪﻟﻪﻣﺴﯩﺰ..